نامازنى بۇزىدىغان ئامىللار ۋە سەجدە سەھۋى
This content is not yet available in your language.
نامازنى بۇزىدىغان ئامىللار
بۆلۈم: “نامازنى بۇزىدىغان ئامىللار”-
نامازدا قەستەن ياكى سەۋەنلىكتىن سۆزلەش (يەنى باشقىلارغا سۆز) قىلىش ياكى نامازغا مۇناسىۋەتلىك بولمىغان سۆزلەرنى سۆزلەش ياكى باشقىلارغا سالام قىلىش ياكى باشقىلارنىڭ سالىمىنى سۆز بىلەن قايتۇرۇش ياكى قول ئېلىپ كۆرۈشۈش ياكى بىراۋنى چاقىرىش، ياكى ناماز سىرتىدىكى .)بىراۋنىڭ قىرائىتىگە لوقما سېلىش
-
نامازدا ئۆزىگە ئاڭلانغىدەك ئاۋازدا كۈلۈش. ئەمما نامازدا باشقىلار ئاڭلىغىدەك ئاۋازدا كۈلۈش بىلەن ناماز ۋە تاھارەت ھەر ئىككىلىسى بۇزۇلىدۇ.
-
نامازدا ئاھ، ۋاي، ئۇھ، ۋۇي دېيىش
-
نامازدا دۇنيالىق ئىشلار ئۈچۈن ئاۋازلىق ھالدا يىغلاش
-
نامازدا تۇرۇپ ھەرقانداق بىر سوئالغا ياكى چاقىرغۇچىغا سۆز بىلەن جاۋاب بېرىش.
-
نامازدا كۆكسنى قىبلە تەرەپتىن باشقا تەرەپكە چۆرۈش
-
نامازدا باشقىلارنىڭ قولىدىن بىر نەرسە ئېلىش
-
نامازدا قەستەن ياكى سەۋەنلىكتىن بىر نەرسە يېيىش ۋە ئىچىش سېغىز (پوپۇرتاڭ)چايناش. ئەمما چىش لارنىڭ ئارىلىقىدا قالغان تاماق قالدۇقلىرىدىن نوقۇت مىقدارىدىن كىچىك نەرسىنى يۇتۇپ سېلىش بىلەن ناماز بۇزۇلمايدۇ.
-
ئۆزۈرسىز ھالدا گالنى قىرىش. ئەمما ئىختىيارسىز ياكى ئېھتىياج (ئىمامنىڭ خاتالىقىنى ئەسكەرتىش ياكى ئۆزىنىڭ نامازدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈرش) يۈزىسىدىن گالنى قىرىش بىلەن ناماز بۇزۇلمايدۇ.
-
نامازدا ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق بىر يەرلىرىنى قاشلاش ياكى سىلاش
-
ھەر قانداق بىر ئاغرىق ئۈچۈن ئاۋاز بىلەن ئاھ تارتىش
-
نامازدا قايسىبىر سەۋەپ بىلەن تاھارەتنىڭ بۇزۇلۇشى
-
نامازدا كىچىك ھەرىكەتلەرنى كۆپ قىلىش. ئەمما بىر قول بىلەن كىيىمىنى تۈزەش بىلەن ناماز بۇزۇلمايدۇ.
-
سەجدىدە ئىككى پۇتنىڭ بىراقلا يەردىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى
-
ئەرنىڭ يالغۇز يات ئايال بىلەن بىللە تۇرۇپ ياكى ئۇنىڭغا ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇشى. ئەمما ئەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئايالىغا ياكى بىرگە نىكاھى باغلانمايدىغان ئايال تۇغقانلىرىدىن بىرەرسىگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇشى جائىزدۇر.
-
قەستەن ھالدا بىرەر پائالىيەتنى ئىمامدىن بۇرۇن قىلىش مەسىلەن: ئىمامدىن بۇرۇن رۇكۇ ياكى سەجدىگە ئۆتكەنگە ئوخشاش.
ئەمما سەھۋەنلىكتىن قىلىپ سېلىپ دەرھلا قايتىپ ئىمامغا ئەگەشسە ناماز بۇزۇلمايدۇ.
-
نامازدا كىشىلەر بىلەن سۆزلەشكەندەك دۇئا قىلىش
-
جاۋاب مەقسىتى بىلەن قۇرئاندىن بىرەر ئايەت ئوقۇش
-
نامازدا ئەۋرەت جايلارنىڭ مەنئى قىلىنىدىغان دەرىجىدە ئېچىلىپ قېلىشى.
