تەركىبكە ئۆتۈش

خەتكۈشلەر (ساقلانغان بەتلەر)

ھازىرقى بەت:...

تېخى ھېچقانداق بەت خەتكۈشكە قوشۇلمىدى

تۆۋەندىكى كۇنۇپكىنى ياكى بەتلەردىكى خەتكۈش بەلگىسىنى چېكىپ بۇ يەرگە ساقلىۋالالايسىز.

تەڭشەكلەر

يېزىق
يورۇقلۇق ھالىتى
بەت ئۇسلۇبى
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى
ئەرەبچە خەت نۇسخىسى
خەت چوڭلۇقى

ئاخىرقى كۈن (قىيامەت كۈنى)

ئىما ئەلەيھىسسالام ئۆز بۇرچىغا سادىق بولۇپ كەلدى، زادى سۇس قارىمىدى. ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئۆز تۈرمۈشىنىڭ باياشات بولۇشىنىلا كۆزلەپ، ھەدەپ تالان - تاراج قىلىش يولى بىلەن نۇرغۇن پۇلغا ئىگە بولۇۋېلىشىغا قارشى تۇراتتى، ئۇلارنىڭ قانۇن دەستۇرغا بولغان ساختا ھۆرمىتىنى مەسخىرە قىلاتتى. ئۇلارنىڭ دىنىي ئەقىدىلەرنى يوققا چىقىرىپ، ئاسىيلىق قىلغانلىقىنى ئەيىبلەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يەنە ئۇلارنىڭ قىلغان - ئەتكەنلىرىنىڭ ئاللاھنىڭ چاقىرىقىغا ئۇيغۇن ئەمەس ئىكەنلىكىنى

كۆرسەتتى. يەھۇدىيلار ئىسا ئەلەيھىسسالامغا شەدەتلىك ھۇجۇم قوزغىدى. لېكىن ئىسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ بېسىمغا تىز پۈكمىدى.

دەلىل - ئىسپاتلار ئۇلارنىڭ قەلبىنى يەڭدى. مۇجىزىلەر ئۇلارنى ھاڭ - تاڭ قالدۇردى. ھەقىقەت تۈرى ئۇلارنىڭ باھانە - سەۋەبلىرىنى بېسىپ چۈشتى. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلار ئىسا ئەلەيھىسسالامغا قارشى تۈرۈشنىڭ ئۇسۇل ۋە يولىنى تاپالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا تەن بەرمەستىن. مىڭ بىر ھىيلە - مىكىر بىلەن ئۇنى ئالدايتتى. ئۇلار ئۆز دۆلىتىنىڭ يوقىلىپ، ھاكىمىيەت ئاساسىنىڭ پاچاقلىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيتتى. ئىسا ئەلەيھىسسالام يەھۇدىيلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ يارەنلىرى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە ئىدى. بىراق بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى تۆۋەن تەبىقىدىن كېلىپ چىققان. بىلىم - ساۋاتى يوق كىشىلەر ئىدى. يەھۇدىيلار ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چاقىرىقلىرىنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ۋە ئۇنىڭ كىشىلەرگە بەرگەن تەسىرىنى ئازايتىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار مەقسىتىگە يېتەلمىدى. چۈنكى، ئىسا ئەلەيھىسسالام گويا ئايلىنىۋاتقان ئاسمان جىسىملىرىدەك ۋە ياكى ئاقار يۇلتۇزلاردەك تەرەپ - تەرەپتە ھەرىكەت قىلاتتى. ئۇنىڭ دۇئا - تىلاۋەت قىلغان ئاۋازى ھەممىلا يەردە ياڭرايتتى. ئۇنىڭ قەدىمى يەتكەنلا يەردە يەھۇدىيلارنى ئەيىبلەش سادالىرى جاراڭلايتتى.

ئىسا ئەلەيھىسسالام يەھۇدىيلارنىڭ خام خىيالىنىڭ بىتچىتىنى چىقىرىپ. ئۇلارنىڭ ئەقىدىلىرىگە رەددىيە بەردى. يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا ئۆچ بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى ھېچنىمە قىلالمايتتى. ئۇلار ئۇنىڭغا قارشى تۈرۈش، ئۇنى ئۇچۇقتۇرۇۋېتىش ئۈچۈن، ئادەم توپلاپ تۇرۇغا پەيدا قىلدى. ئۇنى پادىشاھلىقتىن تەمەسى بار دەپ گەپ تېرىدى.

ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پاناھ بولغۇدەك ئۇرۇق - تۇغقان، قوۋم - قىرىنداشلىرى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ يەھۇدىي ئىبارەتنىڭ ھۇجۇمىدىن قورقمايتتى، چۈنكى، ئاللا ئۇنى قوغدىماقتا ۋە قوللىماقتا ئىدى. ئاللا ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەتراپىدىكى مۇشرىكلارنى تازىلاپ، ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆز پاناھىدا ساقلاپ، ساداقەتسىز ئاشۇ مۇرتەتلەردىن قۇتۇلدۇردى ھەمدە ئۇنىڭغا ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكرىنى ئۆز يولى بىلەن بابلاپ مەغلۇپ قىلىشنى ئىجازەت قىلدى.

يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنىڭ ئىنتايىن يېتىم قالغانلىقىدىن ۋەھىمە يەپ، ئىسا ئەلەيھىسسالامنى بالا - قازانىڭ مەنبەسى، دەپ قارىشاتتى. ئىسا ئەلەيھىسسالام «تەۋرات» قا ئىشەنسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ يارەنلىرىنىڭ ماجىرا تۇغدۇرۇپ ئىسيان كۆتۈرۈشى ئېھتىمالغا يېقىن ئىدى. لېكىن، يەھۇدىيلارنىڭ ئۆزلىرى قانداق؟ ئۇلار ئاللاھقا ئاللىمۇرۇن ئاسىيلىق قىلىپ، كىشىلەرنى دوزاخقا ئىتتىرەتتى. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەقىدىلىرىگە ئىشەنمەي، ھە دېسلا پۇل، ھوقۇق ۋە شان - شۆھرەتكە بېرىلىپ كەتتى.

ئىسا ئەلەيھىسسالامغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ ئۇنۇمى بولمىدى. ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چاقىرىقلىرى بولسا قارشىلىق كۆرسىتىپ بولمايدىغان ئېقىمغا ئايلاندى. يەھۇدىيلار تەرەپ - تەرەپكە پايلاقچىلارنى قويۇپ، ئىسا ئەلەيھىسسالامغا دۈشمەنلىك قىلىپ قاپقان قۇردى ۋە ئۇنىڭغا زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلدى. ئۇلار ئۇنى پېرىخۇن دېيىشتى، ئۇنىڭ مۆجىزىلىرىنى شەيتاننىڭ سېھىر - جادۇسى دېيىشتى، ئۇ شەنبە كۈنى يەنى بىزنىڭ بايرام ۋە ئىبادەت قىلىدىغان كۆنىمىزدە بىزگە ئوخشاش ئىش توختاتمىدى، ئۇ دىنىمىزدىن بەك يىراقلىشىپ كەتتى، پەيغەمبىرىمىزگە ئىشەنمىدى، دېيىشتى.

لېكىن، بۇ گەپلىر ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاۋازىنى بەسلىشەلمىدى، ئىزادىسىمۇ تەۋرىتەلمىدى، ئەكسىچە، ئۇ تېخىمۇ قەتئىي، بوشاشماي تەشۋىق قىلىپ، ئەلچىلىك بۇرچىنى ئادا

قىلىۋەردى. يەھۇدىيلار ئىما ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەربىر ئېغىز سۆزىنى ئۆتكۈز ئوقىيا دەپ قارايتتى. ئۇلار ئۇنىڭ پىچىرلاشلىرىنىمۇ ئەكس سادا پەيدا قىلىدۇ. دەپ ئويلايتتى. ئۇلارنىڭ غۇلغۇلىسى توختىمىدى. ئۇلار بايلىقىنىڭ تۈگەپ، تىرىكچىلىك يولىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتى. شۇڭا ئۆزلىرىنىڭ يەنە ھۇجۇمغا ئۇچرىماسلىقى ۋە ھوقۇق - مەنپەئىتىنىڭ تەھدىتىكە دۇچ كەلمەسلىكى ئۈچۈن، ئىما ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، مەسلىتى ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلماقچى بولۇشتى.

ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تەقدىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان پەيغەمبىرىنى ئۆلتۈرۈشكە تەييارلانغاندا، ئاللاھنىڭ تەلىمىگە نەقەدەر نادانلىق قىلغان ھەم ئاللاھنىڭ يولىدىن نەقەدەر يىراقلىشىپ كەتكەندى. ھە! ئىما ئەلەيھىسسالام نېمە گۈناھ قىلدى؟ ئۇ ناھايىتى كەلسە، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ بۇيرۇغانلىرىغا ئەمەل قىلىپ، گۈناھتىن ئېرى تۈرۈشقا دەۋەت قىلدى. خالاس. ئىما ئەلەيھىسسالام نېمە خاتالىق ئۆتكۈزدى؟ ئۇ ناھايىتى كەلسە ئۇلارغا ئېتىقادنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى ئۆگىتىپ، بۇلارنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى. خالاس.

