Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

كېسەل كىشىنىڭ نامىزى، مۇستەھەب ۋە نەپلە نامازلار

This content is not yet available in your language.

كېسەل كىشىنىڭ ناماز ئوقۇش كەيپىيىتى

بۆلۈم: “كېسەل كىشىنىڭ ناماز ئوقۇش كەيپىيىتى”

مىجەزنىڭ نورماللىقىنى يوقىتىپ قويۇشتىن مەيدانغا_ كېسەللىك كېلىدىغان بىر خىل ئاجىزلىق ھالىتى دېگەنلىكتۇر. ئىسلام دىنى ئەقلىنى ئىبادەتلەرنى توختاتماسلىقنى بۇيرۇش _ يوقاتمىغان كېسەللەرگە ئەمەل بىلەن بىرگە، ئۇلار ئۈچۈن بەزى ئوڭايلىقلارنىمۇ كۆرسەتكەن. ناماز ھەققىدە كېسەللەر ئۈچۈن كۆرسىتىلگەن ئۇڭايلىقلارمۇ بۇ مەنبەنى مەقسەت قىلغان. كېسەل كىشى كۈچىنىڭ يېتىشىچە ناماز ئوقۇشى كېرەك. ئۆرە تۇرلىمىسا ئىشارەت بىلەن ناماز ئوقۇيدۇ _ ئولتۇرۇپ، ئولتۇرلىمىسا ياتقان يېرىدە ئىما.

ئۆرە تۇرالمايدىغان ياكى ئۆرە تۇرسا، كېسىلىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىگە ياكى شىپا تېپىشىنىڭ كېچىكىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقى ئېنىق بولغان بىمار ئولتۇرۇپ رۇكۇ ۋە سەجدىلەرنى نورملا كەيپىيىتى بويىچە قىلىپ ناماز ئوقۇيدۇ. ئۆرە تۇرۇشقا قادىر بولالىغان بولسىمۇ، رۇكۇ بىلەن سەجدىلەرنى قىلىشتىن ئاجىز كەلگەن بىمار ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇسا بولىدۇ.

ئولتۇرۇپ ئوقۇلغان نامازدا رۇكۇ ۋە سەجدىلەرنى قىلىشتىن ئاجىز كەلگەن ئىشارەت بىلەن قىلىدۇ. ئەمما _ بىمار رۇكۇ بىلەن سەجدىلەرنى ئىما ئۇنىڭ ئالدىغا سەجدە قىلىش ئۈچۈن ياستۇق ياكى ئورۇندۇق قويۇپ بېرىلمەيدۇ. چۈنكى سەجدە يەرگە قىلىنىدۇ. يەرگە سەجدە قىللىمىسا ئىشارەت بىلەن قىلىنىدۇ _ ئىما. ئولتۇرۇشقىمۇ كۈچى يەتمىگەنلىكتىن ئوڭدىسىغا يېتىپ ئىشارەت بىلەن ناماز ئوقۇماقچى بولغان بىمار ئىككى پۇتىنى قىبلە تەرەپكە قارىتىپ ياتىدۇ، مۇمكىنچىلىك بولسا ئىككى پۇتىنى قىبلىگە ئۇزارتماسلىقى ئۈچۈن ئىككى تىزى ئازراق كۆتۈرىلىدۇ ۋە بىمارنىڭ ئاسمانغا قارىماستىن قىبلىگە قارىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ بېشىغا ئىگىزرەك ياستۇق قويۇلىدۇ. ئەمما يېنىچە يېتىپ ئىشارەت بىلەن ناماز ئوقۇماقچى بولغان بىمار ئوڭ تەرىپىنى بېسىپ، قىبلىگە قاراپ ياتىدۇ، رۇكۇ بىلەن سەجدىلەرگە بېشى بىلەن ئىشارەت قىلىدۇ. ئەمما يېنىچە يېتىپ ئوقۇغاندىن ئوڭدىسىغا _ ئىما .(((يېتىپ ئوقۇش ئەۋزەلدۇر

ئىما – ئىشارەت بىلەن ناماز ئوقۇش مەسىلىسى

بۆلۈم: “ئىما – ئىشارەت بىلەن ناماز ئوقۇش مەسىلىسى”

نامازدا رۇكۇ ۋە سەجدىلەرگە ئىشارەت ئۈچۈن كۈچىنىڭ_ ئىشارەت _ ئىما _ يېتىشىچە باشنى ئېگىش دېگەنلىكتۇر. ئەگەر بىمار بېشى بىلەن ئىما ئىشارەت قىلىشتىنمۇ ئاجىز كەلسە، كۆزى بىلەن ئىشارەت قىلىپ ئوقۇيدۇ.

