تەركىبكە ئۆتۈش

خەتكۈشلەر (ساقلانغان بەتلەر)

ھازىرقى بەت:...

تېخى ھېچقانداق بەت خەتكۈشكە قوشۇلمىدى

تۆۋەندىكى كۇنۇپكىنى ياكى بەتلەردىكى خەتكۈش بەلگىسىنى چېكىپ بۇ يەرگە ساقلىۋالالايسىز.

تەڭشەكلەر

يېزىق
يورۇقلۇق ھالىتى
بەت ئۇسلۇبى
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى
ئەرەبچە خەت نۇسخىسى
خەت چوڭلۇقى

جىنازا نامىزى ۋە دەپنە ئىشلىرى

جىنازا نامىزى، سەكەرات ھالىتى ۋە يۇيۇش-كېپەنلەش (سوئال 478 – 494)

بۆلۈم: “جىنازا نامىزى، سەكەرات ھالىتى ۋە يۇيۇش-كېپەنلەش (سوئال 478 – 494)”
478سوئال:جىنازا نامىزى قانداق ناماز؟#

جاۋاب: جىنازا نامىزى ئۆلگەن مۇسۇلمان كىشىنى دەپنە قىلىشتىن بۇرۇن ئوقۇلىدىغان دۇئا خاراكتېرلىك نامازدۇر.

479سوئال:جىنازا نامىزى ئوقۇشنىڭ ھۆكۈمى نېمە؟#

جاۋاب: مۇسۇلمان مېيىتنىڭ جىنازا نامىزىنى ئوقۇش مېيىتنىڭ ۋارىسلىرى ئۈچۈن مېيىتنىڭ ھەققى ۋە ئومۇمىي مۇسۇلمانلار ئۈچۈن پەرز كىپايىدۇر.

480سوئال:جىنازا نامىزىنىڭ ئىماملىقىغا ھەقلىق كىشىلەر كىملەر؟#

جاۋاب: مېيىتنىڭ جىنازا نامىزىنى شۇ شەھەردىكى چوڭ جامىنىڭ ئىمامى (خاتىبى) ئوقۇيدۇ. ئۇ بولمىغاندا شۇ مەھەللىدىكى مەسجىدنىڭ ئىمامى ئوقۇيدۇ. ئىمام كەلمىسە مېيىتنىڭ ئىگىلىرى، يەنى ئاتىسى ياكى ئوغلى ياكى تاغىلىرىدىن بىرەرسى ئىمام بولۇپ جىنازا نامىزىنى ئوقۇيدۇ.

481سوئال:قانداق كىشىلەرنىڭ نامىزى ئوقۇلمايدۇ؟#

جاۋاب: كاپىرلارنىڭ، مۇناپىقلارنىڭ، جىنايەت ئۈستىدە ئۆلگەن قاراقچىلارنىڭ، ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئادالەتلىك ھاكىمىيىتىگە قارشى چىقىش يولىدا ئۆلگەنلەرنىڭ، ئاتا-ئانىسىدىن بىرەرسىنى ئۆلتۈرگەن قاتىلنىڭ نامىزى ئوقۇلمايدۇ.

482سوئال:جىنازا نامىزى ئوقۇشنىڭ شەرتلىرى قايسىلار؟#

جاۋاب: جىنازا نامىزىنىڭ شەرتلىرى تۆۋەندىكىلەردۇر: (1) مېيىتنىڭ مۇسۇلمان بولىشى. (2) مېيىتنىڭ تىرىك تۇغۇلغان بولىشى (ئۆلۈك تۇغۇلغان ياكى ۋاقتى-كۈنى توشۇشتىن بۇرۇن چۈشۈپ كەتكەن بوۋاقنىڭ نامىزى ئوقۇلمايدۇ). (3) مېيىتنىڭ يۇيۇپ تازىلانغان ۋە كېپەنگە ئېلىنغان بولىشى. (4) مېيىتنىڭ قىبلە تەرەپتە جامائەت ئالدىدا ھازىر قىلىنىشى. (5) مېيىتنىڭ جەسىدىنىڭ تولۇق ھازىر قىلىنىشى ياكى جەسەدنىڭ كۆپرەك قىسمى، ھېچ بولمىغاندا بېشى بىلەن يېرىم بەدىنى ھازىر قىلىنىشى. (6) مېيىتنىڭ قاتناش قوراللىرى ياكى كىشىلەرنىڭ مۆرىسىدە بولماسلىقى، بەلكى يەرگە قويۇلىشى شەرتتۇر.

