تالۇت قىسسىسى
تابۇت سېكىنە(۱) ئاللاھنىڭ بەنى ئىسرائىلغا قىلغان مەرھەمىتىدۇر. ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى پۈتمەس - تۈگىمەستۇر. بەنى ئىسرائىل ئۈچۈن ئېيتقاندا، تابۇت سېكىنە ئاجايىپ خاسىيەتلىك ئىدى، ئۇلار جەڭ مەيدانلىرىغا بېرىپ دۈشمەن بىلەن ئېلىشىدىغان چاغلاردىمۇ ئۇنى ئېلىۋالاتتى، بەلكى ئۇنى قوشۇننىڭ ئالدىدا كۆتۈرۈپ مېڭىشاتتى. بەنى ئىسرائىل ئۇنىڭ ئاجايىپ خاسىيىتى بىلەن ئەركىن، خاتىرجەم يۈرەتتى، دۈشمەنلەر بولسا ئالاقزادە بولۇشۇپ تەشۋىشكە چۈشەتتى.
لېكىن، ئۇلار ئەمر - پەرماندىن چەتتەپ، ئۆزلىرىنىڭ ئېيتىلغاندىنى ئۆزگەرتكەندە، ئاللا پەلەستىنلىكلەرگە ئۇلارنى بويسۇندۇرۇش، ئۇلارنى يۈرت - ماكانلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، بالا - چاقىلىرىدىن ئايرىۋېتىش ۋە ئاخىرقى ھېسابتا، تابۇت سېكىنەنى ئۇلارنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىش ھوقۇقىنى تاپشۇردى. شۇ سەۋەبتىن، بەنى ئىسرائىل چاك - چېكىدىن بۆسۈلۈپ، تىز پۈكۈشكە ۋە ئىزا - ئاھانەت تارتىشقا مەجبۇر بولدى.
مۇشۇنداق خورلۇق بىر ئەسىر داۋاملاشتى. كېيىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر پەيغەمبەر مەيدانغا كېلىپ، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ھىمايىسى ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشتى. ئۇ كىشىلەرنى خورلۇق ئورنىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، گۇناھتىن نېرى قىلىشنى ئويلايتتى. بەنى ئىسرائىل ئۆزلىرىنى دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشقا يېتەكلەيدىغان يولباشچىغا ئىگە قىلىش ۋە ئۆز غەلىبىسىنى ئاللاھنىڭ كاپالىتىگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، بۇ پەيغەمبەردىن ئۆزلىرى ئۈچۈن
(۱) ئىسرائىل ئاجايىپ قىلىنغان قەدىمكى يەھۇدىي دىنىدىكى مۇقەددەس نەرسە - مەتبۇرات بىنا خاتىرىلىنىشىدىن، مۇزىيا ئەلەيھىسسالام خۇدانىڭ ئەسرى بىلەن تابۇت سېكىنەنى ياساپ ئۇنىڭ ئىچىدە خۇدا يىسلەن يەھۇدىيلار ئوتتۇرىسىدا بۈرۈلگەن ئەھدە (ئون نەسىھەت)نىڭ ناش مەنىدەسنى ساقلىغانىكەن خىزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچىدىن.
بىر پادشاھ تاللاپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى ئىشمۇئىل ئىدى. ئۇ بەنى ئىسرائىلنى ئۇزاق مۇددەت كۆزەتتى ۋە سىنىدى. ئۇلارنىڭ ئاجىز، ئىقتىدارسىز ئىكەنلىكىنى بىلدى. ئۇ بۇ ئادەملەرگە مۇنداق دېدى: — ئەگەر چوقۇم ئۇرۇش قىلىدىغان بولساڭلار، پەسمچە، سىلەر بىر - بىرىڭلارنى تاشلىۋېتىشىڭلار، لەشكەر يېشى سىلەردىن كۈچ چىقىرىشنى تەلەپ قىلغاندا، سىلەر باشقىلارغا يۆلىنىۋېلىشىڭلار مۇمكىن.
— بىز يۇرت - ماكانلىرىمىزدىن قوغلىنىپ، سەرسان بولغان تۇرساق، — دەپ جاۋاب بېرىشنى ئۇلار، — قانداقمۇ ئۇنداق قىلايلى، بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىز بەكمۇ يامان، بىز تارتىمىغان يەنە قانداق خورلۇق قالدى؟
— ئاللاھقا ئىلتىما قىلىپ، بېشارەت سوراپ باقاي، — دېدى ئىشمۇئىل ئەلەيھىسسالام.