ئۇنىڭدىنمۇ ئاجىز كەلسە نامازنى ئوقۇمايدۇ ۋە ئۇنى ئاللاھ تائالا كەچۈرىدۇ.

﴿كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق :چۈنكى قۇرئان كەرىمدە دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام: «سىلەرنى بىرەر ئىشقا(((﴾قىلىڭلار دېگەن(((»بۇيرۇسام، ئۇنى تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئورۇنداڭلار.

ئىشارەت بىلەن ناماز ئوقۇشقا تاقىتى يەتمىگەن كىشى قانداق قىلىدۇ؟ _ ئىما

بۆلۈم: “ئىشارەت بىلەن ناماز ئوقۇشقا تاقىتى يەتمىگەن كىشى قانداق قىلىدۇ؟ _ ئىما”

_ ئىشارەت بىلەنمۇ ناماز ئوقۇشقا قادىر بوللىمىغان ياكى ئەقلى _ ئىما ھۇشى يوقالغان بىمار، نامازنى ۋاقىتلىق قويۇپ قويىدۇ. بۇ ھالەت بىر كېچە – كۈندۈزگە يەتمىگەن ۋاقىت داۋام قىلغان بولسا، يەنى بەش ۋاخ نامازنىڭ ۋاقتى چىقىپ كەتكىچە ساقىيىپ قالسا، ئوقۇيلىمىغان مەزكۇر – نامازلىرىنىڭ قازاسىنى ئوقۇيدۇ. ئەگەر كېسىلى ئېغىرلاشقان ياكى ئەقلى ئىشارەت بىلەنمۇ ناماز ئوقۇيلىمىغان ۋاقتى _ ھۇشى يوقالغان سەۋەبلىك ئىما بىر كېچە – كۈندۈزدىن كۆپرەك ۋاقىت داۋام قىلغان بولسا، بۇ نامازلارنىڭ قازاسى كەلمەيدۇ. بۇ خۇددى ھەيزدار ۋە نىفاسدار ئاياللاردىن ناماز كەچۈرۈم قىلىنغاندەك كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. شۇنداقلا، ئەگەر بىمار شۇ كېسىلى بىلەن ئىشارەت بىلەنمۇ ناماز ئوقۇشتىن ئاجىز كەلگەن _ ئۆلۈپ كەتسە، ئىما ھالىتىدە ئوقۇيلىمىغان نامازلىرى ئۇنىڭدىن ساقىت بولىدۇ. ئۇنىڭغا فىدىيە

ئىشارەت بىلەن ناماز ئوقۇش توغرۇلۇق مەسىلىلەر _ ئىما

بۆلۈم: “ئىشارەت بىلەن ناماز ئوقۇش توغرۇلۇق مەسىلىلەر _ ئىما”

پەرز نامازلارنى ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇشقا كۈچى يېتىدىغان كىشىنىڭ ئولتۇرۇپ ئوقۇشى جائىز ئەمەس. ئەمما نەپلە نامازلارنى ساق كىشىلەرنىڭمۇ ئولتۇرۇپ ئوقۇشى جائىز. بىراق ساۋابى كەمرەك بولىدۇ.

كېسەل بولغىنى ئۈچۈن ئولتۇرۇپ ياكى ئىشارەت بىلەن ناماز ئوقۇش ۋەزىيىتىگە چۈشۈپ قالغان بىمار كېسەللىك ۋاقتىدا ئوقۇيلىمىغان نامازلىرىنىڭ _ قازاسىنى، ساقايغاندىن كېيىن ئوقۇماقچى بولغاندا، ئولتۇرۇپ ياكى ئىما ئىشارەت بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆرە تۇرۇپ نامازنىڭ ئەسلىدىكى كەيپىيىتى بويىچە ئوقۇيدۇ. چۈنكى، ساقايغاندىن كېيىن ئۆزرە قلىمىغان بولىدۇ.

