سالىھ ئەلەيھىسسالام ۋە مۆجىزىلىك تۆگە قىسسىسى
ئاد قوۋمى ئاللاھقا ئىشەنمەي ھالاك بولغاندىن كېيىن، ئاللا ئۇلارنىڭ يەر - زېمىن، يۈرت - ماكانلىرىغا سەمۇد قوۋمىدىكىلەرنى ۋارىس قىلدى. سەمۇد قوۋمىدىكىلەر بۇ يەرنى ئاد قوۋمىدىكىلەردىنمۇ ياخشىراق گۈللەندۈردى: ئۇلار يېڭىدىن بۇلاق ئاچتى، مېۋىلىك دەل - دەرەخلەرنى تىكتى، ئۆي - ئىمارەتلەرنى بىنا قىلدى، ئاپەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، يەنە تاغلارنى تېشىپ ئۆڭكۈرلەرنى ياسىدى، كۈنىنى بەختلىك، پاياشان ئۆتكۈزدى. لېكىن ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇ ئىلتىپاتىغا شۈكۈر قىلمىدى، كۈندىن - كۈنگە كۆرەڭلەپ ۋە چۈشكۈنلىشىپ، تۇيۇق يولغا ماڭدى، بۇنقا چوقۇنۇپ ئاللاھقا ئېتىقاد قىلمىدى. ئۇلار تېخى ئۆزلىرىنى مەڭگۈ مۇشۇنداق بەختلىك ۋە ھۆزۈر - ھالاۋەتتە ئۆتىمىز، دەپ چاغلىشاتتى.
ئاللا سەمۇد قوۋمىدىكىلەر ئىچىدىن ئەڭ ئالىيجاناب، ئەڭ ئەقىللىق، كۆڭۈل - كۆكسى ئەڭ كەڭ سالىھنى پەيغەمبەرلىككە تاللىدى. سالىھ ئەلەيھىسسالام ئۆز قوۋمىدىكىلەرنى بىردىنبىر ئىلاھ - ئاللاھقا ئېتىقاد قىلىشقا چاقىردى. ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئۇلارنى تۈپراقتىن ياراتقانلىقىنى، پۈتۈن زېمىننى ياراتقانلىقىنى، ئۇلارنى مۇشۇ زېمىندا كۆپىيىپ بىر - بىرىنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشقا نېسىپ قىلغانلىقىنى ھەم ئۇلارغا كۆرۈندى ۋە كۆرۈنمەس بەخت - سائادەت ئاتا قىلغانلىقىنى ئېيتتى. سالىھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى بۇنقا يەنە چوقۇنۇشتىن چەكلىدى. ئۇ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: بۈت سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. بەختمۇ ئاتا قىلالمايدۇ. ئۇ ئاللاھنىڭ ئورنىنى ھەرگىز باسالمايدۇ.
سالىھ ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئۇلار بىلەن بىر قوۋمدىن،
خۇشاللىقتىمۇ، قايغۇدىمۇ بىللە بولىدىغان، جاپا - مۇشەققەتنى تەڭ تارتىدىغان قېرىنداش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، جامائەت مەنپەئىتى ئۈچۈن جان كۆيدۈرىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ زىيان - زەخمەتكە ۋە بەختىسىزلىككە ئۇچرىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سەمۇد قوۋمىدىكىلەردىن ئۆز گۇناھلىرى ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت سوراپ، ئاللا ئالدىدا توۋا - ئىستىغىپار ئېيتىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كىم ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىكەن، ئاللا شۇنىڭ يېنىدا بولىدۇ، كىم چىن دىلدىن توۋا - ئىستىغىپار ئېيتىدىكەن، ئاللا ئۇنى ئاڭلايدۇ، گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ.
