تەركىبكە ئۆتۈش

خەتكۈشلەر (ساقلانغان بەتلەر)

ھازىرقى بەت:...

تېخى ھېچقانداق بەت خەتكۈشكە قوشۇلمىدى

تۆۋەندىكى كۇنۇپكىنى ياكى بەتلەردىكى خەتكۈش بەلگىسىنى چېكىپ بۇ يەرگە ساقلىۋالالايسىز.

تەڭشەكلەر

يېزىق
يورۇقلۇق ھالىتى
بەت ئۇسلۇبى
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى
ئەرەبچە خەت نۇسخىسى
خەت چوڭلۇقى

نۇھ ئەلەيھىسسالام

نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قوۋمى ئۆزۈندىن بېرى بۇنقا چوقۇنۇپ، بۇنى ئىلاھ، دەپ قاراپ كەلگەنىدى. ئۇلار بۇنى بەخت - سائادەت ۋە ئامان - ئېسەنلىك تىلەيتتى. تۈرمۈشتىكى ھەممىنى ئۇنىڭ ئىلكىدە دەپ قارايتتى. ئۇلار بۇنى ھەرخىل ئاتىشاتتى، بەزىدە ئۇنى ۋەد، سۇۋائى، يەغۈس دەپ ئاتاشسا، بەزىدە يەئۇق، نەسرى دەپ ئاتىشاتتى. چۈنكى ئۇلار نادان، بىلىمسىز ئىدى، شۇڭا خۇدا ئۆز ئەلچىسى نۇھ ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارنىڭ ئارسىغا ئەۋەتتى. ئۇ ئىشتا تەمكىن، ئىچ - قارنى كەڭ كىشى ئىدى. يەنە كېلىپ ئاللا ئۇنىڭغا سەۋر - ناقەت ۋە قابىلىيەت ئاتا قىلدى. ئۇ ئۆز قوۋمىدىكىلەرگە ئاللاھقا ئېتىقاد قىلىشنى مۇراجىئەت قىلسىمۇ، بىراق ئۇلار بۇنى قەتئىي رەت قىلاتتى؛ ئۇ ئۆز قوۋمىدىكىلەرنى: ئاللاھقا ئېتىقاد قىلمىغانلار ئۆز جازاسىنى يەيدۇ، دېگەن گەپ بىلەن ئاگاھلاندۇرسىمۇ، ئۇلار بۇنى ئاڭلاپ تۇرۇپ ئاڭلىماسقا سالاتتى؛ ئۇ بۇ ئىشنىڭ پايدا - زىيىنىنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارغا نەسىھەت قىلسىمۇ، ئۇلار يەنىلا قۇلىقىنى يوپۇرۇۋېلىپ ئاڭلىمايتتى. نۇھ ئەلەيھىسسالام ئۇلار بىلەن مۇنازىرىلىشەتتى، ياخشى گەپ بىلەن نەسىھەت قىلاتتى، ئۇلارنىڭ ئويغىنىشىنى كۈتەتتى، ئۆزى قىلچە بوشىشىپ قالمايتتى ۋە نائۇمىد بولمايتتى. ئۇ ھەرخىل يوللار بىلەن ئۆز ئېتىقادىنى تەشۋىق قىلىپ، ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن تىرىشاتتى. ئۇ تۈتنى كۈنگە ئۇلاپ ھەممىلا يەرگە بېرىپ، ئاشكارا ياكى خۇپىيانە ھالدا سۆزلەيتتى، ئۇ ئۆز قوۋمىدىكىلەرنى كائىناتنىڭ سىرىنى، يەنى قاراڭغۇ كېچىنى، يۈلتۈزلۈق ئاسماننى، قۇياش، ئاي، دەريا - ئېقىنلارنىڭ ھەرىكىتىنى، يەر - زېمىننى، ئۆسۈملۈك

ۋە مېۋە — چېۋىلەرنى… ئېنىق كۆزىتىشكە ئۈندەيتتى. ئۇ ئىشەنچلىك دەلىل — ئىسپات ۋە جانلىق تىل بىلەن ئۆز قوۋمىدىكىلەرگە بارچە نەرسىنى بىر ئىلاھ — ئاللا ياراتقان، دەپ چۈشەندۈرەتتى.

