Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

تاھارەتنىڭ بايانى ۋە مەسھى قىلىش مەسىلىلىرى

This content is not yet available in your language.

تاھارەت ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ.

  1. ناماز ئوقۇش، تىلاۋەتنىڭ سەجدىسىنى قىلىش ۋە قۇرئاننى تۇتۇش ئۈچۈن تاھارەت ئېلىش پەرزدۇر.

  2. كەئبىنى تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن تاھارەت ئېلىش ۋاجىپتۇر

  3. تاھارەت بىلەن يېتىش ئۈچۈن، غەيۋت، يالغان سۆز ۋە بارلىق خاتالىقلاردىن مېيىتنى يۇغان ۋە كۆتۈرگەندىن كېيىن تاھارەت ئېلىش مۇستەھەبتۇر.

تاھارەتنىڭ پەرزلىرى

بۆلۈم: “تاھارەتنىڭ پەرزلىرى”

تاھارەتنىڭ پەرزلىرى تۆت بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىلەر:

  1. يۈزنىڭ چاچ ئۈنگەن يېرىدىن باش لاپ زاڭاقنىڭ ئاستىغىچە ۋە ئىككى قۇلاقنىڭ يۇمشاقلىرىغىچە بولغان جايلىرىنى يۇيۇش.

  2. ئىككى قولنى جەينەكلىرى بىلەن قوشۇپ يۇيۇش

  3. ئىككى پۇتىنى ئوشۇقلىرى بىلەن قوشۇپ يۇيۇش

  4. باشنىڭ تۆتتىن بىرىگە مەسھى قىلىش (ھۆل قول بىلەن سىلاش) َ﴿ايَاَيُّها الَّذِيْن :تاھارەتنىڭ پەرز ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ ﴾ِْآمَنُوا إذاَ قُمْتُمْ إىلَ الصَّالاَةِ فاَغْسِلُوا وُجُوْهَكُمْ وَاَيْدِيَكُمْ إىلَ الْمَراَفِقِ وَامْسَحَواْ بِرُؤُسِكُمْ وَاَرْجُلِكُمْ إىلَ الْكَعْبَي

يەنى (ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر ناماز ئوقۇماقچى بولغىنىڭلاردا يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ناماز ئوقۇش ئۈچۈن تاھارەت ئېلىشنىڭ شەرت يەنى «تاھارەتسىز»ٍ«الَ تُقْبَلُ صَالاَةٌ بِغَيِْ طُهُوْر :ئىكەنلىكى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ .(((»ئوقۇلغان ناماز قوبۇل بولمايدۇ

تەرتىپلىرى _ تاھارەت ئېلىشنىڭ قائىدە

بۆلۈم: “تەرتىپلىرى _ تاھارەت ئېلىشنىڭ قائىدە”
  1. تاھارەت ئېلىشنى نىيەت قىلىپ كۆڭلىمىزگە كەلتۈرىمىز

  2. ئىبرىق ياكى چۆگۈن بىلەن تاھارەت ئالغاندا، ئىمكانىيەت بولسا ئىگىزرەك جايدا قىبلىگە قاراپ ئولتۇرىمىز.

  3. بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىيم» دەيمىز

  4. قولىمىزنى ئۈچ قېتىم پاكىز يۇيىمىز. قوللارنى يوغاندا بارماقلىرىمىزنىڭ ئارىسىنى ئارىلاپ پاكىز يۇيىمىز.

  5. ئوڭ قولىمىز بىلەن ئېغىزىمزغا ئۈچ قېتىم سۇ ئېلىپ چايقايمىز. مىسۋاك بولسا ئۇنىڭ بىلەن، مىسۋاك بولمىسا بارمىقىمىز بىلەن چىشلىرىمىزنى تازىلايمىز.

  6. بۇرنىمىزغا ئۈچ قېتىم ئوڭ قولىمىز بىلەن سۇ ئېلىپ، سول قولىمىز بىلەن تازىلايمىز.

