ئىسا ئەلەيھىسسالام
بالىلىق دەۋرى ۋە مۆجىزىلىرى
بۆلۈم: “بالىلىق دەۋرى ۋە مۆجىزىلىرى”بىر كۈنى، بەيتۈلمۇقەددەستە ئىستىقامەت قىلىپ تۇرۇۋاتقان بۈۋى مەريەم ئاللاھقا ئىبادەت قىلىۋاتاتتى، بىردىنلا قاتتىق چۆچۈپ، ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان بىر خىل ۋەھىمىگە چۈشۈپ قالدى. شۇ ئەسنادا، ئۇنىڭ ئالدىدا ئۇشتۇمتۇت بىر پەرىشتە پەيدا بولدى. پەرىشتە ئۇنى ئەنسىزلىككە سالماسلىق ئۈچۈن ئادەتتىكى ئادەملەردەك قىياپەتتە كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۈۋى مەريەم قاتتىق قورقۇپ كەتتى، چۈنكى ئۇ ئۇنى ئۆزىنىڭ پاك - غۇبارسىز قىزلىقىغا زىيان يەتكۈزەرسىكىن، دەپ ئويلىغاندى. پەرىشتە ئۇنىڭ ۋەھىمىسىنى تۈگىتىپ، ئۇنى خاتىرجەم قىلدى ۋە ئۇنىڭغا: — مەن رەببىڭنىڭ ئەلچىسى، ماڭا ئەڭ ياخشى بىر ئوغۇل ئاتا قىلىمەن، — دېدى.
بۈۋى مەريەمنىڭ قەلبى غەم - قايغۇ بىلەن قاپلاندى. ئۇ داڭقىقىپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى. لېكىن قورقۇنچتىن ئۇنىڭ تىلى تۇتۇلۇپ قالمىدى، ئۇ غەيرەتكە كېلىپ:
— ھېچقانداق ئادەم ماڭا يېقىنلىشىپ باققان ئەمەس، يەنە كېلىپ مەن ئار - تومۇسسىز قىزلاردىن ئەمەسمەن، بۇ قانداق مۇمكىن بولسۇن؟ — دېدى. پەرىشتە:
— بۇنداق قىلىش مەن ئۈچۈن ئاسان، بۇنى رەببىم ئېيتقان. بىز بۇ ئىشنى دۇنيادىكى ئادەملەر ئۈچۈن بىر مۇجىزە، ئاللاھتىن كەلگەن ئىلتىپات قىلماقچىمىز، بۇ تەقدىردە شۇنداق پۈتۈلگەن، — دېدى - دە، سۆزىنى تۈگىتىپلا غايىب بولدى. بۈۋى مەريەم بىئارام بولۇپ، بايا ئاڭلىغان گەپلەرنى ئەسلەپ، ئىختىيارسىز تىترەپ كەتتى، شۇبھىسىزكى، كىشىلەر ئېرى يوق
بىر قىز ھامىلىدار بولۇپ قاپتۇ. دېگەن گەپلەرنى چوقۇم پەيدا قىلاتتى. ئۇ بۇلارنى ئويلاپ تېخىمۇ بىئارام بولدى. كىشىلەرنىڭ چوقۇم گۇمان قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئۇ چوڭقۇر چۈشىنەتتى. شۇڭا ئۇ تېخىمۇ يالغۇزلۇق - مىسكىنلىك ھېس قىلدى. ۋەھىيە ۋە غەم - قايغۇ ئۇنى تېخىمۇ چۈلغىۋالدى. ئۇ يېمەك - ئىچمەكنى ئويلىمايتتى. ۋاقتىنى يالغۇز ئولتۇرۇپ خىيال بىلەن ئۆتكۈزەتتى. ھېچقانداق ئادەمنىڭ نەسىھەتىگە قۇلاق سالمايتتى.
