Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

يولۇچى نامىزى ۋە قەسەر قىلىش ئەھكاملىرى

This content is not yet available in your language.

  1. شەرىئەتتە يولۇچىلىق بەلگىلىك بىر مۇساپىگە بېرىشنى كۆرسىتىدۇ كىلومېتىرلىق بىر مۇساپىنى نىيەت85 كۈندىن ئاز تۇرۇش نىيىتى بىلەن قىلىپ يولغا چىققان كىشى يۇرتىنىڭ ئاخىرقى مەنزىللىرىدىن ئايرىلغاندىن كىلومېتىرلىق بۇ مۇساپىنى مەيلى ئايروپىالن85 .باشلاپ يولۇچى ھېسابلىنىدۇ بىلەن، مەيلى پويىز بىلەن، مەيلى باشقا قاتناش قوراللىرى بىلەن، مەيلى پىيادە باسسۇن، ھەرھالەتتە بۇ سەپەر يولۇچىلىق ھېسابلىنىدۇ.

فىقھىشۇناس لار بۇ مۇساپىنى پىيادە نورملا يۈرۈشتە ئەڭ ئاز ئۈچ كۈنلۈك كۈندۈز _ سائەتلىك مۇساپە دەپ بېكىتكەن. سەپەردە كېچە18 ،يول بولۇپ داۋاملىق يول مېڭىلمايدۇ. دەم ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىر (كۈنلۈك نورملا يۈرۈشنى ئالتە سائەت (پىيادە ياكى تۆگىنىڭ نورملا يۈرۈشى دەپ بېكىتكەن. سەپەردە يولۇچى لار بەزى قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرايدۇ. شۇڭا دىنىمىز يولۇچى لار ھەققىدە بەزى ئوڭايلىقلارنى كۆرسەتكەن. يولۇچى بارىدىغان كۈن ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك تۇرۇشنى نىيەت قىلىپ يولغا15 يېرىدە چىققان بولسا، ئۇ، پەقەت يول ئۈستىدىلا يولۇچى ھېسابلىنىدۇ. بارغان يېرىدە مۇقىم (يولۇچىنىڭ ئەكسى) ھېسابلىنىدۇ. يولۇچى بارىدىغان يېرىدە كۈندىن ئاز تۇرۇشنى نىيەت قىلىپ بارغان بولسا، ئۇ يول ئۈستىدە ۋە15 كۈن ياكى ئۇنىڭدىن15 بارغان يېرىدىمۇ مۇساپىر ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئۇ كۆپ تۇرۇشنى نىيەت قىلماستىن، بەلكى ئىشىم تۈگىگەندىن كېيىن كۈن ياكى15 قايتىمەن دېگەن نىيەت بىلەن بېرىپ، بارغان يېرىدىمۇ كۈندىن ئارتۇق، ھەتتا15 ،ئۇنىڭدىن كۆپ تۇرۇشنى نىيەت قىلماستىن ئاي لار، يىللارچە تۇرۇپ قالسىمۇ ئۇ، يەنىلا يولۇچىدۇر. بۇنىڭغا بىنائەت شەرىئەتنىڭ يولۇچىلارغا كۆرسەتكەن ئوڭايلىقلىرىدىن پايدىلىنالايدۇ.

يولۇچىلارغا ئاىئت ھۆكۈملەر

بۆلۈم: “يولۇچىلارغا ئاىئت ھۆكۈملەر”

شەرىئەتنىڭ يولۇچىلارغا كۆرسەتكەن ئوڭايلىقلىرى تۆۋەندىكىچە:

  1. يولۇچى لار تۆت رەكئەتلىك پەرز نامازلارنى قەسر قىلىپ (ئىككى) رەكئەتكە قىسقارتىپ) ئوقۇيدۇ. ئەمما ئىككى رەكئەتلىك، ئۈچ رەكئەتلىك پەرزلەر قىسقارتىلمايدۇ، بەلكى تولۇق ئوقۇلىدۇ.

  2. يولۇچىلار بەش ۋاخ نامازنىڭ سۈننەتلىرىدىن پىشىن، شام ۋە خۇپتەن نامازلىرىنىڭ سۈننەتلىرىنى ئوقۇمايدۇ. ئەمما ۋىتىر نامىزى، بامداتنىڭ سۈننىتى، تەھەججۇد نامىزى، چاشگاھ نامىزى، تەھىيەتۇل مەسجىد نامىزى قاتارلىقلارنى ئوقۇيدۇ.

  3. يولۇچى لار ئىككى نامازنى جەمئى قىلىپ بىر ۋاقىتتا ئوقۇسا بولىدۇ .)(«نامازلارنى جەمئى قىلىش» دېگەن ماۋزۇدا تەپسىلى سۆزلەندى

  4. يولۇچى لار تاھارەت بىلەن كىيىلگەن (مەسھى قىلىشقا سالاھىيەتلىك) كۈندۈز مەسھى قىلسا _ ئاياغلارنىڭ ۋە پايپاقلارنىڭ ئۈستىگە ئۈچ كېچە .)بۇلىدۇ. («ئاياغلارغا مەسھى قىلىش» دېگەن ماۋزۇدا تەپسىلىي سۆزلەندى

  5. يولۇچى لار رامىزاندا خالىسا روزا تۇتىدۇ، خالىسا تۇتمايدۇ. يولۇچىلىقى تاماملانغاندىن كېيىن قازاسىنى تۇتىدۇ. ئەمما رامىزاندا قىينىلىپ قلىمىسا تۇتقىنى ئەۋزەلدۇر.

