تەركىبكە ئۆتۈش

خەتكۈشلەر (ساقلانغان بەتلەر)

ھازىرقى بەت:...

تېخى ھېچقانداق بەت خەتكۈشكە قوشۇلمىدى

تۆۋەندىكى كۇنۇپكىنى ياكى بەتلەردىكى خەتكۈش بەلگىسىنى چېكىپ بۇ يەرگە ساقلىۋالالايسىز.

تەڭشەكلەر

يېزىق
يورۇقلۇق ھالىتى
بەت ئۇسلۇبى
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى
ئەرەبچە خەت نۇسخىسى
خەت چوڭلۇقى

مەدىنىگە ھىجرەت قىلىش

— بىز ئۇرۇش سىنىقىغا دۇچ كەلمەكتىمىز، — دېدى ئەۋس، — تاغام خەزرە جىنىڭ بالىلىرى يەھۇدىيلارنى بىزگە ھۇجۇم قىلىشقا قۇترىتىۋاتىدۇ. ئۇلار جىددىي تەييارلىنىپ، بىرنەچچە ئەرەب قەبىلىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، بىزگە تاقابىل تۇرماقچى. ئەۋس بىلەن خەزرە ج يەمەندىكى بىر ئەجدادقا مەنسۇپ ئىككى قەبىلە بولۇپ، ھەر ئىككىلىسى مەدىنىدە تۇرۇشاتتى. ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش ئۈزۈلمەيتتى، جېدەل- ماجىرا ئۆكسۈمەيتتى. بۇ ئاس كۈنى ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ باشلىقلىرى ئۇرۇشتا ئۆلدى، شۇنىڭدىن تارتىپ ئىككى قەبىلىنىڭ ئۇرۇشى ئاياغلاشتى. كېيىن، خەزرە ج بىلەن يەھۇدىيلار ئىتتىپاق تۈزدى، ئەۋس بولسا ئەرەبلەر بىلەن بىرلىشىشنى كۈتتى.

بىر قىسىم ئەۋسلەر، مەسىلەن، ئەبۇلھەيسەر، ئىياس ئىبن مۇئاز قاتارلىقلار قۇرەيشلەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭ تاغىسى خەزرە جىنىڭ بالىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن مەككىگە قېچىپ كېلىشتى. شۇ چاغدا، رەسۇلۇللاھ بۇ ئىككى قەبىلە ئادەملىرىنى تونۇمايتتى. شۇڭا ئۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھنىڭ ئەمرىنىلا تەشۋىق قىلدى. لېكىن ئۇلار ھىيلە ئىشلىتىدۇ ۋە زىيانكەشلىك قىلىدۇ. دېگەننى خىيالىغا كەلتۈرمىدى، ئۆزىگە ئۆكتە قويۇش ھەققىدىكى سۆز - ھەرىكەتلەر ئۈستىدىمۇ كۆپ ئويلانمىدى. ئۇ پەقەت ئاللا ئۈچۈن، ئىنسانلارغا بەخت ئاتا قىلىش ئۈچۈنلا تەشۋىق قىلاتتى.

رەسۇلۇللاھ بۇ ئادەملەرنىڭ مەككىگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ،

ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بېرىپ، ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتى، ئۇلاردىن:

— بۇ گېپىڭنىڭ مەنىسى نېمە؟ — دېدى ئۇلار.

— مەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، ئاللا مېنى بەندىلەرنى مۇشرىكلىكنى تاشلاپ، ئاللاھقا ئېتىقاد قىلىشقا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتتى، بۇ ھەقتە ئاللا ماڭا ۋەھىي قىلدى، — دېدى. رەسۇلۇللاھ، ئاندىن ئۇلارغا «قۇرئان»نى ئوقۇپ بەردى، ئىسلام دىنى ھەققىدىمۇ سۆزلىدى. شۇ چاغدا ئىياس تېخى ياش ئىدى، ئۇ:

— بۇ بىزنىڭ بۇ يەرگە كېلىشتىكى مەقسىتىمىزدىنمۇ كۆپ ياخشىكەن، — دېۋىدى، ئەبۇلھەيسەر ئىياسنىڭ كاچىتىغا بىر تەستەك سېلىپ:

— يوقال كۆزۈمدىن، بۇ بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئەمەس، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىياس لام — جىم دېمىدى. رەسۇلۇللاھ ئورنىدىن دەس تۇردى، كۆپچىلىكمۇ بۇ يەردىن كېتىشتى. شۇ يىلى مەككىگە خەزرەچ قەبىلىسىدىن بىر تۈركۈم ئادەم كەلدى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى قوبۇل قىلدى ھەمدە ئۇلاردىن:

— بولمىدۇ، — دېيىشتى ھەممىسى تەڭلا. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار جىم ئولتۇرۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆزلىرىنى ئاللاھقا ئېتىقاد قىلىشقا

دەۋەت قىلغانلىقىنى ئاڭلىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا ئىسلام دىنىنى سۆزلىدى، يەنە «قۇرئان» دىن قىرائەتمۇ قىلىپ بەردى.

