مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن خىزىر ئەلەيھىسسالام
مۇسا ئەلەيھىسسالام — ئاللا ئۇنى ئامان قىلسۇن — بەنى ئىسرائىلغا تولىمۇ سەمىمىيلىك بىلەن سۆز قىلىپ، ئاللاھنىڭ ئۇلارنى ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشتۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇلار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ مىننەتدار بولۇپ، كۆز يېشى قىلىشتى.
مۇسا ئەلەيھىسسالام سۆزلەپ بولۇشىغا، ئارىدىن بىرەيلەن ئالدىغا چىقىپ، ئۇنىڭ چاپىنىنى تۇتۇپ تۇرۇپ:
— ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، بۇ جاھاندا سەندىنمۇ بىلىملىك كىم بار؟ — دەپ سورىدى. مۇسا ئەلەيھىسسالام:
— يوق، — دەپ جاۋاب بەردى، ئارقىدىن يەنە، — مەن بەنى ئىسرائىلنىڭ چوڭ پەيغەمبىرى، پىرئەۋن ئۈستىدىن غەلىبە قىلغۇچى: مەن ئاشۇ كارامەتلىك قول ۋە ھاسىنىڭ ئىگىسى
سۈپىتىدە دېڭىز سۈپىنى ئىككىگە بۆلگەن: مەن ئاللاھنىڭ نەسىھىتى ۋە ھېكمەتلىك سۆزىنى قوبۇل قىلىشتەك شان - شەرەپكە مۇشەررەپ بولغۇچى، بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق قانداق شان - شەرەپ بولسۇن؟ - دېدى.
لېكىن، ئاللا ئۇنىڭغا: بىلىم ئۇنى ئىگىلىگەن ئادەمدىنمۇ ئۈلۈغدۈر، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ جاھاندا بىلىمى تېخى سەندىنمۇ كۆپ، ئاللاھنىڭ غەمخورلۇقىغا سەندىنمۇ بەك مۇشەررەپ بولۇۋاتقان ئادەم بار، دەپ بېشارەت بەردى. مۇسا ئەلەيھىسسالام:
- ئى رەببىم. ئۇ قەيەردە؟ مۇبادا مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ قالسام، ئۇنىڭدىن ئاز - تولا بىلىم ئالالارمەنمۇ؟ - دەپ سورىدى.
ئۇنداق بولسا سەن، - دېدى ئاللا، - خورما يوپۇرمىقىدىن توقۇلغان سېۋەتتىن بىرنى تەييارلاپ، ئۇنىڭغا بېلىق قاچىلاپ يولغا چىققىن. بېلىقنى يوقىتىپ قويغان يەردە ئۇ ئادەم بىلەن كۆرۈشەلەيدىن.
مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە ئاز - تولا ئوزۇق تەييارلاپ، بېلىق قاچىلانغان سېۋەتتى ئوغلىغا كۆتۈرتۈپ، ئاللا يېشارەت قىلغان ئاشۇ تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ئۇ بىلىم ئېلىشنى ئۇنداق سەمىمىي نىيەت قىلدىكى، بىرنەچچە كېچە - كۈندۈزلا ئەمەس، ھەتتا بىرنەچچە يىل يول يۈرۈپ بولسىمۇ، ئاشۇ يەرگە چوقۇم يېتىپ بېرىشقا بەل باغلىدى. ئۇ ئوغلىغا: بېلىقنىڭ يوقىلىپ كەتكەنلىكىنى سەزگەن ھامان ماڭا خەۋەر قىل، دەپ
دادا - بالا ئىككىيلەن ئىككى دېڭىز تۇتىشىدىغان يەرگە، يەنى
ئاللا بەنى ئىسرائىلنىڭ پەيغەمبىرىنى يەنە بىر ساداقەتمەن بەندە بىلەن ئۈچرىشىشقا بۇيرۇغان يەرگە يېتىپ باردى. مۇسا ئەلەيھىسسالام چارچاپ كەتكەچكە، ئارىدىن ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا شېرىن ئۇيقۇغا كەتتى. ئۇ تازا تاتلىق ئۇخلاۋاتقان چاغدا، ئاسماندىن يامغۇر ياغدى. سېۋەتتىكى يېلىق بىر يىلتىڭلاپلا سېۋەتتىن چىقىپ سۇغا كىرىپ كەتتى.
مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ، ئوغلىنى چاقىرىپ: — ماڭايلى. سەپەرنى داۋاملاشتۇرايلى. دېدى. شەيتان
ئەلەيھىلەنە بالىغا يېلىقنىڭ سۇغا كىرىپ كەتكەنلىكىنى ئۇنتۇلدۇردى. بىر مەھەل يول يۈرگەندىن كېيىن، دادا - بالا ئىككىيلەننىڭ قورسىقى راسا ئېچىپ كەتتى. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئوغلىغا:
— ئوزۇقنى ئالغىن، ئەجەبمۇ ھېرىپ كەتتۇق. دېدى. بالا سېۋەتتىن يەيدىغان ئوزۇقنى ئېلىۋېتىپ، يېلىقنىڭ سۇغا كىرىپ كەتكەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى - دە: — بىز ھېلىقى چوڭ تاشنىڭ قېشىغا كەلگەندە، سىز ئۇخلاپ قالدىڭىز، سېۋەتتىكى يېلىق يىلتىڭلاپلا سۇغا كىرىپ كەتتى. مەن بۇنى سىزگە ئېيتىشنى ئۇنتۇپ قايتىمەن. بەلكىم شەيتان ئۇنتۇلدۇرغان بولسا كېرەك. دېدى. بۇنى ئاڭلاپ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يۈزىدە غالىبلارچە تەبەسىمۇ؟ جىلۋىلەندى. ئۇ: ئاشۇ يەر بىز ئىزدەپ كەلگەن يەرنىڭ ئۆزى. يۈر، ئارقىمىزغا يېتىپ شۇ يەرگە بارساق. مەقسەتكە يېتىمىز. — دېدى. ئىككىيلەن كەلگەن ئىزنى بويلاپ ئارقىسىغا قايتتى. ئۇلار بېلىقنى يوقىتىپ قويغان يەرنى تېپىپ كەلگەندە، ياداڭغۇ، كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن، پەيغەمبەرلەرگە خاس بىرمۇنچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر ئەرنى ئۇچراتتى. ئۇ خۇش چىراي، مولانىم. تېتىك كىشى بولۇپ، ئۇچىسىغا ئۇزۇن يەكتەك يېپىشمۇ الغانىدى. يەكتىكىنىڭ پېشى ئىككى پۇتىنى يېپىپ
مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنىڭ دەل ئۆزى ئىزدىگەن كىشى ۋە تەلپۈنگەن غايىسى ئىكەنلىكىنى بىلدى. شۇڭا ئۇ گەپ - سۆزدە تېخىمۇ كەمتەر بولدى ۋە ئاللاھنىڭ تەلىمى بويىچە ئەدەپ - ئىكرام بىلەن مۇنداق دېدى:
— ئى ئاللاھنىڭ ئىتائەتمەن بەندىسى، بىلىمگە تەشنا بىر كىشىنىڭ ئۆزىڭىز بىلەن كۆرۈشۈشىگە رۇخسەت قىلغايسىزمۇ؟ بۇ كىشى سىزنىڭ ھۇزۇرىڭىزغا كېلىش ئۈچۈن كۆپ يول يۈرۈپ ھالىدىن كەتتى. ئۇ سىزدىن مۇپەسسەل بىلىم بېرىپ، يېتەكچىلىك قىلىشىڭىزنى ئۆتۈنىدۇ. ئۇ سىزگە ئەگىشىدۇ، بۇيرۇقلىرىڭىزغا ئىتائەت قىلىدۇ.
— ناۋادا سەن ماڭا ھەمراھ بولساڭ. نۇرغۇن ئاجايىپ - غارايىپ ئىشلارغا يولۇقمىدىن. بەزى ئىشلار يامان ئىشتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، ياخشى ئىشتۈر. سەندىمۇ ئاللا ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئاتا قىلغاندەك پاراڭ سېلىشنى ياخشى كۆرىدىغان، بىرەر ئىشنىڭ ئۇچۇر - بۇجۇرىنى زىغىرلاپ سۈرۈشتە قىلىدىغان
خۇي بار. سەن قىلغان ئىشلىرىمنى كۆرسەڭ، جىم تۇرالمايسەن، ھەتتا ئاچچىقلىنىدىن. سەن ئۆز خۇيۇڭنى ئۆزگەرتىپ، ئۆز چۈشەنچەڭدىن ھالقىپ كەتكەن ئىشلارنى قانداقمۇ چۈشىنەلەيدىن؟ مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلىمگە بولغان تەشنالىقنى ئويلاپ مۇنداق دېدى:
— خۇدا بۇيرۇسا. سىز مېنىڭ سەۋر - تاقەتچان بىر كىشى ئىكەنلىكىمنى كۆرسىز. مەن سىزنىڭ بۇيرۇقلىرىڭىزغا خىلاپلىق قىلمايمەن.