  6. يولۇچىلىق مۇددىتى — كىشى ئۆز مەھەللىسىنىڭ ئاخىرقى مەنزىلىدىن ئايرىلغاندىن باش لاپ تاكى ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەلگەنگە قەدەردۇر. ئۆز يۇرتىغا ياكى تۇغۇلغان يۇرتى بولمىسىمۇ، ئولتۇراقلىشىپ قالغان يەردىكى ئائىلىسىگە قايتىپ كېلىشى بىلەن، ئۇنىڭ يولۇچىلىق مۇددىتى تۈگىگەن بولىدۇ ۋە نامازلارنى قەسر قىلماستىن تولۇق ئوقۇشقا باش لايدۇ.

  7. سەپەردە نامازنى قازا قىلغان كىشى يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن، ئۇنى سەپەردىكى بويىچە قەسر قىلىپ (تۆت رەكئەتلىك پەرز نامازلارنى ئىككى رەكئەت قىلىپ) ئوقۇيدۇ. مۇقىملىق ھالىتىدە قازا قىلغان نامازلارنى سەپەردە ئادا قىلماقچى بولسا، تۆت رەكئەتنى تۆت رەكئەت قىلىپ تولۇق ئوقۇيدۇ.

شۇنىڭدەك، ئولتۇراقلىشىپ قالغان يۇرتتىن تۇغۇلغان يۇرتىدىكى ئائىلىسىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن بارغان كىشىمۇ نامازلارنى قەسر قىلماستىن تولۇق ئوقۇيدۇ. چۈنكى، مۇنداق كىشى ئۈچۈن ئولتۇراقلىشىپ قالغان يۇرتى (بىلەن تۇغۇلغان يۇرتى (ئەگەر ئۇنىڭدا ئايالى ياكى بالىلىرى قالغان بولسا ئۆز يۇرتى سانىلىدۇ. ئەگەر بىراۋ تۇغۇلغان يۇرتىدىن ئائىلىسىنى ئېلىپ پۈتۈنلەي كۆچۈپ باشقا يۇرتقا كەتكەن بولۇپ، كېيىن ئۆز يۇرتىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن بارسا، بارغان يېرىدە يولۇچى ھېسابلىنىدۇ ۋە نامازلارنى قەسر قىلىپ ئوقۇيدۇ.

  1. يولۇچى مۇقىم (يولۇچى بولمىغان) ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇسا تۆت رەكئەتنى تولۇق ئوقۇيدۇ. ئارتۇق ئوقۇغان كېيىنكى ئىككى رەكئەت ناماز نەپلە نامىزى بولۇپ قوبۇل قىلىنىدۇ.

يولۇچى مۇقىمغا پەقەت شۇ نامازنىڭ ۋاقتىدى لا ئىقتىدا قىلالايدۇ. ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىپ قازاسىنى ئوقۇماقچى بولغان نامازدا مۇقىمغا ئىقتىدا قىلمايدۇ.

چۈنكى بۇ ۋاقىتتا، يولۇچىنىڭ قەسر قىلىپ ئىككى رەكئەت لا ئوقۇشى زىممىسىگە تەيىنلىنىپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئوقۇمايدۇ.

  1. يولۇچى مۇقىملارغا ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇماقچى بولسا، نامازغا تۇرۇشتىن ئاۋۋلا جامائەتلەرگە ئۆزىنىڭ يولۇچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇشى ياكى سالامدىن كېيىن«مەن يولۇچىمەن، نامىزىڭلارنى تولۇقلىۋېلىڭلار»دەپ قويۇشى ياخشىدۇر. يولۇچى ئىمام ئىككى رەكئەتتىن كېيىن سالام بەرگەندە، _ جامائەت سالام بەرمەستىن ئورنىدىن تۇرۇپ، قالغان ئىككى رەكئەتنى ئۆز ئالدىغا تامام لاپ ئاندىن سالام بېرىدۇ.

