ھەج ۋە ئۆمرە پائالىيىتى
ھەجنىڭ پەرز، ۋاجىب ۋە سۈننەتلىرى ھەم تۈرلىرى (سوئال 608 – 619)
بۆلۈم: “ھەجنىڭ پەرز، ۋاجىب ۋە سۈننەتلىرى ھەم تۈرلىرى (سوئال 608 – 619)”جاۋاب: ھەج – ئاللاھنىڭ ئۆيى بولغان كەبىنى (بەيتۇللاھنى) زىيارەت قىلىش نىيىتى بىلەن مەككىگە بېرىپ، زۇلھەججە ئېيىدا ئادا قىلىنىدىغان ئىقتىسادىي ھەم جىسمانى ئىبادەت بولۇپ، قۇدرىتى يەتكەن كىشىنىڭ ئۆمرى ئىچىدە بىر قېتىم ئادا قىلىشى پەرزدۇر.
جاۋاب: ھەجنىڭ پەرز قىلىنغان يىلى توغرۇلۇق ئىسلام ئۆلىمالىرى ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ بار. ئەڭ ئىشەنچلىك قاراش ھەج ھىجرىيىنىڭ 9-يىلى پەرز قىلىنغان دېگەن قاراشتۇر.
جاۋاب: بىراۋغا ھەجنىڭ پەرز بولۇشىنىڭ شەرتلىرى تۆۋەندىكىچە: (1) مۇسۇلمان بولۇش; (2) ئەقىل-ھۇشى جايىدا بولۇش; (3) بالاغەتكە يەتكەن بولۇش; (4) ھەج قىلىشقا قادىر بولۇشتىن ئىبارەتتۇر.
جاۋاب: بىراۋنىڭ ھەج قىلىشقا قادىر بولۇپ، ئۇنىڭغا ھەج پەرزنىڭ يۈكلىنىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەج چىقىملىرىغا، ھەجگە بېرىپ كەلگۈچە ئۆيىدە قالغان بالا-چاقىلىرىنىڭ پۈتۈن چىقىملىرىغا يەتكۈدەك ئىقتىسادقا ئىگە بولۇشى، تېنىنىڭ ساق بولۇشى، ھەج يولىنىڭ خاتىرجەم ۋە ئوچۇق بولۇشى، ئۆزى ھەم مال-مۈلكى زىيانغا ئۇچرىمايدىغان بولۇشى ۋە قەرزدار بولماسلىقى شەرتتۇر!
جاۋاب: ھەج ياكى ئۆمرە سەپىرىگە ئاتلانماقچى بولغانلار تۆۋەندىكىلەرنى قىلىدۇ: (1) ھەج ياكى ئۆمرە قىلماقچى بولغان ئادەمنىڭ بۇ ئىبادەتلەر بىلەن پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشنى مەقسەت ۋە غايە قىلىشى; (2) بالا-چاقىلىرىغا شەرىئەت ئەھكاملىرىغا رىئايە قىلىش، ئاللاھ تائالا بۇيرىغانلارنى تولۇق ئورۇنداش ۋە توسقانلىرىنى تەرك ئېتىش ھەققىدە ۋەسىيەت قىلىشى; (3) ئۈستىدە قەرز بولسا تۆلەپ، ھەق ئىگىسى بىلەن رازىلىشىشى، بالا-چاقىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن چىرايلىق خوشلىشىشى، باشقىلاردىن ئېلىشى بولسا بالا-چاقىلىرىغا يېزىپ ۋە گۇۋاھچىلارنى گۇۋاھ قىلىپ قالدۇرۇشى، ۋەسىيەتلىرى بولسا قىلىۋېلىشى; (4) ھەج ۋە ئۆمرە قىلىشنىڭ قائىدە-تەرتىپلىرىنى ياخشى ئۆگىنىش، ھەج قوللانمىسىدىن بىرنى پۈتۈن سەپىرى بويىچە ئۆزىگە ھەمراھ قىلىشى; (5) ھەرەمگە بېرىپ كەلگۈچىلىك بارلىق چىقىملار ئۈچۈن ھالال پۇل ئىشلىتىشى; (6) پۈتۈن سەپىرى ئىچىدە تازىلىققا، پاكىزلىققا زور ئەھمىيەت بېرىشى; (7) ھەج سەپىرى جەريانىدا تەقۋالىق بىلەن ئىش كۆرۈپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇسۇلمان قېرىنداشلاردىن ئۈلگە ئېلىشى ۋە ئۆزىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى بىلەن ئۇلارغا ئۈلگە بولۇشى.
جاۋاب: ھەج ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ، ئۇلار ھەج ئىفراد، ھەج تەمەتتۇ ۋە ھەج قىراندۇر.
جاۋاب: ھەج ئىفراد - يەككە ھەج دېگەن مەنىدە بولۇپ، ھەج ئايلىرىدا ئۆمرە قىلماستىن، پەقەت ھەجنىلا نىيەت قىلىپ ئىھرام باغلاش بىلەن قىلىنىدىغان ھەجدۇر.
جاۋاب: ھەج تەمەتتۇ - بەھرىمەن ھەج دېگەن مەنىدە بولۇپ، ھەج ئايلىرىدا ھەج بىلەن ئۆمرە ئىككىسىنى ئايرىم-ئايرىم ئېھرام باغلاش بىلەن ئادا قىلىنىدىغان ھەجدۇر.
جاۋاب: ھەج قىران دېگەن - ئۇلانما ھەج دېگەن مەنىدە بولۇپ، ھەج بىلەن ئۆمرە ئىككىسىنى ئادا قىلىشنى نىيەت قىلغان ھالدا ئىھرام باغلاپ، باغلىغان شۇ ئىھرام بىلەن ئاۋۋال ئۆمرە، ئاندىن ھەج پائالىيەتلىرى ئادا قىلىنىدىغان ھەجدۇر. ئەسكەرتىش: ھەج ئىفراد قىلغۇچىلارغا قۇربانلىق قىلىش ۋاجىب ئەمەس، ئەمما ھەج تەمەتتۇ ياكى ھەج قىران قىلغۇچىلارغا قۇربانلىق قىلىش ۋاجىبتۇر.