ئۇلارغا كىم باشچىلىق قىلالايدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇ ئاللاھتىن بېشارەت تىلىدى.
— مەن ئۇنى سېنىڭ قېشىڭغا ئەۋەتىمەن، — دەپ بېشارەت بەردى ئاللا، — ئۇنى كۆرمىگۈڭ تەس ئەمەس. سەن پادشاھلىقنى
ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، جەڭ تۇغىنى ئۇنىڭغا تۇتقۇزغىن!
تالۇت بەستلىك، قاۋۇل، كۈچتۈڭگۈر ئادەم ئىدى، ئۇنىڭ بىر جۈپ تۇرانە كۆزلىرىنى كۆرگەن كىشىلەر ئۇنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ئەقىل - پاراسەتلىك، ساپ دىل ئادەم ئىكەنلىكىگە ئىشەنتى. شۇ جاغلاردا ئۇنىڭ تېخى نامى چىقمىغاچقا، ئۇنىڭ گېپىنى قىلىدىغانلار ناھايىتى ئاز ئىدى. ئۇ دادىسى بىلەن بىر
جىلغىدا ياشايتتى، چارۋا باقاتتى، دېھقانچىلىق قىلاتتى. بىر كۈنى ئۇ دادىسى بىلەن ئېتىزلىقتا ئىشلەۋاتاتتى. بىردىنلا، بىر توپ مادا ئېشەكلەر دېرەكمىز يوقىلىپ كەتتى. تالۇت بالىسى بىلەن بىللە جىلغىدىكى ئوتلاقلارنى ئىزدىدى، ئەتراپتىكى تاغلارغا بىرنەچچە كۈن چېپىپ، سازلىق ۋە ئېگىزلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاختۇرۇپ چىقىپ، قاتتىق چارچاپ پۈتىنى كۆتۈرگۈچىلىكى قالمىدى.
— يۈر، كەلگەن يولىمىز بىلەن قايتىپ كېتەيلى، — دېدى تالۇت بالىسىغا، — بوۋاڭ بىزدىن ئەنسىرەپ قالىدۇ، ئۇ بەلكىم بىزنى چوقۇم ئېشەكلەر ئازدۇرۇۋەتتى دەپمۇ ئويلىغاندۇ. — بىز ھازىر ئىشمۇئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ يۇرتى سۇفىيغا كېلىپ قالدۇق، — دېدى بالا دادىسىغا، — مەن ئۇنىڭ پېشارەت بېرەلەيدىغان پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، پەرىشتىلەر دائىم ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ تۇرىدۇ. بىز بېرىپ ئۇنىڭدىن ئېشەكلەرنىڭ قەيەرگە قېچىپ كەتكەنلىكىنى سوراپ باقساق، ئۇ بەلكىم ئېشەكلەرنى تېپىپ بېرەر. ئۇنىڭ گېپى بويىچە قىلساق چاتاق يوق. تالۇت ئوغلىنىڭ تەكلىپىنى خۇشال ھالدا قوبۇل قىلىپ، قايتا ئۈمىدلەندى ۋە مۇشۇنداق قىلساق ياخشى بولار، دېگەن ئويدا بولدى.
دادا - بالا ئىككىيلەن ئىشمۇئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىگە كېتىۋېتىپ، سۇغا چىققان بىر توپ قىزلارنى ئۇچراتتى - دە. ئۇلاردىن رەھىملىك ئاللاھنىڭ بۇ ئەلچىسىنىڭ ئائىلىسى قەيەردە ئىكەنلىكىنى ۋە قانداق قىلغاندا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى بولىدىغانلىقىنى سورىدى.
قىزلار ئۇلار بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندا، ئىشمۇئىل ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى. ئۇنىڭدىن پەيغەمبەرلەرگە خاس خۇش پۇراق كېلىپ تۇراتتى، پەيغەمبەرلەرگە
مۇناسىپ ساداقەتمەنلىك ۋە رەھىمدىللىك ئىپادىلەتتى. ئۇنى كۆرۈپلا تالۇتنىڭ قەلبى ئىللىق تۇيغۇغا چۆمدى. ئىشمۇئىل ئەلەيھىسسالام كۆڭلىدە: «ئاللا پادىشاھلىق ھوقۇق تاپشۇرغان تالۇت شۇ ئىكەن - دە» دەپ ئويلىدى.
— ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، — دېدى تالۇت ئىشمۇئىل ئەلەيھىسسالامغا، — مەن قېشىڭىزغا كۆرسەتمە ئېلىش ۋە ھىدايەتكە مېڭىش ئۈچۈن كەلدىم، چۈنكى دادامنىڭ ئېشەكلىرى مۇشۇ جىلغىلاردىكى چىغىر يوللاردا يوقىلىپ كەتكەنىدى. مەن بالام بىلەن ئارقىسىدىن قوغلاپ كېلىپ، شۇنچە ئاۋارە بولۇپمۇ تاپالماي، قايتىپ كېتەيلى دېگەن، لېكىن سىزنىڭ بىلىمىڭىزنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ئويلاپ، بەلكىم ئېشەكلىرىمىزنى تېپىپ بېرىشكە ياردەم بېرەر، دېگەن ئويدا ئالدىڭىزغا كەلدۇق.
— ئېشەكلىر يولدا كېتىۋاتىدۇ، — دېدى ئىشمۇئىل ئەلەيھىسسالام، — داداڭنىڭ قېشىغا قايتىپ بارىدۇ، مەن غەم قىلما. مەن ھازىر سەندىن ئەڭ زور بىر ئىشنى قىلىشنى تەلەپ قىلمىەن، ئاللا سېنى بەنى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىقىغا تەيىنلىدى. ئاللا سەندىن ئۇلارنىڭ پىكرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۇلارنى دۈشمەننىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلدۇرۇشنى تەلەپ قىلماقتا. ئاللا سېنى ئۆز پاناھىدا ساقلاپ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭ جەزمەن مەغلۇپ بولىدۇ.
— مېنى قانداقمۇ پادىشاھ دېگىلى بولسۇن، — دېدى تالۇت، — مەن پەقەت بەنى ئىسرائىلدىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۈمىتى، نامسىز، ئاددىي ۋە ھەممىدىن كەمبەغەل ئادەممەن، مەن قانداقمۇ پادىشاھ بولالايمەن؟
— بۇ ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ۋە بېشارىتى، ئۇنىڭ ئەمرى ۋە يارلىقى، — دېدى ئىشمۇئىل ئەلەيھىسسالام، — مەن ئۇنىڭ ئىللىقىدا تەشكىل ئېيتىپ، پۈتۈن زېھنىي كۈچۈك بىلەن ياخشى ئىشلىگىن.
ئىشمۇئىل ئەلەيھىسسالام تالۇتنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ ئالدىنى كىشىلەر تەرەپكە تۇرغۇزۇپ، خالايىققا:
— ئاللا تالۇتنى سىلەرگە پادىشاھلىققا ئەۋەتتى. ئۇ لەشكەرلەرگە باشچىلىق قىلىش، ھاكىمىيەتنى تۇتۇش ھوقۇقىغا ئىگە. سىلەر يۇيرۇققا ئىتائەت قىلىپ، بىرلىشىپ دۇشمەنگە زەربە بېرىشكە تەييارلىنىڭلار، — دەپ جاكارلىدى.
ئىشمۇئىل ئەلەيھىسسالام كىشىلەرگە تالۇتنىڭ پادىشاھ بولىدىغانلىقىنى، بىراق ئۇنىڭ نامى چىقمىغان، پۇل - مېلىمۇ يوق ئىكەنلىكىنى جاكارلىغاندا، بەنى ئىسرائىل قوۋمىدىكىلەر داڭقىتىپ ھەيران قىلىشتى. ئۇلار بىر - بىرىگە قارىشىپ، قوشۇملىرىنى تۇرۇپ:
— ئۇ بىزگە پادىشاھ بولۇشقا قانداقمۇ مۇناسىپ كەلسۇن؟ ئۇ مەرتىۋىلىك ئائىلىدىن، ئېسىل قانداشلاردىن ئەمەس، پەيغەمبەرلەر تارقالغان لاۋىيە چەيمەتىگە مەنسۇپمۇ ئەمەس، پادىشاھ يەھۇدانىڭ جەمەتىگىمۇ كىرمەيدۇ، ھېچنىېمىسى يوق مۇشۇنداق بىر سالتاڭ كەمبەغەلىنى قانداقمۇ ئۆزىمىزگە ھۆكۈمران قىلالايمىز؟ ئىش قىلىش ۋە ھۆكۈمرانلىقنى قوغداش ئۈچۈن پۇل ياكى مال - مۈلۈك بولمىسا بولامدۇ؟ بىز پۇلىمىز، كۈچىمىز بار ئابرۇيلۇق كىشىلەر، — دېدى.
