Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

ھېيت نامازلىرى، تەشرىق تەكبىرلىرى ۋە تەراۋىھ نامىزى

This content is not yet available in your language.

ھېيت سۆزىنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى: قايتىش ۋە قايتىلىنىش دېگەنلىك بولۇپ، ئىسلام ئاتالغۇسىدا– ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە ھەر يىلى خۇشاللىقنى قايتى لاپ بېرىشى دېگەنلىكتۇر.

بىر يىل ئىچىدە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئىككى ھېيت بولۇپ، بىرى روزا ھېيتى، يەنە بىرى قۇربان ھېيتىدۇر. ھەر ئىككى ھېيتتا ئىككى رەكئەت ھېيت نامىزى ئوقۇش ۋاجىپتۇر.

ھېيت نامازلىرى كىملەرگە ۋاجىپ بولىدۇ؟

بۆلۈم: “ھېيت نامازلىرى كىملەرگە ۋاجىپ بولىدۇ؟”

ئىككى ھېيت نامازلىرى جۈمە نامىزى پەرز بولغان كىشىلەرگە ۋاجىپتۇر، خۇددى_ ،يەنى ئىككى ھېيت نامازلىرىنى ئوقۇشقا بۇيرۇلۇشنىڭ شەرتلىرى ئەر بولۇش، ئەركىن بولۇش، مۇقىم بولۇش، ئەما_ جۈمە نامىزىغا ئوخشاش بولماسلىق، مېيىپ بولماسلىق، كېسەل بولماسلىق، دۈشمەن ۋەھىمىسىدىن ئەمىن بولۇش قاتارلىقلاردۇر.

ھېيت نامازلىرىنىڭ دۇرۇس بولۇشىنىڭ شەرتلىرى

بۆلۈم: “ھېيت نامازلىرىنىڭ دۇرۇس بولۇشىنىڭ شەرتلىرى”

ھېيت نامازلىرىنىڭ ۋاجىپ بولۇشى ۋە دۇرۇس ئادا تېپىشىنىڭ شەرتلىرى جۈمە نامىزىنىڭ پەرز بولۇشىنىڭ ۋە ئادا تېپىشىنىڭ شەرتلىرىنىڭ ئۆزىدۇ، يەنى ئىسلام دۆلىتىنىڭ دۆلەت باشلىقى تەرىپىدىن ھېيت نامىزىنى ئوقۇشقا رۇخسەت قىلىنىشى، ھېيت نامىزى ئوقۇيدىغان جاينىڭ چوڭ جامى بولۇشى، ئىمامدىن باشقا ئۈچ نەپەر جامائەتنىڭ ھازىر بولۇشى، ھېيت ناماز ئوقۇيدىغان جاينىڭ ھەركىمگە ئوچۇق جاي بولۇشى ۋە باشقىلار. بىراق جۈمە نامىزىدا خۇتبە ئوقۇش پەرز، ئىككى ھېيت نامازلىرىدا خۇتبە ئوقۇش سۈننەتتۇر.

ھېيت نامازلىرىنىڭ ۋاقتى

بۆلۈم: “ھېيت نامازلىرىنىڭ ۋاقتى”
  1. ھېيت نامازلىرىنىڭ ۋاقتى كۈن تولۇق چىقىپ بولۇپ تەخمىنەن مىنۇتتىن كېيىن باشلىنىپ، پىشىن ۋاقتى كىرىشتىن ئالدىنقى ۋاقىتلارغىچە داۋام قىلىدۇ. 30 ھېيت نامازلىرى ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى كۈن چىقىپ تەخمىنەت مىنۇتتىن كېيىن ئوقۇلىدۇ. كۈن تولۇق چىقىپ بولۇشتىن بۇرۇن ئوقۇغان ھېيت نامىزى ئادا تاپمايدۇ، بەلكى ئۇ نەپلە نامىزى ھېسابلىنىدۇ. نامازدىن كېيىن خۇتبە ئوقۇلىدۇ. خۇتبىنى ئاڭلاش سۈننەتتۇر. ھېيت نامازلىرى جامى لاردا ياكى چوڭ مەيدان لاردا ئوقۇلىدۇ. كىچىك مەسجىدلەردە ئوقۇش .(((مەكرۇھتۇر روزا ھېيت نامىزىنى ئۆزۈر سەۋەبلىك بىرىنچى كۈنى ئوقۇيلىمىغان كىشى ئىككىنچى كۈنى ئوقۇسا بولىدۇ. ئەگەر ئۆزۈر سەۋەبلىك تەرك ئەتكەن بولسا، بۇ ناماز ئۇنىڭدىن ساقىتتۇر. ئەمما قۇربان ھېيت نامىزىنى بىرىنچى كۈنى ئوقۇيلىمىغان لار ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى كۈنلىرىمۇ ئوقۇسا بولىدۇ.

