تەركىبكە ئۆتۈش

خەتكۈشلەر (ساقلانغان بەتلەر)

ھازىرقى بەت:...

تېخى ھېچقانداق بەت خەتكۈشكە قوشۇلمىدى

تۆۋەندىكى كۇنۇپكىنى ياكى بەتلەردىكى خەتكۈش بەلگىسىنى چېكىپ بۇ يەرگە ساقلىۋالالايسىز.

تەڭشەكلەر

يېزىق
يورۇقلۇق ھالىتى
بەت ئۇسلۇبى
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى
ئەرەبچە خەت نۇسخىسى
خەت چوڭلۇقى

غەلبە (چۈش) ۋە ھۇدەيبىيە سۈلھىسى

ھۇدەيبىيە بېشارىتى (چۈش)

بۆلۈم: “ھۇدەيبىيە بېشارىتى (چۈش)”

روسۇلماللا چۈش كۆرۈپ ئويغانغاندىن كېيىن، روھىي ھالىتىنىڭ ناھايىتى ياخشى بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى ۋە دوست - يارەنلىرىنى قىچقاردى. ئۇلار روسۇلماللانىڭ بۈگۈن ئادەتتىن تاشقىرى خۇشال بولۇپ، چىرايىدىن نۇر يېغىپ روھلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى زور بىز خۇشاللىققا يولۇققان بولسا كېرەك، دەپ پەرەز قىلىشتى. مەسچىت سەيناسى بىردەمدىلا ئادەمگە لىق تولدى. كىشىلەر جىمىغاندىن كېيىن، روسۇلماللا مۇسۇلمانلارغا ئۈمىد بېغىشلايدىغان بېشارەت بەردى:

— يولغا چىقىشقا تەييارلىق كۆرۈڭلار، بىز قەتئىي نىيەتكە كېلىپ مەسچىدى ھەرەمگە بېرىپ، ئۇ يەردە ئۆمرە قىلىش ۋە بەيتۈللانى تاۋاپ قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىمىز.

مۇسۇلمانلار روسۇلماللانىڭ كىشىنى روھلاندۇرىدىغان بۇ بېشارىتىنى بىر - بىرىگە خۇش خەۋەر قىلىپ يەتكۈزۈشتى ۋە بىردەمنىڭ ئىچىدىلا ئۇنى ھەممە ئائىلىلەرگە ئۇقتۇردى. ئۇلار بىر - بىرىنى قۇتلۇقلاشتى. بىرەيلەن خۇشال ھالدا:

— بىز تېخىچە روسۇلماللانىڭ ئۆزىنىڭ بېشارىتىنى ئاڭلىغان ئەمەس. بۇ ئۇنىڭ بىزگە قىلغان تۇنجى بېشارىتى. ئۇنىڭ بۇ بېشارىتى تاڭ نۇرىدەك يوپيورۇق، خۇددى قۇياش نۇرىدەك پارلاق، — دېدى. روسۇلماللانىڭ ئۆز لەۋزىدە تۇرىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ بېشارىتىگە مۇتلەق ئىشىنىشكە بولىدىغانلىقى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسىگە ئايان ئىدى. بۇ ئۇلارنىڭ سۆيۈملۈك

ۋەتىنى — كېچە - كۈندۈز سېغىنىدىغان يېرىگە قايتىپ بېرىش ۋاقتىغا ئانچە ئۈزۈن قالمىغانلىقىدىن. ۋەتەن تۈپرىقىنىڭ خۇشبۇي ھىدىنى ئېلىش ئالدىدا تۈرۈۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. ئۇلار مەسچىدى ھەرەمدە بەيتۈللانى تاۋاپ قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش، ئاتا - بوۋىلىرى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك قەدەملىرى تەككەن دىيارغا قەدەم تەشرىپ قىلىش ئالدىدا تۈراتتى. بۇ نېمىدېگەن مۇقەددەس ئىش - ھە! ئۇلار قانداقمۇ خۇشال بولمىسۇن؟

ئەتىسى تاڭ بىلەن تەڭ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆز قوۋمىنى باشلاپ مەككىگە ئاتلاندى. مەيىن شامال لەرزان سوقۇپ تۈراتتى. ئۇلار تولۇپ تاشقان ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بىلەن ئۈدۈل مەككىگە قاراپ يول ئالدى.

سەپەر يېرىملاشقاندا بىئىل خۇزائى ئالدىراپ - تېنەپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىپ خەۋەر يەتكۈزدى: — مەن سېنىڭ بۇيرۇقۇڭ بويىچە قۇرەيش قەبىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى تەڭ - تىڭلاپ كېلىشكە يارغاندىم. ئۇلار سېنىڭ مەككىگە ئاتلانغانلىقىڭدىن بەرگەن بېشارىتىڭدىن خەۋەر تېپىپتۇ. مەن ھەيران، بۇ خەۋەرنى ئۇلارغا كىم يەتكۈزگەندۇ. ئۇلار قانداق قىلىپ بۇنچە تېز بىلمۇالىدۇ؟

ئۇلار بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن نېمە دەپتۇ؟ قانداق قىلماقچىكەن؟ دەپ سورىدى رەسۇلۇللاھ.

يا رەسۇلۇللاھ! ئۇلار بالىۋاقىلىرى بىلەن ئاياللىرىنى كاجۇنغا سېلىپ تۆگىلەرگە ئارتىپ بىخەتەر يەرگە ئاپىرىپ قويۇپتۇ. ئەرلىرى پەيلىنى بۇزۇپ جەڭگە ھازىرلىنىپتۇ. ئۇلار سېنى مەككىگە كىرگۈزمەسلىككە قەسەم ئىچىشپتۇ. قۇرەيشلەرنىڭ خالىد ئىبن ۋەلىد ئىسملىك بىر باتۇر چەۋەندازى بار ئىكەن، ئۇ شەھەردىن چىقىپ سەن بىلەن ئېلىشماقچى بوپتۇ. ھازىر ئۇ ئىھتىمال كورا ئۇغەمىم دېگەن يەرگە كەلگەندۇ.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇنى ئاڭلاپ ئۈلۈغ - كىچىك تىنىپ

مۇنداق دېدى: — ھەي قۇرەيشلەر، سەلەر نېمە ئۈچۈن مەن بەلەنلا تىركىشىسەلەر؟ سەلەر ئۇرۇشنىڭ ئازابىنى يېتەرلىك تارتىشقالار. سەلەر مەن بەلەن ئەرەبلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىشقا ئارىلاشمىغان بولساڭلار، بۇنىڭ نېمە يامىنى بولاتتى؟ مەن ئاللا ماڭا تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتىمەن، ئەرەبلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلدۇرىمەن، مەقسەتكە يەتمىگۈچە ھەرگىز توختىمايمەن. خالىد نېمە قىلماقچى؟ بۇ يەرگە قورال - ياراغنى ئىشقا سېلىش ئۈچۈن كەلمىگەنىدۇققۇ! رەسۇلۇللاھ كۆپچىلىكنى باشلاپ داۋاملىق ئىلگىرىلدى، ناچىيە ئىبن جۇندۇب ئەسلەمى ئالدىدا يول باشلاپ ماڭدى. ئەگرى - توقاي تاغ يوللىرىغا كەلگەندە، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مىنگەن تۆگىنىڭ چۈلۈۋرىنى تۇتۇپ مېڭىپ، ئۇلارنى ئامان - ئېسەن بىر

بىردىنلا، كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆگىسىنىڭ يولىنىڭ ئوتتۇرىسىدا توختاپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ئەجەبلىنىپ، نېمە ئۈچۈن توختاپ قالغاندۇ؟ رەسۇلۇللاھ باشقىچە ئويدا بولۇۋاتامدىغاندۇ؟ دېگەن پەرەزدە بولۇشتى. ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ، رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆزى ئەمەس، بەلكى ئۇ مىنگەن تۆگىنىڭ ماڭماي تۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدى. رەسۇلۇللاھ ھەرقانچە قىلىسىمۇ تۆگە مىدىرلىماي تۇراتتى. رەسۇلۇللاھنىڭ تۆگىسى ئۇششۇمتۇت توختىۋاپتۇ، دېگەن خەۋەر بىردەمدىلا تارقىلىپ كەتتى. — بۇ تۆگە ناھايىتى كۆنەك ئىدى، بۈگۈن مەككىگە كىرىشكە ئۇنىمايۋاتىدۇ، بۇنىڭدا چوقۇم بىر سىر بار، — دېدى رەسۇلۇللاھ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تۆگىنىڭ تۇرۇۋالغانلىقى ئۇنىڭغا توختاش توغرىسىدا بېرىلگەن بېشارەت ئىكەنلىكىنى چۈشىنەتتى، شۇڭا ئۇ كۆپچىلىكنى يېقىن ئەتراپتىن چۈشكۈدەك بىر جاي تېپىشقا

