Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

جىنازە نامىزى ۋە قەبرە زىيارىتى

This content is not yet available in your language.

)جىنازە نامىزى (مېيت نامىزى

بۆلۈم: “)جىنازە نامىزى (مېيت نامىزى”

جىنازە نامىزىنىڭ ئوقۇلۇش كەيپىيىتى

بۆلۈم: “جىنازە نامىزىنىڭ ئوقۇلۇش كەيپىيىتى”

جىنازە نامىزى ئۆرە تۇرۇپ تۆۋەندىكىدەك ئوقۇلىدۇ: ئالدى بىلەن «ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئىقتىدا قىلدىم ھازىر ئىمامغا، شۇ مەرھۇمنىڭ جىنازە ﴿هللا نامىزىنى ئوقۇشقا»دەپ نىيەت قىلىنىدۇ. ئاندىن ئىمام بىلەن بىرلىكتە (ئاللاھۇ ئەكبەر) دەپ بىرىنچى تەكبىر ئېلىنىدۇ. قوللار خۇددى باشقا﴾أكبر نامازلاردىكىدەك ئىككى قۇلاقنىڭ يۇمشىقىغا قەدەر كۆتۈرىلىدۇ. ئاندىن كىندىكنىڭ ئاستىدا تۇتۇلىدۇ ۋە «سانا» ئوقۇلىدۇ. سانا ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىمام بىلەن بىرلىكتە قوللارنى قۇلاقلارغا ئاپارماستىن، ئىككىنچى تەكبىر ئېلىنىدۇ ۋە «ئاللاھۇممە سەللى ۋە بارىك» دۇرۇدلىرى ئوقۇلىدۇ.

ئاندىن يەنە ئىمام بىلەن بىرلىكتە ئىككىنچى تەكبىردىكىدەك ئۈچىنچى تەكبىر ئېلىنىپ مېيىتقا دۇئا قىلىنىدۇ. ئاندىن تۆتىنچى تەكبىردىن كېيىن ئىمام بىلەن بىرلىكتە ئىككى تەرەپكە سالام بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ناماز ئاخىرلىشىدۇ. ئەگەر ئىمام خاتالىشىپ بەشىنچى تەكبىرنى ئېيتسا، جامائەت ئېيتمايدۇ، بەلكى ئىمامنىڭ سالام بېرىشىنى كۈتىدۇ.

جىنازە نامىزى ئۈچۈن مۇئەييەن بىر دۇئانى ئوقۇش شەرت ئەمەس.

ھەركىم ئۆز تىلىدا، ئۆزىنىڭ بىلگىنىچە دۇئا قىلسا بولىدۇ. جىنازە نامىزىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوقۇغان تۆۋەندىكى دۇئالاردىن قايسىبىرىنى ئوقۇش ئەۋزەلدۇر:

  1. ِ«اَللَّهُمَّ اغْفِرْ لَهُ وَارْحَْهُ وَعَافِهِ. وَاعْفُ عَنْهُ. وَأَكْرِمْ نُزُلَهُ. وَوَسِّعْ مُدْخَلَهُ. وَاغْسِلْهُ بِلْمَاءِ وَالثَّلْجِ وَالْبَرَد .

ًوَنَقِّهِ مِنَ الَْطَايَ كَمَا نَقَّيْتَ الثَّوْبَ األَبْيَضَ مِنَ الدَّنَسِ. وَأَبْدِلْهُ دَاراً خَيْاً مِنْ دَارِهِ. وَأَهْالاً خَيْاً مِنْ أَهْلِهِ وَزَوْجَا »ِخَيْاً مِنْ زَوْجِهِ. وَأَدْخِلْهُ الَْنَّةَ وَأَعِذْهُ مِنْ عَذَابِ الْقَبِْ وَمِنْ عَذَابِ النَّار.

