تەركىبكە ئۆتۈش

خەتكۈشلەر (ساقلانغان بەتلەر)

ھازىرقى بەت:...

تېخى ھېچقانداق بەت خەتكۈشكە قوشۇلمىدى

تۆۋەندىكى كۇنۇپكىنى ياكى بەتلەردىكى خەتكۈش بەلگىسىنى چېكىپ بۇ يەرگە ساقلىۋالالايسىز.

تەڭشەكلەر

يېزىق
يورۇقلۇق ھالىتى
بەت ئۇسلۇبى
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى
ئەرەبچە خەت نۇسخىسى
خەت چوڭلۇقى

لۇت ئەلەيھىسسالام

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام مىسىردىن يولغا چىققاندا. ئوغۇل جىيەنى لۇت ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى. ئۇلار نۇرغۇن چارۋا ۋە پۇل - مال بىلەن مىسىردىن پەلەستىنگە يېتىپ باردى. ئۇلار چۈشكەن جاي تار كېلىپ ئۇلاغ ۋە چارۋىلار سىغىمغاچقا. لۇت ئەلەيھىسسالام تاغىسىدىن ئايرىلىپ سەدۇم شەھىرىگە كەلدى. شۇ چاغدا. سەدۇم شەھىرىدىكى ئاھالىلەر ئەخلاقى بۇزۇلۇپ. ھەممە ئەسكىلىكلەرنى قىلىپ. دۇنيادا ئەڭ قەبىھ كىشىلەردىن بولۇپ قالغانىدى. ئۇلار يول توسۇپ بۇلاڭچىلىق قىلاتتى. ئۆز ھەمراھلىرىغا ئاسىيلىق قىلاتتى. يولدىن ئۆتكەن ھەرقانداق ئادەمنىمۇ بوش قويۇۋەتمەيتتى. كېتىۋاتقان ئادەمنى كۆرۈپ قالسا. ھەممىسى توپلىشىپ كېلىپ. ئۇلارنى بۇلاپ - تالاپ قۇرۇقداپ قوياتتى. بۇ كىشىلەر ھەرقانداق ئادەمنىڭ پەند - نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سالمايتتى.

بۇ ئادەملەر گويا بىر توپ تۇغما لۈكچەكلەردەك. تەتۈر يول تۈتۈپ. ھەدەپ ئەسكىلىكلەرنى قىلاتتى. ئۇلار بۇنىڭ بىلەنلا قالمىدى. ھەتتا شەرمەندىلىكتە چېكىگە يېتىپ. ئاللا ياراتقان ئاياللارغا يېقىنلاشماي. ئەكسچە. ئەرلەرگە چېقىلىپ بەچچىۋازلىق قىلدى.

ئۇلار بۇنداق شۇملۇق ۋە ئىپلاسلىقنى ئەگەر خۇپىيانە ھالدا قىلغاندا ئىدى. ئۇلارنىڭ سېسىق نامى ئالەمگە بۇنچە پۇر كەتمىگەن بولاتتى. ئەمما ئۇلار نومۇس قىلماستىن كىشىلەرنى ئۆزلىرى بىلەن مۇشۇنداق ئىپلاسلىقنى قىلىشقا قۇترىتاتتى. شۇڭا. بۇنداق قەبىھ قىلمىش بۇ يەردە ئەۋج ئېلىپ. بالايىئاپەتكە ئايلاندى.

بۇ كىشىلەر مۇشۇنداق قەبىھ قىلىقلار بىلەن كۆنۈپ كەتكەچكە. توغرا يولدىن چەتنەپ. تۇيۇق يولغا چۈشۈپ قالدى.