قۇربان ھېيتنىڭ ئۈچىنچى كۈنىدىن كېيىن، مەيلى ئۆزۈر داۋام قىلسۇن ياكى تۈگىگەن بولسۇن، ھېيت نامىزى ئوقۇلمايدۇ. چۈنكى قۇربان ھېيت نامىزى قۇربانلىق كۈنلىرىدى لا ئوقۇلىدۇ. قۇربانلىق كۈنلىرى قۇربان ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن ئۈچىنچى كۈنى ئەسىر ۋاقتىغىچىدۇر.

ھېيت نامازلىرىدا سۈننەت بولغان ئىشلار

بۆلۈم: “ھېيت نامازلىرىدا سۈننەت بولغان ئىشلار”
  1. روزا ھېيت نامىزىغا بېرىشتىن بۇرۇن بىر نەرسە يېيىش

  2. قۇربان ھېيت نامىزىغا بېرىشتىن بۇرۇن يېمەسلىك

  3. ھەر ئىككى ھېيت نامىزىغا يۇيۇنۇپ، ئېسىل كېيىنىپ بېرىش

  4. ھەر ئىككى ھېيتتا سەدىقىنى كۆپ بېرىش

  5. ھەر ئىككى ھېيت نامىزىغا بېرىشتا، يولدا تەكبىر ئېيتىپ بېرىش _ ئىككى ھېيت نامىزىدىن بۇرۇن مەيلى ئۆيدە، مەيلى مەسجىدتە نەپلە نامىزى ئوقۇش مەكرۇھتۇر. ئەمما ھېيت نامىزىدىن كېيىن ئۆيىگە قايتىپ بېرىپ نەپلە ناماز ئوقۇسا جائىزدۇر.

ھېيت نامازلىرىنىڭ ئوقۇلۇش كەيپىيىتى

بۆلۈم: “ھېيت نامازلىرىنىڭ ئوقۇلۇش كەيپىيىتى”

ئىككى رەكئەتتىن ئىبارەت ھېيت نامازلىرىنىڭ بىرىنچى رەكئىتىدە سانا (سۇبھانەكەللاھۇممە)دىن كېيىن، ئىمام جاراڭلىق ئاۋازدا﴾َّ﴿سُبْحَانَكَ الَّلهُم (ئاللاھۇ ئەكبەر) دەپ تەكبىر ئېيتىدۇ. جامائەتمۇ﴾﴿هللا أكبر ئۈچ قېتىم ئىمامغا ئەگىشىپ ھەربىر تەكبىردە قوللىرىنى قۇلاقلىرىغا كۆتۈرۈپ تەكبىر ئېيتىدۇ ۋە تەكبىردىن كېيىن قوللىرىنى ئىككى يان تەرىپىگە چۈشۈرىدۇ.

پەقەت ئۈچىنچى تەكبىردىن كېيىن قول لار يان تەرەپكە چۈشۈرۈلمەستىن، كىندىكنىڭ ئۈستىگە قويىلىدۇ. ئاندىن ئىمام فاتىھە سۈرىسى يەنە بىر سۈرە ئوقۇپ تەكبىر بىلەن رۇكۇغا ئېگىلگەندە، جامائەتمۇ بىرگە رۇكۇ قىلىدۇ ۋە بىرگە سەجدىلەرنى قىلىپ بولۇپ، ئىككىنچى رەكئەتكە تۇرۇشىدۇ.