  7. يۈزىمىزنى پىشانىمىزنىڭ چاچ ئۈنۈپ توختىغان يېرىدىن زاڭاقنىڭ ئاستىغىچە ۋە ئوڭ قۇلاقنىڭ يۇمشىقىدىن سول قۇلاقنىڭ يۇمشىقىغىچە ھەممىنى تولۇق ۋە پاكىز ئۈچ قېتىم يۇيىمىز. (ساقىلى بار كىشى ساقىلىنىڭ .)ئارىلىرىنى سۇ بىلەن سىلاپ چىقىدۇ

  8. ئاۋۋلا سول قولىمىز بىلەن ئوڭ قولىمىزنى، كېيىن ئوڭ قولىمىز بىلەن سول قولىمىزنى جەينەكلىرى بىلەن قۇشۇپ يۇيىمىز.

  9. ئوڭ قولىمىزنىڭ ئالىقىنىنى قايتا ھۆل قىلىپ، بېشىمىزنىڭ تۆتتىن بىرىنى باكى ھەممىسىنى سىلايمىز.

  10. ئىككى قولىمىزنىڭ بىگىز ياكى كىچىك بارماقلىرى بىلەن ئىككى قولىقىمىزنىڭ ئىچىنى، باش بارماقلىرى بىلەن ئىككى قولىقىمىزنىڭ تېشىنى، قالغان ئۈچ بارماق بىلەن گەردەننى سىلايمىز.

  11. ئاۋۋلا ئوڭ، ئاندىن سول پۇتىمىزنى ئوشۇقى بىلەن قوشۇپ يۇيىمىز

تاھارەت ئېلىشنى نىيەت قىلىپ كۆڭلىمىزگە كەلتۈرىمىز

بۆلۈم: “تاھارەت ئېلىشنى نىيەت قىلىپ كۆڭلىمىزگە كەلتۈرىمىز”

قولىمىزنى ئۈچ قېتىم پاكىز يۇيىمىز. قوللارنى يۇغاندا بارماقلىرىمىزنىڭ ئارىلىقىنى

بۆلۈم: “قولىمىزنى ئۈچ قېتىم پاكىز يۇيىمىز. قوللارنى يۇغاندا بارماقلىرىمىزنىڭ ئارىلىقىنى”

ئارى ااپ پاكىز يۇيىمىز

بۆلۈم: “ئارى ااپ پاكىز يۇيىمىز”

ئوڭ قولىمىز بىلەن ئېغىزىمىزغا ئۈچ قېتىم سۇ ئېلىپ چايقايمىز. مىسۋاك بولسا

بۆلۈم: “ئوڭ قولىمىز بىلەن ئېغىزىمىزغا ئۈچ قېتىم سۇ ئېلىپ چايقايمىز. مىسۋاك بولسا”

ئۇنىڭ بىلەن، مىسۋلا بولمىسا، بارمىقىمىز بىلەن چىشلىرىمىزنى تازىلايمىز

بۆلۈم: “ئۇنىڭ بىلەن، مىسۋلا بولمىسا، بارمىقىمىز بىلەن چىشلىرىمىزنى تازىلايمىز”

بۇرنىمىزغا ئۈچ قېتىم ئوڭ قولىمىز بىلەن سۇ ئېلىپ، سول قولىمىز بىلەن

بۆلۈم: “بۇرنىمىزغا ئۈچ قېتىم ئوڭ قولىمىز بىلەن سۇ ئېلىپ، سول قولىمىز بىلەن”

ئاۋۋلا سول قولىمىز بىلەن ئوڭ قولىمىزنى، كېيىن ئوڭ قولىمىز بىلەن سول

بۆلۈم: “ئاۋۋلا سول قولىمىز بىلەن ئوڭ قولىمىزنى، كېيىن ئوڭ قولىمىز بىلەن سول”

قولىمىزنى جەينەكلىرى بىلەن قوشۇپ يۇيىمىز

بۆلۈم: “قولىمىزنى جەينەكلىرى بىلەن قوشۇپ يۇيىمىز”

ئىككى قولىمىزنىڭ كۆرسەتكۈچ بارماقلىرى بىلەن ئىككى قولىقىمىزنىڭ

بۆلۈم: “ئىككى قولىمىزنىڭ كۆرسەتكۈچ بارماقلىرى بىلەن ئىككى قولىقىمىزنىڭ”