سەمۇد قوۋمى غەپلەتتىن ئويغانماي، سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋەتلىرىنى رەت قىلدى. ھەتتا ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئېتىراپ قىلمىدى، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى مەسخىرە قىلدى. ئۇلار ئۇنى ھەقىقەتتىن چەتنىڭ، كازاپلىق ۋە ئالدامچىلىق قىلدىڭ، دەپ ھاقارەتلىدى. ئۇلار سالىھ ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دېدى:
— ئى سالىھ، ئىلگىرى بىز سېنى پىكرى ئۆتكۈر، ئەقىل - پاراسىتى زىيادە دەپ بىلىپ، گۈزەللىك ۋە ئەقىل - پاراسەتنىڭ سىمۋولى قىلىۋالغانىدۇق. سېنىڭ مول تەجرىبەڭ ۋە ئەقىل - پاراسىتىڭكە تايىنىش ئارقىلىق جاھالەتنى يورۇتقانىدۇق؛ بىرەر تەبىئىي ئاپەت ياكى يېشكەللىككە دۇچ كېلىپ قالغاندا، بىز ھامان سەندىن مەسلىھەت سوراپ، سېنىڭ كۆرسەتكەن مەسلىھەتنىڭ بىلەن مۇشكۈلچىلىكتىن قۇتۇلاتتۇق. بىرەر ئاپەت يۈز بېرىپ قالغاندا، بىز ھامان ساڭا نىجات يۈلتۈزىمىز، دەپ ئۈمىد باغلايتتۇق. بىراق، سەن ھازىر نېمە بولۇپ كېتىۋاتىسەن؟ بىزگە نېمىلەرنى دەۋاتىسەن؟! ئەجەبا ئەمدىلىكتە سەن ئاتا - بوۋىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن بۇتلارنى ئىنكار قىلماقچىمۇ؟ بىز ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىپ ئۆگەنگەن ۋە ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىش بىلەن ئۆسۈپ چوڭ بولغان. بۈگۈن بىز سېنىڭ سۆزلىگەنلىرىڭدىن
گۈمانلىنىمىز. بىز سېنىڭ ئېيتقانلىرىغا كۆڭۈل توختىتالمايمىز ۋە ئىشەنمەيمىز. بىز ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن نەرسىنى تاشلاپ، ساڭا ئەگىشىپ ھاماقەتلىك قىلمايمىز.
سالىھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى قارشىلىق كۆرسەتمەسلىككە ئاگاھلاندۇردى، ئۇلارغا ئۆز ئۈستىدىكى ئەلچىلىك بۇرچىنى ئوچۇق جاكارلىدى، ئاللاھنىڭ ئۇلارغا بەخت - سائادەت بېغىشلىغانلىقىنى ئەسلەتتى ۋە ئاللاھنىڭ غايەت زور كۈچ - قۇدرىتىنى شەرھلىدى. ئۇلارنىڭ شەك - گۈمانلىرى ۋە خاتا چۈشەنچىلىرىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، سالىھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: مېنىڭ بۇنداق قىلىشىم قانداقتۇر ئۆزۈمنىڭ بىرەر پايدىسىنى كۆزلىگەنلىكىم ئەمەس، پۇل ۋە مال - دۇنيانى كۆزلىگەنلىكىممۇ ئەمەس ياكى ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتۈۋېلىش ئۈچۈنمۇ ئەمەس؛ سىلەرنى يېتەكلىشىم قانداقتۇر سىلەردىن ھەق ياكى ئىنئام تەلەپ قىلىش ئۈچۈنمۇ ئەمەس، چۈنكى مېنىڭ ھەققىمىنى ئاللا ئۆزى بېرىدۇ.
سەمۇد قوۋمىدە ئاجىزراق بولغانلارنىڭ بەزىسى بەيئەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغانلار يەنىلا ئىمان كەلتۈرۈشنى خالىمىدى، ئۇلار جاھىللىقىدىن يانماي بۇنقا چوقۇنۇشتا چىڭ تۇردى. ئۇلار سالىھ ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دېدى:
— قارىغاندا، سەن سەۋدايى بولۇپ قالغاندەك تۇرسەن، ھازىر سېنىڭ ئىلگىرىكى توغرا قاراشلىرىڭدىن قىلچە ئەسەر يوق. قارىغاندا، ساڭا جىن چېپىلىپ قالغان ئوخشايدۇ، شۇڭا سەن ئۆزۈڭمۇ بىلمەيدىغان ئىشلار ئۈستىدە قالايمىقان جۇيلۇپ يۈرسەن. سەنمۇ بىزگە ئوخشاش ئاددىي ئادەم، سېنىڭ بىزدىن ئارتۇق ئالىيجاناب يېرىڭ يوق. ئارىمىزدا سەندىنمۇ قابىل، كۈچلۈك، كەلگۈسىگە ھۆكۈم قىلىش ۋە ئەلچىلىك بۇرچىنى ئۈستىگە ئېلىش جەھەتتە سەندىنمۇ سالاھىيەتلىك ئادەملەر بار. سېنىڭ ۋەز - نەسىھەت قىلىشىڭ ئۆزۈڭنى كۆتۈرۈشكە، قوۋمىمىزگە كاتتىۋاش
