Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

ناماز ۋاقىتلىرى، ئەزان-تەكبىر، ئەۋرەت ۋە قىبلە

This content is not yet available in your language.

ناماز ۋاقتىنىڭ كىرىشى

بۆلۈم: “ناماز ۋاقتىنىڭ كىرىشى”

بەش ۋاخ نامازنىڭ ۋاقىتلىرى

بۆلۈم: “بەش ۋاخ نامازنىڭ ۋاقىتلىرى”

ئىسلام دىنىدا مۇسۇلمانلارغا پەرز قىلىنغان بەش ۋاخ ناماز، كېچە ۋە كۈندۈزنىڭ بەلگىلىك بەش ۋاقتىغا بەلگىلەنگەن. بۇ ۋاقىتلار تۆۋەندىكىچە:

  1. بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتى بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتى: ئىككىنچى تاڭنىڭ ئاقىرىشى بىلەن باشلىنىپ، كۈن چىققانغا قەدەر داۋام قىلىدۇ. بىرىنچى تاڭ ئاقارغان ۋاقتىدا بامدات نامىزىنى ئوقۇش جائىز ئەمەستۇر. بىرىنچى تاڭدىكى ئاقلىق بىرئازدىن كېيىن يوقىلىدۇ. ئۇ، كېىچىنىڭ ئاخىرىدا، ئاسماندا ئۇزۇنسىغا كۆرۈنگەن ئاقلىق بولۇپ، ئۇ سۈبھى كازىب (يالغان تاڭ) دېيىلىدۇ. ئىككنچى تاڭ بولسا، ئاسماندا توغرىسىغا كۆرۈنگەن ئاقلىق بولۇپ، ئو سۇبھى سادىق (ھەقىقىي تاڭ) دېيىلىدۇ. بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتى سۈبھى سادىقتىن باشلىنىپ، كۈن چىقىش ئالدىدا ئاخىرلىشىدۇ.

كۈن چىقىشتىن بۇرۇن بامدات نامىزىنىڭ پەرزىدىن بىر رەكئەت ئوقۇشقا ئۈلگۈرەلىگەن كىشى نامىزىنى داۋام قىلىدۇ ۋە بامدات نامىزىنى ۋاقتىدا ئادا قىلغان بولىدۇ. شۇنىڭدەك، كۈن پېتىشتىن بۇرۇن ئەسىر نامىزىنىڭ پەرزىدىن بىر رەكئەت ئوقۇشقا ئۈلگۈرەلىگەن كىشى ئەسىر نامىزىنى ۋاقتىدا ئادا قىلغان بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «كىمكى كۈن چىقىشتىن ئاۋۋلا بامدات نامىزىدىن بىر رەكئەت ئوقۇشقا ئۈلگۈرسە، بامدات نامىزىنى ۋاقتىدا ئوقۇغان بولىدۇ. كىمكى كۈن پېتىشتىن ئاۋۋلا ئەسىر نامىزىدىن بىر

  1. پىشىن نامىزىنىڭ ۋاقتى پىشىن نامىزىنىڭ ۋاقتى: كۈن پېتىش تەرەپكە ئېگىلگەندىن باش لاپ، ھەر نەرسىنىڭ سايىسى ئۆزىنىڭ بىر ياكى ئىككى ھەسسىسىگە قەدەر ئۇزارغان ۋاقىتقىچە داۋام قىلىدۇ.

  2. ئەسىر نامىزىنىڭ ۋاقتى ئەسىر نامىزىنىڭ ۋاقتى: پىشىن نامىزىنىڭ ۋاقتى چىققاندىن باشلىنىپ، كۈن پاتقانغا قەدەر داۋام قىلىدۇ.

  3. شام نامىزىنىڭ ۋاقتى شام نامىزىنىڭ ۋاقتى: كۈن پاتقاندىن باشلىنىپ، كۈن پاتقان يەردىكى قىزىللىق (ياكى ئاقلىق) يوقالغانغا قەدەر داۋام قىلىدۇ.

  4. خۇپتەن نامىزىنىڭ ۋاقتى خۇپتەن نامىزىنىڭ ۋاقتى: شام نامىزىنىڭ ۋاقتى چىققاندىن باشلىنىپ، ئىككىنچى تاڭ ئاقارغانغا (بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتىغا) قەدەر داۋام قىلىدۇ.

ۋىتىر نامىزىنىڭ ۋاقتى خۇپتەندىن كېيىن باشلىنىپ، بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتىغىچە داۋام قىلىدۇ.

ناماز ۋاقىتلىرى ھەققىدە ئىجتىھاد قىلىش

بۆلۈم: “ناماز ۋاقىتلىرى ھەققىدە ئىجتىھاد قىلىش”

ھاۋانىڭ بۇلۇتلۇق بولۇشى ياكى قاراڭغۇ ئۆيدە مەھبۇس بولۇپ قېلىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش شارائىتلاردا باشقىلار بىلەن كۆرۈشۈشنىڭ يوللىرى كېسىلگەن، يېنىدا ۋاقىتنى بىلىدىغان بىرەر كىشىنىڭ بولمىغانلىقى، ياكى ۋاقىتنى بەلگىلەيدىغان سائەتنىڭ بولمىغانلىقى ۋە ئەزاننىڭ ئاڭلانماسلىقى سەۋەبىدىن نامازنىڭ ۋاقتىنى بىلەلمىگەن كىشى ئىجتىھاد قىلىدۇ (يەنى ئۆز قانائىتىگە تايىنىپ ۋاقىتنى بەلگىلەيدۇ). ئەگەر مۇنداق كىشى بىر ئاز سەبىر قىلىپ كۈتۈپ باققاندىمۇ، ناماز ۋاقتىنى بىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىشتىن پۈتۈنلەي ئۈمىدسىز بولسا، ئۇنىڭ ئۆز ئىجتىھادى بىلەن ۋاقىت بەلگىلەپ ناماز ئوقۇشى ۋاجىپتۇر.

