پەيغەمبەر سۈننىتى، ھەدىس تۈرلىرى ۋە دەرىجىلىرى
سۈننەت، ھەدىس، قۇرئانچىلارغا رەددىيە ۋە سەھىھ-زەئىف ھەدىسلەر (سوئال 1651 – 1680)
بۆلۈم: “سۈننەت، ھەدىس، قۇرئانچىلارغا رەددىيە ۋە سەھىھ-زەئىف ھەدىسلەر (سوئال 1651 – 1680)”جاۋاب: مەۋزۇ ھەدىسلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىق ىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە سەۋەبكە: ئىخچاملاشقا بولىدۇ
(1) م ۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا ئىچكى ۋە تاشقى پىتنىلەر سەۋەبلىك چىققان ئىختىلاپلار، بۇ ئىختىلاپلارغا ئەگىشىپ مۇسۇلمانلار سېپىىدە پىرقىلارغا بۆلۈنۈشلەرنىڭ كېلىپ چىققانلىقى ۋە ھەر قايسى پىرقىنىڭ ئۆزلىرىنى، ھەقىقەت مىزانىغا سېلىپ كۆرمەستىن قارشى تەرەپنى قارىلاش ۋە ئۆزلىرىنى ھەقلىق كۆرسىتىشكە تىرىشقانلىقى بۇنىڭغا ئەگىشىپ ھەر بىر پىرقە كىشىلىرى ئۆزىنى ھەقلىق قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن يالغان ھەدىسلەرنى توقۇپ چىققانلىقى
(2) مۇسۇلمان قىياپىتىگە كىرىۋالغان ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىدى سىنى بۇزۇش ۋە دىندا شەك پەيدا قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىدىن يالغان ھەدىسلەرنى توقۇ پ چىققانلىقى
(3) بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ كىشىلەرنى ياخشى ئىشلارغا دەۋەت قىلىش يامانلىقتىن توسۇش نىيىتى بىلەن-ئۆزلىرىنىڭ قانداق چوڭ خاتالىقلارغا چۈشىدىغانلىقىنى ھېس قىل، ماستىن نادانلىقتىن- بەزى ھەدىسلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىدىن توقۇپ چىققانل ىقى.
جاۋاب: ھەر دەۋر ئىسلام ئۆلىمالىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى كىشىلەر تەرىپىدىن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان يالغان ھەدىسلەردىن ئايرىش ئىشىغا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن ھەر بىر ئەسىردە«يالغان ھەدىسلەر »دېگەن تېمىدا نۇرغۇنلىغان قىمم ەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرۇش ئارقىلىق ئاۋام خەلقنىڭ نەزىرىدە ھەدى س دەپ قوبۇل قىل ىنىپ كەلگەن نۇرغۇنلىغان يالغان ھەدىسلەرنى پاش قىلغان ۋە مۇسۇلمانلار ئاممىسىنى يالغ ان ھەدىسلەردىن خەۋەردار قىلغان بۇ ئەسەرلەرنىڭ سايىسىدا زامانىمىزدىكى مۇسۇلمانلار سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن يالغان ھەدىسلەرنىڭ پەرقىنى ھېچقانداق قىيىنچىلىق تارتماست ىن بىلەلەيدۇ.
جاۋاب: يالغان ھەدىسلەرنى پاش قىلغان ئەسەرلەردىن زامانىمىزغا قەدەر يېتىپ: كەلگەنلىرىنىڭ مەشھۇرلىرى تۆۋەندىكىچە
(1) ئىمام ھافىز ئىبنى ئەبۇ فەر ەج ئابدۇراھمان ئىبنى جەۋزىينىڭ«الموضوعات» ناملىق ئەسىرى
(2) ئىمام جالالىددىن سۇيۇتىينىڭ«الآللي المصنوعة في األحاديث الموضوعة» ناملىق ئەسىرى
(3) ھافىز ئىبنى ئەبۇلھەسەن مۇھەممەد كەنانىينىڭ« تنزيە الشريعة المرفوعة عن األحاديث الشنيعة الموضوعة » ناملىق ئەس ىرى
(4) ئىبنى قەييىم جەۋزىينىڭ«المنار المنيف في الصحيل والضعيف» ناملىق ئەسىرى ۋە باشقىلار سۈننەتنىڭ توپلىنىش باسقۇچلىرى سۈننەتنىڭ دەسلەپكى توپلىنىشى (1)
جاۋاب: سۈننەت پەيغەم بەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىلا يېزىلىشقا ۋە توپلىنىشقا باشلىغان ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات ۋاقتىدىلا بەزى ساھابىلارنىڭ كىچىك ھەجى ملىك ھەدىس توپلاملىرى مەيدانغا كەلگەن سۈننەتنى يېَىشقا بۇيرۇغان ھەدىسلەر ۋە توسقان ھەدىسلەر.
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاۋۋالدا سۈننەتنى يېزىپ قالدۇرۇشتىن توسقانلىقى راست شۇنداقلا كېيىنچە ئۇنى يېزىپ قالدۇرۇشقا رۇخسەت قىلغانلىقى، ھەتتا بۇيرىغا نلىقىم ۇ راست بۇ ماۋزۇنى بايان قىلىشتىن ئاۋۋال تۆۋەندىكى 3 ماۋزۇ ھەققىدە مەلۇمات بېرىشكە توغرا: كېلىدۇ
(1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھەدىسلەرنى يېزىشتىن توسقانلىقى ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەر
(2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھەدىسلەرنى يېزىشقا بۇيرىغانلىقى ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەر
(3) يۇقىرىقى قارىمۇقارشى ھەدىسلەرنىڭ مەقسىدىنى چۈشىنىش مەسىلىسى.
جاۋاب: سۈننەتنى يېزىپ قالدۇرۇشتىن مەنئى قىلغان ھەدىسلەر تۆۋەندىكىل: ەر
(1) ئىمام مۇسلىم ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىس بولۇپ، ئۇنىڭدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « مېنىڭ ھەدىسلىرىمنى يازماڭلار، قۇرئاندىن باشقىسىنى يازغانلار يازغانلىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىسۇن، مېنىڭ ھەدىسلىرىمنى سۆزلىسەڭلار بولىدۇ، كىم كى مېنىڭ نامىمدىن يالغان ھەدىسنى توقۇيدىكەن، ئورنىنى دوزاختىن ئايرىسۇن»(2) دېگەن
(2) ئىمام، ئەبۇداۋۇد ئابدۇلمۇتتەلىب ئىبنى ھەنتەبدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىس بولۇپ ئۇنىڭدا، مۇنداق كەلگەن: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن زەيد ئىبنى سابىت مۇئاۋىيەنىڭ يېنىغا كىرىۋىدى، مۇئاۋىيە ئۇنىڭدىن ھەدىسلەرنى يېزىپ قالدۇرۇش ھەققىدە مەسلىھەت سورىدى زەيد ئىبنى سابىت مۇئاۋىيەگە: “ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى
(1) بۇ ماۋزۇ دوكتۇر رىزا مۇھەممەد سەفىيۇددىن ئەل سەنۇسىينىڭ«محاضرات في الثقافة اإلسلامية »(ئى سلام ھازارىتى ھەققىدە لېكسىيە)ناملىق ئەسىرىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى
(2) ئىمام مۇسلىمنىڭ«سەھىھ »ناملىق توپلىمى 4- توم، 2298 - بەت، 3004 - ھەدىس “ھەدىسلەرنى يازماسلىققا بۇيرىغان دىدى»(1)
جاۋاب: سۈننەتنى يېز ىپ قالدۇرۇ شقا بۇيرىغان ھەدىسلەر: تۆۋەندىكىلەر
(1) ئەبۇداۋۇد«سۇنەن » ناملىق ئەسىرىدە ئابدۇللا ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغ انلىرىمنىڭ ھەممىنى يېزىپ قالدۇراتتىم، قۇرەش جامائەسى مېنى ھەدىسلەرنى يېزىشتىن توسۇپ، “سەن ئاڭلىغان نەرسەڭنىڭ ھەممىسىنى يازامسەن ھالبۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئىنسان، ئۇ خوشاللىق ۋە غەزەپلىك ھاللىرىدىمۇ سۆزلەيدۇ ئەمەسمۇ “ دىدى شۇنىڭ بىلەن مەن ھەدىسلە رنى يېزىشنى توختاتتىم بۇ ۋەقەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دىۋىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام وق لىنىڭ بارمىقى بىلەن ئېغىزىغا ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ: “يېزىۋەرگىنۇ “ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ ئېيتىمەنكى، بۇ ئېغىزدىن ھەقىقەتتىن باشقىسى چىقمايدۇ دىدى»(2)
(2) ئىمام بۇخارى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: « مەككە فەتھى بولغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدە مۇسۇلمانلار بىلەن بىر مەزگىل تۇردى، بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن سۆزىنى باشلاپ: “ ئاللاھ مەككىنى فىل ئېگىلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىدى، ئۇنىڭغا پەيغەمبىرى بىلەن مۇسۇلمانلارنى ئىگە قىلدى، مەككىدە ئۇرۇش قىلىش مەندىن بۇرۇنقىلارغا ۋە كېيىنكىلەرگىمۇ جائىز ئەمەس، پەقەت ماڭا كۈندۈزدىن بىر سائەتلا رۇخسەت قىلىندى مەككىگە كىرگەن ئادەم، ئۇنىڭ ئوۋلىرىنى ئوۋلىمىسۇن، دەرەخلىرىنىڭ شاخلىرىنى ئۇشتىمىسۇن ئۇچرىغان نەرسىنى ئالمىسۇن، بىرەر كىشىسى ناھەق ئۆلتۈرۈلگەن ئادەم قاتىلدىن قىساس، ئېلىش ياكى فىدىيە (ماددىي تۆلەم) ئېلىش ئارقىلىق ئۇنى كەچۈرىۋېتىشتا ئەركىندۇر“دېگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى ئابباس ئورنىدىن تۇرۇپ: “ يارەسۇلەللاھۇ ئەزخەر ( خۇشپۇراقلىق بىر خىل يۇپۇرماق)نى ئالساق بولامدۇ چۈنكى ئۇنى بىز ئۆيلىرىمىزگە ۋە قەبرى لىرىمىزگە ئىشلى تىمىز”دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام “پەقەت ئەزخەرنى ئالساڭلار بولىدۇ”دېدى شۇ ۋاقىتتا يەمەنلىك ئەبۇشا ھ دېگەن ئادەم ئورنىدىن تۇرۇپ، “يارەسۇلەللاھۇ بۇ تەلىماتلى رى ڭىزنى ماڭا يېزىپ”بېرىشىڭلارنى سورايمەن دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كاتىبلىرىغا “ئەبۇشاھقا يېزىپ بېرىڭلار”د ەپ بۇيرىغان»(3)
جاۋاب: سۈننەتنى يېزىشتىن توسقان ھەدىسلەر بىلەن ئۇنى يېزىشقا بۇيرىغان ھەدىسلەرنى ڭ ئوتتۇرىسىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىسلام ئۆلىمالىرى كۆپ تەرەپلىمە ئىزدەنگەن ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىنى باغ لاشتۇرۇپ ئورتاق مەنىگە ئېرىشكەن ھا فىز ئىبنى ھەجەر«فەتھۇلبارى » ناملىق ئەسىرى: دە تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلغان
(1) ئەبۇداۋۇدنىڭ«سۇنەن »ناملىق ھەدىس توپلىمى 4- توم، - بەت، 3647 - ھەدىس
(2) ئەبۇداۋۇدنىڭ«سۇنەن »ناملىق ھەدىس توپلىمى 4- توم، - بەت، 3646 - ھەدىس
(3) «سەھىھۇلبۇخارى » 2434-ھەدىس«فەتھۇلبارى»نىڭ 5- توم، - بېتى
(1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ«مەندىن قۇرئان كەرىمدىن باشقىسىنى يازماڭلار » دېگەنلىكى قۇرئان كەرىم بىلەن ھەدىسلەرنى بىرگە توپلاشتىن مەنئى قىلغانلىقى بولۇپ، ئىككىسىنى ئايرىم-ئايرىم يېزىپ قالدۇرۇشتىن توسقانلىقىنى ئىپادىلىمەيدۇ
(2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتنى يېزىپ قالدۇرۇشتىن توسقانلىقى ئۇنى يادلىماستىن يېزىشقىلا كۇپايە قىلغۇچىلارغا قارىتىلغان يەنى ھەم يادلاپ ھەم يېز ىپ ساقلاشقا رۇخسەت قىلغان دېگەنلىك
(3) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى يېزىپ قالدۇرۇشتىن توسقانلىقى قۇرئان كەرىم ئۇنىڭغا چۈشىۋاتقان ۋاقىتلارغىلا خاستۇر چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنىڭ ھەدىسلەرنى قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىگە ئارىلاشتۇرۇپ قويۇشىدىن ئەنسىرە يتتى
(4) پ ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسل ەرنى يېزىپ قالدۇرۇشتىن توسقان ھەدىسى ئۇنى يېزىشقا رۇخسەت قىلغان ھەدىستىن بۇرۇنقى ھەدىستۇر ئەلۋەتتە كېيىنكى ھەدىس بۇرۇنقىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ (1 ) دەسلەپتە سۈننەتنى يېَىشتىن توسۇشنىڭ سەۋەبى.