ئاللا لۇت ئەلەيھىسسالامغا ئۇلارنى يېتەكلەپ ئاللاھقا ئىشەندۈرۈش ۋە ئۇلارنى يامانلىقتىن قول ئۈزۈشكە دەۋەت قىلىش توغرىسىدا يىشارەت بەردى. شۇنىڭ بىلەن لۇت ئەلەيھىسسالام خالايىق ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئەلچىلىك بۇرچىنى جاكارلىدى. لېكىن، ئۇلار ئاڭلاپ تۇرۇپ ئاڭلىماسلىققا سالدى. توۋا قىلىپ، يامان نىيەتتىن قايتماي. يەنىلا ھېلىقىدەك شۇملۇقلار بىلەن شۇغۇللىنىۋەردى. ئۇلار تېخى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى لۇت ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ھىساپچىلىرىگە تەھدىت سېلىپ، ئۇلارنى ھەيدەپ چىقىرىدىغانلىقى ئۈستىدە ئوچۇقتىن - ئوچۇق جار سالدى.

لۇت ئەلەيھىسسالام بۇ ئادەملەرنىڭ نەسىھەتكە قۇلاق سالمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئاللا گۇناھ قىلغانلارنى جازالايدۇ. دەپ ئاتالغاندۇردى. لېكىن، ئاگاھلاندۇرۇشىمۇ ئۇلارغا كار قىلمىدى. ئىككىچە، بۇرۇنقىدەكلا ئەسكىلىك قىلىۋەردى. ئۇلار تېخى لۇت ئەلەيھىسسالامغا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ:

— بىن ئاللاھنىڭ جازاسىنى بىزگە پاتراق كۆرسەت. —

بۇ پەسكەش مەلئۇنلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئۈچۈن، لۇت ئەلەيھىسسالام ئاللاھقا ئىلتىما قىلىپ مەدەت تىلىدى ھەمدە ئۇلارغا چىلۋا بېرىشنى تەلەپ قىلدى. چۈنكى ئۇلار چەكلەنمىسە، ۋاپاغا ئوخشاش ھەممە يەرگە يامرايتتى. ئۇلارنى خۇددى يامان سۈپەتلىك چىمىنى كېسىپ تاشلىغاندەك يوقىتىش كېرەك ئىدى.

ئاللا لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىپىنى قوبۇل كۆرۈپ، ئۇنىڭ تىلزۇرۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئاللا بۇ مەلئۇنلارنى جازالاش ئۈچۈن، سەدۇم شەھىرىگە پەرىشتىلەرنى ئەۋەتتى. پەرىشتىلەر ھىسابىن ئاۋۋال ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلىسىگە كەلدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بۇ پەرىشتىلەرنى يولۇچىلارمىكىن، دەپ قىزغىن كۈتۈۋالدى. لېكىن، پەرىشتىلەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالاھىدە تەييارلىغان يېمەكلىكلىرىنى يېمىدى. بۇ ھال ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى گۇمانلاندۇردى. پەرىشتىلەر

ئۇنىڭغا:

پەرىشتىلەر:

— ئاللا بىزنى لۇت تۇرغان جايغا ئەۋەتتى. بىز بولۇشىغا ئەسكىلىك قىلغان ئاشۇ مەلئۇنلارنى بۇيرۇق بويىچە جازالايمىز. ئۇلارنىڭ گۇناھى ھەددىدىن ئېشىپ پەيمانى تولدى. تېگىشلىك جازاغا تارتىلىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالدى. — دېدى.