ئىشمۇئىل ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:
— لەشكەرلەرگە باشچىلىق قىلىش ۋە شاھلىق تەختىدە ئولتۇرۇشقا قانداشلىق ياكى پۇل - مالنىڭ ھاجىتى يوق. قانداشلىق نادانلىق ۋە ئەخمەقلىككە ياردەم بېرەلمەيدۇ، پۇل - مالنىڭ كۆپلۈكىمۇ ئەقىل - ئىدراكتىكى قالاقلىققا ھەم لەشكەرلەرگە باشچىلىق قىلىش قابىلىيىتى يوق دۆلەتلەرگە ياردەم بېرەلمەيدۇ. تالۇتنى ئاللا سىلەرگە تاللاپ بەردى، ئۇ قابىلىيەتلىك، ئۇنى ئاللا قاۋۇل، تەمبەل، زېھمىنلىك، ئەخلاقى يۈكسەك قىلىپ ياراتتى. بۇلار كىشىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر سەردار بولۇشقا ئەڭ مۇناسىپ ئالامەتتۇر. ئەجەبا، ئاللا سىلەرگە لەشكەرلەرمۇ كۆزگە
ئىلىمايدىغان، چاكىنا، ئاجىز ۋە ئىقتىدارسىز بىر نېمىنى پادىشاھلىققا بەلگىلەپ بېرەتتىمۇ؟ تالۇت جەڭگە ماھىر، پىكرى ئۆتكۈر، ئەقىل - پاراسەتلىك، تەدبىرلىك، بىلىكىدە كۈچى بار ئادەم، ناھايىتى ئەپلىك ئۇرۇش قىلالايدۇ.
ئۇنىڭ ئاللا ئاتا قىلغان تۈرلۈك ئالاھىدىلىكلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندىمۇ، ئۇ كىشىلەرنىڭ مەنپەئىتىنى ھەممىدىن بەك چۈشىنىدۇ. ئىشتا ئادىل، شۇڭا ئاللا ئۇنى پادىشاھلىققا تاللىدى. ئەل - جامائەتمۇ مۇشۇنداق ئادەمنى ئارزۇ قىلىدۇ.
— ناۋادا، ئاللا شۇنداق قارار قىلغان ۋە شۇنداق بۇيرۇغان يولسا، — دېيىشتى خالايىق. — بۇنىڭغا باشقا بىر نېمە دېيىشنىڭ ھاجىتى يوق. شۇنداقتىمۇ يەنىلا بىرەر نىشان - مۇجىزە كۆرسىتىپ، بۇنىڭ ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ قارارى ۋە بۇيرۇقى ئىكەنلىكىنى بىزگە بىلدۈرۈش كېرەك.
— ئاللا، — دېدى ئىشمۇئىل ئەلەيھىسسالام، — سىلەرنىڭ كۈچلۈك تەلىپىڭلار ۋە خىلمۇخىل ئەيىبلەشلىرىڭلارنى بىلىپ، سىلەرگە بىر مۇجىزە كۆرسىتىدىغان بولدى. سىلەر سېپىلنىڭ ئۈستىگە چىقماڭلار، تابۇت سېكىنەنى — ئۇنىڭدىن ئايرىلماڭلار پەسكەشلەرگە ئايلىنىپ، ھاقارەت ۋە ئار - نومۇسقا قالسىلەر كۆرسىتىلەر، ئۇنى پەرىشتىلەر سىلەرگە ئەكېلىۋاتىدۇ. ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ئىشىنىدىغان يولساڭلار، تابۇت سېكىنە ھەقىقەتەن بىر مۇجىزىدۇر.
ئۇلار ئىشمۇئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى بويىچە ئىش قىلدى. دەرۋەقە، ئۇلار تابۇت سېكىنەنىڭ ئۇلار ئۈچۈن ئامان - ئېسەن چۈشۈرۈلگەنلىكىنى كۆردى - دە، تالۇتقا ئۆمۈرۋايەت ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلىشقا قەسەمىياد قىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن تالۇت ئۆزىنىڭ پادىشاھلىق ھوقۇقى ۋە ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلىدى.
