Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

نامازنىڭ ئورنى، شەرتلىرى ۋە پاكلىنىشقا بولىدىغان سۇ

This content is not yet available in your language.

نامازنىڭ ئىسلام دىنىدىكى ئورنى

بۆلۈم: “نامازنىڭ ئىسلام دىنىدىكى ئورنى”

ئىماندىن كېيىنلا مۇسۇلمانلارغا ئەڭ ئاۋۋلا بۇيرۇلغان ئىبادەت نامازدۇر.

ئىسلام دىنىدا نامازنىڭ مەرتىۋسىگە ۋە ئۇلۇغلىقىغا يېتەلەيدىغان ئىككىنچى بىر ئىبادەت يوقتۇر.

  1. ناماز ئىسلام ئىبادەتلىرىنىڭ ئەڭ كاتتىسىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (((((»مۇنداق: «دىننىڭ بېشى ئىسلام، ئۇنىڭ ئاساسلىق تۈۋرۈكى نامازدۇر دېگەن.

  2. ناماز قىيامەت كۈنى ئەڭ ئاۋۋلا ھېساب ئېلىنىدىغان بىردىنبىر ئىبادەتتۇر ِ«إنَّ أوَّلَ ماَ أُفْترُِضَ عَلىَ النّاَس :پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ

يەنى «ئىنسانلارغا دىندا »ُمِنْ دِيْنِهِمْ الصَّلاَةُ وَأَخِرُ ماَ يَبْقي الصَّلاَةُ وَأَوَّلُ ماَ يُ اَسَبُ بِهِ الصَّلاَة ئەڭ ئاۋۋلا پەرز قىلىنغان ئىبادەت نامازدۇر. ئەڭ ئاخىرغىچە داۋاملىشىدىغان ئىبادەتمۇ نامازدۇر. قىيامەت كۈنى ئەڭ ئاۋۋلا ھېساب ئېلىنىدىغان ئەمەلمۇ .(((»نامازدۇر

  1. ناماز — دىن يوقالمايلا تۇرىدىكەن قەتئى يوقالمايدىغان ئىبادەتتۇر

  2. ناماز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاخىرقى ۋەسىيىتىدۇر. ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپات بولۇش »!ئالدىدا، سەكراتتا : «نامازنى تەرك ئەتمەڭلار! نامازنى تەرك ئەتمەڭلار دەپ ۋەسىيەت قىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

  1. پاكىزلىق

  2. تاھارەت (غۇسلى بىلەن تەيەممۇمنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)

  3. ناماز ۋاقتىنىڭ كىرشى

  4. ئەۋرەت جايلارنى يۆگەش

  5. قىبلىگە يۈزلىنىش

  6. نىيەت

پاكىزلىقتىن مەقسەت بەدەننىڭ، كىيىمنىڭ ۋە ناماز ئوقۇيدىغان جاينىڭ بارلىق پاسكىنىلىقلاردىن پاك بولۇشى دېگەنلىكتۇر.

ئىسلام دىنىنىڭ پاكىزلىققا ئەھمىيەت بېرىپ، مۇسۇلمانلارنى تازىلىققا ۋە پاكىزلىققا بۇيرۇشىدا، ئىنساننىڭ تەن ساقلىقىغا ۋە روھىغا ئىنتايىن پايدىلىق بولغان نۇرغۇنلىغان ئالىي مەقسەتلەر غايە قىلىنغان. قىسقىسى، بەدەننى سۇ تببىي مۇتىخەسسىسلەرنىڭ_ بىلەن يۇيۇپ ئۇنىڭدىكى كىرلارنى يوقىتىشتا بەدەننىڭ يېپىلىپ قالغان تۆشۈكچىلىرى ئېچىلىپ_ ئىسپاتلىغىنىدەك ئىنساننىڭ ئىچكى قىسمىدىن مىكروبلار ۋە زىيانلىق تەرلەرنىڭ چىقىپ كېتىشىگە، نەپەس ئېلىشىنىڭ ئوڭايلىشىشىغا، بەدەننىڭ راھەتلىنىشگە ئالاھىدە پايدىلىق بولغان ئىجابىي نەتىجىلەر بار. سۇ بىلەن پاكلىنىش بەدەندىكى يېقىمسىز ھىدلارنى يوقىتىدۇ. پائالىيەتچانلىقنى ئاشۇرىدۇ.