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بەكمۇ بىئارام بولۇپ، پەرىشتىلەر بىلەن مۇنازىرىلەشتى ۋە ئاشۇ مەلئۇنلارنىڭ مۇشۇ پۇرسەتتە ئاللاھقا توۋا - ئىستىغار ئېيتىپ، يامان يولدىن قايتىپ، گۇناھتىن قول ئۆزۈشى ئۈچۈن پەرىشتىلەردىن ئۇلارنى جازالاشنى كېچىكتۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام پەرىشتىلەر ئاشۇ كىشىلەرنى جازالىغان چاغدا لۇت ئەلەيھىسسالامغا زىيان - زەخمەت يېتىپ قېلىشتىمۇ ئەنسىرەيتتى. ۋەھالەنكى، لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق ئىدى. بەلكى ئۇ ئۇلارغا بەكمۇ نەپرەتلىنەتتى. شۇڭا، لۇت ئەلەيھىسسالام جازالىنىشقا تېگىشلىك ئەمەس ئىدى. پەرىشتىلەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا: سەن غەم يېمە. پەيلىدىن يانمايدىغان بۇ قەبىھ ئەبلەخلەر ئۈچۈنمۇ سۈلھى - سالا قىلما. لۇتقا ھېچقانداق زىيان - زەخمەت يەتمەيدۇ. ئۇنىڭ خوتۇنىدىن باشقا، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ھەممىسى قۇتۇلدۇرۇۋېلىنىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ خوتۇنى ئاشۇ مەلئۇنلار بىلەن بۇلغىنىپ كەتتى. شۇڭا ئۇمۇ چوقۇم ئاشۇ مەلئۇنلار بىلەن بىرگە جازالىنىدۇ. دېدى.

پەرىشتىلەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن ئايرىلىپ، بىر توپ قايسىل. چېچەن يىگىتلەر تەقلىدىگە كىرىپ سەدۇم شەھىرىگە كەلدى. ئۇلار شەھەر دەرۋازىسىغا يېتىپ كەلگەندە، سۇغا چىققان

بىر قىز بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. پەرىشتىلەر قىزنىڭ ئۆيىگە بېرىپ مېھمان بولۇشنى ئىلتىماس قىلدى. قىز شۇ شەھەردىكى مەلئۇنلارنىڭ ئۇلارغا زىيان - زەخمەت يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن ۋە ئۆزىنىڭ ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇشقا قۇربىتى يەتمەيدىغانلىقىدىن ئەنسىرىگەچكە، دادىسىدىن ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇلارنى قوغداشنى تەلەپ قىلىش قارارىغا كەلدى. قىز ئۇلارغا شەھەر دەرۋازىسىدا كۈتۈپ تۇرۇشنى ئېيتىپ، ئۆزى ئائىلىسىگە قايتىپ بېرىپ دادىسىغا:

— دادا، شەھەرنىڭ سىرتىدا بىرقانچە يىگىت سىزنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. شەھەردىكى ھېچكىممۇ ئۇلاردەك ئۇنداق كېلىشكەن ئەمەس. مەن مەلئۇنلارنى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپسا، ئۇلارغا زىيان - زەخمەت يەتكۈزۈپ قويارمىكىن، دەپ ئەنسىرىۋاتىمەن، — دېدى.

ئەسلىدە بۇ ئادەم لۇت ئەلەيھىسسالام بولۇپ، مۇشۇ قىزنىڭ دادىسى ئىدى. دادا قىزنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ناھايىتى تەشۋىشلەندى. لۇت ئەلەيھىسسالام قىزىنىڭ قېشىغا يېقىن كېلىپ ئەھۋالنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈردى ۋە قىز بىلەن بىللە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى مەسلىھەتلەشتى.

شەھەردىكى مەلئۇنلار لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەرقانداق كىشى بىلەن ئۇچرىشىشىغا رۇخسەت قىلمايتتى، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۇنىڭ ئائىلىسىگە بېرىپ مېھمان بولۇشىغىمۇ رۇخسەت قىلمايتتى. لۇت ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ بۇزۇقچىلىقىغا قارشى تۇرغانلىقتىن، ئۇلار ئۇنى دۈشمەندەك ئۆچ كۆرەتتى. شەھەرنىڭ سىرتىدا كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان يىگىتلەرنى ئائىلىسىگە باشلاپ كېلىپ مېھمان قىلىشقا بولامدۇ، يوق؟ لۇت ئەلەيھىسسالام دېلىغۇل بولۇپ تۇرۇپ قالدى. ئۇ مېھمانلارنى ئائىلىسىگە كەلتۈرمەسلىككە باھانە تاپماقچى ياكى ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنى بۇ يەردىن دەرھال كەتكۈزۈۋەتسەكچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن يەنە: يىگىت دېگەن باشقىلارغا يار - يۆلەكتە بولۇشنى خۇشاللىق دەپ بىلىشى

لازىم، دېگەننى ئويلىدى - دە، غىپىدە شەھەر سىرتقا چىقىپ، كىشىلەرگە تۇيدۇرماي، ئۇلارنى ئائىلىسىگە باشلاپ كىرمەكچى بولدى.