جاۋاب: ھەجنىڭ پەرزلىرى ئۈچ بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە: (1) ھەج قىلىشنى نىيەت قىلىپ ئىھرام باغلاش; (2) ئەرەفاتتا تۇرۇش; (3) كەبىنى 7 قېتىم تاۋاپ قىلىش (بۇ تاۋاپ «تاۋاپ ئىفادە» دەپ ئاتىلىدۇ). ئەسكەرتىش: پەرز ئىسمىنى ئالغان ئىشلاردىن بىرەرسىنىڭ قەستەن ياكى سەۋەنلىكتىن تەرك قىلىنىشى بىلەن قىلغان ھەج بىكار بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا، ھەجنى يەنە بىر يىلى قايتىدىن قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
جاۋاب: ھەجنىڭ ۋاجىبلىرى 7 بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە: (1) «مىقات» (ئىھرام باغلاشقا بەلگىلەنگەن ئورۇن)تىن ئىھرام باغلاپ كېلىش; (2) سافا بىلەن مەرۋە ئارىسىدا سەئى قىلىش (مېڭىش). سافادىن مەرۋىگە بىر قېتىم بېرىش بىر سەئى، مەرۋىدىن سافاغا بېرىش يەنە بىر سەئى ھېسابلىنىدۇ; (3) مۇزدەلىفەدە ئاز ۋاقىت بولسىمۇ تۇرۇش (ئەمما بىر كېچە قونۇش سۈننەت); (4) شەيتانغا تاش ئېتىش; (5) باشنى چۈشۈرۈش ياكى چاچنى قىسقارتىش; (6) قۇربانلىق قىلىش; (7) ھەرەمدىن ئايرىلىش ئالدىدا ۋىدا تاۋىپىنى قىلىش. ئەسكەرتىش: ۋاجىب ئىسمىنى ئالغان ئىشلاردىن بىرەرسى قەستەن ياكى سەۋەنلىكتىن تەرك قىلىنسا ھەج بۇزۇلمايدۇ. بىراق بىر قوي قۇربانلىق قىلىپ، ئۇنىڭ گۆشىدىن يېمەستىن ھەممىسىنى مەككىدە كەمبەغەللەرگە تارقىتىپ بېرىش، ئۇنىڭغا قۇدرىتى يەتمىسە ھەج كۈنلىرىدە (ھېيت كۈنىدىن بۇرۇن) ئۈچ كۈن، يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن يەتتە كۈن، جەمئىي 10 كۈن روزا تۇتۇش بىلەن نۇقسان تولۇقلىنىدۇ.
جاۋاب: ھەجنىڭ سۈننەتلىرى تۆۋەندىكىچە: (1) ئىھرام باغلاشتىن ئاۋۋال يۇيۇنۇش; (2) ئىھراملىق ئۈچۈن ئىككى پارچە ئاق، يېڭى ياكى يۇيۇلغان پاكىز ماتېرىيال ئىشلىتىش; (3) ئىھرام باغلاپ بولۇپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇش; (4) ئىھرام باغلىغاندىن كېيىن «لەببەيكە» دۇئاسىنى ئېيتىش; (5) مەككىگە يېتىپ كەلگەن ھامان كەبىنى تاۋاب قىلىش; (6) زۇلھەججە ئېيىنىڭ 11-، 12- ۋە 13-كۈنلىرى مىنادا قونۇش. مۇلاھىزە: يۇقىرىقى ئۈچ كۈندە مىنادا كېچىنىڭ يېرىمىگىچىلىك بولسىمۇ قونۇش ھەنەفىي مەزھىپىدە تەكىتلىك سۈننەتتۇر. ئەمما شافىئىي، مالىكىي ۋە ھەنبەلىي مەزھەبلىرىدە ۋاجىبتۇر. بۇنىڭغا بىنائەن مىنادا قونمىغان كىشىگە بىر قوي قان كېلىدۇ، ئۇنى بۇغۇزلاپ مەككىنىڭ يوقسۇللىرىغا تارقىتىپ بېرىش بەلگىلىنىدۇ. ئەسكەرتىش: ھەجنىڭ سۈننەتلىرى ھەجنىڭ كامالىيىتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئىشلار بولۇپ، سۈننەت ئەمەللىرىگە ئەھمىيەت بېرىش ناھايىتى مۇھىمدۇر. ئەمما سۈننەت دېيىلگەن ئىشلاردىن بىرەرسىنى ياكى ھەممىسىنى قەستەن ياكى سەۋەنلىكتىن تەرك ئېتىش بىلەن ھەجنىڭ ئادا تېپىشىغا تەسىر يەتمەيدۇ.
ئىھرام چەكلىمىلىرى، جازالىرى ۋە ئاياللارغا خاس ھۆكۈملەر (سوئال 620 – 624)
بۆلۈم: “ئىھرام چەكلىمىلىرى، جازالىرى ۋە ئاياللارغا خاس ھۆكۈملەر (سوئال 620 – 624)”جاۋاب: ئىھرامدا چەكلەنگەن ئىشلار مۇنۇلار: (1) ھەج ياكى ئۆمرە ئۈچۈن ئىھرام باغلىغاندىن كېيىن چاچ ياكى قولتۇق تۈكلىرىنى ياكى تىرناقلىرىنى ئېلىش. ئەمما ئىختىيارسىز چۈشۈپ كەتسە ياكى ئېسىدە يوق ئېلىپ تاشلىسا ھېچ ۋەقەسى يوق; (2) بەدىنىگە ياكى ئىھرامغا (ئاياللار كىيىملىرىگە) ھەر قانداق ئەتىر ۋە خۇشپۇراقلىق نەرسىلەرنى چېچىش ياكى سۈرتۈش; (3) ئەرلەرنىڭ كىيىم شەكلىدە تىكىلگەن نەرسىلەرنى كىيىشى، ئەر-ئايال ھەر قانداق كىشىنىڭ قوللىرىغا پەلەي كىيىۋېلىشى; (4) نىكاھلىنىش ياكى باشقىلارنىڭ نىكاھىنى قىلىش; (5) جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش; (6) قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرىدىن ھەر قانداق بىر جانلىقنى ئۆلتۈرۈش. ئەمما يىلان، چايان، سېرىق چاشقان، قارغا، چىشلەيدىغان غالجىر ئىت، پاشا، چۇسا، قوڭغۇز ۋە كىشىلەرگە ئەزىيەت بېرىدىغان ھەر قانداق ھايۋان ۋە ھاشارەتلەرنى ئىھرام ئىچىدە بولسىمۇ ئۆلتۈرۈشكە بولىدۇ; (7) باشقىلار بىلەن جېدەللىشىش، ئۇرۇشۇش، تىللىشىش ۋە ھەرقانداق بىر گۇناھنى سادىر قىلىش; (8) ئەرلەرنىڭ بېشىنى، ئاياللارنىڭ يۈزىنى يۆگىۋېلىشى (ئەمما ئاياللار يات ئەرلەر بار جايدىن ئۆتكەندە ئۇلاردىن جامالىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن يۈزىنى يۆگىۋالسا بولىدۇ، بۇ چەكلەنگەن ئىشلار قاتارىغا كىرمەيدۇ).