جاۋاب: ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەدىسلەر بىلەن مەشغۇل بولۇپ قېلىپ، قۇرئان كەرىمگە كۆڭۈل بۆلمەي قېلىشى ۋە بەزىلىرىنىڭ ھەدىسلەرنى قۇر ئان كەرىم ئايەتلىرىگە ئارىلاشتۇرۇپ قويىش ىدىن ئەنسىرىگەنلىكتىن ھەدىسلەر بىلەن مەشغ ۇل بولۇشتىن ۋە ئۇنى يېزىشتىن توسقان ۋە قۇرئان كەرىم بىلەنلا مەشغۇل بولۇشقا بۇيرىغان كېيىنچە كىشىلەرنىڭ دىنىي سەۋىيىسى ئۆسۈپ، ھەتتا ئاۋام خەلقمۇ قۇرئان كەرىم بىلەن ھەدىسنىڭ پەرقىنى ناھايىتى ئېنىق ئايرىيالايدىغان ۋە زىيەتكە كەلگەن، قۇرئان كەرى منى قويۇپ ھەدىسكىلا بېرىلىپ كەتمەيدىغانلىقىدىن ۋە قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىگە ھەدىس لە رنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇ، ش خەۋپىدىن خاتىرجەم بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىسلەرنى يېزىپ قالدۇرۇشقا بۇيرىغان.
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى يازدۇرۇپ قالدۇرغان ھەدىسلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنىڭ ھەر قايسى شەھەرلەرگە تەيىنلىگەن ۋالىيلىرىغا ئەۋەتكەن مەكتۇبلىرىدا ئىپادىلىنىدۇ ئۇلار تۆۋەندىكىچە (1 ) زاكات ۋە دىيەت مەسىلىلىرى ھەققىدە يازدۇرغان مەكتۇبى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ۋاپاتىدىن ئازراق ۋاقىت ئىلگىرى يازدۇرغان ئۇنى ئىمام بۇخارى ھەدىس توپلىمىنىڭ«زاكات »(2) ئەمر ئىبنى ھەزم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا يازدۇرغان م ەكتۇبى بولۇپ، ئۇنى ئىمام بەيھەقى«دلائىل ئەننۇبۇۋۋە» (يەنى پەيغەمبەرلىك دەلىللىرى) ناملىق ئەسىرىدە بايان قىلغان (3 ) ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ پادىشاھلىرىغا ئۇلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىپ ئەۋەتكەن، مەكتۇبلىرى بولۇپ ھەدىس توپلاملىرىدىن ۋە تارىخ كىتابلىرىدىن ئورۇن ئالغان
(1) فەتھۇلبارى 1- توم 277 - بەت (4 )كۇففارلار بىلەن تۈزۈشكەن كېلىشىملىرىدە يازغانلىرى بولۇپ، تارىخ كىتابلىرىدىن ئورۇن ئالغان ساھابىلار زامانىدا يېَىلغان ھەدىس توپلاملىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۈننەتنى يېزىپ قالدۇرۇشقا رۇخسەت قىلغان ۋە بەزى ساھابىلارغا يېزىشنى بۇيرىغاندىن كې يىن، ساھابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىنى يېزىپ خاتىرىلەش ۋە بىلمىگەنلەر بىلگەنلەردىن سوراپ توپلاش ئىشلىرىغا زور قىزىقارلىق بىلەن كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغان شۇنداق قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات ۋاقتىدىلا كۆپلىگەن ساھابىلارنىڭ كىچىك ھەجىملىك بولسىمۇ ھەدىس تولاملىرى مەيدانغا كەلگەن، بولۇپمۇ قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى بىرىنچى خەلىپە ئەبۇ بەكرى رەزىيەللا ھۇ ئەنھۇنىڭ زامانىدا توپلىنىپ كىتاب ھالىغا كەلتۈرۈلگەن ۋە ئۈچىنچى خەلىپە ئوسمان ئىبنى ئاف فان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئەمرى بىلەن نۇسخىلارغا كۆپەيت ىلىپ ھەر قايسى ئىسلام ئەللى رىگە بىر نۇسخىدىن ئەۋەتى لى پ بولغاندىن كېيىن، قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى سەتىرلەرد ( ە كىتاب ئ)ىچىدە ھەم قەلبلەرد ( ە)قارىيلارنىڭ دىللىرىدا مەھكەم ساقلانغان بولدى شۇنىڭدىن كېيىن ھ ەدىسلەرنى يېزىپ قالدۇرۇش ۋە ھەدىس بىلىدىغانلارنى ئىزدەپت ېپىپ، ئۇلاردىن ئۆگىنىپ توپلاش ئىشلىرى ساھابىلار ئارىسىدا ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەن.
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىكى ھەدىس توپلاملىرىنىڭ ئۆر نەكل ىرى: تۆۋەندىكىلەر (1)، ئابدۇللا ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىس توپلىمى بولۇپ ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل«مۇسنەد » ناملىق ھەدىس توپلىمىغا كۆپ قىسمىنى كىرگۈزگەن (2) ئەلى ئىبنى ئەبۇتالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كىچىك ھەجىملىك ھەدىس توپلىمى ب ولۇپ، ئىمام بۇخارى«الجامع الصحيل » ناملىق دۇنياچە مەشھۇر ھەدىس توپلىمىنىڭ «ئىلىمنى يېزىپ قالدۇرۇش »دېگەن بۆلۈمىدە، ئەلى ئىبنى ئەبۇتالىبنىڭ ھەدىس توپلىم ىدىن «دىيەت ۋە ئەسىرلەر توغرىسىدىكى ئەھكاملار » قىسمىنى بايان قىلغان (3) سەئد ئىبنى ئۇبادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىس توپلىمى بولۇپ، ئىمام تىرمىزى«سۇنەن » ناملىق ھەدىس توپلىمىدا، ئۇنىڭ بىر قىسمىنى بايان قىلغان (4) سەمرە ئىبنى جۇندۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بالىلىرىغا يېزىپ قالدۇرغان ھەدىس توپلىمى بولۇپ، ئىمام بۇخارى«الجامع الصحيل » ناملىق دۇنياچە مەشھۇر ھەدىس توپلىم ىنىڭ «ئىلىمنى يېزىپ قالدۇرۇش » دېگەن بۆلۈمىدە، ئۇنىڭ بەزى ھەدىسلىرىنى بايان قىلغان (5) ئەبۇ رافى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىس توپلىمى بولۇپ، نامازغا مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردىن تەركىب تاپقان (6) جابىر ئىبنى ئابدۇللا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىس توپلىمى (7) مۇغىرە ئىبنى شۇئبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇئاۋىيەگە يېزىپ بەرگەن ھەدىسلەر يۇقىرىقى بايانلاردىن ئوچۇقلاندىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدىلا يېزىلىپ، توپلىنىشقا باشلىغان يۇقىرىقىلار ھىجرىيە 1 - ئەسىردىلا (مىلادىيە 6 - )ئەسىردەت وپلىنىپ بولغان ھەدىس توپلاملىرىدۇر.
جاۋاب: ھىجرىيە 2 - ئەسىر (مىلادىيە 7 - )ئەسىردە ئەمەۋىيلەر نىڭ 7 - خەلىپىسى ئۆمەر ئىبنى (ئابدۇلئەزىز 717-720 م)نىڭ خەلىپىلىك دەۋرىنىڭ دەسلىبىدە، ئۇنىڭ پەرمانى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىنى توپلاش ھەرىكىتى جانىلىنىپ كەتكەن خەلىپە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز بۇ ئىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، كاتتا ئۆلىمالارنى ۋەزىپىلەندۈرگەن ھەتتا مە دىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىگە ئادەم ئەۋەتىپ ئۇ جايدىكى ئۆلىمالارنى ھەدىسلەرنى توپلاشقا ئەمر قىلغان خەلىپە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز مەدىنە ئۆلىمالىرىغا يازغان مەكتۇبىدا مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى يېزىپ توپلاڭلار، مەن ھەدىس بىلىدىغانلارن ىڭ تۆگەپ كېتىشى بىلەن بۇ ئىلىمدىن ئايرىلىپ قېلىشىمىزدىن قورقىۋاتىمەن»(1) شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى توپلىنىپ، چوڭ ھەجىملىك رەسمىي ھەدىس توپلاملىرى مەيدانغا كېلىشكە باشلىغان.
جاۋاب: ھەدىسلەرنى تۇنجى قېتىم كىتاب ھالىغا كەلتۈرگەن ئالىم ئىسلام تارىخىدىكى مەشھۇر ھەدىسشۇناس مۇھەممەد ئىبنى شىھاب ئەل زۇھرىي (م 670 - ) دېگەن كىشىدۇر بۇ كىشى«تابىئىين» (ساھابىلارنى كۆرگەن ئىككىنچى ئەۋلاد مۇ سۇلمانلار) قاتارىدىن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئالىم ساھابىلاردىن ئەنەس ئىبنى مالىكتا ۋە مە دىنە مۇنەۋۋەرەنىڭ ئۆلىمالىرىدا ئوقۇغان ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ 2200 ھەدىسىنى يادلىغان ۋە يېزىپ كىتاب ھالىغا كەلتۈرگەن ھىجرىيە 3 - ئەسىردىكى ھەدىس توپلاش دولقۇنى.
