قىيامەت ۋە ئاخىرەتكە ئىمان كەلتۈرۈش
قىيامەت كۈنىگە ئىمان ۋە قايتا تىرىلىش دەلىللىرى (سوئال 135 – 140)
بۆلۈم: “قىيامەت كۈنىگە ئىمان ۋە قايتا تىرىلىش دەلىللىرى (سوئال 135 – 140)”جاۋاب: بۇ دۇنيا پۈتۈنلەي تۈگەپ يوق بولغاندىن كېيىن، ئاخىرەت ناملىق يېڭى، مەڭگۈلۈك ھايات باشلىنىدىغان كۈندۇر.
جاۋاب: ئىنسانلار قايتا تىرىلىپ، ھېساب مەيدانىغا يىغىلىدۇ، دۇنيادىكى بارلىق ئەمەللىرىدىن تەپسىلىي ھېساب بېرىدۇ ۋە زەررىچە ياخشى-يامان ئىشنىڭ جازا-مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ.
جاۋاب: ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىش، قەبىردىكى سوراق، ھېساب بېرىش، مىزان، سىرات، جەننەت ۋە دوزاخنىڭ ھەق ۋە راست ئىكەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن ئىشىنىش كېرەك.
جاۋاب: (1) قىيامەت كۈنىدىكى پۈتۈن ھادىسىلەرگە ۋە جەننەت-دوزاخقا ئىشىنىش. (2) قەبىر ئالىمىگە (بەرزەخكە) — مېيىتنىڭ سوراق قىلىنىشى ۋە قەبىر نېمىتى ياكى ئازابىغا ئىشىنىش.
جاۋاب: (1) ئاخىرەتلىك ساۋابنى كۆزلەپ ياخشى ئەمەللەرگە ئالدىراش. (2) ئازابتىن قورقۇپ گۇناھلاردىن يىراق تۇرۇش. (3) دۇنيادىكى زۇلۇم ۋە جاپالارغا سەۋر قىلىپ، ھەقىقىي ئادالەتنىڭ ئاخىرەتتە بارلىقىغا ئىشىنىپ خاتىرجەم بولۇش.
جاۋاب: نەقلىي، ئەقلىي ۋە ھېسسىي دەلىللەر بىلەن رەت قىلىنىدۇ: يوقتىن ياراتقان ئاللاھ ئەلۋەتتە قايتا يارىتىشقا قادىردۇر; قاقاس، ئۆلۈك زېمىننى يامغۇر بىلەن تىرىلدۈرگەن زات ئۆلۈكلەرنىمۇ تىرىلدۈرۈشكە قادىردۇر.
قىيامەتنىڭ كىچىك ۋە چوڭ ئالامەتلىرى (سوئال 141 – 142)
بۆلۈم: “قىيامەتنىڭ كىچىك ۋە چوڭ ئالامەتلىرى (سوئال 141 – 142)”جاۋاب: قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ، ئۇ يالغۇز ئاللاھقىلا خاس غەيبىي ئىلىمدۇر.
جاۋاب: كىچىك ئالامەتلەر: نادانلىقنىڭ ئېشىشى، ھاراق ۋە زىنانىڭ ئەۋج ئېلىشى، تەبىئىي بايلىقلارنى ئىسراپ قىلىش قاتارلىقلار؛ چوڭ ئالامەتلەر: دەججالنىڭ چىقىشى، ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشۈشى، قۇياشنىڭ غەربتىن چىقىشى قاتارلىقلار.
قەبرە ھاياتى، بەرزەخ ئالىمى ۋە روھلارنىڭ قارارگاھى (سوئال 143 – 148)
بۆلۈم: “قەبرە ھاياتى، بەرزەخ ئالىمى ۋە روھلارنىڭ قارارگاھى (سوئال 143 – 148)”جاۋاب: مۇنكەر ۋە نەكىر ئىسىملىك ئىككى پەرىشتە: «رەببىڭ كىم؟ دىنىڭ نېمە؟ پەيغەمبىرىڭ كىم؟» دەپ سورايدۇ. مۆمىن ئادەم توغرا جاۋاب بېرىپ نېئمەتكە ئېرىشىدۇ، كاپىر ۋە مۇناپىق جاۋاب بېرەلمەي ئازابقا ئۇچرايدۇ.
جاۋاب: ئۆلۈمدىن كېيىن قىيامەت قايىم بولغىچە بولغان قەبىر ئالىمىدۇر. ئۇ دۇنيا بىلەن ئاخىرەت ئوتتۇرىسىدىكى توساق ئالەمدۇر.
جاۋاب: كاپىرلارغا، مۇناپىقلارغا ۋە گۇناھكار ئاسىيلارغا بولىدۇ.