ئەگەر كىشى، ۋاقىتنىڭ كىرگەن ياكى كىرمىگەنلىكى توغرىسىدا ئىككىلىنىپ قالسا، ۋاقىتنىڭ كىرگەنلىكىگە ئېنىق قانائەت ھاسىل قىلغىچىلىك نامىزىنى كېىچىكتۈرىدۇ. ئېنىق قانائەت ھاسىل بولغاندا نامىزىنى ئوقۇيدۇ. پەقەت بۇنداق شارائىتتا نامازنى كېچىكتۈرۈش مۇستەھەپتۇر. بۇنىڭدىكى سەۋەب ناماز ۋاقتىغا كۈچلۈكرەك قانائەت ھاسىل قىلىش ئۈچۈندۇر. ئەگەر ئۇ كىشى ناماز ۋاقتىنىڭ ئۆتۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرىسە نامىزىنى كېىچىكتۈرمەسلىكى .)لازىم

ناماز ئوقۇش مەنئى قىلىنغان ۋاقىتلار

بۆلۈم: “ناماز ئوقۇش مەنئى قىلىنغان ۋاقىتلار”

ناماز ئوقۇش مەنئى قىلىنغان ۋاقىت لار بەش بولۇپ، قانداقلا بىر نامازنى ئوقۇش ئۈچۈن سالاھىيەتلىك بولمىغانلىقى سەۋەبلىك مەنئى قىلىنغان ۋاقىت ئۈچ ۋە نەپلە ناماز ئوقۇشقا مۇناسىپ بولمىغانلىقى سەۋەبلىك مەنئى قىلىنغان ۋاقىت ئىككىدۇر.

  1. قانداق لا بىر نامازنى ئوقۇش ئۈچۈن سالاھىيەتلىك بولمىغانلىقى سەۋەبلىك مەنئى قىلىتغان ۋاقىت لار:

.) كۈن چىقىۋاتقاندا، ئۇ نەيزە بويى كۆتۈرۈلگەنگە قەدەر1( ( كۈن قىيام بولغان (يەنى كۈن ئاسماننىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا كەلگەن2( ۋاقىت)تىن، كۈن پېتىش تەرەپكە ئېگىلگەنگە قەدەر.

.) كۈن سارغايغان ۋاقىتتىن، كۈن پاتقانغا قەدەر3( يۇقىرىقى ئۈچ ۋاقىتتا، مەيلى پەرز بولسۇن، مەيلى ۋاجىپ بولسۇن، مەيلى سۈننەت بولسۇن، مەيلى نەپلە بولسۇن، مەيلى قازا ناماز بولسۇن، مەيلى جىنازا نامىزى بولسۇن قانداق لا بىر نامازنى ئوقۇش مەنئى قىلىنىدۇ.

بۇ ماۋزۇدىكى «مەنئى» نامازنىڭ ئادا تاپماسلىقىنى تەقەززا قىلىدۇ.

ئەمما ھازىر قىلىنىپ بولغان جىنازا نامىزىنى ئوقۇش، شۇ كۈننىڭ ئەسىر نامىزىنى ئوقۇش ۋە شۇ ۋاقىتتا ئوقۇلغان سەجدە ئايىتىنىڭ تىلاۋەت سەجدىسىنى قىلىش جائىزدۇر. بىراق مەكرۇھلۇق بىلەن ئادا تاپىدۇ.

چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھازىر قىلىنىپ بولغان جىنازا نامىزىنى كېچىكتۈرۈشتىن مەنئى قىلغان. شۇ كۈننىڭ ئەسىر نامىزىنى مەكرۇھ بولغان شۇ ۋاقىتتا بولسىمۇ ئوقۇۋالمىغاندا، ئۇ قازا بولۇپ كېتىدۇ. تىلاۋەت سەجدىسىمۇ سەجدە ئايىتى ئوقۇلغان شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ۋاجىپ بولۇپ، گەردەنگە يۈكلەنگەنلىكى ئۈچۈن، گەرچە بۇ ۋاقىت ناماز ئوقۇش مەكرۇھ بولغان ۋاقىت بولسىمۇ، تىلاۋەت سەجدىسىنى قىلىش جائىزدۇر.

