تەركىبكە ئۆتۈش

خەتكۈشلەر (ساقلانغان بەتلەر)

ھازىرقى بەت:...

تېخى ھېچقانداق بەت خەتكۈشكە قوشۇلمىدى

تۆۋەندىكى كۇنۇپكىنى ياكى بەتلەردىكى خەتكۈش بەلگىسىنى چېكىپ بۇ يەرگە ساقلىۋالالايسىز.

تەڭشەكلەر

يېزىق
يورۇقلۇق ھالىتى
بەت ئۇسلۇبى
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى
ئەرەبچە خەت نۇسخىسى
خەت چوڭلۇقى

باغنىڭ ئىگىسى (ئەسھابۇلجەننە قىسسىسى)

تاڭ سەھەر، مەيىن شامال يۈزنى سىيپاپ تۇراتتى، بىر بوۋاي چىقىپ كەلدى. ئۇ ئاستا قەدەم تاشلايتتى، ھۆمۈدەيتتى، يىللار ئۈنىڭ قەددىنى ئېگىپ دۈمچەك قىلىپ قويغانىدى. تېخى كۈن يورۇمايلا، ئۇ دېلۋان۱) دىكى بېغىنىڭ ئىشىكىنى ھاسىسى بىلەن قاقتى.

بوۋاينىڭ بېغى ئوبدان جايغا چۈشكەن ھوسۇللۇق باغ ئىدى، باغنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدىكى ئېرىقتا سۇ ئېقىپ تۇراتتى، نەم شامال دەل - دەرەخلەر ئارىسىدىن ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. باغدىكى خىلمۇخىل گۈل - چېچەكلەر پورەكلەپ ئېچىلىپ كەتكەنىدى، شاخلاردا ئاسماق - ئاسماق ئۈزۈم، خورمىلار ساڭگىلىشىپ تۇراتتى، باغدا كۆكتاتلار، زىرائەتلەرمۇ بار ئىدى. كىشىلەر بۇ يەرگە كېلىشىپ، دەرەخ سايىلىرىدە پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرەتتى.

بوۋاي ئەتراپقا نەزەر تاشلاپ، كىچىك يولدا ئۇيان - بۇيان ماڭماقتا، گۈل - گىياھلارنىڭ خۇشبۇي ھىدىدىن نەپەس ئېلىپ، گۈزەل مەنزىرىنى تاماشا قىلغاچ قۇشلارنىڭ سايراشلىرىغا قۇلاق سالماقتا ئىدى. ئۇ قايتىپ ئىبادەت قىلدى، ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتتى، ئاللاھنىڭ مەرھىمىتىگە شۈكۈر قىلدى، ئاللاھقا بايلارنىڭ بوزەك ئېتىشىدىن، بىرەر ئېزىتقۇنىڭ ئازدۇرۇشى ۋە شەيتان ئەلەيھىلەننىڭ قايمۇقتۇرۇشىدىن ساقلاشنى ئىلتىجا قىلدى.

۱) دېلۋان - بەمەدىكى بىر كەتتىك ئىسى.

يىللار بىر - بىرگە ئۈلىشىپ، كۈنلەر بىر - بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتۈپ تۇردى، بوۋاي ھەر كۈنى ئەتىگەندىكى مۇشۇ ئادىتىنى تاشلىمىغانىدى. ئۇ باغدىكى زىرائەتلەرنىڭ پىشىپ، مېۋىلەرنىڭ شاخ - شېخىغا پاتماي ساڭگىلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرگىلىدە، باغۋەن ۋە ياردەمچىلىرىگە ئورغاق ھەم باشقا سايمانلارنى تەييارلاپ يىغىم ئىشلىرىغا ھازىرلىق كۆرۈشنى تاپىلايتتى. نۇرغۇن كەمبەغەللەرمۇ بوۋاينىڭ قېشىغا ھەر يىلى كېلىپ تۇراتتى، بوۋاي ئۇلارنىڭ بىرىگە بىر سېۋەت مېۋە، يەنە بىرىگە بىر ناغار ئاشلىق يېرىپ ھەممىسىنى رازى قىلاتتى. باغنىڭ ھوسۇلى يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن، قالغانلىرىنى كەمبەغەللەر پاساڭ قىلىۋالاتتى.