تالۇت پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇردى. ئۇ قەيسەر، ئەقىللىق،
لەشكەرلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشتا ناھايىتى قائىدىلىك ئىدى. ئۇ كىشىلەرگە:
— ئى خالايىق، مۇشكۇل جاپادىن قورقمايدىغانلار، ئۆي - جاي سېلىۋاتقان بولسىمۇ، تېخى پۈتتۈرۈپ بولالمىغانلار، توي قىلىشقا پۈتتۈشكەن بولسىمۇ، تېخى نىكاھ قىلمىغانلار لەشكەرلىرىمنىڭ سېپىگە كىرەلەيدۇ، — دېدى.
ئۇ ئىشنى كۆڭۈلدىكىدەك قىلىپ، بىرلىكتە دۈشمەنگە قارشى تۇرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچكە ئىگە بىر قوشۇنغا ئىگە بولدى. ئۇ ئىنتايىن سالماق، ئېھتىياتچان بولۇش كېرەكلىكىنى ئويلايتتى، چۈنكى، بەنى ئىسرائىل ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىپ، ئۇنى پادشاھلىققا تەيىنلەش مەسىلىسىدە تالاش - تارتىش قىلغانىدى. تالۇت ئۆز قوشۇنىغا ئۇرۇش باشلانغاندا ياكى دۈشمەن بىلەن تىغمۇتىغ ئېلىشىۋاتقاندا سەپنى تاشلاپ قاچارمىكىن، دەپ ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئېيتماقچى بولۇپ مۇنداق دېدى:
— سىلەز بىر دەرياغا دۇچ كېلىسىلەر، كىمكى بەرداشلىق يېرىپ، سۇ ئىچمەسلىكنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلسە ياكى بەلگىلەنگەن مىقدار بويىچە سۇ ئىچىپ گېلىنى نەمدىسە، مەن ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بولىمەن.
نەتىجىدە، پەقەت ئاز ساندىكى كىشىلەرلا سىناقتىن ئۆتەلمىدى. كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ چىداملىق ۋە ئاللاھقا ئىخلاسمەن، سادىق، ئىشەنچلىك، باتۇر جەڭچى ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. ئۇنىڭ لەشكەرلىرى ئىچىدە ئاجىزلىرىمۇ، قەيسەرلىرىمۇ، ساختىپەزلىرىمۇ ۋە ساداقەتمەنلىرىمۇ بار ئىدى. تالۇت ساداقەتمەنلەرنى ئۆزىگە مۇستەھكەم تۈۋرۈك قىلدى، تەۋرىتىپ تۇرغانلارغا خىزمەت ئىشلىدى. ئۇ لەشكەرلەرنى يېتەكلەپ دۈشمەنگە زەربە بېرەتتى، ئاللا يولىدا قانغا مىلىنىپ جەڭ قىلاتتى.
ئۆز يۈرۈك ئالۇتنىڭ لەشكەرلىرىنىڭ ئىنتايىن قاتتىق جاڭقىغاندا، ئۆزىنى دەرياغا ئېيتىپ، سۇنى كۆپ ئىچىپ، كۆچىنى مورىسىپ قويۇپ، دۈشمەنگە زەربە بېرەلمەي قېلىشىدىن ئەسىرىگەنلىكى كۆزدە تۇتۇلغان — خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچىدىن.
ئۇلار جەڭ مەيدانىغا يېتىپ بېرىپ، ئېگىزلىكنى ئىگىلەپ، ياۋۇز دۈشمەنلەرنى قىردى. جالۇت دۈشمەنلەرنىڭ زەبەردەس پالىۋانى ئىدى. ئۇ چەبدەسلىك بىلەن ھەرىكەت قىلىپ بەنى ئىسرائىلنى قىراتتى. ھېچقانداق كۈچ ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمىدى. تالۇتنىڭ بىر قىسىم لەشكەرلىرى ھالسىزلىنىپ، قورققىنىدىن نېمە قىلارنى بىلەلمەي: «بىز بۈگۈن جالۇت ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرىگە ھېچ ئامال قىلالمىدۇق» دەپ نالە قىلىشتى. تالۇتنىڭ يەنە بىر قىسىم لەشكەرلىرى جەڭنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، ئېتىقادىنى قەلبىگە پۈكۈپ، ئاللاھقا مۇھەببەت باغلاپ، ھايات - مامات جېڭى قىلىشقا تەييارلاندى. دۈشمەن كۆپ، ئۆز ئاز بولۇشتەك پايدىسىز ۋەزىيەت ئۇلارغا توسقۇنلۇق قىلالمىدى ۋە تەسىر يەتكۈزەلمىدى. ئۇلار تالۇتقا مۇنداق دېيىشتى:
— پىلانىڭنى يولغا قوي، ئىجرا قىل! ئاللا خالىما، بىز ئازلىقىمىز تۈپەيلى مەغلۇپ بولمايمىز، ئاجىزلىقىمىز تۈپەيلى يېڭىلىپمۇ قالمايمىز. جاھاندا ئازچىلىق كۆپچىلىكنى يەڭگەن مىساللار ناھايىتى كۆپ، ئاللا سەۋر - تاقەت قىلغۇچىلار بىلەن بىللە!
