يۈسۈف ئەلەيھىسسالام
دادىسى بىلەن ئاكىلىرى ئارىسىدا
بۆلۈم: “دادىسى بىلەن ئاكىلىرى ئارىسىدا”شەرقتىن كۆتۈرۈلگەن تاڭ قۇياشى يەر - جاھاننى تەكشى يورۇتۇشقا باشلىغاندا، يۈسۈف ئەلەيھىسسالام شېرىن چۈش ئىلىكىدىن چۆچۈپ ئويغاندى - دە، ئۈستۈرشلىرىنى كىيىپ، روھلۇق ۋە تېتىك ھالدا دادىسى يەتتۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئۇ دادىسىغا كۆرگەن چۈشىنى بايان قىلدى:
— ئى دادا، ئاخشام مەن ناھايىتى ياخشى بىر چۈش كۆرۈپتىمەن، چۈشۈمدە ئون بىر يۈلتۈزنىڭ، ئاي ۋە كۈننىڭ ماڭا سەجدە قىلغانلىقىنى كۆردۈم.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان دادىسىنىڭ چىرايىدىن نۇر يېغىپ كۆزلىرىدە خۇشاللىق ئالامىتى ئەكس ئەتتى، ئۇ ئوغلىغا مۇنداق دېدى:
— بالام، چۈشۈڭدە كۆرگەنلىرىڭ راست بولۇپ چىقىدۇ، ئۇ مېنىڭ سېنى گۈزەل ئىستىقبال ۋە بەخت - سائادەتلىك تۆرمۈشقا ئىگە قىلىشتىكى ئارزۇ - ئىستەكلىرىمنى ئىپادىلەپتۇ، چۈشۈڭدە كۆرگەنلىرىڭ بىر خۇش خەۋەردىن دېرەك بېرىدۇ، كۆرگەن چۈشۈڭ ساڭا شۇنى ئۇقتۇرۇپ بېرىدۇكى، خۇدا ساڭا بىلىم ۋە مېھىر - شەپقەت ئاتا قىلىدىكەن، ئۇ خۇددى بوۋاڭ ئىبراھىم خېلىلىللا ۋە ئىسھاق نەبىيۇللاغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلدە كۆرسەتكەندەك، ساڭا بەرگەن ۋەدىسىنىمۇ ئەمەلدە كۆرسەتكەن، لېكىن، كۆرگەن چۈشۈڭنى ئۆگەي ئاكا - ئۈكىلىرىڭغا ئېيتمىغىن، ساڭا ئايالكى، مېنىڭ ساڭا ۋە ئىنىڭ
سنت حالق نانکافع سرور
استاد بن سیری المسیحی WWW.ZAHIR.COM
سندھان حالق نامە ریکارڈ
ایک سال کی دو سال پریمیئر کی موت WWW.ZAHARI.COM
بۇنيامىنغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىم ۋە ئامراق بولغانلىقىم ئۆگەي تاكا - ئۆكىلىرىڭدا سىلەر ئىككىڭلارغا قارىتا بىر خىل ھەسەت كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۈگۈن ئۇلار يەنە سىلەرنىڭ كەينىڭلاردىن غەيۋەت قىلىپ يۈرىدۇ. ئەگەر سەن كۆرگەن چۈشلىرىڭنى ئۇلارغا ئېيتىپ قويساڭ. ئۇلار تېخىمۇ ھەسەت قىلىدۇ، سېنى يامان كۆرىدۇ، ھەتتا ساڭا ھىيلە - مىكىر ئىشلىتىپ، تاپانتۇزاق قىزۇپ، خۇددى لەنىتى شەيتانغا ئوخشاش، ساڭا زىيانكەشلىك قىلىپ قويىدۇ.
يۈسۈف ئەلەيھىسسالام چېچەن يىگىت ئىدى. ئۇنىڭ ئىنىسى بۇنيامىن ئون سەككىز ياشقا كىرگەندە ئۇلارنىڭ ئانىسى راھىلە ۋاپات بولۇپ كەتتى. ئۇلار مېھرىبان ئانىسىنىڭ غەمخورلۇقىغا ئەقەدەر موھتاج ئىدى - ھە! ئۇلار ئۆز ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغاچقا، دادىسى ئۇلارغا ئىنتايىن كۆيۈنەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ھېلىقى چۈشنى كۆردى. بۇنىڭ بىلەن دادىسى ئۇنىڭغا ئادەتتىن تاشقىرى ئامراق بولۇپ كەتتى. گەرچە دادىسى بۇنى سۆزلەپ يۈرمىسىمۇ، كۆرۈنۈشتە ھەممە بالىلىرىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلغاندەك تۈرسىمۇ، لېكىن يۈسۈف ئەلەيھىسسالام بىلەن بۇنيامىننىڭ دادىسىنىڭ نەزەرىدە تۇتقان ئورنى مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇراتتى.
ھەسەتخورلۇق، ئۆچمەنلىك ئوتى يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاكىلىرىنىڭ يۈرىكىنى ئۆرتىدى. ئۇلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، يۈسۈف ئەلەيھىسسالامغا قانداق تاقابىل تۇرۇش ئۈستىدە سەلىھەتلەشتى.
ئۇلاردىن بەزىلىرى شۇنداق دېيىشتى:
— ئەجەبا، سىلەر دادىمىزنىڭ يۈسۈف بىلەن بۇنيامىن ئىككىسىگە ھەممىمىزدىن بەك ئامراق ئىكەنلىكىنى سازمىدىڭلارمۇ؟ نېمە ئۈچۈن دادىمىزنىڭ نەزەرىدە بىز يوق؟ ئۇنىڭ نەزەرىدە بىزنى تۆۋەنلەشتۈرۈۋاتقان نەرسە نېمە؟ ئەجەبا، بىز يۈسۈف بىلەن بۇنيامىندىن كىچىكمىكەنمىز، كۈچىمىز، ئالغان
ساۋاقلىرىمىز ئۇلارغا يەتمەمدىكەن؟ بىز دادىمىزنىڭ ئوبدان ئۆتۈشى ئۈچۈن ئەتىدىن - كەچكىچە خىزمەت قىلىۋاتمامدۇق؟ دادىمىز نېمە ئۈچۈن يۈسۈف بىلەن بۇنيامىتىنىلا ياخشى كۆرۈپ، بىزنى ياخشى كۆرمەيدۇ؟ بۇ ئۇلارنىڭ بىزدىن قەدىرلىك بولغانلىقىدىنمۇ ياكى ئۇلارنىڭ ئانىسى بىزنىڭ ئانىمىزغا قارىغاندا دادىمىزغا بەكرەك ياقىدىغانلىقىدىنمۇ؟ بىز يۈسۈف بىلەن بۇنيامىتىنىڭ بىزدىن قەدىرلىك يېرىنى كۆرەلمىدۇق. مۇبادا ئانىلىرىمىزنىڭ بەزىسى دادىمىزغا يېقىن، بەزىسى يىراق دېيىلسە، ئۇ چاغدا بىزدە نېمە گۇناھ بار؟ روشەنكى، بۇ ئادالەتلىك ئەمەس، بۇ خاتا.
يەنە بىرى مۇنداق دېدى:
— دادام يەتتۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ يۈسۈف بىلەن بۇنيامىتىن ئىككىسىگە بولغان ئامراقلىقى بىزدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق. ئەگەر، دادىمىزدىن نېمە ئۈچۈن بەزىمىزگە يېقىن، بەزىمىزگە يىراق دېگەننى سورايدىغان بولساق، بۇنىڭدىن ياخشى نەتىجە كۆرمەسلىكىمىز مۇمكىن. چۈنكى، ئامراقلىق كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئۆزىگە خاس ئورۇن تۇتىدۇ، ئۇنى باشقىلار چەكلىمەلمەيدۇ، كۆپەيتىپمۇ ئالالمايدۇ، تارايتىپمۇ كېتەلمەيدۇ. ئامراقلىق ئەقىلدىن ئۈستۈن بىرخىل مۇھەببەت بولۇپ، ئۇ كىشىنىڭ قەلبىنى ئىگىلىمەيدۇ. يۈسۈف ئارىمىزدا بىر كۈن بولسىدىكەن، ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى دادىمىزنىڭ قەلبىنى شۇنچە ئىگىلىۋالىدۇ. بىز كۈن بويى كۆڭلىمىزنى بىئارام قىلىۋاتقان كېسەلدىن خالاس بولۇش ئۈچۈن، يا ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىمىز، يا بولمىسا، ئۇنى يىراق قۇملۇققا ئاپىرىپ تاشلاپ، ياۋايى ھايۋانلارغا يەم قىلىۋېتىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلساقلا، بىز دادىمىز بىلەن بولغان يىراقلىقنى يېقىنلاشتۇرۇپ، دادىمىزنىڭ مۇھەببىتىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئاللاھقا توۋا - ئىستىغبار ئېيتىپ، ئاق كۆڭۈل ئادەم بولۇۋالىمىز.
بەھۇدا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ پىكىرلىك ۋە ئەڭ ئەقىللىق ئەدى. ئۇ شۇنداق دېدى:
— بىز يەنى قۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغۇللىرى، ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىلىرى، بىزدە ئەقىل بار، ئېتىقادمۇ بار، ئەمما ئادەم ئۆلتۈرۈشكە ئەقىل ۋە ئېتىقاد يول قويمايدۇ. يۈسۈف يىگۈناھ، ئۇ گۈناھ قىلمىدى. ئەگەر ئۇنى كۆزدىن يوقاتماقچى يولساڭلار، ئىروسالىمدا بىر قۇدۇق بار، ئۇنىڭ يېنىدىن يولۇچىلار ئۆتۈپ تۇرىدۇ. ئۇنى شۇ قۇدۇققا تاشلىۋېتىڭلار، قۇدۇق يېنىدىن ئۆتكەن يولۇچىلار ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ ئېلىپ كەتسىلا بولدى. مۇشۇنداق قىلساق، ئۇنى ھەم كۆزىمىزدىن يوقىتىش مەقسىتىمىزگە يېتەلەيمىز، ھەم ئادەم ئۆلتۈردى دېگەن نامغىمۇ قالمايمىز.
ھەممەيلەن بۇ پىكىرگە قوشۇلدى ھەمدە بۇ ئىشنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇردى.
ئەتىسى سەھەردىلا، يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاكىلىرى دادىسىنىڭ ئالدىغا كىرىشتى. ئۇلار كۆڭلىگە يامان نىيەتنى يۈكۈپ، ساختىپەزلىك بىلەن دادىسىغا شۇنداق دېيىشتى:
— دادا، سىز نېمىشقا يۈسۈف بىز بىلەن بىللە بولسىلا خاتىرجەم بولالمايسىز؟ ئۇ بىزنىڭ بىر تۇغقان ئىنىمىز، قان قېرىندىشىمىز، ھەممىمىز سىزنىڭ ئوغلىڭىز، بىز سىزنىڭ غەيخورلۇقىڭىز ۋە خەيرخاھلىقىڭىزغا ئېرىشەكتىمىز. سىز ئەتە ئۇنىڭ بىز بىلەن بىللە سەھراغا چىقىشىغا قوشۇلمامسىز؟ ئۇ يەردە ئاسمان سۈپسۈزۈك، ھەممە يەر ئالتۇندەك قۇياش نۇرىغا چۈمۈلگەن، ئۇ يەردە جىمجىت كەتتىلەر، باراقسان دەل - دەرەخلەر بار. بىز مال باققاچ ئالەمنىڭ مەنزىرىسىنى سەيلە قىلىپ يۈسۈفنى قانغۇدەك ئويناتساق، كەچتە ئۇنىڭ تېخىمۇ تەمبەل، تېخىمۇ خۇشال - خۇرام قايتقىنىنى كۆرسىز! ئۇنىڭ بىز بىلەن بىللە يېرىشىغا قوشۇلسىڭىز، بىز چوقۇم ئۇنىڭدىن ئوبدان خەۋەر تالىمىز، ئۇنى ئاسرايمىز.
يەنى قۇب ئەلەيھىسسالام كۈتۈلمىگەن ئەھۋالدىن ئېھتىيات قىلىش ئۈچۈن ئوغۇللىرىغا:
— يۈسۈف مېنىڭ قېشىدا بولمىسا، غەمخورلۇقىغا ئېرىشمىسا، خاتىرجەم بولالمايمەن، ئازابلىنىمەن. مەن سىلەردىن ئۇنى ئېلىپ كېتىپ، دىققەت قىلماي بۆرىگە يېگۈزۈپ قويۇپ، مېنى ئۆمۈرۋايەت نادامەتتە قالدۇرارمىكىن، دەپ ئەنسىرەۋاتىمەن، — دېدى.
يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاكىلىرى:
بىز ھەممىمىز شۇنداق كۈچلۈك، قابىل تۇرۇپ ئۇنى بۆرىگە يېگۈزۈۋېتەرمىزمۇ! مۇبادا راستىنلا مۇشۇنداق بەختىمىزلىك بولۇپ قالسا، ئەزىزايى خۇدا، بىز ۋاپاسىز، ساداقەتسىزلەردىن بولۇپ كېتەيلى، — دېدى.
— دىققەت قىلىپ ئاسرايدىغانلا بولساڭلار، ئۇنى بىللە ئېلىپ بېرىڭلار، ئاللا سىلەرنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي. — دېدى يەئقۇب ئەلەيھىسسالام.
تاڭ يورۇغاندىن كېيىن، يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئۇلار بىلەن بىللە يولغا چىقتى. ئۇلار يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنى ئېلىپ ئۆدۈل ھېلىقى قۇدۇق تەرەپكە مېڭىشتى. قۇدۇقنىڭ يېنىغا بارغاندا، ئۇلار بىردىنلا يىرگىنچىلىك ئەپت — بەشىرىسىنى ئاشكارىلاپ، رەھىمسىزلىك بىلەن يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ كىيىملىرىنى تارتقۇچىلاپ سالدۇرۇپ، ئۇنى قۇدۇققا تاشلىۋەتتى. يۈسۈف ئەلەيھىسسالام كۆزىدىن بىرەر تامچە ياش ئاققۇزمىدى ھەم ئۇلارغا يېلىنمىدى، بەلكى تەقدىرگە بويسۇندى.
ئۇلار قۇرۇق خىيال ئىلكىگە غەرق بولۇپ، ئۆزلىرىچە دەردىمىز چىقتى، ئاچچىقمىز بېسىقتى، دادىمىز بۇنىڭدىن كېيىن بىزنى چوقۇم ياخشى كۆرىدۇ، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن دادىمىزنىڭ كۆڭلىمۇ ئاستا — ئاستا ئارامىغا چۈشۈپ قالمدۇ. دەپ ئويلاشتى. ئەمما، تەقدىر ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمىدى. ئۇلار ھىيلە — مىكىر ئىشلىتىلسىمۇ، لېكىن ئاللا ھەممىگە قادىر ئىستىدى.
كەچتە ئۇلار ئۆزلىرى قانغا مىلەنگەن كۆڭلەكنى كۆتۈرۈپ دادىسىنىڭ ئالدىغا كەلدى — دە، ئالدىن پۈتۈشۈپ قويغان ياخشى.
ئۆزلەر بىلەن دادىسىغا يىغلاپ مۇنداق دېيىشتى:
— دادا، سىز ئەنسىرىگەن ئىش يۈز بەردى. بىز يۈسۈفنى كىيىم - كېچەكلىرىمىزنىڭ قېشىدا قالدۇرۇپ، يۈگۈرۈپ ئويناپ يىراققا كېتىپ قاپتۇق. شۇ ئارىدا بىر بۆرە كېلىپ يۈسۈفنى يەپ كېتىپتۇ. بىز بۇنى كۆرۈپ، ناھايىتى قايغۇرۇپ «ئاللا - كاللا» دەپ چۇقان سېلىپ، ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتۇق. مانا يۈسۈفنىڭ قان يۈفى كۆڭلىكى. سىز ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن، لېكىن بىز راستىنى ئېيتتۇق.