جاۋاب: ئىھرامدا چەكلەنگەن ئىشلاردىن بىرەرسىنى سادىر قىلغان كىشىنىڭ ئەھۋالى مۇنداق 3 تۈرلۈك بولىدۇ: (1) ئىھرامدا چەكلەنگەن جىنسىي مۇناسىۋەتتىن باشقا ئىشلاردىن بىرەرسىنى سادىر قىلغان كىشى ئۇنى بىلمىگەنلىكتىن ياكى ئۇنتۇپ قالغانلىقتىن ياكى زورلانغانلىقتىن سادىر قىلغان بولسا، ئۇ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، گۇناھ بولمايدۇ، جازامۇ كەلمەيدۇ; (2) ئەگەر يۇقىرىقىلاردىن بىرەرسىنى ئېھتىياج يۈزىسىدىن بىلىپ تۇرۇپ قىلغان بولسا، گۇناھكار بولمايدۇ، ئەمما جازا كېلىدۇ; (3) ئەگەر يۇقىرىقىلاردىن بىرەرسىنى ئۈزۈرسىز ۋە ئېھتىياجسىز تۇرۇپ سادىر قىلغان بولسا، گۇناھكار بولىدۇ ۋە جازا كېلىدۇ.
جاۋاب: جازا مىقدارى مۇنداق 3 تۈرلۈك بولىدۇ: (1) ئىھرام ئىچىدە چەكلەنگەن ئىشلارنى سادىر قىلغانلىقنىڭ جازاسى: چاچ ياكى قولتۇقنىڭ تۈكلىرىنى ئېلىش، تىرناق ئېلىش، خۇشبۇي قوللىنىش، قوللىرىغا پەلەي كىيىش، ئەرلەرنىڭ تىكىلگەن نەرسە كىيىشى، بېشىنى يۆگىشى، ئاياللارنىڭ سەۋەبسىز يۈزىنى يۆگىۋېلىشى ۋە ئەر-ئايالنىڭ جىنسىي ھەۋەسنى قوزغايدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلىشىشى قاتارلىق ئىشلاردىن بىرەرسىنى سادىر قىلغان كىشى تۆۋەندىكى ئۈچ خىل جازانىڭ بىرىنى تاللايدۇ: ① ئارقا-ئارقىدىن ياكى ئارا بېرىپ ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش; ② ئالتە پېقىرنى بىر قېتىم غىزالاندۇرۇش; ③ بىر قوي قۇربانلىق قىلىپ گۆشىدىن ئۆزى يېمەستىن مەككىنىڭ پېقىرلىرىغا تارقىتىپ بېرىش (بۇ خىل جازا «دەم» دەپ ئاتىلىدۇ). (2) ئىھرام ئىچىدە تۇرۇپ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەننىڭ جازاسى: ئىھرامدىن چىقماي تۇرۇپ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن كىشىنىڭ قىلغان ھەججىسى بۇزۇلىدۇ. ئۇنى كېيىنكى يىللاردا قايتا قىلىشى لازىم كېلىدۇ. ئەمما ئىھرامدىن چىقىپ بولغان بولسىمۇ، پەرز تاۋاب بىلەن سەئى قىلىشتىن بۇرۇن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن كىشىنىڭ ھەججىسى بۇزۇلمايدۇ، پەقەت قۇربانلىققا يارايدىغان ماللاردىن بىرەر قوي ياكى بىرەر ئۆچكە قۇربانلىق قىلىش ياكى ھەج كۈنلىرىدە ئۈچ كۈن، يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن يەتتە كۈن، جەمئىي 10 كۈن روزا تۇتۇش بىلەن ھەججىسى تولۇقلىنىدۇ. (3) قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرىدىن بىرەر جانلىقنى ئۆلتۈرگەننىڭ جازاسى مۇنداق ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرىنچىسى، ئۆلتۈرگەن نەرسىسى چارۋا ماللىرىغا ئوخشاش قىممىتىنى باھالىغىلى بولىدىغان نەرسە بولسا، جازاسى تۆۋەندىكى ئۈچ ئىشنىڭ بىرىنى قىلىش بىلەن ئادا تاپىدۇ: ① ئۆلتۈرگەن نەرسىسىنىڭ قىممىتىگە چۇشلۇق بىرەر مال (مەسىلەن، بىر كىيىكنى ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا بىر قوي، تۆگە قۇشىدىن بىرىنى ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا بىر كالا) ئېلىپ قۇربانلىق قىلىپ، ھەرەمدىكى پېقىرلارغا تارقىتىپ بېرىش; ② ياكى ئۆلتۈرگەن نەرسىسىنىڭ قىممىتىگە تائام ئېلىپ، مەككىدىكى پېقىرلارنىڭ ھەر بىرىگە يېرىم سا (1625 گرام)دىن تارقىتىپ بېرىش ياكى قىممىتىنى بېرىش; ③ ياكى ھەر بىر پېقىرغا بېرىدىغان تائامنىڭ ئورنىغا بىر كۈندىن ھېسابلاپ روزا تۇتۇش. ئىككىنچىسى، ئۆلتۈرگەن نەرسە چېكەتكىگە ئوخشاش ئوخشىشىنى تاپقىلى بولمايدىغان جانلىق بولسا، تۆۋەندىكى ئىككى ئىشنىڭ بىرىنى قىلىش لازىم كېلىدۇ: ① ئۆلتۈرگەن نەرسىسىنىڭ قىممىتىنى ھېسابلاپ ئۇنىڭغا تائام (ياكى بۇغداي) ئېلىپ، مەككىدىكى پېقىرلارنىڭ ھەر بىرىگە يېرىم سادىن تارقىتىپ بېرىش ياكى قىممىتىنى بېرىش; ② ياكى ھەر بىر پېقىرغا بېرىدىغان تائام ئورنىغا بىر كۈندىن روزا تۇتۇش. ئەسكەرتىش: جانلىقنى ئۆلتۈرگەن كىشىنىڭ ئۈزرىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ. مەيلى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن بولسۇن، مەيلى ئېسىدە يوق ياكى بىلمەستىن ئۆلتۈرگەن بولسۇن، ھەر ھالەتتە ئۇنىڭ جازاسىنى تۆلەيدۇ. جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەنمۇ شۇنداق.