483سوئال:جىنازا نامىزىنىڭ پەرزلىرى قايسىلار؟#

جاۋاب: جىنازا نامىزىنىڭ پەرزلىرى ئىككى بولۇپ، ئۇلار: (1) جىنازا نامىزىنىڭ تەكبىرلىرىنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئېيتىش. (2) جىنازا نامىزىنى ئۆرە تۇرۇپ ئادا قىلىش.

484سوئال:جىنازا نامىزىنىڭ سۈننەتلىرى قايسىلار ۋە قانداق ئوقۇلىدۇ؟#

جاۋاب: جىنازا نامىزىنىڭ سۈننەتلىرى مۇنۇلار: (1) مېيىت مەيلى ئەر بولسۇن، مەيلى ئايال بولسۇن، ئىمامنىڭ ئۇنىڭ كۆكسىگە ئۇدۇللىنىپ تۇرۇشى. (2) بىرىنچى تەكبىردىن كېيىن سانا («سۇبھانەكەللاھۇممە…»)نى ئوقۇش. (3) ئىككىنچى تەكبىردىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد («ئاللاھۇممە سەللى ئەلا… ئاللاھۇممە بارىك ئەلا…») ئوقۇش. (4) ئۈچىنچى تەكبىردىن كېيىن مېيىتقا ۋە پۈتۈن مۆمىنلەرگە دۇئا قىلىپ بولۇپ، ئىككى تەرەپكە سالام بېرىش بىلەن نامازدىن چىقىش.