جاۋاب: ھىجرىيە 3 - ئەسىر (مىلادىيە 8 - ئەسىر) ھەدىسلەرنى توپلاپ دىۋان قىلىش ئىشلىرى ئەڭ زور دەرىجىدە ئەۋج ئالغان ئەسىر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ بۇ ئەسىردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى توپلاش ھەرىكىتى ناھايىتى ج انلىنىپ كەتكەن بولۇپ، ئالدىنقى ئىككى ئەسىردەت و پلانغان ھەدىسلەر ساھابىلارنىڭ سۆزلىرى ۋ ە تابىئىن ئۆلىم الىرىنىڭ پەتىۋالىرى بىلەن قوشۇ پ يېزىلىپ كەلگەن بولسا، بۇ ئەسىرنى ڭ ئۆزگىچىلىكى ھەدىسلەرنى توپلاش ئۇسۇللىرىنىڭ بېكىتىلىشى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسا لامنىڭ ھەدىسلىرىنى ئايرىم، ساھابىلارنىڭ سۆزلىرىنى ئايرىم ۋە تابىئىنلارنىڭ پەتىۋالىرىنى ئايرىم قىلىپ يېزىشتىن ئىبارەت بولغان.
جاۋاب: ھىجرىيە ئۈچىنچى ئەسىردىكى ھەدىس توپلاش ئۇسۇللىرىنى تۆۋەندىكى ئى ككى
(1) دارمى ھەدىس توپلىمى 1- توم، - بەت : خىل ئۇسۇلغا ئىخچاملاشقا بولىدۇ: بىرىنچى ئۇسۇل بۇ ئۇسۇل ھەدىسلەرنى رىۋايەت زەنجىرلىرى بىلەن بىرگە توپلاش يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان ھەر بىر ساھابىنىڭ تەرجىمىھالىنى ئۇ رىۋا يەت قىلغان ھەدىس بىلەن بىرگە يېزىپ مېڭىش، ھەسىلەرنى سەھىھ ياكى زەئىپ دەپ ئايرىماس، تىن رىۋايەت قىلىنغان پېتى خاتىرىلەش، ھەدىسلەرنى بۆلۈملەرگە ۋە ماۋزۇلارغا ئايرىماست ىن يېزىپ توپلاشتىن ئىبارەت بولغان مەسىلەن: ناماز ھ ەققىدە كەلگەن ھەدىسلەرنى ھەجي اكى زاكات ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەر بىلەن بىرگە، روزا ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەرنى سودا- سېتىق ئەھكاملىرى ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەر بىلەن بىرگە توپلىغانغا ئوخشاش بۇ خىل ئۇسۇل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى ساقلاپ بېرىش رولىغا ئېگە، بولسىمۇ ھەدىس ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ئىزدىگەن ھەدىسلەرنى تېپىشى قىيىن بولاتتى ئۇنى ڭ ئۈستىگە توپلانغان ھەدىسلەر سەھىھ ياكى زەئىپ دەپ ئايرىلمىغانلىقتىن، ئۆلىمالارد ىن باشقىلارنىڭ بۇ ھەدىسلەردىن پايدىلىنىشى قىيىن ئىدى.
جاۋاب: بۇ ئۇسۇلدا توپلانغان ھەدىس توپلاملىرى تۆۋەندىكىچە
(1) ئەبۇداۋۇد تىيالىسىينىڭ«مۇسنەد »ناملىق ھەدىس توپلىمى (ھ 204 - )م
(2) ئىبنى ئەبۇ شەيبەنىڭ«ۇم سنەد »ناملىق ھەدىس توپلىم ( ھ ى 235 - )م
(3) ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ«مۇسنەد» ناملىق ھەدىست وپلىم ( ھ ى 241 - )م: ئىككىنچى ئۇسۇل بۇ ئۇسۇل ھەدىسلەرنى فىقھىي بۆلۈملەرگە ئايرىپ، ھەر بىر ماۋزۇدا كەلگەن ھەدىسلەرنى شۇ ماۋزۇغا كىرگۈزۈش، ئاندىن ئۇلارنى مۇناسىپ بۆلۈملەرگە بۆلۈشتىن ئىبارەت بولغا ن م ەسىلەن: ناماز ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەرنى«ناماز كىتابى »، دېگەن بۆلۈمگە توپلاپ ئۇنىڭدىن يەنە«بەش ۋاب ناماز بابى»، «ئىككى ھېيت نامىزى بابى»، «تەراۋىھ نامىزى بابى » دەپ ماۋزۇلارغا ئايرىغانغا ئوخشاش.
جاۋاب: بۇ خىل ئۇسۇلدا ھەدىس توپلىغان ھەدىسشۇناسلاردىن ئىمام بۇخارى بىلەن ئىمام مۇسلىمغا ئوخشاش ھەدىسلەرنىڭ ئىچىدىن پەقەت«سەھىھ » ھەدىسلەرنىلا توپلىغانلىرىمۇ ۋە ئەبۇداۋۇد، تىرمىزى، نەسائىي، ئىبنى ماجە لەرگە ئوخشاش ھەدىسلە رنى«سەھىھ » ۋە «زەئىپ »دەپ تۈرلەندۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى توپلىغانلىرىمۇ بار (1)
-
- بەتلەر، دوكتۇر نۇرىددىن ئە ترنىڭ«مەنھەجۇننەقد فى ئۇلۇمىل ھەدىس » ناملىق ئەسىرى - - بەتلەر سۈننەتنىڭ ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىدىكى ئورنى.
جاۋاب: سۈننەت ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ ئىككىنچى ئاساسلىق مەنبىئىدۇر بۇنىڭدا قەدىمدىن ھازىرغىچە پۈتۈن ئىسلام ئۇممىتى بىردەك ئىتتىپاقتۇر قۇرئان كەرىم ۋە ھ ەدىس دەلىللىرى بۇ ھەقىقەتنى ئىسپاتلايدۇ قۇرئان كەرىمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى، ئۇنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىش ۋەدىن ھەم دۇنيالىق ئىشلاردا ئۇنىڭ تۇتقان يولىنى دەستۇر قىلىشنىڭ پەرزلىكىنى تەكىتلىگەن ئايەتلەر ئىنتايىن كۆپ ﴿ كىمكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇ ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ. پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەر سىدىن چەكلىنىڭلار﴾(1 ) ﴿ ئى پەيغەمبەرۇ پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار ئۆز ئارىسىدىكى دەتالاشقا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلمىغۇچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكىمىڭگە ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى قىلچە غۇم بولسىمۇ يوقالمىغىچە ۋە ئۇلار پۈتۈنلەي بويسۇنمىغىچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ﴾(2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى چىڭ تۇتۇش، ئۇنىڭغا ئېسىلىش ۋە ئۇنىڭ روھى: بويىچە ئەمەل قىلىشنىڭ زۆرۈزلىكىنى تەكىتلىگەن ھەدىسلەرمۇ كۆپ مەسىلەن پەيغەمبە: ر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن«سىلەر مېنىڭ يولۇمغا ۋە توغرا يولنىڭ يېتەكچىلىرى بولغان خەلىپىلىرىمنىڭ يولىغا ئەگىشىڭلار ۋە ئۇنى پ ۈ تۈن كۈچۈڭلار بىلەن چىڭ تۇتۇڭلار، مېنىڭ يولۇمغا خىلاپ كېلىدىغان ئىشلارنىدىن نامى بىلەن پەيدا قىلىۋېلىشتىن قاتتىق ساقلىنىڭلار چۈنكى دىندا پەيدا قىلىنغان ھەر قانداق يېڭىلىق بىدئەتتۇر بىدئەتنىڭ ھەر قاند ىقى ئازغۇنلۇقتۇر»(3) سۈننەتكە ئەھمىيەت بېرىشنىڭ زۆرۈرلىكى.
جاۋاب: قۇرئان كەرىم بىلەن سۈننەت ئىككىسى ئىسلام دىنىنىڭ بىردىنبىر دەستۇرلىرىدۇر ئۇنىڭ ئۈست ىگە قۇرئان كەرىمدىكى ئەھكاملارنى چۈش ىنىش ئۈچۈن سۈننەتكە ئېھتىياج زو ر شۇڭا قۇرئان كەرىمنىلا تۇتۇپ، سۈننەتنى تەرك ئېتىش توغرا ئەمەس پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرئان كەرىمنىلا تۇتۇپ، سۈننەتنى تەرك ئېتىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بىر زامان كېلىپ سىلەردىن بىرىڭلار ساپاغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ، مەن بۇيرىغان ياكى توسقان ئىشلاردىن بىرەرسى توغرۇلۇق” بىلمەيمىز، بىز
(1) ھەشر سۈرىسى 7- ئايەت
(2) نىسا سۈرىسى 65 - ئايەت
(3) ئەبۇداۋۇدنىڭ«سۇنەن » ناملىق ھەدىس توپلىمى 5- توم، - بەت، 4607 - ھەدىس ڭىنتەننۈس ملاسىئ ىكىدىقىلسانۇشنۇناق ىنروئ ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىمدىن تاپقانلىرىمىزغ ىلا ئەگەشتۇق“دېمىسۇن»(1) سۈننەتمۇ مەنە جەھەتتە ئاللاھ تائالادىن كەلگەن ۋەھيى بولغانلىقى ئېتىبارى بىلەن ئۇنىڭ قۇرئان كەرىم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە باغلىنىشى ئىنتايىن مۇستەھكەم، چەمبەرچ اس باغلىنىشتۇر چۈنكى سۈننەت قۇرئان كەرىمنى ئوچۇقلاش ئۈچۈن كەلگەن يېگانە مەنبەدۇ ر، سۈننەت قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىدىكى مۇتلەق ھۆكۈملەرنى قەيتلىك قىلىدىغان ئومۇملىرىنى خاس قىلىدىغان، مۇجىمەللىرىنى ئوچۇقلايدىغان ۋە قۇرئان كەرىم ئايەتل ىرىنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشتە بىردىنبىر مەنبەدۇر سۈننەت يەنە قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىن مىغان كۆپلىگەن شەرىئەت ھۆكۈملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈننەتنىڭ قۇرئان كەرىمنى ئوچۇقلىشى