يەئقۇب ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر كۆزى بىلەن ئۇلارنىڭ يالغان سۆزلەۋاتقانلىقىنى سېزىۋالدى، قىلغان ئەسكىلىكلىرىنى بىلىۋالدى. ئۇ ئاللاھنىڭ يۈسۈفكە بىرەر ئۈلۈغ ئىشنى قىلدۇرۇشنى ئىرادە ئەتكەنلىكىنى ۋە يۈسۈفنىڭ بۇ ئىشنى چوقۇم بىر باشقا ئېلىپ چىقالايدىغانلىقىنى بىلەتتى، شۇڭا ئۇلارغا:
— سىلەر مال - دۇنيا كۈيىدا، ھەسەتخورلۇق قىلىپ يامان ئىش قىلدىڭلار. لېكىن، مەن تاكى ھىيلە - مىكرىڭلار پاش بولۇپ، سىلەر جازاغا تارتىلغانغا قەدەر سەۋر - تاقەت قىلىپ تۈرمەن. سىلەرنىڭ ئېيتىۋاتقىنىڭلارنىڭ يالغان ئىكەنلىكى ئاللاھقا مەلۇملۇق، — دېدى.
يۈسۈف ئەلەيھىسسالام قۇدۇقتا
بۆلۈم: “يۈسۈف ئەلەيھىسسالام قۇدۇقتا”يۈسۈف ئەلەيھىسسالام قاراڭغۇ قۇدۇققا تاشلىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇن - تىن چىقارماي قۇدۇق ئىچىدە تۈردى. پەزىلەتلىك يۈ ئالىيجاناب يىگىت بالايىئاپەتنىڭ سىنىقىنى بېشىدىن كەچۈرمەكتە ئىدى. ئاللا ئۆزىنىڭ سادىق مۇخلىسلىرىنى ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالالايدىغان قابىلىيەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ھامان خىلمۇخىل بالايىئاپەت، ئازاب - كۈلپەت ئارقىلىق ئۇلارنى سىناپ
بۇ دۇنيادا يۈسۈف ئەلەيھىسسالام چەككەن ئازاب -
كۈلپەتتىمۇ ئېچىنارلىق ئازاب - كۈلپەت يوق. ئەگەر بۇ بالايىمايەت بېشىدىن ئىسسىق - سوغۇق ئۆتكەن ۋە ياش قۇرامى يېتىلگەن بىر كىشىنىڭ بېشىغا كەلگەن بولسىدى. ئەھۋال بۇنىڭدىن ياخشىراق بولغان بولاتتى، چۈنكى ئۇ بۇنداق ئەھۋالدا نېمە قىلىش لازىملىقىنى بىلەتتى. ئەمما يۈسۈف ئەلەيھىسسالام بولسا بېشىدىن ھېچقانچە ئىش ئۆتمىگەن بىر ياش ئىدى.
ئەگەر يۈسۈف ئەلەيھىسسالام بىرەر سەۋەنلىك ياكى جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولسا ئىدى. ئۆزىنىڭ قۇدۇققا تاشلانغىنىغا ئۇنچىۋالا ئازابلانمىغان بولاتتى، چۈنكى بۇ ئۇنىڭغا تېگىشلىك جازا بولغان بولاتتى. ۋەھالەنكى، ئۇنىڭدا ھېچقانداق سەۋەنلىك يوق ئىدى، جىنايەت تۈگۈل، ھەتتا كىشىنى گۇمانلاندۇرغۇدەك ئىشمۇ يوق ئىدى. ئۇنىڭ پاك، گۇناھسىز ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان ئىدى. مۇبادا ئۇ غەيرىي ئادەملەر تەرىپىدىن قۇدۇققا تاشلانغان بولسا بۇنىچىۋالا بىئارام بولمىغان بولاتتى. ئۇنىڭ بۇنچە ئازابلىنىپ كېتىشى ۋە قايغۇ - ھەسرەتتە قېلىشى، دەل ئۆزىنىڭ ئاكا - ئۇكىلىرى تەرىپىدىن قۇدۇققا تاشلانغانلىقىدىن ئىدى.
يۈسۈف ئەلەيھىسسالام قۇدۇق ئىچىدە تۆت تەرەپكە تەلمۇرۇپ قارايتتى. ئۇ سۇ ئىچىدە ئىدى، ئۇنىڭ سولغۇن يۈزى سۇ ئۈستىدە كۆرۈنۈپ تۇراتتى، ئۈستى قاپقاراڭغۇ بولۇپ، ھېچنېمىنى پەرق ئەتكىلى بولمايتتى. شۇ تاپتا ئۇ نېمىنى ئويلاۋاتىدىغاندۇ؟ بەلكى ئۇ ھەر كۈنى ئەتىگىنى ۋە ئاخشىمى دادىسىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشكەن چاغلىرىدىكى خۇشخۇي چىرايىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈۋاتقاندۇ، دادىسىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئامراقلىقى ۋە مېھرىبانلىقىنى ئەسلەۋاتقاندۇ ياكى دادىسىنىڭ ھازىرقى پەرىشان قىياپىتىنى ئويلاۋاتقاندۇ.
ئېھتىمال، يۈسۈف ئەلەيھىسسالام بۇ تار ۋە قاراڭغۇ قۇدۇق ئىچىدە قورققان ۋە زېرىككەن بولسا، كۈن نۇرىنى كۆرۈشكە، ئاي، يۇلتۇز، كۆك ئاسمان ۋە گۈزەل باھارنى كۆرۈشكە تەقرىر بولۇۋاتقاندۇ.
ئۈنىڭ قورسىقىمۇ ئاچقاندۇ. ئۇ قورسىقىنى نېمە بىلەن توپغۇزار؟ بۇ يەردە ھاياتىنى ساقلاپ قالالغۇدەك يېمەكلىك ئايالارمۇ؟ ھەي بەختسىزلىك، چىدىغۇسىز بەختسىزلىك!
بۇ بەختسىزلىك ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئاللا ئۇنىڭغا رەھىم - شەپقەت قىلماقچى بولدى. ئاللا ئۇنىڭ پەرىشان بولۇپ كەتكەن روھىي ھالىتىنى ئۆز ئارامىغا چۈشۈردى. ئاندىن ئۇنىڭغا: «ئەي يۈسۈف، يەنە بىر ئاز سەۋر قىلغىن! مەن ساڭا نىجاتلىق يولى كۆرسىتىپ، سېنى بۇ قىيىن ھالەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ھىلخەستىلىكتىن خالاس قىلىمەن. قېرىنداشلىرىڭنىڭ سىرىنى باش قىلىشىڭغا مەدەت بېرىمەن» دەپ بېشارەت بەردى. شۇ زامان يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ غەم - قايغۇلىرى بىردىنلا كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. ئۈرۈمچىلىنىپ ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۈتۈپ تۇردى. بىراقتىن بىلىنەر - بىلىنمەس شاۋقۇن - سۈرەن ئاڭلىنىپ قالدى. ئۇ قۇلىقىنى دىڭ ئۆتۈپ دىققەت بىلەن تىڭشىدى. بىراق تېپىشىڭ ئاۋازى ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتەلمەي، قۇلىقىم بىرنەچچە بولسىمۇ كاشى - دەپ كەتتى.
ئاۋاز بارا - بارا يېقىنلاشتى ۋە ئېنىق ئاڭلاندى. ئۇ كىشىلەرنىڭ ئاياغ شەپسىنى ۋە يەنە ئىتنىڭ ھاۋشىغان ئاۋازىنى يېم قىلالمايدى… ھە. بۇ كارۋانلار بولسا كېرەك! ئەمدى ئۈمىد تۇغۇلدى. قۇتۇلمايدىغان بولدۇم. بۇ قىيىن شارائىتتىن قۇتۇلۇش ۋاقىتىم كەلدى.
كارۋانلار قۇدۇق يېنىغا كېلىپ توختىدى. كارۋان باشلىقى: — ھە قېنى. قۇدۇقتىن سۇ تارتىڭلار. ئۇسۇزلۇقنى قاندۇرايلى. ئۇلاغلارنى سۇغىرايلى! ئۈزۈن يول يۈرۈپ تازا ھاردۇق. دېدى. يۈسۈف ئەلەيھىسسالام بۇنى ئاڭلاپ گويا بىرنەچچە كۈن سۇ ئىچمەي چاڭقاپ كەتكەن ئادەم بىردىنلا شېرىن تۇلاق سۈيىگە ئېرىشكەندەك ناھايىتى خۇش بولۇپ كەتتى.
بىر ئەر كىشى قۇدۇقتىن سۇ ئېلىش ئۈچۈن سوغىنى قۇدۇققا تاشلىۋىدى. سوغا سۇ يۈزىگە چۈشە - چۈشمەيلا يۈسۈف
ئەلەيھىسسالام ئۇنى تۇتۇۋالدى. سوغا تۆۋەنگە قاراپ ئېغىرلىشىپ كەتكەندە، سۇ تارتقۇچى كىشى سەل ئەجەبلەندى. ئۇ سوغىنى قۇدۇقتىن تارتىۋالغاندا، ھۆسن - جامالى كېلىشكەن بىر يىگىتنى كۆردى - دە، ھەيران قالغىنىدىن: «خۇش خەۋەر، بۇ يەردىن بىر ئوغۇل بالا چىقتى!» دەپ ۋارقىرىۋەتتى.
كۆپچىلىك يۈگۈرۈپ كېلىشىپ ھەيرانۇ ھەس بولۇشتى. ئاخىر ئۇلار يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنى مىسىرغا ئېلىپ بېرىپ سېتىۋېتىش قارارىغا كېلىشتى.
ئەگەر بۇ ئادەملەردە ئاز - تولا ۋىجدان ياكى ئادەمگەرچىلىك بولسىدى، ئۇلار يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىپ، ئۇنى ئۆيىگە ئايىرىپ قويغان بولاتتى. لېكىن بۇ نەپسانىيەتچى ئەبلەخلەردە قىلچە رەھىم - شەپقەت يوق ئىدى. «ئادەم ئۆزىنى دېمىسە يەر يۈتۈپ كېتىدۇ» دېگەن مانا شۇ - دە! كارۋانلار ئۆز سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مىسىرغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن ئاندىن توختىدى.
يۈسۈف ئەلەيھىسسالام - بۇ ئالىيجاناب ئەركىن زات، ھۆرمەتلىك پەيغەمبەر - بازارغا ئېلىپ بېرىلىپ، ئەرزان باھادا سېتىۋېتىلدى. چۈنكى، كارۋانلار چاندۇرۇپ قويۇپ سىرنىڭ پاش بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتى. راستىنى دېگەندە، بۇ ئالىيجاناب ياشنى ئالەمچە ئالتۇنغىمۇ تېگىشكىلى بولمايتتى.
يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنى مىسىرنىڭ كۆزى ئۆتكۈر ۋەزىرى سېتىۋالدى. ئۇنىڭ يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ قولىدىن ئىش كېلىدىغان ئىستىقباللىق يىگىت ئىكەنلىكىگە كۆزى يەتكەندى. ۋەزىر خوتۇنىغا مۇنداق دېدى:
— ئۇنىڭ بىلىمى ۋە لاتاپەتلىك مىجەز - خۇلقىدىن قارىغاندا، ئۇ ھەرگىز ئاددىي ئائىلىنىڭ بالىسى ئەمەس. سەن ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلغىن، باشقا چاكارلارغا مۇئامىلە قىلغاندەك ئازار بەرمىگىن. قۇللارغا مۇئامىلە قىلغاندەك ئۈرۈپ - تىللىمىغىن. ئۇ چوڭ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ماڭا پايدا يەتكۈزۈشىنى ئۆمىد
قىلىمىن ياكى ئۇنى ئاسراندى ئوغۇل قىلىۋالماقچىمىن. شۇنداق قىلىپ، يۈسۈف ئەلەيھىسسالام بۇ ۋەزىرنىڭ ئائىلىسىدە ئۆزىنىڭ يېڭى ھاياتىنى باشلىدى. ئۇ ئىشنى پۇختا قىلاتتى، مۇئامىلىدە سەمىمىي ئىدى. شۇڭا بۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى ئۆز تۇغقىنىدەك ياخشى كۆرۈپ قېلىشتى.
زۇلەيخا ۋە ئوردا سىنىقى
بۆلۈم: “زۇلەيخا ۋە ئوردا سىنىقى”(1-بۆلۈم)
بۆلۈم: “(1-بۆلۈم)”يۈسۈف ئەلەيھىسسالام قۇدۇقتىن چىقىپ ۋەزىرنىڭ ئائىلىسىدە تېخى بىرنەچچە كۈن ئارامخۇدا ئۆتمەي تۇرۇپلا، يەنە يېڭى بىر بەختسىزلىككە دۇچ كەلدى. بۇ بەختسىزلىك ئۇنىڭ ئىرادىسىنى چېنىقتۇرۇپلا قالماي، ئۇنىڭ قەلبىنى ئاللاھقا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى. يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇنداق پېشكەل تەقدىرگە دۇچ كېلىشىگە پۈتۈنلەي ئۇنىڭ ياشلىقى ۋە كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان ھۆسن - جامالى سەۋەب بولدى.
يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ۋەزىرنىڭ ئائىلىسىدە تۇرمۇش ئۈتكۈزۈشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ئاجايىپ ئەقىل - ئىدراكى، سەمىمىي - ساداقىتى ۋە ئېسىل، پاك خىملىتى ۋەزىرنى تېخىمۇ ئىشەندۈردى، مەھلىيا قىلدى. ۋەزىر ئۇنىڭغا خۇددى ئۆزىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقىنى ياكى ئۆز بالىسىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلدى.
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يۈسۈف ئەلەيھىسسالام كېلىشكەن بىر يىگىت بولۇپ يېتىشتى. زۇلەيخادا ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھېرىسمەنلىك پەيدا بولۇپ، يۈرۈش - تۇرۇشلىرى زۇلەيخانىڭ شۇنداق دىققىتىنى قوزغىدىكى، مەيلى ئۇ ئۆزە تۇرسۇن ياكى ئولتۇرسۇن - ئۇخلىسۇن ياكى ئويناشسۇن، تاماق يېسۇن ياكى چاي ئىچسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى زۇلەيخا ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىشتى. زۇلەيخا
ئۈنىڭغا قارىغانسېرى بۇ يىگىتنىڭ شۇنچە چىرايلىق ۋە زېھنىي كۈچىنىڭ شۇنچە تولۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن زۇلەيخادا ئىشق - مۇھەببەت پەيدا بولۇپ، ئىشق ئوتى ئۇنىڭ قەلبىنى ئۆرتەشكە باشلىدى. زۇلەيخا ئۆيدە يالغۇز ئولتۇرغانلىرىدا ئۇنى ئويلايتتى، سېغىناتتى، ئۇخلىغان چاغلىرىدا ئۇنى دائىم چۈشەيتتى. ئۇ ئىچىدە: قانداق قىلسام ئۇنىڭغا ئېرىشەرمەن؟ دەپ ئويلايتتى، لېكىن تۇرۇپلا مەن ۋەزىرنىڭ خوتۇنى، ئېرىم مىسىردا ئابرۇيلۇق ئورۇنغا ئىگە، مەن ئەڭ ياخشىسى بۇنداق شەھۋانىي نەپسىمدىن كېچىپ، ئۆزۈمنى تۇتۇۋالاي، دەپ نىيىتىدىن ياناتتى، بىراق يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنى كۆرگەن ھامان يەنە ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي مەھلىيا بولۇپ كېتەتتى. ئىشق - مۇھەببەت زۇلەيخانىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقانىدى.