  1. نەپلە ناماز ئوقۇشقا مۇناسىپ بولمىغانلىقى سەۋەبلىك مەنئى قىلىنغان ۋاقىتلار:

.) بامدات نامىزىدىن كېيىن، كۈن نەيزە بويى كۆتۈرۈلگەنگە قەدەر1( .) ئەسىر نامىزىدىن كېيىن، كۈن پاتقانغا قەدەر2( بۇ ئىككى ۋاقىتتا قانداق لا بىر نەپلە ناماز ئوقۇش مەنئى قىلىنىدۇ. بىراق ئوقۇسا مەكرۇھلۇق بىلەن ئادا تاپىدۇ. ئەمما بۇ ئىككى ۋاقىتتا قازا نامازلارنى ئوقۇش، قازا بولغان تىلاۋەت سەجدىسىنى قىلىش ۋە جىنازا نامىزى ئوقۇش مەكرۇھسىز جائىزدۇر. لېكىن ئەسىر نامىزىدىن كېيىن قازا ناماز ئوقۇشنىڭ شەرتى كۈن سارغىيىشتىن بۇرۇن ئوقۇلۇشىدۇر. كۈن سارغايغاندىن كېيىن، قازا ياكى_ گەرچە شۇ كۈننىڭ ئەسىر نامىزىنى ئوقۇپ بولمىغان بولسىمۇ_ نەپلە ناماز ئوقۇشقا بولمايدۇ. شۇنىڭدەك، كۈن سارغايغان ياكى پېتىۋاتقان ۋاقىتتا، شۇ كۈننىڭ ئەسىر نامىزىنى ئوقۇش جائىزدۇر. شۇنداقلا، بامدات نامىزىنىڭ سۈننىتىنى ئوقۇيلىمىغان كىشى ئۇنى پەرزىدىن كېيىن ئوقۇسا بولىدۇ.

ناماز ۋاقتىنىڭ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلىش دېگەنلىكتۇر _ ئەزان.

ئەزان ئوقۇشنىڭ ھۆكمى

بۆلۈم: “ئەزان ئوقۇشنىڭ ھۆكمى”

بەش ۋاخ ناماز بىلەن جۈمە نامىزىنى ئەرلەرنىڭ جامائەت بولۇپ ئوقۇشلىرى ئۈچۈن ئەزان ئوقۇش تەكىتلىك سۈننەتتۇر. ھېيت ۋە جىنازا نامازلىرى ۋە باشقا پەرز بولمىغان نامازلار ئۈچۈن ئەزان ئوقۇشقا ھاجەت يوقتۇر. ئەزان ئوقۇش ئەرلەر ئۈچۈن سۈننەت، ئاياللار ئۈچۈن ھارامدۇر.

مەيلى ئادا (ۋاقتىدا ئوقۇلغان ناماز) بولسۇن، مەيلى قازا (ۋاقتىدا ئوقۇيالماي ۋاقتى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئوقۇلغان ناماز) بولسۇن، سەپەر ئۈستىدە بولسۇن ياكى ئۆز يۇرتىدا بولسۇن، ھەر قانداق شارائىتتا، پەرز نامازلار ئۈچۈن ئەزان ئوقۇش سۈننەتتۇر.

ئەزاننىڭ تېكستى تۆۋەندىكىلەر: ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر ُاَهللُ أَكْبَرُ اَهللُ أَكْبَر.

ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر ُاَهللُ أَكْبَرُ اَهللُ أَكْبَر.

ئەشھەدۇ ئەن لا ئىلاھە ئىللەللاھ أَشْهَدُ أَنْ ال إِلهَ إِالَّ هللا.

ئەشھەدۇ ئەن لا ئىلاھە ئىللەللاھ أَشْهَدُ أَنْ ال إِلهَ إِالَّ هللا.

ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھِأَشْهَدُ أَنَّ مُ مَّداً رَسُولُ هللا.

ئەشھەدۇئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھِأَشْهَدُ أَنَّ مُ مَّداً رَسُولُ هللا.

حَيَّ عَلىَ الصَّالاَةِ ھەييە ئەلەسسالاھ.

ھەييە ئەلەسسالاھِحَيَّ عَلىَ الصَّالاَة.

ھەييە ئەلەلفەلاھ ِحَيَّ عَلىَ الْفَالاَح.

ھەييە ئەلەلفەلاھ ِحَيَّ عَلىَ الْفَالاَح.

ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر ُاَهللُ أَكْبَرُ اَهللُ أَكْبَر.

الئىلاھە ئىللەللاھ ُالَ إِلهَ إِالَّ هللا.

يۇقىرىقى لار بامدات نامىزىدىن باشقا پۈتۈن پەرز نامازلارنىڭ ۋاقىتلىرى ئۈچۈن ئوقۇلىدىغان ئەزاننىڭ تېكستى. ئەمما بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتى ( يەنى ( ناماز ئارقىلىق نىجات تېپىشقا ئالدىراڭلار﴾ ِحَيَّ عَلىَ الْفَلاَح﴿ ئۈچۈن يەنى (ئاللاھ ھەممىدىن﴾ُاَهللُ أَكْبَر﴿ دېگەن جۈملىدىن كېيىن ۋە ئاخىرقى ﴾ِاَلصَّلاَةُ خَيْرٌ مِنَ النَّوْمِ، اَلصَّلاَةُ خَيْرٌ مِنَ النَّوْم﴿ چوڭدۇر) دېگەن جۇملىدىن ئاۋۋلا يەنى (ناماز ئۇيقۇدىن ياخشى) دېگەن جۈملىلەر ئوقۇلىدۇ.

ئەزان ئوقۇشنىڭ شەرتلىرى

بۆلۈم: “ئەزان ئوقۇشنىڭ شەرتلىرى”

ئەزاننىڭ شەرتلىرى تۆۋەندىكىچە: .) ناماز ۋاقتىنىڭ كىرىشى1( .) ئەزاننىڭ ئەرەب تىلىدا ئوقۇلۇشى2( .) ئەزاننىڭ ئۈنلۈنك ئوقۇلۇشى3( .) ئەزان تېكىستلىرىنىڭ ھەممىسى بىر مۇئەززىن تەرىپىدىن ئوقۇلۇشى4( .) مۇئەززىننىڭ مۇسۇلمان، ئەر، ئاقىل، بالىغ بولۇشى5( ( ئەزاندا ئوقۇلىدىغان تېكىستلەرنىڭ تەرتىپلىرىگە رىئايە قىلىش ۋە6( ئارقا – ئارقىدىن ئوقۇش.

