تەركىبكە ئۆتۈش

خەتكۈشلەر (ساقلانغان بەتلەر)

ھازىرقى بەت:...

تېخى ھېچقانداق بەت خەتكۈشكە قوشۇلمىدى

تۆۋەندىكى كۇنۇپكىنى ياكى بەتلەردىكى خەتكۈش بەلگىسىنى چېكىپ بۇ يەرگە ساقلىۋالالايسىز.

تەڭشەكلەر

يېزىق
يورۇقلۇق ھالىتى
بەت ئۇسلۇبى
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى
ئەرەبچە خەت نۇسخىسى
خەت چوڭلۇقى

پىرئەۋننىڭ تەرىسلىقى ۋە غەرق بولۇشى

پىر ئەۋنى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىسىنى كۆرۈپ ھاڭ - تاڭ قالدى. ئىككى خىل ئوي - پىكىر ئۇنىڭ قەلبىدە كەسكىن ئېلىشماقتا ئىدى، ئاخىر تەختىنى ساقلاپ قېلىش ئارزۇسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى - دە، مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن تاكى كۆڭلىدىكى غەشلىكنى تۈگەتكۈچە قەتئىي ئېلىشىش نىيىتىگە كەلدى. بۇ ئېلىشىش ئۇنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيتتى. ھوقۇقلۇق بىر ئەرباب قانداقمۇ بۇنچە زور بايلىق ۋە شان - شۆھرەت ئۈچۈن كۈرەش قىلمىسۇن؟ ئۇ بۇ ئېلىشىشنى ئاللاھقا ئىشەنمەسلىكنىڭ قۇتراتقۇلۇقىدا داۋاملاشتۇرۇشقا مەجبۇر ئىدى. ئۇ تەختنى تارتىۋېلىشقا كەلگەن بۇ يات ئادەمنى تىز پۈكتۈرمەكچى ئىدى. ئۇ بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن كۆرۈنۈشتە ئۆز پۇقرالىرىنى رازى قىلماقچى بولاتتى. ئۇنىڭ ئاتارمەن - چاپارمەنلىرى ئۇنىڭغا:

— سەن مۇسانىڭ بۇ يەرگە كېلىپ ماكانىمىزنى بۇزۇشىغا، سېنى ۋە سېنىڭ ئىلاھلىقىڭنى دەپسەندە قىلىشىغا يول قويايسەن؟ — دېدى.

بۇ گەپنى ئاڭلىغان پىر ئەۋنى قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئاغزىنى

بۇزۇپ ئۆز تەرەپدارلىرىغا:

بىز ئۇلارنىڭ ئوغۇل بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، قىز بالىلىرىنى قالدۇرايلى، — دېدى. ئارقىدىنلا پىر ئەۋن ئىمان كەلتۈرگەنلەرنى تەپ تارتماستىن ھاقارەتلىدى، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىشقا باشلىدى. ئىمان كەلتۈرگۈچىلەر مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن قۇتۇلدۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرمىگەن بۇ ياۋۇز زومىگەرنىڭ بوزەك قىلىشىدىن ساقلاپ قېلىشنى ئۈمىد قىلدى. ئۇلار:

ئى مۇسا، سەن بۇ يەرگە كېلىشنىڭ ئالدى - كەينىدىمۇ بىز ھەممىمىز دەپسەندە قىلىنغانىدۇق، — دېيىشتى. مۇسا ئەلەيھىسسالام كۆپچىلىكىنىڭ چۇقان - سۈرەنلىرىنى تىنچىتتى، ئۇلارغا ياردەملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ خاتىرجەم قىلدى. مۇسا ئەلەيھىسسالام:

ئاللاھتىن ياردەم تىلەيلى، سەۋر قىلىڭلار، يەر - زېمىن ئاللاھقا مەنسۇپ، كىمكى ئاللاھقا ئېتىقاد قىلىدىكەن، ئۇ يەر - زېمىنغا ئىگە بولالايدۇ، ئاللاھقا ئىخلاس قىلغانلار ياخشىلىققا ئېرىشەلەيدۇ، — دېدى.