-
نامازدا ئايەتلەرنى مەنىسى بۇزۇلىدىغان دەرىجىدە خاتا ئوقۇش
-
نامازدا ھوشىنى يوقىتىپ قويۇش
-
ئاياللارنىڭ ناماز ئۈستىدە ئايلىق قېنىنى كۆرۈشى
-
نامازدا پەرز دېيىلگەن ئىشلاردىن بىرەرسىنى قەستەن تەرك ئېتىش مەسىلەن: سەجدىنى ياكى رۇكۇنى تەرك ئەتكەنگە ئوخشاش.
نامازغا مۇناسىۋەتلىك بەزى مەسىلىلەر
بۆلۈم: “نامازغا مۇناسىۋەتلىك بەزى مەسىلىلەر”نامازنى توختىتىش ياكى كەينىگە سۈرۈشنى ۋاجىپ قىلىدىغان سەۋەبلەر
بۆلۈم: “نامازنى توختىتىش ياكى كەينىگە سۈرۈشنى ۋاجىپ قىلىدىغان سەۋەبلەر”-
بىرەر زالىمنىڭ ياكى يىرتقۇچ ھايۋاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش، سۇغا چۆكۈپ كېتىش، بوغۇلۇپ قېلىش، ئوت ئىچىدە قېلىش تۈپەيلى ھالاكەتلىك ئەھۋالدا قېلىپ ياردەم تەلەپ قىلغانلارغا ياردەم بېرىش زۆرۈرىىيتى تۇغۇلسا، نامازنى دەرھلا توختىتىش ۋاجىپتۇر.
-
ئاتا — ئانىسنىڭ بىرەرسى جىددىي ياردەمگە ئېھتىياج بولۇپ چاقىرغان بولسا، پەرز نامازدا تۇرغان بولسىمۇ ئۇنى توختىتىش ۋاجىپتۇر.
ئەمما ئادەتتىكى ئىشلار ئۈچۈن چاقىرغان بولسا، پەرز نامازدىن باشقا نامازلارنى توختىتىشقا بولىدۇ.
-
بالىسىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى ياكى بېشىغا بىرەر ھادىسە كېلىشىدىن ئانىنىڭمۇ نامازنى توختىتىشى ياكى كەينىگە سۈرۈشى _ قورققان ئاتا ۋاجىپتۇر.
-
يىرتقۇچلارنىڭ ماللارغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ياكى بىرەر ئەمانىڭ قۇدۇققا ياكى تامدىن تۆۋەنگە چۈشۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئېنىق تەخمىن قىلغان كىشىنىڭ ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن نامازنى توختىتىشى ۋاجىپتۇر.
ئەمما ھالاكەت ئېھتىمالى كۈچلۈك بولمىسا، نامازنى توختىتىش ۋاجىپ ئەمەس، بەلكى جائىز بولىدۇ، يەنى خالىسا توختىتىدۇ، خالىسا توختاتمايدۇ.
نامازنى توختىتىش ياكى كەينىگە سۈرۈشنى جائىز قىلىدىغان سەۋەبلەر
بۆلۈم: “نامازنى توختىتىش ياكى كەينىگە سۈرۈشنى جائىز قىلىدىغان سەۋەبلەر”-
ملا — مۈلكىنىڭ ئوغۇرلىنىشىدىن ئەنسىرىگەن كىشىنىڭ (گەرچە ملا) باشقىلارنىڭ بولسىمۇ) نامازنى توختىتىشى جائىزدۇر.
-
ئوغرىدىن، قاراقچىدىن، كەلكۈندىن قورققان يولۇچىنىڭ ناماز ۋاقتىنى كەينىگە سۈرىشى جائىزدۇر.
-
قازىنى قايناپ تېشىپ كېتىشىدىن ياكى تاماقنىڭ كۆيۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن ئايالنىڭ نامازنى توختىتىشى جائىزدۇر.
-
قېچىپ كېتىۋاتقان ھايۋاننى تۇتۇۋېلىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇش ئۈچۈن نامازنى توختىتىش جائىزدۇر.
-
نامازدا تەرىتى قىستاپ قالغان كىشىنىڭ، يېڭىدىن تاھارەت ئېلىپ نامازنى قايتىدىن ئوقۇش ئۈچۈن ئۇنى توختىتىشى جائىزدۇر.