ئىككىنچى رەكئەتتە ئىمام قىرائەت(فاتىھە بىلەن يەنە بىر سۈرە)نى ئوقۇپ ( (ئاللاھۇ ئەكبەر﴾بر﴿هللا أكر بولۇپ، رۇكۇغا ئېگىلىشتىن ئاۋۋلا يەنە ئۈچ قېتىم دەپ تەكبىر ئېيتىدۇ. جامائەتمۇ ئىمامغا ئەگىشىپ ئۈچ تەكبىرنى خۇددى ئالدىنقى رەكئەتتىكىدەك ئېيتىدۇ. ھەر قېتىمدا قول لار قۇلاقلارغا كۆتۈرۈلىدۇ، ئاندىن ئىككى يان تەرەپكە چۈشۈرۈلىدۇ. ئاندىن ئىمام يەنە بىر تەكبىر بىلەن رۇكۇغا ئېگىلىدۇ. جامائەتمۇ بىرلىكتە رۇكۇ ۋە سەجدىلەرنى تاماملاپ ئولتۇرىدۇ. ئاندىن «تەھىيات»، «سەللى»، «بارىك» ۋە «رەببەنا»لارنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىمام ئىككى تەرەپكە سالام بېرىدۇ. جامائەتمۇ بىرگە سالام بېرىدۇ ۋە نامازدىن چىقىدۇ. نامازدىن كېيىن ئىمام خۇتبە ئوقۇيدۇ. خۇتبە ئىككى قېتىم ئوقۇلىدۇ. بىرىنچى خۇتبىدىن ئىككىنچى خۇتبىنى بىر ئاز تۆۋەنرەك ئاۋازدا ئوقۇيدۇ.

ھېيت نامازلىرىنىڭ ھەربىر رەكئىتىدە، نامازنىڭ ئەسلى تەكبىرلىرىدىن (ئارتۇق ئېيتىلىدىغان ئالتە تەكبىر «تەكبىرى زەۋائىد» (ئارتۇق تەكبىرلەر دەپ ئاتىلىدۇ. چۈنكى بۇ ئالتە تەكبىر نامازنىڭ تەكبىر تەھرىمى، رۇكۇ ۋە سەجدىلەرگە بېرىش ھەم تۇرۇش تەكبىرلىرىدىن ئىبارەت ئەسلى تەكبىرلىرىدىن ئارتۇق تەكبىرلەردۇر.

ھېيت نامازلىرىدىكى ئارتۇق تەكبىرلەر توغرۇلۇق مەسىلىلەر

بۆلۈم: “ھېيت نامازلىرىدىكى ئارتۇق تەكبىرلەر توغرۇلۇق مەسىلىلەر”
  1. ھېيت نامىزى باشلىنىپ بولغاندىن كېيىن، نامازغا كىرگەن كىشى ئەگەر ئىمام ئارتۇق تەكبىرلەرنى ئېيتىشتىن بۇرۇن ئىقتىدا قىلىۋالغان بولسا، ئىمام بىلەن بىرلىكتە نامازغا داۋام قىلىدۇ.

  2. ئىمام بىرىنچى رەكئەتنىڭ ئارتۇق تەكبىرلىرىنى ئېيتىپ بولۇپ قىرائەتنى باشلىغاندىن كېيىن، نامازغا كىرمەكچى بولغان كىشى، ئەگەر رۇكۇغا ئۈلگۈرەلىشىگە ئىشەنچىسى بولسا، تەكبىر تەھرىمىنى ئېيتىپ بولۇپلا ئارتۇق تەكبىرلەرنى ئېيتىدۇ، ئاندىن ئىمامنىڭ قىرائىتىگە قۇلاق سالىدۇ.

