يەئقۇب ئەلەيھىسسالام
1
يەئقۇب ئەلەيھىسسالام تېنى ئاجىزلاپ، يېلى يادەك ئېگىلىپ، دۈمچەك بولۇپ قالغان دادىسى ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىپ دېدى:
— دادا، مەن سىزگە ئىنىم ئىسۇنىڭ مېنى قانداق بوزەك ئەتكەنلىكى ئۈستىدە شىكايەت قىلماقچىمەن. مەن سىزدىن ئۇنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىماسلىقىمغا ياردەم بېرىشىڭىزنى سورايمەن. ئۇ سىزنىڭ ماڭا كۆڭۈل بۆلۈپ كۆيۈنگەنلىكىڭىزنى، ماڭا بەخت تىلەپ دۇئا قىلغانلىقىڭىزنى، نۇرغۇن پەرزەنت كۆرىدىغانلىقىم ۋە باياشات ياشايدىغانلىقىم ئۈستىدە ھۆكۈم قىلغانلىقىڭىزنى بىلگەندىن بېرى، ماڭا ھەسەت قىلىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇ دائىم مېنى قوپال، بىرىك گەپلەر بىلەن قورقۇتۇپ بوزەك قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ھازىر ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىناقلىقتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئۇ كەتتاندىن ئالغان ئىككى خوتۇنىدىن نۇرغۇن پەرزەنت كۆرىدىغانلىقى ۋە بۇ پەرزەنتلىرى چوڭ بولغاندىن كېيىن مېنى ئۆلتۈرىدىغانلىقى ئۈستىدە داۋراڭ سالدى. دادا، مېنىڭ شىكايىتىم تۈگىدى، ئادىل بىر تەرەپ قىلىشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن. ئاللا سىزگە ئاقىلانە ھۆكۈم چوڭقۇر پىكىر قىلىشنى ئاتا قىلغان. قېنى، دادا، ئۆزىڭىز خاس بىرىنچە دەپ قويارسىز.
— ئىسھاق ئەلەيھىسسالام ئىككى ئوغلىنىڭ چىقشالمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بەكمۇ قايغۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: — بالام، خۇددى ئۆزۈڭ كۆرۈپ تۇرغاندەك، چاچلىرىم توچتەك ئاقاردى، يۈزۈمنى قورۇق باستى، پۈت - قوللىرىمنىڭ
مادارى كەتتى. بۇ دۇنيادا ئۇزۇن تۈرالمايمەن. مەن ئۆلگەندىن كېيىن، بەلكىم سېنىڭ ئامانلىقىڭنى قوغداشقا ئادەم چىقماسلىقى مۇمكىن. شۇ چاغدا، ئىنىڭ ساڭا تېخىمۇ ئاشكارا ھالدا دۈشمەنلىك قىلىدۇ. ئۇ سەندىن كۈچلۈك، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىمۇ سەندىن كۆپ. سەن ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەيمەن. مېنىڭچە، سەن ئەڭ ياخشى ئىراقنىڭ پىدەن ئىرەم دېگەن يېرىگە بېرىپ، تاغاڭ لىبان ئىبنى بېتۇنلى تېپىپ، ئۇنىڭ قىزى بىلەن توي قىلغىن. سەن ئۈ يەردە ئىززەت - ھۆرمەت، شان - شەرەپ ۋە كۈچ - قۇۋۋەت تاپسەن. توي قىلىپ بولغاندىن كېيىن، سەن يەنە بۇ يەرگە قايتىپ كەل. مەن سېنىڭ تۈرمۈشۈڭنىڭ ئىنىڭدىنمۇ بەخت - سائادەتلىك بولۇشىنى، بالىلىرىڭنىڭ ئۇنىڭ بالىلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ ياراملىق بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. سەندىن ئاللا ئۆزى خەۋەر ئالغاي ۋە ساڭا يار بولغاي.
(2-بۆلۈم)
بۆلۈم: “(2-بۆلۈم)”يەئقۇب ئەلەيھىسسالام دادىسىنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، گويا ئۇزۇندىن بېرى چاڭقىغان كىشى بىردىنلا ئۈسسۈزلۈققا قانغاندەك ئىنتايىن ھۇزۇرلاندى. ئۇ تاغىسىنى ئىزدەپ تېپىش قارارىغا كەلدى. ئاتا - ئانىسى ئوغلىغا بەخت تىلەپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن، يەئقۇب ئەلەيھىسسالام ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ سەپەرگە ئاتلاندى. ئۇ تاغ - داۋانلارنى ئاشتى، دەريا ئېقىنلارنى كەچتى، خېيىمخەتەرلەردىن ئۆتتى، دادىسىنىڭ تاپىلىغان گەپلىرىنى ئېسىدە مەھكەم تۇتتى. ئۇ ئاللاھنىڭ ئۆز پاناھىدا ساقلىشى بىلەن سەپەردە ساق - سالامەت بولدى.