بولۇشقا ئۆرۈنۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ئۇلار سالىھ ئەلەيھىسسالامنى ئۆز ئېتىقادىدىن ۋاز-كېچىپ ئىككىنچىلەپ بۇنداق تەشۋىقاتنى ئېلىپ بارمايدىغان قىلىشقا ئۆرۈندى ۋە ئۇنىڭغا:
— ئەگەر بىز ساڭا ئەگىشىدىغان بولسا، ئۇ چاغدا بىز توغرا يولدىن چەتنەپ، تىلسىماتقا كىرىپ قالىمىز، — دېدى. — سالىھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ بىمەنە سۆزلىرىگە زەددىيە بەردى ۋە ئۇلارنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا ئالدانمىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: — ئى قوۋملىرىم! ئېيتىڭلارچۇ، ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن نازىل بولغان ئېنىق دەلىلگە ئاساسلانسام ۋە ئۇنىڭ رەھىمىنى (يەنى پەيغەمبەرلىك) گە سازاۋەر بولسام، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئاللاھقا قارشىلىق قىلسام. ئاللاھنىڭ ئازابىدىن مېنى كىم قۇتۇلدۇرىدۇ؟ (مېنى ئۆزۈڭلەرگە ئەگىشىشكە دەۋەت قىلىش بىلەن) ماڭا پەقەت زىياندىن باشقىنى زىيادە قىلمايسىلەر.
قوۋم ئىچىدىكى بەزى كاتتىۋاشلار سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ئېتىقادىدا چىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق ساراسىمىگە چۈشتى. ئۇلار سالىھ ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكۈچىلەرنىڭ يارغانسېرى كۆپىيىپ، ئۇنى قوللايدىغانلارنىڭ كۈندىن — كۈنگە ئۈلغىيىپ كېتىشىدىن ۋە ئۇنىڭ كۆپچىلىككە يولباشچى بولۇپ قېلىشىدىن قورقاتتى. بۇنداق بولغاندا، ئۇلار بەخىرامان بۇيرۇق چۈشۈرەلمەيتتى. كىشىلەر بىرەر ئىشقا دۇچ كەلسە، سالىھ ئەلەيھىسسالامنى تېپىشى مۇمكىن ئىدى. بۇ كاتتىۋاشلار ئەگەر ئىش مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، شەك — شۈبھىمىزكى، سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆپچىلىكنى ئاللاھقا ئېتىقاد قىلىشتەك ھىدايەتكە باشلاپ كېتىشىدىن، ئۆزلىرىنىڭ بولسا دۆلەت ۋە ھوقۇقتىن مەھرۇم بولۇشىدىن ئەنسىرەيتتى. ئۇلار سالىھ ئەلەيھىسسالامنى خالايىق ئوتتۇرىسىدا مات قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ تەشەببۇسلىرىنىڭ توغرىلىقىغا، ئەلچىلىك بۇرچىنىڭ راستىلىقىغا ئىجات كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلدى. سالىھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا:
— بۇ يەردە بىر چىشى تۆگە① بار، ئۇ ھەر ئىككى كۈندە بىر قېتىم سۇ ئىچىدۇ، ئارىلىقتىكى كۈندە سۇنى سىلەرگە ئۆتۈنۈپ بېرىدۇ. سىلەر ئۇنى ئاللاھنىڭ زېمىنىدا بىر نەرسە تېپىپ يېيىشكە قويۇۋېتىڭلار، — دېدى.
ئۇلار ئىلگىرى بۇ چىشى تۆگىنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە سۇ مەنبەسىنى ئىگىلىۋېلىپ، ئىككىنچى كۈنى سۇ مەنبەسىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىشىنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغانىدى. سالىھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئىشەنمىگەنلىكىنى كۆردى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ چوقۇم ئۆز ھوشىنى تاپمايدىغانلىقىنى، دەلىل - ئىسپات بولغان تەقدىردىمۇ ئۇلارنىڭ يەنە شۇملۇق قىلىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى بىلدى، شۇڭا سالىھ ئەلەيھىسسالام چىشى تۆگىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرىدى — دە، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ:
— تۆگىگە زىيان - زەخمەت يەتكۈزمەڭلار، بولمىسا، دەرھال جازاغا ئۇچرايسىلەر، — دېدى.