ئۇلار ئىما ئەلەيھىسسالامنى قەتئىي ئۆلتۈرۈش نىيىتىگە كەلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. بەزىدە ئۇنى تاپالمىغاندىمۇ، ئۆزلىرى ھېرىپ دەرمانى قالمىغاچقا، نائىلاج قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇشاتتى. كېيىن ئۇلار شېرىن سۆزلەر بىلەن ئادەم ئالداشقا باشلىدى. ئۇچرىغانلىكى كىشىلەرگە يالغان - ياۋىداق سۆزلەر ۋە پىتنە - ئىغۋالارنى تارقاتتى. ھەتتا پايلاقچىلارنى پۇل بىلەن سېتىۋېلىپ ئۇلارنى ئىما ئەلەيھىسسالامنىڭ بېڭىش - تۈرۈشلىرىنى كۆزىتىشكە سالدى. ئۇلار ئاقساقال، كاتتىۋاشلارنىڭ تەسىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ مەقسىتىگە يېتىشتىمۇ باش تارتمىدى. ئۇلار، ئىما پادشاھنىڭ تەختى - بەختىنى گۇمران قىلماقچى، دېيىشتى.

بەزى دىنىي زاتلار بەيتۈلمۈقەدەسكە يغملىپ ئىما ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشىنى مەسلىھەت قىلدى. ئۇلار ئىما ئەلەيھىسسالامدىن ئۆچ ئېلىپ، غەزىپىنى چىقىرىۋېلىشقا تەقدىر ئىدى. لېكىن ئۇلار خېلى بىر ھازىرغىچە مەسلىھەتلەشكەن بولسىمۇ، يەنىلا ھېچ ئامال قىلالمىدى. ئۇلار مەيۈس، ئۈمىدسىز ئىدى، دۆلەتنىڭ ھالاك بولۇشىدىن، خەلقنىڭ ئۆزلىرىدىن بىزار بولۇشىدىن قورقۇشاتتى. دەل ئۇلار غەم - قايغۇغا چۆمۈپ خاپىلىق ئىچىدە تۇرۇۋاتقان چاغدا، ئىما ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر مۇرىتى غادايغان ھالدا دەرۋازىدىكى ياساۋۇلنىڭ ئالدىغا كەلدى - دە، ناھايىتى سىر ساقلىغاندەك قىلىپ:

— مېنىڭ مەجلىس ئەھلىگە دەيدىغان بىر گېپىم بار ئىدى، — دېدى. بۇ كىشى كىرگەندىن كېيىن، مەجلىستىكىلەر ئۈنى خۇشال كۈتۈۋالدى ۋە ئۈنىڭدىن، دەيدىغان نېمە گېپى بارلىقىنى سورىدى. ئۇ مەلۇم قىلىدىغان مۇھىم ئىش بارلىقىنى، بۇ ئىش ئۇلارنىڭ خاتىرجەم بولۇشىغا، ۋەھىمىسى ۋە تەشۋىشىنى تۈگىتىشكە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بۇ مۇرىت ئېھتىيات بىلەن، ئەمما تەشۋىشلەنگەن ھالدا ئۇلارغا، ئىما ئەلەيھىسسالامنى تېپىش ئۈچۈن يول باشلاپ بېرىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ غەم - قايغۇسىنىڭ يىلتىزىنى تۈگىتىپ، مالىمان، ئەنسىز تۇرمۇشتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ مۇرىتنىڭ سۆزى تۈگىشىگە، ئۇلار گويا ئېغىر يۈكتىن خالاس بولغاندەك، خۇشال بولۇپ كېتىشتى. ئۇلار بۇ مۇرىتقا بەخت تېلىدى. مۇرىتمۇ كۆرەڭلەپ كەتتى. ئۇلارنىڭ رەھمىتى ۋە ھۆرمىتى مۇرىتنىڭ گۈلقەقلىرىنى ئېچىلدۈرۈپ دىلخەستىلىكىنى كۆتۈرۈۋەتتى.

