ھۇد ئەلەيھىسسالام
ئاد قوۋمىدىكىلەر ئۈزۈندىن بېرى يەمەن بىلەن ئۇمان ئارىلىقىدىكى قۇملۇقتا بەختلىك ياشاپ كەلمەكتە ئىدى. ئاللا ئۇلارغا ناھايىتى كۆپ مېھىر - شەپقەت ئاتا قىلدى. ئۇلار بۇ زېمىندا بۇلاق سۈيى تاپتى، يەر - زېمىن ئاچتى. دەل - دەرەخ تىكىپ، باغۋاران پەرۋىش قىلدى. ئۆي - ئىمارەت قۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاللامۇ ئۇلارنىڭ تېنىنى ماغلام، بېجىرىم قىلدى ۋە ئۇلارنى باشقا پايدىلىق شەرت - شارائىت بىلەن تەمىن ئەتتى. لېكىن ئاد قوۋمىدىكىلەر بەختلىك تۈرمۈشنىڭ مەنبەسىنى زادى يادىغا ئېلىپمۇ قويمىدى. ئۇ چاغدا ئۇلار بۇتقا چوقۇناتتى، بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسە، بۇتقا رەھمەت ئوقۇيتتى، بەختسىزلىككە ئۇچرىسا، ئۇنىڭدىن مەدەت تىلەيتتى.
ئۇلار مۇشۇ زېمىندا خالىغانچە ئەسكىلىك قىلاتتى، ئۆزلىرىنىڭ كۈچلۈكلۈكى ۋە چوڭلۇقى بىلەن ئاجىزلارنى خورلايتتى. كىچىكلەرنى بوزەك قىلاتتى. ئاللا كۈچلۈكلەرنى ھىدايەتكە باشلاش، ئاجىزلارنىڭ كۈچ - قۇدرىتىنى ئاشۇرۇش، ئۇلارنىڭ قەلبىنى چېنىقتۇرۇش، ئۇلارنى جاھالەتتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە كۆپىتىن بۇيان ئۇلارنىڭ كۆز پەردىسىنى توسۇۋالغان توسۇقنى ئېلىپ تاشلاش ئۈچۈن ئۇلار ئارىسىدىن بىر پەيغەمبەر تاللاپ، ئۇ ئارقىلىق ئۇلارغا تونۇشلۇق بولغان تىل ۋە ئۈسۈلىنى قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ تويغۇسىنى ئېچىپ، ئۇلارنى كائىناتى ياراتقۇچىنىڭ قوينىغا قايتىپ كېلىشكە يېتەكلىمەكچى بولدى - دە، ئۇلارغا بۇتقا چوقۇنۇشنىڭ بىمەنىلىك ئىكەنلىكىنى، ئاللاھنىڭ مېھىر - شەپقەتلىك ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى.
ھۇد ئەلەيھىسسالام(1) قان سىستېمىسى جەھەتتە ئادقوۋىي بىلەن ئۇرۇقداش بولۇپ، ئۇلار ئىچىدىكى ئەڭ پەزىلەتلىك، كۆڭۈل - كۆكسى ئەڭ كەڭ ئادەم ئىدى. شۇڭا، ئاللا ئۇنى ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى بەجا كەلتۈرۈشكە ۋە تۇيۇق يولغا كېتىپ قالغانلارنى يېتىلگەشكە تاللىدى. ھۇد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ چاقىرىق، ئەمىر - پەرمانلىرى بىلەن ئۆزىنى قوراللاندۇرۇپ، تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلغۇدەك ئىرادە بىلەن بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالدى. ئۇ جاھالەت ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئۆز قوۋمىدىكىلەرنى يۇتقا ئېتىقاد قىلىدىغان تۇيۇق يولدىن ھىدايەتكە باشلاشقا بەل باغلىدى.