ئۇلار يەنە راسلىنىپ جەڭگە ئاتلاندى. ئۇلارغا سەۋر - تاقەت قورال، ئېتىقاد ئوزۇق بولدى. ئۇلار ئاللاھتىن ئۆزلىرىگە زور كۈچ - قۇۋۋەت بېرىپ، غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. ئۇلار ئاللا ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ئۈچۈن جەڭ قىلدى. ئىسكى تەرەپنىڭ لەشكەرلىرى گىرەلىشىپ كەتتى. جەڭ ئىنتايىن كەسكىن بولدى. جالۇت ئۆز لەشكەرلىرىنى دۈشمەننى ياتۇرلۇق بىلەن قىرىشقا چاقىراتتى؛ تالۇتنىڭ ئادەملىرى جالۇتنىڭ چامارىئىدىن قورقۇپ، بارا - بارا سەپتىن چېكىندى.
بېتراھامدا① ئىنتايىن ساغلام بىر بوۋاي بار ئىدى. ئۇنىڭ تۈرمۈشى بەختلىك ئۆتەتتى، پەرزەنتلىرى بىلەن ئىناق ياشايتتى.
① جاي ئىسمى - ئېرۇسالىمغا بېقىن بەردە. ئىسا پەيغەمبەر مۇشۇ يەردە دۇنياغا كەلگەن.
ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن، تالۇت بەنى ئىسرائىلنى جەڭگە بېرىشقا سەپەرۋەر قىلدى. بوۋاي ئۈچ چوڭ ئوغلىغا:
— قورال - پاراغىلىرىڭلارنى ئېلىپ بېرىپ،
قېرىنداشلىرىڭلارغا ياردەم بېرىڭلار، جەڭ مەيدانىغا بېرىپ بۇرچۇڭلارنى ئادا قىلىڭلار، — ئۇ يەنە كەنجى ئوغلىغا مۇنداق دېدى، — بۇ ئۇرۇشتا، سېنىڭ ئىشىڭ ئاكىلىرىڭغا تاماق يەتكۈزۈپ بېرىش، مەن بىلەن ئاكىلىرىڭ ئوتتۇرىسىدا خەۋەرچىلىك قىلىش بولسۇن. سەن ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ماڭا بىر قېتىم خەۋەر قىل. لېكىن، جەڭ مەيدانىغا يېقىن بارما. جەڭگە قاتنىشىشىڭغىمۇ رۇخسەت يوق. چۈنكى سەن تېخى قىرانلىق دەۋرىگە قەدەم قويمىدىڭ، ئۇرۇشنى چوڭ ئادەملەر قىلسۇن.
