تەركىبكە ئۆتۈش

خەتكۈشلەر (ساقلانغان بەتلەر)

ھازىرقى بەت:...

تېخى ھېچقانداق بەت خەتكۈشكە قوشۇلمىدى

تۆۋەندىكى كۇنۇپكىنى ياكى بەتلەردىكى خەتكۈش بەلگىسىنى چېكىپ بۇ يەرگە ساقلىۋالالايسىز.

تەڭشەكلەر

يېزىق
يورۇقلۇق ھالىتى
بەت ئۇسلۇبى
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى
ئەرەبچە خەت نۇسخىسى
خەت چوڭلۇقى

شەرىئەت ئىستىلاھلىرى

شەرىئەت ئىستىلاھلىرى ۋە پەرزنىڭ تۈرلىرى (سوئال 184 – 190)

بۆلۈم: “شەرىئەت ئىستىلاھلىرى ۋە پەرزنىڭ تۈرلىرى (سوئال 184 – 190)”
184سوئال:بىلىش زۆرۈر بولغان شەرىئەت ئىستىلاھلىرى قايسىلار؟#

جاۋاب: ھەنەفىي مەزھىپىدە 7 ئاساسلىق ئىستىلاھ بار: پەرز، ۋاجىب، سۈننەت، ھارام، مەكرۇھى تەھرىمىي، مەكرۇھى تەنزىھىي ۋە مۇباھ.

185سوئال:پەرز دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: پەرز — قۇرئان كەرىم ۋە مۇتەۋاتىر ھەدىسلەرنىڭ ئېنىق، كەسكىن دەلىللىرى بىلەن بۇيرۇلغان، شۈبھىسىز بېكىتىلگەن ئەمەللەردۇر (ناماز، روزا، زاكات، ھەجگە ئوخشاش).

186سوئال:پەرزنىڭ ھۆكۈمى نېمە؟#

جاۋاب: پەرزنى ئورۇنداش قەتئىي زۆرۈردۇر. ئورۇندىغان ساۋاب تاپىدۇ، ئورۇندىمىغان ئېغىر گۇناھكار بولىدۇ، ئۇنى ئىنكار قىلغان كىشى كاپىر بولىدۇ.

187سوئال:پەرز قانچە تۈرلۈك بولىدۇ؟#

جاۋاب: ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: پەرزى ئەين ۋە پەرزى كىفايە.

188سوئال:پەرزى ئەين دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: ھەربىر مۇسۇلمان شەخسنىڭ بىۋاسىتە ئۆزى ئورۇندىشى پەرز بولغان ئەمەللەردۇر (بەش ۋاخ ناماز، روزا تۇتۇشقا ئوخشاش). باشقىلارنىڭ ئورۇنداپ قويۇشى بىلەن ئادا تاپمايدۇ.

189سوئال:پەرزى كىفايە دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: پۈتۈن مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىگە تەڭ يۈكلەنگەن پەرز بولۇپ، بىر قىسىم كىشىلەر ئورۇندىسا قالغانلاردىن ساقىت بولىدۇ (جىنازا نامىزى، ئىلىم ۋە تېخنىكىدا مۇتەخەسسىس بولۇش، جىھادقا ئوخشاش).

190سوئال:پەرزى كىفايە بولغان ئىشلار پەرزى ئەينغا ئايلىنامدۇ؟#

جاۋاب: ھەئە، ئەھۋالغا قاراپ ئايلىنىدۇ: مەلۇم ساھەدە بىر كىشىدىن باشقا ھېچكىم بولمىسا، شۇ كىشىگە پەرزى ئەين بولىدۇ؛ دۈشمەن باستۇرۇپ كىرگەندە جىھاد قىلىش ھەممىگە پەرزى ئەين بولىدۇ.

ۋاجىب ۋە سۈننەت ئەھكاملىرى (سوئال 191 – 196)

بۆلۈم: “ۋاجىب ۋە سۈننەت ئەھكاملىرى (سوئال 191 – 196)”
191سوئال:ۋاجىب دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: ۋاجىب — شەرىئەتتە تەلەپ قىلىنغانلىقى ئىسپاتلانغان، ئەمما دەلىلى پەرزدەك كەسكىن ۋە قەتئىي بولمىغان ئەمەللەردۇر (ۋىتىر نامىزى، ھېيت نامازلىرى، قۇربانلىق، فىتىر سەدىقىسىگە ئوخشاش).

192سوئال:ۋاجىبنىڭ ھۆكۈمى نېمە؟#

جاۋاب: ۋاجىبنى ئورۇنداشمۇ پەرزگە ئوخشاش زۆرۈردۇر. ئورۇندىغان ساۋاب تاپىدۇ، تەرك ئەتكەن گۇناھكار بولىدۇ، ئەمما ئىنكار قىلغۇچى كاپىر دەپ ھۆكۈم قىلىنمايدۇ.

193سوئال:سۈننەت دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: سۈننەت — پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قىلغان ياكى قىلىشقا تەۋسىيە قىلغان، پەرز ۋە ۋاجىب ئەمەس بولغان ئەمەللەردۇر.

194سوئال:سۈننەت قانچە تۈرلۈك بولىدۇ؟#

جاۋاب: ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: تەكىتلىك سۈننەت ۋە تەكىتسىز سۈننەت (مۇستەھەب).