ئىبادەت ۋە دۇنيالىق ئىشلار ئۈچۈن ئىنساننىڭ ھىممىتىنى، جوشقۇنلىقىنى ئاشۇرىدۇ. شۇڭا ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنى پاكىزلىققا بۇيرۇپ، ئۇلارغا تازىلىقنى، پاكىزلىقنى پەرز قىلدى ۋە كۆپلىگەن ئىبادەتلەر ئۈچۈن پاكىزلىقنى شەرت قىلدى. چۈنكى ئىبادەتلەر ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ تائالا ئالدىدا ئادا قىلىدىغان بەندىچىلىك بۇرچى ھەم كەمتەرلىكنىڭ ۋە ئىتائەتمەنلىكنىڭ ئۇنۋانىدۇر.

بۇنداق بولغان ئىكەن، ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە يېگانە ئىگىسى بولغان ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىغا ئىبادەت بىلەن مۇراجىئەت قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ ئىبادەتنى ئەڭ كامىل دەرىجىدە ئادا قىلىپ، بەندىچىلىك بۇرچىنى تولۇق ئادا قىلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەڭ پاكىز ھالەتكە كېلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

پاكلىنىشقا بولىدىغان سۇ

بۆلۈم: “پاكلىنىشقا بولىدىغان سۇ”

پاكلىغۇچى ماددىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى سۇ ئىكەنلىكىدە شەك يوق. ھەر قانداق كىر سۇ بىلەن پاكلىنىدۇ. سۇ پەقەت ئەسلىدىكى ئۆز تەبىئىتىنى يوقىتىپ قويۇشى بىلەن لا پاكىزلىقىنى يوقاتقان بولىدۇ. سۇنىڭ پاكلىغۇچى ماددا بولغانلىقىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ بىزلەرگە ئاتا قىلغان كاتتا نېمەتلىرىدىن بىرىدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى يەنى (بۇلۇتتىن﴾﴿وَأَنزَلْنَا مِنَ السَّمَاء مَاء طَهُورًا :بايان قىلغان سۆزىدە مۇنداق دەيدۇ .((()پاك سۇنى چۈشۈرۈپ بەردۇق تاھارەت ئېلىش ياكى غۇسلى قىلىش ئارقىلىق پاكلىنىشقا ۋە كىيىملەرنى يۇيۇپ پاكلاشقا، شۇنداقلا ئىچىشكە بولىدىغان سۇلار تۆۋەندىكى 8 خىل سۇدۇر:

  1. يامغۇر سۈيى

  2. دېڭىز، دەريا، ئېرىق، ئۆستەڭ سۇلىرى

  3. قۇدۇق سۈيى

  4. بۇلاق سۈيى

  5. قار ۋە مۇزدىن ئېرىگەن سۇ

  6. كۆل سۈيى

  7. تۇرۇبىدىن كەلگەن سۇ

  8. زەمزەم سۈيى

يۇقىرىقى 8 خىل سۇنىڭ رەڭگى ياكى تەمى ياكى ھىدى ئۆزگەرمىگەن بولۇش شەرتى بىلەن، بۇ سۇلارنى پۈتۈن پاكلىنىش ئىشلىرى ئۈچۈن قوللىنىشقا بولىدۇ. ئەگەر سۇنىڭ تەمى ياكى رەڭگى ياكى ھىدى ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى تەبىئىتىدىن ئۆزگىرىپ كەتكەن بولسا، بۇ ۋاقىتتا ئۇنى قوللىنىشقا بولمايدۇ.


مەنبەلەر ۋە ئىزاھاتلار

بۆلۈم: “مەنبەلەر ۋە ئىزاھاتلار”
Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.