تەركىبكە ئۆتۈش

خەتكۈشلەر (ساقلانغان بەتلەر)

ھازىرقى بەت:...

تېخى ھېچقانداق بەت خەتكۈشكە قوشۇلمىدى

تۆۋەندىكى كۇنۇپكىنى ياكى بەتلەردىكى خەتكۈش بەلگىسىنى چېكىپ بۇ يەرگە ساقلىۋالالايسىز.

تەڭشەكلەر

يېزىق
يورۇقلۇق ھالىتى
بەت ئۇسلۇبى
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى
ئەرەبچە خەت نۇسخىسى
خەت چوڭلۇقى

يۇنۇس ئەلەيھىسسالام

يۇتلار كۆلەڭگە تاشلاپ تۇرغان، نادانلىق ۋە كۆپ خۇدالىق ھۆكۈم سۈرگەن جاھالەت ئاستىدىكى نىنەۋى دېگەن جايدا يۈنۈس ئەلەيھىسسالام ئاللاھقا ئېتىقاد قىلىش مەشئىلىنى ياندۇرۇپ، بىرلىك تۇغىنى كۆتۈردى. ئۇ جاھالەت ئىلكىدىكى كىشىلەرگە مۇنداق دېدى:

  • سىلەر ئوبدانراق ئويلىنىپ بېقىڭلار، ئەمدى بۇنقا چوقۇنماڭلار، بۇنقا چوقۇنۇش بىلەن شان - شەرىپىڭلار ئاشمايدۇ، سىلەر بۇ دۇنيادا غايەت كاتتا بىر ئىلاھنىڭ بارلىقىنى كۆرسىلەر، ئۇ ئېتىقاد قىلىشقا ئەرزىيدىغان بىردىنبىر ۋە مەڭگۈلۈك ئىلاھتۇر، ئۇ مېنى سىلەرنى ھىدايەتكە باشلاشقا ئەۋەتتى، سىلەرنىڭ قەلبىڭلار نادانلىق ئىلكىدە قالغان، كۆزۈڭلار نادانلىق چۈمپەردىسى بىلەن توسالغان.

كىشىلەر قۇلىقىغا ياقمايدىغان بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ھەيران قىلىشتى. ئۇلار ئىلاھ توغرىسىدىكى بۇنداق گەپنى ئاڭلاپمۇ ياقمىغانىدى. كىشىلەر ئىلگىرى ئۆز قاتارىدىكى بىر كىشىنىڭ ئەمدىلىكتە ئۆزلىرىدىن يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى كۆردى، بۇ ئۇلار ئۈچۈن چوڭ بىر ئىش بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈنۈس ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىنى ئەلچى، يېتەكچى دەپ ئاتىغانلىقىمۇ كىشىلەرنىڭ چىشىغا تېگەتتى.

ئۇلار مۇنداق دېيىشتى:

سەن نېمىدەپ جۇيلۇۋاتىسەن!؟ بۇ مەبۇدلارغا چوقۇنۇش بىزگە ئاتا - بوۋىلىرىمىزدىن قالغان. ھازىر دۇنيادا بىزنى بۇ دىنغا ئېتىقاد قىلىشتىن ۋاز كەچتۈرۈپ، ئۆزۈڭ ئىجاد قىلغان باشقا بىر دىنغا ئېتىقاد قىلدۇرغۇدەك زادى نېمە ئىش بولدى؟

