يامان ئادەمنىڭ يەتكۈزگەن خەۋىرى
روسۇلماللا ئىلگىرى بەنى مۇستەلەق قەبىلىسىگە ھۇجۇم قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ بەزى ئادەملىرىنى ئۆلتۈرگەنىدى. كېيىن بەنى مۇستەلەق قەبىلىسىدىكى كىشىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھەممىسى مۇسۇلمان بولغانىدى. بۇ قېتىم روسۇلماللا مەدىنە شەھىرىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، دەرھال ۋەلىد ئىبىن ئوقبەنى بەنى مۇستەلەق قەبىلىسىدىكى بايلاردىن زاكات ئېلىپ، ئۇنى كەمبەغەللەرگە سەدىقە قىلىپ بېرىشكە ئەۋەتتى. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەلىدنى ئەۋەتكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئەتراپلىق تەييارلىق قىلىپ، ۋەلىدنى تەتتەنلىك كۈتۈۋالماقچى بولدى. ۋەلىدنىڭ بەنى مۇستەلەق قەبىلىسىدىكىلەر بىلەن كونا ئاداۋىتى بار ئىدى. ئۇ بەنى مۇستەلەق قەبىلىسىنىڭ يېرىگە يېقىن كەلگەندە كىشىلەرنىڭ رەتلىك تۈرۈپ ئۇنى كۈتۈپ تۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلىدە: «ئۇلار مېنى قىلتاققا چۈشۈرۈپ، كونا ئۆچىنى ئالىدىغان ئوخشايدۇ» دەپ ئويلىدى - دە، دەرھال ئېتىنىڭ بېشىنى كەينىگە يۈراپ، مەدىنە شەھىرىگە قايتتى. ئۇ مەدىنىگە بېرىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا:
— بەنى مۇستەلەق قەبىلىسىدىكىلەر ئىسلام دىنىغا ئاسىيلىق قىلىپ، زاكات تاپشۇرۇشنى رەت قىلدى ۋە سېنى ھاقارەتلىدى، ئۇلار جىنايەت ھاڭمغا چۈشۈپ كەتتى، — دەپ مەلۇم قىلدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ گەپنى ئاڭلاپ غەزەپلەندى، شۇ مەيداندىكى مۇسۇلمانلارمۇ غەزىپىنى باسالماي قېلىشتى. ئۇلار دەرھال بېرىپ بەنى مۇستەلەق قەبىلىسىدىكىلەرنى جازالىماقچى
بەنى مۇستەلەق قەبىلىسىدىكىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ
قوشۇن باشلاپ بېرىپ جازالىماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ قاتتىق ۋەھىمىگە چۈشتى. چۈنكى ئۇلار ئىسلام دىنىغا ئاسىيلىق قىلىش ئۈياقتا تۇرسۇن، بەلكى ئىسلام دىنىنىڭ تەقۋادار مۇخلىملىرى ئىدى. ئۇلار بىگۇناھ ئىدى. ئۇلارنى ئەيىبلەشكە ئاساس يوق ئىدى. پاكىتىنى ئېنىقلاش، ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلار بىر قىسىم ئادەملەرنى دەررۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا ئەۋەتتى.
ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:
ئى رەسۇلۇللاھ، بىز سېنىڭ قەبىلىمىزگە ئەلچى ئەۋەتكەنلىكىگىنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇش بولغان، ئۆز سەمىمىيىتىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، پۈتۈن قەبىلىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى سەن ئەۋەتكەن ئەلچىنى قارشى ئېلىشقا سەپەرۋەر قىلغانىدۇق. كىم بىلسۇن، ئۇ ئەلچى بىز بىلەن كۆرۈشمەستىنلا ئالمان - تالمان كەينىگە يېنىپ، مەدىنە شەھىرىگە قايتتى. ئاڭلىماق ئۇ بىزنىڭ ئۇنىڭ ئالدىغا چىققانلىقىمىزنى «مېنى تۇتۇش ۋە ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن بولدى» دەپتۇ. ئۇ يەنە بىزنى ئىسلام دىنىغا ئاسىيلىق قىلدى، زاكات تاپشۇرۇشنى رەت قىلدى. دەپتۇ. ئاللا گۇۋاھكى، بىز ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلغاندىن باشلاپ، ئاللاھقا سادىق بولۇپ كېلىۋاتىمىز، بىز ئىسلام دىنىغا باشقىچە نىيەتتە بولمىدۇق.
ۋەلىد مەلۇم قىلغان ئەھۋال راستمۇ ياكى بۇلارنىڭ گېپى راستمۇ؟ رەسۇلۇللاھ ھۆكۈم قىلالماي ئىككىلىنىپ تۇرغاندا، ئاللا مۇنۇلارنى بېشارەت قىلدى:
«ئى مۇمىنلەر، ئەگەر بىرەر يامان ئادەم خەۋەر يەتكۈزسە، نادانلىق قىلىپ باشقىلارنى رەنجىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئاۋۋال ئېنىقلاپ بېقىڭلار. ئۇنداق قىلمىساڭلار، قىلمىشىڭلارغا پۇشايمان قىلىپ قالىسىلەر. ئاراڭلاردا ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بار، مۇبادا ئۇ بىرمۇنچە ئىشلاردا سىلەرگە ئىتائەت قىلىپ قالسا، ئۆزۈڭلار
مۇشەققەتتە قالسىلەر. ئاللا سىلەرگە ئىمان ئانا قىلدى. ئۇنى دىلىڭلارغا ئورناتتى. رەسۇلۇللاھ سىلەرگە كۈفرىنىڭ، گۈناھنىڭ ۋە بەنقىلىقنىڭ قەبىھ ئىكەنلىكىنى تونۇتتى. ئۇ ئادەملەر توغرا يولدا ماڭغانلاردۇر. »
ئەھۋال ئايدىڭلاشتى. ۋەلىدنىڭ يەتكۈزگەن خەۋىرى يالغان چىقتى. ئۇ يامان ئادەم، ئاللا ئۇنى چوقۇم جازالايدۇ.