485سوئال:جىنازا نامىزىدا قايسى دۇئالار ئوقۇلىدۇ؟#

جاۋاب: جىنازا نامىزى ئۈچۈن مۇئەييەن بىر دۇئانى ئوقۇش شەرت ئەمەس. ھەركىم ئۆز تىلىدا، ئۆزىنىڭ بىلگىنىچە دۇئا قىلسا بولىدۇ. جىنازا نامىزىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوقۇغان تۆۋەندىكى دۇئالاردىن قايسىبىرىنى ئوقۇش ئەۋزەلدۇر: (1) ﴿اللَّهُمَّ اغْفِرْ لَهُ وَارْحَمْهُ وَعَافِهِ وَاعْفُ عَنْهُ وَأَكْرِمْ نُزُلَهُ وَوَسِّعْ مُدْخَلَهُ وَاغْسِلْهُ بِالْمَاءِ وَالثَّلْجِ وَالْبَرَدِ وَنَقِّهِ مِنَ الْخَطَايَا كَمَا نَقَّيْتَ الثَّوْبَ الْأَبْيَضَ مِنَ الدَّنَسِ وَأَبْدِلْهُ دَارًا خَيْرًا مِنْ دَارِهِ وَأَهْلًا خَيْرًا مِنْ أَهْلِهِ وَزَوْجًا خَيْرًا مِنْ زَوْجِهِ وَأَدْخِلْهُ الْجَنَّةَ وَأَعِذْهُ مِنْ عَذَابِ الْقَبْرِ وَمِنْ عَذَابِ النَّارِ﴾ تەرجىمىسى: «ئى ئاللاھ! ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلغىن، ئۇنىڭغا رەھىم قىلغىن، ئۇنىڭغا ئامانلىق ئاتا قىلغىن، ئۇنى كەچۈرگىن، ئۇنىڭ قارارگاھىنى ياخشى قىلغىن، قەبرىسىنى كەڭ قىلغىن. ئاق كىيىمنى كىرلەردىن پاكلىغىنىڭدەك، ئۇنى سۇ، قار ۋە مۇز بىلەن يۇيۇپ خاتالىقلىرىدىن پاكلىغىن. ئۇنىڭغا دۇنيادىكى ئۆيىدىن ياخشىراق قارارگاھ، ئائىلىسىدىن ياخشىراق ئائىلە ۋە جۈپتىدىن ياخشىراق جۈپ ئاتا قىلغىن. ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزگىن، ئۇنى قەبرە ۋە دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن». (2) ﴿اللَّهُمَّ اغْفِرْ لِحَيِّنَا وَمَيِّتِنَا وَشَاهِدِنَا وَغَائِبِنَا وَصَغِيرِنَا وَكَبِيرِنَا وَذَكَرِنَا وَأُنْثَانَا، اللَّهُمَّ مَنْ أَحْيَيْتَهُ مِنَّا فَأَحْيِهِ عَلَى الْإِسْلَامِ، وَمَنْ تَوَفَّيْتَهُ مِنَّا فَتَوَفَّهُ عَلَى الْإِيمَانِ﴾ تەرجىمىسى: «ئى ئاللاھ! بىزنىڭ تىرىكلىرىمىزگە، ئۆلۈكلىرىمىزگە، بۇ نامازغا كەلگەن ۋە كەلمىگەن پۈتۈن دىنداشلىرىمىزغا، كىچىكلىرىمىزگە، چوڭلىرىمىزغا، ئەرلىرىمىزگە، ئاياللىرىمىزغا مەغپىرەت قىلغىن. ئى ئاللاھ! بىزدىن كىمنىكى ھايات قالدۇرساڭ، ئۇنى ئىسلام بىلەن ياشاتقىن، بىزدىن كىمنىكى ۋاپات قىلدۇرساڭ، ئۇنى ئىمان بىلەن ۋاپات قىلدۇرغىن».

486سوئال:جىنازا نامىزى نەدە ئوقۇلىدۇ؟#

جاۋاب: جىنازا نامىزى كەڭرى مەيدانلاردا ئوقۇلىدۇ. جىنازا نامىزىنى مەسجىدنىڭ ئىچىدە ئوقۇش مەكرۇھتۇر.

487سوئال:ئۆلۈمنىڭ ھەقىقىتى نېمە؟#

جاۋاب: ئۆلۈم - جاننىڭ تەندىن ئايرىلىشى دېگەنلىك بولۇپ، ئۇ پانىي ئالەم بىلەن باقىي ئالەم ئوتتۇرىسىدىكى بىر كۆۋرۈكتۇر. بۇ دۇنيا ئاخىرەتنىڭ ئەكىنزارلىقىدۇر. بۇ دۇنيادىكى ھاياتىدا ئىمان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئاخىرەتنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ ۋە ھېساب بېرىشى ئاسان بولىدۇ، شۇنداقلا جەننەتلەردە كەڭ-تاشا نېمەتلەنگەن ھالدا، ھۇزۇر ۋە ھالاۋەت ئىچىدە مەڭگۈ قالغۇچىلاردىن بولىدۇ. ئەمما ھاياتىنى كۇپرى، زالالەت ۋە گۇناھ-مەسىيەتلەر بىلەن ئۆتكۈزگەنلەر ئاخىرەتنىڭ ئازابىغا دۇچار بولغۇچىلاردۇر.

488سوئال:بىراۋنىڭ سەكراتقا چۈشۈپ قالغانلىقى قانداق بىلىنىدۇ؟#

جاۋاب: بىراۋنىڭ سەكراتقا چۈشكەنلىكى ئۇنىڭ پۇتلىرىنىڭ بوشىشىپ سوزۇلىشى، پۇتىنىڭ مۇزلىشى، دىمىقىنىڭ قىسىلىپ گەپ-سۆزىنىڭ تىترىشى ۋە ئىككى چېكىسىنىڭ قورۇلۇپ قېلىشىدىن بىلىنىدۇ.