— ئەي خالايمىق. — دەپ جاۋاب بەردى يۈنۈس ئەلەيھىسسالام. كۆزۈڭلارنى توسۇۋالغان پەردىنى ئېلىپ تاشلاڭلار. روھىڭلارنى چىرماپ تۇرغان تورنى يىرتىپ تاشلاڭلار! ئاز - تولا ئويلىنىپ بېقىڭلار: ئەتىدىن - كەچكىچە ئالدىڭلاردا تۇرغان بۇ بۇتلار ھاجىتىڭلاردىن چىقالامدۇ ياكى سىلەرنى بالا - قازا. پېشكەللىكلەردىن ساقلىيالامدۇ؟ بۇ بۇتلارنىڭ سىلەرگە ئازغىنە بولسىمۇ پايدىسى بارمۇ؟ ئۇلار بىرەر مۇجىزە يارىتالامدۇ. ئۆلۈكنى تىرىلدۈرەلەمدۇ. كېسەلنى ساقايتالامدۇ. ئاداشقانلارنى توغرا يولغا باشلىيالامدۇ؟ بىز ئۇلارنى چېقىپ تاشلىماق. ئەسلىگە كېلەلەمدۇ؟ يەنە كېلىپ. سىلەر نېمە ئۈچۈن مەن دەۋەت قىلغان ئېتىقادقا قارشى تۇرماقچى بولسىلەر؟ بۇنداق ئېتىقاد سىلەرنىڭ ئىشلىرىڭلارنى ياخشى يولغا سالىدۇ. ھال - ئەھۋالىڭلارنى ياخشىلايدۇ. سىلەرنى توغرا يولغا باشلايدۇ. ئىلىم - مەرىپەتنى جارى قىلدۇرىدۇ. گۇناھنى تۈگىتىدۇ. سىلەرنى ئادالەتسىزلىككە نەپرەتلىمىنىدىغان. تىنچلىقنى قىزغىن سۇيىدىغان قىلىدۇ. ئاراڭلارغا تىنچلىق ۋە ئىشەنچ ئۇرۇقىنى چاچىدۇ. سىلەرنى كەمبەغەللەرگە ھېسداشلىق قىلىشقا. ئاجىز - يوقسۇللارغا يار - يۆلەكتە بولۇشقا. ئاچ قالغانلارغا ئوزۇق بېرىشكە. ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ. تۇرمۇشۇڭلارنى باياشات. ئىشىڭلارنى ئاسان قىلىدۇ.

لېكىن. ئۇلار يۈنۈس ئەلەيھىسسالامغا نادانلارچە جاۋاب بەردى. ئەپسانە گەپلەر بىلەن جاھىللىق قىلىپ قارشىلىق كۆرسەتتى. ئۇلار مۇنداق دېيىشتى:

— سەنمۇ بىزگە ئوخشاش ئادەم. بىزنىڭ ئارىمىزدىكى بىر كىشى. بىزدىن پەرقلىنىدىغان ئالاھىدە يېرىڭ يوق. شۇڭا سەن بىزنى ئۆزۈڭگە ئەگەشتۈرۈش ۋە ئىتائەت قىلدۇرۇش يولىدا تەشۋىق قىلىشقا ئۇرۇنما. تولا سۆزلىمە. ھەددىڭدىن ئېشىپ كەتمە ياكى چېكى بوق قۇرۇق ئۈمىدكە بېرىلىپ. كىشىلەرگە پۇتلىكاشاڭ بولۇپ قالما.

— مەن سىلەرنىڭ مۇلايىمراق ۋە رەھىمدىلرەك بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. — دېدى يۈنۈش ئەلەيھىسسالام. — مەن ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇلدا سىلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىمەن. ئېتىقادىمنىڭ قەلبىڭلاردا يىلىتىز تارتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇنداق قىلمىساڭلار. مەن سىلەرنى شۇنىڭغا ئاگاھلاندۇرىمەنكى. سىلەر كېيىنكى ئاقسۇنىڭلاردىن. بارغانسېرى يېقىنلىشىۋاتقان ھالاكەتتىن ئېھتىيات قىلىڭلار. سىلەر ھالاك بولۇشنىڭ شەپىسىنى كۆرسىلەر.

ئۇلار مۇنداق دېدى:

— يۈنۈش. بىز سېنىڭ چاقىرىقىڭغا ئاۋاز قوشمايمىز، سېنىڭ تېرە تاراقلىتىشىڭدىنمۇ قورقۇپ كەتمەيمىز. ئەگەر سەن سەمىمىي. چىن ئادەم بولىدىغان بولساڭ. قېنى. قىلغان گېپىڭنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ باقمامسەن؟!

يۈنۈش ئەلەيھىسسالامنىڭ زادى تاقەت قىلغۇچىلىكى قالمىدى. ئۇنىڭ چاقىرىقلىرىغا ئۇلار ئىشەنمىدى: ئۇ شۇنچە ئويغاتسىمۇ. ئۇلار ئويلىنىشنى خالىمىدى: ئۇ مۇنازىرە قىلسا. ئۇلار قۇلاق سالمىدى: ئۇ سۆزلەپ ھاردى. ئاخىر ئۈمىدىنى ئۈزۈپ ئۇلارنى ھىدايەتكە باشلاشتىن ۋاز كەچتى.