لۇت ئەلەيھىسسالام ئاستاغىنا شەھەر دەرۋازىسىغا كېلىپ، يىگىتلەر تەقلىدىدىكى پەرىشتىلەرنى كۆرۈپ، خۇشال ھالدا ئۇلارنى ئائىلىسىگە مېھمان بولۇپ بېرىشقا تەكلىپ قىلدى. لۇت ئەلەيھىسسالام بۇلارنى ئائىلىسىگە باشلاپ كېتىۋېتىپ، دەككە - دۈككە بولاتتى. شەھەردىكى لۈكچەكلەرنىڭ بۇنى بىلىپ قېلىپ چاتاق چىقىرىشىدىن، ئۆزىنىڭ تەنھا ھالدا ئۇلارغا ھەرقانچە قىلىپمۇ تاقابىل تۇرالماسلىقىدىن ئەنسىرەيتتى.

لۇت ئەلەيھىسسالام لۈكچەكلەرنىڭ ياش يىگىتلەرگە زىيان - زەخمەت يەتكۈزۈشىدىن ئەنسىرىسىمۇ، لېكىن ئۇ پەرىشتىلەرنى يەنىلا ئۆز ئائىلىسىگە باشلاپ باردى. باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلىپ سىرتقا قارىتا بۇ ئىشنىڭ مەخپىيەتلىكىنى چىڭ ساقلىغان بولسىمۇ، لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ خوتۇنى مەلئۇنلار بىلەن بىللە بۇلغىنىپ كەتكەچكە، ئۆيىگە مېھمان كەلگەنلىكىنى مەلئۇنلارغا تېزدىن يەتكۈزۈپ قويدى. مەلئۇنلار بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلىسىگە كېلىشتى. لۇت ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئەسكىلىك قىلىدىغانلىقىنى پەملەپ ھەم چۆچۈدى، ھەم قورقتى، ئۇلارغا ئەسكىلىك قىلماسلىق توغرىسىدا نەسىھەت قىلدى. لېكىن، بۇ بىر توپ ئەشەددىي ئەبلەخلەر ئۇنىڭ قىلغان نەسىھەتلىرىگە زادىلا قۇلاق سالمىدى. لۇت ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى ئىشىكتىن كىرگۈزمەي تالادا قالدۇردى.

ئار - نومۇسنى بىلمەيدىغان بۇ بىر توپ مەلئۇنلار يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ بەتقىلىقىنى تەلۋىلىك بىلەن داۋاملاشتۇرماقچى ئىدى. لۇت ئەلەيھىسسالام بۇ قەبىھ ئادىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ئۇلارنى ئاللا ياراتقان ئاياللارغا يېقىنلىشىشقا يېتەكلىمەكچى بولدى - دە، يەنە ئاگاھلاندۇرۇپ: داۋاملىق مۇشۇنداق

قىلىۋەر سەڭلار جازالىشىلەر، دېدى. لۇت ئەلەيھىسسالام قايتا - قايتا نەسھەت قىلىپ، يېتەكلىگەن ۋە ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا توۋا قىلىش نىيىتىدە بولمىدى. ئۇلار مۇنداق دېيىشتى:

ھەي لۇت، سەن بىزدە قىزىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى بىلىسەن، لېكىن ئاياللارغا بىزنىڭ ھاجىتىمىز يوق ئىكەنلىكىنىمۇ ئوبدان بىلىسەن، دېمەك بىزنىڭ مەقسىتىمىز ساڭا ئايان.