ئۇ ئۆز قوۋمىدىكىلەرگە مۇنداق دېدى:
— ئى خالايىق! سەلەر پۇتنى تىكلىۋېلىپ ئېتىقاد قىلىپ، ئۇنىڭدىن پاناھ تىلەۋاتىسىلەر، بۇ تاشلارنىڭ نېمىگە پايدىسى بار؟ ئۇلار سەلەرگە بەخت ئاتا قىلالمايدۇ، سەلەرنى بىرەر بالايىئاپەتتىن ساقلاپمۇ قالالمايدۇ. سەلەر ئۈچۈن بىردىنبىر ئېتىقاد قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى ئىلاھ — ئاللادۇر. ئۇ سەلەرنى ياراتقان ۋە سەلەرنى تۈرمۈشقا كېرەكلىك نازۇنىيەتلەر بىلەن تەمىن ئەتكەن؛ ئۇ سەلەرگە ھاياتلىق بېرەلەيدۇ ھەم سەلەرنى ئۆلتۈرەلەيدۇ؛ ئۇ سەلەرگە يەر يۈزىدىن ئورۇن بەردى؛ ئۇ ھاياتىڭلار ئۈچۈن زۆرۈر بولغان زىرائەتلەرنى يەتكۈزۈپ بەردى؛ ئۇ سەلەرگە ساغلام، بېجىرىم تەن ئاتا قىلدى؛ ئۇ تېخى سەلەرگە بەخت - سائادەتمۇ بەردى. ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈڭلار، ھەقىقەتكە كۆز يۇمماڭلار، ئاللاھنىڭ ئالدىدا ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ كۆرەڭلىمەڭلار. ئەگەر بۇنىڭغا ئۇنىمىساڭلار، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قوۋمىدەك ئاشۇنداق بالا - قازاغا ئۇچرايسىلەر، ئۇلار ئۆتكەن دەۋرگە تېخى ئۈزۈن بولمىدى. ھۇد ئەلەيھىسسالام مۇشۇ گەپلىرىنىڭ ئۇلارنى تەسىرلەندۈرۈپ، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ، ھىدايەتكە ماڭىدىغان قىلالىشىنى ئۈمىد قىلاتتى، لېكىن ئۇلار ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان
① ھۇد ئەلەيھىسسالام نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ يەتتىنچى تۈرىسى.
بۇ تەشۋىقاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرھال توغرا تاپمىغان ھالدا دېيىشتى:
— ھەي ھۇد، نېمە قالايمىقان جۇيلۇپ يۈرسەن! سەن نېمە بولۇپ بىزنى ئاللاغىلا ئېتىقاد قىلدۇرماقچى بولسەن؟ بىز بۇتلارغا ئېتىقاد قىلساق، ئۇ ئاللاھقا بىزنىڭ ياخشىلىقىمىزنى ئېيتىدۇ.
— ئاللا بىردۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، — دېدى ھۇد ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا، — پەقەت ئاللاھقا ئېتىقاد قىلىشلا ھەقىقىي ئېتىقاد بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ بىزنىڭ ئالدىمىزدا. سىلەر بۇ بۇتلارغا ھەرقانچە يېلىنىپ، خۇشامەت قىلغان بىلەنمۇ ئېرىشىدىغىنىڭلار ئۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ چىقىدۇ. ئۇ سىلەرنى ئاللاھتىن بارغانسېرى يىراقلاشتۇرىدۇ، بۇ دەل سىلەرنىڭ نادان ۋە ئەخمەق ئىكەنلىكىڭلارنى بىلدۈرىدۇ، خالاس.
— سەن تەنتەك، قارام ئادەم ئىكەنسەن، — دېيىشتى كىشىلەر ھۇد ئەلەيھىسسالامغا قارشى چىقىپ، — سەن بىزنىڭ ئېتىقادىمىزنى ئەخمەقلىق دېيىشكە پېتىنمۇ تەسەن. سەن تېخى بىزنىڭ ئاتا - بوۋىمىزدىن تارتىپ ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان مۇقەددەس نەرسىمىزنى زاڭلىق قىلىۋاتسەن. سەن بىزنىڭ بۇ يەردە قانچىلىك نېمىتىڭ؟ سەن قايسىمىزدىن ئارتۇق؟ سەنمۇ خۇددى بىزگە ئوخشاش قورسىقىڭ ئاچسا نان يەيدىغان، ئۇسسساڭ سۇ ئىچىدىغان، شۇنداقلا مۇشۇ زېمىندا ياشايدىغان ئادەمغۇ؟ ئاللا نېمە ئۈچۈن ئەلچىلىك ۋەزىپىنى ساڭىلا بېرىدۇ؟ بىزنىڭچە، سېنىڭ دەۋاتقىنىڭ كاززاپلىق ۋە ئالدامچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
