تەركىبكە ئۆتۈش

خەتكۈشلەر (ساقلانغان بەتلەر)

ھازىرقى بەت:...

تېخى ھېچقانداق بەت خەتكۈشكە قوشۇلمىدى

تۆۋەندىكى كۇنۇپكىنى ياكى بەتلەردىكى خەتكۈش بەلگىسىنى چېكىپ بۇ يەرگە ساقلىۋالالايسىز.

تەڭشەكلەر

يېزىق
يورۇقلۇق ھالىتى
بەت ئۇسلۇبى
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى
ئەرەبچە خەت نۇسخىسى
خەت چوڭلۇقى

«قۇرئاندىكى قىسسىلەر» كىتابى ھەققىدە ۋە مۇھەررىردىن

  • ئەسەر نامى: قۇرئاندىكى قىسسىلەر (قصص القرآن)
  • ئەسلى ئاپتور: مۇھەممەد ئەھمەد جادۇلمەۋلا (محمد أحمد جاد المولى) — سۈرىيە
  • ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: داۋۇت غازى (Daut Ghazi)
  • تەكشۈرۈپ تەھرىرلىگۈچى: مۇھەممەد سالىھ داموللام تەرجىمىسى بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن
  • نەشرىيات: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى (2000-يىلى)
  • خەنزۇچە نەشر ئۇچۇرى: دەمەشق-بېيرۇت «ئۈمەييە نەشرىياتى» 1973-يىللىق نۇسخىسى ئاساسىدا تونۇشتۇرۇلغان
  • توردا ساقلانغان PDF نۇسخىسى: «قۇرئاندىكى قىسسىلەر» PDF نۇسخىسىنى كۆرۈش ياكى چۈشۈرۈش

شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى

مۇھەممەد ئەھمەد زەئد موللا (سۈرىيە)

تەرجىمە قىلغۇچى: داۋۇت غازى

شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى

中国版本图书馆《IIP数据核字(2000)》第30769号

ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ مۇقەددەس كىتابى «قۇرئان» ئەرەب ئەدەبىياتى تارىخىدا كىتابلاشتۇرۇلغان تۇنجى يازما ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. ئۇ تارىخ، ئەدەبىيات، ئۆرپ - ئادەت، شەرىئەت ئەھكاملىرى ۋە دىنىي قائىدە قاتارلىق مول مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان؛ تىلى گۈزەل، نەپىس؛ ئوقۇلۇشى جاراڭلىق، قاپىيىلىك، تۈزۈلۈشىمۇ ئۆزگىچە.

«قۇرئان» دا جەمئىي بىر يۈز ئون تۆت پاركىسۇرە بار. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، بۇ سۈرىلەر شۇ چاغدا خاتىرە يېزىشقا مەسئۇل بولغان تۇنجى خەلىپە ئەبۇبەكرىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە رەتلەپ چىقىلغان، كېيىن يەنە ئۈچىنچى خەلىپە ئوسمان تەرىپىدىن كۆچۈرۈپ كىتاب قىلىنىپ ھازىرغىچە تارقىلىپ كەلگەن.

«قۇرئان» دا ئەينى چاغدىكى كىشىلەرنىڭ ئىنسانلارنىڭ پەيدا بولۇش ۋە تەرەققىي قىلىش يوللىرىغا بولغان تونۇشلىرى ئىمپادىلەنگەن، مۇشرىكلارنى بويسۇندۇرۇش يولىدىكى جىھادىنىڭ ئۆتمۈشى تەپسىلىي بايان قىلىنغان. قۇرئاندىكى قىسىلەرنىڭ تۈرمۈش پۇرىقى قويۇق، مەزمۇنى مول. ئۇ دىنىي جەھەتتە قىممەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئەدەبىيات ۋە تارىخ جەھەتتىمۇ قىممەتكە ئىگە. ئۇ زامان - زامانلاردىن بۇيان مۇسۇلمانلارنىڭ ئىدىيىسى، تىلى، قائىدە - يوسۇنى ۋە مەدەنىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ كەلدى. تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە ئەرەب دۇنياسىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئەدىبلەر ئۇنىڭدىن ئۈزلۈكسىز تۈردە ئوزۇق ئېلىپ كەلدى. پاكىتلار ئىسپاتلاپ تۇرۇپشۇكى، قۇرئاندىكى قىسىلەر ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ قىممەتلىك مىراسلىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شۇ