قاش قارايغان چاغ، كىشىلەر ئۇخلاشقا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. بىر چاغدا جىددىي ئاياغ تىۋىشى ئاڭلىنىپ، بىرەيلەن چېدىرنىڭ سىرتىغا چىقىپ قارىدى، كەلگەن كىشى بۇدەيل ئىبن ۋەرقا ئىدى. ئۇ مەككىدىن كېلىۋاتاتتى. كىشىلەر دەررۇ ئۇنى ئارىغا ئېلىۋېلىپ، ئۇنى - بۇنى سورىغىلى تۇردى:

— سەن مەككىدىن كەلگەنىكەننى، قېنى، قۇرەيشلەرنىڭ ئەھۋالى قانداق؟ ئۇلار شەھەردىن چىقىپ بولغاندىن كېيىن يەنە قايتىپ كەتتىمۇ؟ سەن يەنە بىزگە قانداق يېڭى خەۋەر ئېلىپ كەلدىڭ؟

بولدى سورىماڭلار، ۋاراڭ - چۇرۇڭ قىلماڭلار، مۇھەممەد پەيغەمبىرىم بىلەن كۆرۈشمىگۈچە، ھېچنېمىنى ئېيتمايمەن، — دېدى بۇدەيل ۋە گېپىنى تۈگىتىپلا، ئارىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئۇدۇل پەيغەمبەرنىڭ چېدىرىغا قاراپ ماڭدى. تىنچلىق سوراشقاندىن كېيىن، ئۇ پەيغەمبەرگە ئۆزىنىڭ بىلگەن ئەھۋاللىرىنى مەلۇم قىلىپ مۇنداق دېدى:

— ئى رەسۇلۇللاھ، مېنىڭ بۇ يەرگە كەلگەنلىكىمنى قۇرەيشلەر پەقەت بىلمىدى. مەن ئۇ يەردە بەزى خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ، بەزى ئالامەتلەرنى كۆرۈپ، ساڭا خەۋپ بارلىقىنى ۋە يامان ئاقمۇت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. شۇڭا، مەن ھېچنېمىگە قارىماي چاپقىنىمچە ساڭا مەلۇم قىلغىلى كەلدىم. مەن قۇرەيشلەرنىڭ ھەرىكىتىگە زەن قويۇپلا كەلدىم، تۇنۇگۇن ئۇلارنىڭ باشلىقلىرى مەجلىس ئاچتى، ئۇلار مېنىڭ قوشۇنۇڭنىڭ مەككىگە كېلىدىغانلىقىنى ئۇققاندا، ئەلبازى بۇزۇلۇپ، چىرايلىرى ئۆڭۈپ كەتتى، يەنە سېنى زەھەرخەندىلىك بىلەن ھاقارەتلىدى. ئۇلار مەجلىستە جەڭگە تەييارلىنىشنى بەلگىلىدى: سېنى مەككىگە كىرگۈزمەسلىككە قەسەم قىلىشتى، ئۇلار لات، ئۇززا ۋە ھۇبەل بۇتلىرىدىن ئۇزارىرىنىڭ غەلىبە قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ۋە

مەدەت بېرىشىنى تىلىدى. يارەسۇلۇللاھ! ئۇلارنىڭ سەن تەييارلىقسىز تۇرغان ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئەھۋالنى مەلۇم قىلغىلى كەلدىم، تېزرەك بىرەر تەدبىر قوللانغىن!

— ئى بۇدەيل، — دېدى رەسۇلۇللاھ، — ساڭا مەلۇم بولسۇنكى، بىز ئۇلار بىلەن ئۇرۇشقىلى ئەمەس، بەيتۇللانى تاۋاپ قىلغىلى كەلدۇق. قارا، بىزنىڭ قىلىچلىرىمىز قىنىدا تۇرۇپتۇ، بىز تىنچلىق ۋە ئامانلىقنى قىزغىن سۆيىمىز، ئۇرۇشقاق ئەمەسمىز. خالىساڭ، بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى ئۇلارغا ئېيتىپ قوي، ئارزۇيىمىزنى ئۇلارغا يەتكۈزۈپ قوي، ئاللا سېنى ئۆز پاناھىدا ساقلاپ، بۇ قانلىق توقۇنۇشنى توسۇشقا، ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ئۆچمەنلىك ئوتىنى ئۆچۈرۈشكە قادىر قىلغاي.

بۇدەيل رەسۇلۇللاھنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە مەككىگە قايتىپ بېرىپ، كىشىلەرنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن قاتتىق جەڭ قىلىشقا تەييارلانغانلىقىنى بىلدى. ئۇ قۇرەيش باشلىقلىرى تۇرۇشلۇق يەرگە كەلگەندە، ئۇلار مەجلىس ئېچىۋاتاتتى، ئۇلارنىڭ پىكىرلىرىمۇ بىردەك ئەمەس ئىدى. بەزىلەر قەتئىي ئۇرۇشۇشنى تەشەببۇس قىلاتتى، بەزىلەر: ئەڭ ياخشىسى ئۇرۇشمايلى، كۈچىمىز يەتمەيدۇ، شۇڭا ھەم ئۇرۇش قىلمايدىغان، ھەم ئىززەت-ھۆرمىتىمىز، مال-مۈلكىمىزنى ئامان-ئېسەن ساقلاپ قالالايدىغان بىرەر تەدبىر تاپقىنىمىز تۈزۈك، دەپ قارايتتى. ئۇلار تازا بېشى قېتىپ تۇرغاندا، بۇدەيلنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىدىن كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، بۇدەيلنىڭ يېنىغا ئولىشىپ ئۇنىڭدىن ئەھۋال ئۇقۇشتى، ئەمما مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا نېمە ئۈچۈن ئۆزى يالغۇز بارغانلىقىنى ھېچكىم سورىمىدى. — ئېيتقىنا، مۇھەممەد نېمە دېدى؟ — دېيىشتى قۇرەيش باشلىقلىرى تەقدىرزالىق بىلەن، — مۇھەممەد بېسىپ كېلىپ، يۈرتىسىمىزنى ئىگىلىۋالامدىكەن، مال-مۈلكلىرىمىزنى تارتىۋالامدىكەن؟ كۆزگە كۆرۈنگەن كىشىلىرىمىزنى ئۆلتۈرۈشتەك

پاچىشى يەنە تەكرارلامدىكەن؟ ئوتتا، شەيبە، ھەنزەلەۋە ئىبن ھىشام قاتارلىقلارنىڭ پاچىشلىك ئۆلۈمى تېخىچە ئېسىمىزدە. ئودنىڭ ئوغلىنىڭ ئۆلۈمىگە يىغلىغان كىشىلەرنىڭ كۆز يېشى تېخى قۇرۇغىنى يوق. مۇھەممەد يەنە دەھشەتلىك ئۇرۇش قوزغىماقچى ۋە بىزنى يەنە پاراكەندە قىلماقچى بولۇپتۇ. ئېيتتە، مەن ئۇ يەردە نېمىلەرنى كۆردۈڭ، قانداق ئەھۋال ئۇقۇپ كەلدىڭ؟

— سىلەرنىڭ مۆلچەرىڭلار پۈتۈنلەي خاتا، — دېدى بۇدەيل تەمكىنلىك بىلەن، — سىلەر خىيالىڭلارغا كەلگىنىچە ئىش قىلىۋېتىپسىلەر. مەن ھېلىلا مۇھەممەدنىڭ قېشىدىن كەلدىم، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى، ھەقىقىي مۇددىئاسىنى بىلدىم. مەن تېخى ئۇنىڭ گەپلىرىنىمۇ ئېلىپ كەلدىم، ئەگەر ئاڭلاشقا قىزىقساڭلار، كۆرگەن - بىلگەنلىرىمنى سۆزلەپ بېرەي.

بول، چاپسان دېگىنە، بىز شۇنى ئۇقايلى دېۋىدۇق! — دېيىشتى قۇرەيش باشلىقلىرى.

— مۇھەممەد ئۆزىنىڭ ئارزۇ ۋە مۇددىئاسىنى ماڭا ئېيتتى، — دېدى بۇدەيل، — ئۇ سىلەر بىلەن ئۇرۇشۇشنى خالىمايدىكەن، سىلەر بىلەن دۈشمەنلەشمەكچىمۇ ئەمەس ئىكەن. ئۇ بۇدا بەيتۇللانى تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن كەپتۇ. ئۇ ماڭا تامامەن قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان بىر پىكىرنى ئاشكارىلىدى. ئەگەر سىلەر ئۆچمەنلىك ئوتىنى ئۆچۈرۈپ، ئۇرۇشنى تىنچلىققا ئايلاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ بەيتۇللانى تاۋاپ قىلىشىغا يول قويساڭلار، ئۇلار سىلەر بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالايدىكەن. سىلەرمۇ مۇھەممەد بىلەن ئەرەبلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىشلارغا ئارىلاشماسلىققا ۋەدە بېرىشىڭلار لازىم. مەيلى ئەرەبلەر مۇھەممەدنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلسۇن ياكى مۇھەممەد ئەرەبلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلسۇن، سىلەر ئۇنىڭغا قول تىقماسلىقىڭلار لازىم. ئىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، سىلەر ئاندىن ئۆزۈڭلارنىڭ تاللىغان يولۇڭلاردا مېڭىڭلار، ھازىر سىلەر بىر چەتتە تۇرۇشۇڭلار كېرەك. شۇنىڭغا ھۇددە خىسارەتلىك سىلەر ئىشىنى سېتىشكە ئىچىدە بىر چىقىپ

يالغان گەپ يوق.

