تەركىبكە ئۆتۈش

خەتكۈشلەر (ساقلانغان بەتلەر)

ھازىرقى بەت:...

تېخى ھېچقانداق بەت خەتكۈشكە قوشۇلمىدى

تۆۋەندىكى كۇنۇپكىنى ياكى بەتلەردىكى خەتكۈش بەلگىسىنى چېكىپ بۇ يەرگە ساقلىۋالالايسىز.

تەڭشەكلەر

يېزىق
يورۇقلۇق ھالىتى
بەت ئۇسلۇبى
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى
ئەرەبچە خەت نۇسخىسى
خەت چوڭلۇقى

پاكىزلىق ۋە تاھارەت

پاكىزلىقنىڭ ئىسلامدىكى ئەھمىيىتى ۋە سۇلارنىڭ تۈرلىرى (سوئال 205 – 216)

بۆلۈم: “پاكىزلىقنىڭ ئىسلامدىكى ئەھمىيىتى ۋە سۇلارنىڭ تۈرلىرى (سوئال 205 – 216)”
205سوئال:ئىسلام دىنىدا پاكىزلىقنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟#

جاۋاب: ئىسلام دىنى پاكلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، ھەدىستە: «پاكىزلىق ئىماننىڭ يېرىمىدۇر» دېيىلگەن.

(1) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى
206سوئال:پاكىزلىق قانچە تۈرلۈك بولىدۇ؟#

جاۋاب: ئىككى تۈرلۈكتۇر: تاشقى پاكىزلىق ۋە ئىچكى پاكىزلىق.

207سوئال:تاشقى پاكىزلىق دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: بەدەن، كىيىم، يېمەك-ئىچمەك ۋە ئىبادەت ئورۇنلىرىنىڭ كىر ۋە پاسكىنىلىقلاردىن پاك بولۇشىدۇر.

208سوئال:ئىچكى پاكىزلىق دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: قەلب ۋە نەپسنىڭ تەكەببۇرلۇق، ھەسەتخورلۇق، دۈشمەنلىك، كۆرەلمەسلىك قاتارلىق ناچار ئەخلاقلاردىن پاك بولۇشىدۇر.

209سوئال:تاشقى پاكىزلىققا بۇيرۇلۇشنىڭ ھېكمىتى نېمە؟#

جاۋاب: تەن سالامەتلىكىنى قوغداش، يېقىمسىز پۇراقلارنى يوقىتىش ۋە ئىنسان روھىغا شوخ تەپەككۇر، جۇشقۇنلۇق ئاتا قىلىشتۇر.

210سوئال:ئىچكى پاكىزلىققا بۇيرۇلۇشنىڭ ھېكمىتى نېمە؟#

جاۋاب: ئىنساننىڭ ئىچكى ۋە تاشقى دۇنياسى بىر پۈتۈن پاكلىق بىلەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يۈزلىنىپ، ئۇنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشى ئۈچۈندۇر.

211سوئال:پاسكىنىلىقلار ۋە كىرلاردىن نېمە بىلەن پاكلىنىش كېرەك؟#

جاۋاب: سۇ بىلەن يۇيۇپ پاكلىنىش كېرەك. پاكلىغۇچى ماددىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى سۇدۇر.

212سوئال:قانچە تۈرلۈك سۇ بار؟#

جاۋاب: تۆت تۈرلۈكتۇر: تەبىئىي پاك سۇ، مۆشۈك ئىچكەن مەكرۇھ سۇ، نىجاسەت چۈشكەن نىجىس سۇ ۋە پاكلىقى شۈبھىلىك بولغان سۇ (ئېشەك-خېچىر ئىچكەن سۇ).

213سوئال:پاكلاش ۋە پاكلىنىش ئۈچۈن قانداق سۇنى ئىشلىتىش كېرەك؟#

جاۋاب: 8 خىل تەبىئىي سۇ ئىشلىتىلىدۇ: يامغۇر سۈيى، دەريا-دېڭىز سۈيى، قۇدۇق سۈيى، بۇلاق سۈيى، ئېرىگەن قار-مۇز سۈيى، كۆل سۈيى، تۇرۇبا سۈيى ۋە زەمزەم سۈيى.