-
نەپلى نامازلارنى ئاتا – ئانىسىدىن بىرەرسىنىڭ قانداق لا بىر ئىش ئۈچۈن چاقىرىشى بىلەن توختىتىش جائىزدۇر.
-
ئوغرى ياكى قاراقچىنىڭ شەپىسىنى ھېس قىلغان مۇساپىرنىڭ نامىزىنى توختىتىشى جائىزدۇر.
نامازدا شەكلىنىپ قېلىش
بۆلۈم: “نامازدا شەكلىنىپ قېلىش”نامازنى قانچە رەكئەت ئوقۇغانلىقىنى بىلەلمەي، ئىككىلىنىپ قالغان كىشى، ئەگەر بۇ ھالەت ئۇنىڭدا تۇنجى قېتىم ياكى قىسمەن يۈز بەرگەن بولسا، نامازنى قايتىدىن ئوقۇشى كېرەك. مۇبادا، بۇ ھالەت ئۇ كىشى ئۈچۈن كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن ياكى ئۇ ھەمىشە شۇنداق ناماز رەكئەتلىرىدە خاتالىشىدىغان كىشى بولسا، ئۇ ۋاقىتتا كۆڭلىدە قانچە رەكئەت ئوقۇغانلىقىغا ھۆكۈم قىلسا شۇ رەكئەت ھېسابقا ئېلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار نامىزىدا(قانچە رەكئەت ئوقۇغانلىقى توغرۇلۇق) شەك قىلىپ قالسا، توغرىسىنى ئېنىقلاپ شۇنىڭغا كۆرە نامىزىنى .(((»تاماملىسۇن، ئاندىن سەجدە سەھۋى قىلسۇن ئەگەر قانچە رەكئەت ئوقۇغانلىقىنى كۆڭلىدىمۇ بەلگىلىيەلمىسە، ئازنى ھېسابقا ئالىدۇ. مەسىلەن: تۆت رەكئەتلىك نامازدا، بىر رەكئەت ئوقۇدىمۇ ياكى ئىككى رەكئەت ئوقۇدىمۇ، بۇنى بىلەلمىسە، ئوقۇغىنىنى بىر رەكئەت دەپ ھېسابلاپ، يەنە ئۈچ رەكئەت ئوقۇشى لازىم. ئىككى رەكئەت ئوقۇدىمۇ ياكى ئۈچ رەكئەتمۇ بىلەلمىسە، ئوقۇغىنىنى ئىككى رەكئەت دەپ ھېسابلاپ، يەنە ئىككى رەكئەت ئوقۇيدۇ. بۇ ھالەتتىكى كىشى پەرز ياكى ۋاجىپ بولغان ئولتۇرۇشنى (نامازنىڭ ئاخىرىدىكى ئولتۇرۇش پەرز. ئىككى رەكئەتتىن كۆپ نامازلاردىكى ئىككىنچى رەكئەتتىن كېيىنكى ئولتۇرۇش ۋاجىپتۇر) تاشلىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ھەر رەكئەتنىڭ ئاخىرىدا ئولتۇرىدۇ ۋە ناماز ئاخىرىدا سەجدە سەھۋى قىلىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىسىدە مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار نامىزىدا ئۈچ رەكئەت ئوقۇدۇممۇ ياكى تۆت رەكئەتمۇ؟ دەپ شەكلىنىپ قالسا، شەكنى تاشلاپ ئازنى ھېسابقا ئالسۇن، ئاندىن سالامدىن .(((»ئاۋۋلا سەجدە سەھۋى قىلسۇن شۈبھە ناماز ئارىلىقىدا ئەمەس، سالامغا ئولتۇرغاندىن ياكى سالامدىن كېيىن ئېسىگە كېلىپ قالسا، بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىلمەيدۇ. نامىزى دۇرۇستۇر. سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن سىرتتىن بىرسى ئۇنىڭ نامازنى كەم ئوقۇغانلىقىنى ئېسىگە سالسا، ئۆزى تولۇق ئوقۇغانلىقىدا قانائەتلىك بولسا، ئۇ كىشىنىڭ سۆزىگە ئەھمىيەت بېرىلمەيدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ نامازنى كەم ئوقۇغانلىقىنى ئېسىگە سالغان كىشىلەر ئىككىدىن كۆپ بولسا، ئۇلارنىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. نامازنى كەم ئوقۇغانلىق ھەققىدە ئىمام بىلەن جامائەت ئوتتۇرىسىدا ئىختى لاپ چىقىپ، ئىمام تولۇق ئوقۇغانلىقىغا ئىشەنچىسى كامىل بولسا، جامائەتنىڭ سۆزى نەزەرگە ئېلىنمايدۇ. ئەگەر ئىمامنىڭمۇ ئىشەنچىسى كامىل بولمسا جامائەتنىڭ دېگىنى ھېساب بولىدۇ. جامائەت ئىچىدە ئىختى لاپ .(((چىقسا ئىمام قۇشۇلغان تەرەپنىڭ سۆزى ھېساب بولىدۇ
سەجدە سەھۋىنىڭ بايانى
بۆلۈم: “سەجدە سەھۋىنىڭ بايانى”نامازدا سەھۋەنلىكتىن سادىر بولغان نۇقسانلارنى _ سەجدە سەھۋى تولۇق لاش ئۈچۈن نامازنىڭ ئاخىرىدا قىلىنىدىغان ئىككى سەجدە، بىر ئولتۇرۇش ۋە ئىككى تەرەپكە سالام بېرىشتىن ئىبارەتتۇر. پەيغەمبەر يەنى «ھەرقانداق نۇقسان﴾ُلِكُلِّ سَهْوٍ سَجْدَتَنِ بَعْدِ مَا يُسَلِّم﴿ :ئەلەيھىسسالام سالامدىن كېيىن ئىككى سەجدە قىلىش بىلەن تولۇقلىنىدۇ» دەپ .(((كۆرسەتكەن
سەجدە سەھۋىنىڭ ھۆكمى
بۆلۈم: “سەجدە سەھۋىنىڭ ھۆكمى”سەجدە سەھۋە قىلىش ھەنەفىي مەزھىپىگە كۆرە ۋاجىپ، شافىئىي ۋە مالىكىي مەزھەپلىرىگە كۆرە سۈننەت ۋە ھەنبەلىي مەزھىپىگە كۆرە ناماز بۇزۇلىدىغان دەرىجىدە خاتالىق ئۆتكۈزگەن كىشى ئۈچۈن ۋاجىپ، نامازنى بۇزمايدىغان دەرىجىدىكى خاتالىق ئۆتكۈزگەن كىشى ئۈچۈن مۇستەھەبتۇر.
سەجدە سەھۋىنى ۋاجىپ قىلىدىغان سەۋەبلەر
بۆلۈم: “سەجدە سەھۋىنى ۋاجىپ قىلىدىغان سەۋەبلەر”سەجدە سەھۋى نامازنىڭ پەرزلىرىدىن بىرەرسىنى ئۆز ئورنىدىن كېچىكتۈرۈپ قويۇش ياكى ۋاجىپلاردىن بىرەرسىنى سەھۋەنلىكتىن تەرك ئېتىش ياكى كېچىكتۈرۈپ قويۇش تۈپەيلى قىلىنىدۇ. بۇنداق ھلا لاردا سەجدە سەھۋى قىلىش ۋاجىپتۇر. سەجدە سەھۋى پەقەت سەھۋەنلىكتىن نامازدا كەمچىلىك سادىر قىلغانلىق ئۈچۈن لا قىلىنىدۇ. سەجدە سەھۋى كېرەك بولغان ھلا لاردا ئۇنى قىلىش ۋاجىپتۇر. ئەگەر كىشى سەجدە سەھۋىدە خاتالىق سادىر قىلسا ئۇنىڭغا قايتا سەجدە سەھۋى قىلىش كېرەك ئەمەس. سەجدە سەھۋى كېرەك قىلمىغان كىشى گۇناھكار_ ئۆزۈرسىز تۇرۇپ_ بولغان ھاللاردا بۇ سەجدىنى بولىدۇ. بىراق ئۇنىڭ نامىزى باتىل بولمايدۇ. بەلكى نامىزى دۇرۇستۇر.
خۇددى ھەجدە ئىھرام باغلىغان كىشىگە ئىھرامدا مەنئى قىلىنغان ئىشلارنى سادىر قىلىش بىلەن ھەج پائالىيىتىگە خىلاپلىق قىلغانلىق گۇناھىنى يۇيۇش ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىش ۋاجىپ بولغاندەك، نامازدا ئۆتكۈزۈلگەن خاتالىقلارنى يۇيۇش ئۈچۈنمۇ سەجدە سەھۋى قىلىش كېرەك بولىدۇ. سەجدە سەھۋى بىلەن ناماز كەمچىلىكلەردىن تولۇقلىنىپ كامىل بولغان بولىدۇ.
پەرزنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىگە مسلا
بۆلۈم: “پەرزنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىگە مسلا”-
ئىككى رەكئەتتىن كۆپ بولغان پەرز، ۋاجىپ ۋە سۈننەت نامازلىرىنىڭ ئىككىنچى رەكئەتتىن كېيىنكى ئولتۇرۇشىدا «تەھىيات» دۇئاسىدىن كېيىن، «سەللى ۋە بارىك» دۇرۇدلىرىدىن بىرەر جۈملە(مەسىلەن: ئاللاھۇممە سەللى ئەلا مۇھەممەدىن) ئوقۇلسا، ئۈچىنچى رەكئەتنىڭ پەرزى بولغان قىيام كېچىكتۈرۈلگەن بولىدۇ.
-
نامازنىڭ ئاخىرىدىكى ئولتۇرۇش نامازنىڭ پەرزلىرىدىن سانىلىدۇ سەھۋەنلىكتىن بۇ ئولتۇرۇشتا ئولتۇرماي بەشىنچى رەكئەتكە تۇرۇپ كەتكەن كىشى فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇپ بولغىچىلىك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئېسىگە كېلىپ ئولتۇرسا، پەرز بولغان بۇ ئولتۇرۇشنى كېىچىكتۈرگەن بولىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش ھلا لاردا سەجدە سەھۋى قىلىش كېرەك بولىدۇ.
ئەگەر تۇرغان رەكئەتنىڭ سەجدىسىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئېسىگە كەلگەن بولسا، يەنە بىر رەكئەت قوشۇپ ئوقۇيدۇ. ئارتۇق بولغان بۇ ئىككى رەكئەت نەپلە نامىزى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتىمۇ سەجدە سەھۋى كېرەك بولىدۇ.
ۋاجىپنىڭ سەھۋەنلىكتىن تەرك قىلىنغىنىغا مسلا
بۆلۈم: “ۋاجىپنىڭ سەھۋەنلىكتىن تەرك قىلىنغىنىغا مسلا”-
فاتىھە سۈرىسى ئوقۇشنى تەرك ئېتىش
-
فاتىھەدىن كېيىن بىر سۈرە ئوقۇشنى تەرك ئېتىش
-
ۋىتىر نامىزىدا قۇنۇت ئوقۇشنى ياكى ئۇنىڭ تەكبىرىنى تەرك ئېتىش
-
قىرائىتى ئاشكارا ئوقۇلىدىغان نامازلاردا قىرائەتنى (قۇرئان سۈرىلىرىنى) مەخپى ئوقۇش ياكى مەخپى ئوقۇلىدىغان نامازلاردا ئاشكارا ئوقۇش.
-
ئىككى رەكئەتتىن كۆپ نامازلاردىكى ئىككىنچى رەكئەتتىن كېيىنكى ئولتۇرۇشنى تەرك ئېتىش.
-
نامازنىڭ ئاخىرىدىكى ئولتۇرۇشتا «ئەتتەھىياتۇ» ئوقۇشنى تەرك ئېتىش.
-
ئىككى رەكئەتتىن كۆپ پەرز نامازلارنىڭ ئىككىنچى رەكئىتىدىن كېيىنكى رەكئەتلىرىدە فاتىھەدىن كېيىن سۈرە ئوقۇش.
-
نامازنىڭ پائالىيەتلىرىدىن بىرەرسىنى ئارتۇق قىلىش. مەسىلەن: بىر رەكئەتتە بىر قېتىم رۇكۇ قىلىشنىڭ ئورنىغا ئىككى قېتىم رۇكۇ قىلغانغا ئوخشاش.
-
سەجدە ئايىتىنى ئوقۇپ بولغان ھامان تىلاۋەت سەجدىسى قىلماسلىق
-
ھېيت نامازلىرىنىڭ تەكبىرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ياكى بەزىسىنى تەرك ئېتىش.
يۇقىرىقى ھاللارنىڭ قايسىبىرىنى سادىر قىلغان كىشى ئۈچۈن سەجدە سەھۋى قىلىش ۋاجىپتۇر.