— مۇھەممەدنىڭ بۇ پىكرىنى قوبۇل قىلالمايمىز، بۇ ئالدامچىلىق، — دېيىشتى قۇرەيش باشلىقلىرى باشلىرىنى چايىقاپ، — ئى بۇدەيل، سەن بىزنى تۇيۇق يولغا باشلاپ، مۇھەممەدنىڭ قۇرۇپ قويغان قاپقىنىغا دەسمەتمەكچى بولۇۋاتىسەن! سەن بىزنى قورال - ياراغلىرىمىزنى ئامبارغا ئەكىرىپ قويۇپ، ئاتلىرىمىزنى تاغلارغا قويۇۋېتىپ، مۇھەممەدنىڭ مەككىگە بىمالال كىرىشىگە يول قويۇڭلار دەۋاتىسەن. ئۇ چاغدا بىز ئۇنىڭغا باش ئېگىپ، ئۇنىڭ ئايىغىدا خارلىنىپ ئۆتسەك بولىدۇ. روشەنكى، سېنىڭ نەسىھەتلىرىڭ يىلانىڭ زەھىرىگە ئوخشىشىدۇ. سەن ھازىر خۇزائەلەردىن ئەمەس، سەن ئۇلارغا ئاسىيلىق قىلدىڭ، سېنىڭ مۇھەممەد بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭنى ھەممە كىشى بىلىپ قالدى. بولدى، ئاغزىڭنى يۇم! ھازىردىن باشلاپ بۇ ئىشنى قايتا ئاغزىڭغا ئالغۇچى بولما!

— ئۇنداق بولسا، — دېدى بۇدەيل غەزەپلىنىپ، — ئىختىيار ئۆزۈڭلاردا، بىراق، كېيىن كۆرسىلەر، ئەھۋال ھامان ئايدىڭلىشىدۇ، ئۇ چاغدا پۇشايمان قىلساڭلار ئورنىغا كەلمەيدۇ. بۇ چاغدا، ھەممەيلەن مەجلىسكە رياسەتچىلىك قىلغان ئەبۇسۇفيانغا قارىدى، ئۇ مۇنداق دېدى:

— بۈگۈن مەجلىسكە كەلگەن ئەھابىشنىڭ باشلىقى ھۇنەين ئىبىن ئەلقەمە بىزنىڭ ئىتتىپاقدىشىمىز ۋە بىزنىڭ قوشنىمىز، ئۇنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان بىر ئامالى بارلىقى ماڭا مەلۇم. بىز ئۇنى ئەلچىمىز سۈپىتىدە مۇھەممەدنىڭ قېشىغا ئەۋەتسەك، ئۇ مۇھەممەدنى پەيلىدىن ياندۇرۇشقا تىرىشىپ باقسا، ھۇنەين قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، قانداق قىلىدىغانلىقىمىز ھەققىدە ئاندىن مەسلىھەتلىشەيلى!

رەسۇلۇللاھ ھۇنەيننىڭ ئەلچىلىككە كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ساھابىلەرگە: — ھۇنەين قۇرەيشلەرنىڭ ئەلچىسى سۈپىتىدە بۇ يەرگە

كېلىدىكەن، سەلەرگە مەلۇم، ئۇ ئىلاھقا سېغىنىدىغان ئادەم، سەلەر چاپسان بېرىپ، قۇربانلىق قىلىنىدىغان ماللارنى تالاغا قويۇۋېتىڭلار، — دېدى.

ھۈنەين مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئورۇنلاشقان جايغا يېقىنلاپ كەلگەندە، دالادا يۇڭلۇق تۆگىلەرنىڭ تۇرغانلىقىنى، بۇ يەردە ئۇرۇش قىلىدىغاندەك كەيپىياتنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەقىقەتەن بەيتۈللانى تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىگە ئىشەندى ۋە ئىش مۇنداق بولغانىكەن، مۇھەممەد بىلەن كۆرۈشۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ ئويلاپ، دەرھال قۇرەيش قەبىلىسىگە قايتتى. ئۇ خالايىققا ئاچچىقلانغان ھالدا مۇنداق دېدى:

— بۇرادەرلەر، سەلەرنىڭ مۆلچىرىڭلار تامامەن خاتا ئىكەن. ئۇلار ھەقىقەتەن بەيتۈللانى تاۋاپ قىلىشقا كەپتۇ، شۇڭا ئۇلار قارشى ئېلىنىشى لازىم. لېكىن سەلەر ئۇلارنى شەھەر سىرتىدا قالدۇرۇپ، ساراڭلارنىڭ، ئېشەكلەرنىڭ بەيتۈللانى ئاياغ - ئاستى قىلىشىغا يول قويدۇڭلار، سەلەرنىڭ بۇ ھەرىكىتىڭلارنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ. ئەينى چاغدا، مېنىڭ سەلەر بىلەن ئىتتىپاقداش بولۇشۇم خۇداغا بىھۆرمەتلىك قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن ئەمەس ئىدى. ئەگەر سەلەر مۇھەممەدنىڭ بەيتۈللاغا كىرىشىنى رەت قىلىدىغان بولساڭلار، بىز بارلىق ئەھابىش خەلقى سەلەر بىلەن دۈشمەنلىشىمىز.

قۇرەيش باشلىقلىرى ئالدىراپ - تېنەپ ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىشقا باشلىدى:

— ھەي ھۈنەين، ئالدىراپ كەتمە، سەۋر قىل! بىز ئوبدان ئويلىنىپ بىرىنمە دېگۈچە تۇرۇپ تۇرمامەن! قۇرەيش باشلىقلىرى يەنىلا ئىككىلىنىپ بىر قارارغا كېلەلمىدى. كېيىن ئۇلار يەنە بىر قېتىم يىغىن ئېچىپ، تولۇق ۋە جىددىي مۇزاكىرە قىلىشتى.

ئۇلار ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلدى: مۇھەممەدنىڭ قوشۇنلىرى

مەككە شەھىرىنىڭ ئەتراپىغا كەلدى، ئۇلار قاچانلا بولمىسۇن شەھەرگە كىرىدۇ. بىر ياشلىق مۇنداق دېدى: — بىز مۇھەممەد بىلەن ھايات - مامات جېڭى قىلىشقا.

ئۇنىڭغا قەتئىي قارشىلىق كۆرسىتىشكە ۋە ئۇنى مەككىگە كىرگۈزمەسلىككە قەسەم قىلغانىدۇق: لېكىن بىز ئويلىنىپ بېقىشىمىز كېرەك، ئۇرۇشنىڭ مەقسىتى نېمە؟ قارشىلىق كۆرسىتىۋېرىش بىزگە نېمە ئاقمۇمەت ئېلىپ كېلىدۇ؟ ئۆتكەندە بىز ئۇنىڭ قوشۇنى بىلەن ئۇرۇشتۇق، ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمىدۇق، ھەر قېتىمقى جەڭ بىزنىڭ پاجىئەلىك مەغلۇبىيىتىمىز بىلەن ئاياغلاشتى، كۆپلىگەن قەھرىمان، نوچىلىرىمىز، ياشلىرىمىز ئۇرۇشتا نابۇت بولدى. بەدرى غازىنى تېخى ھازىرقىدەك ئېسىمىزدە، ئۇ بىر قېتىملىق نەس باسقان غازات بولدى. بىز ئوھود غازىتىدا ئۇلارنىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇردۇق، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار بېلىنى رۇسلىيالمايدۇ، دەپ ئويلىغانىدۇق. ئويلىمىغان يەردىن ئۇلار تېزلا ئۆزىنى رۇسلاپ قوشۇن تۈزدى، بەدرى غازىتىدا باتۇرلۇق ۋە قەيسەرلىك كۆرسەتتى، بىز پاجىئەلىك مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدۇق. بىزنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان بۇ ئادەملەر بۈگۈنكى كۈندە يەنە كەلدى، بۇ قېتىمقىسى ئىلگىرىكىگە ئوخشاشمايدۇ، ئۆتكەندە ئۇلار مۇداپىئەلەنگۈچى، بىز ھۇجۇم قىلغۇچى ئىدۇق: ھازىر بىز مۇداپىئەلەنگۈچى، ئۇلار ھۇجۇم قىلغۇچى بولۇپ قالدى. ئۇلار ئوڭۇشلۇق ئورۇندا، بىز بولساق قۇلايسىز ئورۇندا، ئەگەر قارشىلىق كۆرسىتىۋېرىدىغان بولساق، روشەنكى، ئاخىردا چوقۇم مەغلۇپ بولىمىز، لېكىن قارشىلىق كۆرسەتمەستىن، ئۇلارنى ئوڭايلا شەھەرگە كىرگۈزۈپ قويساق، ئىناۋىتىمىز تۆكۈلىدۇ، كىشىلەرنىڭ مەسخىرىسىگە قالىمىز. ھازىر بىز تەڭقىس ئەھۋالدا قالدۇق.