  3. ئىمام بىرىنچى رەكئەتنىڭ رۇكۇسىغا بارغان ۋاقىتتا نامازغا كىرگەن كىشى، ئەگەر رۇكۇغا ئۈلگۈرەلمەسلىكىدىن قورقسا، تەكبىر تەھرىمىنى ئېيتىپ بولۇپ، رۇكۇ قىلىدۇ ۋە ئارتۇق تەكبىرلەرنى رۇكۇدا ئۆز ئالدىغا ئېيتىدۇ. رۇكۇدا تەسبىھلەر بىلەن ئارتۇق تەكبىرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ بولالماسلىقىدىن قورققان كىشى تەسبىھلەرنى ئېيتماستىن، ئارتۇق تەكبىرلەرنى لا ئېيتىدۇ. چۈنكى ئارتۇق تەكبىرلەرنى ئېيتىش ۋاجىپ، تەسبىھلەرنى ئېيتىش سۈننەتتۇر. چۈنكى ۋاجىپنى ئادا قىلىش سۈننەتنى ئورۇنداشتىن زۆرۈردۇر.

  4. ئىمام رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن نامازغا كىرگەن كىشىدىن شۇ رەكئەتنىڭ ئارتۇق تەكبىرلىرى ساقىت بولىدۇ.

  5. ئىمام ئارتۇق تەكبىرلەرنى ئېيتىشنى ئۇنتۇپ قالسا، جامائەت ئېيتىۋېرىدۇ چۈنكى بۇ ئارتۇق تەكبىرلەرنى ئېيتىش نامازنىڭ پائالىيەتلىرىدىن ئەمەس، بەلكى مۇستەقىل ئىبادەتتۇر.

قۇربان ھېيتنىڭ ئەرفە(ھاجى لار ئەرفاتتا بولغان_ تەشرىق تەكبىرلىرى، كۈنى _ 4 ئەتە ھېيت دېگەن) كۈنى بامدات نامىزىدىن باش لاپ ھېيتنىڭ ۋاخ نامازنىڭ پەرزىدىن كېيىن ئوقۇلىدىغان23 ئەسىر نامىزىغىچىلىك جەمى تەكبىرلەردۇر. بۇ تەكبىرلەرنى ئوقۇش ھەر قانداق مۇسۇلمان، ئاقىل، بالىغ ئەرلەر ئۈچۈن ۋاجىپتۇر. تەشرىق تەكبىرلىرىنى ھەر پەرز نامازدىن كېيىن، مەيلى يالغۇز بولسۇن، مەيلى جامائەت بىلەن بولسۇن، مەيلى يولۇچى بولسۇن، مەيلى مۇقىم بولسۇن، ھەر قانداق كىشىنىڭ ئوقۇشى ۋاجىپتۇر.

تەشرىق تەكبىرلىرىنىڭ تېكىستى

بۆلۈم: “تەشرىق تەكبىرلىرىنىڭ تېكىستى”

﴾ُ﴿اَللَُّ أَكْبَرُ، اَللَُّ أَكْبَرُ، لَ إلٰهَ إلَّ اللَُّ، وَاللَُّ أَكْبَرُ، اَللَُّ أَكْبَرُ وَلَِِّ الَْمْد ئوقۇلۇشى:«ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، الئىلاھە ئىللەللاھۇ ۋاللاھۇ »ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر ۋە لىللاھىل ھەمدۇ

رامىزان ئېيىدا ئاخشاملىرى خۇپتەندىن كېيىن ئوقۇلىدىغان _ تەراۋىھ نامىزى

  1. رەكئەتلىك نامازدۇر ئارام ئېلىش، تەنەپپۇس قىلىش دېگەن مەنىدە بولۇپ، ھەر _ تەراۋىھ تۆت رەكئەت نامازدىن كېيىنكى ئارام ئېلىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

رامىزان ئېيىدا بىر ئاي تەراۋىھ نامىزى ئوقۇش تەكىتلىك سۈننەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:«ئاللاھ رامىزان روزىسىنى پەرز قىلدى. مەن مۇسۇلمانلارغا رامىزان كېچىلىرىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈشنى .(((»سۈننەت قىلدىم تەراۋىھ نامىزىنى ئوقۇش ئەر، ئايال ھەر قانداق مۇسۇلمان كىشى ئۈچۈن رەكئەتتىن كېيىن، ئازراق ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىش4 سۈننەتتۇر. ھەربىر مۇستەھەبتۇر. بۇ ئولتۇرۇشتا ئاللاھ تائالاغا تەسبىھ ئېيتىش ياكى قۇرئان ئوقۇش ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ئېيتىش ياخشىدۇر.