ئىچىنى، باش بارماقلىرىنى بىلەن ئىككى قولىقىمىزنىڭ تېشىنى،

بۆلۈم: “ئىچىنى، باش بارماقلىرىنى بىلەن ئىككى قولىقىمىزنىڭ تېشىنى،”

يۈزىمىزنى پىشانىمىزنىڭ چاچ ئۈنۈپ توختىغان يېرىدىن زاڭاقنىڭ ئاستىغىچە

بۆلۈم: “يۈزىمىزنى پىشانىمىزنىڭ چاچ ئۈنۈپ توختىغان يېرىدىن زاڭاقنىڭ ئاستىغىچە”

ۋە ئوڭ قۇلاقنىڭ يۇمشىقىدىن سول قۇلاقنىڭ يۇمشىقىغىچە ھەممىنى تولۇق ۋە

بۆلۈم: “ۋە ئوڭ قۇلاقنىڭ يۇمشىقىدىن سول قۇلاقنىڭ يۇمشىقىغىچە ھەممىنى تولۇق ۋە”

پاكىز ئۈچ قېتىم يۇيىمىز. (ساقىلى بار كىشى ساقىلىنىڭ ئارىلىرىنى سۇ بىلەن

بۆلۈم: “پاكىز ئۈچ قېتىم يۇيىمىز. (ساقىلى بار كىشى ساقىلىنىڭ ئارىلىرىنى سۇ بىلەن”

قالغان ئۈچ بارماق بىلەن گەردەننى سىلايمىز

بۆلۈم: “قالغان ئۈچ بارماق بىلەن گەردەننى سىلايمىز”

ئاۋۋلا ئوڭ، ئاندىن سول پۇتىمىزنى ئوشۇقى بىلەن قوشۇپ يۇيىمىز

بۆلۈم: “ئاۋۋلا ئوڭ، ئاندىن سول پۇتىمىزنى ئوشۇقى بىلەن قوشۇپ يۇيىمىز”

يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن بويىچە تاھارەت ئالغان كىشى تاھارەتنىڭ پەرزلىرى، سۈننەتلىرى، ئەدەبلىرى ۋە پۈتۈن قائىدە – تەرتىپلىرىنى تولۇق ئورۇندىغان بولىدۇ.

مىسۋاك ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى

بۆلۈم: “مىسۋاك ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى”

«سالۋادورا پېرسكا» دەپ ئاتىلىدىغان «ئىراك» دەرىخىنىڭ _ مىسۋاك ياش نوتىسدىن كېسىپ ئېلىنىدىغان ھۆل ياغاچنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ياغاچتىن سانتىمېتىر ئۇچالپ2 ياكى1بىر غېرىچ مىقدارىدا كېسىپ، ئۇنىڭ ئۇچىنى سۇغا چى لاپ يۇمشىتىش ئارقىلىق قوللىنىلىدۇ. مىسۋاك سۇدا يۇمشىغاندىن كېيىن خۇددى چىش چوتكىسىدەك چوتكىلىق ھالغا كېلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەۋسىيە قىلغان مىسۋاك دەل بۇ دەرەخنىڭ ئۆزىدۇر. بۇ دەرەخ شەرقىي ئافرىقىدىن ھىندىستانغىچە بولغان مەملىكەتلەردە يېتىشىدۇ.

«تولۇق ۋە توغرا سۆزلەشنىڭ بىردىنبىر ۋاسىتىسى بولغان چىشلارنى ئاسراش ئىنسان ئۈچۈن بەكمۇ ئەھمىيەتلىكتۇر. ئېغىزدا چىش لار تولۇق بولمىغاندا پسخولوگىيىلىك سەلبىياتلار كۆرىلىدۇ. چىش لارنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى چىش لارنىڭ ئارىلىقىدا تاماقنىڭ قالدۇقلىرىدىن توپلانغان باكتېرىيىلەردۇر.