ئەزان ئوقۇلۇۋاتقاندا نېمە قىلىش كېرەك؟

بۆلۈم: “ئەزان ئوقۇلۇۋاتقاندا نېمە قىلىش كېرەك؟”

ئەزاننى ئاڭلىغان كىشىنىڭ مۇئەززىننىڭ ئېيتقانلىرىنى قايتىلىشى يەنى مۇئەززىن ئېيتىقان ئەزان تېكستىنىڭ ھەممىسىنى مۇئەززىن ئوقۇغانغا ئوخشاش دېگەندە»ِحَيَّ عَلىَ الصَّلاَةِ، حَيَّ عَلىَ الْفَلاَح« شەكىلدە قايتى لاپ ئوقۇشى، پەقەت، ،) يەنى (ئاللاھنىڭ ياردىمىسىز ھېچ ئىش قىلالمايمىز»ِالَحَوْلَ وَالَقُوَّةَ اِالَّ بِهلل« دەپ ئىككى قېتىم قايتىلىشى مۇستەھەپتۇر.

ئەزاندىن كېيىن قايسى دۇئا ئوقۇلىدۇ؟

بۆلۈم: “ئەزاندىن كېيىن قايسى دۇئا ئوقۇلىدۇ؟”

ًاَللَّهُمَّ رَبَّ هٰذِهِ الدَّعْوَةِ التَّامَّةِ وَالصَّلاةِ الْقائِمَةِ آتِ مَُمَّداً الْوَسِيْلَةَ وَالْفَضِيْلَةَ، وَابْعَثْهُ مَقَاماً مَْمُودا« يەنى «ئى مۇشۇ ئۇلۇغ چاقىرىقنىڭ ۋە ئوقۇلىدىغان نامازنىڭ » ُالَّذِي وَعَدْتَه ئىگىسى ئاللاھ! پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا شاپائەت قىلىش پەزلىنى بەرگىن ۋە ئۇنى سەن ۋەدە قىلغان ئالىي ماقامغا .(((»ئېرىشتۈرگىن

تەكبىر ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى

بۆلۈم: “تەكبىر ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى”

ئەزاندىن كېيىن، پەرز نامازلارنى ئوقۇش ئالدىدا، نامازنىڭ _ تەكبىر باشلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ھالدا ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش دېگەنلىكتۇر.

تەكبىر ئېيتىشنىڭ ھۆكمى

بۆلۈم: “تەكبىر ئېيتىشنىڭ ھۆكمى”

تەكبىرنىڭ ھۆكمى ئەزاننىڭ ھۆكمىگە ئوخشاشتۇر. يەنى پەرز نامازلار ئۈچۈن، مەيلى ئادا بولسۇن، مەيلى قازا بولسۇن، مەيلى يول ئۈستىدە بولسۇن، مەيلى ئۆز يۇرتىدا بولسۇن پۈتۈن ھلا لاردا ئەرلەرنىڭ تەكبىر ئوقۇشى سۈننەتتۇر. تەكبىرنىڭ ئەزانغا ئوخشمايدىغان تەرەپلىرى تۆۋەندىكىچە: .) ئەزان پەرز نامازلارنى جامائەت بىلەن ئادا قىلىش ئۈچۈن ئوقۇلىدۇ1( تەكبىر بولسا، جامائەت بىلەن ئوقۇلسۇن ياكى يالغۇز ئوقۇلسۇن پۈتۈن پەرز نامازلار ئۈچۈن ئوقۇلىدۇ. ( تەكبىر، ئۇنىڭ ھەرپلىرى بىلىنىدىغان رەۋىشتە تېز ئوقۇلىدۇ. تەكبىر2( ئېيتقان كىشى ئىككى سۆزنى بىرلا نەپەس بىلەن بىرلەشتۈرگەن ھالدا، كېيىنكى سۆزنى بىر ئاۋاز بىلەن ئوقۇيدۇ.

) تەكبىرنى، ئەزاننىڭ ئەكسىچە، مۇنارىدا ۋە مۇنارىغا ئوخشاش ئېگىز3( جايدا ياكى مېكروفوندا ئوقۇش شەرت ئەمەس.

تەكبىرنىڭ تېكستى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:

ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەرُاَهللُ أَكْبَرُ اَهللُ أَكْبَر.

ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر ُاَهللُ أَكْبَرُ اَهللُ أَكْبَر.

أَشْهَدُ أَنْ ال إِلهَ إِالَّ هللا ئەشھەدۇ ئەن لا ئىلاھە ئىللەللاھ.

ئەشھەدۇ ئەن لا ئىلاھە ئىللەللاھ أَشْهَدُ أَنْ ال إِلهَ إِالَّ هللا.

ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ ِأَشْهَدُ أَنَّ مُ مَّداً رَسُولُ هللا.

ئەشھەدۇئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ ِأَشْهَدُ أَنَّ مُ مَّداً رَسُولُ هللا.

ھەييە ئەلەسسالاھ ِحَيَّ عَلىَ الصَّالاَة.