كۆڭلى پەرىشانلىقتا قالغان بۇ غېرىبانە قىز ئۆز يۇرتى ناسىرە گە باردى. ئاددىي بىر سەھرا ئۆيىدە يېتىپ - قوپۇپ، كۈلكە - پاراڭ ۋە خۇشاللىقتىن تېرى تۇردى. بەلكىم ئۇ بۇ ئۆينى بۇ ئالەمدىن پۈتۈنلەي ئالاقىسى ئۈزۈلگەن جەننەت دەپ قارىغان بولسا كېرەك. ئۇ كىشىلەرنىڭ بىلىپ قېلىپ پىتنە - ئىغۋا تارقىتىشىدىن ئېھتىيات قىلىپ. ئۆزىنى ئىش - ئەمگەك بىلەن چارچاپ كەتكەن قىلىپ كۆرسىتەتتى. كىشىلەر بىلەن يېقىنلاشماي. ئۆزىنى ئۇلارنىڭ دىققەت - نەزەرىدىن قاچۇرۇپ، ئىچكى سىرىنى مەھكەم ساقلايتتى. لېكىن، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇنىڭ روھىي ھالىتى بارغانسېرى ناچارلاشتى. چۈنكى ئۇ ھەدەپ يوشۇرۇۋاتقان سىر ئاخىر ئاشكارىلىنىش ئالدىدا تۇراتتى. ئۇ يېپىپ كېلىۋاتقان نەرسە ھامان باشقىلار تەرىپىدىن سېزىلىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى.
يارەيبى! ئۇنى تەقدىر قەيەرلەرگە ئېلىپ بارار؟ قاراڭغۇ كېچە ئۇنىڭغا نېمىدىن دېرەك بېرەر؟ ئۇ پاك ئائىلىدىن كېلپ چىققان، دادىسى گۇناھ قىلمىغان، ئانىسىمۇ بەڭۋاشلىق قىلمىغاندىغۇ، شۇنداق تۇرۇقلۇق، كىشىلەر ئۇنى ئىپپەتسىز دەپ گۇمانلىنىدۇ؟ كىشىلەرنىڭ ئەيىبلىشى. مەسخىرىسى ئالدىدا ئۇ قانداق قىلىشى كېرەك؟ ئۇ قاتتىق قورقتى. بەلكىم كىشىلەر ئۇنى جېنىنىڭ
بارچە قوغداشقا تېگىشلىك بولغان ئەڭ قىممەتلىك نەرسىنى يوقىتىپ قويدى. دېيىشى مۇمكىن: ئۇلار ئۇنى ئائىلىسىنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى يۈزدى. شان - شۆھرىتىنى بۇلغىدى. دەپ ئىخۋا تېرىشى ھەم مۇمكىن. بۇ ئېغىر ئىش ئىدى. گەرچە ئۇ غۇبارسىز. بىگۇناھ. قەلبى پاك ۋە ھېچقانداق سەۋەنلىك ئۆتكۈزمىگەن بولسىمۇ. لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى بەلكىم يۈز بېرىپ بولغان بولۇشى ياكى يۈز بېرىشى مۇمكىن ئىدى.
ئۇ كۆڭلى پەرىشان بولسىمۇ. ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇناتتى. تەقدىرگە تەن بېرەتتى.
شۆبھىسىزكى. ئۇنىڭ ئاللاھقا بولغان ھۆرمىتى ۋە كۈن بويى قىلغان ئىبادىتى ئۇنىڭ روھىي ئازابىنى يەڭگىلىتىشى چوقۇم. دەرۋەقە. ئۇنىڭ روھىي ھالىتى ياخشىلىنىشقا. كۆڭلىمۇ بارا - بارا ئازادە بولۇپ. شادلىنىشقا باشلىدى. چۈنكى پەرىشتە ئۇنىڭغا: ئۇنىڭدىن تۇغۇلىدىغان بالىنىڭ زاكىدىكى چېغىدىلا گەپ قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. بۇ ئەھۋال كىشىلەرنىڭ شەك - شۆبھىلىرىنى تۈگىتىپ. بۇ قىزنىڭ پاك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەسمۇ؟
ئۇ تولغاق يېيىشكە باشلىدى. تۇغۇش ۋاقتى بولۇپ قالدى. ئۇ مەھەللىدىن ئايرىلىپ. قۇرۇپ قالغان بىر تۈپ خورما دەرىخى تۈۋىگە كەلدى. ئۇ تولغاق ئازابىغا چىدىيالماي. خورما دەرىخىگە يۆلەندى. ئۇ يەككە - يېگانە ئىدى. ئۇنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرىدىغان. تۇغۇتقا ياردەملىشىدىغان ئادەممۇ يوق ئىدى. بۇ پاك قىز تۇغۇت ئازابىغا بەرداشلىق بېرىۋاتاتتى. مانا. يىپايان كۆك ئاسمان ئاستىدا ئۇ بىر ئوغۇل تۇغدى.