مۇسا ئەلەيھىسسالام ھەقىقەتنى داۋاملىق تەشۋىق قىلىپ، ئۆز خەلقى ئۈچۈن نىجاتلىققا ئېرىشىشنىڭ يولىنى ئېچىپ بېرەتتى. ئۇنىڭ ئېتىقادى قەتئىي، كۆكسى - قارنى كەڭ ئىدى.

پىر ئەۋن ئاخىر، مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈش يارلىقىنى چىقاردى. بۇ ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ دۇنياسىنى ساقلاپ قېلىشتىكى ئەڭ ئاددىي چارسى ئىدى. ئۇ ھەقىقەتن ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ، قىيىن ئەھۋالدا قالغانىدى. پىر ئەۋن تەرەپدارلىرى ئارسالدى يولۇپ قالدى. ئىمان كەلتۈرگەنلەر ئۇلارغا ئاللا كۆزىنى روشەنلەشتۈرگەن بىر كىشىنى كۆرسەتتى. بۇ كىشى خالايىققا مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈشنىڭ زىيىنى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى كۆرسىتىپ، خىلمۇخىل باھانە - سەۋەبلەرگە رەددىيە بەردى، كىشىنى قايىل قىلارلىق نۇرغۇن دەلىل - ئىسپاتلارنى مىسال

قىلدى.

بۇ كىشى مۇنداق دېدى:

— ئى خالايىق، سىلەر شۇنداق بىر ئادەمنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىسىلەركى، ئۇ ئاللا ئەۋەتكەن ئەلچىدۇر. ناۋادا ئۇ يالغان سۆزلىگەن بولسا، ئۇنى يالغانچىلىق قىلغان جىنايىتى ئۈچۈن جازالاش كېرەك؛ ئەگەر ئۇ سەمىمىي - راستچىل يىگىت بولسا، ئەلۋەتتە، ئادىل مۇئامىلىگە ئېرىشىشى كېرەك. ئاللا ئالدامچىنى، بىزنىڭ تىرىكچىلىكىمىزنى ۋەيران قىلغۇچىنى بۇ يەرگە ئەۋەتمەيدۇ.

پىر ئەۋەتىڭ خىيش - ئەقرىبالىرىدىن بىر مۆمىن كىشىمۇ خەقلەرنى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە دىققەت قىلىشقا ئاگاھلاندۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

— ئى خالايىق، مەن سىلەردىن غەم قىلىۋاتىمەن، سىلەرنىڭ مەھشەرگاھدا نۇھ ئەلەيھىسسالام بىلەن ئاد، سەمۇد قوۋمىدىكىلەردەك ئاقىۋەتكە قېلىشىڭلاردىن ئەنسىرەۋاتىمەن. ئاللا ئۆز ئېتىقادچىلىرىغا ئەرزىيەت يەتكۈزۈشنى راۋا كۆرمەيدۇ. ئى خالايىق، مەن سىلەرنى قىيامەت قايىم بولغاندا، ئاللاھنىڭ پاناھىغا ئېرىشەلمەسمىكىن، دەپ ئەنسىرەۋاتىمەن. كىمكى ئاللانى ئالدايدىكەن، ئۇ ھىدايەت تاپالمايدۇ. بۇرۇن يۈسۈف ئەلەيھىسسالام سىلەرگە دەلىل - ئىسپات ئېلىپ كەلگەندە، سىلەر گۇمانلانغانىدىڭلار؛ ئەگەر ئۇ ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، بەلكىم سىلەر بۇنىڭدىن كېيىن ئاللا يەنە ئەلچى ئەۋەتمەيدۇ، دېگەن بولاتتىڭلار. كىمكى گەپنى چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىدىكەن ياكى گۇماندا بولىدىكەن، ئۇ تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدۇ.

