تەركىبكە ئۆتۈش

خەتكۈشلەر (ساقلانغان بەتلەر)

ھازىرقى بەت:...

تېخى ھېچقانداق بەت خەتكۈشكە قوشۇلمىدى

تۆۋەندىكى كۇنۇپكىنى ياكى بەتلەردىكى خەتكۈش بەلگىسىنى چېكىپ بۇ يەرگە ساقلىۋالالايسىز.

تەڭشەكلەر

يېزىق
يورۇقلۇق ھالىتى
بەت ئۇسلۇبى
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى
ئەرەبچە خەت نۇسخىسى
خەت چوڭلۇقى

ئۈزەير ئەلەيھىسسالام

ئۈزەير ئەلەيھىسسالام چارباغقا كىردى. بۇ باغ ئاجايىپ ياپيېشىل مەجنۇتتال ۋە بۈك - باراقسان دەل - دەرەخلەر بىلەن ئورالغانىدى. شاخلاردا مېۋىلەر سانجاق - سانجاق بولۇپ ساڭگىلاپ تۇراتتى. ھەرخىل قۇشلار يېقىملىق سايراشماققا ئىدى. ئۇ زوقلانغان ھالدا باغدىكى مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلدى، باغدىن چىقىپ كەتكۈسى كەلمەي قالدى. ئۇ بىر سېۋەتكە ئۈزۈم ئالدى، يەنە بىر سېۋەتكە ئەنجۈر قاچىلىدى. ئاندىن ئېشىكىگە مىنىپ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى.

ئۇ تەبىئەت دۇنياسىنىڭ شېرى ۋە ئۇلۇغۋارلىقى ئۈستىدە خىيالغا چۈمۈپ يولدىن ئېزىقىپ كەتتى. ئۇ ئىككى يول ئاچىلىدا تۇرۇپ قالدى. يوللارنىڭ ھەر ئىككىسى ئوخشاش كۆرۈنگەچكە، ئۇلاردىن بىرىنى تاللاپ ماڭدى - دە. بىردىنلا ۋەيرانە بىر كەتكە كېلىپ قالدى. ئۇ ئۈنلۈك توۋلىدى، ئۇنىڭغا جاۋابەن ھېچقانداق ئۇن - تاۋۇش ئاڭلانمىدى. ھەممە يەردە خارابىلىك ۋە سېسىپ كەتكەن جەسەتلەر كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى.

ئۇ ئېشەكتىن چۈشۈپ، ئىككى سېۋەتنى بىر ياققا قويۇپ، ئېشىكىنى باغلىدى - دە. بىر پۇچۇق تامغا يۆلەنگىنىچە تۇرۇپ قالدى. ئۇ ھوشىنى يىغىپ قەدەننى سەل رۇسلىدى. شۇ چاغدا مەيىن شامال ئۇنىڭ يۈزىنى سىيپاپ ئۆتتى. ئۇ بەزى جەسەتلەرنىڭ ئاپتاپ ۋە يامغۇر ئاستىدا ئۇزاق تۇرۇپ تۇپراققا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ: «بۇ جەسەتلەر قاچان تىرىلەر؟» دەپ ئويلىدى. شۇنداق خىياللار ئىچىدە ئىختىيارسىز قايغۇرۇپ، بىر پەس تۇرغاندىن كېيىن، ئىككى ئايىغى بوشىشىپ كەتتى - دە، كۆزلىرى يۇمۇلۇپ، ئۇزاق ئۆتمەي ئۆلۈكتەك قاتتىق ئۇخلاپ

كەتتى.

توپتوغرا يۈز يىل ئۆتتى. كونا نەرسىلەر ئورنىغا يېڭى نەرسىلەر بارلىققا كەلدى. نۇرغۇن نەرسىلەر يوقالدى، ئوردا - قەسىرلەرمۇ بۇزۇلۇپ ۋەيران بولدى. ئۈزەير تېخىچە شۇ ئورنىدا ياتاتتى، بىراق ئۇنىڭدا جان يوق ئىدى. ئۈستىخانلىرىمۇ ئاجراپ چېچىلىپ كەتكەندى. ئۇنى كۆرگەن كىشىلەر قانداق قىلىشنى بىلمەيتتى. ئاللا ئۇلارغا يول كۆرسەتتى. ئۇلار ئۈزەيرنى قوللىرى بىلەن سىلاشتى، بەزىلىرى ئۇنىڭ ئۈستىخانلىرىنى يىغىپ، جاي - جايىغا كەلتۈرۈشتى. ئۇنىڭغا روھ كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، ئۇ بىردىنلا دەس تۇردى - دە، كىشىلەرنىڭ ئالدىدا سىڭىر گۆشلىرى تولغان، تېنى ساغلام بىر ئۈزەير پەيدا بولدى. ئۇ ھېلىلا ئۇخلاپ ئويغانغان كىشىدەك، ئېشىكىنى، ئوزۇق - تۈلۈك ۋە سۆلىرىنى ئىزدىدى.