214سوئال:باشقا پاكىز نەرسىلەر ئارىلاشقان سۇنى ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟#

جاۋاب: ئەگەر ئارىلاشقان پاكىز نەرسە سۇنىڭ تەبىئىتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتمىگەن بولسا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئەگەر سۇنىڭ تەبىئىتى چاي ياكى شورپىدەك ئۆزگىرىپ كەتكەن بولسا تاھارەتكە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

215سوئال:مىقدارى ئاز، بولۇپ ئۇنىڭدىن ھايۋانلار ئىچىپ قويغان تۇرغۇن سۇنى ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟#

جاۋاب: گۆشى يېيىلىدىغان ھايۋانلار ئىچكەن بولسا پاك؛ ئىت، چوشقا ياكى يىرتقۇچلار ئىچكەن بولسا نىجىس؛ مۆشۈك ئىچكەن بولسا مەكرۇھ؛ ئېشەك ياكى خېچىر ئىچكەن بولسا شۈبھىلىكتۇر.

216سوئال:مىقدارى ئاز سۇ دېگەن قانداق سۇ؟#

جاۋاب: مەيدانى 10x10 زىرائتىن (تەخمىنەن 25 كۋادرات مېتىردىن) كىچىك ۋە تېيىز بولغان كۆلچەك ياكى قاچىدىكى تۇرغۇن سۇدۇر. بۇنداق سۇغا نىجاسەت چۈشسە پۈتۈنلەي نىجىس بولىدۇ.

ئىستىنجا، ئىستىبرا ۋە ھاجەتخانا ئەدەپلىرى (سوئال 217 – 224)

بۆلۈم: “ئىستىنجا، ئىستىبرا ۋە ھاجەتخانا ئەدەپلىرى (سوئال 217 – 224)”
217سوئال:ئىستىنجا دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: ئىستىنجا — كىچىك ياكى چوڭ تەرەت قىلغاندىن كېيىن تەرەت ئورۇنلىرىنى يۇيۇپ ياكى قۇرۇقداپ تازىلاش دېمەكتۇر.

218سوئال:ئىستىنجا قانچە تۈرلۈك بولىدۇ؟#

جاۋاب: ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ: ئەتراپقا تارقالمىغان بولسا سۈرتۈپ تازىلاش سۈننەت؛ نىجاسەت تەڭگە مىقدارىدا تارقالسا سۇ بىلەن يۇيۇش ۋاجىب؛ تەڭگە مىقدارىدىن ئېشىپ كەتسە سۇ بىلەن يۇيۇش پەرز بولىدۇ.

219سوئال:ھەر قېتىم تاھارەت ئېلىش ئۈچۈن ئىستىنجا قىلىش شەرتمۇ؟#

جاۋاب: ياق، تەرەت قىلمىغان (پەقەت يەل چىققان، ئۇخلىغان ياكى تېنى قانىغان) ئەھۋالدا ئىستىنجا قىلىش ھاجەتسىزدۇر. ئىستىنجا پەقەت تەرەت قىلغاندا قىلىنىدۇ.

220سوئال:ئىستىنجا قىلغاندا قانداق نەرسىلەرنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ؟#

جاۋاب: ئەڭ ياخشىسى سۇدۇر. سۇ يوق ئەھۋالدا چالما، پاكىز قەغەز ۋە تاش ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.

221سوئال:ئىستىنجا قىلغاندا قانداق نەرسىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ؟#

جاۋاب: خىش، كۆمۈر، سۆڭەك، يېمەكلىك، ئەينەك ۋە قىممەتلىك نەرسىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

222سوئال:گېزىت-ژۇرناللارنىڭ ۋە كىتابلارنىڭ ۋاراقلىرى بىلەن ئىستىنجا قىلىشقا بولامدۇ؟#

جاۋاب: ئەرەب ھەرپىدە يېزىلغان ياكى دىنىي مەزمۇندىكى قەغەزلەرنى ئىشلىتىش قەتئىي ھارامدۇر. ئادەتتىكى پاكىز ھاجەتخانا قەغىزى ئىشلىتىلىدۇ.