489سوئال:سەكراتقا چۈشكەن كىشى ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك؟#

جاۋاب: سەكراتقا چۈشكەن كىشى ئۈچۈن قىلىنىدىغان ئىشلار مۇنۇلار: (1) سەكراتقا چۈشكەن كىشىنى ئوڭ يېنىغا ياتقۇزۇش ۋە قىبلىگە قارىتىش. (2) سەكراتقا چۈشكەن كىشىگە «لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ مُحَمَّدٌ رَسُولُ اللَّهِ» (ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەرھەق ئەلچىسىدۇر) دېگەن شاھادەت كەلىمىسىنى تەلقىن قىلىش (يەنى پەس ئاۋازدا ئوقۇپ، ئەسلىتىپ ئېيتقۇزۇش). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سەكراتتىكى كىشىلىرىڭلارغا «لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ» دېگەن كەلىمىنى تەلقىن قىلىڭلار»(1) دەپ كۆرسەتكەن. يەنە بىر ھەدىستە: «ئاخىرقى سۆزى «لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ» بولغان كىشى جەننەتكە كىرىشكە ھەقلىق بولىدۇ»(2) دەپ كەلگەن. ئەمما ھاياتىدا ئىمان ئېيتمىغان ئادەمنىڭ سەكراتقا چۈشكەندە ئېيتقان ئىمانى قوبۇل بولمايدۇ. بۇ خۇددى پىرئەۋننىڭ ئىمانىغا ئوخشاش رەت قىلىنىدۇ.

(1) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى. تەلقىن قىلىش — پەس ئاۋازدا شاھادەت كەلىمىسىنى ئوقۇش دېگەن مەنىدە.
(2) ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى.
490سوئال:مېيىتنى دەپنە قىلىشتىن ئاۋۋال قىلىدىغان ئىشلار قايسىلار؟#

جاۋاب: مېيىتنى دەپنە قىلىشتىن ئاۋۋال ئالدىراپ قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىشلار ئۈچ بولۇپ، ئۇلار: (1) مېيىتنى يۇيۇپ كېپەنلەش. (2) ئۇنىڭ قەرزلىرى بولسا تۆلەش. (3) ۋەسىيەتلىرى بولسا ئورۇنداش.

491سوئال:مېيىتنىڭ ھەق–ھوقۇقلىرى قايسىلار؟#

جاۋاب: مېيىتنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە قېرىنداشلىرى، شۇنداقلا ئۇرۇق-تۇغقان، يېقىن-يورۇقلىرى ئۈستىدە 4 ھەققى بولۇپ، بۇ ھەقلەرنى ئادا قىلىش مېيىتنىڭ ۋارىسلىرى ئۈچۈن پەرزدۇر. ئۇلار: (1) مېيىتنى يۇيۇپ كېپەنلەپ نامىزىنى ئوقۇش. (2) مېيىتنىڭ جىنازىسىنى كۆتۈرۈش. (3) جىنازىنىڭ ئارقىسىدىن يۈرۈش. (4) مېيىتنى دەپنە قىلىش.

492سوئال:مېيىتنى كىم يۇيىدۇ؟#

جاۋاب: مېيىتنى يۇيۇشتا ھەر جىنس ئۆز جىنسىنى، يەنى ئەر مېيىتنى ئەر، ئايال مېيىتنى ئايال يۇيىدۇ. ھەتتا بىرەر ئەر مېيىتنى يۇيۇش ئۈچۈن مۇسۇلمان بىر ئايال بىلەن باشقا دىندىكى بىر ئەردىن باشقا ھېچكىم تېپىلمىغان شارائىتتا، ئەر مېيىتنى يۇيۇش ئۈچۈن باشقا دىندىكى ئەر مۇسۇلمان ئايالدىن ھەقلىقتۇر.