ئېغىز، چىش ۋە چىشلارنىڭ ئەتراپىدىكى گۆشلەرنى باكتېرىيىلەردىن ساقلاش ئۈچۈن چىش چوتكىسىنى قوللىنىش ئەھمىيەتلىكتۇر. بىراق چىش چوتكىسى بىلەن ئىشلىتىلىدىغان چىش پاستىلىرى (ياگولار) نورمالدىن ئارتۇق تەملىك بولغاچقا، ئۇ، ئېغىز تەمىنى بۇزىدۇ. ئەمما مىسۋاك ئۆزىنىڭ نورملا پۇرىقى ۋە ياخشى تەمى بىلەن ئالاھىدە خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغاچقا، ئېغىزنىڭ تەمىنى بۇزمايدۇ. شۇڭا چىش چوتكىسىدىن مىسۋاكنىڭ ئەھمىيىتى كۆپتۇر.

بۇنىڭ تېخىمۇ چوڭ ئالاھىدىلىكى، مىسۋاكنى ئادەتتىكى چىش چوتكىسىغا سېلىشتۇرغاندا، مىسۋاكنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئارتۇقچىلىقلىرىنى كۆرىمىز:

  1. مىسۋاك دېيىلگەن بۇ ياغاچنىڭ تەركىبىدە باكتېرىيىلەرنى ئۆزلىكىدىن ئۆلتۈرىدىغان ماددىلار بار.

  2. بۇ ياغاچنىڭ ھىدى تۈكۈرۈكنى كۆپەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغىنى ئۈچۈن ئېغىزنىڭ ھۆللىكىنى ساقلاپ قالىدۇ. نەتىجىدە ئېغىز قۇرۇپ قالمىغاچقا پۇرىمايدۇ.

  3. بۇ ياغاچ ئادەتتىكى چىش چوتكىسىدىن يۇمشاق ۋە نورملا تەملىك بولغىنىنىڭ ئۈستىگە، ئېغىزنىڭ تەمىنى بوزىدىغان ياكى قۇرىتىدىغان ماد .»دىلاردىن خالىيدۇر

  4. بۇ ياغاچتا چىشنى ئاقارتىدىغان ماددىلار بولغانلىقتىن، چىشنى ئاقار تىدۇ ۋە سارغىيىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

تاھارەتتە شەكلىنىپ قېلىش

بۆلۈم: “تاھارەتتە شەكلىنىپ قېلىش”

تاھارەتنىڭ بار ياكى يوقلىقىدىن شەكلىنىپ قالغان كىشى قايتا تاھارەت يۇمىغانلىقىدىن _ ئالىدۇ. تاھارەتتە يۇيۇلىدىغان ئەزالارنىڭ بەزىسىنى يۇيۇپ شەكلەنگەن كىشى، ئەگەر بۇ تۇنجى قېتىملىق ھادىسە بولسا، شەكلەنگەن ئەزالارنى قايتا يۇيىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ ھەمىشە مۇشۇنداق شەكلىنىدىغان ئادىتى بولسا، بۇ شەك ئىتىبارغا ئېلىنمايدۇ. تاھارىتى دۇرۇستۇر.

بىراۋ تاھارەت ئالغىنى ئېسىدە بار، ئەمما ئۇنىڭ بۇزۇلغان ياكى بۇزۇلمىغانلىقىدىن شەكلەنسە تاھارەت بار ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر تاھارەتنىڭ بۇزۇلغانلىقى ئېسىدە بار، ئەمما ئۇنىڭدىن كېيىن تاھارەت ئالغان ياكى ئالمىغانلىقىدا شەكلىنىپ قالسا، ئۇنىڭ تاھارىتى يوق ھېسابلىنىدۇ.

تاھارەتنى بۇزىدىغان ئامىللار

بۆلۈم: “تاھارەتنى بۇزىدىغان ئامىللار”

تاھارەت تۆۋەندىكىلەرنىڭ بىرەرسى بىلەن بوزۇلىدۇ:

  1. ئىنساننىڭ ئالدى ۋە كەينىدىن ئىبارەت ئىككى ئورگىنىدىن سۈيدۈك چوڭ تەرەت، يەل، سپېرما، ۋەدى، مەزى قاتارلىقىلارنىڭ چىقىشى.