جاۋاب: ئىھرام ئىچىدە رۇخسەت قىلىنغان ئىشلار تۆۋەندىكىلەر: (1) يۇيۇنۇش; (2) ئىھرامنى ئالماشتۇرۇش ياكى يۇيۇش; (3) پۇراقسىز سۈرمە تارتىش; (4) قولغا سائەت سېلىش; (5) بەلگە كەمەر ياكى ھەميان (تىكىلگەن بولسىمۇ) تاقاش; (6) قولغا ئۈزۈك سېلىش; (7) باشنى ياكى بەدەننىڭ قايسىبىر يېرىنى قاشلاش، تاتىلاش، ئۇۋۇلاش; (8) خۇشپۇراقسىز نورمال سوپۇنلارنى ئىشلىتىش.
جاۋاب: ئاياللارغا خاس ئەھكاملار تۆۋەندىكى ئىشلاردۇر: (1) ئاياللار ھەج سەپىرىدە ئېرى ياكى مەھرەم تۇغقىنىنىڭ ھەمراھ بولۇشىغا ئېھتىياجلىقتۇر; (2) ئاياللار ئىھرام باغلىغاندا ئەرلەرنىڭ ئەكسىچە تىكىلگەن كىيىملەرنى كىيىدۇ; (3) ئاياللار تاۋاپ ۋە سەئى قىلىش ئىشلىرىدا بىر خىل ماڭىدۇ (ئەرلەرگە ئوخشاش تاۋاپنىڭ ئالدىنقى ئۈچىدە تېزرەك ماڭمايدۇ ۋە سافا بىلەن مەرۋە ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى يېشىل چىراق ئارىسىدا يۈگۈرمەيدۇ); (4) ئاياللار ئىھرامدىن چىققاندا بېشىنى چۈشۈرمەيدۇ، بەلكى ھەر بىر چېچىنىڭ ئۇچىدىن ئاز بىر مىقدارنى كېسىدۇ; (5) ئاياللار «لەببەيكە»نى ئاۋازلىق ئوقۇمايدۇ; (6) ئاياللار ھەجەرۇل ئەسۋەد(1)نىڭ يېنىغا خالىغان ۋاقىتتا بارمايدۇ، پەقەت ئەرلەردىن خالىي بولغان مەخسۇس ۋاقىتلاردىلا بارسا بولىدۇ; (7) ئاياللار ئىھرام باغلىغاندا ئەرلەرنىڭ ئەكسىچە بېشىنى يۆگەيدۇ; (8) ئادەت (ھەيز) كۆرۈش ياكى بوشىنىش ئاياللارنىڭ ئىھرام باغلىشى ئۈچۈن توسقۇن بولالمايدۇ.
ھەج ۋە ئۆمرىنىڭ ئەمەلىي تەرتىپى (كۈندىلىك باسقۇچلار) (سوئال 625 – 627)
بۆلۈم: “ھەج ۋە ئۆمرىنىڭ ئەمەلىي تەرتىپى (كۈندىلىك باسقۇچلار) (سوئال 625 – 627)”جاۋاب: ھەج پائالىيەتلىرى تۆۋەندىكىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ: (1) زۇلھىججە ئېيىنىڭ 8-كۈنى (تەرۋىيە كۈنى) تۇرغان يېرىمىزدىن ئىھرام باغلايمىز (ئىھرام باغلاشنى 9-كۈنى ئەرەفە كۈنىگىچە كېچىكتۈرۈشكىمۇ بولىدۇ، بىراق بۇنداق قىلىش سۈننەتكە خىلاپ ئىش). ئىھرام باغلاشتىن ئاۋۋال غۇسلى قىلىمىز ۋە ئىمكانىيەت بولسا بەدىنىمىزگە خۇشبۇي بۇيۇملاردىن چاچىمىز، ئاندىن «ئى ئاللاھ! ھەج قىلىش ئۈچۈن ھازىر بولدۇم» دەپ نىيەت قىلىپ ئىھراملىقنى كىيىمىز. (2) ئاندىن مىناغا چىقىمىز. مىنادا پىشىن، ئەسىر، شام ۋە خۇپتەن نامازلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇيمىز. پەقەت پىشىن، ئەسىر ۋە خۇپتەن نامازلىرىنىڭ پەرزلىرىنى قەسرى (تۆت رەكئەتنى ئىككى رەكئەت) قىلىپ ئوقۇيمىز، ئەمما شام ئەسلىدىكىسى بويىچە ئۈچ رەكئەت قىلىپ ئوقۇلىدۇ. چۈنكى ئۈچ رەكئەتلىك ناماز قەسرى قىلىنمايدۇ. (3) زۇلھەججىنىڭ 9-كۈنى كۈن چىققاندىن كېيىن ئەرەفاتقا قاراپ يۈرىمىز. ئەرەفاتقا يېتىپ بارغاندا ئەرەفات چېگىرىسىنىڭ ئىچىگە تولۇق كىرىپ بولغان ياكى بولمىغانلىقىمىزنى ئېنىق بىلىشىمىز لازىم. چۈنكى ئەرەفاتنىڭ چېگىرىسىنىڭ سىرتىدا تۇرغان كىشىنىڭ قىلغان ھەججىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ، چۈنكى مۇنداق كىشى ئەرەفاتتا تۇرغان بولمايدۇ. (4) ئەرەفاتتا قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، دۇئا، تەكبىر (ئاللاھنى ئۇلۇغلاش)، تەسبىھ (ئاللاھنى پاك دەپ تەرىپلەش)، تەھلىل (ئاللاھنىڭ يېگانە ئىكەنلىكىنى ئېيتىش) ۋە ئىستىغفار (گۇناھلارغا تەۋبە قىلىپ ئاللاھتىن كەچۈرۈم سوراش) قاتارلىق ئىبادەتلەر بىلەن كۆپ مەشغۇل بولىمىز. (5) ئەرەفاتتا پىشىن بىلەن ئەسىرنى پىشىن ۋاقتىدا ئىككى رەكئەتتىن قىلىپ، بىر ئەزان ئىككى تەكبىر بىلەن جامائەت بولۇپ، ئارقا-ئارقىدىن بىر ۋاقىتتا ئوقۇيمىز. (6) قۇياش پاتقاندىن كېيىن تەمكىنلىك بىلەن، يۈگۈرمەستىن تەلبىيە ئوقۇغان ھالدا مۇزدەلىفەگە قاراپ يول ئالىمىز. يولدا يۈرگەندە باشقىلارغا ئازار بېرىدىغان، ئۇلارنى قىستاپ قويىدىغان، پۇتلىرىغا دەسسەپ قويىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىشىمىز لازىم. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىبادەت، ئىبادەت باشقىلارغا ئازار بېرىش بىلەن قىلىنمايدۇ. (7) مۇزدەلىفەگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن شام بىلەن خۇپتەن نامازلىرىنى بىر ئەزان، ئىككى تەكبىر بىلەن جامائەت بولۇپ، ئارقا-ئارقىدىن بىر ۋاقىتتا ئوقۇيمىز. خۇپتەن قەسرى قىلىنىپ ئىككى رەكئەت ئوقۇلىدۇ، ئەمما شام تولۇق ئوقۇلىدۇ. (8) مۇزدەلىفەدە بىر قانچە مىنۇت بولسىمۇ تۇرۇش بىلەن ۋاجىب ئادا بولىدۇ. بىراق ئەتىسى قۇياش تولۇق چىقىپ بولغىچىلىك مۇزدەلىفەدە قونۇش سۈننەتتۇر. بۇ بىر كېچىلىك قونۇش جەريانىدا دۇئا ۋە باشقا ئىبادەتلەر بىلەن كۆپ مەشغۇل بولىمىز. شەيتانغا ئاتىدىغان تاشلارنى مۇزدەلىفەدىن يىغىشقا بولغاندەك، قايسىبىر جايدىن يىغىشمۇ جائىزدۇر. ئاجىز، ياشانغان ئاياللار بىلەن بالىلارنىڭ مۇزدەلىفەدە كېچىنىڭ يېرىمىغا قەدەر قونۇپ كېتىپ قېلىشىغا رۇخسەت باردۇر. (9) زۇلھىججىنىڭ 10-كۈنى (ھېيت كۈنى) قۇياش كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن مىناغا قاراپ تەلبىيە ئوقۇغان ھالدا يولغا چىقىمىز. مىناغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن چوڭ شەيتان ئۈچۈن نىشانە قىلىنغان جايغا بېرىپ، تەلبىيەنى توختىتىمىز ۋە شەيتانغا يەتتە تال تاش ئاتىمىز. ھەر بىر تاشنى ئاتقاندا «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتىمىز. (10) شەيتانغا تاش ئېتىپ بولغاندىن كېيىن قۇربانلىق قىلىمىز. قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن ئۆزىمىزمۇ يېسەك بولىدۇ، قالغانلىرىنى پېقىرلارغا تارقىتىپ بېرىمىز. (11) قۇربانلىقنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن چېچىمىزنى چۈشۈرىمىز ياكى قىسقارتىمىز. چاچنى چۈشۈرۈش قىسقارتىشتىن ئەۋزەلدۇر. ئەمما ئاياللار ھەر بىر چېچىنىڭ ئۇچىدىن بىر سانتىمېتىر مىقدارىدا كېسىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئىھرامدىن چىقىپ، ئادەتتىكى كىيىملىرىمىزنى كىيىمىز. ئىھرامدىن چىققاندىن كېيىن ئىھرام ئىچىدە مەنئى قىلىنغان ئىشلاردىن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىن باشقا ھەممىسىنى قىلىشقا بولىدۇ. (12) ئىھرامدىن چىقىپ بولغاندىن كېيىن مەككىگە قاراپ يول ئالىمىز. مەسجىدى ھەرەمگە يېتىپ كەلگەندە كەبىنى تاۋاپ قىلىمىز (بۇ تاۋاپ «تاۋاف ئىفادە – پەرز تاۋاپ» دەپ ئاتىلىدۇ). تاۋاپتىن كېيىن ئىمكانىيەت بولسا مەقامى ئىبراھىمنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيمىز. ئەگەر ھەرەم قىستىلاڭغۇ بولسا بۇ نامازنى ھەرەمنىڭ قايسىبىر يېرىدە تۇرۇپ ئوقۇساق بولىدۇ. بەلكى مۇنداق قىلىش ئۆزىمىزنىڭ سالامەتلىكى ۋە باشقىلارنىڭمۇ ئازارغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن ئەڭ ئەۋزەلدۇر. ئاندىن سافا بىلەن مەرۋەنى سەئى قىلىمىز («ھەج تەمەتتۇئ» قىلغانلار ياكى «تاۋاف قۇدۇم» يەنى ھەرەمگە قەدەم بېسىش تاۋىپىنى قىلمىغانلارنىڭ سەئىنى شۇ كۈنى، يەنى ھېيتنىڭ 1-كۈنى ۋاقتىدا قىلىشى لازىم. ئەمما «ھەج قىران» ياكى «ھەج ئىفراد» قىلغانلارنىڭ سافا بىلەن مەرۋە ئارىسىدا سەئى قىلىش ئىشىنى كېيىنكى كۈنلەرگىچە كېچىكتۈرۈشى جائىزدۇر). (13) ھەرەمدە تاۋاپ بىلەن سەئىنى تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىن شۇ كۈنى مىناغا قايتىمىز ۋە مىنادا زۇلھەججىنىڭ 11-، 12- ۋە 13-كېچىلىرى قونىمىز (بۇ كۈنلەر «تەشرىق كۈنلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ). ئىشى ئالدىراش بولغانلار ئىككى كېچە قونۇپلا 12-كۈنى كۈن پېتىشتىن ئاۋۋال قايتىپ كەتسىمۇ بولىدۇ، ئەمما مىنادا ئۈچ كېچە قونۇش ئەۋزەلدۇر. (14) مىنادا ئۈچ كۈن قونۇش جەريانىدا پىشىن، ئەسىر ۋە خۇپتەن نامازلىرىنىڭ پەرزلىرىنى قەسرى قىلىپ ئۆز ۋاقىتلىرىدا ئوقۇيمىز. ھەر كۈنى ئۈچ شەيتاننىڭ ھەر بىرىگە يەتتە تالدىن تاش ئاتىمىز. بۇ كۈنلەردىكى تاش ئېتىش كىچىك شەيتاندىن باشلىنىپ چوڭ شەيتاندا ئاخىرلىشىدۇ. ئۈچ شەيتاننىڭ ھەر بىرىگە تاش ئېتىشتا «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتىلىدۇ. بىرىنچى ۋە ئىككىنچى شەيتانغا تاش ئېتىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئىمكانىيەت بولسا قىبلىگە ئالدىمىزنى قىلىپ قولىمىزنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىپ تۇرىمىز. ئەمما چوڭ شەيتانغا تاش ئاتقاندا، ھەر بىر تاش بىلەن تەكبىر ئېيتىپ، توختىماستىن قايتىپ كېتىمىز. شۇنىڭ بىلەن ھەج پائالىيىتى تاماملانغان بولىدۇ. ھاجىلار يۇرتىغا قايتىشتىن ئىلگىرى ۋىدا تاۋىپى قىلىپ ھەرەم بىلەن خوشلىشىدۇ.