ئۇ يەنە بىرئاز سەۋر قىلىپ داۋاملىق نەشۋىق قىلسا. ئۇلار ئاللاھقا ئېتىقاد قىلىشقا كۆنۈشى ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسدىن بەزىلىرى بۇشايمان قىلىپ ئەپۇ سوراپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. لېكىن. يۈنۈش ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى تاشلاپ كېتىپ ئاللاھتىن ئۇلارغا كەسكىن ھۆكۈم قىلىپ. تېگىشلىك جازا بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي. يۈنۈش ئەلەيھىسسالام نىنەۋىدىن ناھايىتى يىراق بىر جايدىن ئۇلارغا كىشىنى بىئارام قىلىدىغان خەۋەر يەتكۈزدى: يەر - جاھاننى قاپلىغان چاڭ - توزان. ھالاكەت شەپىسى بارا - بارا قىستاپ كەلدى. ئۇلار قاتتىق چۆچۈپ ئالاقزادە بولدى. قورقىتىشدىن چىرايدا قان قالمىدى. ئاخىر يۈنۈش ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلىشتى.

تەبىئىيكى، ئۇلارمۇ ئازاب - كۈلەتنىڭ تەمىنى تېتىيدىغان بولدى. ئاد، سەمۇد قوۋمى ۋە نۇھ ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكى كىشىلەرنىڭ بېشىغا كەلگىنى مانا ئەمدى ئۇلارنىڭمۇ بېشىغا كېلىدىغان بولدى. ئۇلار ئاخىر يۈنۈس ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىلاھىغا ئىمان كەلتۈرۈپ، ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىدى. ئۇلار تاغ چوققىلىرىغا قېچىپ چىقىۋالدى. چوڭقۇر قۇملۇق چۆل - جەزىرىلەرگە بېرىۋېلىپ قاتتىق ئازاب تارتتى. نالە - پەرياد قىلدى. ئانىلار بىلەن بالىلار، ھىنگان بىلەن بوتىلاقلار، ئىنەك بىلەن موزايلار، قويلار بىلەن قوزىلار تەڭ نالە قىلدى. ئانىلار ۋارقىرايتتى. تۆگىلەر بوزلايتتى. كالىلار مۆرەپ، قوي - ئۆچكىلەر مەرەيتتى. دەل شۇ چاغدا، ئاللا ئۇلارغا شەپقەت قولىنى ئۆزىتىپ، ئۇلارنى جازالاش ئۈچۈن كەلگەن قارا تۈتەكنى تارقىتىۋېتىپ، ئۇلارنىڭ توۋا - ئىستىغارىنى قوبۇل كۆردى. چۈنكى ئۇلارنىڭ نىيىتى سەمىمىي ئىدى. ئېتىقادىمۇ قەتئىي ئىدى. ئاللا ئۇلارغا بېرىدىغان جازانى كەچۈرۈم قىلىپ، ئازاب - كۈلەتنى تۈگەتتى. كىشىلەر پۈتۈنلەي ئۆز ماكانلىرىغا قايتىشتى. ئۇلار ئاللاھقا ئىشىنىپ، خاتىرجەم ياشىدى. ئۇلار يۈنۈس ئەلەيھىسسالامنىڭ نىنەۋىگە قايتىپ كېلىپ، ئەلچى ۋە پەيغەمبەر بولۇشىنى، بۇ ئۇستاز بىلەن بىللە ياشاشنى ئارزۇ قىلىشتى.

لېكىن، يۈنۈس ئەلەيھىسسالام ئۆي - ماكانىنى تاشلاپ، جاھان كېزىپ، ئاخىر دېڭىز بويىغا يېتىپ باردى. دېڭىز بويىدا بىر تۈركۈم كىشىلەر كېمىگە چىقىپ، دېڭىزدىن ئۆتۈشكە تەييارلىنىۋاتاتتى. يۈنۈس ئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن ئۆزىنى كېمىگە ئېلىۋېلىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇلار ئۇنىڭ تەلىپىگە خۇشال ھالدا ماقۇل بولدى ھەمدە ئۇنى ئەزىز مېھمان قاتارىدا كۈتتى. چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىدىن ئېسىل، پەزىلەتلىك كىشى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغانىدى. ئۇلار قۇرۇقلۇقتىن يىراقلاشقاندىن كېيىن، دېڭىز قاتتىق ئۆز كەشلەپ، دولقۇن كېمىگە ئۆرۈلۈشقا باشلىدى. كېمىدىكىلەر ئىش چاتاق بولدى، دەپ قورقۇپ

كېتىشى. كىشىلەر قانداق قىلىش كېرەكلىكى ئۈستىدە مەسلىھەتلەشتى. ئاخىر ئۇلار چەك تاشلاپ، چەك كىمگە چىقسا، شۇنى دېڭىزغا تاشلاشنى بەلگىلىدى. چەك دەل يۈنۈش ئەلەيھىسسالامغا چىقىپ قالدى. لېكىن ئۇلار ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىش يۈزىسىدىن، قايتا چەك ئېلىشنى بەلگىلىدى. ۋەھالەنكى، چەك يەنىلا يۈنۈش ئەلەيھىسسالامغا چىقىپ قالدى. كىشىلەر يەنىلا قايتا چەك ئېلىشنى بەلگىلىدى.