ئۇلار بىر - بىرىگە پىچىرلىشىپ: «يا ھەزرەت! ئەسلىدە يەھۇدىيلار بىزنى يېقىنلاشماڭلار، دەپ قورقۇتقان پەيغەمبەر مۇشۇ ئىكەن - دە!» دېيىشتى، ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئۇنىڭ تەشۋىقاتىغا ئىشەندى ۋە ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى. ئۇلار رەسۇلۇللاھغا مۇنداق دېيىشتى:

— بىز قوۋم - قېرىنداشلىرىمىزدىن ئايرىلدۇق، ئۇلار تېخىچە بىر - بىرىنى دۈشمەن كۆرمەكتە. ئاللا ئۇلارنى سەن ئارقىلىق ئىتتىپاقلاشتۇرسا ئەجەپ ئەمەس. بىز ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلاردىن سېنىڭ ئىشلىرىڭغا ئىشىنىشنى تەلەپ قىلىمىز، ئۇلارغا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلىقىمىزنى ئېيتىمىز. مۇبادا ئاللا ئۇلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرالسا، سەندىنمۇ ئۇلۇغ زات بولمىغان بولىدۇ.

ئۇلار ھايال بولماي مەدىنىگە قايتىپ بېرىپ، ئۆز قوۋمىدىكىلەرنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلدى. كىشلەر بۇ دىننى چىن قەلبىدىن قوبۇل قىلدى. ئۇلارنىڭ گۇمراھ دىللىرىغا يېڭىدىن جان كىردى. ئىسلام دىنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تارقىلىۋىدى، بارلىق مۇمىنلەرنىڭ ئائىلىسىدىن ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ھەمدۇسانا ئوقۇغان ئاۋاز جاراڭلىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلىقىغا خۇشال بولدى، ئۇنىڭغا زېمىن تېخىمۇ كەڭ، ئۈمىد تېخىمۇ چوڭ تۇيۇلدى. لېكىن، قۇرەيشلەر ئۇنىڭ پىكرىگە يەنىلا قوشۇلمايتتى. ئۇنىڭ ھەرىكىتىگە قارشى تۇراتتى، ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا ھەممىلا يەردە تاپاتتۇراق قۇرۇپ، زىيانكەشلىك قىلاتتى. رەسۇلۇللاھ ئۆزىنى بارلىق قەبىلىلەرگە بېغىشلىدى. سەقىمۇ ۋە كەندە قەبىلىلىرىدە، بەنى ئامىر ۋە بەنى ھەنىپە قەبىلىلىرىدە ئىسلام دىنىنى توختىماي تەشۋىق قىلدى. ئەمما ئۇلارنىڭ قارشىلىقى قۇرەيش قەبىلىسىنىڭ قارشىلىقىدىن ئانچە

قېلىشمايتتى. بىراق، خەزرەچ قەبىلىسىدىكىلەر بۇنىڭدىن پەرقلىنەتتى. بۇلارنى دىنغا ئىشەندۈرۈش تەسكەرچۈشمەيتتى. قايىل قىلىشقىمۇ كۆپ كۈچ كەتمەيتتى. ئۇلار سەمىمىي، ئىشەنچلىك ئىدى. كىم بىلسۇن، ئۇلار بەلكىم رەسۇلۇللاھنماڭ ياردەمچىسى، قوللىغۇچىسى ۋە سادىق ئۆمەنلىرى بولۇپ قالامدۇ تېخى.

بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى. رەسۇلۇللاھ ھەج قىلىش ۋاقتىنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە ئىدى. بىر كۈنى، بىر قانچە مۇسۇلمان، ئەۋس قەبىلىسىدىن ئىككى كىشى، خەزرەچ قەبىلىسىدىن ئون كىشى كېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا، بىز ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىمىز، دېدى. رەسۇلۇللاھ مۇبارەك قولىنى كۆتۈرۈپ، ئۇلارنى بەيئەت قىلدۇردى. ئۇلار، ئاللاھقا ھەرگىز شېرىك كەلتۈرمەيمىز، زىنا قىلمايمىز، بالىلىرىمىزنى ئۆلتۈرمەيمىز، ئاللانماڭ ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلمايمىز، سادىق بولساق، ۋەدىمىزگە ئەمەل قىلساق جەننەتكە كىرىمىز، مۇبادا يۇقىرىدىكى قەسىمىمىزگە خىلاپلىق قىلساق، ئاللانماڭ جازاسىنى كۈتىمىز، دەپ قەسەم بەردى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ ئۇلاردىن بۇنى قۇرەيشلەردىن مەخپىي تۇتۇشنى تەلەپ قىلدى ھەمدە كېيىنكى يىلى ئۇچرىشىش توغرىسىدا ۋەدىلەشتى. ئۇلارغا دىننى ئۆگىتىش، «قۇرئان» نى ئوقۇپ بېرىش ۋە دىننىڭ ئاساسىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ مۇسئەب ئىبن ئۆمەيرنى ئۇلار بىلەن بىللە بولۇشقا بەلگىلىدى.