— ئىنى قۇرەيشلەر! — دېدى ئۇلارنىڭ بىرەر چارە تاپالمايۋاتقانلىقىنى كۆرگەن نۇئەيىم ئىبن مەسئۇد سۆز

قىستۇرۇپ، — ھەممىڭلارغا مەلۇم، مېنىڭ نەسىبىم ئەرەبلەردىن ئېسىل، قېنىم ئۇلارنىڭكىدىن پاك، مەن سەقىق قەبىلىسىدە ئالىي ھۆكۈمرانلىق ھوقۇققا ئىگە. ئىلگىرى مەن سىلەردىن يىراق تۇرغان بولساممۇ، لېكىن يۈرىكىم سىلەرنىڭ يۈرىكىڭلار بىلەن تەڭ سوقاتتى. سىلەر ئۆتكەندە مېنى سىناپ كۆرۈپ، سادىق كىشى ئىكەنلىكىمنى بىلگەنىدىڭلار، مەن ئەزەلدىن سىلەرنى ئالدىغان ئەمەس. ئېسىڭلاردا بولسا كېرەك، مەن ئوكاز قەبىلىسىدىكىلەرنى باشلاپ كېلىپ سىلەرگە ئەل بولغانمەن. سىلەرنى ھازىرقى بۇ قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن سىلەرگە ياردەم قولۇمنى سوزۇشنى خالايمەن. سىلەر مېنى تولۇق ھوقۇقلۇق ئەلچى سۈپىتىدە مۇھەممەدنىڭ قېشىغا ئەۋەتىڭلار، مەن ئۇنىڭ بىلەن يۈزمۇ يۈز سۆھبەت ئۆتكۈزىمەن. بۇ ئىشىم مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاي. ئىلاھىم.

قۇرەيش باشلىقلىرى بۇ پىكىرگە بىردەك قوشۇلدى ۋە ئىنىسى — بۇرادەر، بىز سېنىڭ بىزگە سادىق ئىكەنلىكىڭىدىن ھېچقاچان شۇبھىلەنگەن ئەمەسىز. سەن بىزنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلىمىز بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىشكە بارغىن! — دېيىشتى.

مەسئۇد دەرھال يولغا چىقىپ رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كەلدى، رەسۇلۇللاھ مۇسۇلمانلارغا نۇتۇق سۆزلەۋاتاتتى، ئەھلى مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ ئەمرىمەر ۋېلىرىغا قۇلاق سېلىپ ھۆرمەت بىلەن ئۆرە تۇرۇشاتتى. رەسۇلۇللاھ سۆز قىلسا ھەممە ئادەم جىم بولۇشاتتى؛ رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا قارىسا، ئۇلار دەررۇ باشلىرىنى ساڭگىلىشىپ يەرگە قارىشىۋالاتتى. بۇنىڭدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارنىڭ قەلبىدە قانچىلىك يۈكسەك مەرتىۋىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن ئىدى. مەسئۇد بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ سەل ئىككىلەندى، لېكىن ئاخىردا يەنىلا قەتئىي نىيەت ۋە غەيرەتكە كېلىپ، كىشىلەر توپىنى يېرىپ ئۆتۈپ، رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ مۇنداق دېدى:

— ئى مۇھەممەد. سەن پۈنچە كۆپ ئادەمنى يىغىۋېلىپ. نېمە قىلماقچى بولۇۋاتسەن؟ مېنىڭچە. سەن قۇرەيش قەبىلىسىگە تاجاۋۇز قىلىپ. ئۇلارنىڭ يۈرت - ماكانلىرىنى تارتىۋالماقچى بولۇۋاتسەن. ئۇلار نېمە گۈناھ قىلدى؟ ئۇلار ئىشچان. باتۇر. سەمسىمى. ئاق كۆڭۈل ئادەملەر. ئۇلار ھېچقاچان يامان ئىش قىلغىنى يوق. ئۇلار سېنىڭ پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرۇپ. ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىش قەستىدە بولۇۋاتقانلىقىڭدىن خەۋەر تاپتى. ئۇلار سىلەرنى ئۆز دىيارىغا كىرگۈزمەسلىك ئۈچۈن قەسەم قىلىشنى. ئەگەر سىلەر ئۆز بېشىمچىلىق قىلىدىغان بولساڭلار. بېشىڭلارنى يەيسىلەر. قەبىلەڭ پۈتۈنلەي تۈگەيدۇ. ھېچبولمىغاندا ئۆزۈڭ يالغۇزلا قالسەن. قانداق قىلىشنى ئوبدان ئويلاپ باق! — مەن بۇدەيل قاتارلىق كىشىلەرگە ئېيتىپ ئۆتتۈم.

دېدى روسۇلللا جاۋاب بېرىپ. — بىز بۇ يەرگە ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئەمەس. بەيتۈللانى تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن كەلدۇق. ئەگەر ئۇلار قوشۇلسا. بىزگە يول بېرىشى كېرەك. بولمىسا. بارلىق ئاقمۇەتكە ئۇلار جاۋابكار بولىدۇ.

مەسئۇد ھەرخىل تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ. مۇۋەپپەقىيەت قازىنالماي. قۇرەيش قەبىلىسىگە سالىپىيىپ قايتىپ كەلدى. كىشىلەر ئۇنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ پۇتى - پۇتىغا تېگىشمەي يۈگۈرۈشۈپ كېلىپ. ئۇنىڭ روسۇلللا بىلەن بولغان سۆھبىتىنىڭ نەتىجىسىنى ئاڭلىماقچى بولۇشۇپ. بىتاقەتلىك بىلەن سوراشتى:

— مۇھەممەد بىلەن كۆرۈشكەن ۋاقتىڭدىكى ئەھۋالنى چاپسان دېگىنى. بىزنى ھەم قانلىق توقۇنۇشتىن ساقلايدىغان. ھەم ئىمززەت - ھۆرمىتىمىزنى ساقلاپ قالىدىغان خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگەنسەن. ئىلاھىم.

— قېرىنداشلار. دېدى مەسئۇد. — سىلەر بەك خۇشال بولۇپ كەتسەڭلار. مەن ئەلچىلىك ۋەزىپەمنى ئورۇندىيالمىدىم. شۇنداق بولسىمۇ سىلەرگە بەزىبىر ئەھۋالنى ۋە ئۆزۈمنىڭ بەزى

قاراشلىرىنى ئېيتىپ قويماقچىمىن: مىن ئەلچىلىك سۈپىتىم بىلەن بەزى پادىشاھلارنىڭ ھۆرۈرىدا بولغان، مىن كىرا، نەجاشى 2دېگەن پادىشاھلار بىلەن كۆرۈشكەن. لېكىن، مۇھەممەدنىڭ ئۆز قوۋمى ئىچىدىكى ھۆرمىتىنى ھەرقانداق پادىشاھلارنىڭكىگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدىكەن. ئۇ ئەڭ ئۈستۈن ئىناۋەت ۋە ھوقۇقتىن بەھرىمەن ئىكەن، ئۇنىڭ قوۋمى ئۈنىڭغا ئىنتايىن ئىتائەتمەن ئىكەن، ئۇنىڭ سىزىقىدىن چىقمايدىكەن. ئەگەر ئۇلارنى شەھەرگە كىرگۈزمەيمىز دېسەڭلار، مۇھەممەد ئۆز قوۋمىغا بىر بۇيرۇق چۈشۈرسىلا، ئۇلار نەرە تارتىپ ھۇجۇم قىلىپ كېلىدۇ، ئۇ چاغدا، سىلەر تاقابىل تۇرالماي قېلىشىڭلار مۇمكىن. مېنىڭچە، يەنىلا ئېھتىيات بىلەن ئىش قىلغىنىڭلار تۈزۈك.

قۇرەيشلەر بۇ گەپنى ئاڭلاپ مەنسىتمىگەن ھالدا دېدى:

— سەن مۇھەممەدنى بىزگە ئۇنچىۋالا سىرلىق كۆرسەتمە. بىز قۇرەيشلەر شۇنچە يارىماس ئادەملەرمۇ؟ بىزلا بولىدىكەنمىز. مۇھەممەد مەككىگە كىرىمەن دەپ خىيال چاغلىمىسۇن.

قۇرەيشلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى تاش يۈرەك ئادەم ئىكەن، شۇنچە كۆپ ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپمۇ ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ئۆزگەرتەلمىدۇق، دەپ ئويلاشتى ۋە مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق مىكرەز ئىبن ھەفىسنى تېپىپ، ئۈنىڭغا:

سېنىڭ باتۇر، پاراسەتلىك، كەسكىن ئىكەنلىكىڭ ھەممىمىزگە مەلۇم. سەن تەمكىن، قولىدىن ئىش كېلىدىغان بىر توپ ئادەم تاللاپ، مۇھەممەدنىڭ قوشۇنىنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇپ باق. پۇرسەت بولۇپ قالسىلا، ئۇلارغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇرۇپ، جاسارىتىگە بەرھەم بېرىپ،

ئۇلارنى بىئارام قىل. — دېيىشتى.