(1) سۈ ننەتنىڭ قۇرئاندىكى ئىجمالىي ئەھكاملارنى تەپسىلىي قىلىپ ئوچۇقلىشى قۇرئان كەرىمدە كۆپلىگەن ئىجمالىي ئەھكاملار كەلگەن بولۇپ، سۈننەت ئۇلارنى تەپسىلىي بايان قىلىپ چۈشەندۈرگەن ناماز، روزا، زاكات، ھەج ۋە باشقا كۆپلىگەن ئەھكاملار بۇنىڭ مىسالى مەسىلەن: قۇرئان: كەرىمدە﴿ شۈبھىسىزكى، ناماز مۆمىنلەرگە ۋاقتى بەلگىلەنگەن پەرز قىلىندى﴾(2) دېگەن بولسىمۇ، ناماز ۋاقىتلىرى، ئوقۇلۇش ئۇسۇلى، رەكئەتلىرى ۋە نامازلارنىڭ سانى قاتارلىق مەسىلىلەر بايان قىلىنمىغان بۇلارنى پەقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۈننەتلىرى ئارقىلىق كۆرسەتكەن ۋە ئۆگەتكەن زاكاتنىڭ پەرزلىكى قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنغان بولسىمۇ، زاكات مىقدارى، ئادا قىلىش شەرتلىرى ۋە باشقا ئەھكاملار بايان قىلىنمىغان پەقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۈننەتلىرى ئارقىلىق زاكاتنىڭ تەپسىلىي ئەھكاملىرىنى بايان قىلىپ بەرگەن مۇندىن ب اشقا قۇرئان كەرىم دىكى كۆپلىگەن ئەھكاملار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرى بىلەنلا ئوچۇقلۇققا ئېرىشكەن
(2) سۈننەتنىڭ مۇتلەق ھوكۈملەرنى خاسلىققا ئېگە قىلىشى: قۇرئان كەرىمدە﴿ ئوغرىلىق قىلغۇچى ئەرنىڭ ۋە ئوغرىلىق قىلغۇچى ئايالنىڭ قىلمىشىنى جازالاپ، ئاللا ھ تەرىپىدىن ئىبرەت قىلىش يۈزىسىدىن قوللىرىنى كېسىڭلار﴾(3) دەپ كەلگەن بولسىمۇ، ئوغرىنىڭ قولى نەدىن كېسىلىدۇ ۋە ئىككى قولىنىڭ ھەممىسىمۇ ياكى بىرسىمۇ دېگەنلەرنى سۈننەت بەلگىلەپ، ئوغرىنىڭ بىر قولىنى بېغىشى ىد ن كېسىشنى قارار قىلغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھە: قتە« ئوغرىنى مەھكىمىگە ئېلىپ چىقىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا شاپائەتچى بولۇپ، قۇتقۇزۇپ قېلىشقا تىرىشىڭلار، مەھكىمىگە بارغاندا ھاكى ( م قازى) ئۇنى كەچۈرىۋەتس ىمۇ، ئاللاھ ئۇنى كەچۈرىۋەتمەيدۇ، ھاكىم ئۇنىڭ قولىنى كېسىشكە بۇيرىسا ئۇنى بېغىشى نىد كېسىڭلار»(4)
(1) ئەبۇداۋۇدنىڭ«سۈنەن»ناملىق ھەدىس توپلىمى 5- توم، - بەت، 4605 -ھە دىس
(2) نىسا سۈرىسى 103 - ئايەت
(3) مائىدە سۈرىسى 38 - ئايەت
(4) دارا قۇتنىينىڭ«سۇنەن »ناملىق ھەدىس توپلىمى 3- توم، - ھەدىس زەئىپ دېيىلگەن ھەدىس
(3) سۈننەتنى ڭ ئومۇمىيلىقتىن خاس ھۆكۈملەرنى چىقىرىشى: قۇرئان كەرىمدە﴿، ئاللاھ بالىلىرىڭلار (غا تېگىدىغان مىراس) ھەققىدە تەۋسىيە قىلىدۇكى بىر ئەرگە ئىككى ئايالنىڭ ھەسسىسى تېگىدۇ﴾(1) دېيىش ئارقىلىق مىراس ئېلىش ھەققىدىكى ئومۇمىي پىرىنسىپنى بايان قىلغان بولسىمۇ، بالىلاردىن كىملەرنىڭ مىراستىن مەھرۇم بولىدىغانلىقىنى بايان قىلمىغان سۈننەت ئاتا- ئانىسىدىن بىرەرسىنى ئۆلتۈرگەن قاتىلنى مىراستىن مەھرۇم قىلغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە: «قاتىل مىراس ئالالمايدۇ»(2) دېگەن شۇڭا ئىسلام دىنىنىڭ مىراس قانۇنىدا، ئاتا-ئانىسىدىن بى رەرسىنى قەستەن ئۆلتۈرگەن ئادەم ئۇلارنىڭ مىراسىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە« بىز مىراس قالدۇرمايمىز، قويۇپ كەتكەنلىرىمىز سەدىقىدۇر»(3) دېيىش ئارقىلىق پەيغەمبەرلەردىن قالغان نەرسىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ ۋارىسلىرىغا مىراس قىلىپ تەقسىم قىلىن مايدىغانلىقىنى، بەلكى سەدىقە قىلىپ تارقى تىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان
(4) سۈننەتنىڭ مۇجىمەل ئايەتلەرنى ئوچۇقلىشى قۇرئان كەرىمدە بەزى مەنىسى مۇجىمەل ئايەتلەر كەلگەن بولۇپ، سۈننەت ئۇلارنى ئوچۇقلۇققا ئېرىشتۈرگەن مەسىلەن: قۇرئان كەرىم: نىڭ﴿ ئازابتىن ئەمىن بولۇش، ئىمان ئېيتقان ئىمانى غا زۇلۇمنى ئارىلاشتۇرمىغان ئادەملەرگە مەنسۇپتۇر، ئۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر﴾(4)، دېگەن ئايىتى چۈشكەندە، ساھابىلارغا بۇ ئايەت ئېغىر كېلىپ« قايسىمىز زۇلۇم قىلمايمىز » دېيىشكەن ۋە ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇراجىئەت قىلغان شۇ ۋاقى تتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئايەتتىكى«زۇلۇم »سۆزىدىن لۇقمان سۈرىسىدىكى: ﴿ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ھەقىقەتەن چوڭ زۇلۇ ( م ھەقسىزلىقت)ۇر﴾(5)، دېگەن ئايەتتە ئېنىق بايان قىلىنغان شېرىك مەقسەت قىلىنى غانلىقىنى بايان قىلىپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئارامت اپقان
(5) سۈننەتنىڭ قۇرئان كەرىمدە كەلمىگەن ھۆكۈملەرنىمۇ ئېلىپ كەلگەنلىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىدە قۇرئان كەرىمدە كەلمىگەن كۆپلىگەن مۇستەقىل ھۆكۈملەر كەلگەن سۈننەت ئارقىلىق بېكىتىلگەن شەرىئەت ئەھكاملىرى (6 )
جاۋاب: قۇرئان كەرىمدە كەلمىگەن بولسىمۇ، سۈننەت ئارقىلىق بېكىتىلگەن شەرىئەت ھۆكۈملىرىنىڭ بەزى: مىساللىرى تۆۋەندىكىچە
(1) ئايالنى ئۇنىڭ تاغا-ئاچىلىرى بىلەن بىر نىكاھتا تۇتۇشنىڭ ھارا ملىقى
(1) نىسا سۈرىسى 11 - ئايەت
(2) تىرمىزىنىڭ«سۇنەن »ناملىق ھەدىس توپلىمى 2-توم 215-بەت 1713 -ھەدىس، سەھىھ دېيىلگ ەن ھەدىس
(3) «سەھىھۇلبۇخارى » 4036-ھەدىس«فەتھۇلبارى»نىڭ 7- توم، - بەت
(4) ئەنئام سۈرىسى 82 - ئايەت
(5) لۇقمان سۈرىسى 13 - ئايەت
(6) بۇ ماۋزۇ دوكتۇر رىزا مۇھەممەد سەفىيۇددىن ئەل سەنۇسىينىڭ«محاضرات في الثقافة اإلسلامية » (ئىسلام ھازارىتى ھەققىدە لېكسىيە)ناملىق ئەسىرىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى ڭىنتەننۈس ملاسىئ ىكىدىقىلسانۇشنۇناق ىنروئ (2 ) ئېشەك گۆشىنىڭ ۋە ھەر قانداق مەرگەن چىشلىق يىرتقۇچ ھايۋانلار بىلەن يىرتقۇچ تىرنىقى بار قۇشلارنىڭ گۆشىنى يېيىشنى ڭ ھاراملىقى (3 ) رامىزان كۈندۈزىدە بىلىپ تۇرۇپ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق روزىسىنى بۇزغان كىشىگە كاپارەت كېلىدىغانلىقى (4 ) بەدەنگە نەقش ئويۇشنىڭ ھاراملىقى ۋە مۇنداق قىلغۇچىلارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدىغانلىقى مۇندىن باشقا كۆپلىگەن شەرىئەت ئەھكاملىرى سۈننەت يولى بىلەن بەلگىلەنگەن (1)
(1) دوكتۇر مۇستافا سىبائىنىڭ«السنة ومكانتھا في التشريع اإلسلامي » ناملىق ئەسىرى - - بەتلەر سۈننەت مۆجىَىلىرى سۈننەت مۆجىَىلىرى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇسلۇبى.
جاۋاب: ، سۈننەتنىڭ مۆجىزىلىرى سۈننەتنىڭ شەرىئەت بەلگىلەش، تەربىيە ئۇسۇلى ھەدىسلەرنىڭ تېكىستلىرىدىكى گۈزەل ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى، ھەدىس تىلىنىڭ ئۆزگىچىلى، كى غەيبلەردىن خەۋەر بېرىشى، ھەدىس لەردىكى ئىلمىي ھەقىق ەتلەر قاتارلىق بىر قانچە تە رەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ تۆۋەندە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ گۈزەل ئىپادىلەش ئۇسلۇبى، سۈننەتتىكى ئىلمىي مۆجىزىلەر ۋە ئۇنىڭ شەرىئەت ئەھكاملىرىدىكى مۆجىزىلىرى قاتارلىق ماۋزۇلاردا تەپس ىلى توختىلىمىز.