جاۋاب: ئۆمرە - بەيتۇللاھنى زىيارەت قىلىش دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئۆمرە قىلىش سۈننەتتۇر. ئۆمرەنى يىلنىڭ قايسىبىر ئايلىرى ۋە كۈنلىرىدە قىلىشقا بولىدۇ.
جاۋاب: ئۆمرە تۆۋەندىكىدەك قىلىنىدۇ: (1) ئۆمرە قىلىشنى نىيەت قىلىپ ئىھرام باغلاش; (2) كەبىنى يەتتە قېتىم تاۋاپ قىلىش; (3) سافا بىلەن مەرۋەنى يەتتە قېتىم سەئى قىلىش; (4) ئاخىرىدا چاچنى چۈشۈرۈپ ياكى قىسقارتىپ ئىھرامدىن چىقىش. ئۆمرە پائالىيىتىنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:
- ئىھرام باغلاپ مەسجىدى ھەرەمگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئوڭ پۇتىمىز بىلەن كىرىمىز. كىرىشتە: «بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ، الحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ العَالَمِينَ، وَالصَّلَاةُ وَالسَّلَامُ عَلَى رَسُولِ اللَّهِ، اللَّهُمَّ اغْفِرْ لِي ذُنُوبِي وَافْتَحْ لِي أَبْوَابَ رَحْمَتِكَ» يەنى «ناھايىتى مېھرى-شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن. ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ۋە سالاملار بولسۇن. ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن ۋە ماڭا رەھمەت ئىشىكلىرىڭنى ئاچقىن» دېگەن دۇئانى ئوقۇيمىز (بۇ جىمى مەسجىدلەرگە كىرىشتە ئوقۇلىدىغان دۇئا).
- كەبىگە يېتىپ كەلگەندە تاۋاپ قىلىشنى باشلايمىز. تاۋاپنى ھەجەرۇل ئەسۋەدنىڭ ئۇدۇلىدىن «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ باشلايمىز. ھەرەم قىستىلاڭغۇ بولمىغان ئەھۋالدا ھەجەرۇل ئەسۋەدنى سۆيۈشكە بارىمىز. ئادەم كۆپ، قىستىلاڭغۇ ۋاقىتلاردا يىراقتىن قول ئىشارىتى قىلىپ سالام بېرىمىز. بۇنداق قىلىش ئەۋزەل. يەتتە قېتىملىق تاۋاپنى يەنە ھەجەرۇل ئەسۋەدنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە ئاخىرلاشتۇرىمىز. تاۋاپنىڭ ئالدىنقى ئۈچىدە تېزرەك ماڭىمىز، كېيىنكى تۆتىدە تەمكىنلىك بىلەن ماڭىمىز. تاۋاپتا ئوڭ قولىمىزنى ئىھرامنىڭ سىرتىغا چىقىرىپ قويۇپ، ئوڭ مۈرىمىزنى ئوچۇق تۇتىمىز. پۈتۈن تاۋاپ جەريانىدا دۇئانى كۆپ قىلىمىز، بارلىق گۇناھلار ئۈچۈن ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تىلەيمىز. تاۋاپتا ئوقۇش ئۈچۈن مەخسۇس دۇئا بەلگىلەنگەن ئەمەس، ھەركىم ئۆزى بىلگەنچە خالىسا ئۆز تىلىدا، خالىسا ئەرەب تىلىدا دۇئا قىلسا بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنۇ دۇئانى ئوقۇغان: «ئى پەرۋەردىگارىم! ماڭا بەرگەن رىزقىڭ بىلەن ماڭا قانائەت ئاتا قىلغىن، رىزقىمدا ماڭا بەرىكەت بەرگىن، قولۇمدىن كېتىپ قېلىپ، قايتا ئېرىشىشىم مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلار ۋە نەرسىلەرنىڭ ئورنىنى ماڭا ياخشىلىق ئاتا قىلىش بىلەن تولدۇرۇپ بەرگىن».
- «رۇكنى يەمانىي»(1)غا كەلگەندە، ئىمكانىيەت بولسا «بِسْمِ اللَّهِ وَاللَّهُ أَكْبَرُ» دەپ ئوڭ قولىمىز بىلەن ئۇنى سىلايمىز ۋە «رَبَّنَا آتِنَا فِي الدُّنْيَا حَسَنَةً وَفِي الآخِرَةِ حَسَنَةً وَقِنَا عَذَابَ النَّارِ»، يەنى: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دۇزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» دېگەن دۇئانى ئوقۇيمىز.
- تاۋاپ ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئوڭ قولىمىزنى ئىھرامنىڭ ئىچىگە تىقىپ، ئوڭ مۈرىمىزنى ئىھرام بىلەن يۆگەيمىز. ئاندىن ئىمكانىيەت بولسا «مەقامى ئىبراھىم»نىڭ ئارقىسىدا (ھەرەم قىستىلاڭغۇلۇق بولسا ھەرەمنىڭ قايسىبىر يېرىدە) تۇرۇپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيمىز. ئەمما «مەقامى ئىبراھىم»نىڭ ئارقىسىنى قىستىلاڭغۇ قىلىپ تۇرىۋېلىش ياخشى ئەمەس ۋە باشقىلارغا ئازار بەرگەنلىك بولىدۇ.
