تەركىبكە ئۆتۈش

خەتكۈشلەر (ساقلانغان بەتلەر)

ھازىرقى بەت:...

تېخى ھېچقانداق بەت خەتكۈشكە قوشۇلمىدى

تۆۋەندىكى كۇنۇپكىنى ياكى بەتلەردىكى خەتكۈش بەلگىسىنى چېكىپ بۇ يەرگە ساقلىۋالالايسىز.

تەڭشەكلەر

يېزىق
يورۇقلۇق ھالىتى
بەت ئۇسلۇبى
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى
ئەرەبچە خەت نۇسخىسى
خەت چوڭلۇقى

دىن ۋە ئىنسان

دىن ۋە دۇنيادىكى دىنلارنىڭ تۈرلىرى (سوئال 1 – 16)

بۆلۈم: “دىن ۋە دۇنيادىكى دىنلارنىڭ تۈرلىرى (سوئال 1 – 16)”
1سوئال:ئىنسانلار نەدىن پەيدا بولغان؟#

جاۋاب: ئىنسانلار ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغان.

2سوئال:ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن يارىتىلغان؟#

جاۋاب: ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش، يەنى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئۇيغۇن ھالدا ياشاش ئۈچۈن يارىتىلغان.

3سوئال:دىن دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: دىن — ئىنسانلارنى ئىختىيارىي ھالدا بەخت-سائادەتلەرگە ئېرىشتۈرىدىغان ئىلاھىي قانۇن بولۇپ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلەرگە قىلغان ۋەھىيلىرىدە ئىپادىسىنى تاپقان.

4سوئال:دىننىڭ مەنبەسى نېمە؟#

جاۋاب: دىننىڭ مەنبەسى ئاللاھتۇر. ئاللاھ ئىنسانلارنى دىنىي ئېتىقادقا ئېھتىياجلىق قىلىپ ياراتقان، ئاندىن ئىنسانلارنىڭ بۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن دىننى چۈشۈرۈپ پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئۇنى ئىنسانلارغا ئۆگەتكەن.

5سوئال:دۇنيادىكى دىنلار قانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ؟#

جاۋاب: دۇنيادىكى دىنلار «ھەق دىن»، «ئۆزگەرتىلگەن دىن» ۋە «باتىل دىن» دەپ 3 كە بۆلۈنىدۇ.

6سوئال:ھەق دىن دېگەن نېمە ۋە ئۇ قايسى؟#

جاۋاب: ھەق دىن — ئاللاھ تەرىپىدىن پەيغەمبەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن كەلگەن ۋە ئەسلى ئۆزگەرمەستىن داۋام قىلغان دىن بولۇپ، بۇ ئالاھىدىلىككە ئىگە دىن بىرلا ئىسلام دىنىدۇر.

7سوئال:ئۆزگەرتىلگەن دىن دېگەن نېمە ۋە ئۇلار قايسىلار؟#

جاۋاب: ئۆزگەرتىلگەن دىن — ئەسلى ئاللاھ تەرىپىدىن پەيغەمبەر ۋاسىتىسى بىلەن كەلگەن بولسىمۇ، كېيىنچە ئىنسانلار تەرىپىدىن ئۆزگەرتىۋېتىلگەن دىنلاردۇر. يەھۇدىي ۋە خرىستىئان دىنلىرىغا ئوخشاش.

8سوئال:يەھۇدىي دىنى دېگەن قانداق دىن ۋە يەھۇدىيلار كىملەر؟#

جاۋاب: يەھۇدىي دىنى — مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن دىن بولۇپ، بۇ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەر يەھۇدىيلار دېيىلىدۇ. ئەمما ھازىرقى يەھۇدىي دىنى ئەسلى ئۆزگەرتىۋېتىلگەن دىندۇر.

9سوئال:خرىستىئان دىنى دېگەن قانداق دىن ۋە خرىستىئانلار كىملەر؟#

جاۋاب: خرىستىئان دىنى — ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن دىن بولۇپ، ناسارا دىنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەر خرىستىئان ياكى ناسارا دېيىلىدۇ. ئەمما ھازىرقى خرىستىئان دىنى ئەسلى ئۆزگەرتىۋېتىلگەن دىندۇر.

10سوئال:باتىل دىنلار دېگەن قانداق ۋە ئۇلار قايسىلار؟#

جاۋاب: باتىل دىنلار — ئاللاھ تەرىپىدىن كەلمىگەن، پەقەت ئىنسانلار تەرىپىدىن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان دىنلاردۇر: مەسىلەن، بۇددا، ھىندى دىنلىرىغا ئوخشاش.