جاۋاب: ھېچكىم شەك قىلمايدىغان ھەقىقەتكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ گۈزەل ئىپادىلەش ئۇسلۇبلىرىنىڭ ھەممە تۈرىدە قۇرئان كەرىمدىن قال سا ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى ئاللاھقا تۇتاشقان قەلبلەرنى گۈرندۈرۈش، تاشتەك قېتىپ كەتكەن يۈرەكلەرنى يۇمشىتىش، ئاڭلىغۇچىلارغا ھۇزۇر- ھالاۋەت بېرىش خۇسۇسىيىتىگە ئېگىدۇر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك ئېغىزى دىن چىققا )ن ھەر بىر ھېكمەتلىك سۆزنى ھۇزۇرى قەلب بولغان ھالدا (كۆڭۈل بېرىپ ئاڭلىغىنىڭىزدا ياكى ئوقۇغىنىڭىزدا، گويا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۆرگەندەك ياكى روھىي ئالەملەرگە يۈكسەلگە ندەك بولىسىز چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەنىۋىيات ئالەمىنىڭ يېگانە رەھبىرى بولغان دەك، ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۈلگىلىرىگە ئېگە زات ئىدى چۈنكى ئاللاھ تائ الا ئۇنىڭغا ئەرەب ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ يۈكسەك ئىپادىلەش ئۇسلۇبلىرىنى ئاتا قىلغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە: «ماڭا جەۋامىئۇل كەلىم (لەۋزى قىسقا، مەنىسى چوڭقۇر )بايان بېرىلدى»(1) دېگ ەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرى تەكەللۇپتىن خالىي، مەنىسى ئېنىق، لەۋزى قىسقا سۈپەتلەش، ئوخشىتىش، تەسۋىرلەش، تەبىرلەش ۋە ئىخچاملاشتا ئەدەبىيات ۋە ئىستىلىست ىكا ماھىر لىرىنى ھەيران قالدۇرارلىق شەكىلدە ئۈستۈن ئىدى شۇ سەۋەبتىنمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قەدىمدىن ھازىرغا قەدەر ئەدەبىياتتىن زەۋقى بار ھەر قانداق كىشى قايىل بولۇپ كەلمەكتە ئۆز ۋاقتىدىكى ئەرەبيۇنان ۋە پارس مىللىتىنىڭ دۇنياغا تونۇلغان ئاتاقلى ق شائىرلىرى بىلەن ئەدىبلىرىنى قايىل قىلىپ، باش ئەگدۈرگەن ھەقىقەت بۇ ئىدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆزلىگەندە، ھەممە كىشى ئاڭلاپ چۈشىنىدىغان شەكىلدە، ھەر بىر جۈملە ئوتتۇرىسىدا توختاپ- توختاپ، ئېنىق ۋە ئوچۇق سۆزلەيتتى بەزى مۇھىم سۆزلەرنى ئۈچ قېتىمدىن قايتىلاپ تەكىتلەيتتى ئۆزى سۆزلەۋاتقان سۆزلەردىن قاتتىق
(1) «سەھىھۇلبۇخارى» 7013-ھەدىس«فەتھۇلبارى» - توم، - بەت تەننۈس ىرىلىزىجۆم تەسىرلىنەتتى، بۇ تەسىرات ئۇنىڭ مۇبارەك چىرايىدا م ەلۇم بولاتتى جابىر ئىبنى ئابدۇللا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نوتۇق سۆزلىگىنىدە، ئۇنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ كېتەتتى، ئاۋازى يۇقىرى كۆتىرىلەتتى، خۇددى ئەسكەرلەرنى يېتىپ كەلگەن دۈشمەندىن ئاگاھلاندۇرىۋاتقان قومانداندەك جىددىي سۆزلەيتتى»(1) سۆزلەۋاتقان ۋاقىتتىكى ھەرىكەتلىرى بىلەن ۋە ئىشارەتلىرىنىڭ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى جەلب قىلىشتا، غەپلەتتە قالغانلارنى ۋە دىققەتسىزلەرنى ئويغىتىشتا ناھايىتى زورت ەسىرى بار ئىدى تەقۋالىقنى چۈشەندۈرۈشتە«تەقۋالىق بۇ يەردەۇ »دەپ كۆكسىگە ئىشارەت قىلغا نلىقى ئۆزىنىڭ يېتىمنى باققان كىشى بىلەن جەننەتتە بىرگە بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەشتە ئوتتۇرا با رمىقى بىلەن ئىشارەت بارمىقىنى جۈپلەپ كۆرسەتكەنلىكى بۇلارنىڭ مىسالىدۇر شۇڭا ھەدىسنىڭ مەنىسى ئىنسان قەلبىنىڭ ئىچكىرى قىسمىغا تەسىر قىلىدۇ، ھەتتا بىرەر ھەدىس بىر ئ ىنساننىڭ ھاياتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، ئۇنى باشقا بىر ئىنسان قىلىشقا يېتەرلىك مۇنۇ ھەدىسنى ئوقۇغىنىڭزدا، بۇ ئېيتقانلىرىمنىڭ راست ئىكەنلىكىنى تەستىقلايسىز پەيغەمبەر: ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى ياخشىلىق ۋە يامانلىق ھەققىدە سورالغىنىدا«ياخشىلىق- ياخشى خۇلقتۇريا مانلىق- كۆڭ ۈلنى بىئارام قىلىدىغان ۋە باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشى ياقتۇر ۇل مايدىغان نەرسىدۇر»(2) دەپ جاۋاب بەرگەن بۇ ھەقىقەتەن كاتتا مەنە ۋە ئىنتايىن توغرا دىئاگنوز بولۇپ، ئىنسان ھاياتىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئۇلۇ تەلىماتتۇر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ڭ سۆزى شۇ ۋاقىت تىكى ئىنسانلارغىلا ئەمەس، بەلكى ھەر قانداق بىر ئەسىر ۋە ھەر قانداق بىر جەمئىيەتتىكى ئىنسان ئەۋلادىغا قارىتىلغان سۆزدۇر بۇ سۆز پەزىلەتلىك بىر جەمئىيەتنى بەرپا قىلىش يولىدا ئومۇمىي پىرىنسىپ تۇر چۈنكى ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى-دەۇ.
جاۋاب: سۈ ننەتنىڭ ئىلمىي مۆجىزىلىرىدىن مەقسەت- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەن ۋە تەجرىبە ئىلمى راستلىقىنى ئىسپاتلىغان ئىلمىي ھەقىقەتلەردۇر.
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن زامانداش بولۇش شەرەپىگە نائىل بولغانلار ئۇنىڭ ئەقىلنى ھەيران قالدۇرىدىغان كۆپلىگە مۆجىزىلىرىنى كۆزلىرى بىلەن كۆرگەن بولسا ئاللاھ تائالا پەيغەم بىرىنىڭ مۆجىزىلىرىنى ھەر بىر ئەسىردە شۇ ئەسىر ئىنسانلىرىن ىڭ ئەقلىگە مۇناسىپ شەكىلدە كۆرسىتىپ كەلدى شۇنىڭ بىلەن قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ س ۆزى ئىكەنلىكى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ كەلدى ھازىرقى زامان ئىنسانلىرى ھېچقانداق نەرسىگە ئىلىمنىڭ دالالەتلىرىگە ۋە ئىلمىي ھەقىقەتلەرگە باش ئەگكەندەك باش ئەگمەيدۇ ئۇلارنى ئىلمىي ھەقىقەتلا قايىل قىلالا يدۇ ئىل مىي مۆجىزىلەر ھەقىقەتنى ئىزدىگەن ھەر قانداق ئادەمگە ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ ئوچۇق ئىلمىي ھەقىقەتلەرنى تەقدىم قىلى شقا قادىردۇر
(1) سەھىھ مۇسلىم 2- توم، - بەت، - ھەدىس
(2) سەھىھ مۇسلىم 4- م تو، 1980 - بەت، 2553 - ھەدىس ھەدىسلەردىكى ئىلمىي مۆجىَىلەر ھەدىسلەردىكى ئىلمىي مۆجىَىلەرنىڭ بەزى مىساللىرى.
جاۋاب: ھەدىسلەردىكى ئىلمىي مۆجىزىلەرنىڭ بەزى مىساللىرى تۆۋەندىك: ىچە
(1) سىيادان مېيىنىڭ شىپالىقى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « سىياداندا ئۆلۈمدىن باشقا ھەر قانداق كېسەل ئۈچۈن شىپا باردۇر»(1) ئىلمىي تەجرىبىلەر سىيادان نىڭ ئىنسان ئورگانلىرىنىڭ مىكروبلىنىشتىن ۋە كېسەللىكتىن ساقلىنىش كۈچىنى ئاشۇرىدىغان تەبىئىي دورا ئىكەنلىكىنى، راك، ئەيدىز قاتارلىق خە تەرلىك ئاغرىقلارنى داۋالاشتا ئەھمىيىتى زور ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا سىياداننىڭ نەپەسلىنىش يوللىر ىنى كېڭەيتىش، مىكروبلارنى ئۆلتۈرۈش، قان ئايلانمىسىنى رەتكە سېلىش ۋە ئۆپكە كېسەللى كىنى ساقايتىش قاتارلىق نۇرغۇنلىغان خاسىي ەتلىرىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلىدى تىببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، سىيادان مېيىنى بىر گرامدىن ئىككى گرامغىچە كۈنىگە بىر قېتىمدىن سامساق ياكى پ ىياز بىلەن بىرگە ئىچىشنىڭى ن ەنت ڭ مىكروبلىنىشتىن ۋە كېسەللىكلەردىن ساقلىنىش كۈچىنى تەبىئىي ھالدا ئاشۇرۇشتا پايدىسى زور ئىكەن
(2) تازىلى ق ئۈچۈن سول قولنى ئىشلىتىشنىڭ سىرى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن«سىلەر تەرەت قىلغىنىڭلاردا، ئىستىنجا قىلغ ىنىڭلاردا ئوڭ قولۇڭلارنى ئىشلەتمەڭلار)(پەقەت سول قولۇڭلارنى ئىشلىتىڭلار، ئىچىۋاتقاندا قاچىغا تىنماڭلار»(2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارغا ئۆڭ قولنى يېمەك-، ئىچمەكلىكلەرنى تۇتۇش، باشقىلار بىلەن كۆرۈشۈش قاتارلىق ئىشلارغا، سول قولنى تەرەت قىلغاندا تازىلىنىش بۇرۇننى تازىلاش قاتارلىق ئىشلارغا ئىشلىتىشنى ئۆگەتكەن مانابۇ ئىنتايىن سەزگۈر لۈك بىلەن بەلگىلەنگەن تىببىي تەلىم ات بولۇپ، ھازىرقى زامان تىبىي تىلىدا«مېدىتسىنالىق ساق لىنىش » دەپ ئاتىلىدۇ چۈنكى يېمەك- ئىچمەك ئۈچۈن ئوڭ قولنى، تازىلىق ئۈچۈن سول قولنى ئىشلىتىش مىكروبلارنىڭ يېمەك-ئىچمەكلەرگە، نەپەس ئېلىش ئورگانلىرىغا يېتىپ بېرىش ىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
(3) چۈشكۈرگەندە ئېغىز-ب ۇرۇننى يېپىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « سىلەر چۈشكۈرگەندە ئىككى ئالىقىنىڭلار بىلەن يۈزۈڭلارنى يېپىۋېلىڭلار ۋە ئاۋازىڭلارنى پەسەيتىڭلار»(3) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ تەلىماتى ھازىرقى زاماندا تىببىي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ
(1) «سەھىھۇلبۇخارى » 5688-ھەدىس«فەتھۇلبارى » - توم، - بەت
(2) «سەھىھۇلبۇخارى» –، ھەدىس«فەتھۇلبارى »
1- توم، - بەت
(3) ئەبۇداۋۇدنىڭ«سۇنەن » ناملىق ھەدىس توپلىمى 5029 - ھەدىس، سەھىھ دەپ باھالانغان ىكىدرەلسىدەھ يىملىئ رەلىزىجۆم ئەڭ مۇھىم تەۋسىيەلىرىد ىن بىرىگە ئايلانغان چۈنكى چۈشكۈرگەن ئادەم كۆپىنچە زۇكامدىن، چۈشكۈرىدۇ چۈشكۈرگەندە ئېغىز- بۇرۇننى ياپمىغاندا، بۇرۇندىن چىققان مىكروب باشقىلارغا تارقايدۇ شۇڭا باشقىلارنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداش يۈزىسىدىن زامانىمىزدىكى دوختۇرلار زۇكام بولغان ئادەمنى چۈشكۈرگىن ىدە، ئېغىز- بۇرنىنى ياغلىق ياكى قانداقلا بىر نەرسە بىلەن يېپىۋېلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ ۆك پ چۈشكۈرۈشنىڭ پەقەت زۇكام سەۋەبىدىن بولىدىغانلىقىنى ھازىرقى زاماندا ئىلىم- پەن سايىسىدا ھەممە ئادەم ياخ ش ى بىلىدۇ ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇندىن 14 ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرىكى ئىلىم- پەن تەرەققىي قىلمىغان، مىكروبلارنى بىلىش ئۈچۈن مىكروس پوك دېگەنلەر ئىجاد قىلىنمىغان بىر زامانلاردا ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى قېتىم بۇ ھەقىقەتنى ئېلان قىلغان ئىدى ئۇ يەنە كۆپ چۈشكۈرگەن بىر ئادەمگە قاراپ: « بۇ ئادەم زۇكام بۇپ قاپتۇ»(1) دېگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە: « )سىلەر چۈشكۈرگەندە، ئەلھەمدۇلىللاھ (ئاللاھقا شۈكرى دەڭلار»(2) د ەپ تەلىم بەرگەن.