قاراڭغۇ چۈشكەندىن كېيىن، مىكرەز ئىبن ھەفس بىر توپ ئادەمنى باشلاپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام چۈشكەن جاينىڭ ئەتراپىنى كۆزىتىشكە باردى. ئۇ بىردىنلا قەدىمىنى توختىتىپ، ئادەملىرىگە مۇنداق دېدى:

— توختاڭلار! قاراڭلار، قورۇل سىرتىدا تۇرغان ئاۋۇ ئادەم كىم؟ ئۇ مۇھەممەد ئىبن مەسلەمگە بەك ئوخشىشىپ كېتىۋاتىدۇ. ئوبدانراق قاراپ بېقىڭلار، چوقۇم شۇ، مەن ئۇنى تونۇيمەن، ئۇنىڭ بارلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى بىلىمەن، ئۇ بۇرىدەك تۇيغۇن، ئۇخلىسا بىر كۆزىنى يۇمۇپ، يەنە بىر كۆزىنى ئېچىپ ئۇخلاپ، كىشىنى ئۆزىگە يېقىن بولاتمايدۇ.

مىكرەز ئىبن ھەفسنىڭ سۆزى تۈگىمەستىنلا، بىللە كەلگەن كىشىلەر ئىختىيارسىز تىترەپ كەتتى.

مۇھەممەد ئىبن مەسلەمە شەپىنى تۇيۇپ، قۇلىقىنى دىڭ تۇتۇپ تىڭشىدى، سۆزلەشكەن ئاۋاز بىلەن ئاياغ شەپىسىنى ئاڭلاپ، قۇرەيشلەر پايلاقچى ئەۋەتىپتۇ، دەپ ھۆكۈم قىلدى - دە، دەرھال مۇھاپىزەتچىلەرنى يىغىپ، ئەتراپنى ئاختۇرۇشقا بۇيرۇدى. ئارىدىن ئانچە ئۆتمەيلا، مىكرەز ئىبن ھەفس ئادەملىرى بىلەن بىللە قولغا چۈشتى.

ئەسىرلەرنى رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىرىشتى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى قويۇپ بەرمەكچى بولۇپ، ئېلىپ كىرگەنلەرگە: — بولۇڭلار، ئۇلارنىڭ قوللىرىنى يېشىۋېتىڭلار، ئۇلار قايتىپ كەتسۇن، ئۇلار مېنىڭ ياخشى نىيىتىمنى بىلىپ قالسۇن. بىز ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن كەلمىدۇق، ئۆچمەنلىك ئۇرۇقىنى چېچىشنىمۇ خالىمايمىز، — دېدى، ئارقىدىن خۇزائە قەبىلىسىدىكى ھىراشنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا، ئى ھىراش، بىز ئەسىرلەرنى قويۇپ بەرگەندىن كېيىن سەن قۇرەيش قەبىلىسىگە بېرىپ، ئۇلارغا يىزنىڭ كېلىشتىكى مەقسىتىمىزنى چۈشەندۈرۈپ قويغىن، سەن ئۇلارنى بىرقەدەر چۈشىنىسەن، — دېدى.

ھىراش قۇرەيش قەبىلىسىگە كەلدى، لېكىن ئۇنىڭ ئىشى ئەپلەشمىدى، ئۇ روھى چۈشكەن ھالدا قايتىپ كېلىپ، يىغلاپ تۇرۇپ رەسۇلۇللاھغا مۇنداق دەپ دادىدى:

يارەسۇلۇللاھ، ئۇلار بەك جاھىل ئىكەن، زادىلا نىيىتىدىن يانىدىغاندەك ئەمەس. ئۇلار ماڭا تۇرلۇك ھاقارەتلەرنى قىلدى، تېخى تۆگەمنىڭ پۇتىنى چېپىۋەتتى، ئەگەر ئەھابىشلەر توسۇۋالمىغان بولسا، ھەتتا بېشىمۇ تېنىمدىن جۇدا بولغان بولاتتى.

رەسۇلۇللاھ بۇنى ئاڭلاپ غەزەپلەندى، ئەمما دەررۇ يەنە ئۆزىنى بېسىۋېلىپ، ھىراشنى ئارام ئېلىشقا بۇيرۇدى، بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن ساھابىلەرگە:

— قۇرەيشلەرنىڭ بىزگە بولغان ئاداۋىتى ناھايىتى چوڭقۇر ئىكەن، بۇنى دەرھال نۆگىتىش تەس، بىز كەڭ قورساقلىق قىلىپ، يەنىلا يامانلىققا ياخشىلىق قىلىشىمىز كېرەك، ھىراش خۇزائىلىك بولغاچقا، ئۇلار ئۇنى كۆزگە ئىلماي، قەستەن كەمسىتكەن بولسا كېرەك، — دېدى، ئاندىن بۇرۇلۇپ ئۆمەر ئىبن خەتتاپقا مۇنداق دېدى، — ئى ئۆمەر، سەن ئەس — ھوشۇڭ جايىدا، پاراسەتلىك ئادەم، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرەيشلەر ئىچىدە مەلۇم ئابرۇيۇڭ بار. شۇڭا، سەن ئۇلارنىڭ قېشىغا بېرىپ، بىزنىڭ بۇ يەرگە كېلىشتىكى ھەقىقىي مەقسىتىمىزنى ئۇلارغا چۈشەندۈرگىن، ئىككى ئارىدىكى شۇبھە تۇمانلىرى كۆتۈرۈلۈپ كەتسە ئەجەپ ئەمەس.

— ئى رەسۇلۇللاھ، مەن بۇيرۇقۇڭغا تەييار، دېدى ئۆمەر، — لېكىن ھازىر ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولدى، شۇڭا مەنمۇ ھاياتىمدىن سەل ئەنسىرەۋاتىمەن. چۈنكى ئۇلار ماڭىمۇ دۈشمەنلىك قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەككىدىكى ئۇرۇق — تۇغقانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ھەيدەپ چىقىرىشىپتۇ، مەككىدە مېنى ئۆز ھىمايىسىگە ئالغۇدەك بىرمۇ كىشى يوق. لېكىن مەن ساڭا بۇ مۇھىم ۋەزىپىنىڭ ھۇددىسىدىن چىقالايدىغان ئادەملەرنى كۆرسىتەي، مەككىدە

بىرمۇنچە كىشىلەر ئۇلارنى ھىمايە قىلىدۇ، قوغدايدۇ. ئۇلار ئوسمان ئىبن ئەففان، مۇئاۋىيە، ئەبۇسۇفيان، ئۇقبە ۋە ئىببانلار. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى يوللۇق دەپ قاراپ، ئوسماننى مەككىگە ئەۋەتىش قارارىغا كەلدى.

ئىببان ئىبن سەئىد يېرىم كېچىدە ئىشكىنىڭ جىددىي قېقىلغانلىقىنى ئاڭلىدى، ئىشكىنى ئېچىپ، بىر نەۋرە ئىنسى ئوسمان ئىبن ئەففاننى كۆردى ۋە ئۇنى دەررۇ ئۆيگە تەكلىپ قىلدى، ئاندىن:

— ئۇكام، مەۋلانىڭ مۇھەممەدنى يالغۇز تاشلاپ كېلىپ قاپسەنغۇ؟ بىرەر جىددىي ئىش چىقىپ قالدىمۇ؟ — دەپ سورىدى. ئوسمان مۇنداق دېدى:

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىگە كىرىشتىكى ھەقىقىي مۇددىئاسىنى قۇرەيشلەرگە چۈشەندۈرۈپ، ئۇلاردىكى ئۇقۇشماسلىقىنى تۈگىتىش ئۈچۈن مېنى ئۇلارنىڭ قېشىغا ئەۋەتمەكچى بولدى. لېكىن مەن بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ كونا ئۆچمەنلىك بىلەن ماڭا زىيانكەشلىك قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ، سېنى ياردەم قىلىدۇ، قوغدايدۇ ھەم ماڭا يول كۆرسىتىدۇ، دەپ ئاۋۋال سېنىڭ قېشىغا كەلدىم. ئىككىمىز تۇغقان بولغاندىكىن، ماڭا ياردەم قىلارسەن.