ئەمما ساق ۋاقتىدا قازا بولغان نامازلىرىنى كېسەللىكىدە ئوقۇماقچى بولسا، ئىشارەت بىلەن ئوقۇسا بولىدۇ _ ئولتۇرۇپ ئىما.

نامازنى ساق ھالىتىدە باشلىغان بولسىمۇ ناماز ئەسناسىدا مېجەزى ئۆزگىرىپ قېلىپ ئورنىدىن تۇرالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالغان بىمار نامىزىنىڭ قالغىنىنى ئولتۇرۇپ تاماملايدۇ. ئەگەر ئولتۇرۇشتىنمۇ ئاجىز كەلسە ئىشارەت بىلەن تاماملايدۇ. ئەمما كېسەل ھالىتىدە نامازنى _ يېتىپ ئىما ئولتۇرۇپ باشلىغان بىمار ناماز ئەسناسىدا ساقىيىپ قېلىپ ئۆرە تۇرالايدىغان .(((ھالغا كەلسە نامىزىنىڭ قالغىنىنى ئۆرە تۇرۇپ تاماملايدۇ

مۇستەھەب نامازلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەزىدە ئوقۇغان ياكى باشقىلارنىڭ ئوقۇشىغا يول قويغان، تەكىتلىك سۈننەت دەرىجىسىگە يەتمىگەن نامازلار بولۇپ، تەكىتسىز سۈننەت قاتارىدىن سانىلىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

) تەھىيەتۇل مەسجىد نامىزى1( ( چاشگاھ نامىزى2( ( تەھەججۇد نامىزى3( ( تاۋاپ نامىزى4(

1. تەھىيەتۇل مەسجىد نامىزى

بۆلۈم: “1. تەھىيەتۇل مەسجىد نامىزى”

مەسجىدكە سالام بېرىش دېگەنلىكتۇر_ تەھىيەتۇل مەسجىد نامىزى.

قانداق لا بىر ۋاقىتتا، قايسىبىر مەقسەت بىلەن مەسجىدكە كىرگەن مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئىككى رەكئەت «تەھىيەتۇل مەسجىد» نامىزى ئوقۇشى سۈننەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار مەسجىدكە كىرگىنىدە ئىككى رەكئەت تەھىيەتۇل مەسجىد نامىزى .(((»ئوقۇماستىن ئولتۇرمىسۇن

تەھىيەتۇل مەسجىد نامىزىنىڭ ۋاقتى

بۆلۈم: “تەھىيەتۇل مەسجىد نامىزىنىڭ ۋاقتى”

تەھىيەتۇل مەسجىد نامىزى مەسجىدكە كىرىپ، ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن ئوقۇلىدۇ. ئۇنى ئوقۇماستىن ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىنمۇ، يەنە تۇرۇپ ئوقۇسا بولىدۇ. مەسجىدكە زىيارەت، ئىلىم تەھسىل قىلىش ۋە باشقا قانداقلا بىر مەقسەت بىلەن كىرگەن مۇسۇلمان كىشى بۇ نامازنى ئوقۇيدۇ. ئەمما مەسجىدكە قانداق لا بىر نامازنى ئوقۇش ئۈچۈن كىرىش تەھىيەتۇل مەسجىد نامىزىنىڭ ئورنىنى تولدۇرىدۇ. يەنى مەسجىدكە ناماز ئوقۇش ئۈچۈن كىرگەن كىشى ۋاقىت تار كەلسە تەھىيەتۇل مەسجىد نامىزىنى ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ.