جاۋاب: چۈشكۈرۈك ئاللاھ تائالا ئىنسان لارغا ئاتا قىلغان بۈيۈك نېمەتلەر قاتارىدىن بىر نېمەتتۇر چۈنكى ئۇ قاتتىق سىلكىنىش ئارقىلىق مېڭىدىن بۇزۇق ھاۋانى بۇرۇن ئارقىل ىق، چىقىرىۋېتىپ ئورگانلارنىڭ سالامەتلىكىنى ساقلايدۇ تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە ئادەم زۇكا م بولغاندا ياكى دىماغنى غىدىقلايدىغان پۇرا قنى پۇرىغاندا، بۇرۇننىڭ شىلىمشىق پەرد ىلىرى غىدىقلىنىپ چۈشكۈرىدۇ بۇنىڭ بىلەن دىماغنى غىدىقلايدىغان پۇراقلار ياكى كېسەل مىكروبلىرى چىقىپ كېتىدۇ بۇ ئادەم تېنىدىكى بىر خىل ئۆزىنى قوغداش ئىنكاسى زۇك امدىن بولمىغان چۈشكۈرۈك سالامەتلىكنىڭ ئەلچىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ مانا مۇشۇنداق پايدىلىق بىر نېمەتنىڭ قەدرىگە يېتىپ، ئاللاھ تائالاغا شۈكرى ئادا قىلغان ھالدا، ئۇنى مەدھىيىلەپ«ئەلھەمدۇ لىللاھ » دېيىش ئىنسانى گۈزەل خىسلەتتۇر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشكۈرگەندە«ئەلھەمدۇ لىللاھ »دېيىشكە بۇيرىغان لىقىدا چوڭقۇر ئى، لمىي ھەقىقەت يوشۇرۇنغان بولۇپ 14 ئەسىردىن كېيىن، ئەمدىلا ئىنسانلار ىلىم ئ- پەن سايىسىدا ئۇنى كەشپ قىلىپ چىققان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە« بىراۋ چۈشكۈرۈپ ئەلھەمدۇلىللاھ دېسە، ئۇنى ئاڭلىغان ئادەم يەرھەمۇكەللا ( ھ ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇن)دېسۇن»(3) دەپ بۇ يرىغان دېمەك، چۈشكۈرۈشنىڭ مىكروب سەۋەبىدىن كېلىدىغانلىقىنى، كۆپ چۈشكۈرۈشنىڭ زۇكامدىن بولىدىغانلىقىنى، چۈشكۈرگەندە ئېغىز- بۇرۇننى يېپىشنىڭ باشقىلارنى قوغداش يۈزىسىدىن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى، چۈشكۈرۈشنىڭ ئىنسان سالامەتلىكى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان چوڭ نېمەت ئىكەنلى كىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدەك مەكتەپ كۆرمىگەن، ئوقۇش ۋە يېزىشنى ئۆگەنمىگەن، ئىلىم-پەن ۋە ھەر قانداق پەن- تېخنىكا قۇراللىرىدىن پۈتۈنلەي يىراقتا-
(1)، ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى مۇھەممەد ناسىرۇددىن ئالبانىينىڭ«سەھىھۇل جامى » ناملىق ئەسىرىدە سەھىھ دەپ باھالانغان ھەدىس، نومىرى 4130
سەھرا ھاياتىدا ئۆمۈر سۈرگەن بىر ساۋاتسىز زاتنىڭ بىلىشى مۇمكىنمۇ بۇ ئىلمىي ھەقىقەتلەرنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، نىڭ ئېغىزىغا كىم سالغان شۈبھىسىزكى ئاللاھ سالغانۇ شۇڭا ھەدىسنى مەنىسى ئاللاھ تائالادىن، لەۋزى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن كەلگەن ۋەھيى دەيمىز
(4) زىنا ئەڭ ساقايماس كېسەررنىڭ گۇۋاھچىسىدۇر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « قانداقلا بىر قەۋمدە زىنا-پاھىشە ئومۇم لىشىدىكەن، ئۇلارغا ئۇلاردىن بۇرۇنقىلىرىغا يەتمىگەن ئاغرىقلار يېتىدۇ»(1) دەپ ئاگاھلاندۇرۇش ئارقىلىق مۇنداق بىر ئىلمىي ھەقىقەتنى ئېلان قىلغان ئۇ بولسىمۇ، زامانىمىزدا«ئېيدىز» دەپ تونۇلغان ئىپلاس كېسەللىكنىڭ زىنا قىلىش سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدىغانلىقى ئىدى ئىس لام دىنىنىڭ زىنانى قەتئىي شەكىلدە ھارام قىلىشىدىكى سىرلارنىڭ بىرى، زىنانىڭ جىسمانىي، ئىجتىمائىي، ئەخلاقى جەھەتلەردىن ئىنتايىن زىيانلىق بىر قىلىق بولغانلت ىق ىن ئىد ى ھازىرقى زامان تىببىي ئىلمىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، زىناغا يېقىنلىشىشتىن تۈرلۈك خەتەرلىك كېسەللىكلەر مەيدانغا كېلىد ىكەن زىنا پاھىشە ئىشلارنى قىلغانلار ھەرخىل ئاغرى قلارغا دۇچار بولىد ىكەن شىپاسى يوق ئەڭ ۋەھشىي ئاغرىق«ئېيدىز »كېسىلىنىڭ ۋىرۇسى بولسا پەقەت زىنا پاھىشە ئارقىلىق يۇقىدىكەن زىنا شەرەپلىك ئائىلىلەرنى يەرگە قارىتىدىغان، ئابرويلۇق كىشىلەر، نى يەرگە ئورىدىغان شىجائەتلىك كىشىلەرنى قورقۇنچاق قىلىپ قويىدىغان بىر رەزىل ئىشتۇر ئىسلام دىنىنىڭ زىنانى قەتئىي ھارام قىلغانلىقىنىڭ ھېكمىتى ھازىر تەرەققىي قىلغان ئىلىم- پەن ئەسىرىدە تېخىمۇ روشەن ئىپادىلەنمەكتە زىنانى چەكلەشنىڭ جەمئىيەتنى ئاغرىق- سىلاقلاردىن ۋە ئەخلاقسىزلىقلاردىن قوغداش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ھەركىم ياخشى چۈشىن ىپ يەتمەكتە
(5) ئانا سۈتىدىكى كىچىك جىسىملار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر قورساقتىن چۈشكەن قېرىنداشلارنىڭ بىر-، بىرى بىلەن نىكاھلىنىشى ھارام بولغاندەك بىر ئانىنى ئەمگەن ئې مىلدەشلەر نىڭمۇ بىر- بىرى بىلەن نىكاھلىنىشى ھارامدۇر»(2)، بۇنىڭغا بىنائەن ئىسلام دىنى ئېمىلدەشلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئۆيلىنىشىنى ھارام قىلغان ۋە ئېمىلدەشلىك سابىت بولىشى ئۈچۈن ئەڭ ئاز بەش قېتىم قانغۇچە ئەمگەن بولىشىنى شەرت قىلغان ھازىرقى زامان تىببىي ئىلمى ئىسپاتلىدىكى، ئانىنىڭ سۈتىدە كىچىك جىسىملار بار بولۇپ، بوۋاق ئانىسىنى ئۈچ قېتىمدىن بەش قېتىمغىچە ئېمىشى بىلەنلا ئانا سۈتىدىكى بۇ كىچىك جىسىملار بوۋاققا يۆتكىلىدىكەن ئانا سۈتىدىكى بۇ كىچىك جىسىملات ر ەننى مىكروب ۋە ئاغرىقلاردىن ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئۆتەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭدىكى ئىرسىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بەزى خۇسۇسىيەتلەرنىمۇ قوبۇل قىلىدىكەن بىر ئانىنىڭ سۈتىنى ئەمگەن ئېمىلدەشلەر بىر-بىرىگە ئۆيلەنگەندە، سۈتتىن ئالغان بۇ كىچىك جىسىملار ئۇلاردا
(2) سەھىھ مۇسلىم 2- توم، 1068 - بەت، 1444 - ھەدىس ىكىدرەلسىدەھ يىملىئ رەلىزىجۆم، ئۇچراشقاندىن كېيىن ئۇلاردا كېسەللىك پەيدا قىلىش ياكى غەيرى نورمال ئەھۋالغا سەۋەب بولۇش ئېھتىمالى بار ئىكەن سۈننەتنىڭ شەرىئەت ئەھكاملىرىدىكى مۆجىَىسى سۈننەتنىڭ شەرىئەت ئەھكاملىرىدىكى مۆجىَىسى.
جاۋاب: سۈننەتنىڭ شەرىئەت ئەھكاملىرىدىكى مۆجىزىسى سۈننەت ئارقىلىق بەلگىلەنگەن شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ دۇنيادىكى ھەر قانداق قانۇن ۋە ھەرقانداق پەلسەپە بىردەك قوللايدىغانيىللار، ھەتتا ئەسىرلەر بويى ئەھمىيىتىنى يوقاتمايدىغان ۋە ھەركىمن ىڭ ئەقلى قوبۇل قىلالايدىغان بولىشىدا ئىپادىلىنىدۇ ئىخچاملاپ ئېيتقاندا، سۈننەت مۆجىزىسى ھەققىدە سۆز ئېچىش قۇرئان كەرىمنىڭ شەرىئەت بەلگىلەشتىكى مۆجىزىلىرىنىڭ داۋامى ھېسابلىنىدۇ چۈنكى قۇرئان كەرىمنىڭ ب ۇ مۆجىزىلىرىنى بىردىنبىر شەرھلەيدىغان مەنبە سۈننەتتۇر قۇرئان كەرىمدە كېلىپ سۈن نەت ئۇنى شەرھىلىگەن ئۇلۇ پى رىنسىپلار ئەينى ۋاقىتتا ئىسلام دىنىنىڭ ئۇلۇغلىقىنى ۋە ھەققانىيلىقىنى كەسكىن ئىسپاتلىماقتا ئىسلام دىنى دۇنيالىق ۋە ئاخىرەتلىك ھەر ئىككىسىنى تەڭپۇڭلۇق بىلەن بىرگە ئېلىپ بېرىشقا تەشەببۇس قىلىدىغان، ئۇنىڭ يولىدا ماڭغان ھ ەر زامان ۋە ھەر ماكاندىكى ئىنسانلارنىڭ بەخت- سائادىتىگە كاپالەت قىلغان ئۇلۇغۋار دىندۇر.