ئۇلار مەدىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئاللانماڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا پارلاپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئالامەتلىرى چىرايلىرىدا ئەكس ئەتتى.

بىرنەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھنىڭ چاقىرىقى ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئالاھىدە ئورۇن ئالدى. ئۆچمەنلىك ۋە بەتنىيەتلىك ئۇلارنىڭ قەلبىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىپ، قەلبى سۈزۈك سۈدەك پاكلاشتى. ياندۇرقى يىلى ئون ئەر، ئىككى ئايال بەككىگە كەلدى. ئۇلار خەزرەچ ۋە ئەۋس قەبىلىسىدىكى مۇسۇلمانلار ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ،

ھەج مۇسۇمدە ئۇلار بىلەن ئەقەبە دە ئۇچرىشىشقا ۋەدە قىلدى. ۋەدىلەشكەن ۋاقىت يېتىپ كەلدى. تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى ئۇلار خۇپىيانە ھالدا ئەقەبەگە كەلدى. ئاندىن روسۇللىلامۇ ئابباس ئىبن ئابدۇلمۇتتەلىبنى ئېلىپ يېتىپ كەلدى. شۇ چاغدا، ئابباس يەنىلا ئۆز قوۋمىنىڭ دىنىغا ئېتىقاد قىلىسىمۇ، لېكىن يەنە بىر نەۋرە ئاكىسى روسۇللىلا ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى خالايتتى، چۈنكى ئۇ ئۇنىڭغا ئىشىنەتتى.

ئابباس مۇنداق دېدى:

— ئى خەزرەچلەر، بىزنىڭ مۇھەممەدنى سىلەر بىلەمسىلەر؟ بىزنىڭ ئادەملىرىمىز خاتا چۈشىنىش سەۋەبىدىن ئۇنىڭغا قارشى تۈرغانىدى، ئەلۋەتتە، بۇ ئۆتمۈشتىكى ئىش. ئۇ ھازىر قەبىلىمىزنىڭ ئىپتىخارى، دۆلەتنىڭ تۈۋرۈكى بولۇپ قالدى. ھازىر ئۇ سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا كەلدى، ئەگەر سىلەر ئۇنىڭ مۇسۇلمانلىرى بولىدىغان بولساڭلار، دۇئا قىلىڭلار. — سېنىڭ بۇ گەپلىرىڭنى بىز بۇرۇن ئاڭلاپ بولغان، — دېدى خالايىق، — ئى روسۇللىلا، ئۆزۈڭ دېگىن. سەن ئۈچۈن، رەببىڭ ئۈچۈن بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ روسۇللىلا «قۇرئان» نى جاراڭلىق ئوقۇدى ۋە دۇئا قىلدى، ئاندىن:

— سىلەر مېنى ئۆز ئاياللىرىڭلارنى، بالىلىرىڭلارنى قوغدىغاندەك قوغدىساڭلار، مەن سىلەر بىلەن ئەھدىلىشىمەن، دېدى.

— بولىدۇ، — دېدى بەرا ئىبن مەئرۇر، — بىز سېنى ئۆز ئەۋلادلىرىمىزنى قوغدىغاندەك قوغدايمىز. بىز چەڭچىلەرمىز، ۋەدىمىزگە ۋاپا قىلىمىز. ئى روسۇللىلا، سەن بىز بىلەن ئەھدىلەشكىن!

— ئى خەزرەچلەر، سىلەرگە مەلۇم، ئۇنىڭ سىلەر بىلەن ئەھدىلىشىشتىكى شەرتى نېمە؟ — دېدى ئابباس ئىبن ئۇبادە.

— بۇنى بىلىمىز، — دەپ جاۋاب بېرىشتى كۆپچىلىك. سىلەر ئاق - قارىنى ئايرىمايلا ئۇنىڭ بىلەن ئەھدىلىشىدىغان بولۇۋاتىسىلەر، — دېدى ئابباس، — سىلەر ئادەم ۋە مال - مۈلكۈڭلاردىن ئايرىلىپ بولغاندىلا، ئاندىن ئۇنىڭغا تايانساڭلار بولمايدۇ، بۇنداق قىلساڭلار، ئىككىلى ئالەم ئۈچۈن چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولسىلەر، ئۇنىڭغا بەرگەن ۋەدەڭلەرگە ھازىردىن تارتىپ سادىق بولساڭلار، توغرا قىلغان بولسىلەر. — بىز ئۇنىڭغا تايىنىش ئارقىلىق مۈشكۈلچىلىكتىن قۇتۇلسىمىز، — دەپ جاۋاب بېرىشتى كۆپچىلىك، ئاندىن رەسۇلۇللاھدىن، — ئى رەسۇلۇللاھ، ئەگەر بىز ۋەدىمىزگە سادىق بولساق، قانداق ياخشىلىق كۆرىمىز؟ — دەپ سوراشتى. — جەننەتكە كىرسىلەر، — دەپ جاۋاب بەردى رەسۇلۇللاھ. — يا رەسۇلۇللاھ، قولۇڭنى دۇئاغا كۆتۈرگىن، بىز ساڭا بەيئەت قىلىمىز، — دېيىشتى كۆپچىلىك تەڭلا. ئەبۇلھەيسەر ئۇلارنى توسۇپ: — ئى رەسۇلۇللاھ، بىزنىڭ يەھۇدىيلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ناھايىتى قويۇق، بىز بۇ مۇناسىۋەتنى ئۆزمەكچى بولۇۋاتىمىز، مۇشۇنداق قىلساق، ئۇ چاغدا سەن بىزنى تاشلاپ