  2. بەدەننىڭ قايسىبىر يېرىدىن قان، يىرىڭ ۋە سېرىق سۇنىڭ ئېقىشى

  3. ئېغىز توشقىچە قۇسۇش

  4. ئېغىزدىن قان چىقىشى (ئەمما تۈكۈرۈكتىن ئاز بولسا ياكى تۈكۈرۈكنىڭ) .)رەڭگى قىزارمىسا زىيىنى يوق

  5. ھوشىدىن كېتىش

  6. مەست بولۇش

  7. جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش، ھەتتا ئەر – ئاياللارنىڭ جىنسىي ئورگانلىرىنىڭ ئارىدا توساق بولماستىن بىر – بىرىگە تېگىشى بىلەنمۇ تاھارەت بۇزۇلىدۇ.

  8. ئۇخلاش. (ئەمما نامازدا ئۆرە تۇرغاندا ئېگىلمەستىن، ئولتۇرغاندا بىر - .يەرگە يۆلەنمەستىن مۈگدەش تاھارەتنى بۇزمايدۇ

  9. نامازدا قاھقاھ لاپ كۈلۈش. چۈنكى نامازدا تۇرۇپ قاھقاھ لاپ كۈلۈش .(((نامازنى بۇزۇپ لا قالماستىن، تاھارەتنىمۇ بۇزىدۇ

ئاياغقا ياكى پايپاققا مەسھى قىلىش مەسىلىسى

بۆلۈم: “ئاياغقا ياكى پايپاققا مەسھى قىلىش مەسىلىسى”

تاھارەت ئالغاندا پۇتلارنى_ ئاياغقا ياكى پايپاققا مەسھى قىلىش يۇيۇشنىڭ ئورنىغا تاھارەت بىلەن كىيىلگەن ئاياغ كىيىملەردىن ئۆتۈك، پىما، مەسە، تۇپلى، ئوشۇقنى يېپىپ تۇرىدىغان بېتىنكە، قېلىنراق پايپاق قاتارلىقلارنىڭ ئۈستىنى ھۆللەنگەن قول بىلەن سىلاش دېگەنلىكتۇر.

ئاياغقا ياكى پايپاققا مەسھى قىلىشنىڭ شەرتى تۆۋەندىكىچە:

.) ئاياغنىڭ ئوشۇقنى يېپىپ تۇرىدىغان، پايپاقنىڭ قېلىنراق بولۇشى1( ( ئاياغ ياكى پايپاق تاھارەت ئېلىپ بولغاندىن كېيىن كېيىلگەن2( بولۇشى. .) ئاياغ ياكى پايپاقنىڭ ھەر قانداق بىر پاسكىنىلىقتىن پاكىز بولۇشى3( ( مەسھى قىلغۇچىنىڭ جۇنۇپ بولماسلىقى، يەنى غۇسلى قىلىشى4( پەرز بولۇپ قالغان كىشىنىڭ مەسھى قىلىشى جائىز ئەمەس. غۇسلى قىلىپ ئايىغىنى ياكى پايپىقىنى پاكىزلىق ئۈستىگە كىيگەن بولسا، ئاندىن ئۇنىڭغا مەسھى قىلسا بولىدۇ. .) مەسھىنىڭ مۇددىتىگە رىئايە قىلىش5(

ئاياغقا ياكى پايپاققا مەسھى قىلىشتا، قوللارنى ھۆل قىلىپ، ئوڭ قولنىڭ بارماقلىرى بىلەن ئوڭ پۇتنىڭ، سول قولنىڭ بارماقلىرى بىلەن سول پۇتنىڭ ئۇچلىرىدىن باش لاپ پۇتلارنىڭ ئايرىلىدىغان بېغىشلىرىغىچە بىر قېتىم سىلىنىدۇ.

كۈندۈز، مۇقىم لار _ مەسھىنىڭ مۇددىتى يولۇچى لار ئۈچۈن ئۈچ كېچە ئۈچۈن بىر كېچە – كۈندۈزدۇر. بۇنىڭغا بىنائەن، يولۇچى لار ئاياغ كىيىملىرىنى تاھارەت ئۈستىگە كىيگەندىن كېيىن، شۇ تاھارىتى بۇزۇلغان سائەت)، مۇقىم لار بىر كېچە72( كۈندۈز _ ۋاقىتتىن باش لاپ ئۈچ كېچە سائەت) ئاياغ كىيىملىرىنى ياكى پايپاقلىرىنى يەشمەستىن24( كۈندۈز، ئۈستىگە مەسھى قىلىدۇ.