نۇھ ئەلەيھىسسالام ئەنە شۇنداق كۈرەش قىلدى، ئەنە شۇنداق سۆزلىدى. بىر مەھەل ئۆتكەندىن كېيىن ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئۇنىڭ ئېتىقادىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئىشەندى. لېكىن مەرتىۋىلىك ئېسىلزادىلەر يەنىلا شەيتاننىڭ ئارقىسىغا كىرىپ قايمۇقۇپ، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالمىدى، تېخى تىل بىرىكتۈرۈپ نۇھ ئەلەيھىسسالامغا قارشى تۈردى، مەسخىرە قىلدى، ئۇنى ئەخمەق، دەپ قارىدى.

ئۇلار نۇھ ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دېدى:

— سەنمۇ بىزگە ئوخشاشلا ئاددىي ئادەم، قوۋمىمىزنىڭ بىر ئەزاسى. ئەگەر ئاللا بىزگە بىر پەيغەمبەر ئەۋەتىدىغان بولسا، پەرىشتىلەردىن بىرنى ئەۋەتكەن بولاتتى. شۇنداق بولغان بولسا ئىدى، بىز ئۇنىڭ گېپىگە كىرگەن، ئۇنىڭ دىنىغا ئىشەنگەن بولاتتۇق. قارا، سېنىڭ ئەمرىمەر ۋېلىرىڭغا ئىشەنگەنلەر قانداق ئادەملەر؟ يەكسان توغرا ئىشلار بىلەن شۇغۇللانمايدىغان، پەس، نادان، چاكىنا ئادەملەر. ئەگەر سېنىڭ سۆزلىگەنلىرىڭ توغرا بولغان بولسا، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بىزدەك ئەقىل ئىگىلىرى ساڭا ئۇلاردىن بۇرۇنلا ئىشەنگەن بولاتتۇق.

بۇ ئادەملەر يەنە ھىيلىگەرلىك بىلەن مۇنازىرىلىشىپ مۇنداق دېيىشتى:

— ئى نۇھ، بىز سېنىڭ ۋە ساڭا ئەگەشكۈچىلەرنىڭ بىزدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى بايقىيالمىدۇق. مەيلى ئەقلىي كۈچ، يىراقنى كۆزلەش، باشقۇرۇش ئىقتىدارى جەھەتتە بولسۇن ياكى تىرىكچىلىك قىلىش ۋە كەلگۈسىنى ئالدىنئالا كۆرۈۋېلىش جەھەتتە بولسۇن، سىلەر بىزگە يەتمەيسىلەر. يىزىنىڭچە، سىلەر خەقنى

«ئالداۋاتىسىلەر!» نۇھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ بۇ قالايمىقان جۇيلۇشلىرى بىلەن ئەقىل - ھوشىنى يوقىتىپ قويمىدى، بەلكى باشتىن - ئاياغ سەگەك تۇردى، ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

— بۇنى سىلەر كۆرەلەمتىڭلار؟ ئەگەر مەن سەمىمىي تەشۋىقاتىم بىلەن ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان بولسام، ئۇ ماڭا شەپقەت قىلىدۇ، بىراق سىلەر ھېچنېمىنى بىلمەيسىلەر، سىلەر كۈنىنى ئالىقىنىڭلار بىلەن توسۇپ باققانمىدىڭلار؟ قولۇڭلارنى سوزۇپ ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى ئۇچۇرۇپ باققانمىدىڭلار؟ مەن سىلەرنى مەجبۇرلىيالمايمەن، سىلەرنى زورمۇزور سۆرەپ كېلىپ، ئاللاھقا ئېتىقاد قىلدۇرۇش ھوقۇقۇممۇ يوق، ئەلۋەتتە.