ھەييە ئەلەسسالاھ ِحَيَّ عَلىَ الصَّالاَة.

ھەييە ئەلەلفەلاھ ِحَيَّ عَلىَ الْفَالاَح.

ھەييە ئەلەلفەلاھ ِحَيَّ عَلىَ الْفَالاَح.

قەد قامەتىسسالاھ ُقَدْ قاَمَتْ الصَّالاَة، قەد قامەتىسسالاھ ُقَدْ قاَمَتْ الصَّالاَة، ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەرُاَهللُ أَكْبَرُ اَهللُ أَكْبَر.

الئىلاھە ئىللەللاھ ُالَ إِلهَ إِالَّ هللا.

ئەۋرەت جايلارنى يېپىشنىڭ بايانى

بۆلۈم: “ئەۋرەت جايلارنى يېپىشنىڭ بايانى”

ئىنساننىڭ ئېچىلىپ قالسا ئەيىب بولىدىغان ۋە ئۇنىڭغا قاراشتىن _ ئەۋرەت ھايا قىلىنىدىغان ئورگانلىرى دېگەنلىكتۇر. شەرىئەت ئىستىلاھىدا: نامازدا يۆرگەشكە تېگىشلىك بولغان ۋە ئۇنىڭغا قاراش ھارام بولغان ئەزالارنىڭ ھەممىسى ئەۋرەت دېيىلىدۇ. ناماز ئوقۇغاندا، ئەۋرەت ئەزالارنى يۆرگەش نامازنىڭ قوبۇل بولۇشىنىڭ شەرتلىرىدىن بېرىدۇر.

چېگرىسى _ ئەۋرەت ۋە ئۇنىڭ چەك

بۆلۈم: “چېگرىسى _ ئەۋرەت ۋە ئۇنىڭ چەك”

ئىنساننىڭ ئېچىلىپ قالسا ئەيىب بولىدىغان ۋە ئۇنىڭغا قاراشتىن _ ئەۋرەت ھايا قىلىنىدىغان ئورگانلىرى دېگەنلىكتۇر. ناماز ئوقۇغاندا، ئەۋرەت ئەزالارنى يۆگەش نامازنىڭ قوبۇل بولۇشىنىڭ شەرتلىرىدىن بېرىدۇر.

چېگرىسى _ ئەرنىڭ ئەۋرەت جايلىرىنىڭ چەك

بۆلۈم: “چېگرىسى _ ئەرنىڭ ئەۋرەت جايلىرىنىڭ چەك”

ئەرنىڭ ئەۋرەت سانىلىدىغان ئەزاسى كىندىكى بىلەن ئىككى تىزىنىڭ ئارىسىدىكى جايلاردۇر. بۇنىڭدىن باشقا ئەزالىرى ئەۋرەت ئەمەس. ئەرلەرنىڭ مەيلى نامازدا، مەيلى ئادەتتىكى ۋاقىت لاردا ئەۋرەت سانالغان ئەزالىرىنى يېپىپ يۈرىشى پەرزدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەرنىڭ .(((»كىندىكى بىلەن ئىككى تىزىنىڭ ئارىلىقى ئەۋرەتتۇر

چېگرىسى _ ئايالنىڭ ئەۋرەت جايلىرىنىڭ چەك

بۆلۈم: “چېگرىسى _ ئايالنىڭ ئەۋرەت جايلىرىنىڭ چەك”

خىل بولىدۇ: بىرىنچىسى، ئايالنىڭ يات ئەر3 ئايالنىڭ ئەۋرىتى ۋە مۇسۇلمان ئەمەس ئاياللار ئالدىدا ئەۋرەت سانىلىدىغان جايلىرى، ئىككىنچىسى، ئايالنىڭ مەھرەملىرى ئالدىدا ئەۋرەت سانالغان جايلىرى ئۈچىنچىسى، ئايالنىڭ مۇسۇلمان ئايال جىنسلىرى ئالدىدا ئەۋرەت سانالغان جايلىرىدۇر. بۇلارنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:

ئايالنىڭ يات ئەرلەر ۋە مۇسۇلمان ئەمەس ئاياللار ئالدىدا ئەۋرەت سانىلىدىغان جايلىرى

بۆلۈم: “ئايالنىڭ يات ئەرلەر ۋە مۇسۇلمان ئەمەس ئاياللار ئالدىدا ئەۋرەت سانىلىدىغان جايلىرى”

ئايالنىڭ يات ئەرلەر، مۇسۇلمان ئەمەس ئاياللار ۋە مۇسۇلمانلاردىن بولغان دىيانەت ۋە ئەخلاقتىن نېسىۋىسى بولمىغان ئاياللار ئالدىدا يۈزى، ئىككى ئالىقىنى ۋە ئىككى پۇتىدىن باشقا پۈتۈن بەدىنى ئەۋرەتتۇر.

چۈنكى مۇسۇلمان يات ئەرنىڭ، مۇسۇلمان ئەمەس ئەر ياكى ئايالنىڭ مۇسۇلمان ئايالنىڭ ئەۋرەت سانىلىدىغان جايلىرىنى كۆرىشى توغرا ئەمەس.