مەسھىنى بۇزىدىغان ئامىللار

بۆلۈم: “مەسھىنى بۇزىدىغان ئامىللار”

مەسھىنى بۇزىدىغان ئامىللار تۆۋەندىكىچە:

) تاھارەتنى بۇزىدىغان ئامىل لار مەسھىنىمۇ بۇزىدۇ. بۇ ۋاقىتتا تاھارەت1( ئېلىپ، ئاياغ كىيىمىنىڭ ياكى پايپاقنىڭ ئۈستىگە قايتا مەسھى قىلىنىدۇ.

) پۇتلارنىڭ بىرەرسى ياكى ئىككىلىسىنىڭ ئاياغلاردىن ياكى پايپاقالردىن2( چىقىپ كېتىشى ياكى چىقىرىلىشى. .) مەسھى مۇددىتىنىڭ تۈگىشى3( ( ئاياغ ياكى پايپاقلارنىڭ ئىچىدە پۇتلارنىڭ بىرەرسى ياكى ئىككىلىسى4( سۇ ئۆتۈپ كەتكەنلىكتىن ھۆل بولۇپ كېتىشى.

ھلا لاردا پۇت لار تاھارەت ئارقىلىق يۇيۇلغاندىن _ 4 – 3 – 2 يۇقىرىقى كېيىن ئاياغ كىيىمى ياكى پايپاق قايتا كىيىلىدۇ.

تېڭىقنىڭ ئۈستىگە مەسھى قىلىش مەسىلىسى

بۆلۈم: “تېڭىقنىڭ ئۈستىگە مەسھى قىلىش مەسىلىسى”

يارا، سۇنۇق ۋە چىقىقلارنىڭ ئۈستىگە تېڭىلغان تېڭىقلارنى يېشىپ، ئۇنىڭ ئاستىنى يۇيۇش ياكى ھۆل قىلىش زىيانلىق بولغان ھلا لاردا، تېڭىقنىڭ ئۈستىنى ھۆللەنگەن قول بىلەن بىر قېتىم سىلاش يۇيۇشنىڭ بارماق بىلەن بىر قېتىم سىلاش شەرتتۇر3 ئورنىدا تۇرىدۇ. ئاز دېگەندە.

تېڭىقلارنىڭ ئۈستىگە قىلىنغان مەسھىنىڭ مۇددىتى يوقتۇر. يەنى تېڭىلغان ئورگان ساقايغانغا قەدەر باشتا قىلغان بىر قېتىملىق مەسھى يېتەرلىكتۇر. تېڭىقلارغا مەسھى قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ تاھارەتلىك بولغان ھالدا تېڭىلغان بولۇشى شەرت ئەمەس. شۇنداقلا، تېڭىقنى ئالماشتۇرۇش بىلەنمۇ، مەسھىنى يېڭى لاش لازىم كەلمەيدۇ.

ئۆزۈرلۈك كىشىلەر قانداق قىلىشى كېرەك

بۆلۈم: “ئۆزۈرلۈك كىشىلەر قانداق قىلىشى كېرەك”

توختىماستىن بۇرنى قانايدىغان ياكى تەرىتى توختىمايدىغان ياكى كۆزىدىن يا قۇلىقىدىن سېرىق سۇ ئېقىپ تۇرىدىغان كىشىلەر ئۆزۈرلۈك كىشىلەر دېيىلىدۇ. بۇنداق كىشىلەرنى بۇ ئۆزۈرلەر ئىبادەتتىن چەكلىيەلمەيدۇ.

بەلكى بۇ ھالەتلەردىمۇ تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇيااليدۇ. پەقەت ئۇلار، بىر ۋاخ ناماز ئۈچۈن ئالغان تاھارەت بىلەن يەنە بىر ۋاخ نامازنى ئوقۇيلىمايدۇ.

بەلكى ھەربىر ۋاخ ناماز ئۈچۈن ئايرىم تاھارەت ئېلىشى لازىم.


مەنبەلەر ۋە ئىزاھاتلار

بۆلۈم: “مەنبەلەر ۋە ئىزاھاتلار”
Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.