بۇ كەنجى ئوغۇلنىڭ ئىسمى داۋۇد ئىدى. ئۇ چاغدا ئۇنىڭ يېشى تېخى كىچىك ئىدى، يۈزىدىن نۇر يېغىپ تۇراتتى. ئۇ تېخى سىناقلاردىن ئۆتمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئاجايىپ ئەقىل - پاراسەتلىك ئىدى، ۋۇجۇدىدىن كۈچ - قۇۋۋەت ئۇرغۇپ تۇراتتى. ئۇ ئاكىلىرىغا ئەگىشىپ جەڭ مەيدانىغا بېرىپ، ناھايىتى يوغان بىر ياۋۇز ئادەمنىڭ ھەدەپ ھەيۋە قىلىپ كۆرەڭلەۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئەتراپتىكى كىشىلەر بۇ ئادەمدىن قورقۇپ ھەدەپ كەينىگە داچىۋاتاتتى. ئۇ كىشىلەردىن خورىكى يامان بۇ ھاكاۋۇر كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سورىدى. كىشىلەر ئۇنىڭغا: بۇ كىشى دۈشمەننىڭ لەشكەر بېشى جالۇت بولىدۇ. كىمكى ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشىپ قالسا، يا چېنىدىن ئايرىلىدۇ، يا يارىدار بولۇپ سەپتىن چىقىدۇ. بۇ ھال نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ يۈرىكىنى جىغىلىشىۋەتتى. تالۇت ئۇنى ئۆلتۈرگەنلەرنى مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى، كىمكى ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، مۇمىنلەرنى قوغدىسا، شۇنىڭغا ئۆز قىزىنى بېرىدىغانلىقىنى، تەختكە ۋارس قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى،
۱. «يېڭىسار» دىكى ھېكايىدە، بايان قىلىنغان قەدىمكى بىھۇدىيلار بادشاھى داۋۇد - «تەۋرات» قاتارلىق ئىشچە - ئۇ «ھۇدىي قەدىملىكىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بادشاھلىق قۇرۇپ، ئېرۇسالىمنى پايتەخت قىلغان. ئۇ ئالىملىق دەۋرىدە، يېڭىسىنىڭ بالىاسى گېربىدىن ئۆلتۈرگەن. ئۇ بادشاھلىق قىلىپ نۇرغان دەۋرىدە، كوچا بولغان قوشنىلارنىڭ نامايۈزىنى كۆپ قېتىم مەقبۇل قىلغان. مەترۇچىغا غەرجىدە قىلغۇچىدىن.
دېيىشتى. داۋۇد ئەلەيھىسسالام بۇ گەپنى ئاڭلاپ، جالۇتقا چەكسىز نەپىرەتلەندى. داۋۇد ئەلەيھىسسالامنى خاتىرجەمسىزلەندۈرگىنى شۇكى، توخۇ يۈرەك كىشىلەر بۇ ئىمانسىز ئادەمدىن ئۆلگۈدەك قورقۇپ ئالدىغا بىر قەدەممۇ ماڭالمايتتى.
داۋۇد ئەلەيھىسسالام تالۇتنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئۇنىڭغا: جالۇت بىلەن ئېلىشىپ باقاي، بەلكىم ئۇنى ئۆلتۈرۈشۈممۇ مۇمكىن. ماڭا رۇخسەت قىلغىن، دەپ تەلەپ قويدى. تالۇت داۋۇت ئەلەيھىسسالامنى كۆزگە ئىلمىدى. ئۇ داۋۇد ئەلەيھىسسالامنى يېشى كىچىك، جالۇت بىلەن ئېلىشىپ قالسا، كاللىمىدىن جۇدا بولىدۇ، دەپ ئەنسىرەيتتى. شۇڭا ئۇ داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا بۇ نىيىتىدىن قايتىش ھەققىدە نەسىھەت قىلىپ، يېشى چوڭ، تېنى كۈچلۈك، قەيسەر، قابىل كىشىلەرنى جالۇت بىلەن ئېلىشىشقا بەلگىلىمەكچى بولدى.
— سەن مېنى يېشى كىچىك، تېنى ئاجىز دەپ تۆۋەن مۆلچەرلىمە، — دېدى داۋۇد ئەلەيھىسسالام تالۇتقا، — قەلبىمدە ئېتىقاد تولۇپ تاشماقتا، غەزەپ ئوتى لاۋۇلدىماقتا. تېخى يېقىندا، ھادامنىڭ قوي پادىلىرىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان بىر شىرنى تۇتۇپ ئۆلتۈردۈم. يەنە بىر قېتىم يولدا كېتىۋېتىپ بىر ئېيىققا دۇچ كېلىپ بىر ھازىقىچە ئېلىشقاندىن كېيىن ئۇنىمۇ ئۆلتۈرۈۋەتتىم. بۇ مىساللار شۇنى بىلدۈرىدۇكى، بۇنداق ئىشتا ياشنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ياكى تەننىڭ كۈچلۈك - ئاجىزلىقىغا ئەمەس، يۈرەكنىڭ كۈچىگە قاراش كېرەك.