223سوئال:ئىستىبرا دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: ئىستىبرا — كىچىك تەرەت قىلغاندىن كېيىن، سۈيدۈك تۇرۇبىسىدا قېلىپ قالغان سۈيدۈك تامچىلىرىنىڭ پۈتۈنلەي تۈگىشىنى كۈتۈپ پاكلىنىش دېمەكتۇر. تاھارەت ئېلىشتىن بۇرۇن ئىستىبرا قىلىش پەرزدۇر.

224سوئال:ھاجەتخانىغا كىرىشنىڭ ئەدەپلىرى قايسىلار؟#

جاۋاب: كىرىشتە دۇئا ئوقۇش، سول پۇت بىلەن كىرىپ، ئوڭ پۇت بىلەن چىقىش؛ ئىچىدە گەپ قىلماسلىق؛ قىبلىگە ئالدى-كەينىنى قىلماسلىق؛ تۈگىگەندە ئوڭ پۇت بىلەن چىقىپ دۇئا ئوقۇشتۇر.

(1) ئىمام بۇخارىي رىۋايىتى

نىجاسەتنىڭ تۈرلىرى ۋە پاكلاش ئۇسۇللىرى (سوئال 225 – 231)

بۆلۈم: “نىجاسەتنىڭ تۈرلىرى ۋە پاكلاش ئۇسۇللىرى (سوئال 225 – 231)”
225سوئال:نىجاسەت (پاسكىنىلىق) قانچە تۈرلۈك بولىدۇ؟#

جاۋاب: ئىككى تۈرلۈكتۇر: ئېغىر نىجاسەت (مۇغەللەزە) ۋە يېنىك نىجاسەت (مۇخەففەفە).

226سوئال:ئېغىر نىجاسەتلەر دېگەن قايسىلار؟#

جاۋاب: قان، يىرىڭ، ھاراق، ئىت ۋە چوشقىنىڭ ئاجراتمىلىرى، گۆشى ھارام ھايۋانلارنىڭ سۈيدۈك-تەزىكى، ئادەمنىڭ سۈيدۈكى، مەنىي، مەزى ۋە ۋەدى قاتارلىقلاردۇر.

227سوئال:يېنىك نىجاسەتلەر دېگەن قايسىلار؟#

جاۋاب: ئات، كالا، قوي قاتارلىق گۆشى ھالال ھايۋانلارنىڭ سۈيدۈكى ۋە ھاۋادا ئۇچىدىغان قۇشلارنىڭ ماياقلىرىدۇر.

228سوئال:نامازدا قانچىلىك نىجاسەت كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؟#

جاۋاب: ئېغىر نىجاسەتتىن قۇرۇق بولسا بىر تەڭگە مىقدارى (3.17 گرام)، سۇيۇق بولسا ئالقاننىڭ ئويمىنىچىلىك؛ يېنىك نىجاسەتتىن كىيىمنىڭ ياكى بەدەننىڭ تۆتتىن بىرىدىن ئاز مىقدارى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

229سوئال:نىجاسەتلەرنى قانداق تازىلاش كېرەك؟#

جاۋاب: كۆرۈنىدىغان نىجاسەتلەرنى نىجاسەتنىڭ ئۆزى كەتكۈچە يۇيۇش كېرەك؛ كۆرۈنمەيدىغان سۈيدۈككە ئوخشاش نەرسىلەرنى ئۈچ قېتىم يۇيۇپ، سىقىش بىلەن پاكىزلىنىدۇ.

230سوئال:ئىسپېرما (مەنىي) پاكىزمۇ ياكى پاسكىنىمۇ؟#

جاۋاب: ئۆلىمالار ئىختىلاپ قىلغان: ھەنەفىيلەردە نىجاسەت بولۇپ، ھۆل بولسا يۇيۇلىدۇ، قۇرۇسا ئۇۋۇلاپ چىقىرىۋېتىلسە پاك بولىدۇ؛ شافىئىيلەردە مەنىي ئۆزى پاكتۇر، ئەمما يۇيۇۋېتىش ئەۋزەلدۇر.