بۇ ئادەملەر نۇھ ئەلەيھىسسالامغا دېدى:

— سەن بىزنى توۋا قىلىپ، ئۆز تەشەببۇسلىرىڭغا قوشۇلسۇن، مېنى قوللىسۇن، دەيدىغان بولساڭ، سەن ئۆزۈڭگە ئەگەشتۈرۈپ يۈرگەن ئاشۇ قاغا - قۇزغۇنلىرىڭدىن ۋاز كەچ! بىز ئۇلار بىلەن بىر سورۇندا تۇرالمايمىز، ئۇلار دەسسىگەن يەرگىمۇ دەسسىمەيمىز، بىز يۇقىرى بىلەن تۆۋەن، ئېسىل بىلەن پەس، ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچى ئايرىلمايدىغان دىنىي مەزھەپكە قانداقمۇ قاتنىشالايمىز؟

— مەن تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئېتىقاد ھەممىڭلارغا مەنسۇپ، ئۇنىڭدا يۇقىرى - تۆۋەن، ئېسىل - پەس، دەپ ئايرىلمايدۇ، — دېدى نۇھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا چۈشەندۈرۈپ، — ئاراڭلاردا نامى چىققانلار بىلەن نامى چىقمىغانلار، بايلار بىلەن كەمبەغەللەر، رەھبەرلىك قىلغۇچىلار بىلەن رەھبەرلىك قىلىنغۇچىلار ھەممىسى تەڭ - باراۋەر، ئەگەر مەن سىلەرنىڭ تەلىپىڭلارغا قوشۇلۇپ، ئۇلاردىن ۋاز كېچىش بەدىلىگە ئارزۇيۇڭلارنى ئەمەلگە ئاشۇرسام، ئۇ جامدا، مەن دىننى تارقىتىشتا، ۋەزىپەمنى ئورۇنداشتا كىمگە تايىنىمەن؟ بۇ ئادەملەر بەيئەت قىلدى، ئۇلار مېنىڭ ئېيتقانلىرىمغا

چۈشقۇر ئىشەنچ بىلدۈردى، مەن ماڭا ئىشەنگەن ۋە مېنى قوللىغانلارنى قانداقمۇ ھەيدىۋېتەلەيمەن؟ سىلەر مېنى جاھىللىق بىلەن رەت قىلىۋاتسىلەر ۋە ئىنكار قىلىۋاتسىلەر، لېكىن ئۇلار بولسا دىننىڭ تۈۋرۈكى، ئاللاھقا ئېتىقاد قىلغۇچىلار، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلار ئاللاھنىڭ ئالدىدا ماڭا قارشى تۇرسا، ماڭا ۋاپاغا جاپا قىلدى دەپ نارازىلىق بىلدۈرسە، مەن نېچۈك ھالغا چۈشۈپ قالارمەن؟ قېنى دەپ بېقىڭلار، بۇنداق قىلىش تولىمۇ ھاماقەتلىك ئەمەسمۇ؟

ئۇلار بىلەن نۇھ ئەلەيھىسسالام ئوتتۇرىسىدىكى مۇنازىرە بارغانسېرى كەسكىنلەشتى، ئىختىلاپمۇ بارغانسېرى ئۇلغايدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار زېرىكىپ، چىداپ تۇرالماي، نۇھ ئەلەيھىسسالامغا:

— ئى نۇھ! سەن بىز بىلەن مۇنازىرىلەشتىڭ، تولىمۇ مۇنازىرىلەشتىڭ، ئەگەر راست سۆزلىگۈچىلەردىن بولساڭ، قېنى بىزنى جازالاپ باقماسمەن، — دېدى.

نۇھ ئەلەيھىسسالام دىمىغىدا كۈلۈپ قويۇپ دېدىكى:

— سىلەر بەكمۇ ئەخمەق، نادان ئىكەنسىلەر، مەن قانداق ئادەم؟ مەن سىلەرنى جازالىيالامتىم ياكى سىلەرنى جازادىن قۇتۇلدۇرالامتىم؟ مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش ئادەم. بىراق ماڭا بېشارەت بولدىكى، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر. مەن سىلەرگە تاپشۇرۇۋالغان پەرماننى يەتكۈزدۈم، بەزىدە سىلەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزدۈم، بەزىدە سىلەرگە بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇشنى ئېلىپ كەلدىم. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاتا ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولدى. ئاللا خالايدىكەن، سىلەرگە ھىدايەت قىلىدۇ؛ خالايدىكەن، سىلەرنى تېز جازالايدۇ؛ خالايدىكەن، ئېغىرلىتىپ جازالايدۇ.