يەنى «ئى ئاللاھ! ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلغىن، ئۇنىڭغا رەھىم قىلغىن، ئۇنىڭغا ئامانلىق ئاتا قىلغىن، ئۇنى كەچۈرگىن، ئۇنىڭ قارارگاھىنى ياخشى قىلغىن، قەبرىسىنى كەڭ قىلغىن، ئاق كىيىمنى كىرلەردىن پاكلىغىنىڭدەك، ئۇنى سۇ، قار ۋە مۇز بىلەن يۇيۇپ، خاتالىقلىرىدىن پاكلىغىن. ئۇنىڭغا دۇنيادىكى ئۆيىدىن ياخشىراق قارار گاھ، ئائىلىسىدىن ياخشىراق ئائىلە ۋە چۈرىسىدىن ياخشىراق چۈرە ئاتا قىلغىن. ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزگىن، ئۇنى .(((»قەبرە ۋە دۇزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن

  1. «اَللَّهُمَّ اغْفِرِ لَِيِّنَا وَمَيِّتِنَا، وشَاهِدِنَ وغَائِبِنَا، وصَغِيرِْنَ وَكَبيرِْنَ، وذَكَرِنَ وأُنْثَانَ، اَللَّهُمَّ مَنْ أَحْيَيْتَهُ مِنَّا .

»ِفَأَحْيِهِ عَلَى اْإلسْلامِ وَمَنْ تَوَفَّيْتَهُ مِنَّا فَتَوفِّهِ عَلَى اْإلِيَْان. يەنى «ئى ئاللاھ! بىزنىڭ تىرىكلىرىمىزگە، ئۆلۈكلىرىمىزگە، بۇ نامازغا كەلگەن ۋە كەلمىگەن پۈتۈن دىنداشلىرىمىزغا، كىچىكلىرىمىزگە، چوڭلىرىمىزغا، ئەرلىرىمىزگە، ئاياللىرىمىزغا مەغپىرەت قىلغىن. ئى ئاللاھ!

بىزدىن كىمنىكى ھايات قالدۇرساڭ ئۇنى ئىسلام بىلەن ياشاتقىن، بىزدىن .(((»كىمنىكى ۋاپات قىلدۇرساڭ ئۇنى ئىمان بىلەن ۋاپات قىلدۇرغىن يۇقىرىقى دۇئالارنىڭ ئەرەبچە تېكىستىنى بىلمىگەنلەر ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئوقۇسىمۇ كۇپايە قىلىدۇ. ﴿رَبَّنَا :يۇقىرىقى دۇئالارنى بىلمىگەنلەر مۇنۇ دۇئالارنى ئوقۇسىمۇ بولىدۇ يەنى «ئى ئاللاھ! بىزگە دۇنيادا﴾ِآتِنَا فِ الدُّنْيَا حَسَنَةً وَفِ اآلخِرَةِ حَسَنَةً وَقِنَا عَذَابَ النَّار ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دۇزاخ »ئازابىدىن ساقلىغىن نارىسىدە بالى لار بىلەن ساراڭلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلەشكە ھاجەت يوقتۇر. چۈنكى بۇلار گۇناھسىزلاردۇر.

جىنازىلەرنى بىرلەشتۈرۈش مەسىلىسى

بۆلۈم: “جىنازىلەرنى بىرلەشتۈرۈش مەسىلىسى”

بىردىن ئارتۇق جىنازە ھازىر بولغاندا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە بىرلا قېتىم جىنازە ئوقۇشنىڭ دۇرۇسلىقىدا، ئەمما ھەربىر جىنازىغا ئايرىم – ئايرىم ناماز ئوقۇشنىڭ، شۇنداقلا، ئەۋزەل كىشىنىڭ نامىزىنى ئاۋۋلا ئوقۇش تەرتىپى بويىچە ئىش كۆرۈشنىڭ ئەۋزەللىكىدە پۈتۈن فىقھىشۇناس لار ۋە مەزھەپ پېشىۋالىرى بىردەك ئىتتىپاقتۇر. چۈنكى كۆپ جىنازىلەرنىڭ نامازلىرىنى ئايرىم – ئايرىم ئوقۇش ساۋابنىڭ كۆپ بولۇشى ۋە نامازنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن ياخشىدۇر. كۆپ جىنازە ھازىر بولغاندا، جىنازى لار توغرىسىغا تىزىلىدۇ، ئىمام ئەڭ ئەۋزەل جىنازىنىڭ كۆكسىگە ئۇدۇللىنىپ تۇرۇپ نامازنى باشلىسىمۇ ياكى جىنازىلەرنى قىبلىگە قارىتىپ ئۇزۇنىسىغا تىزىپ، ئىمام ھەر بىرىنىڭ كۆكسىگە ئۇدۇللىنىپ تۇرۇپ ئوقۇسىمۇ بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئىمامنىڭ ئالدىغا، ئاۋۋلا ئەرلەرنىڭ جىنازىسى، ئاندىن بالىلارنىڭ، ئاندىن ئاياللارنىڭ .(((جىنازىسى تىزىلىدۇ

جىنازە نامىزى قاچان ئوقۇلىدۇ؟

بۆلۈم: “جىنازە نامىزى قاچان ئوقۇلىدۇ؟”

جىنازا نامىزىنى ناماز ئوقۇش مەنئى قىلىنمىغان ۋاقىتلارنىڭ سىرتىدا قايسىبىر ۋاقىتتا ئوقۇسا بولىدۇ.