195سوئال:تەكىتلىك سۈننەت دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دائىم داۋاملاشتۇرغان ۋە ئۈزۈرسىز تەرك ئەتمىگەن ئەمەللەردۇر (بەش ۋاخ نامازنىڭ سۈننىتى، تاھارەتتە مىسۋاك ئىشلىتىشكە ئوخشاش). ئورۇندىغان ساۋاب تاپىدۇ، ئۈزۈرسىز تەرك ئەتكەن مالامەتكە ئۇچرايدۇ.

196سوئال:تەكىتسىز سۈننەت دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دائىم ئەمەس، بەزىدە قىلىپ، بەزىدە تەرك ئەتكەن ئەمەللەردۇر (ئەسىر ۋە خۇپتەندىن بۇرۇنقى 4 رەكئەت سۈننەتلەرگە ئوخشاش). مۇستەھەب دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ھارام ۋە مەكرۇھنىڭ دەرىجىلىرى (سوئال 197 – 200)

بۆلۈم: “ھارام ۋە مەكرۇھنىڭ دەرىجىلىرى (سوئال 197 – 200)”
197سوئال:ھارام دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: ھارام — قەتئىي مەنئى قىلىنغانلىقى قۇرئان ۋە مۇتەۋاتىر ھەدىسلەر بىلەن كەسكىن ئىسپاتلانغان ئىشلاردۇر (زىنا، ھاراق، ئۆسۈم، ئوغرىلىققا ئوخشاش).

198سوئال:ھارامنىڭ ھۆكۈمى نېمە؟#

جاۋاب: قىلغان كىشى ئېغىر گۇناھكار بولۇپ دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، تەرك ئەتكەن ساۋاب تاپىدۇ. ھارامنى ھالال سانىغان كىشى كاپىر بولىدۇ.

199سوئال:مەكرۇھى تەھرىمىي دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: مەكرۇھى تەھرىمىي — ھارامغا يېقىن تۇرىدىغان، ئەمما مەنئى قىلىنىش دەلىلى غەيرى مۇتەۋاتىر ھەدىس بىلەن بولغان ئىشلاردۇر (تاھارەتتە سۇنى ھەددىدىن زىيادە ئىسراپ قىلىش ياكى نامازدا ئەتراپقا قاراشقا ئوخشاش).

200سوئال:مەكرۇھى تەنزىھىي دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: مەكرۇھى تەنزىھىي — ھالالغا يېقىن تۇرىدىغان، قىلىشنى ياقتۇرمايدىغان ئىشلاردۇر (مەسىلەن جامائەتكە چىقىش ئالدىدا خام سامساق ياكى خام پىياز يېيىشكە ئوخشاش).

مۇباھ ئەمەللەرنىڭ ئىبادەتكە ئايلىنىشى (سوئال 201 – 204)

بۆلۈم: “مۇباھ ئەمەللەرنىڭ ئىبادەتكە ئايلىنىشى (سوئال 201 – 204)”
201سوئال:مۇباھ دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: مۇباھ — قىلىش ياكى قىلماسلىق ئىختىيارى بەندىنىڭ ئۆزىگە قويۇپ بېرىلگەن ئادەتتىكى ئىشلاردۇر (يېيىش-ئىچىش، ئولتۇرۇش-قوپۇش، ئۇخلاشقا ئوخشاش).

202سوئال:مۇباھنىڭ ھۆكۈمى نېمە؟#

جاۋاب: مۇباھ ئىشلارنى قىلىش ياكى قىلماسلىقتا ئۆزلىكىدىن ساۋاب ياكى گۇناھ بولمايدۇ.

203سوئال:قانداق قىلغاندا مۇباھ ئىشلارنى ئىبادەت قاتارىغا ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ؟#

جاۋاب: ياخشى نىيەت بىلەن: يەنى ئاللاھقا تېخىمۇ ياخشى ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن قۇۋۋەتلىنىش، سالامەتلىكنى ساقلاش نىيىتىدە يەپ-ئىچسە ۋە ئۇخلىسا، ئاللاھ ئۇنى ئىبادەت قاتارىدا ساۋاب بېرىدۇ.

204سوئال:شەرىئەت ئىستىلاھلىرىنىڭ ئەمەل-ئىبادەتلەر بىلەن مۇناسىۋىتى نېمە؟#

جاۋاب: ئىبادەتتىكى پەرز بىرەر ئىش قەستەن ياكى سەۋەنلىكتىن تەرك قىلىنسا ئىبادەت بۇزۇلىدۇ، قايتا ئورۇنداش كېرەك؛ ۋاجىب سەۋەنلىكتىن تەرك ئېتىلسە سەجدە سەھۋە بىلەن تۈزىلىدۇ، قەستەن تەرك قىلىنسا ئىبادەت بۇزۇلىدۇ؛ سۈننەت ۋە مەكرۇھلار ئىبادەتنىڭ جائىزلىقىنى بۇزمايدۇ، ئەمما ساۋابى ۋە سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

يۇقىرىغا قايتىش

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاش ئۇسۇلى

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاڭ
1
Safari دىكى ھەمبەھىرلەش تۈگۈچىسىنى (Share) بېسىڭ.
2
«باش ئېكرانغا قوشۇش» (Add to Home Screen) نى تاللاڭ.
3
ئوڭ ئۈستىدىكى «قوشۇش» (Add) نى بېسىڭ.