تەركىبكە ئۆتۈش

خەتكۈشلەر (ساقلانغان بەتلەر)

ھازىرقى بەت:...

تېخى ھېچقانداق بەت خەتكۈشكە قوشۇلمىدى

تۆۋەندىكى كۇنۇپكىنى ياكى بەتلەردىكى خەتكۈش بەلگىسىنى چېكىپ بۇ يەرگە ساقلىۋالالايسىز.

تەڭشەكلەر

يېزىق
يورۇقلۇق ھالىتى
بەت ئۇسلۇبى
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى
ئەرەبچە خەت نۇسخىسى
خەت چوڭلۇقى

چەكلەش

بارچە ئالىيجاناب پەزىلەت روسۇللانىڭ ۋۇجۇدىغا مەركەزلەشكەن. ئۇ مۇسۇلمانلار بىلەن ئاللا ئوتتۇرىسىدا ئالاقىلىشىشنىڭ بەلۋېغى، دۇنيا جەۋھىرىنىڭ مەنبەسى، ئالەمدىكى ھەممە شەيئىنىڭ قەلبى ئۇنىڭغا تەلپۈنىدۇ. ئۇ ھەقىقەتەن ھەممە ئادەم ئارزۇ - ئۈمىد باغلايدىغان زات.

روسۇللا بىلەن ئۇچراشقان كىشىلەردىن ئۇنىڭ خوتۇنلىرى ئۇنىڭ بىلەن ئەڭ يېقىن ئالاقە باغلىغان ھەمدە ئۇنىڭ ئالاھىدە قوغدىشىغا ئېرىشكەن. ئۇلار ئۇنىڭغا چوڭقۇر مۇھەببەت باغلايتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇلارنىڭ قەلبىدە يەنە كۈنداشلىق ئوتى يېنىپ تۇراتتى، پەقەت روسۇللاغا يېقىنلاشقاندا، ئۇلاردىكى بۇنداق ئوت ئاندىن ئۆچەتتى. تارىختىكى ئاياللارنىڭ ھەممىسى شۇنداق ئۆتكەن، ئۇلارنىڭ دىللىرى سۇنۇق، مىسكىن، كۈنلەشكە ئامراق.

روسۇللا ئاتا بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز قىزى زەينەپكە بەكمۇ ئامراق ئىدى، ھەر قېتىم ئۇنى كۆرگەندە قەلبى شادلىنىپ كېتەتتى، چۈنكى زەينەپ ئۇنىڭ جانجىگەر قىزى ھەم قەلبىدىكى ئۈمىدى ئىدى. لېكىن، زەينەپ ۋاپات بولۇپ كەتتى. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، روسۇللا قايغۇرۇپلا يۈردى. ئۇ قەلبىدىكى قايغۇ - ئازابىنى يەڭگىلىتىش ئۈچۈن، بىر پەرزەنت كۆرۈشنى ئارزۇ قىلاتتى.

روسۇللانىڭ يېشى ئاتمىشقا يېقىنلىشىپ، ھايات چىرىغى ئۆچەي دەپ قالدى. بارلىق ياشانغان كىشىلەرگە ئوخشاش ئۇنىڭ كۆڭلى ھەمىشە سۇنۇق ئۆتەتتى.

مىسكىن ۋالىيسى مۇقەۋقىسىنىڭ روسۇللاغا ئەۋەتكەن سوۋغاتلىرى ئىچىدە مىسىردىكى قىبتلاردىن مارىيە ئىسىملىك بىر

قىز بار ئىدى. روسۇللا بۇ سوۋغاتنى خۇشال قوبۇل قىلىپ، مارىيەنى ئەمرىگە ئالدى. روسۇللا مارىيە ئۈچۈن مەدىنە شەھەر ئەتراپىدىن ئالاھىدە بىر ئۆي تاپتى. بۇ يەر ياپىپشىل دەرەخلەرنىڭ سايىسى بىلەن قاپلانغان، مەنزىرىسى گۈزەل بىر جاي ئىدى. مارىيە بۇنىڭدىن ئىنتايىن رازى بولدى.

روسۇللا دائىم مارىيەنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ تۇراتتى. كۆپ ئۆتمەي، مارىيە ھامىلىدار بولدى، كېيىن بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇلار بالىنىڭ ئىسمىنى ئىبراھىم قويدى. روسۇللا ئىبراھىمنى ئالىقىنىدىكى گۆھەر، دەپ قارايتتى، بەكمۇ كۆيۈنەتتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، مارىيەنىڭ روسۇللانىڭ باشقا خوتۇنلىرى ئىچىدىكى ئورنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. روسۇللا مارىيەگە تېخىمۇ ھېرىسمەن بولۇپ كەتتى. مارىيە روسۇللانىڭ ئەڭ يېقىن خوتۇنلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى. مارىيە نەزەرگە ئىلىندىم، دەپ ھاياجانلىنىپ، ئاللاھقا ئۈزلۈكسىز مەدھىيە - سانا ئوقۇيتتى.