تۆگە ئاللاھنىڭ زېمىنىدا ئوتلاپ، سەمۇد قوۋمىدىكىلەر ئارىسىدا بىر مەھەل ياشىدى. گاھىدا ئۇ سۇ مەنبەسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالاتتى، گاھىدا بولسا ئۇ يەردىن نېرى كېتىپ، سۇنى كىشىلەرگە ئۆتۈنەتتى. بەزىلەر بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ قايىل بولۇشنى ۋە سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىشەندى. بۇ ھال ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان ئاشۇ كىشىلەرنى ھەيرەتتە قالدۇردى ۋە ساراسىمىگە سالدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئورنى ۋە ھوقۇقىنىڭ قولدىن كېتىشىدىن ۋەھىمە يەيتتى. ئۇلار سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىۋمەتلىرىگە (بۇلارنىڭ قەلبى يوپىورۇق، كۆڭلى ئازادە ئىدى ):
— سىلەر سالىھنى ئۇنىڭ ئىگىسى ئەۋەتكەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟ — دېدى.
① رىيۇناست قىلىنىشىچە، بۇ چىشى تۆگە چوڭ قورام ناخشىنى بارىتىلغان بولۇپ، گەۋدىسى نامايىش يوغان ئىكەن. ئاللا ئۇنى بۇ يەردە سالىھنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە دەلىل - ئىسپات قىلماقچى بولغان خەنزۇچىغا نەرسىدە قىلغۇچىدىن.
— بىز ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز، — دەپ جاۋاب بەردى سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممەتلىرى. شۇنداقتىمۇ ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان بەزى ھاكاۋۇرلار يەنىلا ئۆز ھوشىنى تاپمىدى. ئىشەنمەيدىغانلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىلدۈرۈشتى. ئۇلار:
چىشى تۆگىنىڭ گەۋدىسى ناھايىتى يوغان، كۆرۈنۈشى غەلىتە بولۇپ، سەمۇد قوۋمىدىكىلەرنىڭ قوي، كالا ۋە تۆگىلىرى ئۇنىڭدىن قورقاتتى. شۇڭا ئۇلار بۇ تۆگىدىن بەكمۇ بىزار ئىدى، بولۇپمۇ ئۇلار سۇغا موھتاج بولغاندا، سۇغا ئېرىشەلمەي قېلىشتىن ئەنسىرەيتتى. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، بۇ تۆگە گاھىدا سۇ مەنبەسىنى ئىگىلىۋېلىپ ئۆزىنىڭ قىلىۋالاتتى، گاھىدا بولسا، سۇ مەنبەسىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرەتتى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ چىشى تۆگە ئاللاھنىڭ دەلىل - ئىسپاتى بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى سالىھ ئەلەيھىسسالامغا ئىشەندۈردى، بەلكى ئىشەنگۈچىلەرنىڭ سانى پارغانسېرى كۆپەيدى. ئاللاھنىڭ دەلىل - ئىسپاتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن ھېلىقى بىر توپ كىشىلەر نىيىتىنى بۇزدى. سالىھ ئەلەيھىسسالام گەرچە ئۇلارنى تۆگىگە زىيان - زەخمەت يەتكۈزمەسلىككە ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئاخىرقى ھېسابتا ئۇلار يۇقىرىقىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، تۆگىنى ئۆلتۈرۈش نىيىتىگە كەلدى.
ئۇلار چىشى تۆگىنى غايەت زور خەۋپ ۋە بالايىئاپەت دەپ قارىغانلىقتىن، ئۇنىڭغا ئۆچ ئىدى. لېكىن ئۇلار سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئويلىغىنىدا، تۆگىگە قاراملىق بىلەن قول سېلىشقا يېتىنالمايتتى.