— ھەي خالايمىق! — دېدى ھۇد ئەلەيھىسسالام جاۋاب بېرىپ، — مەن تەنتەكمۇ ئەمەس، ئەخمەقمۇ ئەمەس. مەن سىلەر بىلەن بىللە ئۇزۇن ياشىدىم، سىلەر قايسى ئىشتا مېنى ئەخمەق، نادان ۋە قارام دەپ ئەيىپلىيەلەيسىلەر؟ ئاللاھنىڭ بىرەر مىللەت ئارىسىدا ئەلچىلىك ۋەزىپىنى ئىجرا قىلغۇدەك، ئۇنىڭ تەشەببۇسلىرىنى تەشۋىق قىلغۇدەك بىرەر ئادەم تاللىغانلىقى غەلىتە ئىش ئەمەس. ئەگەر ئاللا كىشىلەرنىڭ ھىدايەتكە ماڭمايۋاتقانلىقىنى
كۆرۈپ تۈرۈپمۇ يەنە پەيغەمبەر ئەۋەتمەي، ئۇلارنىڭ خالىغانچە كۆرەڭلەپ كېتىشىگە يول قويغان بولسا ئىدى، بۇ غەلىتە بىر ئىش بولغان بولاتتى. مەن سىلەرنىڭ ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈشۈڭلاردىن ئۈمىدسىزلەنمەيمەن، سىلەرنىڭ بىمەنە گەپ - سۆزلىرىڭلارنىمۇ كۆڭلۈمگە ئالمايمەن، لېكىن سىلەر ئەستايىدىل ئويلاپ، ياخشىراق قاراپ بېقىڭلاركى، ئاللا بىردۇر. ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتى، قۇياش، ئاي ۋە ئالەمدىكى بارچە شەيئىلەر ئاللاھنىڭ پەقەت بىر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈڭلار، ئۇنىڭغا دۇئا - تىلاۋەت قىلىڭلار! ئۇ سىلەرگە خاسىيەتلىك يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، بايلىقىڭلارنى ئاشۇرىدۇ، تېنىڭلارنى سالامەت قىلىدۇ. سىلەر ھەرگىز گۈناھ ئىش قىلماڭلار!
سىلەر بىلىشىڭلار كېرەككى، ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىدۇ: كىم ياخشى ئىش قىلسا، ئاخىرەتتە چوقۇم ساۋابىنى كۆرىدۇ، يامان ئىش قىلسا، ئاخىرەتتە تېگىشلىك جازاسىنى تارتىدۇ، قېنى ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئويلاپ بېقىڭلار، ئاخىرەت ئۈچۈن ساۋابلىق ئىش قىلىڭلار، مەن ئاللاھنىڭ سۆزلىگىن دېگەنلىرىنى سىلەرگە سۆزلىدىم، مەن سىلەرگە سەمىمىي نەسىھەت قىلدىم. — شەك - شۈبھىسىزكى، دېدى كىشىلەر ھۇد ئەلەيھىسسالامغا، — بىز ئېتىقاد قىلىۋاتقان بىر ئىلاھ سېنى جىنغا يولۇقتۇرۇپ، سەۋدايى قىلىپ قويۇپتۇ. سەن قىلچە تۇتامى يوق بولمىغۇر سەپىسەتلەرنى جۇيلۇۋاتىسەن. «ئەپۇ تىلەڭلار»، «بايلىقىڭلارنى ئاشۇرىدۇ»، «تېنىڭلارنى سالامەت قىلىدۇ» دېگىنىڭ نېمىسى! ئۆلگەندىن كېيىن جەسىتىمىز چىرىپ، بىر دۆۋە سۆڭەككە ئايلىنىدۇ. نەدىمۇ ئاللاھتىن پاناھ تىلەيدىغان قىيامەت كۈن دېگەن ئىش بولسۇن. گېپىڭنىڭ قىلچىمۇ تۇتامى يوق! بىز بۇ دۇنيادا ئۆلۈشكە تېگىشلىك بولساق ئۆلىمىز، ياشاشقا تېگىشلىك بولساق ياشايمىز، پەقەت ۋاقىت — يىللارلا بىزنى بۇ دۇنيادىن
ئايرىۋېتىلەيدۇ. سەن تېخى ئازاب تارتىدىغانلىقىمىز ئۈستىدىمۇ ئالدىنىڭلا
كاپشدىڭ. ئازاب دېگەن قانداق نەرسە؟ بىز سېنىڭ دېگەنلىرىڭگە ھەرگىز ئىتائەت قىلمايمىز. ئېتىقاد قىلىۋاتقان ئىلاھىمىزدىنمۇ ھەرگىز ۋاز كەچمەيمىز. ناۋادا سېنىڭ دېگەنلىرىڭ راست بولمىدىغان بولسا، قېنى ئاتالمىش بالا - قازالىرىڭنى بىزگە كۆرسىتىپ باقماسەن!؟