ئىببان ماقۇل بولدى، ئەتىسى ئۇنى قۇرەيش باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈشكە ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارغا:

بۇ كىمنى مېنىڭ نەۋرە ئىنىم ئوسمان ئىبن ئەففان بولىدۇ. ئۇ مۇھەممەدنىڭ ئەلچىسى، مۇھەممەدنىڭ خېتى ھەم سۆزىنى ئېلىپ كەپتۇ، — دېدى. قۇرەيش باشلىقلىرى ئوسماننىڭ كېلىشتىكى مەقسىتىنى چۈشەندۈرۈشكە قوشۇلدى. ئوسمان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىگە كىرىشتىكى سەۋەبلىرىنى بىر قۇر بايان قىلىپ ئۆتتى. قۇرەيش باشلىقلىرى ئاڭلاپ يەنىلا قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى ۋە:

— مۇھەممەدنى مەككىگە كىرىشتىن توسۇش — بىزنىڭ

غەلىبىمىز ۋە ئىپتىخارىمىز. بىراق، ساڭا باشقىچە قارايمىز، سەن بەيتۈللانى تاۋاپ قىلىمەن دېسەڭ، توسۇمايمىز، — دېيىشتى. — مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىگە كىرمىگۈچە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىغۇچە، مەن بەيتۈللاغا قەدەم باسمايمەن، — دەپ قەسەم قىلدى ئوسمان. ئوسمان قۇرەيش باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، دەرھال قايتمىدى، مەككىدە ئولتۇرۇشلۇق بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىغا بېرىپ، خۇپىيانە ھالدا ئۇلارغا: — غەلىبە قىلىشىمىزغا ئاز قالدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام شەھەرگە كىرمەكچى. باش كۆتۈرىدىغان ۋاقتىڭلار كېلەي دەپ قالدى، — دېدى.

قۇرەيشلەر ئوسماننىڭ مۇسۇلمانلار ئىچىدە مەخپىي ھەرىكەت قىلىپ يۈرگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنىڭ پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرۇشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنى قاماپ قويدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوسماندىن مۇۋەپپەقىيەت خەۋىرىنى كۈتۈپ تۇرماقتا ئىدى، لېكىن ئوسمان قۇرەيشلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپتۇ، دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىدى. مۇسۇلمانلار بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ قاتتىق قايغۇرۇشتى، ئوسمان ئۈچۈن قانغا - قان، جانغا - جان ئالىمىز، دەپ چىشلىرىنى بىلەپ تەييار بولۇشتى. رەسۇلۇللاھنىڭ تىنىچلىق يولىدا كۆرسەتكەن ھەممە تىرىشچانلىقلىرى مەغلۇپ بولدى. ئۇ مۇسۇلمانلارغا ئۆرۈشتىن باشقا يول يوقلۇقىنى جاكارلاپ، جەڭگە ھازىرلىنىشقا بۇيرۇدى. بىر كۈنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەرەخنىڭ سايىسىدە خىيال سۈرۈپ ئولتۇراتتى، ئەبۇسانان ئىبن ئەسەد ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ:

— ئى رەسۇلۇللاھ، مەن ساڭا شۇنداق ئىرادە بىلدۈرىمەنكى، سەن ماڭا بۇيرۇق قىلىدىغانلا بولساڭ، مەن سەپنىڭ ئەڭ ئالدىدا ماڭىسىنى، قىيما - چىيما بولۇپ كەتكۈچە ھۇجۇمدىن يانمايمەن، — دېدى.

مەن سېنى چەكسىز ھۆرمەتلەيمەن، — دېدى ئەسەد، — سېنىڭ پىداكارلىق روھىڭ، باتۇرلۇقۇڭ، كەڭ قورساقلىقىڭ ئۈنىڭدەك قەتئىي تەۋرەنمەس پەزىلىتىڭ مېنى تەسىرلەندۈردى، مەن مەن ئۈچۈن بارلىقىمنى بېغىشلاشقا رازى.

ئارقىدىنلا، مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى ئەسەدكە ئوخشاش، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كەينى - كەينىدىن ساداقەتلىك بىلدۈرۈپ، ئۈنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەشتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن ئىنتايىن رازى بولۇپ، ئۇلارغا، شەھەرگە ھۇجۇم قىلىشقا ئاز قالدى، ھەممە جەھەتتىن پۇختا تەييارلىق كۆرۈپ قويۇڭلار، دېدى.

مۇسۇلمانلار قىلىچلىرىنى قىنىدىن سۇغۇرۇپ راسلىنىپ تۇرۇشقان چاغدا، ئاتلىق بىر يوچۇن ئادەمنىڭ ئۇچقاندەك چېپىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈشتى. ئۈنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن مۇسۇلمانلاردىن بىرەيلەن ئاتقا مىنىپ ئۈنىڭ ئالدىغا باردى، تېخى يېقىن بارماي تۇرۇپلا، كەلگەن بۇ كىشىنىڭ سۇھەيل ئىبن ئەمىر ئىكەنلىكىنى تونۇدى - دە، دەررۇ ئېتىنىڭ يېشىنى ئارقىغا بۇراپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلدى.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، خۇشال ھالدا:

راستتىن سۇھەيل كەلگەن بولسا، بۇ بىز بىلەن قۇرەيشلەر ئوتتۇرىسىدىكى سۈلھىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىدىن ئۈمىد بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ، — دېدى.

رەسۇلۇللاھنىڭ مۆلچىرى تامامەن توغرا ئىدى. سۇھەيل رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۈنىڭغا مۇنداق دېدى:

— مەن قۇرەيش خەلقىنىڭ ئەلچىسى بولۇپ، قېشىڭغا سۈلھى

تۈزۈش ئۈچۈن كەلدىم. ئالدىن شۇنى ئۇقتۇرۇپ قويايكى، ئوسمان ئۆلتۈرۈلگىنى يوق، ئەكسچە مۇھاپىزەت قىلىنىۋاتىدۇ، ئۇنى ئۆلتۈرۈلۈپتۇ دېگەن خەۋەر پۈتۈنلەي ئويدۇرما. مەن يەنە ساڭا شۇنىمۇ ئېيتىپ قويايكى، قۇرەيشلەر ئۆزلىرىنىڭ قىلغان قوپاللىقىغا پۇشايمان قىلىپ، سەن بىلەن سۈلھى تۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مېنى سەن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ئەۋەتتى. ئارىدىكى ئۇقۇشماسلىقنى تۈگىتىپ، قانلىق توقۇنۇشتىن ساقلىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

روسۇللىلا قانلىق توقۇنۇشتىن ساقلىنىش ۋە بەيتۇللانى ئۇرۇش ئاپىتىگە ئۇچراتماسلىق ئۈچۈن، قۇرەيشلەر بىلەن سۈلھى تۈزۈشنى نەشەببۇس قىلىپ كەلگەندى. ئۇ سۈلھى تۈزۈش ئۈچۈن ئوسماننى ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ئەۋەتكەن ئەمەسمىدى؟ ھەر قېتىم ئۇلارنىڭ ئەلچىلىرىگە ئارقا - ئارقىدىن سۈلھىلىشىش سەمىمىيىتىنى بىلدۈرگەن ئەمەسمىدى؟ شۇڭا روسۇللىلا ئۇلارنىڭ ئاخىر ئەقلىنى تېپىپ، ھاماقەتلىكتىن ئويغانغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئىنتايىن خۇرسەن بولۇپ، سۆھبەتلىك قولىنى تۇتۇپ، قىزغىن ھالدا:

— قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىڭنى قارشى ئالىمىز، بىز ئىشلىرىمىز ئۈستىدە ئوبدانراق سۆزلىشەيلى! — دېدى.

روسۇللىلا سۆھبەتلىك بىر سائەت سۆھبەتلەشتى، ئىككى تەرەپ كېلىشىم ھاسىل قىلدى، كېلىشىمنىڭ ئاساسى مەزمۇنى مۇنداق بولدى: مۇسۇلمانلار بۇ يىل ئىچىدە مەككىگە تاۋاپقا بارماي، دەرھال ئۆز قەبىلىلىرىگە قايتىش؛ روسۇللىلا كېلەر يىلى ساھابىلىرىنى ئېلىپ بەيتۇللاغا تاۋاپقا كېلىش، لېكىن قورال - ياراغ ئېلىپ كەلمەسلىك؛ ئىككى تەرەپ ئون يىلغىچە ئۇرۇش قىلماسلىق؛ قۇرەيشلەر ئىچىدىكى مۇسۇلمانلار روسۇللىلا تەرەپكە قېچىپ كەلسە، روسۇللىلا ئۇلارنى قايتۇرۇۋېتىش؛ لېكىن روسۇللىلانىڭ قول ئاستىدىكى ئادەملەر قۇرەيشكە ئەل بولۇپ بارسا، قۇرەيشلەر ئۇلارنى روسۇللىلالاغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىك.

كېلىشىمنىڭ مەزمۇنى مۇسۇلمانلارغا ئاڭلانغاندىن كېيىن، ئۇلاردا نارازىلىق پەيدا بولدى: «بۇ كېلىشىم ئۇلار ئۈچۈن پايدىلىق بولۇپتۇ، ئۇلار ئۆزلىرىگە كېرەك بولغاننىڭ ھەممىسىگە ئېرىشىپتۇ، بىز بەك يول قويۇۋېتىپتۇق، ھېچنېمىگىمۇ ئېرىشەلمەپتۇق، بۇ يىل بەيتۇللانى تاۋاپ قىلىش پۇرسىتىدىن قۇرۇق قېلىپلا قالماي، يەنە مۇسۇلمانلارنى قوغداش ھوقۇقىدىنمۇ ۋاز كېچىپتۇق، بىز بۇ كېلىشىمنى چۈشىنەلمىدۇق» دەپ غۇلغۇلا قىلىشتى.