رەسۇلۇللاھ كۈلۈمسىرەپ: — بىز ھاياتىمۇ، ماماتىمۇ بىللە بولىمىز، مەڭگۈ بىللە بولىمىز، سىلەر كىمگە قارشى تۇرساڭلار، مەنمۇ شۇنىڭغا قارشى تۇرىمەن، سىلەر كىم بىلەن دوست بولساڭلار، مەنمۇ شۇنى دوست

سايلاپ قېشىمغا كىرگۈزۈڭلار، — دېدى. باشلىقلار كىرگەندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا: ئىمسانىڭ ياردەمچىلىرى ئىساغا كېيىل بولغاندەك،

بەيئەت قىلىش ۋەقەسى مەككىگە تېزلا تارقالدى. قۇرەيشلەر مەدەنىيەت ئىسلام دەرسى پەيدا بولغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ ئەنسىرىدى ۋە غەزەپلەندى. غەزەپ ئوتى ئۇلارنىڭ قەلبىدە لاۋۇلداپ ياناتتى. شۇڭا ئۇلار مۇسۇلمانلارغا جىددىي زىيانكەشلىك قىلىپ، ئۇلارغا جازالاش، كەمسىتىش، مەسخىرە قىلىشقا ئوخشاش ۋاسىتىلەرنى قوللاندى. ئۇلارنىڭ جازالاش ئىشلىرى ئارقا - ئارقىدىن يۈز بەردى. بۇنداق ئەھۋالدا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادى ۋە دەرسى پائالىيىتى بېسىمغا ھەم توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى. ئۇلارنىڭ ھالى خاراب، كۆڭلى غەمكىن ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ بەختىسىزلىكى ۋە كۈلپىتىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ھىجرەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلدى ۋە ئۇلارغا:

  • ئاللا سىلەرگە قېرىنداش ۋە پاناھ جاي تېپىپ بەردى. - دېدى. ئۇلار ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن رازى بولۇپ، ئۆز يۈرت - ماكانلىرى، بالا - چاقىلىرى ۋە يەر - زېمىنلىرىدىن ئايرىلىپ توپ - توپ بولۇپ مەدەنىيەتكە كەلدى. ھىجرەت قىلىش ئۇلار ئۈچۈن قانچىلىك زور بەختىسىزلىك ئىدى - ھە! يول ئۈستىدە ئۇلار چىدىغۇسىز خورلۇقلارغا ئۇچرىدى، تازا كۈلپەت چەكتى. روھىي جەھەتتە ئازابلاندى. يول تىنچ ئەمەس ئىدى. ئۇلار نەگە كەلسە شۇ يەرنى ماكان قىلدى. بەزىدە ئۆيلەردە قوندى، بەزىدە قوبەيس تېغى ئۈستىدە تۈنىدى. ئەڭ ھۆرمەتلىك رەسۇلۇللاھنىمۇ ئۆتكەندە مۇشرىكلار ئارغامچا بىلەن بوغۇپ ياكى تاش بىلەن ئۆرۈپ ئۆلتۈرۈۋەتكىلى تاس قالغان ئەمەسمىدى؟ بەختكە يارىشا ئاللاھنىڭ غەمخورلۇقى ئۇنى ئامان ساقلاپ قالدى.

مەككە گەرچە جازا ۋە ئازاب - كۈلپەتنىڭ ئوچىقى بولۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەردىكى ئەرەبلەر بوزەك ئېتىش ھەم خورلاشقا جېنىنىڭ بارىچە قارشى تۇراتتى. چۈنكى ئۇلار مۇسۇلمان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىسلام دەرسى ئالىمجاناب دەرسى ئىدى.

ئىسلام دەرسى ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان، كەڭ مەزمۇنغا

ئىگە دىن. ئۇ مەككىنىڭ دىنىمۇ ئەمەس، قۇرەيشلەرنىڭ دىنىمۇ ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ دىنى: ھازىر ۋە كەلگۈسىدىكى كىشىلەرنىڭ دىنى، ئەرەبلەرنىڭمۇ، غەيرىي ئەرەبلەرنىڭمۇ، قارا تەنلىكلەرنىڭمۇ ۋە ئاق تەنلىكلەرنىڭمۇ دىنى. بۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يەر - جاھاننى ئۆزگەرتىشنى چاقىرىق قىلغان چاغدىن باشلاپ شۇنداق.