ئۇ كۆيۈكنىڭ دەردىدە ئۆزىنى باسالمايدىغان دەرىجىگە يەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئابرۇيى ۋە سالاھىيىتىگە نۇقسان يەتكۈزمەسلىك يولى بىلەن مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، يۈسۈف ئەلەيھىسسالامغا تۇزاق قۇرۇش ۋە ئۇنى ئۆزىگە رام قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىشقىنى قوزغىماقچى بولدى.
لېكىن، يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئەدەپ بىلەن ئۆزىنى زۇلەيخادىن نېرى تۇتاتتى، ئۇنىڭ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان چىرايلىق تەقى - تۇرقىنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالاتتى. يۈسۈف ئەلەيھىسسالام پاك، ئېسىل، ئالىيجاناب ئائىلىدىن كېلىپ چىققاچقا، ئەدەپ - ئەخلاققا مۇخالىپ كېلىدىغان بۇنداق ئىشنى قىلىشنى راۋا كۆرمەيتتى. يەنە كېلىپ ۋەزىر ئۇنى ئاسراپ خۇددى ئۆز تۇغقىنىدەك كۆرەتتى. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇ قانداقمۇ ۋەزىرنىڭ شان - شەۋكىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بۇنداق ئىشنى قىلىپ، ۋەزىرنىڭ خوتۇنى بىلەن خۇپىيانە ئاشنا ئوينىسۇن؟
يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ زۇلەيخانىڭ تەلىپىنى رەت قىلغانلىقى خۇددى كۆيۈۋاتقان ئوتقا ياغ چاچقاندەك، زۇلەيخانىڭ ئىشق - مۇھەببىتىنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇۋەتتى. زۇلەيخانىڭ
ئەمەل - ئىشارەتلىرى كار قىلمىدى. زۇلەيخا ئۆز مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن قەلبىدىكى سىرنى يۈرەكلىك ھالدا يۈسۈف ئەلەيھىسسالامغا ئوچۇق بايان قىلىش قارارىغا كەلدى. چۈنكى ئۇنىڭ زادىلا سەۋر - تاقىمى قالمىغانىدى. بۇ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇ يۈزىنى سىياپلا ئاشق - بىقارار قىياپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقماقچى بولدى. ئۇ بىر قاتار تەييارلىقلارنى قىلىپ، يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنى ئۆز ياتىقىغا چاقىرىپ كىردى. يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئەزەلدىن خوجايىنى چاقىرغان ھامان كېلەتتى. شۇڭا ئۇ زۇلەيخانىڭ قىچقارغانلىقىنى ئاڭلىغان ھامان ئۇنىڭ ياتىقىغا كىردى. زۇلەيخا يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنى كۆرۈپ دەررۈ دېرىزە پەردىلىرىنى چۈشۈرۈپ، ئىشىكنى مەھكەم تاقىدى، ئاندىن يۈسۈف ئەلەيھىسسالامغا:
— بول، چاققان كەل! دېدى.
بۇ يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ باشلىقى تازا ئورغۇپ تۇرغان چاغ بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ياخشى تەربىيە كۆرگەچكە، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاللانىلا ئويلايتتى. ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئاياللارغا چاقچاق قىلىدىغان يامان نىيەت يوق ئىدى. شۇڭا ئۇ كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
— خۇدا ھەققى، مەن سىزنىڭ تەلىپىڭىزنى قانائەتلەندۈرەلمەيمەن، خوجايىنىمغا ئاسىيلىق قىلالمايمەن، ئۇ ماڭا ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلدى. مەن ۋاپاغا جاپا بىلەن جاۋاب قايتتۇرالمايمەن، سىز ئىشىكنى مەھكەم تاقىغان، دېرىزە پەردىلىرىنى چۈشۈرۈۋەتكەن بولسىڭىزمۇ. لېكىن ئاللا ساداقەتسىز ئاياللارنىڭ باشقىلاردىن يۈشۈرۈن قىلغان - ئەتكەنلىرىنى بىلىدۇ، مەن ئاللاھقا مۇخالىپ كېلىدىغان ئىشنى قىلالمايمەن، ئاللاھنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرمەيمەن. بەتئەخلاق ئادەم ياخشى ئاقمۇت كۆرمەيدۇ.
زۇلەيخا ھوقۇقلۇق ھەم ئابرۇيلۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە چىرايلىق ئىدى. ئۇ ئەسلىدە، قول ئاستىدىكى بىر چاكارنى ئازدۇرمىقىم
بەكمۇ ئاسان، دەپ قارىغاچقا، يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەنىدى. بۇ ئوردا ئىچىدە دېگىنىنى قىلىدىغان بىر ئېسىلزادە ئۈچۈن ئېيتقاندا، چىداپ تۇرغىلى بولمايدىغان ئىش ئىدى.
زۇلەيخا دەرغەزەپكە كېلىپ، يۈسۈف ئەلەيھىسسالامدىن ئۆچ ئالماقچى بولدى. يۈسۈف ئەلەيھىسسالاممۇ ھەققانىي غەزىپى بىلەن ئۈنىڭغا دەلمۇدەل تاقابىل تۇرماقچى بولدى. دەل شۇ چاغدا ئاللاھتىن ئۈنىڭغا: «ياقا سىقىشقىنىڭدىن كۆرە، ئۆزۈڭنى قاچۇرغىنىڭ ئەلا، دۈشمىنىڭنى كۆپەيتكىنىڭدىن كۆرە، يارىشىپ ئۆتكىنىڭ ئەلا» دېگەن بېشارەت نازىل بولدى - دە، ئۇ دەرھال ئاللاھنىڭ كۆرسەتكەن يولىغا مېڭىپ، ئىشىككە قاراپ قاچتى. لېكىن، زۇلەيخا ئارقىسىدىن قوغلاپ ئۈنىڭ كۆڭلىكىگە ئېسىلگۈلدى. كۆڭلەك يىرتىلدى. يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئىشىك تۈۋىگە بېرىشىغا، تاشقىرىدىن ۋەزىر كىرىپ قېلىپ، بۇ سەتچىلىكنى كۆرۈپ قالدى. بۇ ئەھۋال ھەقىقەتەن كىشىنى گۇمانلاندۇراتتى. زۇلەيخا مەككارلىق قىلدى، يۈسۈف ئەلەيھىسسالام بولسا راست گەپ قىلدى. زۇلەيخا:
— يۈسۈف شەرم - ھايا قىلماي، نامەھرەم قولىنى ماڭا سۈنۈپ مېنى بۇلغاشقا ۋە ماڭا چېقىلىشقا ئۇرۇندى. سىزنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىڭىزغا چېقىلغان بۇنداق جىنايەتكار، ئەلۋەتتە، قاماققا ئېلىنىشى ياكى قاتتىق جازالىنىشى كېرەك، — دېدى.
يۈسۈف ئەلەيھىسسالام زۇلەيخانىڭ قاراپ تۇرۇپ كاززاپلىق قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، ۋەزىرگە بولۇنغان ئەھۋالنى ئېنىق ئېيتىشقا مەجبۇر - بولۇپ مۇنداق دېدى:
— زۇلەيخا ماڭا چېقىلىپ، مېنى بۇلغىماقچى بولدى، كۆڭلىكىمنى يىرتىۋەتتى، بۇ ئىشقا كۆڭلىكىمنىڭ ئۆزى گۈۋاھتۇر.
دەل شۇ پەيتتە زۇلەيخانىڭ بىر نەۋرە ئاكىسى كىرىپ كەلدى، ئۇ ئەقىل - پاراسەتلىك، نەزەر دائىرىسى كەڭ كىشى ئىدى. ئۇ
ئىككى تەرەپنىڭ گەپ - سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بولۇپ بۇنداق دېدى: — يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكى ئالدى تەرەپتىن يىرتىلغان بولسا، بۇ زۇلەيخانىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ راست، يۈسۈفنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ يالغان ئىككىنلىكىنى؛ يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكى ئارقا تەرەپتىن يىرتىلغان بولسا، بۇ يۈسۈفنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ راست، زۇلەيخانىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ يالغان ئىككىنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ ئېرىدۇ.
ۋەزىر بۇ گەپنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، شۇنداق قارىۋىدى، يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆڭلىكىنىڭ ئارقا تەرەپتىن يىرتىلغانلىقىنى كۆردى ۋە شۇندىلا يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ گۇناھىنى ئىكەنلىكىنى بىلدى. ۋەزىر زۇلەيخاغا:
— سېنىڭ دېگەنلىرىڭ ئاياللارنىڭ دائىم ئىشلىتىپ ئۆگەنگەن ھىيلىسى، دەرھال توۋا - ئىستىغار ئېيت، بۇ سېنىڭ گۇناھىڭ ئىكەن، — دېدى، ئاندىن يەنە يۈسۈف ئەلەيھىسسالامغا، ئاغزىڭنى چىڭ تۆت! ئىشنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بۇ ئىشنى ئىككىنچى ئاغزىڭغا ئالما، — دېدى.
(2-بۆلۈم)
بۆلۈم: “(2-بۆلۈم)”ئوردا ئىچى ۋە سىرتىدا ئاياللارنىڭ غۇلغۇلىسى بارغانسېرى كۆپەيگىلى تۇردى: زۇلەيخا ئۆزىنىڭ ياش چاكىرىغا ئاشق بولۇپ قاپتىمىش، ئۇنىڭ ھۆسن - جامالى زۇلەيخانى مەپتۇن قىلىۋاپتىمىش، زۇلەيخا ئۇنى ئازدۇرماقچى بوپتىكەن، دەككىسىنى يەپتۇ، ئۇ چىداپ تۇرالماي، تەۋەككۈل قىلىپ يۈسۈفنى ئۆيىگە چاقىرىپ كىرىپ، ئۇنى ئۆزىگە قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل چارە - ئامال قىلىپ كۆرگەن بولسىمۇ، يۈسۈف ئۇنىڭ ۋەسۋەسىسىگە بېرىلمەي، ئۇنى رەت قىپتۇ. مۇشۇ ئىش تۈپەيلى، زۇلەيخا ئەس — ھوشىنى يوقىتىپتىمىش، بۇ ئىشنى خەققە ئۇقتۇرماي دېسمۇ كۆز يېشى بىلەن غەمكىن چىرايى ئۇقتۇرۇپ
بويتۇ.
ئاياللار بۇ سەپچىلىكنى گەپكە گەپ قېتىپ شاخلىتىش ئارقىلىق بارغانسېرى كەڭ تارقىتىپ، ئاجايىپ سىرلىقلاشتۇرۇۋەتتى. ئاخىردا بۇ ئىش زۇلەيخانىڭ قۇلىقىغا ئاڭلاندى. زۇلەيخا يۈسۈفنى ئۇ ئاياللارغا بىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ يۈزىنى چۈشۈرەي، دېگەن نىيەتكە كەلدى.
بىر كۈنى زۇلەيخا شەھەردىكى ئېسلزادە خېنىملارنىڭ ھەممىسىنى مېھمانغا چاقىردى. زۇلەيخا ئۇلارغا يۇمشاق كۆرپە سېلىپ، ئالدىغا مېۋە قويدى ھەمدە ھەربىرىگە مېۋە كېسىپ يېيىش ئۈچۈن بىردىن قەلەمتىراچ بەردى، ئارقىدىنلا يۈسۈف ئەلەيھىسسالامغا:
— ئەي يۈسۈف، سەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا كىرىپ بىر ئايلىنىپ چىققىن، دېدى. يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئىزا تارتىپ قىزىرىپ كەتتى. ئاياللار يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنى بىر كۆرۈپلا ئۇنىڭ تەمكىن، قاش - كۆزى كېلىشكەن، لاتاپەتلىك، قەددى - قامەتلىك، تېتىك بىر يىگىت ئىكەنلىكىنى بىلدى. ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتىدىن ئالىيجانابلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. ئاياللار ئۇنى كۆرۈپ ھاڭ - تاڭ بولۇپ، بۇتتەك قېتىپ قېلىشتى، قوللىرىدىكى قەلەمتىراچ بىلەن قوللىرىنى كېسىۋالغاندىلا ئاندىن ھوشىغا كېلىشتى. ئۇلار:
زۇلەيخا چاۋاك چېلىپ مۇنداق دېدى:
— مانا بۇ يۈسۈف بولىدۇ، مەن ئۇنىڭ دەستىدىن سىلەردىن تىل ئاڭلىغان، سىلەر مېنىڭ غەيۋىتىمنى قىلغانىدىڭلار. مانا ئەمدى ئۆزۈڭلار قانداق بولۇپ قالدىڭلار؟ سىلەر ئۇنىڭغا بىئىختىيار قاراپ داڭقېتىپ قالدىڭلارغۇ؟ مېنى نېمىشقا تىللىغانىدىڭلار؟ ئۇ كۆپتىن بۇيان مېنىڭ ئۆيۈمدە يۈردى، كۆز ئالدىمدا چوڭ بولدى، ئۇنىڭ يۈرۈش - تۇرۇشلىرى.
ئولتۇرۇپ - قوپۇشلىرى، ئۇخلاش، غىزالىشش ۋە چاي ئىچىشلىرىنى كۆرۈپ يۈردۈم. كۈندۈزلىرىمۇ، كېچىلىرىمۇ مەن بىلەن بىللە تۈردى، مەن ئۇنى ھۆسن - جامالىمغا مەپتۇن قىلماقچى بولدۇم. بىراق ئۇ مېنى رەت قىلدى، ماڭا قاراپمۇ قويمىدى، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا پۈتۈنلەي پەرىشتىلەرگە خاس روھ ۋە ئاللاھقا تەقبۇادارلىقتىن باشقا نەرسە يوق. ئۇنىڭغا ئوخشاش مۇشۇنداق پەرىشتىنى قۇل، ئۇنىڭ ئىختىيارىغا بېرىلگەن مەندەك بىر ئايالنى خوجايىن، دەپ ئېيتقىلى بولامدۇ؟ سىلەرگە يوشۇرماي شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مەن ئۇنى ئازدۇرغان، ئۆزۈمگە مەپتۇن قىلماقچى بولغان بولساممۇ، لېكىن ئۇ مېنى رەت قىلدى. مەن يەنە شۇنىمۇ سىلەرگە ئېيتىپ قوياي، مەن ئۇنىڭ رەت قىلىشىغا چىداپ تۇرالمايمەن، ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىشقا ئامالسىزمەن، ئۇ مېنىڭ قەلبىمنى ئەسىر قىلىۋېلىپ، يۈرىكىمنى لەختە لەختە قىلىۋەتتى. ئۇ مېنى ئاشىق بىقارار قىلغاچقا، كېچىلىرى ئۇخلىيالمايمەن. بۇ ئىش پۈتۈن شەھەرگە پۇر كەتتى، كىشىلەرنىڭ غۇلغۇلىمى كوچىلارنى قاپلىدى، مەن قاتتىق ئىزا - ئاھانەتكە قالدىم. مۇبادا يۈسۈف مېنىڭ رايىمغا بارمايدىكەن، مەن ئۇنى زىندانغا ناشلايمەن. ئۇ ئۆمرىنى زۇلىمەتلىك زىنداندا ئۆتكۈزسۇن، بۇ ئىككى يولنى يۈسۈفنىڭ ئۆزى تاللىسۇن.