كەمگەچە ئۆزىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى قىممىتى ۋە كىشىنى مەپتۇن قىلارلىق سېھرىي كۈچىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

«قۇرئاندىكى قىسسەلەر» ناملىق بۇ كىتابنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسى دەمەشق - بىيروت ئۈمەييە نەشرىياتىنىڭ 1973 - يىلىدىكى نەشرىدىن تەرجىمە قىلىنغان. بىز كىتابخانلىرىمىزنىڭ ئىسلام ئەللىرىنىڭ جۈملىدىن ئەدەبىياتىنىڭ تارىخىغا بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلىتىش مەقسىتىدە، بۇ كىتابنى خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ، 1986 - يىلى «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا تونۇشتۇرغانىدۇق. «قۇرئان»نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى كىتابخانلىرىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن كېيىن، مەزكۇر كىتاب تەرجىمان يولداش داۋۇت غازى تەرىپىدىن «قۇرئان»نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى ئاساسىدا بىر قۇر تەكشۈرۈلدى، ئىسىم، ئاتالغۇ ۋە بەزى سۈرىلەر «قۇرئان» بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈلدى. كىتابتىكى بەزى جۈملىلەرنىڭ ئېلىنىشى ۋە كەينىدىنلا كېڭەيتىپ بېرىلگەن چۈشەندۈرۈشلىرىگە قارىغاندا، نۇرغۇن جايلار ئەسلىي ئەرەبچە نۇسخىسىدا «قۇرئان» دىن ئېلىنغاندەك تۈرىدۇ. قولىمىزدا ئەسلىي كىتاب بولمىغاچقا، بۇ جايلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئاجىزلىق قىلدۇق. شۇڭا، بەزى سەۋەنلىك ھەتتا خاتالىقلارغىمۇ يول قويغان بولۇشىمىز مۇمكىن. بۇ تەرەپلىرىنى كىتابخانلىرىمىزنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى سورايمىز.