پادىشاھ كېلىپ ئۇنىڭدىن:

— بىر كۈن ئۇخلىدىم، بەلكى بىر كۈنگىمۇ يەتمەس، — دېدى ئۇ كۆپ ئويلانمايلا.

— سەن يۈز يىل ئۇخلىدىڭ، — دېدى پادىشاھ، — نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرنى بېشىڭدىن كەچۈردۇڭ، سان - ساناقسىز قېتىم يامغۇر، بورانلاردا قالدىڭ، ئەمما سېنىڭ ئوزۇق - تۈلۈكۈڭ ياخشى تۈرۈپتۇ، سۈيۈڭمۇ بۇزۇلماپتۇ، لېكىن ئېشىكىڭنىڭ ھەتتا ئۈستىخانلىرىمۇ ئاجراپ كېتىپتۇ. ئۇلۇغ خۇداغا قەسەم بېرىمەنكى، سەن بۇ ئۈستىخانلارنىڭ بىر - بىرى بىلەن قانداق تۈتىشىدىغانلىقىنى، ئېشىكىڭنىڭ قانداق تىرىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. بۇلارنى كۆرسەڭ، ئۇ دۇنياغا بولغان ئىشەنچىڭ ئاشىدۇ، كۆڭلۈك تېخىمۇ ئارام تاپىدۇ. بۇنداق قىلىشتىن مەقسەت، سېنى بىر مۆجىزە قىلىش ئارقىلىق كىشىلەرنى گۇمانلىنىشتىن يىراقلاشتۇرۇپ، ئېتىقاد نۇرىغا يۈزلەندۈرۈش.

ئۈزەير ئەلەيھىسسالام دەققەت بىلەن قاراپ تۇردى. كۆز يۈمۈپ - ئاچقۇچە ئېشىكىنىڭ بۇرۇنقىدەكلا ئۆز جايىدا ئۆرە تۇرغانلىقىنى كۆردى. تومۇرلىرى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۈزەير ئەلەيھىسسالام:

ئاللاھنىڭ ھەممىگە قادىر ئىكەنلىكى ماڭا مەلۇم. - دېدى. ئۇ ئېشىكىگە مىندى. ئۆيىگە بارىدىغان بولغان ئۇ ئويغۇر تاپالىدى. ئۇ گويا ئۇزاق ئۆتمۈشتىكى چۈشنى ئەسلىگەندەك. ئۆتكەنكى ئىشلارنى ئەسلەيتتى. ئۇ ئۆيىگە كەلگەندە ئۆيدە قېرىپ مۇكچىيىپ كەتكەن بىر موماي تۇراتتى. ئۈزەير ئەلەيھىسسالام بالا چېغىدا. بۇ موماي مۇشۇ ئائىلىدىكى بىر دېدەك ئىدى. شۇنچە ئۈزۈن يىللاردىن بېرى ئۇ ئۆلمەي كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن نامازشام قارىغۇسى بولۇپ قالغانىدى. ئۇ مومايدىن:

— بۇ ئۈزەيرنىڭ ئۆيىمۇ؟ — دەپ سورىدى.

— ھەئە، ئۈزەيرنىڭ ئۆيىمە — موماي ئاۋازى بوغۇلۇپ، ئىككى كۆزىگە لىق ياش ئالدى. — ئۈزەير كەتكەندىن كېيىن، كىشىلەرمۇ ئۇنى ئۇنتۇپ قالدى. ئەمدى ئۇنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالىدىغانلار قالمىدى. ھازىر مەن ئۇنىڭ ئىسمىنى سەندىنلا ئاڭلاۋاتمىدى.

— مەن ئۈزەير بولمىدى. — دېدى ئۈزەير ئەلەيھىسسالام، — مەن ئۆلۈپ يۈز يىلدىن كېيىن، ئاللا مېنى يەنە تىرىلدۈردى. دېدەك تەشۋىشلەندى. دەسلەپتە ئىشەنمىدى. بىردەم ئۆتكەندىن كېيىن مۇنداق دېدى:

ئۈزەير ئەلەيھىسسالام ئىلگىرى ياخشى ئادەم ئىدى. ساۋابلىق ئىش قىلاتتى. ئاللاھنىڭ تەلىمىگە ئاۋاز قوشاتتى. ئۇنى قوبۇل قىلاتتى. كېسەللەرنى داۋالاپ، ئادەمنى قۇتۇلدۇراتتى. ئىگەر سەن ھەقىقەتەن ئۈزەير بولىدىغان بولساڭ. ئاللاھتىن تەلەپ قىلىپ، سالامەتلىكىمنى ياخشىلاپ، كۆزۈمنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىنى!