493سوئال:كېپەن دېگەن نېمە ۋە ئۇنىڭ ئۆلچىمى قانداق بولىدۇ؟#

جاۋاب: كېپەن – ئۆلگەن كىشىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا كىيدۈرۈلىدىغان مەخسۇس ئۆلۈم كىيىمىدۇر. ئەر مېيىتنىڭ كېپىنى «ئىزار»، «قەمىس» ۋە «لىفافە»دىن ئىبارەت ئۈچ پارچىدىن تەركىب تاپىدۇ. تۆۋەندە بۇلارنىڭ تەرىپلىرى ۋە ئۆلچىمى: (1) «ئىزار» — مېيىتنىڭ چوققىسىدىن تارتىپ ئىككى پۇتىغا يەتكۈچىلىك ئۇزۇنلۇقتىكى ئىشتان دېمەكتۇر. (2) «قەمىس» — مېيىتنىڭ بوينىدىن ئىككى پۇتىغا يەتكۈچىلىك ئۇزۇنلۇقتىكى كۆڭلەك دېمەكتۇر. (3) «لىفافە» — مېيىتنىڭ بېشى بىلەن ئىككى پۇتىنى تولۇق يۆگەپ تۇرغۇدەك مىقداردا ئۇزۇن ۋە كەڭ يۆگەنجە دېمەكتۇر. «ئىزار» بىلەن «قەمىس»كە يانچۇق ياكى تۈگمە بېكىتىلمەيدۇ. ئايال مېيىتنىڭ كېپىنى 5 پارچىدىن تەركىب تاپقان بولىدۇ. ئۇلار: «ئىزار»، «قەمىس»، «ياغلىق»، «خىرقە» ۋە «لىفافە»دىن ئىبارەتتۇر. بۇلارنىڭ تەرىپلىرى ۋە ئۆلچىمى تۆۋەندىكىچە: ئايال مېيىتقا كىيدۈرۈلىدىغان «ئىزار» بىلەن «قەمىس» ۋە ئايال مېيىتنى يۆگەيدىغان «لىفافە»نىڭ ئۆلچىمى ئەر مېيىتنىڭ «ئىزار»، «قەمىس» ۋە «لىفافە»سىگە ئوخشاش بولىدۇ. «ياغلىق» — ئايال مېيىتنىڭ يۈزى بىلەن بېشىنى يۆگەپ تۇرالايدىغان ئۆلچەمدىكى كەڭرەك ياغلىقتۇر. «خىرقە» — ئايال مېيىتنىڭ كۆكسىنىڭ يۇقىرىسىدىن كىندىكىنىڭ ئاستىغىچە بولغان ئەزاسىغا كىيدۈرۈلىدىغان ئۇزۇن ۋە كەڭرەك خالتىدۇر.

494سوئال:مېيىتنى كېپەنلەش ئۇسۇلى قانداق؟#

جاۋاب: ئەر مېيىتنى كېپەنلەشتە ئاۋۋال «لىفافە» يېيىپ سېلىنىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىگە «ئىزار» سېلىنىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا «قەمىس» كىيدۈرۈلىدۇ، ئاندىن ئاستىغا سېلىنغان «ئىزار» بىلەن يۆگىلىدۇ. يۆگەش مېيىتنىڭ سول يېنىدىن باشلىنىپ ئوڭ يېنىدا ئاخىرلىشىدۇ. ئاندىن «لىفافە» بىلەن ئۇنىڭ بېشىنىڭ چوققىسىدىن باشلاپ ئىككى پۇتىنىڭ ئۇچلىرىغىچە تولۇق يۆگىلىدۇ. «لىفافە» مېيىتنىڭ باش تەرىپى بىلەن ئاياق تەرىپىدىن ئېشىپ تۇرىدۇ. جەسەدنىڭ ئېچىلىپ قېلىشىدىن قورقۇلسا، كېپەننىڭ ئۈستىدىن باغلاپ قويسا بولىدۇ. مېيىتنىڭ بېشىغا سەللە ئوراش مەكرۇھ سانىلىدۇ. ئايال مېيىتنى كېپەنلەشتە ئاۋۋال «لىفافە» يېيىپ سېلىنىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىگە «ئىزار» سېلىنىدۇ، ئاندىن ئايال مېيىت بۇ ئىككىسىنىڭ ئۈستىگە ياتقۇزىلىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا «قەمىس» كىيدۈرۈلىدۇ، ئاندىن بېشىغا «ياغلىق» تېڭىلىدۇ، ئاندىن «خىرقە» كۆڭلىكىنىڭ ئۈستىدىن كۆكسىگە كىيدۈرۈلىدۇ، چېچى ئىككى بۆلەك قىلىپ ئۆرەلگەن ھالدا كۆكسىگە (كۆڭلەك ئۈستىگە) قويۇلىدۇ، ئاندىن «ئىزار» بىلەن يۆگىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن «لىفافە» بىلەن يۆگىلىدۇ.