يالغۇزلۇق ئۇنى بىئارام قىلاتتى. تازا پىشىپ مەي بولغان بۇ مېۋە ئۇنىڭ قەلبىگە تەسىر قىلماقتا ئىدى. ئەمدىلا دۇنياغا كەلگەن بالىنى كۆرگەن ئانا قايغۇ - ھەسرەت چېكەتتى. غەم - ئەندىش قىلاتتى. رۇئانا بولۇشتىن ئىلگىرى ئۇلۇپ كېتىپ. كىشىلەرنىڭ يادىدىن چىقىپ كەتكەن بولسام. نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى -
ھە!» دەپ ئويلايتتى.
بالا تۇغۇلدى. ئۇ قانداق قىلىشنى بىلمەيتتى. گاڭگىرايتتى، ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە مەيۈسلىنەتتى، تىت - تىت بولاتتى، غەزەپلىنەتتى. دەل شۇ چاغدا ئۇشتۇمتۇت، بىر ئاۋاز ئۇنىڭ قۇلىقى تۇۋىدە جاراڭلاپ، ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ۋەھىمىنى تارقىتىۋەتتى. ئۇنىڭ ئاياغ تەرىپىدىن شۇنداق خىتاب كەلدى: «قايغۇرما، ئىگەم ئايىغىڭ ئاستىدا بىر ئېرىق پەيدا قىلدى، بۇ ئېرىقتىكى سۇ گىياھ ئۈنمەيدىغان مۇشۇ زېمىندا شىرىلداپ ئېقىپ تۇرىدۇ. يېنىڭدىكى خورما دەرىخنى ئىرغاتساڭ، پىشىپ مەي بولغان بىر تال خورما ئالدىڭغا چۈشىدۇ، ئۇنىڭدىن ئازراق يېسەڭلا، ماغدۇرۇڭغا كېلىمىدىن، ھۇزۇرلىنىدىن. سەن ئاللاھنىڭ قۇرۇپ كەتكەن دەرەخنى كۆكەرتكەنلىكىنى، قاغجىراپ ياتقان يەردە سۈيى ئېقىپ تۇرىدىغان ئېرىق پەيدا قىلغانلىقىنى كۆردۈڭ.»
روشەنكى، بۇ مۇجىزە ئۇنىڭ پاك - غۇبارسىز ئىكەنلىكىنى كۈچلۈك ئىشىپاتلايتتى. شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ مەسخىرە ۋە ئەيىبلەشلىرىگىمۇ جاۋاب ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئادەملەر غۇلغۇلا قىلىپ ئىغۋا تېرىشى تۇرغان گەپ ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى غەشلىك يەنىلا كۆتۈرۈلۈپ كەتمىدى.