ھۇد ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى جاھىللىقىدىن قايتمايدۇ، دەپ قاراپ مۇنداق دېدى:
— ئەزبىرايى خۇدا، مەن سىلەرگە يەتكۈزۈشكە تېگىشلىك گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى تولۇق يەتكۈزدۈم؛ مەن تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم، چېكىنمىدىم، بۇنىڭدىن كېيىن مەن يەنە داۋاملىق سۆزلەۋېرىمەن، سىلەرنىڭ قىلغان - ئەتكەنلىرىڭلارنى پەرۋايىمغا ئالمايمەن، سىلەرنىڭ قاراملىق قىلىشىڭلاردىنمۇ قورقمايمەن. سىلەر ھىيلە - مىكرىڭلارنى ئىشلىتىڭلار، بىرلىشىپ ماڭا قارشى تۈرۈڭلار. مەن ئىگەمدىن، شۇنداقلا سىلەرنىڭمۇ ئىگەڭلار — ئاللاھتىن پاناھ تىلەيمەن، ئۇ كائىناتنىڭ ئىگىسى، ئۇ توغرا يولدا. ھۇد ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئەلچىلىك ۋەزىپىسى ھەققىدە ھەدەپ ئۈنلۈك خىتاب قىلىپ كەلدى، ئۇنىڭ قوۋمىدىكىلەرمۇ باشتىن - ئاياغ ئۇنىڭغا قارشى تۈرۈپ كەلدى. ئۇلار ھەدەپ مۇنازىرە قىلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئاسماننى بىردىنلا قارا بۇلۇت قاپلاپ ھاۋا تۇتۇلۇپ كەتتى. كىشىلەر خۇشال بولۇشقان ھالدا ئاسمانغا قارىشىپ: «بۇ يامغۇر ياغدۇرىدىغان بۇلۇت، بىزگە يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدىغان بولدى» دېيىشتى - دە، يۈگۈرۈشۈپ ئۆز ئېتىزلىرىغا بېرىپ تەييارلاندى. لېكىن، ھۇد ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا:
— بۇ ياخشىلىقتىن دېرەك بېرىدىغان بۇلۇت ئەمەس، بەلكى ئىنتىقام ئالىدىغان قارا بوران، سىلەر ھازىر قاتتىق جازاغا ئۇچرايدىغان بولدۇڭلار، — دېدى.
بۇ قوۋمدىكىلەر يەر - ئاسماننى قاپلاپ كېلىۋاتقان قارا بوراننىڭ قۇملۇقتىكى تۆگىلەرنى ۋە باشقا چارۋىلارنى پۈتۈنلەي
يىراققا ئۇچۇرۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ چۆچۈشتى - دە، دەرھال ئۆيلىرىگە قايتىشىپ ئىشىكلىرىنى مەھكەم تاقاشتى، ئۇلار مۇشۇنداق قىلساق، بالايىئاپەتتىن قۇتۇلالايمىز، دەپ ئويلىشاتتى. ۋەھالەنكى، بالايىئاپەت ھەممىلا يەرگە تەڭلايىپتىپ كەلگەنىدى. قارا بوران قۇملارنى ئۇچۇرۇپ، ئۇدا سەككىز كۈندۈز، يەتتە كېچە داۋاملاشتى. بوران ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، بۇ ئادەملەر پۈتۈنلەي ئۆلۈپ، خۇددى ھېچقانداق ئىز قالدۇرماي تۇرۇپ قاقشال بولۇپ تۈگىگەن خورما دەرىخىدەك تارىختىن مەڭگۈ غايىب بولدى. سېنىڭ ئىگەك يۇرت - مەھەللىلەرنى خاراب قىلىشنى ئەمەس، بەلكى كىشىلەرنى يامان يولدىن ھىدايەتكە باشلاشنى كۆزلەيدۇ. ھۇد ئەلەيھىسسالام ئەر - ئايال ئۈممەتلىرى بىلەن ئىلگىرىكى تۇرغان يېرىدە قېلىۋەردى، بوران ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا گۈركىرەپ چاڭ - توزان كۆتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئامان - ئېسەن قېپقالدى. بوران توختىغاندىن كېيىن، ئۇلار ھەزرىمەۋتكە كۆچۈپ بېرىپ، ئۇ يەردە ئۆز رىزقىدىن بەھرىمەن بولدى.