جاۋاب: سۈننەتنىڭ شەرىئەت ئەھكاملىرىدىكى مۆجىزى لىرىنىڭ بەزى مىساللىرى: تۆۋەندىكىچە
(1) ھاياتنى قوغداش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « كىمكى ئۆزىنى تاغدىن تاشلاپ ئۆلىدىكەن، ئۇ دوزاختا ئۆزىنى تاشلىغان ھالدا مەڭگۈلۈك ئازابلىنىدۇ، كىمكى ئۆزىنى زەھەر ئىچىپ ئۆلتۈرىۋالىدىكەن، ئۇ دوزاختا زەھەر ئىچىۋاتقان ھالدا مەڭگۈلۈك ئازابلىنىدۇ، كىمكى ئۆزىنى تىغل ىق نەرسە بىلەن كېسىپ ئۆلتۈرىدىكەن، ئۇ دوزاختا ئۆزىنى پىچاقتا تىلىۋاتقان ھالدا مەڭگۈلۈك ئازابلىنىدۇ»(1) ھەممىگە مەلۇمكى، دۇنيا ھاياتى قىيىن سىناقلار، بەختسىزلىكلەر ۋە جاپا- مۇشەققەتلەر بىلەن تولغان بىر ھاياتتۇر ئىنسان بۇ ھاياتتا نۇرغۇنلىغان خاپىلىقلارغا ۋ ە بالالا رغا ئۇچرايدۇ لېكىن سەۋرچانلىق بىلەن ئىش كۆرگەنلەرنىڭ ئاقىۋىتى ھەمىشە خەيرلىك بول ىدۇ دۇنيادا ياخشىلىقنىڭ يوللىرى تىكەنلەر بىلەن قورشالغان بولسىمۇ، بۇ يولدا ئىزچىل داۋام قىلالى غانلار ئۈچۈن ئۇنىڭ ئاقىۋىتى مەڭگۈلۈك بەخت- سائادەتتىن باشقا بولمايدۇ. بۇ دۇنيانى مەڭگۈلۈك دەپ گۇمان قىلغانلار ياكى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىپ ئاخىرەتتىن ئىبارەت مەڭگۈلۈك ئالەمنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمىگەنلەر بېشىغا كەلگەن خاپىلىق ۋە كۆڭۈلسىزلىكلەر سەۋەبلىك بەختسىزلىكلەرگە تولغان بۇ دۇنيا بىلەن بۇرۇنراق ۋىدالىشىش مۇھەممەد لۇقمان ئەئزەمىين ىڭ«ھەدىسلەرنىڭ تەربىيىۋى خۇسۇسىيەتلىرى » ناملىق ئەسىرىدىن پايدىلىنىلدى
(1) سەھىھ مۇسلىم 10 - توم، - بەت، 5778 - ھەدىس ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋې لىشقا ئالدىرايدۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاھىشىنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئىشەنمەيدىغان ياكى ئۆزلىرى مەنسۇب بولغاندىن بىلەن مۇناسىۋىتى ئۈز ۈ لگەن ئىنسانلار ئارىسىدا كۆپ يۈز بېرىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى بۇ ئىدى ئىسلام دىنى ئىنسانلارغا ھەر قانداق بىر قىيىنچىلىقنى سەۋرچانل ىق بىلەن توغرا ئۇسۇلدا ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ئېسىل ۋە مۇكەممەل يوللىرىنى ۋە پىرىنسىپ لىرىنى تەقدىم قىلغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇبارەك ھەدىسلىرىدە ئىنسان ھاياتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭ بەخت-سائادىت ىنى كاپالەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان كۆپلىگەن مۇكەممەل تەلىماتلارنى ئۆگەتكەن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشتىن توسۇش ۋە مۇنداق قىلغۇچىلارنى مەڭگۈلۈك دوزاب ئوتى بىلەن تەھدىد قىلىشمۇ بۇ تەلىماتلاردىن بىرىدۇر ئىسلام دىنى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشنى كەسكىن ھارام قىلىش ئارقىلىق ئىنسان ھاياتىنى قوغداش يولىدا بارچە قانۇنلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كە تكەن چۈنكى دۇنيادىكى ھەر قان داق بىر قانۇن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشنى جىنايەت دەپ سانىغان بولسىمۇ، بۇ ئىشنىڭ ئالدىنى ئې لىش يولىدا چارە-تەدبىر ئىجاد قىلىشتىن ئاجىز كەلگەن ئەمما ئىسلام دىنى ئۆزىنىڭ نۇرلۇق شەرىئىتى سايىسىدا، مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدىكى ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىگە بۇ چارە-تەدبىرنى ئال لىبۇرۇن تەقدىم قىلغان شۇ سەۋەبتىن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى غەرب دۆلەتلىرىگە ياكى كوممۇنى ست دۆلەتلىرىگە سېلىشتۇرغىنىمىزدا، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاھىشىنىڭ مۇسۇلمانلار جەمئ ىيىتىدە يوقنىڭ ئورنىدا ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز بۇنىڭغا باشقادىن دىكىلەرمۇ ئىقرار
(2) مۇسۇلمانلاردىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۆمىنلەر ئۆز ئارا دوستلۇقتا، مېھرىبانلىقتا ۋە ھېسداشلىقتا بىرەر ئورگىنى ئاغرىسا باشقا ئورگانلارمۇ ئىسمىداش ۋە ئۇيقۇسىزلىق بىلەن بىئارام بولىدىغان بىر تەنگە ئوخشاشتۇر» (1 ) بۇ ھەدىس مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدىكى شەخسلەر ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم سۈرىدىغان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنىڭ ئەڭ مۇكەممەل ئۈلگىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىسلامدىنى تەشەببۇس قىلغان مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى ئۆزئارا ھۆرمەت-ئېھتىرام، سۆيگۈ-، مۇھەببەت سەمىمىي قېرى نداشلىق، مېھىر- شەپقەتياردەمسۆيەرلىك ئۈستىگە قۇرۇلغان ئۈلگىلىك جەمئىيەت بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدايدىغان، كوللېكتىپنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلى، دىغان ئۆزئارا ھەمكارلىقنى ئاساس قىلغان مۇستەھكەم پىرىنسىپ لارغا ئېگىدۇر، مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە شەخسىيەتچىلىككە مەنمەنچىلىككە، ماددىنى ئۇلۇغلاشقا ئورۇن يوق مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدىكى ئىنسانلار دۇنيانىڭ ھەر قانداق ئېغىز قىيىنچىلىقلىرى ۋە ز ور سىناقلىرى ئالدىدا ئۆزلىرىنى يالغۇز، چارىسىز ھېس قىلمايدۇ، بەلكى پۈتۈن جەمئىيەت ئەزالىرى قىيىنچىلىقلارنى بىرگە ھەل قىلىدىغانلىقىغا، بىر-بىرىگە مەدەتكار بولىد ىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ يۇقىرىقى ھەدىس، تىن مەلۇمكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەڭ كۆپ كىشىلىك ھوقۇق دەۋاسىنى قىلىدىغان بۈگۈنكى غەرب دۇنياسىمۇ ئۆگىنىپ بولالمىغان كىشىلىك ھوقۇق پىرىنسىپ ىنى، ئۇلارنىڭ قامۇسلىرىغا كىرىشتىن ئاۋۋال ئېلان ق ىلغان ۋە ئەمەلىيەتتە ئىجرا قىلىپ
(1) سەھىھ مۇسلىم 4- توم، 1999 - بەت، 2586 - ھەدىس كۆرسەتكەن تۇنجى شەخس بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئوسمانىيلار خەلىپىلىكىنىڭ سۇلتانلىرىدىن مۇھەممەد فاتىھ بىر كۈنى پۇقراچە كىيىنىپ بازارلارنى ئارىلىغان ۋە بىر ماگىزىنغا كىرىپ، ئۆيگە كېرەكلىك نەرسىلەرنىڭ ھەممى سىنى بۇ ماگىزىندىن سېتىۋ الماقچى بولغىنىدا، ماگىزىن ئېگىسىنىڭ “بۇ بىرقىسمىنى مەندىن ئا، لسىڭىزمۇ قالغانلىرىنى ماۋۇ يېنىمدىكى ماگىزىنىدىن ئالغايسىز، چۈنكى ئۇ ماگىزىننىڭ ئېگىسى بۈگۈن ئانچە كۆپ سودا قىلالمىدى”دەپ سورىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بېرىشنى رەت قىلغانلىقىد ىن “، تەسىرلىنىپ ئىستانبۇ لغا يۈرۈش قىلىشنىڭ ۋاقتى يېتىپ كەپتۇ، بۇنداق بىر ئىناق ج ەمئىيەتنى ڭ ئەھلى ئىستانبۇلنى چوقۇم بويسۇندۇرالايدۇ” دېگەن ئىكەن راست دېگەندەك ئىستانبۇل ئۇلارنىڭ كۈچى بىلەن فەتھى قىلىنغان ھازىرقى ئەڭ دېموكراتىك دېيىلگەن دۆلەتلەر ھەق- ھوقۇقلارنى ئىككى خىل تارازىدا تارتىپ، ئۆزلىرىگە تولۇق ئېلىپ، باشقىلارغا باشقىچە تارتىپ بېرىۋاتقان بولسا، ئى سلام دىنىنىڭ ھەق-، ھوقۇق تارازىسى ھەمىشە ۋە ھەركىمگە بىر خىلدۇر بۇنىڭدادىن، ئىرق مىللەت، رەڭ پەرقى يوق
(3) گۈزەل ئەخلاقلارغا تەرغىپ قىلىش ۋە ناچار قىلىقلاردىن توسۇش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا سىلەرگە ئاتا- ئانىلارنى قاقشىتىشنى، ئۇلارغا تېگىشلىك بۇرچۇڭلارنى ئادا قىلماسلىقىڭلارنى، سىلەر ھەقلىق بولمىغاننى سوراشنى، بالىلىرىڭلارنى تىرىك تۇرغۇزۇپ كۆمۈشنى قەتئىي ھارام قىلدى ئاڭلىغانلىكى، سۆزلەرنى قىلىشنى، ئېھتىياج بولمىسىمۇ نەرسە سوراشنى، پۇل- مېلىڭلارنى ئىسراپ يولى بىلەن زايە قىلىشنى يامان كۆردى»(1) بۇ ھەدىس مۇسۇلماننىڭ ئەخلاق- پەزىلەتتىن بولغان ئەندىزىسىنى سىزىپ بەرگەن بولۇپ، ھەقىقىي مۇسۇلماننىڭ قانداق بولىشى كېرەكلىكىنى ئۆگىتىدۇ بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا مەڭ گۈلۇك بەخت-سائادەتنىڭ يوللىرىنى كۆرسىتىدۇ دۇنيادا ياخشىلىق قىلىشقا، ئالدىدا قولنى كۆكسىگە قويۇپ تۇرۇپ، كامالىي ئېھتىرام بىلەن خىزمەت قىلىشقا ئەڭ ھەقلىق بولغان كىشىلەر چوقۇم ئاتا-ئانىلاردۇر ئۇلارنى رازى قىلىپ زىيان تارتقان ئادەم بولمىغا، ندەك ئۇلارنى قاقشى تىپ راۋاج تاپقان ئادەم يوق دۇنيادا بۇ ھېچكىم رەت قىلالمايدىغان ھ ەقىقەتۇ ئاتا- ئانا ئەنە شۇنداق ئۇلۇ، دۇنيادا بەدەلسىز ياخشىلىق قىلىدىغان، كۆڭلىنى رەنجىتكەن تۇرسىمۇ يەنە ئۇنىڭغا ياخشىلىق تىلەيدىغان، كېرەك بولسا بالىلىرى ئۈچۈن جېنىنىت ەقدىم قىلىدىغان، تارت قان جاپالىرىدىن راھەت ھېس قىلىدىغان ئاتا-ئانىدىن باشقا كىم بار دۇنيادا ۇ ئىسلام دىنى ئەخلاقنى قانۇن-پىرىنسىپلار ئارقىسىدا ئىشقا ئاشىدىغان ئەمەس، بەلكى يۈرەكتىن چىقىدىغان قىلىپ يېتىشتۈرۈشكە يېتەرلىك چۈنكى مۇسۇلمانلاردىكى “ئاللاھ تائالا مېنىڭ جىمى قىلمىشلى رىمنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ھەتتا كۆڭلۈمگە كەلتۈرگەن خىياللىرىمنىم ۇ بىلىپ تۇرىدۇ” دېگەن ئېتىقاد ھەل قىلغۇچ رولنى ئوينايدۇ
(4) ئىشلەپچىقىرىشقا ئۈندەش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى بىراۋنىڭ قولىغا ئاغامچا ئېلىپ، ئۇچىس ىدا ئوتۇن تۆشىغىنى ئۇنىڭ بىرىدىن نەرسە سورىغىنىدىن
(1) «سەھىھۇلبۇخارى » 5975-ھەدىس «فەتھۇلبارى» - توم، - بەت ئەۋزەل»(1) ئىسلام دىنى ئىشلەش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئىبادەتتىن سانايدىغان، تەييارتاپلىقنى ھەممىدىن بەك يامان كۆرىدىغان ئىلغاردىن ئىسلام دىنى تەرغىب قىلغان ئىشلەش ئىشلەپچىقىرى شنىڭ بارلىق چارىلىرىنى ۋە سەۋە بلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەقەززا قىلىدۇ. ئاللاھ تائا لانىڭ ھېكىمىتى ئىنساننى ڭ ئۆزى ئۈچۈن يارىتىپ ب ېرىلگەن رى زىقلارنىڭ ئىشىكىنى ئەمگەك ئا چ چقۇى بىلەن ئېچىشىنى، پىشانىسىنىڭ تەرى بىلەن ئىشلەپ، كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاندىن يېيىشىنى ت ەقەززا قىلغان شۇڭا ئىنسان ئىشلەشكە بۇيرۇلغان يۇقىرىقى ھەدىس ئىشلەشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئىپادىلەيدۇ چۈنكى ئىشلەش ئىنساننىڭ پېقىرلىققا قارشى كۈرەش قىلىش ق ۇ رالىدۇر خەلقىمىزدى مۇ«ئىشلىگەن چىشلەيدۇ »دېگەن ھېكمەت بار ئىشلەمچان مىللەت تەييارغا ھەييار بولماستىن، پىشانىسىنىڭ تەرى بىلەن ئىشلەپت اپقا نلىقى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئال دىدىمۇ ھۆرمەتلىك، ئۆزى بولسا بەختلىك بولىدۇ
(1) «سەھىھۇلبۇخارى » 1470-ھەدىس «فەتھۇلبارى»
3- توم، - بەت قۇرئان چىلارغا رەددىيە.