پەيغەمبەرلەر ئومۇمەن ئۆز بۇرچىنى تولۇق ئادا قىلىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن خىلمۇخىل ئار - نومۇس، ئازاب - كۈلپەتلەرگە بەرداشلىق بېرىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە قىلىنغان. ئۇلار كۆڭۈل - كۆكسىنى كەڭ تۇتۇپ، كىشىلەرنىڭ پىتنە - ئىغۋا

ۋە تۆھمەتلىرىگە پىسەنت قىلماي، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن قەيسەرانە كۈرەش قىلغان. بۇ، كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ ئالدىدا قىلغۇدەك گەپ تاپالمايدىغان، گۆمراھلارنىمۇ پەيغەمبەرلەرگە قارشى تۇرغۇدەك سەۋەب تاپالمايدىغان ھالغا چۈشۈرۈش ئۈچۈندۇر. نۇھ ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ جىمى پەيغەمبەرلىرىنىڭ سەردارى قاتارىدا ئۆز قوۋمىدىكى كىشىلەر بىلەن توققۇز يۈز ئەللىك يىل ياشىدى. ئۇ خىلمۇخىل تۆھمەت ۋە مەسخىرىلەرگە بەرداشلىق بەردى، كىشىلەرنىڭ ئويغىنىشىنى ۋە توۋا قىلىپ قايتىپ كېلىشىنى كۈتتى. قىسمەن كىشىلەر ئۇنىڭ چاقىرىقىغا ئىتائەت قىلغاندىن باشقا، قالغانلار بارغانسېرى تەرسالىشىپ ئۇنىڭغا قارشى تۇردى ۋە ئۇنىڭ تەشۋىقاتىدىن بىزار بولدى. پەقەت مۇشۇ چاغقا كەلگەندىلا، ئۇ بۇ ئىشتىن ئۈمىد قالمىغانلىقىنى سېزىپ، نائىلاج ھالدا ئاللاھقا ئىلتىما قىلىشقا مەجبۇر بولدى. ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈش ئۈچۈن يېتەكلەشكە ئامالسىز قالغان بۇ كىشىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىش ئۈستىدە ئۇ ئاللاھتىن يول كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلدى. ئاللا ئۇنىڭغا:

ئى نۇھ، قوۋمىڭدىن ئىلگىرى ساڭا ئىمان ئېيتقانلاردىن ياشقا يەنە ئىمان ئېيتقۇچىلار بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن قايغۇرمىغىن، — دەپ ۋەھىي قىلدى.

نۇھ ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىلەرنىڭ كاج ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى، ئۇلار يا ئېنىق دەلىل - ئىسپات ئالدىدا باش ئەگمەيتتى، يا ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرمەيتتى، شۇڭا نۇھ ئەلەيھىسسالام سەۋر قىلالماي ئاللاھقا ئىلتىما قىلىپ مۇنداق دېدى:

— ئى خۇدا، سەن يەر يۈزىدە ئۆزۈڭگە ئىشەنمىگەنلەردىن يىرىنىمۇ قالدۇرمىغايسەن! ھەقىقەتەن، سەن مۇبادا ئۇلارنى قالدۇرۇپ قويىدىغان بولساڭ، ئۇلار ساڭا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنى تردۇرۇپ تۇيۇق يولغا باشلايدۇ، ھەتتا دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان نومۇسسىز مەلئتۇنلارنى تۇغۇپ ئۆستۈرىدۇ.

ئاللا نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ گەپلىرىگە ئىشەندى، ئۇنىڭ

دۇئا - تەلەپلىرىگە ماقۇل بولدى ۋە ئۇنىڭغا بېشارەت بېرىپ دېدى: — سەن مېنىڭ ۋەھىيىم بويىچە كېمە ياسىغىن، ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلار توغرىسىدا ماڭا سۆز ئاچمىغىن، ئۇلار چوقۇم توپان بالاسىدا غەرق قىلىنىدۇ.