تەراۋىھ نامىزىنىڭ ۋاقتى

بۆلۈم: “تەراۋىھ نامىزىنىڭ ۋاقتى”

تەراۋىھ نامىزى رامىزان ئاخشاملىرى خۇپتەن بىلەن ۋىتىر نامىزى ئارىلىقىدا ئوقۇلىدۇ.

تەراۋىھ نامىزىنىڭ رەكئەت سانى

بۆلۈم: “تەراۋىھ نامىزىنىڭ رەكئەت سانى”

رەكئەت ئوقۇغان. ئىككىنچى8 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەراۋىھ نامىزىنى خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ زامانىدىن باش لاپ رەكئەت ئوقۇلۇپ كەلمەكتە. كۆپىنچە ئىسلام مەزھەپلىرى20 تەراۋىھ نامىزى رەكئەت8 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوقۇغىنى بويىچە تەراۋىھ نامىزىنى قىلىپ بېكىتكەن. ئەمما ھەنەفىي مەزھىپىدە تەراۋىھ نامىزى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ زامانىدا ساھابىلەرنىڭ مۇۋاپىقەتچىلىكى بىلەن رەكئەت ئوقۇشنى بەلگىلىگەن.دېمەك، تەراۋىھنىڭ20 بېكىتىلگەن بويىچە رەكئەت20 ،رەكئىتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى بولسا8 ئالدىنقى ئوقۇش يولباشچى ساھابىلەر(خۇلەفائۇر راشىدۇن)نىڭ سۈننىتىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يولباشچى ساھابىلەرنىڭ يولىغا ئەگىشىشنىڭ زۆرۈرلىكى توغرۇلۇق مۇنداق دىگەن:«سىلەر مېنىڭ ۋە يولباشچى ساھابىلىرىمنىڭ .(((»يولىدىن ئايرىلماڭلار

تەراۋىھ نامىزىنىڭ ئوقۇلۇش كەيپىيىتى

بۆلۈم: “تەراۋىھ نامىزىنىڭ ئوقۇلۇش كەيپىيىتى”

تەراۋىھ نامىزى جامائەت بىلەن ئوقۇلغىنىدەك، ئۆز ئالدىغا ئايرىممۇ ئوقۇلىدۇ. تەراۋىھ نامىزىنى ئىككى رەكئەتتە بىر سالام بېرىپ، تۆت رەكئەتتە بىر سالام بېرىپمۇ ئوقۇش مۇمكىن. تەراۋىھ نامىزىنى ئىككى رەكئەتلىكتىن قىلىپ ئوقۇماقچى بولغاندا، ئۇ خۇددى بامدات نامىزىنىڭ سۈننىتىنى ئوقۇغاندەك ئوقۇلىدۇ. تەراۋىھ نامىزىنى تۆت رەكئەتلىكتىن قىلىپ ئوقۇماقچى بولغاندا، ئۇ خۇددى پىشىن نامىزىنىڭ تۆت رەكئەت سۈننىتىنى ئوقۇغاندەك ئوقۇلىدۇ. بىر ئايلىق تەراۋىھ نامىزىدا قۇرئان كەرىمنى خەتمە قىلىش ئايرىم بىر سۈننەتتۇر. تەراۋىھ نامىزىنى جامائەتنى زېرىكتۈرمەيدىغان يېنىكرەك ئوقۇش ياخشىدۇر. تەراۋىھ نامىزىنى رامىزاندا ئوقۇيلىمىغان كىشىگە ئۇنىڭ قازاسى كەلمەيدۇ. تەراۋىھ نامىزىنى كېچىنىڭ يېرىمىغا قەدەر كېچىكتۈرۈش .(((مۇستەھەپتۇر. ۋىتىر نامىزىنى تەراۋىھ نامىزىدىن بۇرۇن ئوقۇشمۇ جائىزدۇر


مەنبەلەر ۋە ئىزاھاتلار

بۆلۈم: “مەنبەلەر ۋە ئىزاھاتلار”
Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.