ھەتتا دىيانەت ۋە ئەخلاقتىن نېسىۋە ئللىمىغان بەزى مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ دىندار ئايالنىڭ ئەۋرەت جايلىرىنى كۆرىشى توغرا ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئەرلەرگە تېخنىكا ئەسىرىدە ئۇنىڭ يات _ سۈپەتلەپ بېرىشى ياكى ھازىرقى پەن ئەرلەر ئۈچۈن ئەۋرەت سانالغان جايلىرىنى رەسىمگە تارتىۋېلىپ، يامان نىيەتلىك ئادەملەرگە تارقىتىش ئېھتىمالى كۆپ. شۇ سەۋەبتىن مۇسۇلمان ئايال ئۆزىنىڭ ئىپپەت، نومۇسىنى قوغداش يۈزىسىدىن مۇنداق ئەخلاقسىز ئاياللارغا ئەۋرەت جايلىرىنى ئاچماسلىقى لازىم.

ئەمما ئايالنىڭ زۆرۈرىيەت يۈزىسىدىن ياكى دوختۇرغا كۆرۈنۈش ئۈچۈن بەزى جايلىرىنى ئېچىشى رۇخسەت قىلىنغان ئىشلار قاتارىدىن سانىلىدۇ.

»چۈنكى ئىسلام قانۇنىدا: «زۆرۈرىيەت مەنئى قىلىنغان ئىشلارغا يول قويىدۇ دەيدىغان پىرىنسىپ بار.

ئايالنىڭ مەھرەملىرى ئالدىدا ئەۋرەت سانالغان جايلىرى

بۆلۈم: “ئايالنىڭ مەھرەملىرى ئالدىدا ئەۋرەت سانالغان جايلىرى”

ئايالنىڭ مەھرەملىرى (نىكاھى باغلانمايدىغان تۇغقانلىرى) ئالدىدا ئەۋرەت سانالغان جايلىرى ئۇنىڭ قورسىقى، دۈمبىسى، ئىككى ئۇياتلىق ئورگىنى، ئىككى تىزى بولۇپ، بۇلاردىن باشقا جايلىرى ئەۋرەت سانلىمايدۇ. ئۇلارغا .(((»بىلەكلىرىنى، پۇتلىرىنى، بويۇنلىرىنى ۋە چېچىنى ئاچسا گۇناھ بولمايدۇ ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئايال ئۆزىنىڭ مەھرەملىرى ئالدىدا نورمالدا ئۆي ئىچىدە ئېچىپ يۈرسە ئەيىبكە بۇيرۇلمايدىغان جايلىرىنى ئېچىپ

ئايالنىڭ دىنداش ئايال جىنسلىرى ئالدىدا ئەۋرەت سانالغان جايلىرى

بۆلۈم: “ئايالنىڭ دىنداش ئايال جىنسلىرى ئالدىدا ئەۋرەت سانالغان جايلىرى”

ئايالنىڭ مۇسۇلمان يات ئاياللار ئالدىدا ئەۋرەت سانالغان جايلىرى ئۆزىنىڭ مەھرەملىرى ئالدىدا ئەۋرەت سانالغان جايلىرىنىڭ ئۆزىدۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىن ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كەلگەن ئىسلامىي ئادەت مۇشۇ بولۇپ، مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ئىش ئورۇنلىرىدا، ئۆي ئىچىدە ۋە مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ئارىسىدا بېشىنى، بويۇنلىرىنى، پۇت ۋە قوللىرىنى، شۇنداقلا ئېچىپ يۈرسە ئادەتتە ئەيىب سانالمايدىغان جايلىرىنى .(((ئوچۇق قويۇپ يۈرىشى جائىزدۇر مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ھەمىشە كەڭ، ئازادە ۋە ئۇزۇن كىيىملەرنى كىيىشى، يۈزى، ئىككى قولى ۋە ئىككى پۇتىغا ئوخشىغان ئادەتتە ئوچۇق تۇرىدىغان ئەزالىرىدىن باشقا جايلىرىنى يېپىپ يۈرۈشى ئىسلامىي گۈزەل ئەخلاقنىڭ جۈملىسىدىن سانىلىدۇ. ئەمما تېخى ئادەت كۆرۈش يېشىغا يەتمىگەن نارىسىدە قىزلارنىڭ نامازدا بولسۇن، ياكى ناماز سىرتىدىكى نورملا ۋاقىت لاردا بولسۇن، بەزى ئەۋرەت ئەزالىرى ئېچىلىپ قالسىمۇ، ئۇلارغا گۇناھ بولمايدۇ ۋە ئوقۇغان نامازلىرىمۇ بۇزۇلمايدۇ.

نامازدا قىبلىگە يۈزلىنىش

بۆلۈم: “نامازدا قىبلىگە يۈزلىنىش”

نامازدا يۈزىنى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدىنى مەسجىدى _ قىبلىگە يۈزلىنىش ھەرەمدىكى كەئبە تەرەپكە قارىتىش دېگەنلىكتۇر.

كەئبىنى كۆرۈپ تۇرىدىغان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا تۇرغان كىشىلەرنىڭ يۈزىنى ۋە كۆكسىنى كەئبىگە قارىتىپ تۇرىشى، كەئبىنىڭ ئۆزىنى كۆرەلمەيدىغان ۋە يىراقلاردىكى كىشىلەرنىڭ كەئبىنىڭ تەرىپىگە يۈزلىنىپ تۇرۇشى نامازنىڭ دۇرۇس بولۇشىنىڭ شەرتلىرىدىن بىرىدۇر.