ئۇلار مۇرىتنى پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ، ۋەقەنى بايان قىلىشتى. پادىشاھ ئىما ئەلەيھىسسالامنى تۇتۇشقا لەشكەر ئەۋەتتى. ئىما ئەلەيھىسسالاممۇ گۈمراھلارنىڭ نىيىتىنى بۈزۈپ، كۈچ

توپلاپ ئۇنىڭ پېيىگە چۈشكەنلىكىدىن، ئۇنىڭ ئىز - دېرىكىنى ئېلىش ئۈچۈن يەنە تەرەپ - تەرەپكە پايلاقچى ئەۋەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقانىدى. شۇڭا ئۇيان - بۇيان يۆتكىلىپ، گاھ كۆرۈنۈپ، گاھ يوشۇرۇنۇپ، ئۆز تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلىپ، ئەلچىلىك بۇرچىنى ئادا قىلىۋەردى، كىشىلەرنى ئاللاھقا ئېتىقاد قىلىپ، يامانلىقنى تاشلاشقا چاقىرىۋەردى. ئۇنىڭ يارەنلىرى ئۇنىڭ چۆرىسىدىن نېرى كەتمىدى، ھېچقايسىسى ئۇنى تاشلىۋەتمىدى. بىر كۈنى ئىسا ئەلەيھىسسالام ئۆز يارەنلىرى بىلەن بىللە بىر باغقا كىرىپ قونۇپ قالماقچى بولدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى دۈشمەننىڭ كۆزىدىن نېرى بولدۇق، ھەرىكىتىمىزنى ھېچكىم سەزمىدى، دەپ ئويلىدى. لېكىن بۇ ئۇلارنىڭ ئۆز خىيالىلا ئىدى. زېمىنغا تۇن پەردىسى ئەمدىلا تارتىلىپ تۇرۇشىغا، ئۇلارنىڭ پېيىگە چۈشكەنلەر بۇ يەرگە كېلىپ، ئۇلارنىڭ پاناھلانغان يېرىنى كۆرۈپ قېلىشتى. ئىسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ يارەنلىرى قورشاۋدا قالدى. بۇ يارەنلىر ئۆزلىرىنىڭ ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلىپ، ئىسا ئەلەيھىسسالامنى تاشلاپ بەدەر قېچىشتى. ئىسا ئەلەيھىسسالامغا كەلسەك، ئاللا ئۇنى دۈشمەنگە تۇتۇپ بەرمىدى. چۈنكى ئۇ ئاللاھنىڭ ئەقىدىلىرىنى تىرىشىپ تەشۋىق قىلىپ كەلگەنىدى. شۇڭا ئاللا ئۇنىڭغا يار بولدى، ئۇنى دەپ مۆجىزە ياراتتى. ئۇنىڭغا خەيرخاھلىق قولىنى ئۇزىتىپ، ئۇنى خالايىقلار چەكچىيىپ قاراپ تۇرغان بىر ئەھۋالدا غايىب قىلدى - دە، قوغلاپ تۇتۇشقا كەلگەنلەرنىڭ ئالدىدا ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈرىتىدە بىر ئادەم پەيدا قىلدى. ئۇلار بۇ ئادەمنى ئىسا ئەلەيھىسسالام دەپ قاراپ، ئېتىلىپ بېرىپ ئۇنىڭ ياقىسىدىن تۇتتى، بۇ ئادەم قورققىنىدىن ئالاقزادە بولۇپ، تىترەپ، تىلى كالۋالىشىپ ئەينى ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىز قالدى، ئۆزىنى قوغداشقىمۇ مادارى بەتمەي، ئۇلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلدى. ئۇلار ھەقىقىي ئەھۋالىنى تەكشۈرمىدى ۋە ئۇقۇشمىدى، ئالدىراپ - تېنەپ، قىزىققانلىق بىلەن ئىش قىلدى، قارىماققا توغرىدەك، ئەمەلىيەتتە

خاتا تەرسە بىلەن قانائەتلەندى.

ھېلىقى ئادەم ئۇلارغا يول باشلاپ كەلگەن يەھۇزا ئىدى، ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ دېگەندەك، ئاسىيلىق قىلغان بۇ ئادەمنىڭ چاچسىنى ئاللا بەردى.

ئۇلار يەھۇزانى يالاپ بىر مەيدانغا ئېلىپ كەلدى - دە، چۇقان - سۈرەن ئىچىدە ئۇنى چاپراس مومىغا مىخلىدى. ئۇلار ئىسانى ئۆلتۈردۇق، دەپ داۋراڭ سېلىشتى. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرمىدى. ئاللا ئۇنى ئۆز دەرگاھىغا ئېلىپ چىقىپ كەتكەندى، ئاللا ھەممىگە قادىر ۋە ھەممىدىن دانادۇر.

يۇقىرىغا قايتىش

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاش ئۇسۇلى

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاڭ
1
Safari دىكى ھەمبەھىرلەش تۈگۈچىسىنى (Share) بېسىڭ.
2
«باش ئېكرانغا قوشۇش» (Add to Home Screen) نى تاللاڭ.
3
ئوڭ ئۈستىدىكى «قوشۇش» (Add) نى بېسىڭ.