  2. يولۇچى بىرەر ۋاخ نامازنىڭ ۋاقتى كىرىپ بولغاندىن كېيىن، سەپەرگە ئاتلىنىپ، بۇ نامازنى يول ئۈستىدە ئوقۇماقچى بولسا، قەسر قىلماستىن، تۆت رەكئەت قىلىپ تولۇق ئوقۇيدۇ. چۈنكى بۇ ناماز ئۇنىڭ مۇقىملىق ھالىتىدە

مۇقىمنىڭ يولۇچىلىق، يولۇچىنىڭ مۇقىملىق ھۆكمىگە كىرىشى

بۆلۈم: “مۇقىمنىڭ يولۇچىلىق، يولۇچىنىڭ مۇقىملىق ھۆكمىگە كىرىشى”

مۇقىمنىڭ يولۇچىلىق ھۆكمىگە كىرىشىنىڭ شەرتلىرى

بۆلۈم: “مۇقىمنىڭ يولۇچىلىق ھۆكمىگە كىرىشىنىڭ شەرتلىرى”

مۇقىمنىڭ يولۇچىلىق ھۆكمىگە كىرىپ نامازلارنى قەسر قىلىپ ئوقۇشقا سالاھىيەتلىك بولۇشىنىڭ شەرتلىرى تۆۋەندىكىچە:

  1. سەپەرنى نىيەت قىلىش. سەپەر مەيلى ئىبادەت ئۈچۈن بولسۇن، مەيلى ساياھەت ياكى تىجارەت ئۈچۈن بولسۇن، مەيلى گۇناھ ئىشلەش ئۈچۈن بولسۇن پەرقى يوقتۇر.

  2. يولغا چىقىپ مەھەللىسىنىڭ ئاخىرقى مەنزىللىرىدىن ئايرىلىشى. يولغا چىقماستىن، سەپەرنى نىيەت قىلغان كىشى يولغا چىقمىغىچە شەرىئەتنىڭ كەڭچىلىكلىرىدىن بەھرىمەن بولالايدىغان يولۇچى بولۇپ ھېسابلانمايدۇ.

  3. سەپەر مۇساپىسىنىڭ نورملا پىيادە يۈرۈش ياكى تۆگىنىڭ يۈرۈشى بويىچە، يىلنىڭ قىسقا كۈنلىرىدىكى ئۈچ كېچە – كۈندۈزلۈك مۇساپىدىن .((( كىلومېتىرلىق مۇساپە) شەرتتۇر85 كەم بولماسلىقى (زامانىمىزدا

يولۇچىنىڭ مۇقىملىق ھۆكمىگە كىرىشىنىڭ شەرتلىرى

بۆلۈم: “يولۇچىنىڭ مۇقىملىق ھۆكمىگە كىرىشىنىڭ شەرتلىرى”

يولۇچىنىڭ مۇقىملىق ھۆكمىگە كىرىپ نامازلارنى قەسر قىلماستىن تولۇق ئوقۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇشىنىڭ شەرتلىرى مۇنۇلار:

  1. بارغان يېرىدە تۇرۇشنى نىيەت قىلىشى

  2. كۈندىن كۆپرەك تۇرۇشنى15 . بارغان يېرىدە تۇرۇش مۇددىتىنى (يەنى) نىيەت قىلىشى. يولۇچى مۇقىملىقنى نىيەت قىلىش (تۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈتۈش) بىلەنلا مۇقىملىق ھۆكمىگە كىرىدۇ، شۇ ۋاقىتتىن باش لاپ نامازلارنى كۈن تۇرۇش بىرلا شەھەرگە مەخسۇس بولماستىن15 تولۇق ئوقۇيدۇ. ئەمما ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ شەھەرلەردە تۇرىدىغان بولسا، بۇ ۋاقىتتا كۈنلۈك سەپەرنى نىيەت15 مۇقىم ھېسابلانمايدۇ. مەسىلەن: ئۈرۈمچىدىن كۈنىنىڭ15 قىلىپ يولغا چىققان يولۇچى تۇرماقچى بولۇپ نىيەت قىلغان يېرىمىنى خوتەندە، قالغان يېرىمىنى قەشقەردە ئۆتكۈزمەكچى بولسا، ئۇ، كۈن15 مۇقىم ئەمەس، بەلكى يولۇچى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى يولۇچىنىڭ ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك ۋاقىت تۇرۇشى بىر شەھەرگىلا مەخسۇس بولغاندا، ئاندىن مۇقىم ھۆكمىنى ئالالايدۇ.

  3. تۇرماقچى بولغان يېرىنىڭ مۇقىم بولۇپ، تۇرۇش ئۈچۈن سالاھىيەتلىك بولۇشى شەرتتۇر. مەسىلەن: بىراۋ سەپەرگە ئاتلىنىپ ئۆيىدىن چىقىپ، مەھەللىسىنىڭ ئاخىرقى قاتناش بېكەتلىرىنىڭ بىرىدە ياكى يول ئۈستىدىكى بېكەتلەردە قاتناش كۈتۈپ ياكى باشقا ئېھتىياجلىرى سەۋەبلىك ۋاقىتلىق تۇرۇپ قالغان بولسا، ئۇنىڭ بۇ تۇرۇشى يولۇچىلىق ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭغا بىنائەن، كۈتۈش جەريانىدا ۋاقتى كىرگەن نامازلارنى قەسرى قىلىپ .(((ئوقۇيدۇ


مەنبەلەر ۋە ئىزاھاتلار

بۆلۈم: “مەنبەلەر ۋە ئىزاھاتلار”
Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.