شۇڭا بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشى ئېتىقاد جەھەتتە يېسىمغا ئۇچرايدىغان كېيىنكى كىشىلەر ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى ئۆلگە تىكلەپ، يول كۆرسىتىپ بەردى. ئۇلار مەدىنىگە بارسا، ئۇ يەردە خۇددى قېرىنداشلارچە قارشى ئېلىنىدۇ.

قۇرەيشلەر مۇسۇلمانلارنىڭ مەدىنىگە بارغانلىقىنى بىلىپ تەمىنلەپ قالدى. ئۇلار ئەگەر پۇختا ئويلىنىپ كۆرمەيدىغان بولساق، كېيىنكى تەرەققىياتتىن قارىغاندا، مۇھەممەدنىڭ ئىشلىرى غەلىبە قىلىشى مۇمكىن، دەپ ئويلايتتى. ئۇلار كېڭەشخانىغا يىغىلىپ، تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى ئۈستىدە مەسلىھەتلەشتى. بىرەر جىددىي ئىش ئۈستىدە پىكىر ئىختىلاپى تۇغۇلسا، ئۇلار مۇشۇنداق قىلىشتى.

— سىلەرنى بۇ يەرگە يىغىشمىزدىن مەقسەت، ھەر بىرىڭلارنىڭ مۇھەممەدكە بولغان قارشىنى ئېيتقۇزۇش، سىلەرگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇنىڭ ئەھۋالى ناھايىتى ئېنىق، ئۇنىڭ تەسىرى مەككىدىن ھالقىپ، يەسرىيكە قاراپ يامرىماقتا، باشقا جايلارغا كېڭىيىشمۇ مۇمكىن. سىلەر ئۆز قارشىڭلارنى ئېيتىشتىن ئىلگىرى شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بىز ئىلگىرى ئۇنىڭغا ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن تاقابىل تۇرغان بولساقمۇ، لېكىن ئۇ باشتىن - ئاياغ چىڭ تۇردى ۋە چىداشلىق بەردى. بىز ئۇلارنىڭ ئادەملىرىگە تۇرغۇن يىخىمىزلىك كەلتۈرگەن بولساقمۇ، ئۇلار بۇنىڭغا تاقابىل تۇرالىدى. ئاڭلىشىمىزچە، ئۇ بەنى ھەنىسىدە

مەغلۇپ بولۇپتىمىش، سەقىقتە قاپقانغا چۈشۈپتۇمىش، باشقا ئەرەب رايونلىرىدىمۇ ئالدىنىپتۇ، بىز بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشالمىز، ئاڭلىشىمىزچە، مۇھەممەدنىڭ قوللىغۇچىسى ئەبۇتارابە ئۆلۈپتۇ، بىز بۇنى ئاڭلاپ بىر ئۇھ دەۋالدۇق، ئەپسۇسكى، مۇھەممەد ئەمدى خەزرەچە قوللىغۇچى تېپىۋاپتۇ. ئۇ تەشۋىق قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى قېرىنداشلىرىغا ئايلىنىپتۇ، ئاجىزلار كۈچلۈكلەرگە ئايلىنىپتۇ، ئاداۋەتمۇ ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىپتۇ، دۈشمەنلىك كەيپىياتمۇ پۈتۈنلەي تۈگەپتۇ. بەلكىم ئۇلارنىڭ بەختىمىزلىكلىرى شۇنىڭ بىلەن ئاياغلاشما كېرەك. قاراڭلار ئۇنىڭ ھىمايىچىلىرى توپ - توپ بولۇپ كېلىشمەكتە، ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دىيارى، يۇرت - ماكانلىرى ئۈستىدە كۆپ ئويلانمىدى، مال - مۈلۈكلىرى ۋە بالا - چاقىلىرى بىلەنمۇ كارى بولمىدى. قارىغاندا، مۇھەممەد ئۇلارنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن. بۇنداق بولغىنىدا، ئەھۋال تېخىمۇ يامانلىشىدۇ. سىلەر بىزنىڭ بۇ يەردە پاراكەندىچىلىك بولمايدۇ، بېشىمىزغا بالا - قازا كەلمەيدۇ، دەپ ھۇددە قىلالمايسىلەر.

ئەبۇ بەخترى ئىبن ھىشام كىشىلەرگە:

— ئۇنى قاماپ، ئىشىكنى قۇلۇپلاپ قويۇش كېرەك، خۇددى باشقا شائىرلاردەك، ئۇنىڭمۇ بېشىغا بالا - قازا ياغىدۇ، — دېدى. ياق، بۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ، — دېدى كۆپچىلىك، — سىلەرگە مەلۇم، ئۇنىڭ ئادەملىرى ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنىڭدىن بىردەممۇ ئايرىلمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ئادەملىرى بىزنىڭكىدىن كۆپتەك قىلىدۇ، ئۇلار ئۇنى بىزنىڭ قولىمىزدىن قۇتۇلدۇرۇپ كېتىدۇ.