ئۆمەر ئىبىن خەتتاپ كېلىشىمنىڭ مەزمۇنىنى ئاڭلاپ ئاچچىقىدىن تىترەپ كەتتى. ئۇ ئەبۇبەكرىگە: — ھەي ئەبۇبەكرى، سەن مۇھەممەدنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئاللانى تىلىڭغا ئېلىپ قەسەم قىلغان ئەمەسمىدىڭ؟ دېدى.

— ئى ئۆمەر، كېيىلمەنكى، مۇھەممەد ئاللا ئەۋەتكەن ئەلچى، بىز ئۇنىڭغا مۇتلەق ئىشىنىشىمىز، قەتئىي ئىتائەت قىلىشىمىز لازىم.

— مەنمۇ ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭغا شەك كەلتۈرۈشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلىمەن. لېكىن ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى ئىشىنى تازا چۈشىنەلمەيۋاتىمەن. مەن مۇسۇلمان بولغاندىن بېرى، ئىسلام دىنىغا زادى شەك كەلتۈرۈپ باقمىغاندىم. لېكىن ھازىر گۇمانلىنىپ قالدىم.

ئى ئۆمر، سېنىڭ سوئاللىرىڭغا جاۋاب بېرىشكە ئامالسىزمەن. مېنىڭچە، سەن روسۇللىلانىڭ ئالدىغا كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن يۈزتۇرا سۆزلىشىپ باققىن.

ئۆمر ساددا پىكىرلىك، دىلى پاك، ئاغزى ئىتتىك، كۆڭلى ئوچۇق كىشى ئىدى. ئۇنىڭچە، توغرا نەرسىلا بولىدىكەن، باشقىلارنىڭ ئەيىبلىشىدىن، ھەتتا قارغىشىدىن قورقمايتتى، روسۇللىلا بولغان تەقدىردىمۇ، ئۆمر ئۇنىڭدا خاتالىق بار دەپ قارىسىلا، روسۇللىلاغا كۆرسىتىپ بېرەتتى. ئۆمر ئەبۇ بەكرىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، روسۇللىلانى تېپىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشتى:

— سەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئەمەسمۇ؟ — سورىدى ئۆمر. — نېمىشقا ئەمەسمەن؟ — ياندۇرۇپ سورىدى روسۇللىلا. — بىز مۇسۇلمانغۇ؟ — بۇنىمۇ سوراش كېتەمدۇ؟ قۇرەيشلەر مۇشرىكلارغۇ؟ سەن نېمە ئۈچۈن پاك دىنىمىزغا پاسىق نەرسىلەرنى ئارىلاشتۇرسەن؟ — مەن ئاللاھنىڭ بەندىسى ھەم ئەلچىسى، ئۇنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئىش قىلىمەن، ئۇنىڭ ئەمرىگە ھەرگىز خىلاپلىق قىلمايمەن، ئۇمۇ مېنى تاشلىۋەتمەيدۇ. — سەن بىزگە بەيتۇللاغا بېرىپ تاۋاپ قىلىمىز، دەپ ۋەدە قىلغان ئەمەسمىدىڭ؟ شۇنداق دېگەندىم. سەن تېخى بۇ يىل بەيتۇللانى تاۋاپ قىلىشتىكى ئارزۇيىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز دېگەنتىڭغۇ؟ — مەن بۇ گەپنى قىلمىغان، لېكىن خاتىرجەم بولغىنكى،

بىز چوقۇم بەيتۇللانى تاۋاپ قىلىمىز، بۇ پەقەت ۋاقىت جەھەتتىكى بالدۇر — كېيىنلىك مەسىلىسى، خالاس.

— پەيتەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاخىرقى بۇ بىر جۈملە سۆزى بىلەنلا ئۆمر گۇمان، ئاچچىقتىن خالاس بولۇپ، خۇشال — خۇرام

چىقىپ كەتتى.

ئۆمەر چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھ سۈھىل بىلەن قايتىدىن ئولتۇرۇپ، سۈلھىنىڭ ماددىلىرىنى يېزىپ چىقىشنى قارار قىلىشتى. رەسۇلۇللاھ ئەلىنى يېزىشقا بۇيرۇدى:

— يازغىن، باشقا بىسىمللاھىررەھمانىررەھىم، دەپ ياز. — بۇ گەپنى مەن چۈشەنمەيمەن، يەنىلا: بىسىمكەللاھۇمە دەپ يازغىن! — دېدى سۈھىل. ئەلى سۈھىلنىڭ پىكرى بويىچە يازدى، ئاندىن قەلەمنى توختىتىپ رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزىنى كۈتتى. — ئۇلاپ ياز: ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ۋە سۈھىل ئىبن ئەمىر سۇھىلنىشىش ئارقىلىق تۆۋەندىكىلەر ئۈستىدە سۈلھىگە كەلدىكى دەپ ياز. — دېدى رەسۇلۇللاھ. سۈھىل دەرھال ئەلىنىڭ قولىدىكى قەلەمنى تۇتۇۋېلىپ، رەسۇلۇللاھغا: — ئەگەر سېنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگى بۇرۇنراق بىلگەن بولسام، ساڭا ھەرگىز دۈشمەنلىك قىلمىغان بولاتتىم. شۇڭا يەنىلا ئۆزۈڭنىڭ ئىسىملا يېزىلسۇن! — دېدى. رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى:

— ئۇنداق بولسا، مۇنداق يازغىن: مۇھەممەد ئىبن ئابدۇللا بىلەن سۈھىل ئىبن ئەمىر تۆۋەندىكىچە سۈلھىگە كېلىشتى: ئىككى تەرەپ ئون يىلغىچە ئۇرۇشمايدۇ؛ بۇ جەرياندا ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ئىناق، دوست ئۆتىدۇ؛ قۇرەيشلەردىن مۇھەممەد تەرەپكە رۇخسەتسىز كەلگەنلەرنى مۇھەممەد قۇرەيشلەرگە قايتۇرىدۇ؛ ئەگەر مۇھەممەدنىڭ ئادەملىرى ئۆز ئالدىغا قۇرەيش تەرەپكە يېرىپ قالسا، قۇرەيشلەر ئۇلارنى قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ. مۇھەممەد دەرھال مەدىنىگە قايتىدۇ، بۇ يىل مەككىگە كىرمەيدۇ، كېلەر يىلى ھەج مەۋسۇمىدا قۇرەيشلەر مەككىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، مۇھەممەد بەيتۇللانى تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن ساھابىلىرى بىلەن مەككىگە كىرىدۇ، لېكىن ھېچقانداق قورال - ياراغ ئېلىپ كىرمەيدۇ؛ مۇھەممەدنىڭ قوۋمىگە قوشۇلۇش ياكى قۇرەيش قەبىلىسىگە قوشۇلۇش ھەر كىمنىڭ ئىختىيارىدا بولىدۇ.

ئەلى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ كۆزدىن كەچۈرۈپ ئىمزا قويدى.

بۇ سۈلھىنى ئوقۇغان مۇسۇلمانلاردىن بىر مۇنچىلىرى تەشۋىشلەندى. ئۇلار تازا غۇلغۇلا قىلىشىۋاتقان پەيتتە بىردىنلا پۈتىدا ئىشكەل بار بىر ئادەم ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ، جېنىنىڭ بارچە: «ئى رەسۇلۇللاھ، مېنى قۇتۇلدۇرغىن! مېنى ئۆز پاناھىڭغا ئالغىن!» دەپ نالە قىلدى. كىشىلەر يېقىن بېرىپ قاراپ، ئۇنىڭ سۈھەيل ئىبن ئەمىرنىڭ ئوغلى ئەبۇ جەندەل ئىكەنلىكىنى تۈنۈدى. كىشىلەر دەررۇ ئۇنى يۆلەپ رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىردى. جەندەل رەسۇلۇللاھنى كۆرۈپلا قاتتىق يىغلاپ مۇنداق دېدى:

— ئى رەسۇلۇللاھ، سېنىڭ چاقىرىقىڭ يۈرتىمىزغا يېتىپ بارغاندا، مەن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغانىدىم: قولۇمغا «قۇرئان» تەگكەندە، مەن ئۇنى بېرىلىپ ئوقۇدۇم ۋە شۇ بويىچە ئىش قىلدىم. لېكىن، قۇرەيشلەر مېنىڭ ئۇلارغا ئاسىيلىق قىلىپ، ئېتىقادىمنى ئۆزگەرتكەنلىكىمنى بىلمىۋالغاندىن كېيىن، مېنى سوراققا تارتتى ۋە قىيىن - قىستاققا ئالدى. مەن بۇ ئىبارەتنىڭ چاڭگىلىدىن قېچىپ، ھۇزۇرۇڭغا كېلەي، دەپ شۇنچە كۆپ ئۇرۇنغان بولساممۇ، ئامال بولمىدى، مانا بۇ قېتىم ئاخىر قېچىپ كەلدىم. ئى رەسۇلۇللاھ، مەن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىش سەۋەبىدىن، قانچىلىگەن ئازاب - ئوقۇبەت تارتتىم - ھە! مەن پۈتۈمدىكى ئىشكەلنى سۆرەپ سېنىڭ ئالدىڭغا پاناھ تىلەپ كەلدىم. مېنى ئۆز ھىمايەڭ ئاستىدىكى بىر مۇسۇلمان قىلىپ قوبۇل قىلغىن! — ئۇ سۆزلەپ يولۇپ زار - زار يىغلاپ كەتتى. سۈھەيلىمۇ شۇ مەيداندا بار ئىدى، ئۇ ئوغلىنىڭ بۇ ئېچىنىشلىق ھالىنى كۆرۈپ، نالە - پەريادىنى ئاڭلاپ بەكمۇ ئازابلاندى ۋە بىئارام بولدى، لېكىن لېۋىنى چىشلەپ تۇرۇپ، باغرى قاتتىقلىق قىلىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا:

ئى رەسۇلۇللاھ، ئوغلۇم ئالدىڭغا كېلىشتىن بۇرۇن بىز سۈلھنامىنى ئىمزالاپ بولدۇق، سۈلھنامىگە ئاساسەن، ئۇنى مەيلى

سۇھىل ئوغلىنى باغلاپ مەككىگە قايتتى. سۇھىل جەننەلنى ئالدى بىلەن مەككىدىكى مۇسۇلمانلار ئىچىگە ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

— مۇسۇلمان قېرىنداشلار، ئەبۇ جەننەل مۇھەممەدنىڭ

قېشىغا قېچىپ بارغاندىن كېيىن، مەن ئۇنى مۇشرىكلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرمەكچى بولۇپ ئېلىپ كەلدىم. مۇشرىكلار بىزگە جىق كۈلپەت كەلتۈردى. بۇ ھەممىمىزگە مەلۇم. لېكىن، مۇسۇلمانلارنىڭ بارچە ھەرىكىتى ئاللاھنىڭ ئىلكىدە بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئىش قىلىدۇ. رەسۇلۇللاھ قۇرەيش قەبىلىسى بىلەن سۇلھىنامە تۈزدى، شۇڭا بىز ئالدى بىلەن ئۇنى بۇزالمايمىز. ئەبۇ جەننەلگە كەلسەك، ئۇ ۋاقتىنچە ئازاب چېكىپ تۇرىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئازاب چېكىدىغان كۈنىمۇ ئانچە ئۈزۈنغا بارمايدۇ. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: ئەبۇ جەننەل، سەۋر قىلغىن، ئاللا ساڭا ۋە ساڭا ئوخشاش خورلانغان ئاجىزلارغا چىقىش يولى بېرىدۇ، دەپ تەسەللى بەردى.

ئاندىن سۇھىل قۇرەيش باشلىقلىرىغا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت ئەھۋالى ۋە سۇلھىنامە تۈزۈش ئەھۋالىنى مەلۇم قىلدى. قۇرەيشلەر قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

رەسۇلۇللاھ قۇرەيشلەرنىڭ سۇلھىنامىنى تەستىقلىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، مەدىنىگە قايتىشقا تەييارلاندى. ئۇ مۇسۇلمانلارغا خەۋەر يەتكۈزۈشكە ئادەم ئەۋەتتى. خەۋەر يەتكۈزگۈچى ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن: «سۇلھىنامە ئىمزالاندى، چوڭ ئىش ئورۇندالدى، ئارتۇق ئۇلاغلىرىڭلارنى تېز قۇربانلىق قىلىڭلار، چېچىڭلارنى چۈشۈرتۈڭلەر، ئاندىن تۆگىلەرنى يېتىلەپ

مەدىنىگە قايتىڭلار» دەپ توۋلىدى، ئۇ كىشىلەرنىڭ ھاڭ - تاڭ بولۇپ قاراپ تۇرۇشقانلىقىنى كۆرۈپ، يەنە بىر قېتىم توۋلىدى، بىراق بۇنىڭغا ھېچكىم پەرۋا قىلمىدى، ئۇ ئۈچىنچى قېتىم يەنە تەكرار توۋلىدى، يەنىلا ھېچكىم ئۇنىڭ گېپىچە ئىش قىلمىدى. توۋلىغان كىشى رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كىرىپ، ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭ گېپىگە قۇلاق سالمىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى ۋە ئۇلارنى رەسۇلۇللاھنىڭ چاقىرىقىنى مەقسەتلىك ھالدا كەمسىتتى دەپ قارىدى. رەسۇلۇللاھ بۇنى زور ئىش، ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك، دەپ ئويلىدى. ۋە كۆڭلى غەش بولغان ھالدا ئۆيگە قايتىپ كىردى. ئۇنىڭ خوتۇنى ئۈممۈسەلەمە ئۇنىڭ غەمكىن كىرىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ:

— نېمە بولدۇڭ؟ نېمىدىن بۇنچە پەرىشان بولدۇڭ؟ — دەپ

سورىدى.

قوۋملىرىم سۆزۈمنى ئاڭلىمايۋاتىدۇ، — دېدى رەسۇلۇللاھ، — مەن ئۇلارغا ئېھرامدىن چىقىپ، چېچىڭلارنى ئالدۇرۇپ، قۇربانلىق قىلىپ، مەدىنىگە قايتىش تەييارلىقىنى قىلىڭلار دېسەم، پەرۋا قىلىشمىدى.

ئى رەسۇلۇللاھ، — دېدى ئۈممۈسەلەمە، — سېنىڭ كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە مەرتىۋەڭ يۇقىرى. ئۇلار سېنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۈلگە، دەپ قارايدۇ، سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بېرىپ ئەھۋالنى چۈشەندۈرسەڭ ۋە ئۆزۈڭ باشلامچى بولۇپ چېچىڭنى ئالدۇرۇپ، قۇربانلىق قىلساڭ، ئۇلارمۇ چوقۇم سېنى ئۈلگە قىلىپ شۇنداق قىلىدۇ.

رەسۇلۇللاھ ئۈممۈسەلەمەنىڭ تەكلىپى بويىچە كىشىلەر ئارىسىغا كېلىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

— سىلەر تۈزۈلگەن سۈلھىنامىدىن نېمىشقا ئەنسىرەيسىلەر ۋە قايغۇرىسىلەر؟ كېلىشىمگە ئاساسەن، بىز تەرەپتىن قۇرەيش تەرەپكە قېچىپ يارغانلارنى ئۇلار ئەپقېلىپ قايتۇرمايدۇ، ئۇنىڭ بىزگە ھېچقانداق زىيىنى يوق، چۈنكى قېچىپ كەتكەن ئاسىيلار ئىچىمىزدە

قالسا، بىز ئۈچۈن يوشۇرۇن ئاپت بولىدۇ، قۇرەيشلەردىن بىز تەرەپكە قېچىپ كەلگەنلەرنى قايتۇرۇۋېتىمىز. ئاللا ئۇلارنى ئۆزى ئورۇنلاشتۇرىدۇ ۋە قۇتۇلدۇرىدۇ. شۇڭا بىز ئۇلاردىن غەم قىلماسلىقىمىز لازىم. بەيتۇللانى تاۋاپ قىلىشقا كەلسەك، بۇ يىل بارمايمىز، لېكىن بىز چوقۇم بارىمىز. بۇ پەقەت ۋاقىت جەھەتتىكى بالدۇر - كېيىنلىك مەسىلىسى، خالاس. مېنىڭ قىلغانلىرىم ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بويىچە بولدى، ئاللا مېنىڭ مەدەتكارىم، مەن ئۇنىڭ ئىرادىسىگە مەڭگۈ خىلاپلىق قىلمايمەن. ئۇ سۆزلەپ بولۇپ دەرھال چېچىنى ئالدۇردى، ئۆزى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشقا ئادەم بۇيرۇدى، ئېھرامدىن چىقىشنى جاكارلىدى.

مۇسۇلمانلار رەسۇلۇللاھنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئورۇنلۇق ھېس قىلىپ، ئۇنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، چاچلىرىنى ئالدۇرۇپ، قۇربانلىق قىلىپ، مەدىنىگە قايتىشنىڭ بارلىق تەييارلىقىنى پۈتتۈردى. لېكىن ئۇلار بۇ قېتىم شۇنچە ئۇزۇن يول بېسىپ، ھېرىپ - چارچاپ، مەككە شەھىرىنىڭ يېنىغا كېلىپمۇ بەيتۇللانى تاۋاپ قىلالمىغانلىقىغا چوڭقۇر ئەپسۇسلاندى.

يۇقىرىغا قايتىش

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاش ئۇسۇلى

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاڭ
1
Safari دىكى ھەمبەھىرلەش تۈگۈچىسىنى (Share) بېسىڭ.
2
«باش ئېكرانغا قوشۇش» (Add to Home Screen) نى تاللاڭ.
3
ئوڭ ئۈستىدىكى «قوشۇش» (Add) نى بېسىڭ.