ئۇ يول ئۈستىدە قاتتىق چارچىغان بولسىمۇ، لېكىن كۆڭلىگە يۈككەن ئۈمىد بىلەن گۈزەل ئىستىقبالىنى ئويلىغىنىدا بىردىنلا يەڭگىلىشىپ، يول ئازابى بىلەن ھارغىنلىقىنى پۈتۈنلەي ئۈتتۈپتى.
بىر كۈنى چۆلدىن ئىسسىق شامال كۆتۈرۈلدى، قۇياش چۆلنى ئوتتەك قىزىتىۋەتتى. يەتقۇب ئەلەيھىسسالام شامالدا كۆتۈرۈلگەن قۇم - توپا دەستىدىن ئالغا ئىلگىرىلىيەلمىدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا يايانسىز قۇملۇق، ئادەم ئايىغى تەگمىگەن چۆل - جەزىرە تۇراتتى. ئۇ بىردىنلا ئىككىلەندى ۋە پۈتۈن ئەزايى تېلىپ ئاغرىپ، قاتتىق چارچىدى - دە، ئىختىيارسىز توختاپ قالدى. ئۇ ئويلايتتى: داۋاملىق ئىلگىرىلەيمۇ ياكى ئارقامغا يانايمۇ؟ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ئۆزۈم كۈتكەن كۈچ - قۇۋۋەت ۋە ئىززەت - ھۆرمەتنى قولغا كەلتۈرەيمۇ ياكى قىيىنچىلىقتىن، ھېرش - چارچاشتىن قورقۇپ، سەپەردىن باش تارتايمۇ؟
ئۇ ئەنە شۇنداق ئىككىلىنىپ ئارسالدى بولۇۋاتقان چاغدا، دەرەخ شاخلىرىنىڭ سايىسى ئاستىدىكى بىر پارچە قورام تاشقا كۆزى چۈشتى. ئۇ تاشنىڭ قېشىغا بېرىپ ھاردۇق ئالماقچى بولدى. ئۇ تاشقا يۆلىنىپلا ئۇيقۇغا كەتتى، شېرىن چۈش كۆردى. چۈشىدە ئۈمىد قۇشى ئۇنىڭغا قاراپ تەلپۈنۈۋاتاتتى؛ ئاللا ئۇنىڭغا بەختلىك تۇرمۇش، ناھايىتى كۆپ مال - مۈلۈك ۋە ياراملىق پەرزەنتلەرنى ئاتا قىلغانىدى.
ئۇ ئويغىنىپ كېتىپ چۈشىدىن ھۇزۇرلاندى، كاللىسىمۇ ئالاھىدە سەگەكلەشتى، يېقىن كەلگۈسىدىكى ئۈمىدنى كۆرگەندەك بولدى - دە، ئاخىر ئىككىلىنىشتىن قۇتۇلدى. ئۇنىڭ چۈشىدە كۆرگەنلىرى دادىسىنىڭ ھۆكمىنى يەنىمۇ ئىسپاتلىدى. شۇڭا ئۇ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن سەپىرىنى داۋاملاشتۇردى، قەدىمىمۇ يارغانىيرى تېزلىشىپ كەتتى.
(3-بۆلۈم)
بۆلۈم: “(3-بۆلۈم)”يەتقۇب ئەلەيھىسسالام سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇپ كېتىۋاتاتتى. بىردىنلا ئۇنىڭغا ئالدى تەرەپتە قارا كۆلەڭگە كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ئۆزگۈرۈنگەن بۇ قارا كۆلەڭگە تاغام تۇرۇشلۇق يەر بولسا كېرەك.
دەپ ئويلاپ، شۇئان روھلاندى - دە، ئىشەنچسى تېخىمۇ ئېشىپ، پۇتى يەرگە تەگمەي دېگۈدەك تېز ماڭدى، كۆڭلىدىكى غەشلىكمۇ كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. ئۇ پادىلارنى، ئۇچار قۇشلارنى، دەل - دەرەخلەرنى كۆردى، ياڭراق ناخشا ئېيتىۋاتقان چوپانلارنى، شاۋقۇن - سۈرەن كۆتۈرۈپ ئويۇن - كۈلكە بىلەن بولۇۋاتقان بالىلارنى كۆردى. بۇ ھال ئۇنىڭ چۆلدىن چىقىپ، ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنىڭ يۇرتى ئۆزىنىڭ تەلپۈنگەن يېرىگە كېلىپ قالغانلىقىنى ئۇقتۇراتتى. ئۇ دەل مۇشۇ مەقسەت ئۈچۈن يىراق يول يۈرۈپ، مىڭ بىر جاپا - مۇشەققەت چەككەندى. ئۇ ئاللاھنىڭ يول كۆرسىتىپ ئۆزىنى شۇ مەنزىلگە ئامان - ئېدىن يەتكۈزگەنلىكىگە شۈكۈر ئېيتتى.