ئاللا بالىغا گويا ئانىسىنىڭ كۆڭلىدىكى بىئاراملىقنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرگەندەك ۋە ئۇنىڭغا ئانىسىنىڭ كۆڭۈل سىرىدىن بېشارەت بەرگەندەك تۇراتتى. پەقەت ئۇ سۆزلىمىلا، ئانىسىنىڭ پاك - غۇبارسىز ئىكەنلىكىنى ئىمپاتلىغىلى بولاتتى. شۇڭا، بالا ئانىسىغا:
سەن ئۈچرىغان كىشىلەرگە: مەن ئاللانى دەپ روزا تۇتتۇم، ھېچقانداق ئادەم بىلەن سۆزلەشمەيمەن دېگىن، — دېدى. بۈۋى مەريەم كۆڭلى ئارامىغا چۈشۈپ روھلاندى - دە، بالىسىنى ئېلىپ مەھەللىگە قايتىپ كەلدى. بۇ خەۋەر تېز تارقالدى. كىشىلەرنىڭ غۇلغۇلىمىمۇ ئۇلغايدى. بەزىسى ئۇنى ئەيىبلەيتتى، بەزىسى ھاقارەتلەيتتى، بەزىسى ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ
مەن ئاللانى دەپ روزا تۇتتۇم. ھەرقانداق سوئالغا جاۋاب بەرمەيمەن. ئەگەر سىلەر ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمەكچى بولسا ئۇلار. ئۇنىڭ ئۆزىدىن سورا ئۇلار. — دەپ، بالىسىنىلا كۆرسەتتى. خەقلەر ھەيران بولۇپ مەسخىرە قىلىشقان ھالدا:
لېكىن ئاللا بوۋاقنىمۇ سۆزلىتەلەيدۇ. تېخى تولۇق كامالەتكە يەتمىگەن تىلدىنمۇ ئاۋاز چىقىرالايدۇ. ئەمچەكنىمۇ تاپالمايدىغان ۋە ئېمىشتىمۇ بىلمەيدىغان ئېغىزنى بىمالال ھەرىكەتلەندۈرەلەيدۇ. بۈۋى مەريەمنىڭ بالىسى ئېنىق سۆزلىدى. بىراق. ئۇ ئانىسى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەر ئۈستىدە توختالمىدى. ئانىسىنىڭ پاكلىقىغا قىلىنغان ھاقارەتلەرگىمۇ رەددىيە بەرمىدى. ئۇ پەقەت مۇنداق دېدى:
مەن ئىگەمنىڭ قۇلى. ئۇ ماڭا كىتاب ئىنئام قىلىپ مېنى پەيغەمبەر قىلىدۇ. قەيەرگە بارسام. شۇ يەردە ئاۋامغا ۋەز - نەسھەت قىلىمەن. مەن تىرىكلا بولسام. ناماز ئوقۇپ. ئاللاھقا تائەت - ئىجادەت قىلىمەن. ئۆشرە - زاكات بېرىمەن. ئانامغا ھۆرمەت قىلىمەن. ئاللا مېنى گۈناھكار بىۋاپالاردىن قىلمايدۇ. مەيلى مەن تۇغۇلغاندا ياكى مەن ئۆلۈپ كەتكەندە ۋە ياكى مەن قايتا تىرىلگەندە بولسۇن. ئاللا مېنى ئامان قىلىدۇ.
— ئىغۋاچىلار ئۈچۈن بۇنىڭدىن باشقا. يەنە قانداق ئىسپات كېرەك؟ ئىسا ئەلەيھىسسالام تېخى ئانىسىنىڭ قۇچىقىدىكى
چاغدىلا، ئاللا ئۇنىڭ كەلگۈسىگە ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا بىلىم - ئەقىل ئۆگەتكەن. بۇ مۆجىزىلەر يۈۋى مەريەمنىڭ پاك - غۇبارسىز ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ بېرەتتى. چۈنكى ئۇ شۇنچىلىك يېشى بىلەن ئوغلىغا جىمى پەلسەپىۋى قائىدىلەرنى بىلدۈرەلمىگەن يەردە، ئاتىسىز ئاشۇنداق بالىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرەلمىشى تۇرغان گەپ ئىدى. ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ئېغىز سۆزى خالايىقنى پىتنە - ئىغۋا ۋە تۆھمەتلەرنى دەرھال توختىتىشقا مەجبۇر قىلدى. ئۇنىڭ گەپ قىلغان ئاۋازىدىن كىشىلەر داڭقېتىپ قېلىشتى. بۇ مۆجىزە ھەممىنى ھاڭ - تاڭ قالدۇردى. ئەمچەكتىكى بىر بوۋاقنىڭ سۆزلىيەلەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر ھەش - پەش دېگۈچە پۈتۈن مەھەللىنى بىر ئالدى، بۇنىڭدىن ھەممە خەۋەر تېپىپ ئۇنى ئادەتتىكى پاراڭلىرىغا ئايلاندۇرۇۋالدى. ئۇلار ئەمدىلا تۇغۇلغان بۇ بالىغا تېۋىندى، ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ناپاك ئەمەسلىكىگە ئىشەندى، ئۇنىڭ ئادەتتىكى بالا ئەمەسلىكىنى، چوڭ بولغاندا ئۇنىڭ قولىدىن نى - نى ئىشلار كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندى.