قىبلىگە قاراشقا ئىمكانىيەت بولمىغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟

بۆلۈم: “قىبلىگە قاراشقا ئىمكانىيەت بولمىغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟”

كېسەللىك، ئۇرۇش مەيدانىدا بولغانلىق، دۈشمەندىن ئېھتىيات قىلغانلىق، قاتناش قوراللىرىنىڭ ئۈستىدە بولغانلىق سەۋەبلەردىن قىبلىگە قاراپ ناماز ئوقۇشقا ئىمكانىيەت بولمىغان شارائىتلاردا، پىيادە بولسۇن ياكى قاتناش قوراللىرىدا بولسۇن، شۇ ۋاقىتتىكى شارائىتقا قاراپ، ئىمكان قەدەر قىبلىگە، ئىمكانىيەت بولمىسا قايسىبىر تەرەپكە قاراپ ناماز ئوقۇسا بولۇۋېرىدۇ.

يۇقىرىقى شارائىتلار سەۋەبىدىن قىبلىگە قاراشقا ئىمكانىيىتى بولمىغان كىشىلەرنىڭ قايسىبىر تەرەپكە بولمىسۇن ئۇنىڭغا قاراپ ناماز ئوقۇشى قىبلىنىڭ ئورنىدا بولۇپ قوبۇل قىلىنىدۇ.

قىبلىنى تاپلىمىغان چاغدا قانداق قىلىش كېرەك؟

بۆلۈم: “قىبلىنى تاپلىمىغان چاغدا قانداق قىلىش كېرەك؟”

سەپەر ئۈستىدە قاراڭغۇلۇق ياكى ھاۋانىڭ بۇلۇتلۇق بولغانلىقى سەۋەبى بىلەن قىبلە تەرىپىنى بىلەلمىگەن كىشى قىبلىنى سوراپ بىلىشكە ئادەم تاپلىمىغان ياكى كومپاسقا ئوخشاش تەرەپلەرنى كۆرسەتكۈچ سايمانلىرىمۇ بولمىغان شارائىتتا، قىبلىنى تېپىش ئۈچۈن ئىزدىنىپ ئۆز قانائىتىگە كۆرە قىبلە تەرەپنى بەلگىلەپ ناماز ئوقۇيدۇ. ئۇنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى نامىزى دۇرۇس بولىدۇ. ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ«قىبلە» دەپ ئۇنىڭغا قاراپ ناماز ئوقۇغان تەرىپى قىبلە ئەمەسلىكى ئېنىقلانغان ھالدىمۇ، ئۇنىڭ ئوقۇغان نامىزى دۇرۇستۇر. ئۇنى قايتا ئوقۇمايدۇ.

ئەمما ئۇ كىشى، ئۆز قانائىتىگە كۆرە قىبلە دەپ بەلگىلەپ ئۇنىڭغا قاراپ ناماز ئوقۇۋاتقان ئەسنادا، قاراپ ناماز ئوقۇۋاتقان بۇ تەرەپنىڭ قىبلە ئەمەسلىكى ئېنىقلىنىپ، ھەقىقىي قىبلە ئۇ كىشىگە ئايان بولغان شارائىتتا، ئۇ، نامىزىنى بۇزماستىن، نامازدا تۇرۇپ، «قىبلە» دەپ بىلىنگەن تەرەپكە چۆرۈلىدۇ. ئەگەر قىبلىنى تېپىش ئۈچۈن ئىزدەنمەستىن، قايسىبىر تەرەپنى «قىبلە» دەپ گۇمان قىلىپ ناماز ئوقۇغان بولۇپ، كېيىن ئۇنىڭ قاراپ ناماز ئوقۇغان تەرىپىنىڭ قىبلە ئەمەسلىكى بىلنسە، ئۇنىڭ نامىزى باتىلدۇ.

قايتا ئادا قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

قىبلىگە يۈزلىنىشنىڭ ئەدەپلىرى

بۆلۈم: “قىبلىگە يۈزلىنىشنىڭ ئەدەپلىرى”

ناماز ئوقۇغاندا، كۆكسىنى ۋە يۈزىنى قىبلە تەرەپكە قاراتقان كىشى، ئەلۋەتتە قەلبىنىمۇ، دۇنياۋىي غەرەزلەردىن، نەپسىي ھەۋەسلەردىن ئازات قىلغان ھالدا، ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىغا يۈزلەندۈرۈشى ۋە ئەقلىنى، پىكرىنى شۇنداقلا پۈتۈن ۋۇجۇدىنى ئۆزى مۇناجات قىلماقچى بولغان ئىگىسى ئاللاھ تائالاغا بېغىشلىشى قىبلىگە يۈزلىنىشنىڭ ئەدەپلىرىدىندۇر.

نامازدا قىبلىگە يۈزلىنىشنىڭ سىرى

بۆلۈم: “نامازدا قىبلىگە يۈزلىنىشنىڭ سىرى”

نامازدا قىبلىگە يۈزلىنىشنىڭ سىرلىرىدىن:

  1. پەيغەمبەرلەرنىڭ پېشىۋاسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى بەرپا قىلىش ۋە قەلبلەردە ئۇنىڭ يادىنى داۋام قىلدۇرۇش.