مېيىتنى دەپنە قىلىش ۋە لەھەد تەرتىپى (سوئال 495 – 498)

بۆلۈم: “مېيىتنى دەپنە قىلىش ۋە لەھەد تەرتىپى (سوئال 495 – 498)”
495سوئال:مېيىتنى دەپنە قىلىشنىڭ ھۆكۈمى نېمە؟#

جاۋاب: مېيىتنى دەپنە قىلىش پەرز كىپايىدۇر. ئادەم بالىسىنى دەپنە قىلىش ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىن بېرى داۋام قىلىپ كەلگەن بىر دىنىي يوسۇندۇر.

496سوئال:مېيىتنى دەپنە قىلىشتا كېچىكتۈرۈشكە بولامدۇ؟#

جاۋاب: مېيىتنى جان ئۈزۈلگىنىدىن كېيىنلا دەرھال يۇيۇپ، كېپەنلەپ، نامىزىنى ئوقۇپ دەپنە قىلىشقا ئالدىراش پەزىلەتلىك ئىشتۇر. ئۇنى كېچىكتۈرۈش ياخشى ئەمەس.

497سوئال:قەبرىنىڭ ئۆلچىمى قانداق بولىدۇ؟#

جاۋاب: قەبرىنى نورمال بويلۇق ئادەمنىڭ كۆكسىگە كەلگۈچىلىك چوڭقۇرلۇقتا، مېيىتنىڭ باش-ئايىغى ئازادە تۇرغۇچىلىك ئۇزۇنلۇقتا ۋە مېيىتنىڭ بويىنىڭ يېرىمىغىچىلىك كەڭلىكتە كولاش كۇپايىدۇر. بۇنىڭ بىلەن پەرز ئادا بولىدۇ. بۇ مىقداردىن تېخىمۇ چوڭقۇرراق، ئۇزۇنراق ۋە كەڭرەك كولاش ئەۋزەلدۇر.

498سوئال:مېيىتنى دەپنە قىلىش ئۇسۇلى قانداق؟#

جاۋاب: جىنازا قەبرىنىڭ قىبلە تەرىپىدە قويۇلىدۇ. مېيىتنى لەھەدكە (قەبرىنىڭ ئىچىگە) ئېلىپ كىرىشتە قىبلە تەرەپتىن ئېلىپ كىرىلىدۇ. مېيىت لەھەدكە كىرگۈزۈلۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئوڭ تەرىپىگە ياتقۇزۇلغان ھالدا يۈزى بىلەن كۆكسى قىبلىگە قارىتىلىدۇ ۋە كېپەننى باغلىغان يىپلار يېشىۋېتىلىدۇ. مېيىتنىڭ ئوڭدىسىغا يېتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ دۈمبىسىگە خام كېسەكلەردىن ياكى تۇپراقتىن يۆلەك قويۇلىدۇ. ئايال مېيىتنى لەھەدكە ئېلىپ كىرىشتە ئۆزىنىڭ ئېرى ياكى مەھرەم (نىكاھى باغلانمايدىغان) تۇغقانلىرىدىن بىرى كۆتۈرىدۇ.