نۇھ ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بېشارىتىنى ئالغاندىن كېيىن شەھەر سىرتىدىكى پىنھان بىر جايغا بېرىپ، تاختاي ۋە مىخ تەييارلاپ، كېمە ياساشقا كىرىشتى. شۇنداقتىمۇ ئۇ يەنە كىشىلەرنىڭ مەسخىرىسى ۋە دەشتاملىرىدىن خالىي بولالمايتتى. بەزى ئادەملەر نۇھ ئەلەيھىسسالامغا تەنە قىلىپ:

— ھەي نۇھ، سەن بۇرۇن ئۆزۈڭنى پەيغەمبەر ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، دەپ يۈرەتتىڭغۇ، ئەمدى قانداق بولۇپ ياغاچچى بولۇپ قالدىڭ؟ سەن ۋەز - نەسىھەتلىرىڭدىن ۋاز كەچتىڭمۇ ياكى ياغاچچى بولاي دېدىڭمۇ؟ — دېيىشتى.

يەنە بەزى ئادەملەر:

— سەن دېڭىز - دەريالاردىن شۇنچە يىراق تۇرساڭ، ياسىغان كېمەڭنىڭ نېمىگە پايدىسى؟ سەن بۇ كېمىنى كالىغا سۆرەتمەكچىمۇ ياكى شامال بىلەن ماڭدۇرماقچىمۇ؟ — دېيىشتى.

نۇھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ مەسخىرىسى ۋە قالايمىقان جۇيلۇشلىرىگە پەرۋا قىلماي:

سىلەر بىزنى مەسخىرە قىلماڭلار، سىلەر بىزنى مەسخىرە قىلغاندەك بىزمۇ سىلەرنى چوقۇم مەسخىرە قىلىمىز. خار قىلغۇچى ئازابنىڭ كىمىگە چۈشىدىغانلىقىنى ئۆزۈنغا قالماي بىلىپ قالسىلەر، — دېدى.

نۇھ ئەلەيھىسسالام سۆزلەپ بولۇپلا كېمە ياساش بىلەن بولىۋەردى، ئۇ تاختاينى ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىر - بىرىگە جۈپلەپ تۇتاشتۇرۇپ پۇختا بىر كېمە ياساپ چىقىپ، ئاللاھنىڭ ئەمرىنى كۈتۈپ تۇردى. ئاللا ئۇنىڭغا بېشارەت قىلدى:

— بۇيرۇقۇم يېتىپ كەلگەن ۋە يەر يۈزىدىن سۇ ئېتىلىپ چىققان چاغدا، سەن ئىمان ئېيتقانلار بىلەن خىيش - ئەقرىبالىرىڭنى ئېلىپ كېمىگە چىققىن ۋە ھەرخىل ھايۋانلاردىن

(ئەركەك، چىشى بولۇپ) بىر جۈپتىن ئېلىۋالغىن!

ئاسماندىن قاتتىق يامغۇر ياغدى، زېمىندىكى بۇلاقلاردىن سۇ ئۇرغۇپ چىقتى، زېمىندىكى ئېگىزلىكلەر توپان ئاستىدا قالدى. نۇھ ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە ئادەم ۋە ھايۋانلارنى كېمىگە سالدى - دە، ئاللاھنىڭ پاناھ بولۇشى بىلەن كېمىنى ھەيدىدى. ئۇ كېمىنى گاھ سۇنىڭ ئېقىشى تەرەپكە، گاھ سۇنىڭ ئېقىشىغا قارشى تەرەپكە ھەيدەيتتى. ئۆركەشلىگەن دولقۇنلار گۇمراھلارنى غەرق قىلىۋەتتى. كەلكۈن سۇ ئۇلارنىڭ گۇرىستانلىقىغا، سۇ كۆپۈكلىرى بولسا ئۇلارنىڭ كېيەنلىرىگە ئايلاندى. ئۇلار ئۆلۈم بىلەن ئېلىشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۆلۈم ئاخىر ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى، ئۇلار دولقۇنلار بىلەن ئېلىشقان بولسىمۇ، لېكىن دولقۇنلار ئاخىر ئۇلارنى يۈتۈۋەتتى. نۇھ ئەلەيھىسسالام كېمە ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، بولۇۋاتقان بارلىق ئىشلارنى كۆزەتمەكتە ئىدى. بىردىنلا ئۆزىنىڭ ئوغلى كەنتىنى كۆرۈپ قالدى. كەنتانغىمۇ ئاللاھنىڭ جازاسى يېتىپ كەلگەنىدى، چۈنكى كەنتان ئاتىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان ۋە ئاتىسىنىڭ دىنىغا نەپرەتلەنگەنىدى. كەنتان دولقۇنلار ئىچىدە تىرىشىپ - تىرىشىپ تاغ ئۈستىگە ياكى ئۆز جېنىنى قۇتۇلدۇرالىغۇدەك بىرەر ئېگىزلىككە ئۈزۈپ بېرىۋېلىشقا تۇرۇتۇۋاتاتتى. لېكىن ئۆلۈم بارغانسېرى ئۇنى قىستاپ كەلمەكتە ئىدى. ئۇ توپان بالاسى ئىچىدە ھازىرلا غەرق بولۇپ كېتىدىغاندەك بىر ئەھۋالدا ئىدى. بۇنى كۆرۈپ نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىچى بەكمۇ ئاغرىپ كەتتى. ئۇ ئوغلىغا قاراپ توۋلىدى. ئۇ ئۆز ئاۋازىنىڭ ئوغلىنىڭ قەلبىگە تەسىر كۆرسىتەلىشىنى ۋە ئۇنى تىرىشىپ ئىلاھ - ئاللاھقا بەيئەت قىلىدىغان قىلالىشىنى بەكمۇ توپىد قىلاتتى. ئۇ ئوغلىغا قاراپ:

  • ھەي بالام، نەگە بارسەن؟ بۇ ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى. چىڭ ئىرادىسىدىن قېچىپ قۇتۇلالامسەن؟ دەرھال كېلىپ كېمىگە يېتىپ، ئىمان ئېيتقىن، قېرىنداشلىرىڭ بىلەن جەم بولۇپ، ئۆز ھاياتىڭى قۇتۇلدۇرغىن. جېنىم بالام، بىز بىلەن بىللە كېمىگە

چىققىن! كاپىرلار بىلەن بىللە بولمىغىن! — دەپ توۋلىدى. لېكىن نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى ئوغلىغا تەسىر قىلمىدى. ئۇ ئۆزىنى بۇ چوڭ بالادىن قۇتۇلۇپ كېتەلەيمەن، تەقدىرنىڭ چاڭگىلىدىن چىقىپ كېتەلەيمەن دەپ قارايتتى، شۇڭا ئاتىسىغا:

— مەن بىلەن كارىڭ بولمىسۇن، مەن مېنى سۇغا غەرق بولۇپ كېتىشتىن ساقلاپ قالالايدىغان بىر تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالىمەن، — دېدى.

— ئى بالام، — دېدى نۇھ ئەلەيھىسسالام ئېچىنغان ھالدا، — بۈگۈن ئاللا رەھىم قىلغان ئادەمدىن باشقا ھېچ ئادەم ئۇنىڭ جازالىشىدىن قۇتۇلۇپ قالالمايدۇ.

نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ گېپى تۈگە - تۈگىمەيلا ئۆركەشلەپ كەلگەن دولقۇن ئاتا - بالا ئىككىملەننى ئايرىۋەتتى، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى ئەمدى كۆرۈنمەي قالدى. ئوغۇل — ئاتىنىڭ يۈرەك پارسى، ئاتا بولغۇچى ئۆز ئوغلىنىڭ سۇدا غەرق بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە ئىنتايىن ئازابلىنىدۇ، شۇڭا نۇھ ئەلەيھىسسالام دەررۇ ئاللاھتىن ئوغلىغا ئامانلىق تىلىدى:

— ئى پەرۋەردىگارىم! ئوغۇل مېنىڭ غەمگۈزارىم، سەن ماڭا ئۈممەتلىرىمنىڭ ۋە مېنىڭ خىش - ئەقرىبالىرىمنىڭ نىجات تېپىشىنى ۋەدە قىلغانىدىڭ، سېنىڭ ۋەدەڭ ئەلۋەتتە ھەقتۇر، سەن ھەقىقەتەن ئەڭ توغرا ھۆكۈم قىلغۇچىسەن.