بۇ مۆجىزىگە ھەممە ئادەم ئىشىنىدۇ، دەپ قارىغىلى بولمايتتى. چۈنكى ھەرقانداق ئىشتا كىشىلەرنىڭ تامامەن بىردەك قاراشقا كېلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بەزىلەر بۇنى ئەپسانە دەپ قارايتتى، يەنە بەزىلەر بۇ بەلكىم يۈۋى مەريەمنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئۇنىڭ پاكلىقىنى ئىسپاتلاش. ئۇنىڭ بەتقىلىقلىقىنى يېيىش ۋە كىشىلەرنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاش ئۈچۈن توقۇپ چىققان ھېكايە بولسا كېرەك، دەپ قارىشاتتى. بۇنداق گۇمانىي قاراشتىكىلەر ئاز سانلىق ئىدى، ئەلۋەتتە. ئۇلار نادان بولغاچقا، پاكىتقا ئىشەنمەيتتى. ھەقىقىي دەلىل - ئىسپاتلارمۇ ئۇلارنىڭ كاللىسىدىكى بىمەنلىككە خاتىمە بېرەلمىدى. ئۇلار ئاسمان - زېمىنىنىڭ ئىگىسى ئاللاھنىڭ بىر ئەمر قىلىش بىلەنلا ئادەم يارىتالايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيتتى، ئاللاھنىڭ يەر - جاھاننى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنمەيتتى.
بۇ ئادەملەرنىڭ پەزىلىتى ناچار بولغاچقا، يۈۋى مەريەم ئۇلارنى
ئەزەرگە ئىلمايتتى. ئۇلارنىڭ گەپ - سۆز ۋە كۆزقاراشلىرىمۇ رەددىيە بېرىشكە ئەرزىيەتتى. ئۇلاردا مەلۇم ئۆچمەنلىك ۋە بىر تەرەپلىمىلىك قاراش بولۇشى مۇمكىن ئىدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ قەلبى يورۇق، كۆزى روشەن بولمىدى. بۈۋى مەريەم ئەسەبىيلەشكەن بۇ ئادەملەرنى زادىلا كۆزگە ئىلمىدى. ئۇ مەھەللىدە ئۆزىنى كەڭ - كۈشادە تۇتۇپ يۈرىۋەردى. بالىسىنى ئوبدان باقتى ۋە تەربىيىلىدى. چۈنكى، ئاللاھنىڭ بۇ بالىغا غەمخورلۇق قىلىپ ۋە ئۇنى ئاسراپ، ئۇنى ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغانلىقى بۈۋى مەريەمگە ئايان ئىدى.
رەسۇلۇللاھ ھەققىدىكى بېشارەت
بۆلۈم: “رەسۇلۇللاھ ھەققىدىكى بېشارەت”ئىسا ئەلەيھىسسالام باشقا بالىلارغا ئوخشاش ئۆسۈپ، بارا - بارا يىگىت بولۇپ يېتىلدى. ئۇنىڭ پەزىلىتى، ئەقىل - پاراسىتى تەڭشۇشلىرىدىن پەرقلىنىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئىشلارغا ئالدىن بېشارەت بېرىشتىكى تەبىئىي ئىستېداتى بارا - بارا نامايان بولۇشقا باشلىمىدى. ئۇ ئۆز دېمەتلىك بالىلار بىلەن بىللە ئوينىغاندا، ئۇلارنىڭ نېمە يېگەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە نېمىلەر بارلىقىنى قىياس قىلالايتتى؛ ئۇ مەھەللىدىكى مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇغاندىمۇ باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرق قىلاتتى. ئۇ ئۇستازىنىڭ ھەربىر ئېغىز سۆزىگە ئىجتىھات بىلەن قۇلاق سالاتتى، نېمىنى سۆزلەيدىغانلىقى، نېمە مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدىغانلىقىنى بىلەلەيتتى.