ئەمما بۇ يىل بوۋاينىڭ بالىلىرى بۇنىڭغا چىدىمدى، ئۇلار دادىسىنىڭ پۇل - ماللىرىنىڭ كەمبەغەللەرگە تەقسىم قىلىنىپ كېتىشىنى خالىمايتتى. ئۇلار بۇ ئادەملەرنى يېغىمىزغا بالادەك تىكىلگەن تەمەخۋۇلار، دەپ قارايتتى.

بوۋاينىڭ بىر بالىسى:

  • دادا، سەن بىۋ كەمبەغەللەر ئۈچۈن شۇنچە كۆپ پۇل خەجلىدىڭ، شۇنچە كۆپ كۈچ سەرپ قىلدىڭ، بىراق بۇ بىزنىڭ مەنىپەئسىمىزگە زىيانلىق، بىزنىڭ تىرىكچىلىكىمىزگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، - - دېدى.

يەنە بىر بالىسى:

  • دادا، مۇشۇنداق بېرىۋەرسەڭ، سېنىڭ ئالتۇن - كۈمۈش، مال - مۈلۈكلىرىڭ توشىمايدۇ، زىرائەت ۋە مېۋە - چېۋىلىرىڭمۇ قالمايدۇ، بىزمۇ كىشىلەردىن نان تىلەيدىغان كەمبەغەللەرگە ئايلىنىپ قالىمىز، - - دېدى.

سىلەر قۇرۇق خىياللارغا يېرىلىپ، چوتتى خانا

سوقۇۋاتىسىلەر. سىلەرگە كېرەك بولغان ئالتۇن - كۈمۈش قانچىلىك نېمىتى؟ بۇ پۇللار مېنىڭ ئەمەس، باشقىلارنىڭمۇ ئەمەس، بۇ باغ ماڭىمۇ، سىلەرگىمۇ تەۋە ئەمەس. ئاللا ماڭا پۇلنى مېھرىبان، شەپقەتلىك كىشىلەرگە، ئۇنىڭغا ساداقەتمەن كىشىلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغان. بايلىقىمىزدا كەمبەغەللەر ۋە باشقا بىرچارىلەرنىڭمۇ ھەققى بار، باغقا كىرىپ ئۆتكەن مېھمانلارمۇ قائىدە بويىچە بىر كىشىلىك ھەققىدىن بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك، ئۇچار قۇشلار ۋە ھايۋانلارنىڭمۇ تېگىشلىك ھەققى بار. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى سىلەرنىڭ دېگىلى بولامدۇ؟ مېنىڭ قىلغانلىرىم كۆپ يىللاردىن بېرى ئاللاھنىڭ ھۆكمى بويىچە بولۇۋاتقان ئىشلاردۇر. مۇشۇنداق بولغاچقا، پۇلۇم خەجلىگەنسېرى كۆپىيىپ تۇرىدۇ. مەن ياش ۋاقتىمدا شۇنداق قىلدىم، ئوتتۇرا ياشلىق بولغاندىمۇ شۇنداق قىلدىم، ئەمدى قېرىغان ۋاقتىمدا بۇنداق قىلماي تۇرالايمەنمۇ؟ سىلەر ئالدىرىماڭلار، سىلەر چېچىمنىڭ ئاقىرىپ، چېچىمنىڭ ئاجىزلاپ، كېسەلمەن بولۇپ قالغانلىقىمنى كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر، بەلكىم ئۇزاققا بارمايلا ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كېتىشىم مۇمكىن. شۇ چاغدا، سىلەر بۇ باغقا، پۇل ۋە ماللىرىمغا ۋارىسلىق قىلىڭلار. ئالدىڭلاردا ئىككى يول تۇرۇپتۇ: ناۋادا سىلەر ساۋاب، خەير - ئېھسان بىلەن بولساڭلار، بۇنىڭدىن كېيىن خىراجىتىڭلارنى ئاللا ئۆزى يەتكۈزۈپ يېرىدۇ؛ مۇبادا پىخسىقلىق ۋە شەپقەتسىزلىك قىلساڭلار، ئاللا سىلەرگە جازا يېرىدۇ. ئارىدىن ئۆزۈن ئۆتمەي، بوۋاي كېسەل بىلەن قازا تاپتى، ئۇنىڭ باغۇبوستانى ۋە باشقا نەرسىلىرى قېپقالدى.