231سوئال:ئىسپېرما يۇقۇپ قالغان كىيىم بىلەن ناماز ئوقۇسا بولامدۇ؟#

جاۋاب: ھەنەفىي مەزھىپىدە قۇرۇپ كەتكەن بولسا ئۇۋۇلاپ ئەسىرى يوقالغان بولسا جائىز، ھۆل بولسا يۇيۇپ ئاندىن ناماز ئوقۇش لازىم؛ شافىئىيلەردە ناماز دۇرۇس بولىدۇ.

تاھارەتنىڭ پەرز، سۈننەتلىرى ۋە ئەمەلىي تەرتىپى (سوئال 232 – 236)

بۆلۈم: “تاھارەتنىڭ پەرز، سۈننەتلىرى ۋە ئەمەلىي تەرتىپى (سوئال 232 – 236)”
232سوئال:تاھارەت قانچە تۈرلۈك بولىدۇ؟#

جاۋاب: ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ: پەرز تاھارەت (ناماز، تىلاۋەت سەجدىسى ۋە قۇرئان تۇتۇش ئۈچۈن)؛ ۋاجىب تاھارەت (كەبىنى تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن)؛ مۇستەھەب سۈننەت تاھارەت (ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئېلىشقا ئوخشاش).

233سوئال:تاھارەتنىڭ پەرزلىرى قانچە؟#

جاۋاب: تۆت تۈرلۈكتۇر: (1) يۈزنى پۈتۈنلەي بىر قېتىم يۇيۇش. (2) ئىككى قولنى جەينەكلىرى بىلەن قوشۇپ يۇيۇش. (3) باشنىڭ تۆتتىن بىرىگە مەسھى قىلىش. (4) ئىككى پۇتنى ئوشۇقلىرى بىلەن قوشۇپ يۇيۇش.

234سوئال:تاھارەتنىڭ سۈننەتلىرى قانچە؟#

جاۋاب: نىيەت قىلىش، بىسمىللاھ دەپ باشلاش، قولنى بىلەكلەرگىچە يۇيۇش، مىسۋاك ئىشلىتىش، ئېغىز-بۇرۇننى ئۈچ قېتىمدىن چايقاش، ئەزالارنى ئۈچ قېتىمدىن يۇيۇش، قۇلاق ۋە گەدەنلەرگە مەسھى قىلىش، تەرتىپكە رىئايە قىلىش ۋە ئوڭ تەرەپتىن باشلاشتۇر.

235سوئال:تاھارەتتىكى مەكرۇھلار قايسىلار؟#

جاۋاب: سۇنى ئىسراپ قىلىش ياكى بەك ئاز ئىشلىتىش، سۇنى يۈزگە ئۇرۇپ يۇيۇش، تاھارەت ئېلىۋېتىپ دۇنيالىق گەپلەرنى قىلىش، ئۈزۈرسىز باشقىلاردىن ياردەم سوراش قاتارلىقلاردۇر.

236سوئال:تاھارەتنى قانداق ئېلىش كېرەك؟#

جاۋاب: تاھارەتنى تۆۋەندىكىدەك ئېلىش كېرەك: (1) كۆڭلىمىزدە تاھارەت ئېلىشنى نىيەت قىلىمىز. (2) بىسمىللاھىررەھمانىررەھىيم دەيمىز. (3) قولىمىزنى ئۈچ قېتىم پاكىز يۇيىمىز، بارماقلىرىمىزنىڭ ئارىسىنى ئارىلاپ يۇيىمىز. (4) ئوڭ قولىمىز بىلەن ئېغىزىمىزغا ئۈچ قېتىم سۇ ئېلىپ چايقايمىز، مىسۋاك ياكى بارمىقىمىز بىلەن چىشلىرىمىزنى پاكىزلايمىز. (5) بۇرنىمىزغا ئۈچ قېتىم ئوڭ قولىمىز بىلەن سۇ ئېلىپ سول قولىمىز بىلەن تازىلايمىز. (6) يۈزىمىزنى پېشانىدىن ئېڭەك ئاستىغىچە، ئىككى قۇلاق يۇمشىقىغىچە تولۇق ئۈچ قېتىم يۇيىمىز. (7) ئاۋۋال ئوڭ، ئاندىن سول قولىمىزنى جەينەكلىرى بىلەن قوشۇپ يۇيىمىز. (8) بېشىمىزنىڭ تۆتتىن بىرىگە مەسھى قىلىمىز. (9) قۇلاق ۋە گەدەنلىرىمىزنى مەسھى قىلىمىز. (10) ئاۋۋال ئوڭ، ئاندىن سول پۇتىمىزنى ئوشۇقلىرى بىلەن قوشۇپ يۇيىمىز.