مەسجىدتە تەلىم ئېلىش ياكى مەسجىدنى رېمونت قىلىش ياكى باشقا سەۋەبلەر بىلەن مەسجىدكە كۈندە بىر قانچە قېتىم كىرىشكە مەجبۇر بولىدىغان كىشى بىر قېتىم لا تەھىيەتۇل مەسجىد نامىزى ئوقۇسا يېتەرلىكتۇر. جۈمە نامىزىنى ئوقۇش ئۈچۈن مەسجىدكە كىرگەن كىشىلەر ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن ياكى ئولتۇرۇپ بولغان بولسىمۇ، تۇرۇپ ئىككى رەكئەت تەھىيەتۇل مەسجىد نامىزى ئوقۇيدۇ. ئەمما ئىمام خۇتبە ئوقۇش ئۈچۈن مۇنبەرگە چىقىشى بىلەن ناماز ئوقۇشقا ۋە سۆز قىلىشقا بولمايدۇ. خۇتبىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاش ۋاجىپتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام بۇنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «ئىمام جۈمەنىڭ خۇتبىسىنى ئوقۇۋاتقاندا، يېنىڭدىكى ھەمراھىڭغا «جىم ئولتۇر، خۇتبىنى تىڭشا» دېيىشىڭنىڭ ئۆزىمۇ خۇتبىغا .(((»قۇلاق سالمىغانلىق بولىدۇ

  1. كۈن تولۇق چىقىپ بولغاندىن باش لاپ پىشىن ۋاقتىغا_ چاشگاھ مىنۇت قالغىچىلىك بولغان ۋاقىت لار دېگەنلىكتۇر. چاشگاھ ۋاقتىدا ئەڭ ئاز دېگەندە ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇش تەكىتسىز سۈننەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «كىمىكى ئىككى رەكئەت چاشگاھ نامىزى ئوقۇشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىدىكەن، ئۇنىڭ گۇناھلىرى دېڭىزنىڭ .(((»كۆپۈكىدەك كۆپ بولسىمۇ مەغپىرەت قىلىنىدۇ چاشگاھ نامىزى ئىككى رەكئەت ئوقۇلغىنىدەك، تۆت ياكى سەككىز رەكئەتمۇ ئوقۇلىدۇ.

3. تەھەججۇد (كېچە) نامىزى

بۆلۈم: “3. تەھەججۇد (كېچە) نامىزى”

ئىبادىتى بىلەن مەشغۇل _ كېچىدە ئاللاھ تائالانىڭ تائەت_ تەھەججۇد كَانُوا﴿ :بولۇش دېگەنلىكتۇر. ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەرنى ماختاپ مۇنداق دەيدۇ پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «تەھەججۇدنى تەرك قىلماڭلار. ئۇ سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن ياخشى زاتلارنىڭ ئادىتىدۇر. ئۇ، سىلەرنىڭ ئاللاھقا يېقىن بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ۋەسىلە، خاتالىقلارنى ۋە .(((»گۇناھلارنى يوققا چىقارغۇچى ھەم ئۇلاردىن يىراق قىلغۇچىدۇر تەھەججۇدنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام مۇنداق دېگەن: «پەرز نامازلاردىن قالسا، ئەڭ ئەۋزەل ناماز كېچىنىڭ ئاخىرقى .(((»يېرىمىدا ئوقۇلغان (تەھەججۇد) نامىزىدۇر

تەھەججۇد نامىزىنىڭ كەيپىيىتى

بۆلۈم: “تەھەججۇد نامىزىنىڭ كەيپىيىتى”

تەھەججۇد نامىزى ئىككى رەكئەتتە ياكى تۆت رەكئەتتە بىر سالام بېرىپمۇ ئوقۇلىدۇ. ئەمما ئىككى رەكئەتتە بىر سالام بېرىپ ئوقۇش ئەۋزەلرەكتۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام: «كېچە نامىزى ئىككى، ئىككى قىلىنىپ .(((ئوقۇلىدۇ»دەپ كۆرسەتكەن بۇ ھەدس، تەھەججۇد نامىزىنى ھەر ئىككى رەكئەتتە بىر سالام بېرىپ ئوقۇشنىڭ ئەۋزەللىكنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما، ھەربىر تۆت رەكئەتتە بىر سالام بېرىپ ئوقۇسىمۇ بولىدۇ. تەھەججۇد نامىزى ئېزى ئىككى رەكئەتتىن باشلىنىپ، كۆپىنىڭ چېكى يوقتۇر.