يۈنۈش ئەلەيھىسسالام سەۋەبىنى ئىش بولمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىكەنلىكىنى بىلدى ۋە ئاللاھتىن ئىجازەت بولۇشتىن ئىلگىرى ئۆز قوۋمىنى تاشلاپ قاچماقچى بولغان خاتالىقىنى تونۇدى - دە، بىردىنلا دېڭىزغا سەكرەپ، مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان چەكىمىز دولقۇن ئىچىدە بىر چۆكۈپ، بىر لەيلەپ ئاخىر غايىپ بولدى.

ئاللا لەھەڭگە يۈنۈش ئەلەيھىسسالامنى قارىغا يۈتۈۋېلىپ يېمەسلىكىنى ئەمىر قىلدى. چۈنكى ئۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر پەيغەمبەر ئىدى. ئاللا ئۇنى لەھەڭنىڭ قارىنىدا ساقلاپ، قاچان توۋا قىلسا، شۇ چاغدا چىقارماقچى بولدى.

يۈنۈش ئەلەيھىسسالام لەھەڭنىڭ قارىنىدا ئىدى، لەھەڭ بەزىدە دولقۇن بېرىپ ئۆزەتتى. بەزىدە سۇ ئاستىغا شۇڭغۇپ كېتەتتى. يۈنۈش ئەلەيھىسسالام لەھەڭنىڭ قارىنىدا قاتتىق ئازابلىنىپ، ئاللاھتىن پاناھ تىلەيتتى ۋە ئۆتكۈزگەن گۇناھىغا توۋا قىلاتتى. ئۇ قاراڭغۇ - زۈلمەت ئىچىدە ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن: «ئى ئاللا، سەندىن ئۆزگە ئىلاھ يوق، سەن بېگانىدۇرسەن! ئى ئىگەم، مەن ئۆزۈڭگە ھەمدۇسانا ئوقۇيمەن! مەن ئىلگىرى ھەقىقەتەن نائىناپلىق قىلىپتىمەن!» دەپ پەرياد قىلاتتى.

ئاللا ئۇنىڭ تەلىپىنى قوبۇل كۆرۈپ، لەھەڭگە:

«مېھمىنىڭنى دالىغا تاشلىۋەت، ئۇ تېگىشلىك جازاسىنى تارتتى» دەپ بېشارەت قىلدى. لەھەڭ زەئىپ، كېسەلمەن يۈنۈش ئەلەيھىسسالامنى دېڭىز بويىغا تاشلىۋەتتى. يۈنۈش ئەلەيھىسسالام

ئاللاھنىڭ خەير خاھلىقىغا ئېرىشىپ ئۆز ئەتراپىدا ئۈنگەن كاۋا بىلەن قورسىقىنى تويغۇزۇپ، كاۋىنىڭ يوپۇرماقلىرى ئاستىدا سايىدەپ، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈردى.

يۈنۈس ئەلەيھىسسالام ئۆرە بولۇپ ماڭالىغۇدەك ھالغا كەلگەندىن كېيىن، ئاللا ئۈنىڭغا: «سەن يۈرتۈڭغا قايت، سېنىڭ خىيش - ئەقرىبالىرىڭ ۋە باشقا كىشىلەر يەنىلا ساڭا ئىشىنىدۇ. ئۇلار ئېتىقاد بىلەن روناق تاپتى، بۇتلارنى تاشلىدى، سېنىڭ قايتىپ بېرىشىڭنى كۈتمەكتە» دېدى.

يۈنۈس ئەلەيھىسسالام دەككە - دۈككە ئىچىدە يۈرتىغا قايتىپ كەلدى. ئۇ كۆڭلىدە بەزىلەرنى بۇتقا ئېتىقاد قىلارمىكىن، دەپ ئەنسىرەيتتى، لېكىن كىشىلەر ئۈنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ھەممەيلەن ئاللاھنىڭ مېھىر - شەپقىتىگە ھەمدۇسانا ئېيتتى.

يۇقىرىغا قايتىش

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاش ئۇسۇلى

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاڭ
1
Safari دىكى ھەمبەھىرلەش تۈگۈچىسىنى (Share) بېسىڭ.
2
«باش ئېكرانغا قوشۇش» (Add to Home Screen) نى تاللاڭ.
3
ئوڭ ئۈستىدىكى «قوشۇش» (Add) نى بېسىڭ.