لۇت ئەلەيھىسسالام ئىلاج قىلالماي، ئاخىر ئىشەنچىسىنى يوقاتتى. ئۇ مېھمانلارنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىش ئۈچۈن، مەلئۇنلارغا غەزەپلەنگەن ھالدا شۇنداق دېدى:

— مەندە سىلەرنىڭ قەبھ ئادىتىڭلارنى ئۆزگەرتكۈدەك كۈچ - قۇۋۋەت بولسا ئىدى ياكى مەلۇم كۈچكە تايىنىش ئارقىلىق شۇنداق قىلالمام كاشكى.

لېكىن بۇ ئادەملەرنىڭ كۆزىگە ھېچنىمە كۆرۈنمىدى. ئۇلار لۇت ئەلەيھىسسالام يېتەكلىگەن توغرا يولنى نەزەردە تۇتماي، يامانلىق، ئەسكىلىك قىلىش نىيىتىدىن يانمىدى.

لۇت ئەلەيھىسسالام ئىنتايىن ئازابلاندى ۋە غەزەپلەندى. ئۇ ئۇلاردىن ئۈمىدىنى پۈتۈنلەي ئۈزدى. بۇ مەلئۇنلار لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلىسىگە باستۇرۇپ كىرىپ، مېھمانلارغا ئېتىلدى.

پەرىشتىلەر بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇلار لۇت ئەلەيھىسسالامنى ئەنسىزلىكتىن خالىي قىلىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى ئاشكارىلاپ مۇنداق دېدى:

ئى لۇت، بىز سېنىڭ رەببىڭ ئەۋەتكەن ئەلچىلەرمىز. بىز سېنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن. بۇ مەلئۇنلار بىزگە زىيان - زەخمەت يەتكۈزەلمەيدۇ، ئەكسىچە، ئۆزلىرى چوقۇم مەغلۇپ بولمىدۇ.

شەھەردىكى مەلئۇنلار پەرىشتىلەرنىڭ بۇ گېيىنى ئاڭلاپ قورقۇپ، لاغىلەپ تىترىشىپ تەرەپ - تەرەپكە قېچىشقا باشلىدى. لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ دىلى بىردىنلا يورۇپ كەتتى. شۇ ئەسنادا پەرىشتىلەر لۇت ئەلەيھىسسالامنى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ئېلىپ كېچىلەپ بۇ يەردىن چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇدى. ئاللا لۇت ئەلەيھىسسالامنى غەم - قايغۇدىن خالاس قىلىپ، ئۇنىڭغا كۈچ - قۇۋۋەت ئاتا قىلدى، ئۇنىڭ مەلئۇنلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىغا ياردەم بەردى. بۇ چاغدا، پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا: ئاللاھنىڭ بۇ شەھەردىكى مەلئۇنلارنى جازالاشقا ئىجازەت بەرگەنلىكى، ئۇنىڭ بۇ يەردىن چىقىپ كېتىشتە خوتۇنىنى بىللە ئالماي چىقىپ كېتىشى لازىملىقى ۋە ئۇنىڭ خوتۇنىنىڭ ئاشۇ مەلئۇنلار بىلەن بىللە بۇلغانغاچقا ئوخشاشلا جازالىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

لۇت ئەلەيھىسسالام ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى بىلەن بىللە سەدۇم شەھىرىدىن كەتتى. بۇلار شەھەردىن يىراقلاشقاندا، ئاللا مەلئۇنلارنى جازالاشقا باشلىدى. دەسلەپتە يەر تەۋرەپ پۈتكۈل شەھەر دۇم كۆمتۈرۈلۈپ كەتتى، ئاندىن ئاسماندىن تاش ۋە يامغۇر يېغىپ ھەممىنى تۈپتۈر قىلىۋەتتى.

يۇقىرىغا قايتىش

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاش ئۇسۇلى

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاڭ
1
Safari دىكى ھەمبەھىرلەش تۈگۈچىسىنى (Share) بېسىڭ.
2
«باش ئېكرانغا قوشۇش» (Add to Home Screen) نى تاللاڭ.
3
ئوڭ ئۈستىدىكى «قوشۇش» (Add) نى بېسىڭ.