  2. ناماز ئوقۇغان كىشى يۈزىنى كەئبە تەرەپكە قارىتىش بىلەن ئۇنىڭ پۈتۈن ئەزالىرى كەئبە تەرەپكە يۈزلىنىپ تۇرىدۇ. نەتىجىدە، قەلب ئاللاھ تائالادىن ئەيمەنگەن ھالدا تۇرۇپ، نامازنىڭ ئاللاھ دەرگاھىدا قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن ئۆز رولىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى يۈز بىلەن بەدەن مۇئەييەن بىر تەرەپكە يۈزلەنمەستىن، ئۆز ھالىغا قويۇپ بېرىلىدىغان بولسا، ئىنساننىڭ بارچە ئورگانلىرى خالىغانچە ھەرىكەت قىلىشى، جۈملىدىن كۆز ھەر تەرەپكە قارىشى بىلەن قەلبمۇ شۇلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ كېتىپ، نامازنىڭ دۇرۇس يوسۇندا ئادا قىلىنىشىغا ئەلۋەتتە سەلبىي تەسىر بېرىدۇ. شۇڭا قىبلىگە يۈزلىنىش پەرز قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن.

  3. نامازدا قىبلىگە يۈزلىنىش بىلەن ئىنساننىڭ قەلبى ئارام تاپىدۇ ۋە پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزئارا قېرىنداش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. چۈنكى يەر شارىدىكى پۈتۈن مۇسۇلمانلار نامازدا شۇ كەئبە تەرەپكە يۈزلىنىدۇ. بۇ ھەر قانداق مۇسۇلمان كىشىگە ئۆزىنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى ۋە بۇ ئىبادەتتە پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى بىلەن ئورتاق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

  4. قىبلىگە قاراش ئارقىلىق دىلنى، ئەقىلنى ۋە پۈتۈن ئەزالارنى ئاللاھقا قۇلچىلىق ئادا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغۋار مەقسەتكە قارىتىش بىلەن ئىبادەتنىڭ جەۋھىرى بولغان ئىخلاسنى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.

  5. قىبلىگە يۈزلىنىش مۇسۇلمانلارنى گەرچە ئۇلار مۇساپە جەھەتتىن بىر بىرىدىن يىراقتا بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ دىلى ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشتىن _ ئىبارەت ئورتاق مەقسەتتە بىر ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىدۇ.

ئاللاھ رازىلىقى _ قەلبتىكى مەقسەت دېگەنلىكتۇر؛ نامازنىڭ نىيىتى _ نىيەت ئۈچۈن ناماز ئوقۇشنى كۆڭۈلگە پۈتۈش دېگەنلىكتۇر. نىيەتنىڭ ئورنى قەلب بولغاچقا، ناماز ئوقۇماقچى بولغان كىشىنىڭ قايسى نامازنى ئوقۇماقچى بولغانلىقىنى كۆڭلىگە پۈتۈشى شەرتتۇر. نىيەتنى تىل بىلەن سۆزلەش شەرت ئەمەس. ناماز ۋە باشقا ئىبادەتلەرنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن نىيەتنىڭ شەرت ئىكەنلىكى ھەققىدە كەلگەن ئايەتلەر ناھايىتى كۆپتۇر. ئۇلاردىن ئاللاھ وَمَا أُمِرُوا إِلَّ لِيَعْبُدُوا اللََّ مُْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ حُنَفَاءَ وَيُقِيمُوا الصَّلاَ ةَ وَيُؤْتُوا﴿ :تائالانىڭ مۇنۇ سۆزى يەنى (ئۇلار دىننى ئاللاھقا خاس قىلغان، ھەق دىنغا﴾ِالزَّكَاةَ وَذَلِكَ دِينُ الْقَيِّمَة ئېتىقاد قىلغان ھالدا پەقەت ئاللاھقىلا قۇلچىلىق قىلىشقا، نامازنى مۇكەممەل .((()ئادا قىلىشقا، زاكاتنى بېرىشكە بۇيرۇلغان ئىدى. ئەنە شۇ توغرا دىندۇر قەلبتە شۇنىلا _ ئىبادەتنى ئاللاھقىلا خالىس قىلىشتىن ئىبارەت بولغان ئىخلاس نىيەت قىلىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەمەللەرنىڭ دۇرۇس بولۇشى ئۈچۈن نىيەتنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

يەنى «ئەمەللەر پەقەت نىيەتلەرگە»إِنَّا األعْمَالُ ابلنِّيات، وإِنََّا لِكُلِّ امْرِىءٍ ما نَوَى« .(((»باغلىقتۇر. ھەركىم ئۆزىنىڭ نىيەت قىلغان نەرسىسىگە ئېرىشىدۇ ئىمام بۇخارى بۇ ھەدىسنى ئوچۇقلاپ، بۇ ھەدىس ئىمان، ناماز، زاكات، روزا، ھەج ۋە باشقا ھەرقانداق بىر ئىبادەتنىڭ ئاللاھ تائالا دەرگاھىدا قوبۇل بولۇش پىرىنسىپىنى ئوچۇقلىغان ئالاھىدە ھەدىستۇر، دەيدۇ.

ئىبادەتلەرنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن شەرتتۇر _ نىيەت ھەر قانداق ئەمەل.

ئىبادەتلەردە نىيەتنىڭ شەرتلىكى تا قىيامەتكىچە كۈچكە ئىگىدۇر. چۈنكى نىيەتنىڭ ئورنى قەلبتۇر. ئۇنى ئورۇنداش ھېچكىمگە قىيىن كەلمەيدۇ. شۇڭا نىيەت ئىشىدا ئۆزۈر قوبۇل قىلىنمايدۇ.


مەنبەلەر ۋە ئىزاھاتلار

بۆلۈم: “مەنبەلەر ۋە ئىزاھاتلار”
Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.