ئۇلارنىڭ قورسىقىدا جىن بولسىمۇ، يەنە كېلىپ ئۇلار تۆگىدىن قورسىقىمۇ ھەم ئۇنىڭغا ئۆچ بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى تۆگىگە تەۋەككۈلچىلىك بىلەن قول سالالمايتتى. شۇڭا
ئۇلار ئاياللارنى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ ئۆز مەقسەتلىرىگە يەتمەكچى بولدى. ئاياللار ئەركىلەيدۇ، كىشىنى مەپتۇن قىلالايدۇ، ئۇلار مۇشۇنداق ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ ئۆزلىرى قىلماقچى بولغان ئىشلارنى قىلالايدۇ. ئاياللار بۇ ھۈنىرىنى ئىشلەتسە، ئەرلەر ئومۇمەن بويسۇنىدۇ، بەزىدە ھەتتا جانبازلىق بىلەن ئاياللارنىڭ ئارزۇ - ئىستەكلىرىنى ئورۇنداپ بېرىدۇ. سىدۇقەيېنت مۇھىما ئىسىملىك بىر ئايالنىڭ مەستاھ ئىبنى مەخرۇجە ئىسىملىك بىر ئەرگە كۆزى چۈشۈپ، ئۇنىڭغا، ئەگەر سەن سالىھنىڭ دەلىل - ئىسپاتى بولغان چىشى تۆگىنى ئۆلتۈرۈۋەتسەڭ، ئۆزۈمنى ساڭا تۇتىمەن، دەپ ۋەدە بەردى. ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغان ئەبرە ئىسىملىك يەنە بىر شەقىقىتىڭ قۇدار ئىبنى سالىق ئىسىملىك بىر ئەرگە كۆزى چۈشۈپ، ئۇنىڭغا: ماڭا پۇلمۇ لازىم ئەمەس، سوۋغا - سالاممۇ لازىم ئەمەس، سەن ئاشۇ چىشى تۆگىنى (ئۇ ئۆيلەرنى ۋەيران قىلىپ سۈنى ئىگىلىۋېلىپ، كالا - قويلارنى قورقۇتۇۋاتسىمۇ، بەزىلەر يەنە ئۇنىڭغا ئىشىنىۋاتىدۇ) ئۆلتۈرۈۋەتسەڭ، بىر قىزىمنى ساڭا بېرىمەن، دېدى.
مۇشۇنداق ئېزىقتۇرۇش نەتىجىسىدە، ھېلىقى ئىككى ئەر يامان نىيەتكە كەلدى ۋە ئۆزلىرىگە ياردەمچى ئىزدەپ، ئاخىر يەتتە ئادەمنى تېپىپ چىشى تۆگىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن يولغا چىقتى، ئۇلار تۆگە دائىم ئۆتۈپ تۇرىدىغان بىر يەرگە مۆكۈندى، تۆگە سۇ ئىچىپ قايتقاندا، مەستاھ ئوقيا ئېتىپ تۆگىنىڭ يوتىسىنى زەخىملەندۈردى، ئارقىدىنلا قۇدار ئىبنى سالىق يۈگۈرۈپ كېلىپ تۆگىنى قىزىل تومۇرىغا شەمشەر ئۇرۇپ يىقىتتى، ئاندىن يەنە تۆگىنىڭ كۆكسىگە شەمشەرنى بىرنەچچە قېتىم زەرب بىلەن ئۇرۇپ، تۆگىنى ئۆلتۈردى. بۇ ئىككىيلەن تۆگىنى ئۆلتۈرۈپ بولۇپ، خۇددى ئېغىر يۈكتىن خالاس بولغاندەك گۈلقەقلىرى ئېچىلىپ، گۈمراھلارغا خۇش خەۋەر يەتكۈزدى. كىشىلەر گويا غەلىبە - نۇسرەت بىلەن قايتىپ كەلگەن سەركەردىلەرنى ياكى پادىشاھلارنى كۈتۈۋېلىشقاندەك، ئۇلارغا تەتتە قىلىشى، ئۇ
ئىككىسى ئۈچۈن گۈللەردىن مەزەڭگۈ توقۇشتى ۋە ئەڭ گۈزەل سۆز - ئىبارىلەر بىلەن ئۇلارغا مەدھىيە ئوقۇشتى. ئۇلار چىشى تۆگىنى ئۆلتۈرۈپ، ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلدى. ئۇلار سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزلىرىگە بەرگەن ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا پىسەنت قىلمىدى، ئەكسچە، سالىھ ئەلەيھىسسالامغا:
— ئەگەر ئاللا سېنى راستىنىڭ ئەۋەتكەن بولسا، قېنى سەن ئۆزۈڭنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىڭنى نەقلەشتۈرۈپ باققىنا، دېيىشتى.
— مەن سىلەرنى تۆگىگە زىيان - زەخمەت يەتكۈزمەڭلار، دەپ ئاگاھلاندۇرغان بولساممۇ، لېكىن سىلەر يەنىلا جىنايەت ئۆتكۈزدۈڭلار، — دېدى سالىھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا، — سىلەر ئائىلىلەڭلەردە ئۈچ كۈن راھەتلىنىپ تۇرۇڭلار! ئۈچ كۈندىن كېيىن، سىلەر بالاغا يولۇقسىلەر، بۇ سىلەرنى ئالدىغانلىق ئەمەس.
سالىھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئۈچ كۈنلۈك مۆھلەت بېرىپ ئۇلاردىن مۇشۇ مەزگىلدە ئاللاھقا توۋا - ئىستىغار ئېيتىشنى ۋە ئۆزىگە بەيئەت قىلىشنى ئۈمىد قىلدى. لېكىن بۇ ئەخمەقلەرگە سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ بەرگەن ئاگاھلاندۇرۇشلىرى ۋە قىلغان كەڭچىلىكلىرى پۈتۈنلەي بىكارغا كەتتى. ئۇلارنى ئويغىتالمىدى. ئۇلار ئاللاھقا توۋا - ئىستىغار ئېيتىش تۈگۈل، ئەكسچە، سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى يالغاندىن توقۇپ چىققان گەپلەر دەپ قاراپ، زادىلا پىسەنت قىلمىدى. ئۇلار سالىھ ئەلەيھىسسالامنى ئۆز ۋەدىلىرىنى نەقلەشتۈرۈشكە مەجبۇرلايتتى. سالىھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا:
— ئەي قوۋمداشلىرىم، سىلەر نېمە ئۈچۈن بەخت - سائادەتنى تاشلاپ، بالا - قازاغا يۈگۈرسىلەر؟ سىلەر نېمە ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت قىلەپ، ئاللاھنىڭ سىيلى - رەھىم، سېھىر - شەپقىتىگە ئېرىشمەيسىلەر؟ — دېدى.
ئۇلار جاھىللىق قىلىپ ئۆز ھوشىنى تاپمىدى ۋە سۈرەن سېلىپ سالىھ ئەلەيھىسسالامغا: — بىز سېنىڭ ۋە ھىمايىچىلىرىڭنىڭ كاساپىتىدىن بەخىلىك بولالمايۋاتىمىز! — دېدى.
بەزى كىشىلەر تېخى تىل بىرىكتۈرۈپ، ئەل جىمىققاندا سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلىسىگە يوشۇرۇن كىرىپ، ئۇنى ۋە ئۇنىڭ خىيش — ئەقرىبالىرىنى ئۆلتۈرۈش توغرىسىدا مەخپىي مەسلىھەتلەشتى. ئۇلار ئۆزلىرىچە مۇشۇنداق قىلساق ھېچكىم كۆرمەيدۇ. دەپ قاراشتى. بۇ مەسلىھەتنى ئاشكارىلاپ قويماسلىق توغرىسىدا پۈتۈشتى.
ئۇلار سالىھ ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭ خىيش — ئەقرىبالىرىنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئۆزلىرىنى بالايىئاپەتتىن ساقلاپ قالالايمىز، دەپ قارايتتى. لېكىن، ئاللا ئۇلارنى مەيلىگە قويۇۋەتمىدى، بەلكى ئۇلارنىڭ سۈيىقەستىنى تارمار قىلدى ھەمدە ئۇلارنى قايسى يول بىلەن شۇملۇق قىلغان بولسا، شۇ يول بىلەن جايلىدى. ئاللا سالىھ ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ھىمايىچىلىرىنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىپ، گۇمراھلارغا تېگىشلىك جازا بەردى: بىردىنلا ئاسمان ھەيۋەتلىك گۈلدۈرلىدى، ئاسىي — گۇمراھلار ئۆز ئائىلىلىرىدە چاقماققا سوقۇلۇپ ئۆلۈشتى.
ئۇلارنىڭ بىنا قىلغان ھەشەمەتلىك ئۆي — ئىمارەتلىرى، توپلىغان پۇل — ماللىرى، ئەھيا قىلغان نۇرغۇن چار باغلىرى ۋە تاغلاردىكى پاناھلىنىش جايلىرى ئۇلارنى بۇ قىسمەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالمىدى.
سالىھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ئازابلاندى. ئۇ يەردە ياتقان جەسەتلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ قۇرۇقدىلىپ قالغان ئۆي — ماكانلىرىغا قاراپ:
— ئى قوۋملىرىم! مەن سىلەرگە ئىگەمنىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى جاكارلىغانىدىم، سىلەرگە سەمىمىي راست گېپىمنى ئېيتقانىدىم، لېكىن سىلەر سەمىمىي ئاگاھلاندۇرۇشنى ياقتۇرمىغۇچىلاردىن ئىدىڭلار، — دېدى.