ئەبۇ ئەسۋەد رابىئە ئىبن ئەسرۇ مۇنداق دېدى: مۇھەممەدنى بۇ يەردىن قوغلىۋەتسەكلا بولىدىغۇ، نەگە بارغۇسى كەلسە، بېرىۋەرسۇن، نېمە بولسا بولمايدۇ!

— دېدى كۆپچىلىك، — بۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ. سىلەر ئۇنىڭ ئادەمنى مەپتۇن قىلىدىغان شېرىن

سۆزلىرىنى، كىشىنى قايىل قىلىدىغان مەنتىقىسى ۋە ئادەمنىڭ قەلبىنى بويسۇندۇرىدىغان قابىلىيىتىنى بىلمەمسىلەر؟ ئۇنى قوغلىۋەتسەك، نەگە بارسا بېرىۋېرىدۇ، ئۇ يەرلەردە ئۆزىنىڭ ناتىقلىقى بىلەن كىشىلەرنى ئۆزىگە رام قىلىۋالىدۇ، ئۆزىگە ئەگەشتۈرىدۇ، ئاندىن ئۇلارنى باشلاپ كېلىپ سىلەرگە قارشى تۇرىدۇ، سىلەرنى بوزەك ئېتىدۇ ۋە ئىمتىياز، مەنپەئىتىڭلارنى تارتىۋالىدۇ، ئاخىردا خالىغانچە جاجاڭلارنى بېرىدۇ. بايىقى پىلاننى ئۆزگەرتىش كېرەك.

— ھە! مېنىڭ پىكىرىم باشقىچە. سىلەر ئۇنى چۈشەنمەيدىكەنسىلەر، — دېدى ئەبۇ جەھىل ئىبن ھىشام. قېنى دەپ باقە؟ — دېدى كۆپچىلىك.

مېنىڭ پىكىرىم مۇنداق، — دېدى ئەبۇ جەھىل، — ھەربىر قەبىلىدىكى داڭلىق ئائىلىدىن بىردىن كۈچلۈك يىگىت تاللاپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىردىن شەمشەر تۇتقۇزايلى. ئۇلار مۇھەممەدنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا تەڭلا تىغ سالسۇن، قېنىنى ھەممە يەرگە چاچسۇن. مۇشۇنداق قىلساق، كۆڭلىمىز ئارام تاپىدۇ. چۈنكى، ئابدۇماناق نىڭ ئەۋلادى ھەممە قەبىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. بىز پۇل چىقارساقلا بولىدۇ.

بۇ پىكىر ھەممەيلەنگە ماقۇل كەلدى، ئاندىن ئۇلار تارقالدى. ئەبۇ بەكرى ئاق كۆڭۈل، قىزغىن ئادەم ئىدى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرەتتى، رەسۇلۇللاھ ئۈچۈن ھاياتى ۋە مال - مۈلكىنى پىدا قىلىشقا رازى ئىدى. رەسۇلۇللاھ بۇنى ياخشى بىلگەچكە، ئەبۇ بەكرىنى ئوبدان كۆرەتتى، ئۇنى دوستۇم دەيتتى، ئۇنى زىنداندىن قۇتۇلدۇرغانمۇ شۇ ئىدى. رەسۇلۇللاھ مۇسۇلمانلارنىڭ باشقا جايغا ھىجرەت قىلىشىغا ئىجازەت بەردى. پەقەت ئەبۇ بەكرىنىڭلا ھىجرەت قىلىشىغا قوشۇلمىدى. ئەبۇ بەكرى ھىجرەت قىلىش تەلىپىنى ئېيتقاندا، رەسۇلۇللاھ ئۇنى مەككىدە قېلىشقا دەۋەت قىلاتتى ۋە ئۇنىڭغا:

«ئالدىرىمغىن، ئاللا ساڭا بىر خوجا تېپىپ بېرەر» دەيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۈمۈ كۆڭۈل توختىتاتتى. ئۇ ھىجرەت قىلىش داۋامىدا، رەسۇلۇللاھنىڭ ئۈنىڭغا خوجا بولۇشىنى ۋە ئۈنىڭغا ھەمراھ بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى. شۇڭا ئۇ ئىككى تۆگە سېتىۋېلىپ، سەپەرگە تەييارلىق كۆردى.

قۇرەيشلەر كېڭەشخانىغا يىغىلىپ، تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقاندا، ئاللا رەسۇلۇللاھغا: «بەزىلەر سېنىڭ پېيىڭگە چۈشۈپ، قاپقان قۇرۇپ قويدى، لېكىن مەن سېنى قوغداپ، بۇ خېيىمخەتەردىن قۇتۇلدۇرىمەن. سەن سەپەرگە ئاتلىنىشقا بەل باغلىغىن، مەدىنىگە بېرىشنىڭ تەييارلىقىنى تېزرەك پۈتتۈرگىن» دەپ ۋەھىي يەتكۈزدى.