قەبرە ئەدەپلىرى، زىيارەت ۋە مېيىتقا ئاتالغان ساۋاب (سوئال 499 – 504)

بۆلۈم: “قەبرە ئەدەپلىرى، زىيارەت ۋە مېيىتقا ئاتالغان ساۋاب (سوئال 499 – 504)”
499سوئال:قەبرى قانچىلىك كۆتۈرۈلىدۇ؟#

جاۋاب: قەبرى پەقەت بىر غېرىچ (تەخمىنەن 22.5 سانتىمېتىر) ئېگىزلىكتە كۆتۈرىلىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ قەبرە ئىكەنلىكىنى بىلىشى ۋە تونۇپ دۇئا قىلىشى ئۈچۈندۇر.

500سوئال:مېيىتنى قەبرىسىدىن يۆتكەشكە بولامدۇ؟#

جاۋاب: مېيىت دەپنە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى باشقا مازارغا يۆتكەش جائىز ئەمەس. ئىسلام پېشۋالىرى بۇ مەسىلىگە بىردەك ھارام دەپ قارايدۇ. ئەگەر دەپنە قىلىنغان جاي باشقىلارنىڭ تەييارلاپ قويغان يەرلىكى بولغان بولسا ياكى ھەقسىز ئېلىۋېلىنغان يەر بولسا، بۇ ھالەتتە ھەق ئىگىسىگە ئۇنىڭ يەرلىكىنىڭ ھەققىنى تۆلەپ ئۇنى رازى قىلىدۇ، مېيىت قەبرىدىن چىقىرىلمايدۇ.

501سوئال:قەبىرىلەرنىڭ ھۆرمىتى قانداق ساقلىنىدۇ؟#

جاۋاب: قەبىرىلەرنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلاش تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ: (1) قەبرى ئۈستىدە ناماز ئوقۇماسلىق، ئۇخلىماسلىق، تەرەت قىلماسلىق، ياتماسلىق ۋە ئارام ئېلىش نىيىتى بىلەن ئولتۇرماسلىق. (2) مېيىتنىڭ سۆڭەكلىرى تېخى چىرىپ كەتمىگەن ھالەتتە بولسا قەبرىنى ئاچماسلىق. (3) مېيىتنى دەپنە قىلىپ بولغاندىن كېيىن يۆتكىمەسلىك. (4) بىر قەبرىگە بىردىن ئارتۇق ئادەمنى دەپنە قىلماسلىق (ئەمما ھەقىقىي زۆرۈرىيەت تېپىلغان چاغلاردا بولىدۇ). (5) قەبرىستانلىقلارغا بېرىپ ئۆلۈكلەردىن مەدەت سوراش، پەرزەنت تىلەش، بەرىكەت تىلەش، كېسەللەرگە شىپالىق تىلەش قاتارلىق ئىشلارنى قىلماسلىق. مۇنداق قىلغان ئادەم ئىماندىن ئايرىلىدۇ.

502سوئال:قەبىرىلەرنى زىيارەت قىلىشنىڭ ھۆكۈمى نېمە؟#

جاۋاب: قەبىرىلەرنى زىيارەت قىلىش ئەرلەر ئۈچۈن مۇستەھەب ئىكەنلىكىدە پۈتۈن مەزھەپلەر بىردەك ئىتتىپاقتۇر. ئەمما ئاياللارنىڭ قەبىرىلەرنى زىيارەت قىلىش مەسىلىسىدە مەزھەپلەر ئىختىلاپلاشقان. ھەنەفىي مەزھىبى (بىزنىڭ مەزھىبىمىز)گە كۆرە، قەبىرىلەرنى زىيارەت قىلىش ئەر ۋە ئايال ھەر قانداق مۇسۇلمان كىشى ئۈچۈن ئوخشاشلا مۇستەھەبتۇر.