ئىسا ئەلەيھىسسالام ئانىسى بىلەن بەيتۈلمۇقەددەسكە قايتىپ كەلگەندە، ئەمدىلا ئون ئىككى ياشقا كىرگەنىدى. ئۇنىڭغا ھەر خىل ئادەملەر ناتونۇش ۋە قىزىقارلىق تۈپۈلمايتتى. كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان كۆرۈنۈشلەرمۇ ئۇنىڭ ھېچقانداق دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغىپالمايتتى. قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، شۇ دېمەتلىك بالىلارنىڭ تازا بېرىلىپ ئوينايدىغان ۋاقتى ئىدى. ئەمما ئۇ ئۇنداق قىلماي.
ھەدەپ ئىلىم - ھېكمەت بۇلىقىنىڭ سۈپىتى ئىچمەكتە ئىدى. ئۇ ئوقۇشنى ئۈزۈپ قويمىدى. كىشىلەر ئالىم دەپ قارىغان ئادەملەرنىڭ ئاجايىپ ۋە تەسىرلىك نۇتۇقلىرىنى ئەستايىدىل قۇلاق سېلىپ ئاڭلايتتى.
ئىسا ئەلەيھىسسالام باشقىلارغا ئوخشاشلا ھەمىشە كاھىنلارنىڭ ۋەز - نەسىھەتلىرىنى ئاڭلايتتى. ئۇلارنىڭ پىكرىگە ۋە سالغان پاللىرىغا زەن قويۇپ قۇلاق سالاتتى. ئۇ بىرمۇنچە كىشىلەرنىڭ كاھىنلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنگەنلىكىنى سەزدى. كاھىنلار سۆز باشلىغاندا، ئۇلار قىمىر قىلماي، ھەتتا تىنىقىنىمۇ چىقارماي دېگۈدەك ئاڭلايتتى.
بۇنداق چاغدا ئىسا ئەلەيھىسسالام پات - پات ئورنىدىن تۇرۇپ كاھىنغا سوئال قوياتتى. ئۇ ئۆتكۈر ھەقىقەت شەمشىرى بىلەن كاھىنلارغا جەڭ ئېلان قىلاتتى. لېكىن، بەزىلەر بۇنداق باتۇرانە ھەرىكەتنى ئەيسىلەيتتى. ئىسا ئەلەيھىسسالام كاھىنلارنىڭ ھۇجۇمىغا پەرۋا قىلمايتتى. ئۇلارغا ئارقىمۇئارقا سوئاللىرىنى قويۇپ تۇراتتى. ئۇلار بىلەن مۇنازىرىلىشىۋېتىپ، ھەتتا تاماق يېۋېلىشى، سۇ ئىچىۋېلىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالاتتى. بىر كۈنى ئانىسى ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۆپ كۈتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى. بۈۋى مەريەم ئۇ بېرىش ئېھتىمالى بولغانلىكى جاينىڭ ھەممىسىگە بېرىپ ئىزدىگەن بولسىمۇ، ئۇنى ئايالمىدى. ئۇنى قولۇم - قوشنىلار بىلەن قايتىپ كەتكەندۇ ياكى بەھەللىدىكى بىرى ئېلىپ كەتكەندۇ. دەپ ئويلىدى - دە، بەھەللىگە قايتىپ كېلىپ سۈرۈشتۈردى. لېكىن يەنىلا ئۇنىڭ خەۋىرىنى ئالالماي، بەيتۈلمۇقەددەسكە قايتىپ كېلىپ بۇ زادى نېمە ئىتتۇ. دەپ قايتا - قايتا ئويلاندى. ھەممە ئېھتىمالنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى. كېيىن ئۇ ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالىملار بىلەن كەسكىن مۇنازىرە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدى ۋە بۇنىڭدىن ناھايىتى جۇجۇدى، بىئارام بولدى. بۈۋى مەريەم ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئۆيگە تېز قايتىشىنى ئېيتتى. ئۇنىڭغا نېمە ئۈچۈن ئۈزۈنغىچە ئۆيگە
قايتىپ كەلمەيدىن، سېنى ئىزدەپ بارمىغان يېرىم قالمىدى، چارچاپ كەتتىم، دەپ كايدى. ئىسا ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ مۇنازىرىگە كىرىشىپ كەتكەنلىكىدىن ئانىسىنىڭ يېنىغا بارالمىغانلىقىنى ئېيتتى.