جاۋاب: ئۇ باشقا بىر ئالەم بولۇپ، ھېسسىي كۆز بىلەن كۆرۈلمەيدۇ. چۈش كۆرگۈچىنىڭ قىينىلىشى ياكى راھەتلىنىشى يېنىدا ياتقان ئادەمگە بىلىنمىگىنىدەك، قەبىر ئەھۋالىمۇ دۇنيا كۆزىگە بىلىنمەيدۇ.
جاۋاب: پەيغەمبەرلەر ۋە شېھىتلەرنىڭ روھلىرى جەننەتتە نېئمەتلىنىدۇ، مۆمىنلەرنىڭ روھلىرى ئەئلىييىندا، كاپىر ۋە فاسىقلارنىڭ روھلىرى سىججىيندا (دوزاختا) بولىدۇ.
قىيامەت كۈنىدىكى سوت، ھېساب، مىزان ۋە سىرات (سوئال 149 – 160)
بۆلۈم: “قىيامەت كۈنىدىكى سوت، ھېساب، مىزان ۋە سىرات (سوئال 149 – 160)”جاۋاب: كائىناتتىكى تۈزۈمنىڭ بەربات بولۇشى، ئاسماننىڭ يېرىلىشى، يۇلتۇزلارنىڭ چۈشۈپ تاشلىنىشى، زېمىننىڭ سىلكىنىپ تاغلارنىڭ تالقان بولۇشى ۋە سۇر چېلىنىشى بىلەن باشلىنىدۇ.
جاۋاب: بەئس — قىيامەت كۈنى ئىسرافىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق سۇر چېلىشى بىلەن پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ قايتا تىرىلىشى دېمەكتۇر.
جاۋاب: جان ھەم تەن بىلەن بىرگە بولىدۇ. ئاللاھ بەدەننى چىرىپ كەتكەن بولسىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈپ روھنى ئۇنىڭغا قايتۇرىدۇ.
جاۋاب: زېمىنغا يامغۇر يېغىپ، ئۇرۇقتىن زىرائەت ئۈنۈپ چىققىنىدەك، ئىنساننىڭ بەدىنىدىكى ئاساسىي ماددىدىن تىرىلدۈرۈپ چىقىرىلىدۇ.
جاۋاب: ھەشىر — بارلىق ئىنسانلارنىڭ قەبىرلىرىدىن چىقىپ ھېساب مەيدانىغا توپلىنىشى دېمەكتۇر.
جاۋاب: مىزان — قىيامەت كۈنى بەندىلەرنىڭ ياخشى ۋە يامان ئەمەللىرى تارتىلىدىغان ئادالەت تارازىسىدۇر.
جاۋاب: ھېساب — بەندىلەرنىڭ نامە-ئەمەللىرى ئوقۇتۇلۇپ، دۇنيادىكى بارلىق قىلمىشلىرىغا ئىقرار قىلدۇرۇلۇپ سوراق قىلىنىشىدۇر.
جاۋاب: ئېغىزلار پېچەتلىنىپ، قول، پۇت، تېرە ۋە باشقا ئەزالار بەندىنىڭ قىلغان ئىشلىرىغا ئۆزلىرى گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
جاۋاب: ھەممە نەرسىنى سۆزلەتكۈچى قادىر ئاللاھ پۈتۈن ئەزالارغا سۆزلەش قۇدرىتىنى بېرىدۇ.
جاۋاب: ئۆز ئادالىتىنى تولۇق نامايان قىلىش ۋە ئىنكارچىلارنىڭ باھانە-سەۋەبلىرىنى كېسىش ئۈچۈندۇر.
جاۋاب: بەندىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە قارىتا ھەقلىق مۇكاپات ياكى ئازابنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدۇر.
جاۋاب: سىرات — دوزاخنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان كۆۋرۈك بولۇپ، ھەممە ئىنسان ئۇنىڭدىن ئۆتىدۇ؛ مۆمىنلەر سالامەت ئۆتۈپ جەننەتكە كىرىدۇ، كاپىرلار دوزاخقا قۇلايدۇ.
جەننەت بىلەن دوزاخ ۋە ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈكلىكى (سوئال 161 – 163)
بۆلۈم: “جەننەت بىلەن دوزاخ ۋە ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈكلىكى (سوئال 161 – 163)”جاۋاب: دوزاخ — كاپىر، مۇناپىق ۋە گۇناھكارلار تاشلىنىدىغان، يېقىلغۇسى ئىنسانلار ۋە تاشلار بولغان، قايناپ تۇرغان دەھشەتلىك ئوت جايىدۇر.
جاۋاب: جەننەت — مۆمىن، تەقۋادارلار مەڭگۈ ياشايدىغان، ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان، تۈگىمەس نېئمەتلەرگە تولغان گۈزەل ئارامگاھدۇر.