رەسۇلۇللاھ دەرھال ئەبۇ بەكرىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ: — ئەبۇ بەكرى، ئاللا ھىجرەت قىلىشىغا ئىجازەت بەردى، — دېدى. — يا رەسۇلۇللاھ، مەنمۇ سەن بىلەن بىللە ماڭامدىمەن؟ — دەپ سورىدى ئەبۇ بەكرى. — بىللە ماڭىمىز، — دېدى رەسۇلۇللاھ. شۇنداق قىلىپ،

بەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇ بەكرى بىلەن كېچىدە ئۇچرىشىشنى ۋەدىلەشتى. ئەبۇ بەكرى خۇشال ھالدا بېرىپ ئىككى تۆگىنى جابدۇدى.

رەسۇلۇللاھ ئۆيىگە قايتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ قورشاۋ ئىچىدە قالغانلىقىنى، دۈشمەنلەرنىڭ قوللىرىغا قورال ئېلىپ ئۇ ئۆيدىن چىققان ھامان قەست قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلدى. رەسۇلۇللاھ بۇنىڭغا پەرۋامۇ قىلمىدى، چۈنكى ئاللا ئۇنى قوغداشقا ۋەدە بەرگەنىدى. يېرىم كېچە بولا - بولمايلا ئاللا مۇشرىكلارنى غەپلەت ئۇيقۇدا قالدۇردى. رەسۇلۇللاھ ئۆيدىن چىققاندا، ئۇنى ھېچ كىشى كۆرمىدى. مۇشرىكلار گەرچە ھىيلىگەر بولسىمۇ، لېكىن ئاللا ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلدى.

رەسۇلۇللاھ ئەبۇ بەكرىنىڭ ئۆيىگە كەلدى، بۇ ئىككىيلەن

ئىتىسى سەھەردە، روسۇلىلانى كۆزەتكەن ۋە ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ مۇھەممەد ئىبن ئابدۇللانى ئەمەس، بەلكى ئەلى ئىبن ئەبۇ تالىبنى كۆزەتكەنلىكلىرىنى ئۇقۇپ، ھاڭ - تاڭ بولۇشقان ھالدا باشلىقلىرىنىڭ قېشىغا چېپىپ بېرىشتى، ئۇلارنىڭ باشلىقلىرىمۇ بىئارام بولۇشتى. ئەبۇ جەھىل ئەبۇ بەكرىنى ئىزدەپ ئۇنى تاپالماي، ئۇنىڭ قىزىدىن:

— داداڭ قېنى؟ — دەپ سورىدى.

— بىلمەيمەن، — دەپ جاۋاب بەردى ئەبۇ بەكرىنىڭ قىزى. ئەبۇ جەھىل ئۇ قىزىنىڭ كاچىتىغا بىرنى سالدى، ئاندىن بىرقانچە ئادەم بىلەن بىللە ئىز قوغلاپ ئالمان - تالمان غار تەرەپكە يۈگۈردى.

بۇ چاغدا، ئاللا ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكرىنى تارمار قىلدى. ئۇلار غارغا كېلىپ قارىدى، غاردا ئادەمزاتنىڭ ئىزىمۇ كۆرۈنمەيتتى.

بۇ كىشىلەر مەككىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، كىم مۇھەممەدنى تېپىپ بەرسە يۈز ھىنگان ئىنئام بېرىمىز، دەپ چاكارلىدى. سۈراقە بۇنى ئاڭلاپ، تەۋەككۈل قىلىپ باقماقچى بولدى. ئۇ مۇھەممەدنى تاپسام، ئۇلار ۋەدىسىگە ئەمەل قىلسىلا، بىرمۇنچە ھىنگانغا ئىگە بولۇپ قالىمەن، دەپ ئويلايتتى.

روسۇلىلا ئۆز ھەمراھلىرى بىلەن غاردا ئۈچ كۈن تۈردى. ھەر كۈنى كېچىدە، ئامىر ئىبن فۇھەيرە پادىلىرىنى ھەيدەپ كېلىپ، ئۇلارغا سۈت ۋە يېمەكلىك يەتكۈزۈپ بېرەتتى. ئابدۇللا ئىبن ئەبۇ بەكرى ئۇلارغا خەۋەر يەتكۈزۈپ تۇراتتى. بۇ ئىككىيلەن ئۆزلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى كىشىلەرگە تۇيغۇزمايتتى.

ئابدۇللا ئىبن ئۈرەيقىت ئۇلارغا ئىككى تۆگە ئېلىپ كەلدى، ئۇلار غاردىن چىقىپ مەدىنىگە قاراپ يول ئالدى. ئەبۇ بەكرى بىراۋ