كېيىن ئىسا ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ناسىرەگە ئانىسى بىلەن بىللە قايتىپ كەتتى.
ئىسا ئەلەيھىسسالام ئوتتۇز ياشتىلا ئاللاھنىڭ ئەلچىلىكىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئاللاھنىڭ بېشارىتى ۋە ھۆكمىنى تارقىتىشقا باشلىدى. ئۇ ئاللاھنىڭ تەلىمىگە ئىنتايىن سادىق ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي. ئۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن «ئىنجىل» ناملىق كىتابقا ئېرىشتى - دە، كىشىلەر ئارىسىدا ئاللاھنىڭ تەلىمىنى تەرغىب قىلىپ، كىشىلەرنى ئۆزىگە ئەگىشىشكە چاقىردى. ئۇ يەھۇدىيلارغا قارشى تۇراتتى، ئۇلارنىڭ بىمەنە سەپسەتلىرىنى رەت قىلاتتى، چۈنكى ئۇلار ھىدايەتتىن ئايرىلىپ، «تەۋرات» تىكى قانۇنلارنى بۇرمىلاپ، جان - جەھلى بىلەن پۇل تېپىشقا بېرىلىپ كەتكەنىدى. كەمبەغەللەر ئاچ - يالىڭاچ قېلىپ، قېرىلار قاقشاۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار كىشىلەرنى ئىبادەتخانىلارغا بېرىپ نەزىر - چىراغ ئۆتكۈزۈشكە دەۋەت قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ چۆتىكىنى پۇلغا توشقۇزاتتى.
بىر قىسىم يەھۇدىيلار ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيتتى، بىراق قىيامەت بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى، قىيامەت كۈنى ھېساب ئېلىنىدۇ ۋە قاتتىق جازا بېرىلىدۇ، دېگەن گەپلەر بىلەن كىشىلەرنى ئالدايتتى. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر تۇرمۇشتا چۈشكۈنلىشىپ، ئەخلاقى بۇزۇلۇپ، شەھۋانىيلىققا بېرىلىپ كەتكەنىدى. ئۇلار ئەسكىلىكىنى قىلسىمۇ، كىشىلەرگە ئۇقتۇرماسلىقنى كۆزلەيتتى. بۇنىڭدىن مەقسىتى كىشىلەرنىڭ پۇل - مېلىنى تالان - تاراج قىلىش، كىشىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ ئىپلىس چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىش ئىدى.
بۇ ئىسا ئەلەيھىسسالامدىن ئىبارەت مەڭگۈ ئۆچمەس يۇلتۇز
پدىدا بولغان چاغدىكى ئەھۋال ئىدى. ئاللا ئىما ئەلەيھىسسالامنى بۇ دۇنياغا كىشىلەرنىڭ زۇلمەتتىن قۇتۇلۇپ، يۈرۈقلۈققا ئېرىشىشكە ياردەم بېرىش، ئۇلارنى ھىدايەتكە باشلاش ۋە ئۇلارغا يۈرۈقلۈق ئىشىكىنى ئېچىپ بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتكەندى. ئىما ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى چوڭقۇر پاتقاق ئازگىلىدىن قۇتۇلدۇرۇشنى سىناپ كۆرمەكچىمۇ بولدى.
دىنىي مۇتىۋەرلەر كۈچلۈك دولقۇنغا ئۇرۇلۇپ، ئۆزلىرىنىڭ بارا - بارا خەۋپ - خەتەرگە يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى سەزمەكتە ئىدى. بۇ دولقۇن ئىما ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارنىڭ نەپسانىيەتچىلىكى ۋە شەھۋانىيلىققا قاراتقان ئەيىبلەشلىرى، ئۇلارنىڭ ئاچ كۆزلۈكى ۋە بەتنىيەتلىكىگە بېرىۋاتقان زەربىي ئىدى. ئىما ئەلەيھىسسالام كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ نومۇسسىز ھەرىكىتىنى پاش قىلاتتى. لېكىن ئۇلارمۇ ئېغىز - بۇرۇن يالىشىپ، ھەممىلا يەردە ئىما ئەلەيھىسسالامغا دۈشمەنلىك قىلىشاتتى.