(4-بۆلۈم)
بۆلۈم: “(4-بۆلۈم)”يەئقۇب ئەلەيھىسسالام ناتونۇش ئادەملەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئەدەپ بىلەن ئۇلاردىن:
— پەيغەمبەر ئىسھاقنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئېرى لىباننى كىم بىلىسۇن! — دەپ جاۋاب بېرىشتى كىشىلەر، — ئۇ ئابرۇيلۇق، نام - شۆھرىتى ھەممىگە مەلۇم زات. ئۇ ئاشۇ كۆرۈنگەن پادىلارنىڭ ئىگىسى.
ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى قايسىڭلار ئېيتىپ بېرەلەيسىلەر؟ — دەپ سورىدى يەئقۇب ئەلەيھىسسالام.
قاراڭ، ئەنە، ئۇنىڭ قىزى راھىلە پادىلارنى ھەيدەپ كېلىۋاتمامدۇ!؟ دەپ جاۋاب بېرىشتى كىشىلەر.
دەرۋەقە، تەقى - تۇرقى بەكمۇ قاملاشقان، گۈزەل بىر قىز كېمىلىسى ئاتاش. ئۇنى كۆرۈپ يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ يۈرىكى قاتتىق سوقۇپ كەتتى، تىلىمۇ گەپكە كەلمەي قالدى. ئۇ ئۆزىنى
تەلىكتە سەل يېسۋالدى، ئاندىن غەيرەتكە كېلىپ قىزنىڭ ئالدىغا بەردى ھەم قىزغا مۇنداق دېدى:
— مەن سىزنىڭ تۇغقىنىڭىز بولمىدى. بىزنىڭ ئاتا - بوۋىمىز بىر. مېنىڭ ئىسمىم يەئقۇب، ئىسھاق ئەلەيھىسسالام ۋە ھامما تاجىڭىز رىققەنىڭ ئوغلىمدىن. مەن بۇ يەرگە مۇھىم بىر ئىش ئۈچۈن كەلدىم. مۇشۇ ئىشنى دەپ ئوتتەك قىزىپ كەتكەن چەكسىز بايان - چۆللەرنى كېزىپ، قانمۇقات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىدىن بۇ يەرنى تاپتىم.
بولدا كېتىۋېتىپ يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ يۈرىكى گويا قەيس ئىچىدە تىنماي سەكرەپ تۇرىدىغان شوخ قۇشقاچتەك، كۈيۈلدەپ سوقاتتى. ۋاھ، يۈرىكىم نېمانچە سوقىدىغاندۇ؟ بۇ ئۆز - ئارمانلىرىمغا يەتكەنلىكىمدىن ياكى چۆلدە چۈشۈمگە كىرگەن ھېلىقى قىزنى كۆرگەنلىكىمدىن بولسا كېرەك… ئۇ ئۆز سىستانىنى كۈچىنىڭ بارىچە يېسۋېلىپ جىم ماڭاتتى. تاغىسى بىلەن كۆرۈشكەندە، تاغىسى ئۇنى باغرىغا قىزغىن باستى ۋە توشالىقىنى يېسۋالالماي كۆزلىرىدىن ئىسسىق ياش ئاققۇزدى.