ئاياللار يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان ھۆسن - جامالىمنى كۆردى، زۇلەيخانىڭ ئىشق ئوتىدا كۆيۈپ بىتاقەت بولۇپ كەتكەن روھىي ھالىتىنىمۇ كۆردى، ئۇنىڭ تەھدىت تۈسىنى ئالغان قورقۇنچلۇق گەپلىرىنىمۇ ئاڭلىدى. شۇڭا، ئۇلار زۇلەيخانىڭ ھوقۇقى، كۈچ - قۇدرىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، يۈسۈف ئەلەيھىسسالامغا بېسىم ئىشلەتمەكچى بولدى - دە. ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە ئۇلاردىن بىرى شۇنداق دېدى:
- ئەي ئالىيجاناب يىگىت، رەت قىلىپ نېمە قىلىسەن؟ بۇ ئىشتىن بېمىشقا ئۆزۈڭنى قاچۇرسەن؟ زۇلەيخا ئۆزىنىمۇ، يۈرىكىمنىمۇ ساڭا بېرىۋاتقان تۇرسا، سەن بۇنىڭدىن
تەسىرلەنمەسەن؟ دانا كۆزۈڭنى ئېچىپ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان بۇ ساھىبجامالغا بىر قاراپ قويالماسەن؟ سەن يىگىت ئەمەسمۇ؟ سەن پەيتنى قولدىن بەرمەي، ئاياللارنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئېرىشمەكچى بولغانلىرىڭنىڭ ھەممىسىگە ئېرىشىپ، بۇ دۇنيانىڭ راھىتىدىن بەھرىمەن بولۇشۇڭ كېرەك! يەنە بىر ئايال دېدى:
زۇلەيخانىڭ نە قەدەر گۈزەللىكىنى دېمەيلا تۇرايلى، سەن ئۇنىڭ ھوقۇقى، كۈچ - قۇدرىتىنىمۇ بىلمەسەن؟ ناۋادا سەن ئۇنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ رايىغا بارىدىغان بولساڭ، ئوردىدىكى ھەممە دۆلەتتىن بەھرىمەن بولسەن!
— سېنى زۇلەيخانىڭ ھۆسن - جامالى، پۇل - مېلىغا قىزىقمايدىكەن دېگەندىمۇ، — دېدى ئاياللاردىن يەنە بىرى، — سەن ئۇنىڭ سېنى زىندانغا تاشلاپ، چەكسىز ئازاب - كۈلپەتكە دۇچار قىلىشىدىن قورقماسەن؟ ئەڭ ياخشىسى، سەن ئۇنىڭغا ئىتائەت قىل، ئۇنچىۋالا كاجلىق قىلما، ئىتائەت قىلساڭ، چىرايلىق ئايالغا ۋە ئالتۇن - كۈمۈشكە ئىگە بولسەن، زىندان ئازابىدىنمۇ قۇتۇلۇپ قالسەن.
ئاياللار بۇ گەپلەر يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنى تەسىرلەندۈرىدۇ، ئۇنىڭدا ھەۋەس، ئۈمىد قوزغايدۇ، دەپ ئويلاشقانىدى، لېكىن يۈسۈف ئەلەيھىسسالام بىئارام بولۇپ خاتا ئىش قىلىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ، ئاللاھتىن مەدەت تىلىدى. ئاللاھقا ئېتىقاد قىلغۇچىلار مۈشكۈللۈككە ئۇچرىغاندا، بەختسىزلىككە دۇچ كەلگەندە ياكى نېمە قىلىشنى بىلمىگەندە ئاللاھتىن يول كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئاياللارنىڭ ھىيلە - مىكىرلىرىگە تاقابىل تۇرۇپ، بەختسىزلىكتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئاللاھقا مۇراجىئەت قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئى رەببىم! زىندان زۇلمەتلىك، زېرىكەرلىك بولسىمۇ، لېكىن مەن ئۈچۈن ئۇ يەر مۇشۇ ئاياللارغا ئارىلىشىپ يۈرگەندىن ياخشىراق. ئازاب - كۈلپەت ئېتىقادىمنى كۈچەيتىدۇ، نەزەر دائىرەمنى كېڭەيتىدۇ. مەن ئۇ
بەردە ساڭا ھەمدۇسانا ئېيتالايمەن، كىشىلەرنىڭ ئېتىقادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى پەقەت سېنىڭلا ھەقىقىي ئىلاھ ئىكەنلىكىگە تولۇق ئىشەندۈرەلەيمەن، ئەكسىچە، مەن بۇ ئاياللار ئىچىدە بولغىنىمدا، ئۇلارنىڭ ياغلىما گەپلىرى بىلەن قايمۇقۇپ كېتىشىم، ئۇلارغا قارىتا غەيرىي ھېسسىياتتا بولۇپ قېلىشىم مۇمكىن. ئى رەببىم، زىنداندا يېتىشقا رازىمەنكى، ئۇلارنىڭ ئازدۇرۇشىغا تىز پۈكمەيمەن.
زۇلەيخا ئۈمىد يوقلۇقىنى بىلىپ، سەۋر - تاقەتتىن قالدى - دە، ئېرىنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنى جازالىماقچى بولدى. ۋەزىر زۇلەيخانىڭ ئىختىيارىدىكى قوزىدەك ھەممىدە زۇلەيخاغا ئىتائەت قىلاتتى. زۇلەيخا ۋەزىرگە شۇنداق دېدى:
يۈسۈف مېنىڭ ئەيبىمنى ئاشكارىلاپ، شەنىگە داغ تەگكۈزدى، سەن شان - شەرىپىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىچىمدىكى غەزەپنى چىقىرىش ئۈچۈن، يۈسۈفنى زىندانغا تاشلىشىڭ كېرەك.
ۋەزىر زۇلەيخانىڭ دېگەنلىرىگە ئىتائەت قىلىپ، يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنى زىندانغا تاشلىدى. پاك، گۇناھسىز يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئاللاھقا ئېتىقاد قىلغۇچى بارلىق كىشىلەرگە ئوخشاش، ئاجايىپ سەۋر - تاقەت، شىجائەت بىلەن بۇ يېڭى بەختسىزلىكنى كۈتۈۋالدى.
تۆھمەت بىلەن زىندانغا تاشلىنىشى
بۆلۈم: “تۆھمەت بىلەن زىندانغا تاشلىنىشى”يۈسۈف ئەلەيھىسسالام قاتىلمۇ، قاراقچىمۇ ئەمەس ئىدى، لېكىن ئۇ زىندانغا تاشلاندى. ئۇنىڭغا ئۇۋال قىلىندى، ئۇ قانۇننىڭ ئادىل مۇئامىلىسىگە ئېرىشەلمىدى. ئۇ زىنداندا ياتقان بولسىمۇ، كۆڭلى توق ئىدى. چۈنكى ئۇ تارتقان بۇ ئازاب - كۈلپەت ئۇنىڭ
زىنداندا يېتىشىغا سەۋەب بولغان سۈيىقەست ئالدىدا قانچىلىك ئىش ئىدى دەيسىز! ئۇ زىندانغا تاشلىنىپ سۈيىقەستتىن قۇتۇلۇپ قالمىدىمۇ؟ چۈنكى بۇ قېتىمقى سۈيىقەستنىڭ مەقسىتى ئۇنىڭ ئېتىقادىنى ئاجىزلاشتۇرۇش، پەزىلىتىگە زىيان يەتكۈزۈش ۋە ئۇنىڭ پاك ۋۇجۇدىنى بۇلغاش ئىدى. زىنداندا ئۇ ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇنىڭ نېمىسىگە دەخلى يەتكۈزەلەيتتى؟ زىنداندا ئۇ بەزى يامان ئادەملەر ۋە جىنايەتچىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشى مۇمكىن، بۇ ئۇلارغا نەسىھەت قىلىش، ئۇلارنى توغرا يولغا يېتەكلەشنىڭ ياخشى پۇرسىتى ئەمەسمۇ؟ ئۇ ئۇلارنى يامان يولدىن قايتۇرغاي، گۇناھكەبىر ئىلكىدىن قۇتۇلدۇرغاي!
دەرۋەقە، ئۇ زىنداندا يەنە ئۆزىگە ئوخشاش ئۇۋال قىلىنغان مىسكىن، بىچارىلەرنىمۇ ئۇچرىتىشى مۇمكىن، بۇ ئۇلارغا تەسەللى بېرىشتىكى ياخشى پۇرسەت. بۇ كىشىلەر بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە ئۆتۈشنىڭ ئۆزى بىر لەززەت. ئاللا ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىك ئورۇن بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇردى، بۇنىڭدىنمۇ شەرەپلىك ئىش بولامدۇ! ئۇ مۇشۇلارنى ئويلىغىنىدا، ئۆزىنىڭ زىنداندا ياتقانلىقى، ئازاب چەككەنلىكى ۋە پۇت - قولىغا زەنجىر - كىشەن سېلىنغانلىقىنىڭ ھەممىسىنى ئېغىزغا ئالغۇچىلىكى يوق كىچىك ئىش، دەپ قارايتتى.
بەزىدە يۈسۈف ئەلەيھىسسالام زىنداندىكى كېسەللەرنى يوقلايتتى، تېنى ئاجىزلارغا تەسەللى بېرەتتى، بەزىدە مىسكىن، بىچارە مەھبۇسلارغا چۈشەنچە ۋە تەسەللى بېرەتتى، ھەر كۈنى ئەتىگىنى ئۇلارغا ئىلىم - مەرىپەت ئۆگىتەتتى، ئەخلاق توغرىسىدا سۆزلەيتتى. مەھبۇسلار ئۇنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇنىڭغا سۆيۈنەتتى ھەم ئىشىنەتتى.
پادىشاھنىڭ ئىككى ياش خىزمەتكارىمۇ زىندانغا تاشلانغانىدى. بۇلارنىڭ بىرى پادىشاھنىڭ ساقىيىسى، يەنە بىرى پادىشاھنىڭ ناۋىيى ئىدى. بۇ ئىككىيلەن يۈسۈف ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر ئۆيدە
تۇراتتى. بىر كۈنى ساقىي بىلەن ناۋاي چۈش كۆردى. چۈشىدە كۆرگەنلىرى ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئەنسىزلىككە سالدى. ئۇلار ئويغانغاندىن كېيىن، يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ چۈشىگە تەبىر بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
پادىشاھنىڭ ساقىيى دېدى:
— مەن چۈشۈمدە ئۆزۈمنى بىر ئۈزۈملۈك باغدا كۆرۈپتىمەن، قولۇمدا پادىشاھنىڭ قەدەھى تۈرغۈدەك، مەن ئۈنىڭغا مۇسەللەس قۇيۇۋاتقۇدەكمەن.
پادىشاھنىڭ ناۋىيى دېدى:
— چۈشۈمدە پىشۇرۇلغان ھەر خىل نان ۋە يېمەكلىكلەر قاچىلانغان بىر سېۋەتنى كۆتۈرۈپ يۈرگۈدەكمەن. ئۈشتۈمتۈت، بىرمۇنچە ئۇچار - قۇشلار سېۋەتتىكى يېمەكلىكلەرنى چوقۇپ ئېلىپ بىراققا ئۇچۇپ كېتىپتۇدەك. سىلى بىلىملىك كىشى، مۇشۇ كۆرگەن چۈشلىرىمىزگە تەبىر بېرىپ باقسىلا، قانداق!
پادىشاھنىڭ بۇ ئىككى ياش خىزمەتكارى يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنى تېپىشتىن ئىلگىرىلا، ئاللاتائالا يۈسۈف ئەلەيھىسسالامغا مۇقەددەس ۋەزىپىنى، يەنى دادىسىنىڭ ئېتىقادنى بىرلىككە كەلتۈرۈش يولىدا شۇغۇللانغان ئىشلىرىنى تاپشۇرغانىدى. يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئېزىلگەن كەمبەغەللەر ئارىسىدا چوڭ بولدى. غۇربەتچىلىك ئاشۇ كەمبەغەللەرنىڭ قەلبىنى پاكىلاشتۇردى. ئۇلار ئاللاھقا ئېتىقاد قىلىشنى شەرەپلىك، دەپ قارايتتى. بۇ كىشىلەر يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىگەنلىرىنى ئاسان چۈشىنەتتى، ئۇنىڭ باشلىغان يولىغا ماڭاتتى.
يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىشقا باشلىغان. ئاللاھقا بىردەك ئېتىقاد قىلىشنى ئۈنلۈك خىتاب قىلىۋاتقان چاغدا، پادىشاھنىڭ ئىككى خىزمەتكارى يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كەلدى. يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ياخشى پۇرسەت يېتىپ كەلدى دەپ قاراپ ئۈنلۈك خىتاب قىلدى:
— ئى خالايىق! ئاللا سىلەر ئېتىقاد قىلىۋاتقان بۇتسىن
ئۆزەلدۈر. ئاللا ماڭا سەلەرگە ئاللانى بىلدۈرۈش ھەم سەلەرنى ئاللاھنىڭ ھۆرۈرىغا ئېلىپ بېرىش ھەققىدە يېشارەت بەردى. سەلەر چوقۇنۇۋاتقان كۈن. كالا ۋە باشقا خىلمۇخىل بۇتلارنى ئۆزۈڭلار ۋە ئاتا- بوۋاڭلار ئىلاھ قىلىۋالغان. ئاللا ئۇلارغا ھېچقانداق ھوقۇق بەرگەن ئەمەس. سەلەردە ئۇلارغا ئېتىقاد قىلىشقا ئەرزىگۈدەك بىرەر دەلىل - ئىسپاتمۇ يوق. ئېيتىۋاتقانلىرىمنىڭ پاكىت. تەرغىب قىلىۋاتقانلىرىمنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، بۇ ئىككى ياشنىڭ كۆرگەن چۈشىگە بېرىدىغان تەبىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار. بۇلارنىڭ بىرى، زىنداندىن چىقىپ، پادىشاھقا مەي - شاراب قۇيىدىغان ساقىي بولىۋېرىدۇ. يەنە بىرى، دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلۈپ بېشى قۇشلارغا يەم بولىدۇ. مەن ئالدىن بىلگۈچى. مەن پال ئېچىشقا ياكى باشقا چارىگە تايانمايمەن. بۇنى ماڭا ئىگەم ئۇقتۇردى، مەن ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغانلاردىن بىزار بولدۇم، چۈنكى ئۇلار ھىممەت - شەپقەتكە تەشككۈر ئېيتىشنى بىلمەيدۇ.
يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئۆزىگە تولۇق ئىشىنەتتى. ئالدىن كۆرگەنلىرىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ، دەپ قارايتتى، شۇڭا پادىشاھنىڭ ساقىيىسىغا مۇنداق دېدى:
— سەن زىنداندىن چىقىپ، ئوردىغا قايتىپ ئەسلىي خىزمىتىڭنى قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، پادىشاھقا زىنداندا ئۇۋال قىلىنغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى يەتكۈزۈپ قويغىن.
يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىن بىلگەنلىرى ئەمەلگە ئاشتى. خىزمەتكارنىڭ بىرى زىنداندىن چىقتى، يەنە بىرى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلدى. پادىشاھنىڭ ساقىيىسى ئوردىغا قايتقاندىن كېيىن، ئالدىراش ئىشلار بىلەن بەند بولۇپ كەتتى. شەيتان ئەلەيھىلەن ئۇنىڭغا يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ تاپىلمىغانلىرىنى ئۇنتۇلغۇزدى. شۇنىڭ بىلەن يۈسۈف ئەلەيھىسسالام زىنداندا يەنە بىرنەچچە يىلنى ئۆتكۈزدى.