جاۋاب: سۈننەت قۇرئان كەرىمدى، ن قالسا ئىسلام دىنىنىڭ ئىككىنچى ئاساسىي دەستۇرى قۇرئاننىڭ ئەھكاملىرىنى شەرھلىگۈچى ۋە ئۇنىڭ ھەقىقىي تەرجىمانىدۇر قۇرئاندىكى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى شەرھلەيدىغان ۋە بايان قىلىپ چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان بىردىنبىر مەنبە سۈننەتتۇر. مەسىلەن: ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرى مدە مۇسۇلمانلارغا ناماز ئوقۇشنى پەرز قىلغان بولسىمۇ، نامازنى قانداق، قانچە ۋاب ۋە قايسى ۋاقىتلاردا ئوقۇشنى بايان قىلمىغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ۋەھيىسىگە تايىنىپ سۈننەتلىرى ئارقىلىق قۇرئاننىڭ مۈجمەللىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ناماز ۋە باشقا ئەمەل، ئىبادەتلەرنىڭ قائىدە تەرتىبلىرى سانى ۋە ئادا قىلىنىش ۋاقىتلىرىنى بېكىتكەن ھەمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « نامازنى خۇددى مەن ئوقۇغاندەك ئوقۇڭلار»(1) دەپ ئۆگەتكەن زاكات، روزا، ھەج ۋە باشقا بارلىق ئىبادەتلەرمۇ شۇنداق «بىز قۇرئانچىلارمىز»، «بىز پەقەت قۇر ئانغىلا يۆلىنىمىز»، « قۇرئان ئۆزىلا كۇپايە قىلىدۇ »دېگەنگە ئوخشىغان، ئاڭلىنىشى چىرايلىق، ئەمما باتىل مەقسەت قىلىنغان شۇئ ارلارنى توۋلاپ يۈرگۈچىلەر ئىسلام دىنىغا زىيانكەشىلىك قىلىشتىن باشقىنى ئويلىمىسا كېرەك بۇ سۆزلەر«باتىل مەقسەت قىلىنغان ھەق سۆز»لەردۇر چۈ نكى«بىز قۇرئانچىلارمىز »دېگەن سۆز– ھەق سۆز چۈنكى، ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان قۇرئانچىدۇر ئۇ قۇرئاننى سۆيىدۇ ھۆرمەتلەيدۇ، ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرىدۇ ئەمما بۇ سۆزنى كوزىر قىلىپ تۇرۇپ، ئىسلا م قانۇنشۇناسلىقىنىڭ ئاساسلىرىدىن بولغان سۈننەت، ئىجما ۋە قىياسلارنى ئى نكار قىلما قچى بولغانلارنىڭ نىيىتى توغرا ئەمەس ئۇلار بۇ چىرايلىق سۆزى ئارقىلىق ھەممە كىشى ب ىلىدىغان، ھەقىقەتنى ئەمەس، بەلكى باتىلنى مەقسەت قىلغۇچىلاردۇر ئۇ باتىل قايسى دېگەندە ق ۇرئان كەرىمنىڭ ھەقىقىي تەرجىمانى ۋە ئۇنىڭ ئايەتلىرىدىكى مەقسەت-مۇددىئالارنى ئە ڭ توغرا ۋە ئەڭ مۇناسىپ رەۋىشتە شەرھلەپ بېرىدىغان ياردەمچى مەنبە بولغان سۈننەتنى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرىۋەتكەندىن كېيىن، قۇرئاننى ئۆز خاھىشلىرىغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ خالىغان چە تەۋىل ۋە تەپسىر قىلىش ئارقىلىق ئىسلام دىنىنى پۈچەكلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت نىجىس مەقسەتل ىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتۇرۇ سۈننەتنى رەت قىلغۇچىلارنىڭ ئىمانى قوبۇل ئەمەس پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ خىلدىكى ئادەملەرنىڭ چىقىدىغانلىقىدىن ئالدىن خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېگەن: « بىر زامان كېلىدۇكى، بىراۋ ساپاغا يۆلۈنۈپ ئولتۇرۇپ، مېنىڭ ھەدىسلىرىمدىن بىر ەر ھەدىس ئوقۇ ل، غىنىدا” سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان بار، ئۇنىڭدا ھالا ل دېگەنلەرنى ھالال، ھارام دېگەنلەرنى ھارام دەپ بىلسەك بىزگە يېتىدۇ” دەيدۇ بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ھارام قىلغانلارمۇ ئاللاھ ھارام قىلغانلارغا
اغرلاىچنائرۇق ەيىددەر ئوخشاشتۇرۇ»(1) قۇرئانغىلا ئەمەل قىلىپ، سۈننەتتىن بىھاجەت بولىمىز دېگەن دەۋا بىلەن ئۆزلىرىنى« ر قۇ ئانچىلارمىز» دەپ ئاتىۋالغۇچىلەر ئەمەلىيەتتە قۇرئانچىلار ئەمەس چۈنكى قۇرئان كەرىم پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇغان ۋە ئۇنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىشنى پەرز قىلغان «پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلغان كىشى ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ كىمكى يۈز ئۆرۈيدىكەن (بىلگىنكى) بىز سېنى ئۇلارغا كۈزتچى قىلىپ ئەۋەتمىدۇق»(2) بەلكى قۇرئان كەرىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى چىڭ تۇتۇشقا بۇيرىغا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتقۇچىلارنىڭ ئىمانىنى يوق سانىغان﴿، (ئى مۇھەممەدۇ) پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى ئۇلار ئۆز ئارىسىدىكى دەتالاشقا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلمىغۇچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكىمىڭگە ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى قىلچە غۇم بولسىمۇ يوقالمىغىچە ۋە ئۇلار پۈتۈنلەي بويسۇنمىغىچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ﴾(3) ئىبنى ھەز م(4) «ئەل ئىھكام فى ئەل ئەھكام »ناملىق ئەسىرىدە: « كىمكى بىزگە قۇرئان كەرىم يېتىدۇ، قۇرئاندىكىلەرنىلا ئالىمىز دەيدىكەن، ئۇ پۈتۈن ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن كاپىر بولىدۇ »دېگەن ئاجىرىي (5) «شەرىئەت » ناملىق ئەسىرىنىڭ 1 - توم 412 - بېتىدە مۇنداق دېگەن: « قۇرئان كەرىمدىكى پەرزلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ھۆكۈملىرىنى بىلگىلى بولمايدۇ، ئۇلارنى پەقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرى ئارقىلىقلا بىلگىلى بولىدۇ. بۇ بارچە ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ سۆزلىرى بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقىسىنى سۆزلىگەن ئادەم ئى سلام مىللىتىگە مەنسۇپ بولۇشتىن چىقىپ كەتكەن بولىدۇ ۋە كۇففارلاردىن سانىلىدۇ » سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سابىق مۇپتىسى ئىبنى باز مۇنداق دېگەن: « سۈننەتكە ھاجىتىمىز يوق دېگۈچىلەر مۇرتەد بولغان شەكسىز كاپىرلاردۇر چۈنكى سۈننەتكە ئىنكار قىلغانلىق قۇرئانغا ئىنكار قى لغانلىق، قۇرئان بىلەن سۈننەت ئىككىسىنىڭ قايسىبىرىگە ئىنكار قىلغان ئادەم پۈتۈن ئۆلىمالارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن كاپىر بولىدۇ»(6) ھەدىسل ەرگە ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدۇ دېگۈچىلەرگە رەددىيە.
جاۋاب: قۇرئانچىلارنىڭ «ھەدىسلەر ئارىسىدا يالغان ھەدىسلەرمۇ ئورۇن ئالغانلىقى سەۋەبلىك، ھەدىسكە ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدۇ» دېگەن سۆزى ئىسلام ئۆلىمالىرى، خۇسۇسەن ھەدىسشۇناس ئالىملار تەرىپىدىن رەت قىلىنىدۇ. چۈنكى بۇ ئورۇنلۇق سۆز ئەمەس. ئىسلام ئۆلىمالىرى ھەدىسلەر ئىچىدىن راست ھەدىسلەرنى تاللاپ چىقىرىش ئىشىغا پەۋقۇلئاددە كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، يالغان ۋە شۈبھىلىك ھەدىسلەرنى ئاللىبۇرۇن پاش قىلىپ، ئۆز ۋاقتىدىلا رەت قىلغان. ئىسلام دۇنياسىدا بۈگۈنگىچىلىك «يالغان ھەدىسلەر» دېگەن نام بىلەن يېزىلغان يۈزلىگەن ئەسەرلەر بۇنىڭ مىسالىدۇر. يىراق ئۆتمۈشلەردىن زامانىمىزغىچە ھەدىس نامى بىلەن ئاتىلىپ قالغان ھەرقانداق يالغان ياكى شۈبھىلىك ھەدىسلەر رەت قىلىنىپ كەلمەكتە. ھەدىسشۇناسلار بىرەر ھەدىسنى قوبۇل قىلىشتا، شۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى زەنجىرسىمان باغلىنىش ياكى رىۋايەت قىلغۇچىلاردىن بىرەرسىنىڭ راستچىللىقىدا ياكى تەقۋالىقىدا ئازراق شەك كۆرۈلگەن ھامان ئۇ ھەدىسنى رەت قىلىپ كەلگەن. ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ھەدىسنى ياكى قانداقلا بىر خەۋەرنى ئېنىقلاشتىكى ۋايىغا يەتكەن ئېھتىياتچانلىقىغا ۋە ئىنتايىن ھۇشيارلىقىغا ئىسلام دىنىغا دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قارايدىغان باشقا دىننىڭ ئالىملىرىمۇ قايىل بولۇپ كەلمەكتە.