503سوئال:قەبىرىلەرنى قانداق زىيارەت قىلىش كېرەك؟#

جاۋاب: قەبىرىلەرنى زىيارەت قىلغاندا مۇنۇ دۇئانى ئوقۇش ياخشىدۇر: «السَّلَامُ عَلَى أَهْلِ الدِّيَارِ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُسْلِمِينَ، يَرْحَمُ اللَّهُ الْمُسْتَقْدِمِينَ مِنَّا وَالْمُسْتَأْخِرِينَ، وَإِنَّا إِنْ شَاءَ اللَّهُ بِكُمْ لَاحِقُونَ، نَسْأَلُ اللَّهَ لَنَا وَلَكُمُ الْعَافِيَةَ» تەرجىمىسى: «ئاللاھنىڭ ئامانلىقى بۇ جايدا ياتقان مۆمىن-مۇسۇلمانلارغا بولسۇن. بىزدىن ۋاپات بولغانلار ۋە ھايات قالغانلارنىڭ ھەممىسىگە ئاللاھ رەھىم قىلغاي. بىزمۇ ئاللاھ خالىغان ۋاقىتتا ئەلبەتتە سىلەرگە قوشۇلىمىز. ئاللاھ تائالادىن بىزگە ۋە سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمەن»(1).

(1) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
504سوئال:مېيىتقا ئاتالغان ساۋابلار ئۇلارغا يېتەمدۇ؟#

جاۋاب: قۇرئان ئوقۇپ، سەدىقە بېرىپ ئۇنىڭ ساۋابىنى مېيىتقا ئاتاش، مېيىتنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تىلەش ۋە ۋاكالەت بىلەن قىلغىلى بولىدىغان زاكاتقا ئوخشاش ئىقتىسادىي ئىبادەتلەرنى، ھەجگە ئوخشاش ھەم ئىقتىسادىي ھەم جىسمانىي ئىبادەتلەرنى مۇسۇلمان مېيىت ئۈچۈن ئورۇنداپ قويۇش جائىزدۇر. بۇ ئەمەللەرنىڭ ساۋابى مېيىتقا يېتىدۇ.

شېھىدلەر ۋە دەپنە تەرتىپى (سوئال 505 – 506)

بۆلۈم: “شېھىدلەر ۋە دەپنە تەرتىپى (سوئال 505 – 506)”
505سوئال:شېھىد دېگەن كىم؟#

جاۋاب: شېھىد - ئاللاھ يولىدا غازات قىلىپ ئۆلتۈرۈلگەن كىشى دېمەكتۇر. شۇنداقلا قاراقچىلار ياكى بولاڭچىلار ياكى ئوغرىلار تەرىپىدىن كېچىدە ياكى كۈندۈزدە ئۆز ئۆيىدە قانداقلا بىر نەرسە بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ئادەممۇ شېھىد ھېسابلىنىدۇ. ئەمما شېھىدلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى مەرتىبىسى ئاللاھنىڭ دىنىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دىيارلىرىنى قوغداش يولىدا ئۆلۈشتۇر.

506سوئال:شېھىدلار قانداق دەپنە قىلىنىدۇ؟#

جاۋاب: شېھىد بولغان كىشى يۇيۇلماستىن، قانلىرى سۈرتۈلمەستىن، ئۆز كىيىمىگە ئوراپ تۇرۇپ نامىزى ئوقۇلىدۇ ۋە شۇ پېتى دەپنە قىلىنىدۇ.

يۇقىرىغا قايتىش

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاش ئۇسۇلى

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاڭ
1
Safari دىكى ھەمبەھىرلەش تۈگۈچىسىنى (Share) بېسىڭ.
2
«باش ئېكرانغا قوشۇش» (Add to Home Screen) نى تاللاڭ.
3
ئوڭ ئۈستىدىكى «قوشۇش» (Add) نى بېسىڭ.