چۈش تەبىرى ۋە زىنداندىن چىقىشى
بۆلۈم: “چۈش تەبىرى ۋە زىنداندىن چىقىشى”پادىشاھ بىر چۈش كۆرۈپ تەشۋىشكە چۈشتى. ئۇ پۈتۈن ئەلدىكى ئالىملارنى ۋە مەشھۇر زاتلارنى ئوردىغا چاقىرتىپ، كۆرگەن چۈشىگە تەبىر بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
پادىشاھ ئۇلارغا:
— مەن ھەقىقەتەن چۈشۈمدە يەتتە ئورۇق كالىنىڭ يەتتە سېمىز كالىنى يەپ كەتكەنلىكىنى ۋە يەتتە يېشىل باشاق بىلەن يەتتە قۇرۇق باشاقنى كۆرۈپتىمەن. — دەپ ئۇلاردىن بۇ چۈشكە تەبىر بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئالىملار پادىشاھنىڭ كۆرگەن چۈشىگە بىرنېمە دەپ تەبىر بېرىشكە ئامالسىز قېلىپ:
— بۇ خىيالىي تۇيغۇ ۋە باش - ئايىغى يوق بىتايىن چۈش ئىكەن، بۇنىڭغا تەبىر بېرىشكە ئامالسىزمىز، دېيىشتى.
ئوردىدا پادىشاھقا ساقىيلىق قىلىپ دۆلەت كۆرۈپ يۈرگەن ھېلىقى مۇلازىم پادىشاھنىڭ چۈشىگە تەبىر ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، دەرھال زىنداندا ئۇنىڭ چۈشىگە تەبىر بەرگەن يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنى يادىغا ئالدى.
ساقىي پادىشاھقا دېدى:
— ئۇلۇغ شاھىم، زىنداندا ئاجايىپ پەزىلەتلىك بىر يىگىت بار، ئۇنىڭ بىلىمى چوڭقۇر، ئەقىل - پاراسىتى زىيادە، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر مېڭىسى بىلەن ئىشلارنى ئالدىن بىلەلەيدۇ. ئەگەر ئۇ چۈشلىرىگە تەبىر بېرىشكە كەلتۈرۈلسە، كۆپ ئويلانمايلا كىشى رازى ۋە قايىل بولغۇدەك تەبىر ئېيتىشى مۇمكىن. ئەگەر جانابىي ئالىملىرى مېنى ئۇنىڭ قېشىغا ئەۋەتسىلە، چوقۇم ئۆزلىرىگە ئىشەنچلىك خەۋەر ئېلىپ كېلەلەيمەن.
پادىشاھنىڭ ساقىيسى ئىلگىرى ئۆزى ئازاب - كۈلپەت چەككەن زىندانغا كەلدى. ئۇ يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ زىنداندا بۇرۇنقىدەكلا ئازاب چېكىمۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئاللاھقا
ئىخلاسەنلىك بىلەن ئېتىقاد قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇ يۈسۈف ئەلەيھىسسالامغا دېدى:
— ئەي دوستۇم يۈسۈف، مەن بۇ يەرگە سەندىن بۇ قىيىن شارائىتتىن قۇتۇلۇپ بەختسىزلىككە خاتىمە بېرىشىڭنى ئۈمىد قىلىپ كەلدىم، قېنى ماڭا ئېيتقىنا، يەتتە ئورۇق كالىنىڭ يەتتە سېمىز كالىنى يەپ كېتىشى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ يەتتە يېشىل باشاق بىلەن يەتتە قۇرۇق باشاق نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ ئۆز ئەقىل - ئىدراكىڭغا تايىنىپ، بۇ مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشىڭنى تىلەيمەن. مۇشۇنداق بولسا كىشىلەر سېنىڭ ئىلتىپاتىڭدىن ۋە مول، چوڭقۇر بىلىمىڭدىن خەۋەر تاپىدۇ.
يۈسۈف ئەلەيھىسسالام چۈشكە تەبىر بەرگۈچى ئالىم بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئاللاھنىڭ بۇ دۇنياغا كىشىلەرنى يېتەكلەش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئەلچىسى ئىدى. ئۇ ھېچقانداق پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ئىجرا قىلاتتى. بۇنىڭدىن بىرنەچچە يىل ئىلگىرى ساقىي بىلەن ناۋاي كۆرگەن چۈشلىرىگە تەبىر سورىغاندا، ئۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئاللاھقا ئېتىقاد قىلىشتىن ئىبارەت ئەقىدىسىنى ئاشكارىلاپ، بۇنقا چوقۇنۇشتىكى قەبىھ قىلىقنى ئەيىبلىگەن ۋە مەسخىرە قىلغانىدى. بۈگۈن پادىشاھ ئۇنى ئادەم ئەۋەتىپ چۈشىگە تەبىر بېرىشكە چاقىرتىپتۇ، ئۇ قانداق تەبىر بېرىش لازىملىقىنى بىلەتتى. ئۇ پەقەت چۈشكىلا تەبىر بېرىپ قالماي، مۇشۇ پۇرسەتتە كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۆز پىكرىنىمۇ قوشۇپ سۆزلىمەكچى بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
سىلەردە يەتتە يىلغىچە ھاۋا ياخشى كېلىدىكەن. بۇ يىللاردا يەرلىرىڭلار مۇنبەت، ئاشلىقىڭلار مول بولۇپ، كۈنىڭلار باياشات ئۆتىدىكەن، لېكىن ئارقىدىنلا، يەتتە يىل قەھەتچىلىك بولىدىكەن، ھاۋا قۇرۇق گۈلدۈرلەپ يامغۇر ياغمايدىكەن، نىل دەرياسىمۇ سىلەرگە ياردەم بېرەلمەيدىكەن. يېرىڭلار ھېچنېمە ئۈنمەي ئاق قالىدىكەن. بۇ سىلەرنىڭ ھاياتىڭلاردىكى ئەڭ ئېغىر قەھەتچىلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئاپەت ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن يەنە
توقچىلىق بولىدىكەن، ئەھۋالدا ياخشىلىنىش بولۇپ ئاپەتتىن قۇتۇلىدىكەنسىلەر، خاراب بولغان ھەممە نەرسە يەنە ئوڭشىلىدىكەن، زېمىن سېخىيلىق بىلەن سىلەرگە ئاشلىق، زەيتۇن، زىغىر يەتكۈزۈپ بېرىدىكەن، باياشات ھەم توقچىلىقتىن بەھرىمەن بولىدىكەنسىلەر. بۇ مېنىڭ پادىشاھنىڭ چۈشىگە بېرىدىغان تەبىرىم، بۇ ماڭا ئىگەم ئاللاھتىن كەلگەن بېشارەت. ئەگەر سىلەر سۆزۈمگە ئىشىنىدىغان بولساڭلار، مول ھوسۇل يىللىرى ئېلىنغان ئاشلىقىڭلاردىن يېيىشكە قالدۇرۇلغاندىن ياشقىسىنى پۈتۈنلەي ساڭلارغا قاچىلاڭلار ۋە ئائىلىلەردە ساقلاڭلار، چىرىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئاشلىقنى باشاقلىرى بىلەن يىللە ساقلاڭلار، شۇنداق قىلساڭلار، بۇ قەھەتچىلىك يىللىرىدىن ئامان - ئېسەن ئۆتۈپ كېتەلەيسىلەر.
پادىشاھ يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ بەرگەن تەبىرىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ پىكرى ۋە تەكلىپلىرىگە ناھايىتى ئېتىبار بىلەن قارىدى. پادىشاھ ئۆز چۈشىگە تەبىر بەرگۈچىنىڭ چوقۇم يېڭىسى زېرەك، پىكرى ئۆتكۈز بىر كىشى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭ پىكرى ۋە بىلىملىرىدىن پايدىلىق نەرسىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۇنى ئۆز ھۇزۇرىغا چاقىرىتماقچى بولدى. پادىشاھنىڭ ئەلچىسى يۈسۈف ئەلەيھىسسالام بىلەن كۆرۈشتى.
ئۇ مۇنداق دېدى:
— ئەي يۈسۈف، پادىشاھ سېنى ئۆز ھۇزۇرىغا چاقىرىپ، سەن بىلەن يۈز تۇرانە سۆزلەشمەكچى بولدى. پادىشاھنىڭ كۆرگەن چۈشىگە بەرگەن تەبىرلىرىڭ پادىشاھقا بىلىمىڭنىڭ مول، نەزەر دائىرەڭنىڭ كەڭ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى. كۆرسەتكەن تەبىرلىرىڭدىن پادىشاھ سېنىڭ مېڭەڭنىڭ ئۆتكۈز، زېرەك ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدى. مانا ئەمدى مەرتىۋەڭ ئاشىدىغان، ئامىتىڭ كېلىپ، قاراڭغۇ زىنداندىن قۇتۇلىدىغان ۋاقىت كەلدى. يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئېسىل ئەلچىسى ئىدى. ئاللا ئۇنىڭغا قانداق قىلىپ سەۋر - تاقەتلىك، كەڭ قورساق بولۇشنى
ئۆگەتكەندى.
ئۇ ئازاد بولۇشقا شۇنچە تەلپۈنسىمۇ، لېكىن كەلگەن ئەلچىنىڭ تەلىپىگە دەرمەھەل ماقۇل بولمىدى. ئۇ قاراڭغۇ زىنداندا بىرقانچە يىلنى ئۆتكۈزگەندى. ئۇ بەكمۇ زېرىكەتتى، قايغۇراتتى ۋە ئازابلىناتتى. چۈنكى ئۇ شۇ مەزگىللەردە قۇياشنى، ئاينى، ئاسماندا چاقناپ تۇرىدىغان يۈلتۈرلەرنىمۇ كۆرمىگەندى. بۇ بىرقانچە يىل ئىچىدە ئۇنىڭ يېگەن قاتتىق - قۇرۇق نائىلىرى ۋە ئىچكەن سېسىق سۈلىرىدىن تېخىمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايتتى. ئۇنىڭ پۈت - قولىغا ئېغىر زەنجىر - كىشەن سېلىنغاندى. ئۇ تاشنى تەكىيە قىلىپ، شېغىل تۆكۈلگەن يەر ئۈستىدە ياتاتتى، ئۇنىڭغا ئۇۋال قىلىنغاندى. لېكىن ئۇ بۇنداق ئازابلىنىشلارنى ئېتىقادىنى كۈچەيتىش ۋە قەلبىنى پاكلاشتۇرۇشنىڭ ياخشى پۇرسىتى، دەپ قارىدى.
يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئالاھىدە كەچۈرۈم ۋە شەپقەت قىلىنىش نامى بىلەن زىنداندىن چىقىشنى خالىمىغاچقا، پادىشاھنىڭ ئەلچىسىگە مۇنداق دېدى:
پادىشاھقا بېرىپ ئېيتقىنكى، مەن ئۇنىڭدىن مېنى مۇشۇنداق ناھەق ئازاب - كۈلپەتكە ئۇچراتقان ئايالنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشنى ۋە مەن زىنداندىن چىقىپ كېتىش ئالدىدا ئەھۋالنى ئېنىقلاپ، گۇناھسىز ئىكەنلىكىمنى خالايىققا ئوچۇق - ئاشكارا جاكارلاشنى تەلەپ قىلىمەن.
يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسلىسى پادىشاھنى بەكمۇ بىئارام قىلاتتى، ئايال مەسلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنغانلىقى ئۇنى تېخىمۇ پەرىشان قىلدى. ئۇ يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشى ئۈستىدە قايتا - قايتا پىكىر يۈرگۈزدى. ئەسلىدە پادىشاھ زىندانغا تاشلانغان بۇ كىشىنى ئېتىبارغا ئالغۇچىلىكى يوق بىر ياش، ئۇنى بۈگۈن چاقىرىپ ئۇنىڭ قابىلىيىتى، بىلىمى ۋە ئىقتىدارىنى كۆرۈپ باقىمەن. دەپ ئويلىغاندى.
ئەمدىلىكتە، ئۇ ئەسلىدە نائىنىق بولغان بىر ئىشنى
پادشاهنىڭ ئالدىغا قويدى، بۇ ئىشنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە توغرا كېلەتتى.
پادشاھ ئاياللارنى ئوردىغا چاقىرىپ گەپنى ئوچۇقلا قويۇپ: — ئىلگىرى سىلەر يۈسۈفنى ئازدۇرغانىكەنسىلەر، ئەمدى نېمە دەيسىلەر؟ — دەپ سورىدى. ئاياللار ئىنكار قىلىشقا يېتىنالماي ئىقرار قىلدى. ئاياللار مۇنداق دېدى:
ئەزىمرايى خۇدا، بىز يۈسۈفنىڭ بىرەر يامان ئىش بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى بىلمەيمىز. پەقەت ئۇنىڭ ئالىيجاناب، ساداقەتمەن ۋە پاك يىگىت ئىكەنلىكىنىلا بىلىمىز. ئۇنىڭ يۈرۈش - تۇرۇشى ۋە ئەخلاقىغا گەپ سىغمايدۇ.
كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن چاچلىرى ئاقارغان زۇلەيخامۇ ئىقرار قىلىپ مۇنداق دېدى:
ھازىر ھەممە ئىش خەلقئالەم ئالدىدا ئاشكارا بولدى، مەن ئۇنى ئازدۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقىمغا ئىقرارمەن. ئۇ ئىلگىرى چىرايلىق، كېلىشكەن يىگىت ئىدى، سىياقى كۆز ئالدىمدىن كەتمەيتتى، مەن ئۆزۈمنى باسالمايتتىم، مەن ئۇنىڭغا تەلەپ قويسام، ئۇ مېنى رەت قىلدى. ئۇ ئاللاھقا قەتئىي ئېتىقاد قىلدى، ئېرىمگە سەمىمىي - سادىق بولدى. مەن ھازىر شۇنداق ئېيتىمەنكى، ئۇ مەن كۆرگەن ئەڭ پاك، ئەڭ ئاق كۆڭۈل ئادەم. زىنداندا ئۇ ھەر خىل ئازاب - كۆلەتلەرگە ھەسرەت - نادامەت ئىچىدە چىداپ كەلدى. ئۇنى زىندانغا سالغان مەن، ئۇنى شۇنچە كۆپ ئازاب - ئوقۇبەتكە گىرىپتار قىلغانمۇ مەن. بۈگۈن مەن خەلقئالەم ئالدىدا، پادشاھ ۋە خالايىق ئالدىدا شۇنداق ئېيتىمەنكى، زىنداندا يېتىۋاتقان يۈسۈفنىڭ بىرەر سەۋەنلىكى ياكى گۇمانلىق جايلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن، ئىلگىرى، مەن مۇشۇ ئاياللارغا ئۇنى ئازدۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقىمنى، ئۇنىڭ مېنىڭ تەلىمىيمنى رەت قىلغانلىقىنى ئېيتقانىدىم. ھازىرمۇ شۇنداق ئېيتىمەن، مەن ئۇنى ئازدۇرغان، ئۇ رەت قىلغان.
مىسىرغا ۋەزىر بولۇشى
بۆلۈم: “مىسىرغا ۋەزىر بولۇشى”زۇلەيخاننىڭ ئىقرارى يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ پاك، گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. خۇددى پادىشاھنىڭ ساقىيىسى ئېيتقاندەك، ئۇنىڭ زىنداندىكى سۆز - ھەرىكەتلىرى ئۇنىڭ بىلىمىنىڭ چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا كەمتەر، كەڭ قورساق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. پادىشاھنىڭ ئۇ توغرۇلۇق پەم - پاراسەتلىك، ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئەتراپلىق، دەپ ئاڭلىغانلىرىمۇ ئىسپاتلاندى.
يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ يۈكسەك پەزىلىتى ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر خىسلىتى پادىشاھنى ئۇنى ئۆزىنىڭ ئىشەنچلىك كىشىلىرىدىن قىلىش، ئۆز يېنىدا قالدۇرۇش، ئۇنىڭ ناھەق تارتقان رىيازەتلىرىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئىرادىسىگە كەلتۈردى.