ئاللا نۇھ ئەلەيھىسسالامغا يېشارەت بېرىپ دېدى:

— ئى نۇھ! دەرۋەقە ئۇ سېنىڭ خىش - ئەقرىبارىڭ، لېكىن ئۇ يامان ئىشلارنى كۆپ قىلغان ئىسمى - جىسمىغا لايىق گۈمراھدۇر. سەن پەقەت ئىمان كەلتۈرگەنلەرنىلا، سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭىگە ئىشەنگەنلەرنىلا، چاقىرىقلىرىڭغا ئاۋاز قوشقانلارنىلا خىش - ئەقرىبالىرىڭ قىلالايسەن، مەن سېنىڭ ھەقىقىي ئائىلە، خىش - ئەقرىبالىرىڭنى قۇتۇلدۇرۇشقا ۋەدە قىلغانىمەن، پەقەت بىزگە ئىمان كەلتۈرگەن كىشلەرلا قۇتۇلدۇرۇۋېلىنىدۇ. سېنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىڭىگە

ئىشەنمىگەن، ئىگە ئىنىڭ سۆزىنى ئىنكار قىلغان كىشىلەرنى سېنىڭ خىيش - ئەقرىبالىرىڭ، دەپ ھېسابلىغىلى بولمايدۇ، ئۇلار سېنىڭ ھېسداشلىق قىلىشىڭغىمۇ ئەرزىمەيدۇ. ئۇلارنىڭ سەن بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولغاندىمۇ، مۇقەررەر ھالدا تېگىشلىك ئاقسۆتىنى كۆرىدۇ؛ ئۇلار ئېگىزلىككە ئۈزۈپ بارغان تەقدىردىمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. سەن ئېنىق بىلىمىگەن نەرسەڭنى مەندىن سورىمىغىن، مەن سېنىڭ جاھىللاردىن بولماسلىقىڭنى نەسىھەت قىلىمەن.

نۇھ ئەلەيھىسسالام مۇشۇ چاغدىلا ئىككى كۆزىنىڭ رەھىم قىلىش، ئىچ ئاغرىتىش بىلەن توسۇلۇپ قالغانلىقىنى، ئاللاھنىڭ ئۇنى ۋە ئىمان بەجا كەلتۈرگەن كىشىلەرنى قۇتۇلدۇرغانلىقىغا ئاپىرىن ۋە تەشەككۈر ئېيتىش لازىملىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاللاھنىڭ ئاشۇ گۇمراھلارنى سۇدا غەرق قىلىۋەتكەنلىكىگە تەشەككۈر ئېيتىش لازىملىقىنى سەزدى. ئۇ ئۆز خاتالىقىغا ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىدى:

پەرۋەردىگارىم! مەن بىلىمىگەن نەرسىنى سوراشتىن سېنىڭ پاناھىڭغا سېغىنىمەن، ئەگەر ماڭا مەغپىرەت قىلمىساڭ ۋە رەھىم قىلمىساڭ، زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمەن.

بۇ چاغدا توپان سۈيىنىڭ تۈرتۈشى بىلەن خېلىلا يىراقلاپ كەتكەن كەنئان ئاخىر سۇ ئاستىغا چۆكۈپ كەتتى.

ئىش ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بويىچە بولدى، گۇمراھلارنىڭ ھەتتىۋاسى غەرق بولۇپ تۆگەشتى. يامغۇر توختاپ، كەلكۈن سۈيى زېمىنغا سىڭىپ، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسى جۈدى تېغى ئۈستىدە توختىدى. بەزىلەر: «ئاللا، گۇمراھلارنى بىزدىن يىراق يەرگە ئېقىتىۋەتكەيسەن!» دېيىشتى.

نۇھ ئەلەيھىسسالامغا ۋەھىي كەلدى:

— ئى نۇھ، ئەمدى سەن قۇرۇقلۇققا ئامان - ئېسەن بارغىن، سەن ئۆزۈڭگە ئەل بولغان ۋە ئىمان كەلتۈرگەن كىشىلىرىڭ بىلەن بەخت - سائادەت تېپىپ، ئاللاھنىڭ خەيرخاھلىقى ۋە ئىلتىپاتىغا مۇشەررەپ بولىسەن!

يۇقىرىغا قايتىش

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاش ئۇسۇلى

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاڭ
1
Safari دىكى ھەمبەھىرلەش تۈگۈچىسىنى (Share) بېسىڭ.
2
«باش ئېكرانغا قوشۇش» (Add to Home Screen) نى تاللاڭ.
3
ئوڭ ئۈستىدىكى «قوشۇش» (Add) نى بېسىڭ.