قوغلاپ كېلىۋاتقانمىكىن دەپ ئەنسىرەپ، پات - پات كەينىگە قاراپ قوياتتى، مۆكۈنۈۋالغانلار بارمىكىن دەپ ئېھتىيات قىلىپ، ئالدىغا دىققەت بىلەن قاراپ ماڭاتتى. ئاخىر سۈراق قوغلاپ كېلىپ ئۇلارغا يېتىۋالدى، لېكىن ئۇ ئۇلارغا يېقىن كېلە - كەلمەيلا مىنگەن ئېتىنىڭ ئاياغلىرى يەرگە تىزىغىچە پېتىپ قالدى - دە، ئۇ يەرنىڭ ئەتراپىدىن گويا ئىستەك بىر تۈرلۈك چاڭ كۆتۈرۈلدى. سۈراق ئۈنى مۇھەممەدنىڭ مېنى توسقانلىقى دەپ چۈشەندى. ئۇ روسۇللىلادىن مەدەت تىلەپ توۋلىدى ۋە ئۆزىنىڭ كۆرگەن ئىشلىرىنى قۇرەيشلەرگە دېمەسلىككە ۋەدە بەرگەندىن كېيىنلا روسۇللىلا ئۈنى كەچۈردى. سۈراق قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، كۆرگەن ئەھۋالنى راستىنلا ئاشكارىلىمىدى.

مەدىنىلىك مۇسۇلمانلار روسۇللىلانىڭ مەككىدىن چىققانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى بىلگەندىن كېيىن، ھەر كۈنى مەدىنە شەھىرىنىڭ سىرتىغا چىقىپ، روسۇللىلانىڭ كېلىشىنى كۈتتى. ئۇلار ئىنتىزارلىققا تۈرۈپ ئاپتاپتا قارىداپ كەتكەن، پۈتلىرى كۆيۈپ پىشلاق بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا ئۆيلىرىگە قايتىشىمىدى. توساتتىن بىركىشى: «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كەلدى!» دەپ توۋلىدى. ھەممەيلەن چەكسىز شادلىنىپ كەتتى. روسۇللىلا بىلەن ئەبۇ بەكرى خورما دەرىخى يېنىغا كېلىشى بىلەنلا، شاد - خۇراملىققا چۆمگەن بۇ خەلق كېلىپ ئۇلارنى ئورنۇپلىشتى. روسۇللىلا ئەمىر ئىبن ئەۋفىنىڭ بالىسىنى يوقلىدى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە بىرنەچچە كۈن تۈردى، يەنە قۇباغا بىر مەسچىت سالدۇردى.

روسۇللىلا يەنە تۆگىسى بىلەن يولغا چىقتى. تۆگە ئالدىدا، روسۇللىلا تۆگىنىڭ ئارقىسىدا كېتىۋاتاتتى. تۆگە ھەربىر يەردىن ئۆتكەندە، كىشىلەر روسۇللىلانىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كېلىشىپ، ئۈنىڭغا: «يا روسۇللىلا، بىزنىڭكىگە بېرىپ، ئەھۋالىمىزنى كۆرۈپ ياقىمىن!» دېيىشتى. روسۇللىلا ئۇلارغا ھامان: «رەھمەت!» دەپلا جاۋاب بېرەتتى. تۆگە ئىلگىرىلەپ كېتىۋەردى.

بۇ يەردە ساھالە ۋە سۆھبەلە دەيدىغان ئىككى يېتىم بالىنىڭ خورما خامانلىقى بار ئىدى. ئۇلار مەرھۇم رافئە ئىبن ئومرۇنىڭ پەرزەنتلىرى ئىدى. بىردەم ئۆتكەندىن كېيىن، تۆگە ئورنىدىن تۇرۇپ يەنە ماڭدى. ئەبۇ ئەييۇب ئەنسارنىڭ ئىشىك ئالدىغا كەلگەندە تۆگە يەنە چۆكىلەندى. ئەنسارى رەسۇلۇللاھغا:

  • ئى رەببىم، مېنى بۇ مۇبارەك يەرگە چۈشۈرگىن، سەن بولساڭ ئەڭ مۇبارەك يەرگە چۈشۈرگۈچىسەن. - دېدى. ئەبۇ ئەييۇب رەسۇلۇللاھنىڭ نەرسە - كېرەكلىرىنى ئۆيىگە ئېلىپ كىردى. شۇ ئەسنادا، ئەسەد ئىبن زورارە دەرھال تۆگىنى چۈلۈۋرىدىن يېتىلەپ ئۆيىدە بېقىشقا ئېلىپ كەتتى.

رەسۇلۇللاھ مەككىدىن ھىجرەت قىلىپ كەلگەنلەرنى سۆھبەتلىرى دەپ ئاتاپ، ئۇلارنى مەدىنىلىك ئاھالىلەردىنمۇ ئىشەنچلىك كۆرەتتى، ئۇلارنى دوست تۇتۇپ، داغدام يولغا ياشلىدى. ئۇ يېڭى ئىرادە بىلەن ئاللاھقا داۋاملىق تائەت - ئىبادەت قىلدى.

يۇقىرىغا قايتىش

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاش ئۇسۇلى

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاڭ
1
Safari دىكى ھەمبەھىرلەش تۈگۈچىسىنى (Share) بېسىڭ.
2
«باش ئېكرانغا قوشۇش» (Add to Home Screen) نى تاللاڭ.
3
ئوڭ ئۈستىدىكى «قوشۇش» (Add) نى بېسىڭ.