يۈسۈف ئەلەيھىسسالام پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەلدى. پادىشاھ ئۇنىڭ بىلەن بىر قۇر سۆزلىشىپ بولغاندىن كېيىن، دەرۋەقە ئۇنىڭ ئىسمى - جىمىغا لايىق، پىكىر قىلىشتا پىشىپ يېتىشكەن، ئۆتكۈر ئىقتىدارلىق كىشى ئىكەنلىكىنى بىلدى. پادىشاھ مۇنداق دېدى:
— ئەي يۈسۈف، سېنىڭ ئالىيجاناب پەزىلىتىڭ، كىشىلەردە قالدۇرغان ياخشى تەسىرلىرىڭ، كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر ئۆتمۈشۈڭ، ئاجايىپ ئەقىل - ئىدراكلىرىڭ سېنىڭ نەزەرىمدە سېنىڭ قىممىتىڭ ۋە ئورتۇڭنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈردى. بۈگۈندىن باشلاپ سەن سېنىڭ ئېتىبارلىق ۋەزىرىم. سەن دۆلەتكە بەخت كەلتۈرۈش ئۈچۈن يېڭىلىق ياراتقىن، سەن قىلماقچى بولغان ئىشلىرىڭنى قىلىشقا ھوقۇقلۇقسەن.
يۈسۈف ئەلەيھىسسالام بۇ دۆلەتتە توقچىلىق ۋە قەھەتچىلىك
بولىدىغانلىقىنى بىلەتتى. توقچىلىق يىللىرىدا نىل دەرياسى كىشىلەرگە مول سۇ مەنبەسى ۋە ياخشىلىق ئېلىپ كېلەتتى. قەھەتچىلىك يىللىرىدا ئۇنىڭ ئەكسىچە بولاتتى. پۇقرالارنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ھەرقانداق كىشى دۆلەت خەزىنىسىنى ئوبدان باشقۇرۇشى كېرەك ئىدى. خەزىنە دۆلەتنىڭ تۈۋرۈكى، ھەرقانداق ئىشنى ياخشى يولغا قويۇشنىڭ ئاساسى ئىدى. شۇڭا، يۈسۈف ئەلەيھىسسالام بۇ ئاچقۇچلۇق ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىپ دۆلەتتىن ئىبارەت بۇ چوڭ كېمىنى گۈللەنگەن باياشات قىرغاققا يەتكۈزۈشنى خالايتتى. ئۇ پادىشاھقا مۇنداق دېدى:
ئەگەر سىز مېنى مىللىتىمىزگە جاۋابكار بولۇپ دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى پىلانلىسۇن دېسىڭىز، مەن سىزدىن مېنى خەزىنىسىنى باشقۇرۇشقا ۋە مالىيە ئىشلىرى باش ۋەزىرلىكىگە تەيىنلىشىڭىزنى سورايمەن. ئاللا خالىسا، مەيلى جاپالىق كۈنلەر ياكى گۈللىنىش دەۋرى بولسۇن ۋە مەيلى توقچىلىق يىللار ياكى قەھەتچىلىك يىللار بولسۇن، دۆلەتنىڭ ھەممە ساھەدىكى ئىشلىرى گۈللەپ ياشنايدۇ.
ھەش - پەش دېگۈچە، ئاللا ئۆتمۈشتىكى مەھبۇسنى ۋە كىشىلەر تەرىپىدىن خورلانغان بۇ ياشنى چوڭ ھوقۇققا ئىگە ئەتمۇارلىق ۋەزىر ۋە ھەممە كىشى ئىتائەت قىلىدىغان ئابرۇيلۇق كاتتا زات قىلدى. بۇ ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ ھىممىتى ئىدى. پەقەت ئاللاھنىڭ ئۆزىلا مۇشۇنداق كۈچ - قۇدرەتكە ئىگە ئىدى.
يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ مىسىردا ھاكىمىيەت يۈزگۈزگىنىگە يەتتە يىل بولدى. بۇ جەرياندا ھاۋا ياخشى بولدى. نىل دەرياسىدا سۇ ئەلۋەك بولدى، زىرائەتلەر ئوخشاپ، ئاشلىق مول بولدى، كىشىلەرنىڭ تۈرمۈشى ناھايىتى باياشات ئۆتتى. يۈسۈف ئەلەيھىسسالام كاللىسى سەگەك، زىرەك ۋە ياراملىق ياش ۋەزىر ئىدى. ئۇ نۇرغۇن ساڭ، ئامبار ياسىتىپ، بۇ ساڭ، ئامبارلارغا ناھايىتى كۆپ ئاشلىق ھەم پۇل - ماللارنى قاچىلىدى. بۇنداق بولغاندا، يەتتە يىلغىچە ئۇدا ئاپەت يۈز بەرسىمۇ، خەلق ئامان -
ئېسەن تۇرالايتتى، ئاچارچىلىق كۆرۈلمەيتتى.
مىسىردا ۋە قوشنا ئەللەردە قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئاپەت يەئقۇب پەيغەمبەر تۇرۇشلۇق كەنئان رايونىغا يامرىدى. شۇ چاغدا يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ نامى مىسىرنىڭ ئىچى ۋە تېشىدىكى ھەربىر بۈلۈك - پۇچقاققىچە يېتىپ بارغانىدى. كىشىلەر بەس - بەس بىلەن بىر - بىرىگە: مىسىردا ئالىيجاناب بىر ياش ۋەزىر بار ئىكەن، ئۇ ئاللىبۇرۇن قەھەتچىلىككە ھەم قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇشنىڭ تەييارلىقىنى كۆرۈپ قويۇپتىكەن، ئۇ ھەرقانداق مەملىكەتنىڭ خەلقىنى تەڭ كۆرىدىكەن، ئۇلارنى كەمسىتمەيدىكەن، ئۇ ھازىر ئاشلىق ۋە پۇل - ماللارنى ئادىللىق بىلەن تەقسىم قىلىۋېتىپتۇ، دەپ خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشتى.
يەئقۇب ئەلەيھىسسالام ئوغۇللىرىغا:
— بالىلىرىم، بىزنىڭ بۇ يەردە قۇرغاقچىلىق يولدى، سىلەر دەرھال ئات - ئۇلاغ، تۆگىلەرنى جايدۇپ، ھەممە ئادەم گېپىنى قىلىۋاتقان، مىسىردىكى ئالەمگە داڭقى كەتكەن باش ۋەزىرنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىڭلار! بىراق، سىلەر بۇنيامىننى قېشىمدا قالدۇرۇڭلار، سىلەر كەتكەندە ئۇنىڭ بىلەن كۆڭلۈمنى تەسەللى تاپقۇزارمەن. خاتىرجەم مېڭىڭلار! سىلەر قايتىپ كەلگەندە، بىز يەنە جەم بولارمىز، سىلەرنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم، سىلەرنى ئاللا ئۆزى بىر يولغا سالغاي، — دېدى…… ئوردا خىزمەتچىلىرى كىرىپ يۈسۈف ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق خەۋەر يەتكۈزدى:
— تالادا بىر - بىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئون كىشى قالدى، ئۇلار ئۇزايمىدىن ئاق كۆڭۈل ئەرلەردەك قىلىدۇ. تەلەپپۇزلىرى ۋە ھال - ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئۇلار ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىنى ئىزدەپ كەلگەن سەھرالىقتەك قىلىشىدۇ. ھازىر ئۇلار ئوردا دەرۋازىسىدا سىز بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىدۇ.
يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئىجازەت قىلدى. ئۇلار ئوردىغا كىرگەندىن كېيىن، يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى كۆرۈپلا ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىرى ئىكەنلىكىنى تونۇدى، ئۇلاردىن ئايرىلغىنىغا كۆپ يىللار بولغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ چىرايلىرىدا ئانچە كۆپ ئۆزگىرىش بولمىغانىدى. ئۇنى ئۆلتۈرۈشنى بىرلىكتە پىلانلىغان، كېچىلىرى ئۇنى ئۇيقۇسىز قويغان، ئاخىر بېرىپ دادىسىدىن ئايرىلىشقا ۋە خىلمۇخىل ئازاب - كۈلپەت چېكىشكە بەجبۇر قىلغانلار ئەنە شۇلار ئىدى. ئەمدىلىكتە ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشكەنىدى.
ئاللاھەممە نېمىنى قايتا بىر يەرگە قىلىشقا قادىردۇر. يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى تونۇدى، لېكىن ئۇلار يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنى تونۇيالمىدى.
يۈسۈف ئەلەيھىسسالام قۇدۇققا تاشلانغاندىن كېيىن ئۆلدىمۇ، ياۋايى ھايۋانلارغا يەم بولدىمۇ ياكى قۇل ئورنىدا سېتىۋېتىلدىمۇ، بۇ ئۇلارغا نامەلۇم ئىدى. ئۇلار كۆز ئالدىدىكى ھوقۇقلۇق، نۇرغۇن خىزمەتكارلارغا ئىگە باش ۋەزىرنىڭ دەل ئۆزلىرىنىڭ ئىنىسى ئىكەنلىكىنى پەم قىلالمىدى.
يۈسۈف ئەلەيھىسسالام چېچىن، كەسكىن، قائىدە - يوسۇنلۇق، سالماق ھەم سەۋرلىك ئىدى. ئۇ ئۇلارغا ئۆزىنىڭ نامى ھەم سەرگۈزەشتىلىرىنى ئوچۇق ئېيتمىدى، بەلكى ئۇلارنىڭ ئىچكى سىرىنى ۋە ئۆزىگە نامەلۇم بولغان ئەھۋالنى پەم بىلەن ئۇقماقچى بولدى.
يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى قىزغىن، سەمىمىي كۈتۈۋېلىپ، ياخشى ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتۇردى، بىر كۈنى ئۇلارنى ئۆز ھۇزۇرىغا چاقىرتىپ كىرىپ مۇنداق دېدى:
— مەن سىلەرنى سەمىمىي كۈتۈۋالدىم، ئەھۋالىڭلارنى بىر قۇر ئۇقۇپ بېقىشىم كېرەك، سىلەر زادى قانداق ئادەملەر؟ بۇ يەرگە نېمە قىلغىلى كەلدىڭلار؟ سىلەرنىڭ سانىڭلاردا مەسىلە باردەك قىلىدۇ، مەن سىلەرنى خوجايىنىڭلار تەرىپىدىن ئەھۋال
تىڭ - تىڭلاشقا ئەۋەتىلگەن ئايغاقچىلارمىكىن، دەپ گۈمانلىنىمەن. مېنى گۈماندىن خالىي قىلىش ئۈچۈن، قېنى قايسىڭلار ئورنۇڭلاردىن دەس تۇرۇپ ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىق سۆزلەپ بېرىسىلەر؟
-
تەقسىر، - دېدى ئۇلار، - بىز ئاكا - ئۇكا ئون ئىككىيلەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى - پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلادلىرى بولىمىز. ھازىر ھەزرەتلىرىنىڭ ئالدىدا تۇرغىنى ئون ئىككىيلەننىڭ ئونى، ئون ئىككىنچىسىنى دادىمىزدىن خەۋەر ئېلىشقا قالدۇردۇق. ئون بىرىنچىسى غايىب بولۇپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كەتكەنلىكى ياكى بۇ دۇنيادا ھايات ئىكەنلىكى بىزگە نامەلۇم. بىزنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىمىز مانا شۇ. - ئېيتقىنىڭلار راست بولۇشى مۇمكىن. - دېدى يۈسۈف ئەلەيھىسسالام. لېكىن كىشىنى ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى، دەلىل كۆرسىتىڭلار ياكى شاھىت ھازىرلاڭلار.
-
تەقسىر، - دېدى ئۇلار، - بىز ياقا يۇرتلۇق، ئۇرۇق - تۇغقان، ئەۋلادىمىز يىراقتا، بۇ يەردە بىز تەلىپىڭىزنى بەجا كەلتۈرۈشكە ئامالسىزمىز. سىزدىن بىزگە باشقا بىر چىقىش يولى بېرىشىڭىزنى تەلەيمىز.
-
مەن سىلەرنىڭ سەپىرىڭلارغا كېتەرلىك نەرسە ۋە ئوزۇقلۇق تەييارلاپ قويدۇم. - دېدى يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا، - سىلەر ئۆز سۆزۈڭلارنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن قايتىپ بېرىپ، داداڭلارنىڭ يېنىدا قالدۇرۇپ قويغان ئىنىڭلارنى بۇ يەرگە شاھىت بولۇشقا ئېلىپ كېلىڭلار. ئەگەر قىپلغان سۆزۈڭلار راست بولۇپ چىقسا، مەن سىلەرنى تېخىمۇ ئوبدان كۈتۈۋالىمەن، تېخىمۇ كۆپ ئاشلىق بېرىمەن. بۇ مېنىڭ سىلەرگە قويغان شەرتىم، شۇنداقلا ۋەدەم. ناۋادا ئىنىڭلارنى قېشىغا ئېلىپ كېلەلمەيدىكەنسىلەر، ئۇ چاغدا، سىلەر مەندىن بىر كۆرىدۇ ئاشلىق ئالالمايسىلەر، ياخشىلىقمۇ كۆرمەيسىلەر.
-
تەقسىر، - دېدى ئۇلار، - بىزنىڭچە، دادىمىز ئۇنى
ئۆتمەسلىكى مۇمكىن، دادىمىز ئۇنىڭدىن ئايرىلىشقا چىدىمايدۇ. بىز بىر ئىلاج قىلىپ چۈشەندۈرۈپ دادىمىزنى ئۇنىتايلى. بىز ھازىر ماڭايلى.
يۈسۈف ئەلەيھىسسالام خىزمەتكارلىرىنى ئۇلارغا يېتەرلىك ئاشلىق تەييارلاپ بېرىشكە ھەمدە ئۇلارنىڭ سېتىش ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن مال ۋە ئالتۇن - كۈمۈشلىرىنىمۇ ئۇلارغا ئۇقتۇرماستىن يۈك - تاقلىرى ئىچىگە تىقىپ قويۇشقا بۇيرۇدى.
ئاكا - ئۇكا ئونەيلەن بۇ باش ۋەزىردىن ئالغان ياخشى تەسىراتلىرىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، مىسىردىن ئۆز دۆلىتىگە قايتتى. يەئقۇب ئەلەيھىسسالام ئوغۇللىرىنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن بەزى ئەھۋاللارنى سۈرۈشتە قىلدى.
ئۇلار جاۋاب بېرىپ دېدى:
ئى دادا! بىز ئۇلۇغ بىر زات بىلەن، ئالىيجاناب بىر ياش ۋەزىر بىلەن ئۇچراشتۇق. ئۇ كىشى بىزگە مېھىر - شەپقەت قىلدى، بىزنى سەمىمىي كۈتۈۋالدى، بىزگە ئەزىز مېھمىنى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلدى، تېخى بىزگە يېتەرلىك ئاشلىقمۇ بەردى. بىراق، ئۇ بىزنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىمىزنى ئۇقۇش ئۈچۈن ئىنىمىزنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشىمىزنى شەرت قىلىپ قويدى. بۇ شەرتكە كۆتىمىسەك، يۇنىڭدىن كېيىن بىزگە ئاشلىق يېتىپ بەرمەيدىغان بولدى. چۈنكى ئۇ بىزنىڭ ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىشتىكى مەقسىتىمىزنى ساپ ئەمەس، دەپ گۇمانلاندى. ئەتە ئاشلىقمىز تۈگەيدۇ، ھازىر بىز ئاشلىققا جىددىي ئېھتىياج، شۇڭا ئىنىمىزنى بىز بىلەن بىللە بېرىشقا ئىجازەت قىلغايسىز. ئىنىمىز بىزنىڭ ئاشلىققا ئېرىشىشىمىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ.