پىر ئەۋەتىڭ ئادەملىرى مۇشۇ ھالدىمۇ ئىمان ئېيتىشنى رەت قىلدى، بۇ ئادەمنى ئالدامچى، دەپ تىللاشتى، ئۇنىڭدىن ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلىشتى. بۇ ئادەم دېدىكى:

— ئەي خالايىق، مەن سىلەرنى قۇتۇلدۇراي دەۋاتسام سىلەر مېنى دوزاخقا كىرىشكە، ئاسىيلىق قىلىشقا، قىلچە ئەھمىيىتى يوق

كۆپ خۇدالىق دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ئۈندەۋاتىسىلەر. مەن يەنىلا سىلەرنى دۇنيادا كەم ئۇچرايدىغان كۆڭلى - كۆكسى كەڭ كىشىگە ئەگىشىشكە چاقىرىمەن. شەك - شۈبھىسىزكى، ھازىر ۋە كەلگۈسىدە سىلەر دۇئا - تىلاۋەتنى ياقتۇرمايسىلەر، ئەمما بىز ھەممىسىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا بارىمىز. ھەقىقەتنىڭ چەكلىمىسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكى كىشى دوزاخنىڭ ھەمدوستى بولىدۇ. ئۇ چاغدا، مېنىڭ ئېيتقانلىرىمنى ئەسلىشىڭلار مۇمكىن. مەن ئۆزۈمنى ئاللاھقا تاپشۇرىمەن. ئۇ ئېتىقاد قىلغان كىشىنى تونۇيدۇ. كىشىلەر ئامالسىز قالدى. ھېلىقى ئادەم ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرۇپ، توغرا قاراشلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئەخمىقانە خام خىياللىرىنى پاش قىلدى. كىشىلەر ئۇنىڭغا نەپرەت بىلەن قاراشتى، تېخى ئۇنى دۆت دېيىشتى، ھەتتا ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇشتى. لېكىن، ئاللا ئۇنى ئۇلارنىڭ سۈيىقەستى ۋە زىيانكەشلىكىدىن ساقلىدى. بۇ ھال پىر ئەۋتىنى قاتتىق ئازابلىدى. مۇسا ئەلەيھىسسالام داۋاملىق تەشۋىق قىلدى، ھېچقانداق نەرسە ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلالمىدى ۋە تەھدىت سالامىدى. ئۇ پىر ئەۋتىدىن ئاللاھقا ئېتىقاد باغلاپ، ئالەمنى ياراتقۇچىنىڭ ئىلكىگە قايتىپ، بەنى ئىسرائىللارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلاتتى. بۇ ھەقتىكى سۆزلەر جىددىي ئېيتىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ نائىنىياپ زالىم ئېزىتقۇ باتقىقىغا چوڭقۇر پاتقانلىقى ئۈچۈن، ئۆزۈنغىچە ھۈشىنى تاپمىدى. مۇسا ئەلەيھىسسالام ھىدايەتتىن چەتنەپ كەتكەن تۈرلۈك ئادەملەرنى يىغدى، ئۇلار ئىتائەتمەنلىككە ئادەتلەنگەنىدى، خورلۇقتا ياشاش ۋە قۇل بولۇش بىلەن قانائەتلىتەتتى، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئىمكانىيىتىنىڭ بارىچە ئۇلارنى ئويغاتتى، ئۇلارنىڭ ھىدايەتتىن چەتنەپ كەتكەنلىكىنى ۋە قارا يۈز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. ئۇ مۇنداق دەپ ئۈنلۈك خىتاب قىلدى: — ئى خالايىق. ئەجەبا، مىسىر ماڭا مەنسۇپ ئەمەسمۇ؟ بۇ دەريالار ئايىغىم ئاستىدىن ئېقىپ كېتىۋاتامدۇ؟ ئەگەر پىر ئەۋتىنىڭ ئالتۇن - كۈمۈش، پۇل - ماللىرى بولمىغان بولسا، پەرىشتىلەر

بەرگەن خوتۇنى بولمىغان بولسا، بۇ ئادەم مەندىن كۆپ تۆۋەن تۈرمامىتى؟ ئاشۇ گۇمراھلار ئۇنىڭ زالىملىقى ئۈچۈن كەتمەن چېمپىيىپ بېرىدىغان، باشقىلارغا زۈلۈم سېلىشتا قامچا بولۇپ بېرىدىغان غالچىلاردۇر.