ئۈزەير ئەلەيھىسسالام ئاللاھتىن تىلىگەندىن كېيىن، دەرۋەقە.

دېدەكنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئەسلىگە كېلىپ، يۈز - كۆزىدىن نۇر ياغدى. دېدەك ئۇنىڭ قول - پۈتلىرىغا سۆيۈپ كەتتى ۋە بەنى ئىسرائىل ئىچىگە بېرىپ بۇ مۆجىزىنى ئېيتتى. بۇلارنىڭ بەزىسى ئۈزەير ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى، بەزىسى ئۇنىڭ نەۋرىسى بولۇپ، بەزىسى سەكسەن ياشقا، بەزىسى ئەللىك نەچچە ياشقا كىرگەنىدى. ئۇنىڭ بىلەن تەڭ دېمەتلىكلەرنىڭ ئۈستىخانلىرى بوشىشىپ، چىرايى سولۇپ، ياداپ كېتىشكەنىدى. دېدەك ئۇچرىغانلىكى ئادەمگە:

— ئاللا ئايرىلغىنىمىزغا يۈز يىل بولغان ئۈزەير ئەلەيھىسسالامنى كەلتۈرۈپ بەردى، ئۇنىڭ ياشلىقى ھېلىمۇ ئۇرغۇپ تۇرۇپتۇ، — دېدى.

ئۈزەير ئەلەيھىسسالام كىشىلەر ئالدىدا تۇراتتى. ئۇنىڭ زېھنىي قۇۋۋىتى يېتىلىپ، ئەقىل - ئىدراكى كامال تاپقانىدى. كىشىلەر ئۇنىڭ يۈز يىل غايىب بولۇپ كەتكەن ئۈزەير ئەلەيھىسسالام ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيتتى. بۇ ئىشنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىر ئوغلى:

— دادامنىڭ يەلكىسىدە بىر قارا مەڭ بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ بەلگىسى ئىدى. شۇنى كۆرسەك تۈنۈيالايمىز، — دېدى. كۆپچىلىك ئۈزەيرنىڭ يەلكىسىنى تەكشۈرۈۋىدى، راست دېگەندەك، ئۇنىڭ يەلكىسىدە بىر قارا مەڭ بارلىقى مەلۇم بولدى. كىشىلەر دەرھال بىر - بىرىگە خەۋەر قىلىشتى.

تېخىمۇ ئىشەنچلىك ئاساسقا ئىگە بولۇش ۋە ھېچقانداق گۇمانغا ئورۇن قالدۇرماسلىق ئۈچۈن، ئۇلار ئىچىدىن بىر ئاقساقال مۇنداق دېدى:

— بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە، بۇخەنەسسەر ئېرۇسالىمغا كەلگەندە، بارچە چېركاۋلارنى كۆيدۈرگەن، شۇنىڭدىن بېرى، بۇ زېمىندا «تەۋرات»نى ياد ئوقۇيالايدىغان ئاز ساندىكى ئادەملەرلا قىلغان بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۈزەير بار ئىكەنمىش. ئەگەر سەن ھەقىقەتەن ئۈزەير بولىدىغان بولساڭ، قېنى، بىزگە «تەۋرات»نى

ياد ئوقۇپ بەرگىن. ئۈزەير ئەلەيھىسسالام بىر ھەرپنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماي «تەۋرات»نى ياد ئوقۇپ بەردى.

ئۇلار ئەمدى راستىن ئىشەندى - دە. ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا بەخت تىلىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى، ئۇلار بۇنىڭ بىلەن ئۆز ئېتىقادىنى كۈچەيتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسچە، ئېتىقاد قىلمىدى. ھەتتا تەپ تارتماستىن:

— ئۈزەير خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەن، دەپ جۇيلۇشتى.

يۇقىرىغا قايتىش

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاش ئۇسۇلى

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاڭ
1
Safari دىكى ھەمبەھىرلەش تۈگۈچىسىنى (Share) بېسىڭ.
2
«باش ئېكرانغا قوشۇش» (Add to Home Screen) نى تاللاڭ.
3
ئوڭ ئۈستىدىكى «قوشۇش» (Add) نى بېسىڭ.