مىسۋاك، تاھارەتنى بۇزىدىغان ۋە بۇزمايدىغان ئامىللار (سوئال 237 – 241)

بۆلۈم: “مىسۋاك، تاھارەتنى بۇزىدىغان ۋە بۇزمايدىغان ئامىللار (سوئال 237 – 241)”
237سوئال:مىسۋاك دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: مىسۋاك سالۋادورا پېرسىكا دەپ ئاتىلىدىغان «ئىراك» دەرىخىنىڭ ياش نوتىسىدىن كېسىپ ئېلىنىدىغان ھۆل ياغاچ دېمەكتۇر. بۇ ياغاچتىن بىر غېرىچ مىقدارىدا كېسىپ، ئۇنىڭ ئۇچىنى 1 ياكى 2 سانتىمېتىر سويۇپ سۇغا چىلاپ يۇمشىتىش ئارقىلىق قوللىنىلىدۇ.

238سوئال:مىسۋاكنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟#

جاۋاب: تولۇق ۋە توغرا سۆزلەشنىڭ بىردىنبىر ۋاسىتىسى بولغان چىشلارنى ئاسراش ئىنسان ئۈچۈن بەكمۇ ئەھمىيەتلىكتۇر. مىسۋاك ئۆزىنىڭ يېقىملىق پۇرىقى ۋە نورمال تەمى بىلەن باكتېرىيەلەردىن ساقلايدۇ ۋە چىش، ئېغىز ساغلاملىقىنى قوغدايدۇ.

239سوئال:تاھارەتنى بۇزىدىغان ئامىللار قايسىلار؟#

جاۋاب: تاھارەت تۆۋەندىكىلەر بىلەن بۇزۇلىدۇ: (1) ئالدى ۋە كەينى تەرەت ئورگانلىرىدىن سۈيدۈك، چوڭ تەرەت، يەل، مەزى قاتارلىقلارنىڭ چىقىشى. (2) بەدەننىڭ بىرەر يېرىدىن قان، يىرىڭ ياكى سېرىق سۇ ئېقىشى. (3) ئېغىز توشۇپ قۇسۇش. (4) ئېغىزدىن قان چىقىپ تۈكۈرۈكتىن كۆپ بولۇشى. (5) ھوشىدىن كېتىش ياكى مەس بولۇش. (6) ئۇخلاش (يۆلەنمەستىن ئولتۇرۇپ مۆگدىگەن كىشى بۇنىڭدىن مۇستەسنا). (7) نامازدا قاھقاھلاپ كۈلۈش.

240سوئال:تاھارەتنى بۇزمايدىغان ئىشلار قايسىلار؟#

جاۋاب: (1) قان چىقىپ ئاقماستىن ئۆز ئورنىدا قالسا. (2) گۆش ئاجراپ چۈشكەن بىلەن قان چىقمىسا. (3) يارىدىن قۇرۇت چىقسا. (4) ئېغىز تولمىغان مىقداردا قۇسسا. (5) ئايالنى شەھۋەتسىز تۇتسا. (6) ئۆرە ياكى ئولتۇرۇپ مۆگدەپ قالسا تاھارەت بۇزۇلمايدۇ.

241سوئال:تاھارەتتە شەككە چۈشۈپ قالغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟#

جاۋاب: تاھارەت ئالغانلىقى ئېسىدە بار، ئەمما بۇزۇلغان ياكى بۇزۇلمىغانلىقىدا شەكلىنىپ قالغان ئادەم تاھارىتى بار دەپ ھېسابلايدۇ. چۈنكى «شەك ئىشەنچنى يوق قىلالمايدۇ». ئەكسىچە تاھارىتى بۇزۇلغىنى ئېنىق بولۇپ قايتا ئالغانلىقىدا شەكلىنسە، تاھارەت يوق ھېسابلىنىدۇ.