ۋاجىپنىڭ سەھۋەنلىكتىن كېچىكتۈرۈلگىنىگە مسلا
بۆلۈم: “ۋاجىپنىڭ سەھۋەنلىكتىن كېچىكتۈرۈلگىنىگە مسلا”-
فاتىھە سۈرىسىنى باشقا سۈرىدىن كېيىن ئوقۇش. بۇ ۋاقىتتا فاتىھەنى سۈرىدىن بۇرۇن ئوقۇشتىن ئىبارەت ۋاجىپ كېچىكتۈرۈلگەن بولىدۇ.
-
ئىككى رەكئەتتىن كۆپ نامازلاردىكى ئىككىنچى رەكئەتتىن كېيىنكى ئولتۇرۇشتا ئولتۇرۇش نامازنىڭ ۋاجىپلىرىدىندۇر. سەھۋەنلىكتىن بۇ ئولتۇرۇشنى ئولتۇرماستىن، ئۈچىنچى رەكئەتكە تۇرۇپ فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇپ بولغىچىلىك ۋاقىتتىن كېيىن ياكى رۇكۇدىن بۇرۇن ئولتۇرسا، بۇ ئولتۇرۇش يەنى (ئىككىنچى رەكئەتتىن كېيىنلا ئولتۇرۇش) كېچىكتۈرۈلگەن بولىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، نامازنىڭ ئاخىرىدا سەجدە سەھۋى قىلىش لازىم كېلىدۇ. ئەگەر تۇرغان ھامان بىر نەرسە ئوقۇماستىنلا ئېسىگە كېلىپ ئولتۇرىۋالغان بولسا، بۇ ۋاقىتتا سەجدە سەھۋىگە كېرەك قلىمايدۇ.
سەجدىنى ۋاجىپ قىلىدىغان سەھۋەنلىكنىڭ تەكرارلىنىشى
بۆلۈم: “سەجدىنى ۋاجىپ قىلىدىغان سەھۋەنلىكنىڭ تەكرارلىنىشى”بىر نامازدا بىر قانچە قېتىم سەجدە سەھۋىنى كېرەك قىلىدىغان خاتالىقلار يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ھەممىسى ئۈچۈن بىر قېتىملا سەجدە سەھۋى قىلىش يېتەرلىكتۇر. بۇ مەسىلىدە پۈتۈن فىقھىشۇناس ئالىملار بىردەك ئىتتىپاقتۇر.
سەجدە سەھۋىنىڭ قىلىنىش ئۇسۇلى
بۆلۈم: “سەجدە سەھۋىنىڭ قىلىنىش ئۇسۇلى”نامازنىڭ ئاخىرىقى ئولتۇرۇشىدا «تەھىيات» دۇئاسى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىنلا ئوڭ تەرەپكە سالام بېرىپ بولۇپ، ئادەتتىكىدەك ئىككى قېتىم ،»سەجدە قىلىنىدۇ، ئاندىن ئولتۇرۇپ، «تەھىيات»، «سەللى»، «بارىك .«رەببەنا» لارنى ئوقۇپ ئىككى تەرەپكە سالام بېرىلىدۇ
سەجدە سەھۋى كەچۈرۈم قىلىنىدىغان ھاللار
بۆلۈم: “سەجدە سەھۋى كەچۈرۈم قىلىنىدىغان ھاللار”-
بامدات نامىزىنىڭ ئاخىرىدا سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن، سەجدە سەھۋىنى قىلىشتىن بۇرۇن كۈننىڭ چىقىشى.
-
ئەسىر نامىزىنىڭ ئاخىرىدا سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن، سەجدە سەھۋى قىلىشتىن بۇرۇن كۈننىڭ قىزىرىشى. چۈنكى كۈن چىقىۋاتقان ۋە قىزارغان ۋاقىت لاردا ناماز ئوقۇلمايدۇ. شۇڭا سەجدىمۇ نامازنىڭ مۇھىم بىر ئاساسى بولغاچقا بۇ ۋاقىت لاردا سەجدە سەھۋىمۇ قىلىنمايدۇ. نامازدىكى خاتالىقلارمۇ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. قىللىمىغان سەجدە سەھۋىنىڭ قازاسى قىلىنمايدۇ.
-
سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن نامازغا داۋام قىلىشقا توسقۇن بولىدىغان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى. مەسىلەن: تاھارەت سۇنغانغا ئوخشاش.