قىسسە ۋە بۆلۈملەر ئەسلى كىتاب بەت نۇمۇرى
ئادەم ئەلەيھىسسالام 1
ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى ئوغلى 11
نۇھ ئەلەيھىسسالام 17
ھۇد ئەلەيھىسسالام 26
سالىھ ئەلەيھىسسالام 32
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام 41
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە تىرىلدۈرۈشتىكى ئىسپات 41
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دادىسىغا نەسىھەت قىلىشى 44
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇتنى چېقىشى 46
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوتقا تاشلىنىشى 53
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە دۆت پادىشاھ نەمرۇد 55
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ كىشىلەرنى ھىدايەت يولىغا مېڭىشقا قايىل قىلىشى 57
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام مىسىردا 59
ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام 62
ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا كېلىشى 62
زەمزەم بۇلىقى 65
ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام ۋە قۇربان ھېيت 67
ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام ۋە جۈرھۈم قوۋمىدىكىلەر 70
كەئبىنىڭ بىنا قىلىنىشى 73
لۇت ئەلەيھىسسالام 76
يەئقۇب ئەلەيھىسسالام 83
يۈسۈف ئەلەيھىسسالام 90
يۈسۈف ئەلەيھىسسالام دادىسى بىلەن ئاكىلىرى ئارىسىدا 90
يۈسۈف ئەلەيھىسسالام قۇدۇقتا 95
يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ۋە زۈلەيخا 99
يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆھمەت بىلەن زىندانغا تاشلىنىشى 107
يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ زىنداندىن چىقىشى 111
يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ مىسىرغا ۋەزىر بولۇشى 116
جەم بولۇش (دادا ۋە ئوغۇلنىڭ مىسىردا جەم بولۇشى) 126
شۇئەيب ئەلەيھىسسالام 132
مۇسا ئەلەيھىسسالام 138
مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا كېلىشى 138
مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مىسىردىن چىقىپ كېتىشى 141
مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مەديەنگە بېرىشى 143
مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىشى 144
ئەلچى مۇسا ئەلەيھىسسالام 149
مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىسى 154
پىرئەۋننىڭ تەرىسلىقى 160
بەنى ئىسرائىلنىڭ مىسىردىن چىقىپ كېتىشى 165
مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەھدىسى 170
يولدىن ئېزىش (سامىرىينىڭ موزايلىق پىتنىسى) 176
سېرىق ئىنەك 178
مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن خىزىر ئەلەيھىسسالام 180
قارۇن 188
تالۇت 196
تالۇت بىلەن داۋۇد ئەلەيھىسسالام 207
داۋۇد ئەلەيھىسسالام 213
داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ غالىبلىقى 213
شەنبەچىلەر 218
سۇلايمان ئەلەيھىسسالام 222
سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ۋە ئايال پادىشاھ بىلقىس 222
سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەقىل-پاراسىتى 227
سۇلايمان ئەلەيھىسسالام دادىسىنىڭ شاھلىق تەختىدە 228
ئاللاھنىڭ بەنى ئىسرائىلنى جازالىشى 232
ئۈزەير ئەلەيھىسسالام 239
راست بىلەن يالغان ئوتتۇرىسىدىكى مۇنازىرە 243
باغنىڭ ئىگىسى 248
ئەييۇب ئەلەيھىسسالام 253
يۇنۇس ئەلەيھىسسالام 263
زەكەرىييا ئەلەيھىسسالام بىلەن يەھيا ئەلەيھىسسالام 269
بۈۋى مەريەم 275
ئىسا ئەلەيھىسسالام 280
ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بالىلىق دەۋرى 280
ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بېشارىتى 286
جەننەت تائامى (مائىدە — دەستىخان) 290
ئاخىرقى كۈن 295
قوش مۇڭگۈزلۈك پادىشاھ (زۇلقەرنەين) 302
ئەسھابۇلكەھف 305
ئەسھابۇلئۇخدۇد 312
قاينام 318
پىل قوشۇنى 321
ھەزرىتى بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ 329
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسراسى ۋە مىئراجى 335
ھىجرەت قىلىش 340
تولۇن ئاي (بەدر غازىتى) 354
تۆلەم توغرىسىدا ئاللاھنىڭ كايىشى 374
ئوھۇد غازىتى 377
بەنى نەزىر قەبىلىسى 388
گۈرۈھلار (ئەھزاب / خەندەك جېڭى) 393
بۆھتان چاپلانغانلار ھەققىدە (ئىفك ھادىسىسى) 403
مۇناپىقلار 411
يامان ئادەمنىڭ يەتكۈزگەن خەۋىرى 418
غەلبە (چۈش) ۋە ھۇدەيبىيە سۈلھىسى 421
چۈش (ھۇدەيبىيە بېشارىتى) 421
سۈلھىلىشىش 432
سۈلھىنىڭ بىكار قىلىنىشى 445
روشەن غەلىبە (مەككىنىڭ پەتھى قىلىنىشى) 455
سېغىنىش كۈنى (ھۇنەين غازىتى) 465
غالىبىيەت بىلەن مەغلۇبىيەت ئارىلىقىدا تۇرۇۋاتقان مۇسۇلمانلار 465
قوشۇندىن قاچقان ئۈچ كىشى 471
كىشىلەرگە زىيانلىق مەسچىت (مەسجىدى زىرار) 480
ئىلتىجا 484
تالاش - تارتىش 489
چەكلەش 493
زەينەپ بىنتى جەھىش رەزىيەللاھۇ ئەنھا 499
يۇقىرىغا قايتىش

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاش ئۇسۇلى

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاڭ
1
Safari دىكى ھەمبەھىرلەش تۈگۈچىسىنى (Share) بېسىڭ.
2
«باش ئېكرانغا قوشۇش» (Add to Home Screen) نى تاللاڭ.
3
ئوڭ ئۈستىدىكى «قوشۇش» (Add) نى بېسىڭ.