— مەن ئىنىڭلارنىڭ قېشىمدىن ئايرىلىشىغا ھەرگىز رۇخسەت قىلمايمەن، دېدى يەئقۇب ئەلەيھىسسالام ئوغۇللىرىغا، سىلەر ئۇنى ئېلىپ كەتسەڭلار، خاتىرجەم بولالمايمەن. ئەينى چاغدا ئۇنىڭ ئاكىسىنى ئېلىپ كېتىشىڭلارغا ماقۇل بولغاندەك، ئەمدى ئۈنىمۇ سىلەرگە قوشۇپ قويۇشقا قانداقمۇ كۆڭلۈم تىنىۋان! بولدى، ماڭا
ھىيلە ئىشلەتمەڭلار، قىلغان ئەسكىلىكلىرىڭلارنىڭ دەردىنى يېتەرلىك تارتىم.
ئۇلار يۈك - تاقلىرىنى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ ئىچىگە تىقىپ قويۇلغان ئالتۇن - كۈمۈشلەرنى تاپتى - دە، خۇشال بولۇشۇپ دادىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ دېيىشتى:
- ئى دادا! بىز راستىنىڭ كەڭ قورساق، مەرد ۋەزىرگە يولۇقۇپتۇق. بىز زادى كاززاپلىق قىلىۋاتقىنىمىز يوق. ئىنىمىزنى بىز بىلەن بىللە يېرىشقا ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلغانلىقىمىز قانداقتۇر سىزنى ئالداش ئۈچۈن ئىشلەتكەن ھىيلىمۇ ئەمەس. مانا بۇ قايتۇرۇپ بەرگەن ماللار ئاشۇ باش ۋەزىرنىڭ مەرد، سېخىي كىشى ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى. ئىنىمىز بىز بىلەن بىللە بارسۇن! بىز ئۇنى ئوبدان قوغداشقا قەسەمىدا قىلىمىز.
يەئقۇب ئەلەيھىسسالام ھەقىقەتەن ئۆزلىرىنىڭ ئاشلىققا موھتاج ئىكەنلىكىنى، بۇ قېتىم ئۇلاردا ئۆزىنى ئالدايدىغاندەك ئالامەت كۆرۈلمىگەنلىكىنى، يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ ئىنىسىنى ئېلىپ بېرىشى باش ۋەزىرنىڭ قويغان شەرتى ئىكەنلىكىنى، باش ۋەزىرنىڭ پىكرىگە ئۇلارنىڭ خىلاپلىق قىلالمايدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئاخىر ئۇلارنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولدى ۋە ئۇلار بىلەن بىرەر پالاكەتچىلىككە ھەممەيلەن تەڭ دۇچ كەلمىسىلا، بۇنىيامىتىنى چوقۇم سالامەت ئېلىپ كېلىش توغرىسىدا پۈتۈشتى. ئۇلار: « ئاللا بىز ئۈچۈن كېيىل » دەپ قەسەمىدا قىلىشتى.
ئۇلار دەريا - ئېقىنلارنى كېچىپ، تاغ - داۋانلارنى ئېشىپ، ئۇدۇل يۈسۈف ئەلەيھىسسالام تۇرۇشلۇق جايغا قاراپ راۋان بولدى. ئۆز قېرىنداشلىرىنى كۆرگەن يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبىدە سېغىنىش ۋە مېھرىبانلىق ئۇرغۇپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنى كۈچەپ بېسىۋالدى، ئۇلارنى مېھمانخانىغا باشلاپ، ھەرقايسىسىنى ئايرىم - ئايرىم ئولتۇرغۇزۇپ داستىخان سالدى. بۇنىيامىتىن ئۆزى ئايرىم بىر چەتتە ئولتۇردى. ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ: - ئەگەر ئاكام يۈسۈف ھايات بولغان بولسا، مەن بىلەن بىللە
ئولتۇرغان بولاتتى، — دېدى. بۇ چاغدا يۈسۈف ئەلەيھىسسالام بۇنيامىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئولتۇرۇشقا چاقىردى ۋە ئۇلارغا: — سىلەر ئىككىدىن ئولتۇرۇپسىلەر، ئۇ يالغۇز قاپتۇ، مەن بىلەن بىللە ئولتۇرسۇن، — دېدى.
بۇنيامىن يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كەلدى، يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: — مەن ئۆلۈپ كەتكەن ئاكاڭنىڭ ئورنىغا ئاكا بولسام، ماقۇل دەسەن؟ — دېدى پىچىرلاپ.
— سىزدەك بۇنداق يۇقىرى مەرتىۋىلىك كىشىنى كىممۇ ئۆزىگە ئاكا قىلالسۇن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز يەتتۈرۈپ ئەلەيھىسسالام بىلەن راھىلەنىڭ پەرزەنتى ئەمەس، — دېدى بۇنيامىن. بۇ گەپنى ئاڭلاپ يۈسۈف ئەلەيھىسسالام كۆڭلى بۇزۇلۇپ يىغلاپ كەتتى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ بۇنيامىننى مەھكەم قۇچاقلىدى ۋە ئۇنىڭغا پەس ئاۋاز بىلەن شۇنداق دېدى:
— سېنىڭ ئىزدىمەكچى بولغان ئاكاڭ مانا مەن! مەن بۇ ئاكىلىرىنىڭ خىلمۇخىل سۇيىقەستلىرىگە ئۇچرىغان. ئۇلارنىڭ كاساپىتىدىن نۇرغۇن پېشكەللىك ۋە بەختسىزلىككە دۇچ كېلىپ، تارتمىغان ئازاب - كۈلپەتلىرىم قالمىغان بولسىمۇ، لېكىن مەن بۇلارغا بەرداشلىق يېرەلىدىم. ئاللا مېنى جاپادىن ھالاۋەتكە، كەمبەغەللىكتىن بايلىققا، ئاددىي پۇقرالىقتىن يۇقىرى مەرتىۋىگە ئېرىشتۈردى. سەن بۇنى ئۇلارغا ئېيتمىغىن.
بۇنيامىن بەكمۇ شادلاندى، قايغۇ - ھەسرەتلىرىنى ئۈتتۈپ، قايتا روھلاندى. ئۇ ئاكىسى يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ شەپقەتلىك ھۇزۇرىدا غەم - قايغۇسىز ياشىدى.
بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، ئۇلار تۆگىلىرىنى جابدۇپ قايتىشقا ھازىرلاندى. بۇ چاغدا يۈسۈف ئەلەيھىسسالام پەم ئىشلىتىپ ئاكىلىرىنى ئاۋارە قىلماقچى بولدى - دە، خىزمەتكارلىرىغا خۇپىيانە ھالدا بۇنيامىننىڭ يۈك - تاقىسى قاچىلانغان قاپنىڭ ئىچىگە بىر ئالتۇن جامنى سېلىپ قويۇشقا بۇيرۇدى.
تۆگىلەر يولغا چىقىش ئالدىدا تۇراتتى، بىردىنلا بىر ۋىنىڭ: — ھوي كارۋانلار، توختاڭلار، يۈك - تاقىڭلارنى چۈشۈرۈڭلار، سىلەر ئوغرى ئىكەنسىلەر، — دەپ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ قالدى. ئۇلار ھاڭ - تاڭ بولۇشۇپ، توۋلىغان كىشىنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
— نېمە قالايمىقان ۋارقىرايسەن! بىر نەرسەڭلار يوقىلىپ كېتىپتىمۇ؟ — دەپ سوراشتى.
— پادىشاھنىڭ بىر ئالتۇن جامى يوقىلىپ كېتىپتۇ، — دېدى توۋلىغۇچى، — سىلەر ئوغرىلىۋالدىڭلارمۇ، قانداق؟ ئەگەر شۇنداق قىلغان بولساڭلار، نىيىتىڭلاردىن يېنىڭلار! قورقماڭلار، كىمكى ئالتۇن جامىنى تاپشۇرۇپ بەرسە، شۇنىڭغا بىر تۆگە مال بېرىلىدۇ، بۇنىڭغا مەن كېيىل، گېپىم گەپ!
يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاكىلىرى:
— ئەزىبىرايى خۇدا. سىلەرگە مەلۇم، بىز سىلەرنىڭ دىيارىڭلاردا يامان ئىش قىلمىدۇق. بىز ئوغرى ئەمەس، — دېيىشتى.
— بىز سىلەرگە ھەرگىز تۆھمەت قىلمايمىز، زىيانكەشلىكمۇ قىلمايمىز، — دېدى توۋلىغۇچى، — لېكىن ئالتۇن جام سىلەرنىڭ يۈك - تاقىلىرىڭلارنىڭ ئىچىدىن تېپىلىپ قالسا، قېنى ئېيتىڭلار، قانداق قىلىسىلەر؟
— بىزنىڭمۇ ئۆزىمىزگە خاس قانۇنىمىز، دىنىمىز بار، بىزدىمۇ ۋىجدان، ئەھدە بار، — دېيىشتى ئۇلار، — سىلەر ئالتۇن جامىنى كىمنىڭ يۈك - تاقىى ئىچىدىن تېپىۋالساڭلار، شۇنى تۇتۇپ قېلىپ قۇل قىلىڭلار، مانا بۇ بىزنىڭ قانۇنىمىز ۋە ئەھدىمىز. بىز ئۆزىمىزنىڭ گۇناھىمىز، پاك ئىكەنلىكىمىزنى ئېنىق بىلىمىز. يۈسۈف ئەلەيھىسسالام بۇنداق ئەھدە ۋە پىكىردىن ناھايىتى مەمنۇن بولدى. چۈنكى، مىسىرنىڭ ئەينى چاغدىكى دۆلەت قانۇنى بويىچە، ئوغرىلىق قىلغانلارنى تۇتۇشقىمۇ، جازالاشقىمۇ بولاتتى. بۇ ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئۇنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا:
باردەم قىلىۋاتقانىدى.
ئۇلارنىڭ يۈك - ئاقلىرى بىر - بىرلەپ تەكشۈرۈلدى، ئالتۇن جام بۇنيامىنىڭ يۈك - ئاقلىرىدىن تېپىلدى. ئاختۇرغۇچىلار ئالتۇن جامنى ئېلىپ ئۇلارغا كۆرسەتتى، ئۇلار چىرايلىرى ئۆڭۈپ ھەيران ۋە خىجىل بولۇشقان ھالدا باشلىرىنى تۆۋەن سېلىشتى. يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا:
— سىلەر ئالدىن ۋەدە بەرگەندىڭلار، مەن ۋەدە بويىچە ئىش قىلىمەن. ئالتۇن جام تىقىلغان يۈك - تاقنىڭ ئىگىسى قېپقالسۇن! بىز ئۇنى ئۆز نىزامىمىز بويىچە بىر تەرەپ قىلىمىز، — دېدى. — باش ۋەزىر جانابلىرى، — دېيىشتى ئۇلار، — ئۇنىڭ سەكسەن ياشقا ئۇلاشقان دادىسى بار، دادىمىز ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدۇ، بىز دادىمىزغا ئۇنى قوغداش، ئامان - ئېسەن ئېلىپ قايتىش توغرىسىدا قەسەم بەرگەندۇق. ئونەيلەن ئالدىڭىزدا تۇرۇپتىمىز، ئۇنىڭ ئورنىغا قايسىمىزنى ئېلىپ قالسىڭىز مەيلى. — خۇدا شاقلىمۇن، — دېدى يۈسۈف ئەلەيھىسسالام، — بىز بىگۇناھ كىشىلەرنى قالايمىقان تۇتمايمىز، پەقەت ئالتۇن جامنى ئوغرىلىغان كىشىنىلا تۇتىمىز. بۇنداق قىلمىساق، ئۆزىمىز نائەھلى كىشىلەردىن بولۇپ قالىمىز.
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تەلەپ ۋە تەكلىپلىرىنى باش ۋەزىرنىڭ قوبۇل قىلىمىغانلىقىنى كۆرۈپ، بىر چەتكە يىغىلىپ مەسلىھەتلىشىشكە باشلىدى. يەھۇدا مۇنداق دېدى:
— ئەجەبا، سىلەر دادىمىزنىڭ ئاللاھنىڭ نامىدا بىز بىلەن ئەھدە تۈزگەنلىكىنى ئېسىڭلاردىن چىقىرىپ قويدۇڭلارمۇ؟ ھالا بۈگۈنكى كۈندە بىز مۇشۇ پېتى قايتىپ كەتسەك، ئۇنىڭغا نېمىدەپ جاۋاب بېرىمىز؟ ئىنىمىزنى يوقىتىپ قويۇپ، ۋەدىگە خىلاپلىق قىلدۇق، دەپ ئېيتالايمىزمۇ؟ يۈسۈفنىڭ دەرد - پىراقىدا يۈرىكى زېدە بولۇپ، كۆزىدىن باش قۇرۇمايۋاتقان دادىمىزغا يەنە ئىككىنچىلەپ بۇ روھىي ئارابىنى يۈكلەشكە بولمايدۇ. بىز بىر قېتىم جىنايەت ئۆتكۈزدۇق، قانداقمۇ ئىككىنچى قېتىم جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە
بولسۇن؟ دادامنىڭ رۇخسىتىنى ياكى ئاللاھنىڭ بىرەر ھۆكمىنى ئاڭلىمىغۇچە، مەن بۇ يەردىن ھەرگىز كەتمەيمەن. سەلەر قايتىڭلار، يېرىپ دادامغا: «ئوغلىڭىز ئوغرىلىق قىلدى» دەڭلار. ئۇ زادى ئوغرىلىدىمۇ ياكى ئوغرىلىمىدىمۇ، تېخى بىر نېمە دېيىش تەس. ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىش ئۈچۈن بىز يېتىپ قوپقان جايغا بېرىپ، شۇ يەردىكى كىشىلەردىن ئەھۋال ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بېقىش كېرەك.
توققۇز ئاكا - ئۇكا چوڭ ئاكىسى يەھۇدانى قالدۇرۇپ قويۇپ قايتىشتى. يەئقۇب ئەلەيھىسسالام قايتىپ كەلگەن ئوغۇللىرى ئىچىدە بۇنيامىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ، گويا يۈرىكىنىڭ بىر پارچىسى كېسىۋېتىلگەندەك ئەنسىزلىك ۋە بىئاراملىق ئىچىدە قالدى - دە، غەزەپلەنگەن ھالدا:
سىلەر بۇنيامىغا يەنە نېمە يامانلىق قىلدىڭلار، ماڭا بەرگەن قەسىمىڭلارغا ئەمدى نېمە دەيسىلەر؟ - دېدى. توققۇز ئاكا - ئۇكا بولغان ئەھۋالنى بىر - بىرلەپ بايان قىلدى. يەئقۇب ئەلەيھىسسالام دېدى:
— سىلەر چوقۇم شەيتاننىڭ ئارقىسىغا كىرىپ يەنە يامان ئىش قىلىپسىلەر. خەير، بوپتۇ، سەۋر - تاقەت قىلىپ تۇراي. ئىشنىڭ تېگىنى خۇدا ئۆزى بىلدۈرەر. ئۆتكەندە، مەن يۈسۈفتىن ئايرىلدىم، مانا ئەمدى بۇنيامىن بىلەن يەھۇدادىن ئايرىلدىم. ئۇلارنى ماڭا ئاللا ئۆزى يەتكۈزۈپ بەرگەي، ئاللا ھەممىگە قادىر.