ئىما ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا پەرۋا قىلمىدى، ئۇلارنىڭ قىلىقلىرىمۇ ئىما ئەلەيھىسسالامنى توسۇپ قالالمىدى. ئۇ ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، كىشىلەرگە سەمىمىي تەربىيە بېرەتتى، يۈرتىمۇ يۇرت ئارىلاپ يۈرۈپ، ئۇلارنىڭ يالغان - ياۋىداق سۆز ۋە ئىغۋالىرىنى پاش قىلاتتى، بىمەنە سەپسەتلىرىگە رەددىيە بېرەتتى. ئۇلار ئىما ئەلەيھىسسالامدىن ئاللاھنىڭ ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش جەھەتتە دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۆز بېشارەتلىرىنىڭ چىنلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان چاغدا، ئاللا ئۇنىڭغا مۆجىزە بىلەن مەدەت بېرىپ، ناھايىتى روشەن ئالامەت ئارقىلىق ئۇنىڭ ئەلچىلىكىنى ئىسپاتلىدى: ئىما ئەلەيھىسسالام لايدىن بىر قۇشقاچ ياسىدى ۋە ئۇنىڭغا سۈي دەپ دەم سېلىۋىدى. ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن لاي قۇشقاچ راست قۇشقاچقا ئايلاندى. ئىما ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئەمانىڭ كۆزىنى ئاچتى، ئۆلۈكنى تىرىلدۈردى.
ئەگەر ئاللاھنىڭ مەدىنى، ياردىمى بولمىغىنىدا، ئۇ بۇ مۆجىزىلەرنى ھەرگىزمۇ قىلالمىغان بولاتتى، شۇنداقتىمۇ دىنىي مۆتىۋەرلەر يەنىلا ئۆكتەملىك ۋە ئەسكىلىك قىلاتتى. ئىسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا مۆجىزە ئارقىلىق دەلىل - ئىسپات كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا بۇ مۆجىزىلەرنى سېھىرگەرلىك، جادۇگەرلىك دېيىشەتتى.
ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چاقىرىقلىرى تېخى بۇ ئالەمدىكى ساختىلىقنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا ئۇچرىمىغان كىشىلەر ئارىسىدا ئورتاق ھېسداشلىقنى قوزغىدى، ئاچ كۆزلۈكتىن خالىي كىشىلەر ئارىسىدا مۇناسىپ ئاۋازغا ئېرىشتى. ئىسا ئەلەيھىسسالام سەمىمىي ئېتىقادنى چىقىش قىلىپ ئاشۇ دىنىي مۆتىۋەرلەرگە كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغاپ، ئۇلارنىڭ ئۆۋىسى ۋە قورغىنىنى چوقۇم يىمىرىپ تاشلاشنى نىيەت قىلدى. ئىسا ئەلەيھىسسالام بەيتۇلمۇقەددەسكە كېلىپ، ئۇلار جەم بولىدىغان بايرام كۈنىدە، تەرەپ - تەرەپتىن كەلگەن كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلماقچى بولدى. شۇ كۈنى كىشىلەر ئۇنى مەھكەم ئورىۋېلىشتى. ئۇنىڭ سۆزى بىلەن ئۇلارنىڭ دىللىرى يورۇپ كەتتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئىسا ئەلەيھىسسالامنى قوللىغۇچىلار بارا - بارا كۆپەيدى، ھەممىلا يەردە ئۇنىڭغا ئەگەشكۈچىلەر تېپىلاتتى.
كاھىنلار دەرغەزەپ بولۇپ ئىسا ئەلەيھىسسالامغا زىيانكەشلىك قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بىر تال مويىغىمۇ زىيان يەتكۈزەلمىدى، چۈنكى ئاللا ئۇنى ئۆز پاناھىدا ساقلاپ كېلىۋاتاتتى.