11سوئال:ئېتىقاد جەھەتتىن ئىنسانلار قانچىگە بۆلۈنىدۇ؟#

جاۋاب: ئىنسانلار ئېتىقاد جەھەتتىن مۈمىن، مۇناپىق، كاپىر ۋە مۇشرىك دەپ 4 كە بۆلۈنىدۇ.

12سوئال:مۈمىن دېگەن كىملەر؟#

جاۋاب: مۈمىن — ئىسلام دىنىغا چىن قەلبىدىن ئىشىنىپ ئېتىقاد قىلىدىغان، بۇ ئېتىقادىنى ئوچۇق ئېلان قىلغان ۋە ئىسلام دىنىنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە رىئايە قىلغان ھالدا ياشاشقا تىرىشىدىغان كىشىلەردۇر.

13سوئال:مۇناپىق دېگەن كىملەر؟#

جاۋاب: مۇناپىقلار — ئىسلام دىنىغا كۆڭلىدىن ئىشەنمەيدىغان تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمانلار قاتارىدىن ئىكەنلىكىنى سۆزلەيدىغان ئىككى يۈزلىمىچى كىشىلەردۇر. مۇناپىقلار ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە كاپىرلاردىنمۇ يامان مەخلۇقلاردۇر. زامانىمىزدا مۇسۇلمان قىياپىتىگە كىرىۋالغان ئالدامچىلار بۇنىڭ مىسالىدۇر.

14سوئال:كاپىر دېگەن كىملەر؟#

جاۋاب: كاپىر — ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغان ۋە ئۇنى ئوچۇق سۆزلەيدىغان ياكى ئىسلامدا ئىمان ئېيتىش كېرەك بولغان ئېتىقادقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردىن بىرەرسىنى ئىنكار قىلغانلاردۇر: مەسىلەن، دەھرىيلەر ۋە زامانىمىزدىكى كۇپىرلار بۇنىڭ مىسالىدۇر.

15سوئال:مۇشرىك دېگەن كىملەر؟#

جاۋاب: ئېتىقادتا ياكى ئىبادەتلەردە باشقىلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىپ قوشۇۋالغۇچىلاردۇر: مەسىلەن، بۇتلارغا، مازارلارغا، ئاتالمىش ئەۋلىيالارغا چوقۇنغۇچىلارغا ئوخشاش.

16سوئال:بىزنىڭ دىنىمىز قايسى دىن؟#

جاۋاب: بىزنىڭ دىنىمىز ساماۋىي دىنلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى بولغان ئىسلام دىنىدۇر.

ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭ غايىسى (سوئال 17 – 20)

بۆلۈم: “ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭ غايىسى (سوئال 17 – 20)”
17سوئال:ئىسلام دىنى قانداق دىن؟#

جاۋاب: ئىسلام دىنى — ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن پەرىشتە جىبرىئىلنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كەلگەن ۋە ئەسلى ھېچ ئۆزگەرمەستىن، كەلگەن پېتى داۋام قىلىۋاتقان ھەق دىندۇر.

18سوئال:ئىسلام دىنىنىڭ مەقسىتى نېمە؟#

جاۋاب: ئىسلام دىنىنىڭ مەقسىتى ۋە غايىسى ئىنسانلارنى بۇ دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە بەختكە ئېرىشتۈرۈشتۇر.

19سوئال:ئىسلام دىنى كىشىلەرنى ئەڭ ئاۋۋال نېمىلەرگە بۇيرۇيدۇ؟#

جاۋاب: ئىسلام دىنى كىشىلەرنى ئەڭ ئاۋۋال ئىمان، ئىبادەت ۋە ئەخلاققا بۇيرۇيدۇ.

20سوئال:ئىمان دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: ئىمان — ئاللاھ تەرىپىدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بىلدۈرۈلگەن ھەقىقەتلەرنىڭ راست ئىكەنلىكىگە چىن ئىشىنىپ قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنى تىل بىلەن سۆزلەشتۇر.

يۇقىرىغا قايتىش

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاش ئۇسۇلى

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاڭ
1
Safari دىكى ھەمبەھىرلەش تۈگۈچىسىنى (Share) بېسىڭ.
2
«باش ئېكرانغا قوشۇش» (Add to Home Screen) نى تاللاڭ.
3
ئوڭ ئۈستىدىكى «قوشۇش» (Add) نى بېسىڭ.