پىرئەۋن يەنىلا ئۆكتەملىك قىلىپ، ھەقىقەتنى ساختا گەپلەر بىلەن بۇرمىلىدى، ھەتتا ئۈ كۈندۈزدىكى يورۇقلۇقنىڭ قۇياشتىن كېلىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلدى. ئەھۋال ئۇنى قۇتۇلدۇرۇۋالغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە يەتتى، پىرئەۋن بەنى ئىسرائىلغا بولغان زىيانكەشلىكىنى داۋاملاشتۇرۇۋەردى.

ئۇلۇغ ئاللا پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئاتارمەن - چاپارمەنلىرىنىڭ ئاللاھقا ئىشەنمىگەنلىكىنىڭ ۋە بەنى ئىسرائىلغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقىنىڭ ئاقمۇشىگە جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى جاكارلاپ قويۇش توغرىسىدا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا پەرمان چۈشۈردى.

ئاللا ئۇلارنى جازالاشقا باشلىدى: ئۇلارنىڭ ئالتۇن - كۈمۈش، پۇل بايلىقى بارا - بارا ئازلاپ كەتتى: مەۋج ئۇرۇپ ئېقىپ تۇرىدىغان نىل دەرياسىنىڭ سۈيى بارا - بارا تۈگەپ كەتتى: ئۇلار يەرلىرىنى سۇغىرىشقا سۇ تاپالمىدى، ئوخشىغان زىرائەتلەرمۇ قۇرۇپ، ھوسۇلى بىراقلا كېمىيىپ كەتتى: ئارقىدىنلا قاتتىق يامىغۇر يېغىپ كەلگۈن پەيدا بولدى، كەلگۈن ئۈزۈنغىچە پەسلىمەي، زىرائەت ۋە چارۋىلارنى نابۇت قىلدى: چېكەنكىلەر پەيدا بولۇپ مېۋە - چېۋە، گۈل - گىياھلارنى يەپ قۇرۇتتى: ئۇلارنىڭ بەدەنلىرىنى پت بېسىپ، قىچىشتۇرۇپ، ئۇخلىغىلى قويمىدى: پاقىلارنىڭ كۈركىراشلىرى ئۇلارغا ئارام بەرمىدى: ئۇلار ئەمدىلا بىر يەرگە يىغىلىپ غىزالىناي دېگەندە، ئاللا ئۇلارنىڭ بۇرۇنلىرىدىن قان ئاقتۇردى. بۇنىڭ ھەممىسى ئاشۇ گۇمراھلار ئۈچۈن تېگىشلىك جازا ئىدى. ئۇلار مۇنداق دېيىشتى:

— ئەي مۇسا، بىز ئۈچۈن ئىگەڭدىن تىلسەڭ، بىز شۇنداق ۋەدە بېرىمىزكى، ئەگەر سەن بىزنى ئازابتىن خالاس قىلساڭ، بىز سېنىڭ تەشۋىقاتىڭغا ئىشىنەيلى، بەنى ئىسرائىلنىمۇ قويۇپ

بېرەيلى.

ئاللا ئۇلارنى ئازابتىن خالاس قىلىپ، ئۇلارنى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇلارنى ھىدايەتكە باشلىغانىدى. لېكىن ئۇلار ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، گېپىدە تۇرمىدى، ئىمان ئېيتىشنى رەت قىلدى.

يۇقىرىغا قايتىش

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاش ئۇسۇلى

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاڭ
1
Safari دىكى ھەمبەھىرلەش تۈگۈچىسىنى (Share) بېسىڭ.
2
«باش ئېكرانغا قوشۇش» (Add to Home Screen) نى تاللاڭ.
3
ئوڭ ئۈستىدىكى «قوشۇش» (Add) نى بېسىڭ.