ۋاقىت تېز ئۆتمەكتە ئىدى، باغنىڭ ھوسۇلىنى يىغىش ۋاقتى بولۇپ قالدى، كەمبەغەللەر يەنە ئىلگىرىكىدەكلا ئۆز نېسىۋىسىنى كۆتمەكتە ئىدى.

بوۋاينىڭ بالىلىرى بىر يەرگە جەم بولۇشۇپ، بۇ يىل ھوسۇلىنى قانداق يىغىش ۋە تەقسىم قىلىش ئۈستىدە مەسلىھەتلەشتى. ئۇلاردىن بىرى مۇنداق دېدى:

بۈگۈندىن ئېتىبارەن كەيەغەللەر بىلەن سائىللارنى بۇ باغىنىڭ مېۋىسىدىن بەھرىمەن قىلماسلىقىمىز لازىم. ئۆتكەن - كەچكەنلەرنىڭمۇ دەرەخ ئاستىدا سايىدەپ دەم ئېلىشىغا رۇخسەت قىلمايلى. كىمكى بىر نەرسە ئالماقچى بولىدىكەن، پۇل تاپشۇرۇشى كېرەك. بىز مۇشۇ چارىنى يولغا قويساق، چوقۇم باي بولۇپ كېتىمىز.

— سىلەرنىڭ يۈرىكىڭلار نېمىدىگەن يوغان، دېدى خۇلق - مىجەزى جەھەتتە دادىسىغا ئوخشىشىپراق كېتىدىغان بىر ئوغلى، — سىلەر ئۆزۈڭلارچە ئەڭ پايدىلىق ئىش قىلدۇق، دەپ قاراۋاتىسىلەر، ئەمەلىيەتتە، بۇ قىلمىشىڭلار جىنايەت بولىدۇ. ئەگەر سىلەر كەيەغەللەرنى ھەققىدىن مەھرۇم قىلساڭلار، بۇ باغنى تۈپتىن خاراب قىلغان بولسىلەر، بالا - قازاغا يۈلۈقسىلەر، يەنىلا كەيەغەللەرنى ئۆز نېسىۋىسىدىن بەھرىمەن قىلىڭلار، دادىسىزنىڭ تەشەببۇسى بويىچە ئىش قىلىڭلار! سىلەر ياخشى ئىش قىلساڭلار، ئاللا سىلەرگە يارىكاللا ئېيتىدۇ. سىلەرگە تېخىمۇ زور ياخشىلىق ئاتا قىلىدۇ!

قالغان ئوغۇللار ئۇنىڭغا ھۆرپىيىپ كايىدى:

— بۇ ئىشقا سېنىڭ چىشىڭ پاتمايدۇ، بولدى، سەن بۇنىڭغا ئەقىل كۆرسەتتە، بىزگىمۇ نەسىھەت قىلىمەن دەپ يۈرمە. سەن بېرىپ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىۋەر، ئىبادەت گۇناھىڭنى تۈگىتىپ، سېنى ھىدايەتكە يەتكۈزۈپ، كەيەغەللەرگە كۆڭلۈڭنى مايىل قىلىدۇ. بىراق، ئۇ يالاڭتۇشلەر سېنىڭ گەپلىرىڭنى ھەم ئاڭلىمايدۇ، ھەم ساڭا ۋاپامۇ قىلمايدۇ.