روسۇللا ھەركۈنى مارىيەنىڭ قېشىغا بېرىپ ئىبراھىمنى يوقلاپ تۇراتتى، ھەر قېتىم بالىسىنىڭ ساددا تەبەسسۇمىنى كۆرگىنىدە، ئىچ - ئىچىدىن شادلىنىپ كېتەتتى.

بىر كۈنى روسۇللا بالىنى كۆتۈرۈپ يەنە بىر خوتۇنى ئائىشىنىڭ ئالدىغا كەلدى. كۈنداشلىقى تۇتقان ئائىشە خاپا بولغاندەك قىلىپ، روسۇللاغا ۋە بالىغا ئىنتايىن سالقىن قارىدى. روسۇللانىڭ باشقا خوتۇنلىرىمۇ شۇنداق قىلاتتى. ئۇلار روسۇللانىڭ مارىيەنىڭ ئۆيىگە كىرىپ چىقىۋاتقانلىقىنى ۋە ئىبراھىمغا ئامراقلىقى تۆتۈپ كەتكەنلىكىنى چېلىقتۇرغان چاغلىرىدا، ئۇلارنىڭ قەلبىدە كۈنداشلىق ئوتلىرى لاۋۇلداپ ياناتتى.

روسۇللا ئۆزىنىڭ ھەربىر خوتۇنىنى ھۆرمەتلەيتتى، ئۇلارغا ئېسىل ئۆي - جاي ھازىرلاپ بېرەتتى. لېكىن ئۇ خوتۇنلار بۇنىڭغا قانائىدىن قىلىمايتتى. ئۇلار روسۇللانىڭ مارىيەنى ياخشى كۆرۈشىدىن قىزغىناتتى، شۇڭا ئۇلار خىلمۇخىل چارە - تەدبىرلەر

بىلەن روسۇللىلانى خىجىل قىلاتتى. قەستەن قىيىنچىلىق سالاتتى ۋە ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ تۇراتتى.

روسۇللىلا خوتۇنى ھەفىسەنىڭ ئۆيىدە بىر مەزگىل تۇرغانىدى. بىر كۈنى، ھەفىسە دادىسىنى كۆرۈپ كەلمەكچى بولدى. روسۇللىلا ئۇنىڭغا رۇخسەت قىلدى. ھەفىسە بېرىپ كەلگۈچە بولغان ئارىلىقتا مارىيە بۇ ئۆيگە كېلىپ روسۇللىلا بىلەن بىرنەچچە كۈن تۇردى. ھەفىسە قايتىپ كېلىپ، ئۆز ئۆيىدە مارىيەنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق غەزەپلەندى. مارىيە كەتكەندىن كېيىن، ھەفىسە روسۇللىلانىڭ ئالدىغا كېلىپ:

— مەن تېخى ئۆيۈمگە كىم كەلدىكىن دەپتىمەن، قارىغىنا سېنى، نېمە ئىشلارنى قىلغانىمەن؟ — دېدى.

روسۇللىلا بىلەتتىكى، ئاياللاردىكى بۇنداق كۈنداشلىق ھەفىسەنى بۇ ئىشنى سىرتقا يېيىۋېتىشكە ئۈندەيتتى، بۇ چوقۇم ئۇنىڭ باشقا خوتۇنلىرىدا ئۇنىڭغا ۋە مارىيەگە بولغان نەپرەتنى قوزغايتتى. روسۇللىلا ھەفىسەنىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ، ئۇنىڭدىن بۇ مەخپىيەتلىكنى ساقلاشنى ئۈمىد قىلدى. ئىككىيلەن ئاخىر بىر كېلىشىم ھاسىل قىلدى: ھەفىسە كۆرگەنلىرىنى باشقىلارغا ئېيتىمىسىلا، روسۇللىلا بۇنىڭدىن كېيىن مارىيەگە يېقىنلاشمايدىغان بولدى. ھەفىسە كېلىشىمگە ئەمەل قىلىشقا ماقۇل بولدى.

لېكىن، ئاياللارنىڭ تەبىئىتىنى ئۆزگەرتمەك تەس. ئۇلارنىڭ كۈنداشلىقى تۇتۇپ كەتكەن ھامان كۆزىگە ھېچنېمە كۆرۈنمەيدۇ. ھەفىسە بەرگەن ۋە دىسىگە ئەمەل قىلالمىدى. ئۇ بۇ ئىشنى ئائىشىگە ناھايىتى تېزلا ئاشكارىلاپ قويدى. ئارقىدىنلا روسۇللىلانىڭ باشقا خوتۇنلىرىمۇ بىلىپ كەتتى.