- ئاندىن زەمزەم سۈيىدىن قانغۇچە ئىچىمىز. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق قىلغان ۋە مۇنداق دېگەن: «زەمزەم سۈيى نېمە ئۈچۈن ئىچىلگەن بولسا شۇنىڭ ئۈچۈندۇر، يەنى سەن ئۇنى شىپالىق تەلەپ قىلىپ ئىچسەڭ ئاللاھ ساڭا شىپالىق ئاتا قىلىدۇ، قورسىقىڭنى تويغۇزۇش ئۈچۈن ئىچسەڭ ئاللاھ سېنى تويغۇزىدۇ، ئۇسسۇزلۇقتىن ئىچسەڭ ئاللاھ سېنىڭ ئۇسسۇزلۇقىڭنى كېسىدۇ. ئۇنى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام قازغان، ئۇ ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامغا ئىچۈرۈلگەن»(2).
- ئاندىن سافا تەرەپكە قاراپ يول ئالىمىز ۋە سافاغا كەلگەندە: «إِنَّ الصَّفَا وَالْمَرْوَةَ مِن شَعَائِرِ اللَّهِ» (سەفا بىلەن مەرۋە ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر) دېگەن ئايەتنى ئوقۇيمىز. ئاندىن قىبلىگە قاراپ تۇرۇپ مۇنۇ دۇئانى ئوقۇيمىز: «لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ وَحْدَهُ لَا شَرِيكَ لَهُ، لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ، لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ وَحْدَهُ، أَنْجَزَ وَعْدَهُ، وَنَصَرَ عَبْدَهُ، وَهَزَمَ الْأَحْزَابَ وَحْدَهُ»، يەنى: «بىر ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر. پادىشاھلىق ۋە ھەمدۇسانالار ئۇنىڭغا خاستۇر. ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. بىر ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي مەبۇد يوقتۇر. ئاللاھ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى، بەندىسىگە (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) مەدەت بەردى، ئىتتىپاقداش دۈشمەنلەرنى ئۆزى يالغۇز مەغلۇپ قىلدى». ئاندىن سافادىن مەرۋە تەرەپكە قاراپ يۈرىمىز. سەئى سافادىن باشلىنىپ مەرۋىدە ئاخىرلىشىدۇ.
- سافا بىلەن مەرۋە ئارىسىدىكى ئىككى يېشىل چىراقنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئەرلەر قەدىمىنى تېزلىتىدۇ، ئەمما ئاياللار ئادەتتىكىدەك ماڭىدۇ.
- سافا بىلەن مەرۋە ئارىسىدا سەئى قىلىش جەريانىدىمۇ زىكىر، تەسبىھ، تەكبىرلەرنى كۆپ ئوقۇيمىز ۋە دۇئانى كۆپ قىلىمىز.
- سافا بىلەن مەرۋە ئارىسىدا سەئى قىلىش پائالىيىتىنى تاھارەتسىز ھالدا قىلسىمۇ بولىدۇ. شۇنىڭدەك ئاياللار تاۋاپتىن كېيىن ھەيزدار بولۇپ قالغان تەقدىردە، سافا بىلەن مەرۋەنى سەئى قىلىۋەرسە بولىدۇ. چۈنكى بۇ پائالىيەت ئۈچۈن تاھارەت شەرت ئەمەس.
- سافا بىلەن مەرۋە ئارىسىدىكى سەئىنى تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىن، چېچىمىزنى چۈشۈرۈپ ياكى قىسقارتىپ ئىھرامدىن چىقىمىز. چاچنى قىسقارتىشتىن چۈشۈرۈش ئەۋزەل، ئەمما ھەج يېقىنلىشىپ قالغان كۈنلەر بولسا چۈشۈرۈشتىن قىسقارتىش ئەۋزەلدۇر. چۈنكى ھەج كۈنلىرىدە چۈشۈرۈش ئەڭ ئەۋزەل. شۇنىڭ بىلەن ئۆمرە پائالىيىتى ئاخىرلاشقان بولىدۇ. ئۆمرە پائالىيىتىنى يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن بويىچە ئادا قىلغان ئادەم ئۆمرە قىلىشنىڭ پۈتۈن پەرز، ۋاجىب ۋە سۈننەت ئەمەللىرىنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئورۇندىغان بولىدۇ.
قۇربانلىق، ئۇنىڭ تۈرلىرى، شەرتلىرى ۋە گۆشىنى تەقسىملەش (سوئال 628 – 634)
بۆلۈم: “قۇربانلىق، ئۇنىڭ تۈرلىرى، شەرتلىرى ۋە گۆشىنى تەقسىملەش (سوئال 628 – 634)”جاۋاب: دىنىمىزدا 6 تۈرلۈك قۇربانلىق بار، ئۇلار مۇنۇلار: (1) ھاجىلارنىڭ ھەج پائالىيىتى ئىچىدە قىلىدىغان قۇربانلىقى بولۇپ، «ئۇدھىيە» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل قۇربانلىق ھاجىلاردىن ھەج تەمەتتۇ ياكى ھەج قىران قىلغانلارغا ۋاجىب بولىدۇ، ئەمما ھەج ئىفراد قىلغۇچىلارغا قۇربانلىق قىلىش ۋاجىب ئەمەس; (2) ھەج ياكى ئۆمرە قىلغانلارنىڭ ئىھرام ئىچىدە ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرى سەۋەبلىك بەلگىلىنىدىغان قۇربانلىق بولۇپ، «دەم» دەپ ئاتىلىدۇ; (3) قۇربان ھېيت كۈنلىرىدە قولىدا بار كىشىلەر قىلىدىغان قۇربانلىق; (4) ئاللاھ يولىدا ئاتىۋەتكەن قۇربانلىق بولۇپ، ئۇنى ئورۇنداش ۋاجىبتۇر; (5) يېڭى تۇغۇلغان بالا ئۈچۈن كېسىلىدىغان قۇربانلىق بولۇپ، «ئەقىقە» دەپ ئاتىلىدۇ (ئوغۇل بۆۋاق ئۈچۈن ئىككى قوي، قىز بۆۋاق ئۈچۈن بىر قوي بۇغۇزلاپ پېقىرلارغا تارقىتىپ بېرىش ياكى ئۇلارغا زىياپەت بېرىش سۈننەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق قىلىشقا بۇيرىغان)(1); (6) ساۋاب تېپىش نىيىتى بىلەن كېسىلىدىغان نەپلە (ئىختىيارىي) قۇربانلىق.