— ناۋادا سەن مەن بىلەن بىللە بولىدىغان بولساڭ، — دېدى خىزىر ئەلەيھىسسالام، — ساڭا تەلەپ قويۇپ ئەھدىلىشىمەن. بۇ تەلەپ شۇكى، سەن قەتئىي تەۋرەنمەستىن ئۆزۈڭنى تۈتۈۋېلىشىڭ، سەۋر - تاقەتچان بولۇشۇڭ، بىرەر ئىشنى مەندىن ئالدىراپ سورىماسلىقىڭ، مېنىڭ قىلغان - ئەتكەنلىرىمگە ھېچقانداق ئېتىراز بىلدۈرمەسلىكىڭ كېرەك. بۇ يولنى يېسىپ بۇرچۇمنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن سېنىڭ گۇمانلىرىڭنى يېشىپ بېرىمەن.
مۇسا ئەلەيھىسسالام يۇقىرىدا ئېيتىلغان قائىدە - نىزاملارنى قوبۇل قىلىپ، ئەھدىگە بويسۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار قىرغاق بىلەن مېڭىپ، دېڭىز بويىدا تۇرغان بىر كېمىنى كۆردى - دە، كېمىدىكى كىشىلەردىن ئۆزلىرىنى مەلۇم بىر جايغا ئايىرىپ قويۇشنى تەلەپ قىلدى. كېمىدىكى كىشىلەر ئۇلارنىڭ خۇش چىراي، مۇلايىم كۆزلىرىدىن ھۆكۈمرانلارنىڭ كۆزلىرىدىكىدەك نۇر چاقناپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، كىرا ئالمايلا كېمىگە چىقاردى ۋە ئۇلارنى قىممەتلىك مېھمان قاتارىدا ئالاھىدە ئىززەتلىدى.
كېمىگە چىقىپ ئارىدىن ئانچە ئۆتمەيلا، خىزىر ئەلەيھىسسالام كېمىنىڭ تاختايلىرىدىن ئىككىنى چۈۋۈپ ئېلىۋەتتى. مۇسا ئەلەيھىسسالام بۇنى كۆرۈپ — كىشىلەرنى ساۋابلىق قىلىش، گۇناھىدىن ساقلىنىشقا يېتەكلەش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر
بولۇش سۈپىتى بىلەن — چۈچۈپ كەتتى. ئۇ ۋاپاغا جاپا قىلىدىغان رەزىل قىلمىشقا دۈچ كېلىپ قالغانىدى. ئۇ كېمىدىكى ئادەملەرنىڭ غەرق بولۇپ ئۆلۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ. ئۆزىنىڭ تۈزگەن ئەھدىسى ۋە خىزىر ئەلەيھىسسالامنىڭ قويغان شەرتلىرىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويدى. دە. ۋارقىراپ مۇنداق دېدى:
— سىز بىزگە ساۋابلىق ئىش قىلغان كىشىلەرنىڭ قىلغىنىنى ياندۇرماقچى ئەمەسمىدىڭىز؟ ئەمدى قانداق بولۇپ ئۇلارنىڭ كېمىسىنى چۆكتۈرۈۋەتمەكچى ۋە ئۇلارنى سۇغا غەرق قىلىپ ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولدىڭىز؟ بۇ سىزنىڭ ياخشى ئىشىڭىزمۇ؟
خىزىر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ھېلىقى ئەھدىنى ئەسكەرتىپ: — مەن بىلەن بىللە بولساڭ. سەۋر - تاقەت قىلىپ تۇرالماسلىقىڭنى بۇرۇنلا ئېيتمىغانمىدىم؟ — دېدى.