تالۇت ئۇنىڭ سۆزىدە سەمىمىيلىك، قەتئىي نىيەت ھەم ئىشەنچ يارلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۇنىڭغا:
— ئۇنداق بولسا، ئۆزۈڭگە كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئال! ئاللا مېنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي. دېدى، ئاندىن ئۆزىنىڭ شەرتىنى، بېشىغا دۇبۇلغا، ئۇچىسىغا ساۋۇت بەردى. لېكىن، داۋۇد ئەلەيھىسسالام ئۇچىسىغا ساۋۇت كىيمىدى، شەمشەر ئىمىدى، ھەتتا بېشىغا دۇبۇلغىمۇ كىيمىدى. بىر تال تاياق بىلەن
تاش ئاتىدىغان پالاخماننى ئېلىپلا ئالمان - تالمان چىقىپ كەتتى. — تاياق بىلەن پالاخمان نېمىگە يارايدۇ؟ ئۇ يەر شەمشەر بىلەن ئوقيا ئىشلىتىدىغان جاي! — دېدى تالۇت.
— ئاللا مېنى ئېيىقنىڭ چىشى، شىرنىڭ تىرنىقىدىن ساقلىغان. ئۇ ياۋۇز ئەبلەخ مەيلى قانچە ھىيلىگەر بولسۇن، مېنىڭ ئالدىمدا ھېچ ئامال قىلالمايدۇ، — دېدى داۋۇد ئەلەيھىسسالام. ئۇ ئىرادىسىگە، ئېتىقادىغا، كىشىلەرنىڭ ھېسداشلىقىغا ۋە ئۈمىدىگە تايىنىپ جالۇتقا قارشى جەڭگە ئاتلاندى.
جالۇت ئۆز رەقىبىنىڭ بۇرنىدىن سۈت تېمىپ تۇرىدىغان، تېنى ئاجىز، ئورۇق، دۇبۇلغا - ساۋۇتمۇ كىيىمگەن، شەمشەرمۇ ئالمىغان بىر گۈدەك بالا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، كۆزگە ئىلماي، زاڭلىق قىلغان ھالدا مۇنداق دېدى:
— قولۇڭغا ئېلىۋالغىنىڭ قانداق تاياق؟ ئۇنى ئىتتىن ئۆزۈڭنى قوغداشقا ئىشلەتتە كېمىمۇ ياكى ئۇششاق بالىلار بىلەن ئۇرۇشقاندىمۇ؟ شەمشىرىڭ بىلەن قالقانلىرىڭ نەگە كەتتى؟ قورال - ياراغلىرىڭ قېنى؟ پەمىمچە، سەن جاندىن تويۇپ بۇ يەرگە ئۆلگىلى كەلگەن ئوخشايسەن، سەن تېخى كىچىك، تۇرمۇشنىڭ لەززىتىنى تېتىپ باقمىغان. كەل، يېقىنراق كەل، بىردەمنىڭ ئىچىدىلا جېنىڭنى ئالىمەن، گۆشلىرىڭنى تېخى ئۇچار قۇشلارغا ۋە يىرىقۇچ ھايۋانلارغا تاشلاپ بېرىمەن.
— سەن دۇبۇلغا - ساۋۇت كىيىپسەن، — دېدى داۋۇد ئەلەيھىسسالام، — قولۇڭدا شەمشەر ۋە قالقان. مەن بولسام پەقەت بەنى ئىسرائىلىنىڭ ئىلاھى — ئاللاھنىڭ نامىنىلا ئۆزۈمگە ھېساب قىلدىم. سەن بەنى ئىسرائىلنى ھاقارەتلىدىڭ، ئۇلارنى تىز پۈكۈشكە مەجبۇرلىدىڭ. زادى قاتىللىق شەمشىرىڭ يامانمۇ ياكى ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ۋە كۈچ - قۇدرىتى يامانمۇ، بۇنى ئۇزۇنغا قالماي بىلىپ قالسەن!
داۋۇد ئەلەيھىسسالام پالاخمانغا تاش سالدى - دە، جالۇتنى نىشانلاپ تۇرۇپ بىر ئېتىپلا ئۇنىڭ بېشىنى زەخىملەندۈردى -
جالۇت بېشىدىن قان توختىماي ئېقىپ ئېغىر يارىلاندى. داۋۇد ئەلەيھىسسالام پالاخماننى تاكى جالۇت ئۆلگەنگە قەدەر ئارقا - ئارقىدىن توختاتماي ئېتىۋەردى.
غەلىبە تۈغى ئېگىز چىقىرىلدى. دۈشمەنلەر جالۇتنىڭ ئۆلۈشى بىلەن يىمىرىلىپ، كەينى - كەينىدىن چېكىندى. بەنى ئىسرائىل ئۇلارنى قوغلاپ زەربە بېرىپ، ئىنتىقام ئېلىپ، ئىلگىرىكى شان - شەرىپىنى ئەسلىگە كەلتۈردى.