جاۋاب: قۇربانلىق قىلىدىغان ماللار: قوي، ئۆچكە، كالا ۋە تۆگە.
جاۋاب: قۇربانلىق ماللارنىڭ ياش ۋە سۈپەت ئۆلچىمى تۆۋەندىكىچە: (1) قۇربانلىق قىلىدىغان ماللارنىڭ ھەر قانداق بىر كېسەللىكتىن ۋە يۇقۇملىنىشتىن ساق-سالامەت بولۇشى; (2) قۇربانلىق قىلىدىغان ماللارنىڭ كورلۇق، توكۇرلۇق ۋە قاتتىق ئورۇقلۇق قاتارلىق ھەر قانداق بىر ئەيىب-نۇقساندىن ساق-سالامەت بولۇشى; (3) قۇربانلىق قىلىدىغان ماللاردىن قوي 6 ئايلىقتىن چوڭ، ئۆچكىنىڭ بىر ياشتىن ئاشقان، كالانىڭ ئىككى ياشنى تۈگەتكەن ۋە تۆگىنىڭ بەش ياشتىن ئاشقان بولۇشى شەرت قىلىنىدۇ.
جاۋاب: بىر قوي ياكى بىر ئۆچكە بىر ئادەم ئۈچۈن كۇپايە قىلىدۇ. بىر كالا ياكى بىر تۆگە 7 ئادەم ئۈچۈن كۇپايە قىلىدۇ (يەنى 7 كىشى بىرلىشىپ بىر تۆگە ياكى بىر كالا قۇربانلىق قىلسا، ئۇلار قۇربانلىق قىلغان ھېسابلىنىدۇ).
جاۋاب: ئۆزىدىكى ئەيىب-نۇقسانلار سەۋەبلىك قۇربانلىق قىلىشقا يارىمايدىغان ماللار تۆۋەندىكىلەر: (1) كېسەل ياكى يۇقۇملانغان ھايۋان (چۈنكى مۇنداق ھايۋاننىڭ گۆشى ئىنساننىڭ تەن ساقلىقىغا زىيانلىق بولغانلىقى سەۋەبلىك قۇربانلىققا يارىمايدۇ); (2) بىر ياكى ئىككىلا كۆزى كور بولغان ھايۋان; (3) قۇلاق ياكى قۇيرۇقىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى كېسىۋېتىلگەن ھايۋان; (4) ئۆرە تۇرالمايدىغان ھالەتتىكى توكۇر ھايۋان; (5) قۇلاقسىز ياكى قۇيرۇقسىز تۇغۇلغان ھايۋان; (6) چىشلىرىنىڭ كۆپرەكى چۈشۈپ كەتكەن ھايۋان; (7) قاتتىق ئورۇق ھايۋان; (8) مۆڭگۈزلىرىدىن بىرى ياكى ئىككىلىسى تۈۋىدىن كېسىلگەن ھايۋان.
جاۋاب: تۆۋەندىكىدەك ئۈزۈرلىرى بار ھايۋانلارنى قۇربانلىق قىلىشقا بولىدۇ: (1) ئاقساپ ماڭسىمۇ ئۆزى ساق بولغان ھايۋان; (2) تۇغۇلۇشتىن مۆڭگۈزسىز بولغان ياكى مۆڭگۈزىنىڭ ئازراق قىسمى سۇنغان ھايۋان; (3) قۇلاقلىرى تېشىلگەن ھايۋان; (4) چىشلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپ قىسمى ساق بولغان ھايۋان; (5) پىچىۋېتىلگەن ھايۋان.
جاۋاب: قۇربانلىقنىڭ گۆشى مۇنداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ: (1) ھەج ياكى ئۆمرىگە ئىھرام باغلىغان كىشىنىڭ ئىھرامدا ئۆتكۈزگەن خاتالىقى سەۋەبلىك ئۇنىڭغا يۈكلەنگەن قۇربانلىقنىڭ («دەم»نىڭ) گۆشىدىن ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەر يېمەستىن، ھەممىسىنى مەككىنىڭ پېقىرلىرىغا تارقىتىپ بېرىش; (2) ئاللاھ يولىدا قۇربانلىق قىلىشنى ئاتىۋەتكەنلىك سەۋەبتىن قىلىنغان قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى قۇربانلىق قىلغۇچىنىڭ ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يېيىش مەسىلىسىدە ئىسلام ئۆلىمالىرى ئىختىلاپلاشقان بولۇپ، بەزىسى يېيىشكە بولىدۇ دېسە، بەزىسى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ پېقىرلارنىڭلا ھەققى دېگەن. يېيىشنى توسقۇچىلارنىڭ رەئيى پېقىرلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن پايدىلىق ۋە ئېھتىياتلىق ھۆكۈم، ئەمما يېسە بولىدۇ دېگۈچىلەرنىڭ رەئيىدە كەڭچىلىك كۆزدە تۇتۇلغان. شۇڭا قۇربانلىق قىلغۇچى ئەگەر پېقىر بولسا قۇربانلىقىنىڭ گۆشىدىن يېسە بولىدۇ; (3) قۇربان ھېيتتىكى قۇربانلىق، ھاجىلارنىڭ ھەج پائالىيىتى جەريانىدا قىلىدىغان قۇربانلىقى («ئۇدھىيە»)، ئەقىقە ۋە ئىختىيارىي قۇربانلىقلارنىڭ گۆشىنى 3 كە بۆلۈپ، بىر بۆلۈكىنى پېقىرلارغا سەدىقە ئورنىدا تارقىتىپ بېرىش، يەنە بىر بۆلۈكىنى تۇغقانلار، قوشنىلار ۋە دوستلارغا – گەرچە ئۇلار باي بولسىمۇ – ھەدىيە قىلىش، ئۈچىنچى بۆلۈكىنى ئائىلىسىدە يېيىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئەگەر قۇربانلىق قىلغان ئادەم كەمبەغەل بولۇپ، ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى باي بولسا، قۇربانلىق قىلغان مېلىنىڭ گۆشىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئائىلىسىدە يېسىمۇ بولىدۇ.