ئۇلار ئەتىسى ئەتىگىنى كۈن چىققۇچە، كەيەغەللەرنىڭ تېخى ئۈيقۇدىن ئويغانمىغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، باغدىكى ھوسۇلنى يىغىۋالماقچى، ئاندىن ھەربىرى تېگىشلىكىنى ئالماقچى بولدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تاش يۈرەك، شەپقەتسىزلەر ئىدى.

— ئۇلارنىڭ بىچارىلەرنى ھەققى - ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلماقچى، سائىللار ۋە بەختىسىزلەرنىڭ ئاغزىدىكى نانى

تارتىۋالماقچى بولغانلىقىنى ئۇقۇپ، ئۇلارغا بالا - قازا كەلتۈردى. باغدىكى دەل - دەرەخلەر يىلتىزىدىن قومۇرۇلۇپ كەتتى، مېۋە - چېۋىلەر تۆكۈلۈپ كەتتى، يوپۇرماق ۋە گۈل - گىياھلار قۇرۇپ كەتتى.

ئەتىسى تاڭ سەھەردە ئۇلار پۈتۈنلەي خاراب بولغان باغنى كۆرۈپ، بىر - بىرىدىن سوراشتى:

— بۇ بىزنىڭ بېغىمىزمۇ؟ تۈنۈگۈن بۇ يەردە دەل - دەرەخلەر باراقسان، ئېقىن سۇلار راۋان، گۈل - گىياھلار خۇشبۇي، مېۋە - چېۋىلەر مول ئىدىغۇ! بۇ بىزنىڭ بېغىمىزمۇ؟ بىز ھەقىقەتەن تۇيۇق يولغا كىرىپ قاپتۇق!

ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ھېلىقى ئاق كۆڭۈل بىرى دېدى:

— سىلەرنىڭ يېغىڭلار مانا شۇ، سىلەر كەمبەغەللەرنى ھەققى - ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلماقچى بولۇۋىدىڭلار، نەتىجىدە ئۆزۈڭلار ھەممىدىن قۇرۇق قالدىڭلار، بۇ پىخسىق بايلارغا يېرىلگەن ئەڭ قاتتىق جازا، مەن سىلەرگە ئېيتىمغانىمدىم، ناۋادا سىلەر ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتمايدىغان بولساڭلار…

— بىز ئۆلۈمگە مەھكۇم! بىز شەپقەتسىز ئىكەنمىز! ئاللاھنىڭ بىزگە يەنە بىر مەرتىۋە ياخشىلىق قىلىشىنى تىلەيمىز، ئاللاھقا سېغىنىمىز،

لېكىن تەقدىر شۇنداق ئىدى، ئۇلارغا قېپقالغىنى ھەسرەت - نادامەتلا بولدى، ئۇلار سۇيىقەست، ھىيلە - مىكىر بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ ئاقمۇشى قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقسۇن، «ئۆتمۈشتىكىلەرنى جازالاش ئەنە شۇنداق بولدى، مەھشەرگاھدىكى جازا ھەممىدىن چوڭ بولىدۇ، ناۋادا ئۇلار شۇنداق قىلغان بولسا.»

يۇقىرىغا قايتىش

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاش ئۇسۇلى

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاڭ
1
Safari دىكى ھەمبەھىرلەش تۈگۈچىسىنى (Share) بېسىڭ.
2
«باش ئېكرانغا قوشۇش» (Add to Home Screen) نى تاللاڭ.
3
ئوڭ ئۈستىدىكى «قوشۇش» (Add) نى بېسىڭ.