شۇنىڭدىن تارتىپ، ئۇلار ھەر كۈنى روسۇللىلانىڭ ئالدىدا يوق يەردىن ئىش تېپىپ، چېدەل - ماجىرا چىقىرىپ، ئوغلۇم ساڭا ئېيتتى، كېلىنىم سەن ئاڭلا، دېگەندەك ئىشلارنى قىلىدىغان بولدى. روسۇللىلا بۇنىڭغا زادىلا چىدىيالمىدى. ئۇ بۇنداق ئەھۋالنىڭ داۋاملىشىۋېرىشىگە يول قويالمايتتى، شۇڭا ئۇ ئۇلارنى

مەڭگۈ ئېسىدىن چىقمىغۇدەك ئەدەپلەپ قويۇش قارارىغا كەلدى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ ماجىراسىدىن خالىي بولۇش ۋە ئۇلارنىڭ كۈنلەيدىغان خۇيىنى يېسىقتۇرۇش ئۈچۈن بارلىق خوتۇنلىرى بىلەن بىر ئايغىچە ئايرىلىپ تۇرۇشنى بەلگىلىدى.

ئۈ ئۈستى خورما دەرىخىنىڭ شېخى بىلەن يېپىلغان، كارىۋاتسىز، پەقەتلا بىر پارچە يورا سېلىقلىق بىر كىچىك قازناق ئۆيدە تۇردى. بىر خىزمەتكارنى ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ، ھېچكىمنى كىرگۈزمەسلىككە تەيىنلىدى. رەسۇلۇللاھ مۇشۇ خاس، جىمجىت شارائىتىنىڭ ئاللاھقا سېغىناتتى. ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرى ئۈستىدە باش قاتۇراتتى.

مۇسۇلمانلار رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆزىنى پىنھان تۇتقانلىقىنى ئاڭلاپ بەكمۇ دىققەت بۆلۈشتى. ئائىشە رەسۇلۇللاھنىڭ سىرىنى ئاشكارىلاپ قويغاچقا، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ خېتىنى يېرىپتۇ. رەسۇلۇللاھ ھەتتا ھەممە خوتۇنىنىڭ خېتىنى يېرىپتۇ. دەيدىغان ئىغۋالار ناھايىتى تېزلا تارقىدى.

مۇسۇلمانلارنىڭ كۆڭلى دەككە - دۈككە بولۇپ، قاتتىق بىئارامچىلىققا قالدى.

ئۆمەر رەسۇلۇللاھنى دەرھال تاپماقچى بولۇپ، رەسۇلۇللاھ تۇرغان قازناقنىڭ ئالدىغا كەلدى، خىزمەتكاردىن رەسۇلۇللاھ بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغانلىقىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى تەلەپ قىلدى. خىزمەتكار ئۆيدىن چىقىپ لام - جىم دېمەيلا ئىشىك تۈۋىدە ئۆرە تۇردى. ئۆمەر بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، رەسۇلۇللاھنىڭ قوشۇلمىغانلىقىنى بىلدى - دە، ئىشىك تۈۋىدە قاتتىق ئاۋاز بىلەن توۋلاپ، رەسۇلۇللاھدىن ئۆزىنى كىرىشكە رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئاخىر ماقۇل بولدى. ئۆمەر كىرگەندىن كېيىن، ئۆي ئىچىگە بىر قۇر سەپسېلىپ، ئۆي ئىچىدە ھېچنىمە يوقلۇقىنى كۆرۈپ، ئۆزىنى بېسىۋالالماي ھۆڭرەپ يىغلاپ بىلدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭدىن:

— نېمىگە يىغلايسەن؟ — دەپ سورىۋىدى. ئۇ:

— سەن بىزدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، مۇسۇلمانلار دەككە — دۈككە ئىچىدە قالدى، — دېدى. رەسۇلۇللاھ مۇلايىملىق بىلەن ئۇنىڭغا تەسەللى بەردى.

ئۆمەر يەنە:

— ئى رەسۇلۇللاھ، سەن نېمە ئۈچۈن خوتۇن خەقلەرنىڭ ئىشلىرى ئۈستىدە بۇنچە پەرىشان بولمىسەن؟ ئەگەر سەن ئۇلارنى تالاق قىلىۋېتىدىغان بولساڭ، ئاللا سېنى قوللايدۇ، ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرى ۋە بارلىق مۆمىنلەرنىڭ ھەممىسى سېنى قوللايدۇ، دېدى، ئارقىدىنلا بەزى ئويلىرىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ سۆزلىرى رەسۇلۇللاھنىڭ كۆڭلىنى سەل ئاچتى. ئۇ يەنە رەسۇلۇللاھدىن خوتۇنلىرىنىڭ ئىشلىرى ئۈستىدە پاتراق بىر قارارغا كېلىشنى، ئۆزىنى پىنھان تۇتماسلىقنى ئۈمىد قىلدى.