شۇ چاغدىلا مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ سەۋەبلىك ئۆتكۈزۈپ قويغانلىقىنى بىلىپ. خىزىر ئەلەيھىسسالامغا ناماقۇل بولدى ۋە ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراپ مۇنداق دېدى:
— ئۇنتۇغانلىقىمنى ئەيىبكە بۇيرۇماسلىقىڭىزنى سورايمەن. لېكىن مېنى ئۆزىڭىزگە ھەمراھ بولۇش شەرىپىدىن ۋە ئېرىشكەن شەپقەتلىرىمدىن مەھرۇم قىلمىغايسىز. ھازىردىن باشلاپ دېگەنلىرىڭىزگە بويسۇنىمەن.
ئىككىيلەن كېمىدىن چۈشۈپ يولنى داۋاملاشتۇردى. يولدا ئۇلار قاش - كۆزى جايىدا، كېلىشكەن بىر ئوغۇل بالىنىڭ بىر توپ بالىلار بىلەن ئويناۋاتقانلىقىنى ئۇچراتتى. خىزىر ئەلەيھىسسالام بۇ چىرايلىق بالىنى سۆرەپ يىراق بىر يەرگە ئېلىپ باردى. ئاندىن بالىنىڭ كۆزى ئۇيقۇغا كەتكەندە ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. مۇسا ئەلەيھىسسالام بۇنداق ۋەھشىيانە قاتىللىقتىن قاتتىق چۈچۈدى ۋە بۇنى ناھايىتى چوڭ جىنايەت دەپ قارىدى. بۇ بالا تازا ئۆسۈپ يېتىلمۇاتقان ئۆسمۈر ئىدى. ئۇ تېخى يالغۇز ئوغۇل بولۇشىمۇ مەبكىل، ئەمما ھازىر ئۇ بىگۇناھ ئۆلتۈرۈۋېتىلدى. ھەتتا ئۇنىڭ قىساسىنى ئالىدىغان ئادەممۇ چىقمىدى. يەنە كېلىپ
بۇ جىنايەت ئاللاھنىڭ ھەم پەيغەمبەرنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇسا ئەلەيھىسسالام سەۋر - تاقەت قىلىپ تۇرالمىدى. تۈزگەن ئەھدىنىمۇ نەزەردە تۇتمىدى. بەرگەن ۋەدىنىمۇ ئاللىقاياقلارغا چۆرۈۋەتتى. مۇسا ئەلەيھىسسالام خىزىر ئەلەيھىسسالامغا:
بۇ قىلغىنىڭىز رەزىللىك. جىنايەت! قاراپ تۇرۇپ بىر پاك جاننى نابۇت قىلدىڭىز! دېدى.
خىزىر ئەلەيھىسسالام مۇسا ئەلەيھىسسالامغا خېلىغىچە دىققەت بىلەن قارىدى. بۇ دورەم ئۇنىڭغا ۋەدە قىلغان شەرتنىمۇ ئەسكەرتمىدى. بىردەم ئۆتكەندىن كېيىن:
بۇ چاغدا مۇسا ئەلەيھىسسالام. بۇ پەزىلەتلىك بەندىگە يەنە ئاۋارىچىلىك كەلتۈرۈپ قويدۇم. ئەسلىدە ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ ئىشنىڭ تېگى ئاشكارىلانغۇچە سەۋر قىلىپ تۇرۇشۇم كېرەك ئىدى. دەپ قاتتىسق خىجىل بولدى. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق قاراملىق قىلىۋەرسە. نەپرەتكە ۋە يامان ئاقىۋەتكە قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلدى. ئەمدى ئۇ ئالدىراپ سوئال سورىماسلىقىم كېرەك. بولمىسا خىزىر ئەلەيھىسسالام مېنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلمايدۇ. دېگەن قارارغا كەلدى. شۇڭا ئۇ خىزىر ئەلەيھىسسالامغا:
ئەگەر بۇنىڭدىن كېيىن مەن يەنە سىزدىن بىرەر ئىشنى سوراپ قالسام. مېنى ئۆزىڭىزگە ھەمراھ قىلماڭ. مېنىڭ ناماقۇللۇقۇمنى قوبۇل قىلىڭ. — دېدى.