تەھەججۇد نامىزىنىڭ ۋاقتى

بۆلۈم: “تەھەججۇد نامىزىنىڭ ۋاقتى”

بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەرگە ئاساس لانغاندا، تەھەججۇد نامىزىنىڭ ئەڭ ئەۋزەل ۋاقتى كېچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچتىن بىرىدۇر. بۇ دۇئالارنىڭ ئىجابەت بولۇشى ۋە گۇناھلارنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشى ئۈچۈن ئەڭ مۇناسىپ ۋاقىت لاردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرى قالغاندا، دۇنيا ئاسمىنىغا (بىرىنچى ئاسمانغا) چۈشىدۇ ۋە ‹كىمكى ماڭا دۇئا قىلىدىكەن، ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، كىمكى مەندىن ھاجىتىنى سورايدىكەن، سورىغان نەرسىسىنى بېرىمەن، كىمكى ›مەندىن مەغپىرەت تىلەيدىكەن، ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىمەن .(((»دەپ نىدا قىلىدۇ

كەئبىنى تاۋاپ قىلغان كىشىنىڭ تاۋاپنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بولۇپ، مەقامۇ ئىبراھىمنىڭ ئارقىسىغا كېلىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇشى تەكىتسىز سۈننەتتۇر. ئەمما مەسجىدى ھەرەمدە ئادەم كۆپ بولغان قىستىلاڭغۇ چاغ لاردا باشقىلارنىڭ تاۋاپ قىلىشىغا توسالغۇ بولماسلىق ئۈچۈن بۇ نامازنى مەسجىدى ھەرەمنىڭ قايسىبىر يېرىدە ئوقۇش ئەۋزەلدۇر.

زىيادە دېگەنلىكتۇر. ئىسلام ئاتالغۇسىدا پەرز، ۋاجىپ ياكى _ نەپلە لۇغەتتە _ سۈننەت بولمىغان، ئەمما دىنىمىزدا يولغا قويۇلغان، ئىختىيارىي ئەمەل ئىبادەت دېگەنلىكتۇر. نەپلە ئىبادەتلەرنىڭ ساۋابى كۆپتۇر. نەپلە ئىبادەتلەر بەندىنىڭ ئاللاھقا تېخىمۇ يېقىنلىشىشىغا ۋە پەرز، ۋاجىپ ئەمەللەرنى ئادا .(((قىلىشتىكى بەزى كەمچىلىك، نۇقسانلارنىڭ تولۇقلىنىشىغا ۋاسىتە بولىدۇ ئاللاھ تائالا نەپلە ئەمەللەرنىڭ مۇكاپاتلىرى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:

يەنى (كىمىكى ئۆز ئىختىيارى بىلەن بىرەر﴾ٌمَنْ تَطوَّعَ خَيرْاً فَإنَّ هللاَ شاَكِرٌ عَلِيْم﴿ ياخشىلىق قىلىدىكەن، بىلسۇنكى، ئاللاھ ئەلۋەتتە شۈكۈرنىڭ مۇكاپاتىنى .((()بەرگۈچىدۇر ۋە ھەممىنى بىلگۈچىدۇر

نەپلە نامىزى ھەققىدىكى مەسىلىلەر

بۆلۈم: “نەپلە نامىزى ھەققىدىكى مەسىلىلەر”
  1. نەپلە نامىزىنى كېچە — كۈندۈزنىڭ (ناماز ئوقۇش مەنئى قىلىنغان) ۋاقىتلارنىڭ سىرتىدا) قايسىبىر ۋاقىتلىرىدا ئوقۇشقا بولىدۇ. نەپلە نامازلىرىنىڭ بەلگىلىك مەلۇم ۋاقتى بولمايدۇ.

  2. نەپلە نامىزىنى ئىككى رەكئەت ياكى تۆت رەكئەت ئوقۇشقا بولىدۇ بۇندىن كۆپرەك ئوقۇماقچى بولسا، ئىككى رەكئەتتە ياكى تۆت رەكئەتتە سالام بېرىپ ئوقۇيدۇ.