ناماز ئوقۇش مەكرۇھ سانالغان بەش ۋاقىتتا جىنازە نامىزى ئوقۇش مەكرۇھ تەھرىمىدۇر. بۇ ۋاقىتلار:

  1. كۈن چىقىۋاتقان ۋاقىت

  2. بامدات نامىزىدىن كېيىن كۈن چىقىپ بولغىچىلىك ئارىلىقتىكى ۋاقىت.

  3. كۈن ئاسماننىڭ ئوتتۇرسىغا كەلگەن چۈش ۋاقتى

  4. ئەسىر نامىزىدىن كېيىن كۈن پاتقىچىلىك بولغان ئارىلىقتىكى ۋاقىت

  5. كۈن پېتىۋاتقان ۋاقىت

يۇقىرىقى بەش ۋاقىتتىن باشقا قانداق لا ۋاقىتتا جىنازە نامىزى ئوقۇش .(((مۇتلەق جائىزدۇر

جىنازە نامىزى نەدە ئوقۇلىدۇ؟

بۆلۈم: “جىنازە نامىزى نەدە ئوقۇلىدۇ؟”

جىنازە نامىزى كەڭرى مەيدانلاردا ئوقۇلىدۇ. جىنازە نامىزىنى مەسجىدنىڭ ئىچىدە ئوقۇش مەكرۇھتۇر. شۇنداقلا جىنازە نامىزىنى قەبرىستانلىقلاردا ئوقۇشمۇ مەكرۇھتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قەبرىستانلىق بىلەن مۇنچىدىن باشقا زېمىننىڭ ھەممە يېرى مەسجىدتۇر (يەنى ناماز .(((»)ئوقۇشقا سالاھىيەتلىكتۇر بۇ ھەدىس، ھەر قانداق نامازنى قەبرىستانلىقتا ۋە مۇنچىدا ئوقۇشنىڭ جائىز ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىشنىڭ ھۆكمى

بۆلۈم: “قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىشنىڭ ھۆكمى”

قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىش ئەرلەر ئۈچۈن مۇستەھەب ئىكەنلىكىدە پۈتۈن مەزھەپلەر بىردەك ئىتتىپاقتۇر. ئەمما ئاياللارنىڭ قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىش مەسىلىسىدە مەزھەپلەر ئىختىلاپلاشقان. ھەنەفىي مەزھىپى (بىزنىڭ مەزھىپىمىز)گە كۆرە، قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىش ئەر ۋە ئايال ھەر قانداق مۇسۇلمان كىشى ئۈچۈن ئوخشاشلا مۇستەھەبتۇر.

قۇرئان ئوقۇپ ساۋابىنى مېيىتقا ئاتاش

بۆلۈم: “قۇرئان ئوقۇپ ساۋابىنى مېيىتقا ئاتاش”

قۇرئان ئوقۇپ، سەدىقە بېرىپ، ئۇنىڭ ساۋابىنى مېيىتقا ئاتاش، مېيىتنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تىلەش ۋە ۋاكالەت بىلەن قىلغىلى بولىدىغان زاكاتقا ئوخشاش مالىي ئىبادەتلەرنى، ھەجگە ئوخشاش بەدەنىي ئىبادەتلەرنى مېيىت ئۈچۈن ئورۇن لاپ قويۇشنىڭ جائىزلىقى ۋە بۇ ئەمەللەردىن مېيىتنىڭ مەنپەئەت ئالالايدىغانلىقىدا پۈتۈن ئىسلام ئۆلىمالىرى ھەممە بىردەك ئىتتىپاقتۇر.


مەنبەلەر ۋە ئىزاھاتلار

بۆلۈم: “مەنبەلەر ۋە ئىزاھاتلار”
Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.