پايپاققا ۋە تېڭىققا مەسھى قىلىش ھەم ئۆزۈرلۈكلەر تاھارىتى (سوئال 242 – 248)

بۆلۈم: “پايپاققا ۋە تېڭىققا مەسھى قىلىش ھەم ئۆزۈرلۈكلەر تاھارىتى (سوئال 242 – 248)”
242سوئال:ئاياققا ياكى پايپاققا مەسھى قىلىش دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: تاھارەت ئالغاندا پۇتلارنى يۇيۇشنىڭ ئورنىغا تاھارەت بىلەن كىيىلگەن مەسە، ئۆتۈك ياكى قېلىن پايپاق قاتارلىقلارنىڭ ئۈستىنى ھۆل قول بىلەن سىلاش دېگەنلىكتۇر.

243سوئال:ئاياققا ياكى پايپاققا مەسھى قىلىشنىڭ شەرتى نېمە؟#

جاۋاب: (1) ئاياقنىڭ ئوشۇقنى يېپىپ تۇرىدىغان، پايپاقنىڭ قېلىن بولۇشى. (2) تاھارەت ئېلىپ بولغاندىن كېيىن كىيىلگەن بولۇشى. (3) پاسكىنىلىقتىن پاكىز بولۇشى. (4) جۇنۇپلۇقتىن خالىي بولۇشى. (5) مەسھى مۇددىتى ئىچىدە بولۇشى.

(1) پايپاققا مەسھى قىلىش سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن سابىت بولغان سۈننەتتۇر.
244سوئال:مەسھىنى قانداق قىلىش كېرەك؟#

جاۋاب: قوللارنى ھۆل قىلىپ، ئوڭ قولنىڭ بارماقلىرى بىلەن ئوڭ پۇتنىڭ، سول قولنىڭ بارماقلىرى بىلەن سول پۇتنىڭ ئۇچىدىن ئوشۇق تەرەپكە بىر قېتىم سىلاشتۇر.

245سوئال:مەسھىنىڭ مۇددىتى قانچىلىك؟#

جاۋاب: مۇقىملار ئۈچۈن بىر كېچە-كۈندۈز (24 سائەت)، يولۇچىلار ئۈچۈن ئۈچ كېچە-كۈندۈز (72 سائەت) تۇر.

246سوئال:مەسھىنى بۇزىدىغان ئامىللار قايسىلار؟#

جاۋاب: (1) تاھارەتنى بۇزىدىغان ئامىللار. (2) پۇتنىڭ ئاياقتىن ياكى پايپاقتىن چىقىشى. (3) مەسھى مۇددىتىنىڭ تۈگىشى. (4) سۇ ئۆتۈپ پۇتنىڭ ھۆل بولۇپ كېتىشى.

247سوئال:تېڭىقنىڭ ئۈستىگە قانداق مەسھى قىلىش كېرەك؟#

جاۋاب: يېشىپ يۇيۇش زىيانلىق بولغاندا، تېڭىق ئۈستىنى ھۆل قول بىلەن بىر قېتىم سىلاش يۇيۇش ئورنىدا تۇرىدۇ. ساقايغۇچە قايتا يېڭىلاش ھاجەتسىز.

248سوئال:ئۈزۈرلۈك كىشىلەر قانداق قىلىشى كېرەك؟#

جاۋاب: توختىماي بۇرنى قاناش، سۈيدۈك تۇتالماسلىق قاتارلىق ئۈزۈرى بارلار ھەر بىر ۋاخ ناماز ئۈچۈن ئايرىم تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇيدۇ.

يۇقىرىغا قايتىش

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاش ئۇسۇلى

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاڭ
1
Safari دىكى ھەمبەھىرلەش تۈگۈچىسىنى (Share) بېسىڭ.
2
«باش ئېكرانغا قوشۇش» (Add to Home Screen) نى تاللاڭ.
3
ئوڭ ئۈستىدىكى «قوشۇش» (Add) نى بېسىڭ.