  3. نەپلە ئىبادەتلىرى مەيلى ناماز بولسۇن، مەيلى روزا بولسۇن، مەيلى باشقا ئىبادەتلەر بولسۇن، ئۇنى باش لاش بىلەن كىشىنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن بولىدۇ. يەنى ئۇنى ئادا قىلىشى ۋاجىپ بولىدۇ. ئەگەر نەپلە ناماز ياكى نەپلە روزىنى باش لاپ بولۇپ، ئۇنى ئاخىرىغىچە داۋام قىلماستىن بۇزىۋەتسە ياكى بۇزۇلسا، بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ.

  4. نەپلە نامازلارنى پاراخۇت، ئايروپى لان، ماشىنا قاتارلىق قاتناش قوراللىرىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئوقۇشمۇ جائىزدۇر. قاتناشنىڭ يۆنىلىشى قىبلىگە ئۇدۇل كەلمىگەن بولسىمۇ، قاتناش يۈزلەنگەن تەرەپكە قاراپ ئوقۇسىمۇ بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا قىبلىگە قاراش شەرت قىلىنمايدۇ. چۈنكى ُوَلَِِّ املَشْرِق﴿ :دىنىمىزدا قىيىنچىلىق يوقتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە

يەنى (مەشرىقمۇ ۋە مەغرىپمۇ ئاللاھنىڭدۇر، قايسى﴾ِوَاملَغْرِبُ فَأيْنَماَ تُوَلُّو فَثَمَّ وَجْهُ هللا .((()تەرەپكە يۈزلەنمسڭلارمۇ، ئۇ ئاللاھنىڭ تەرىپىدۇر

  1. نەپلە نامازلارنى ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇشقا قۇدرىتى يېتىدىغان ھاللاردىمۇ ئولتۇرۇپ ئوقۇش جائىزدۇر. لېكىن ئۆزۈرسىز ئولتۇرۇپ ئوقۇغاننىڭ ساۋابى، ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇغاننىڭ ساۋابىدىن كەمرەك بولىدۇ. نەپلە نامازنى ئۆرە تۇرۇپ باش لاپ، كېيىن ئولتۇرۇپ ئوقۇسىمۇ بولىدۇ. شۇنىڭدەك نەپلە نامازلارنى بىر نەرسىگە يۆلىنىپ تۇرۇپ ئوقۇسىمۇ جائىزدۇر.

نەپلە ناماز ئوقۇش مەنئى قىلىنغان ۋاقىتلار

بۆلۈم: “نەپلە ناماز ئوقۇش مەنئى قىلىنغان ۋاقىتلار”

نەپلە ناماز ئوقۇش مەنئى قىلىنغان ۋاقىتلار تۆۋەندىكىچە:

  1. بامدات نامىزىدىن كېيىن

  2. ئەسىر نامىزىدىن كېيىن

  3. شام نامىزىدىن بۇرۇن

  4. پەرز نامازنىڭ ۋاقتى چىقىپ كەتكىلى ئاز قالغاندا ياكى جامائەت نامىزى باش لانغاندا.

  5. جۈمە كۈنلۈكتە خاتىب مۇنبەرگە چىققاندىن جۈمەنىڭ پەرزى ئوقۇلۇپ بولغىچىلىك.

  6. نامازغا تەكبىر ئېيتىلغاندىن كېيىن. ئەمما بامداتنىڭ سۈننىتىنى ئوقۇشقا بولىدۇ.

  7. ھېيت نامىزى ئوقۇشتىن ئاۋۋلا مەيلى ئۆيدە، مەيلى مەسجىدتە نەپلە ناماز ئوقۇش مەكرۇھتۇر. ئەمما نامازدىن كېيىن مەسجىدتە ئوقۇش مەكرۇھ، ئۆيدە ئوقۇش جائىزدۇر.

  8. تەرەت قىستاپ قالغاندا

  9. تائام ھازىرلىنىپ قالغاندا

  10. ئەرەفات»تا پىشىن بىلەن ئەسىر ئىككى نامازنى جەمئى قىلىپ ئوقۇشتا ۋە «مۇزدەلىفە»دە شام بىلەن خۇپتەن ئىككى نامازنى جەمئى قىلىپ ئوقۇشتا ئىككى ناماز ئارىسىدا نەپلە ناماز ئوقۇش مەكرۇھتۇر.


مەنبەلەر ۋە ئىزاھاتلار

بۆلۈم: “مەنبەلەر ۋە ئىزاھاتلار”
Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.