(5-بۆلۈم)
بۆلۈم: “(5-بۆلۈم)”يەئقۇب ئەلەيھىسسالام دادىسىنىڭ ئۆزىنى بۇ يەرگە نېمە ئۈچۈن ئەۋەتكەنلىكىنى ۋە بىر نەۋرە سىڭلىسى بىلەن توي قىلىشتىكى ئۆزۈمىنى تاغىسىغا بايان قىلدى. يەئقۇب ئەلەيھىسسالام راھىلەنى ئۆرۈپلا ئۇنىڭغا ئاشىق بولغان، ئۇنى ئۆز ئەمرىگە ئېلىشقا تەشنا چاغاتدى. بۇ ئۇرۇق - تۇغقانچىلىقنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدىغان ياخشى ئىش ئىدى. تاغىسى ئۇنىڭغا دېدى:
بىۋاسىتە ۋە مەن سېنىڭ ئارزۇ - ئىستەكلىرىڭنى تەندۇرىمەن. تەلىپىگە ماقۇل بولمىدى، غايەڭنىڭ ئەمەلگە
ئېشىشىغا ياردەم بېرىمەن. لېكىن، سەن مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا يەتتە يىل تۇرۇپ، پادىلىرىمنى باقىسەن، بۇ توپلۇق ھەققى بولىدۇ، بۇ جەرياندا خەيرخاھلىققا ۋە قەدىر - قىممەتكە ئېرىشىسەن. يەئقۇب ئەلەيھىسسالام بۇ شەرتنى قوبۇل قىلىپ پادا بېقىشقا باشلىدى. ئۇ ناھايىتى بەختلىك ياشىدى، كەلگۈسىگە قاتتىق ئىشەنچ ۋە ئۈمىد باغلىدى.
(6-بۆلۈم)
بۆلۈم: “(6-بۆلۈم)”راھىلە لىبانىڭ كىچىك قىزى بولۇپ، ئۇنىڭ يەنە لىبا ئىسىملىك ئاچىسى بار ئىدى. لىبانىڭ چىرايلىقلىقى راھىلەگە يەتمەيتتى. ئۇ راھىلەدىن بىرنەچچە ياش چوڭ ئىدى، شۇڭا بوۋاي راھىلەنى لىبادىن بۇرۇن ياتلىق قىلىشقا ئۇنىمايتتى. قوۋم قائىدىسىدىمۇ بۇنىڭغا رۇخسەت قىلمايتتى. بىراق، يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ راھىلە بىلەن توي قىلىش تەلىپىنى بوۋاينىڭمۇ رەت قىلغۇسى كەلمەيتتى. شۇڭا، بوۋاي يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ قولىدىن ئىش كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپ، كۆڭلىدە ئاچا - سىڭىل ئىككى قىزىنى بىراقلا يەئقۇب ئەلەيھىسسالامغا بەرمەكچى بولدى. قوۋم قائىدىسىدىمۇ بۇنداق قىلىشقا رۇخسەت قىلىناتتى. بوۋاي بېكىتكەن يەتتە يىل ۋاقىت توشتى. يەئقۇب ئەلەيھىسسالام ئەمدى توي قىلىدىغان ۋە سۆيۈملۈك كىشىسى بىلەن جەم بولىدىغان بولدى. ئۇ تاغىسىغا بۇ تەلىپىنى ئېيتتى، تاغىسى مۇنداق دېدى:
— بالام يەئقۇب، راھىلەنى ئاچىسىدىن بۇرۇن ياتلىق قىلىشقا دادا بولغۇچى مەنمۇ قوشۇلمايمەن، قوۋم قائىدىسىدىمۇ رۇخسەت قىلىنمايدۇ، لىبا راھىلەدەك چىرايلىق بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قەلبى گۈزەل، ئەگەر سەن قوشۇلساڭ، مەن ئۇنىمۇ ساڭا جۈپلەپ قوياي. سەن مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا يەنە يەتتە يىل تۇرغىن، بۇ راھىلە بىلەن بولىدىغان توپۇڭنىڭ توپلۇقى بولسۇن.
يەنى قۇب ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىدى. ئۇ تاغىسىنىڭ ئۆيىگە كەلگەندىن كېيىن قىزغىن كۈتۈۋېلىندى ۋە چەكسىز غەمخورلۇققا ئېرىشتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تاغىسى ئۇنىڭ ئارزۇسىغا قوشۇلغاچقا. ئۇنىڭ كۆڭلى تاغىسىنىڭ ياخشى نىيىتىنى رەت قىلىشقا قىيىمدى. ئۇ تاغىسىنى نائۇمىد قويماسلىق ئۈچۈن ئۇنىڭ تەلىمىگە قوشۇلۇپ، ئاۋۋال لىيا بىلەن، يەتتە يىل ئۆتكەندىن كېيىن راھىلە بىلەن توي قىلدى.
بوۋاي لىيان ئىككى قىزىغا بىردىن ئىككى دېدەكنى تۇتتى. ئاچا - سىڭىل ئىككى قىز ئېرى يەنى قۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ ئىككى دېدەكنى ئۇنىڭ ئەمرىگە تۇتۇپ بەردى. يەنى قۇب ئەلەيھىسسالام بۇ تۆت خوتۇنىدىن جەمئىي ئون ئىككى ئوغۇل كۆردى.