رەسۇلۇللاھ ئۆمەرگە ئۆزىنىڭ ھېچقايسى خوتۇنىنى تالاق قىلىۋەتمىگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۆمەر بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ دەرھال مەسچىتكە كەلدى — دە، مۇسۇلمانلارغا قاراپ:

— رەسۇلۇللاھ خوتۇنلىرىنى تالاق قىلماپتۇ! — دەپ توۋلىدى. كىشىلەر بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ خاتىرجەم بولدى ۋە بىر — بىرىنى تەبرىكلىشىپ، ئاللاھقا ھەمدۇسانالار ئېيتتى.

رەسۇلۇللاھ خوتۇنلىرىنىڭ توۋىسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئاللا ئۇنىڭغا مۇنۇ بېشارەتتى بەردى:

«ئى پەيغەمبەر، ئاللا ساڭا ھالال قىلغان نەرسىنى سەن نېمىشقا ئۆزۈڭچە ھارام قىلمىسەن؟ سەن خوتۇنلىرىڭنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ ئۇلارغا خۇشامەت قىلامىسەن؟ ئاللا ئەڭ ئەپۇچان، ئەڭ كۆيۈملۈكتۈر. ئاللا سىلەرگە كاپالەت بېرىش تۈزۈمىنى بەلگىلەپ بەردى، ئاللا سىلەرنىڭ قوغدىغۇچىڭلاردۇر. ئۇ ھەممىنى بىلگۈچى ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى. روسۇل بىر ئېغىز گەپنى ئۆز خوتۇنىغا خۇپىياندا ھالدا ئېيتىپ قويدى، ھەفسە بۇ گەپنى دەرھال باشقىلارغا تارقاتتى. ئاللا پەيغەمبەرگە ئۇنىڭ مەخپىيىتىنىڭ

ئاشكارىلىنىپ قالغانلىقىنى ئۇقتۇردى. پەيغەمبەر شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، بەزى گەپلەرنى خوتۇنىغا دېدى، بەزى گەپلەرنى بولسا خوتۇنىدىن مەخپىي تۇتتى. پەيغەمبەر بىر قېتىم خوتۇنى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۆز مەخپىيىتىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قالغانلىقىنى تىلغا ئالغاندا، خوتۇنى: بۇ ئىشنى ساڭا كىم ئېيتتى؟ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر: ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى ۋە ھەممىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچى رەببىم ئېيتتى، دېدى، سىلەر ئىككىڭلار (ئىككى خوتۇننى دېمەكچى) ئاللاھقا توۋا - ئىستىغار ئېيتىڭلار (ئۇنداق قىلىش تېگىشلىك)، چۈنكى سىلەر ئىككىڭلارنىڭ كۆڭلى ھەقىقەتەن سەل سىڭايان كەتتى. سىلەر ئىككىڭلار ئۇنىڭغا (رەسۇلۇللاھنى دېمەكچى) تاقابىل تۇرماقچى بولدۇڭلار، ئۇنداق بولسا، ئاللا ئۇنىڭ قوغدىغۇچىسى، جىبرئىل ۋە بەختىيار مۆمىنلەرمۇ ئۇنىڭ قوغدىغۇچىسى، بۇنىڭدىن باشقا، مالائىكىلەر ئۇنىڭ ياردەمچىسى. ئۇ سىلەرنى تالاق قىلىپ قويۇۋەتسە، ئۇنىڭ رەببى ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا ئۆتىدىغان خوتۇنلارنى ئاتا قىلىدۇ، بۇ خوتۇنلار رەببىگە مايىل، مۆمىن، ئىتائەتچان، توۋا - ئىستىغار ئېيتىپ تۇرىدىغان، رەببىگە سېغىنىدىغان، روزا تۇتۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغان، قايتا ياراشقان ۋە يېڭىدىن توي قىلغاندەك ئاشۇنداق لەززەت يېرىدىغان خوتۇنلار بولىدۇ.»

يۇقىرىغا قايتىش

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاش ئۇسۇلى

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاڭ
1
Safari دىكى ھەمبەھىرلەش تۈگۈچىسىنى (Share) بېسىڭ.
2
«باش ئېكرانغا قوشۇش» (Add to Home Screen) نى تاللاڭ.
3
ئوڭ ئۈستىدىكى «قوشۇش» (Add) نى بېسىڭ.