دادا ۋە ئوغۇلنىڭ مىسىردا جەم بولۇشى
بۆلۈم: “دادا ۋە ئوغۇلنىڭ مىسىردا جەم بولۇشى”يەئقۇب ئەلەيھىسسالام كېچىلىرى چەكسىز غەم - قايغۇ ئىلكىدە ئۇخلىيالمايتتى. مۇنداق ئىككى ئەھۋالدىن باشقا چاغدا، ئۇنىڭ كۆڭلى بىئارام ئۆتەتتى: بىرى، ئاللاھقا ئىبادەت ۋە ئىستىقامەت قىلغان چاغ ئىدى، بۇنداق چاغلاردا ئۇ ئاللاھتىن بېشارەت ئېلىپ، سەۋر قىلاتتى ۋە ئۆز ئېتىقادىنى ئاشۇراتتى؛ يەنە بىرى، ئىككى
ئوغلىنىڭ ئىلگىرىكى ئىشلىرىنى ئەسلىگەن چاغ ئىدى، بۇنداق چاغلاردا، ئۇ كۆز يېشى قىلىپ يىغلاش ئارقىلىق كۆڭۈل ئازابىنى يەڭگىلىشەلەيتتى. قىسقىسى، ئۇ ئىبادەت قىلىشتىن ۋە ئەسلەشتىن تەسەللى ھەم ئىشەنچ تاپاتتى. ئۇنىڭ كۆز يېشى بىكار ئاقمىدى، ئاللا ئۇنىڭ ئازابىنى چۈشىنەتتى.
يەئقۇب ئەلەيھىسسالام زار - زار يىغلاپلا يۈرەتتى، چىرايى سۇنغانىدى، تېنى زەئىپلىشىپ ئورۇقلاپ تاياقتەكلا بولۇپ قالدى. بىر كۈنى ئۇ ناماز خۇپتەندىن يېنىپ ئۆيىگە كىردى - دە، كۆزىنى ياشلاپ ھەسرەتلەنگەن ھالدا: «ئاھ، بىچارە يۈسۈفى!» دېگىنىچە ئۇن سېلىپ يىغلاپ، جېنىدىن جۇدا بولغۇسى كەلدى. بىر ئوغلى دادىسىنىڭ بۇ قەدەر ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن بىئارام بولدى - دە، دەرھال قالغان قېرىنداشلىرىنى چاقىرىپ ئۇلارغا دادىسىنىڭ بۇ ئېچىنىشلىق ھالىنى كۆرسەتتى.
ئۇلاردىن بىرى مۇنداق دېدى:
— ئى دادا! سىز ئۇلۇغ ئەلچى، ئالىيجاناب پەيغەمبەر. ئاللا سىزگە مەدەت بېغىشلىغان، بىز سىزدىن ئىلھام ۋە ئىشەنچ ئالغان. ئۆزىڭىزنى پاراكەندە قىلىپ سالامەتلىكىڭىزگە زىيان يەتكۈزمەك، بۇنچىۋالا قايغۇرۇپ كېتىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ كۆپ يىغلاپ كۆزىڭىزمۇ ئولتۇرۇشۇپ ئاقىرىپ قاپتۇ! زىيادە ھەسرەت - نادامەت تېنىشىڭىزنى ئورۇقلىمىتىۋېتىپتۇ! ئەزىبىرايى خۇدا، يۈسۈفىنى ئويلاۋەرسىڭىز، كېسەل بولۇپ يىقىلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
— سىلەرنىڭ بۇنداق بولمىغۇر قىلىقىڭلار مېنى تېخىمۇ
بىئارام قىلىۋەتتى، — دېدى يەئقۇب ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا، — دەرد - ئەلەملىرىمنىمۇ قوزغىدى، يۈسۈفىنى كۆرمىگۈچە مېنىڭ كۆز ياشلىرىم قۇرۇمايدۇ. سىلەر ئۇنى بۆرە يەپ كەتتى، ئۆلدى، دېدىڭلار، مەن ئۇنىڭ دۇنيادا تېخى ھايات ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. ئاللا تەرەپتىن ھەم قەلبىمنىڭ چوڭقۇر يېرىدىن شۇنداق سەزدىم. ئۇنىڭ قايسى جىزا - سايلاردا چېپىپ يۈرگەنلىكى ياكى قايسى يوللاردا كېتىۋاتقانلىقى تېخى ماڭا مەلۇم ئەمەس. ئادەتتىن تاشقىرى
ئازابلىنىۋاتقانلىقىمنىڭ سەۋەبى مۇشۇ. ئەگەر سىلەر مېنى ئازاب ۋە دىلخەستىلىكتىن قۇتۇلدۇرايلى دېسەڭلار، تەرەپ - تەرەپكە بېرىپ يۈسۈفنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئىنىسىنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلىپ بېقىڭلار. سىلەر ئاللاھنىڭ ھىممىتىدىن ئۈمىدىڭلارنى ئۈزمەڭلار، پەقەت ئىمانسىز كىشىلەرلا ئاللاھنىڭ ھىممىتىدىن ئۈمىد ئۈزىدۇ. ئۇلار دادىسىنىڭ بۇ گەپلىرىگە چىن دىلىدىن قوشۇلدى. چۈنكى، ئۇلار ئىنىسى يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنى چۆلگە ئېلىپ بارغان، ئاندىن ئۈنى قۇدۇققا تاشلىۋەتكەندى. بەلكىم ئۇ قۇدۇقتىن چىقىرىۋېلىنغاندۇ. ئەمما ئۇ قەيەردە؟ ئۇلار ئۇنىڭ ئىز - دېرىكىنى ئېلىشقا ئامالسىز ئىدى، لېكىن بۇنيامىننىڭ ئەھۋالى ئۇلارغا ئېنىق ئىدى. شۇڭا ئۇلار، يەنىلا مىسىرنىڭ باش ۋەزىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ يالۋۇرساق، بەلكىم بۇنيامىننى ياندۇرۇپ كېلىشىمىز مۇمكىن. مۇشۇنداق قىلساق، دادىمىزنىڭمۇ ئازابى يەڭگىللەپ، كۆڭلى ئارام تېپىپ قالار، دەپ ئويلاشتى.
ئۇلار دەككە - دۈككە ئىچىدە مىسىرغا بېرىپ، باش ۋەزىر بىلەن كۆرۈشتى - دە، باش ۋەزىرگە تىز پۈكۈپ خۇشامەت قىلدى. — باش ۋەزىر جانابلىرى، — دېدى ئۇلار، — پەلەك بىزنى يەنە جانابىڭىزنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كېلىپ ئايىڭىزدا ئىتائەتمەنلىك بىلەن تۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى. تەبىئەتتىمۇ كۈتۈلمىگەن ھادىسە، ئىنسانلاردىمۇ ئۇشتۇمتۇت پېشكەللىك بولۇپ تۇرىدۇ! ھوسۇلىمىز ياخشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ھۇزۇرىڭىزغا ھېچقانچە بىرنېمە ئېلىپ كېلەلمىدۇق. ئەگەر جانابىڭىزغا توغرا كەلسە، بىزگە ئاشلىق بەرسىڭىز ئىكەن! ناۋادا بىزگە شەپقەت قىلىشنى راۋا كۆرسىڭىز، ئىنىمىزنى قويۇۋەتسىڭىز ئىكەن! مۇشۇنداق بولغىنىدا، دادىمىزنىڭ كۆز يېشىنى توختىتىپ، ئازابىنى يەڭگىللەتكەن بولاتتۇق.
ئاللا يۈسۈف ئەلەيھىسسالام بىلەن يەتتۈب ئەلەيھىسسالام توغرىسىدىكى ۋەقەنى تەقدىرگە ئىشىنىش، ئازاب - كۈلپەتكە بەرداشلىق بېرىشنىڭ ئالىي ئۈلگىسى قىلدى. يۈسۈف ي
ئەلەيھىسالام ئاكىلىرىغا ئۆزىنى ئاشكارىلىدى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلغان خاتالىقلىرىنى كەچۈردى. شۇڭا ئۇ ئۆزى ھەققىدىكى ۋەقەگە مەردانىلىكى ۋە كەڭ قورساقلىقى بىلەن يېڭى سەھىپە قوشتى.
يۈسۈف ئەلەيھىسالام مۇنداق دېدى:
— سىلەر باش ۋاقتىڭلاردا يۈسۈفكە ۋە ئۇنىڭ ئىنىسىگە يامانلىق قىلغانىدىڭلار، ئەجەبا، بۇ يادىڭلاردىن چىقىپ كەتسىمۇ؟ سىلەر يۈسۈفنى قۇدۇققا تاشلىۋەتتىڭلار، ئۇنىڭ ئىنىسىغىمۇ خىلمۇخىل ھىيلە - مىكىر ئىشلەتتىڭلار، ئەجەبا بۇنى ئېسىڭلارغا ئالمايۋاتامسىلەر؟ ئاراڭلاردىن بىرى يۈسۈفنى قاتتىق تارتقۇچلاپ كۆڭلىكىنى سالدۇرغان چاغدا، ھېچقايسىڭلار قىلچىمۇ ئىچ ئاغرىتماستىن، ئۇنى قۇدۇققا تاشلاپ، پېشانىسىگە كۆتۈلگىنىشى كۆرسۇن، دېگەنىدىڭلار.
باش ۋەزىرنىڭ بۇ گەپلىرى ئۇلاردا: بۇ ئىشلارنى ئۇ قانداق بىلگەندۇ؟ ئۇنىڭغا كىم ئېيتقاندۇ؟ بۇنيامىن ئېيتقانمىدۇ؟ بۇ ئىشلارنى بۇنيامىن قانداق بىلگەن بولغىيىتتى؟ دېگەن گۈماننى پەيدا قىلدى. ئۇلار مۇشۇنداق پەرەز قىلغىنىچە باش ۋەزىرگە سىنچىلاپ سەپسېلىپ چىقىپ، ئاخىردا باش ۋەزىرنىڭ چىرايىدىن يۈسۈف ئەلەيھىسالامغا ئوخشىشىدىغان ئالامەتلىرىنى سەزدى. ئارقىدىنلا ئۇلارنىڭ بىرى:
— سىز يۈسۈف ئىكەنسىز - دە، — دېدى.
— مەن يۈسۈف، بۇ مېنىڭ بىر تۇغقان قېرىندىشىم. ئۇنى ئاللا ئۆز پاناھىدا ساقلىدى. ئازاب - كۈلپەتكە سەۋر قىلىپ، ئاللاھقا ئىخلاس قىلايلى! ساۋابلىق ئىش قىلغانلارغا ئاللا شەپقەت قىلىدۇ. يۈسۈف ئەلەيھىسالامنىڭ ئاكىلىرى ئۆپكىدەك قىزىرىپ، نېمە قىلارىنى بىلەي، تىلى كالۋالىشىپ قالدى. ئۇلار خىجللىقتا يەردىن ئۆزلىرىنى يۇتۇۋېتىشىنى ياكى ئاسماندىن تاش ياغدۇرۇپ
ئۆزلىرىنى يانچىۋېتىشنى ئۈمىد قىلىشتى… لېكىن، يۈسۈف ئەلەيھىسسالام كەڭ قورساق بولغاچقا، ئۇلارنى ئۇزاققىچە چۆچۈتۈپ تەشۋىشكە سالمىدى، ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا چارە كۆرۈشىمۇ راۋا كۆرمىدى، يەنە كېلىپ ئۇلار ئۇنىڭ ئاكىلىرى ئىدى. ئۆتكەندە ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرۈشنى قەستلىگەن، ئۇنىڭ ئىنىسىنى خارلىغان بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا بىر ئائىلىنىڭ، بىر ئائىنىڭ بالىلىرى ئىدى.
— بۈگۈن مەن سىلەرگە تاپا تەنە قىلمايمەن، — دېدى ئۇ ئاكىلىرىغا، — ئاللا سىلەرنى ئەپۇ قىلدى، ئۇ ئەڭ رەھىملىك. بىز ھەممەيلەن دادىمىزنىڭ قېشىغا كېتەيلى! ئۇ كۆپتىن بۇيان كۈلپەت تارتتى، تاغۇتاشلارمۇ چىداشلىق بېرەلمەيدىغان ئازاب كۈلپەتكە چىداشلىق بېرەلمىدى. ئاللا ئۇنى ئەڭ ئاق كۆڭۈل، پاك پەيغەمبەرلەر قاتارىغا قويىدۇ. ئاللا ئۇنى قەدىرلەپ ئۇنىڭغا ئالاھىدە جەننەت تەييارلاپ قويدى. سەۋر تاقەتلىك، سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ۋە ئاللاھقا قەتئىي ئىشىنىدىغان بەندىلىرىگە ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، بۇ دۇنيادىمۇ ئاللا ئۇنىڭغا تېگىشلىك ئىلتىپات قىلىدۇ.
بىر كۈنى يەتقۇب ئەلەيھىسسالام ئىبادەت قىلىدىغان جايغا كېلىپ، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىۋېتىپ ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى، ئاندىن بىردىنلا جىمىپ كۆز يېشىنى توختاتتى. بىر خىل تۇيغۇ ئۇنىڭ قەلبىنى ئىگىلىدى. بۇ نېمە ئىش؟ شۇ تاپتا، ئۇنىڭ قەلبى ئىلگىرى يۈسۈف ئەلەيھىسسالام قېشىدا تۇرغاندەك ھۇزۇرلىنىپ كېتىۋاتاتتى.
«يۈسۈفنىڭ پۇرىقىنى ئالدىم!» ئۇ ئىختىيارسىز توۋلىۋەتتى. ئۇنىڭ پۇراش سېزىمى جايىدا ئىدى. شۇ چاغدا كارۋانلار يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆڭلىكىنى ئېلىپ مىسىردىن يولغا چىققانىدى. يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆڭلىكىنى ئېلىپ كېلىۋاتقان خۇش خەۋەر يەتقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ تېنىگە كۈچ،
كۆزلىرىگە نۇر بېرىۋاتاتتى.
كارۋانلار يېتىپ كېلىپ خۇش خەۋەر يەتكۈزدى. يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆڭلىكى يەتقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولغاندا، كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئەسلىگە كەلدى، ئەس - ھوشىمۇ ياخشىلاندى. بالىلىرى بولغان ئەھۋالنىڭ ئەينىنى دادىسىغا بايان قىلدى ۋە ئۈنىڭدىن ئەپۇ سورىدى.
قىلغان ئىشلىرىڭلارغا ئامالىم يوق، — دېدى يەتقۇب ئەلەيھىسسالام ئوغۇللىرىغا، — ئاللاھنىڭ سىلەرگە بېرىدىغان جازاسىنىمۇ توسۇيالمايمەن، بىراق، مەن ئاللاھتىن سىلەرگە بەغپىرەت تىلەيمەن. ئۈنىڭ كەرىمى كەڭدۇر. ئات - ئۇلاغنى جابدۇپ چاققان تەييارلىنىڭلار، بىز مىسىرنىڭ باش ۋەزىرى ھۆزۈرىغا بارايلى!
يۈسۈف ئەلەيھىسسالام دادىسى بىلەن كۆرۈشتى، ئون بىر ئاكا - ئۇكا قېرىنداش دادىسىنىڭ ئەتراپىغا توپلاندى. ئۇلار ھۆرمەت بىلەن باش ئېگىپ يۈكۈندى. يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئاللاھنىڭ بۇ ئىلتىپاتىغا تەشەككۈر ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
— ئى رەببىم! سەن ماڭا مەرتىۋە، ھوقۇق ئاتا قىلدىڭ، ماڭا چۈشكە تەبىر بېرىشنى ئۆگەتتىڭ! ئى ئاسمان - زېمىننىڭ ئىگىسى، بۇ دۇنيادىمۇ، ئۇ دۇنيادىمۇ سەن مېنىڭ پاناھىمىسى! سەن ماڭا تەقدىرگە تەن بېرىشنى ۋە بارچە دىيانەتلىك ئىنسانلار بىلەن بىرلىشىشنى ئۆگەتتىڭ!