ئىككىيلەن مۇشۇ شەرتلەر بويىچە يولنى يەنە داۋاملاشتۇردى. ئۇلار كۆپ يول مېڭىپ ھاردى. ئاچتى. يول بويىدا بىر مەھەللە كۆرۈندى. ئۇلار مەھەللىگە كىرىپ. ئاز - تولا يېمەكلىك تېپىپ. يولنى يەنە داۋاملاشتۇرماقچى بولدى. ئۇلارنىڭ قورسىقى بەك ئېچىپ كەتكەندى. لېكىن مەھەللىدىكىلەر بېخىل بولغاچقا. ئۇلارنى كۈتمىدى. تېخى ئۇلارنىڭ قونۇپ قېلىشىنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلدى. ئۇلار تاماق تېپىپ يېمەلمەي. كەيپى ئۇچقان
ھالدا مەھەللىنىڭ سىرتىغا قاراپ يول ئالدى.
مەھەللىدىن چىقىشقا ئاز قالغاندا، ئۇلارغا يىقىلاي دەپ قالغان بىر تام چېلىقتى، خىزىر ئەلەيھىسسالام بىردىنلا تامغا ئاۋۋال بىر نەرسە بىلەن تىرەك قويدى، ئاندىن تامنى ئۇلداپ قويدى. مۇسا ئەلەيھىسسالام يەنە سەۋر - تاقەت قىلالماي:
— غەلىتە بىر ئىشقۇ! سىز بۇ يېخىل پەسكەشلەرگە ساۋابلىق ئىش قىلىپ بېرىۋاتىسىز. خالىسىڭىز، مۇشۇنداق قىلىپ پۇل تېپىپ، بىزنى باقسىڭىزمۇ بولغۇدەك! — دېدى.
خىزىر ئەلەيھىسسالام مۇسا ئەلەيھىسسالامغا يەنە بىر قارىدى - دە، مۇنداق دېدى: — سېنىڭ مەندىن پەرقلىنىدىغان يېرىڭ مانا مۇشۇ يەردە.
ئەمدى مەن ساڭا بۇ ئىشلارنىڭ جەريانىنى سۆزلەپ بېرەي: ھېلىقى كېمە ئەسلىدە مىسكىن - بىچارلەرنىڭ دېڭىزدا ئىشلىتىدىغان كېمىسى ئىدى، ئۇلار تۇرمۇشنىڭ چەكسىز ئېقىنىدا ياخشىراق كۈن كەچۈرۈش ئۈچۈن، ئاشۇ كېمىگە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلاتتى. بىراق، زالىم پادىشاھ ياخشى كېمىلەرنى كۆرسىلا زورلۇق بىلەن تارتىۋېلىپ ئۆزىنىڭ قىلىۋالدى. شۇڭا، مەن كېمىنىڭ تاختىيىنى قومۇرۇپ بۇزۇۋەتتىم. بۇنداق قىلىشتىن مەقسىتىم ئاشۇ مىسكىن - بىچارلەرگە ھېسداشلىق ۋە خەير خاھلىق قىلىش ئۈچۈن ئىدى، چۈنكى زالىم پادىشاھ كېمىنىڭ ئەبجەق ئىكەنلىكىنى كۆرسە، ئۇنى ئالماي تاشلاپ كېتىشى مۇمكىن. بۇ قارىماققا يامان ئىشتەك كۆرۈنگەن بىلەن، تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئۇلارغا رەھىم قىلغانلىق. سەن بۇ ئىشنى جىنايەت دەپ قارىدىڭ، ئەمەلىيەتتە بۇ مىسكىن - بىچارلەرنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ، باختىمىز كىشىلەرگە تىرىكچىلىك يولى قالدۇرغانلىق. ھېلىقى بالىغا كەلسەم، ئۇ كىشىنى بىزار قىلىدىغان ۋە ئار - نومۇسنى بىلمەيدىغان بىر نەرسە ئىدى. ئۇنىڭ ئانا - ئانىسى ئىمان كەلتۈرگەنلەردىن بولۇپ، ئاللاھقا ئېتىقاد قىلغانلىق تۈپەيلى، پەرزەنتلىرىگە كۆيۈنەتتى. مەن ئۇلارنى بالىسىغا مۇشۇنداق
كۆيۈنۈپ، قانات يېپىپ، ئۇنى خالىغانچە ئەسكىلىك قىلىشقا قويۇپ بېرىپ، ئاخىردا گۈمراھلار بىلەن مۇشرىكلارنىڭ پاتقىقىغا پاتۇرۇپ قويارمىسىڭىن، دەپ ئەنسىرىدىم. شۇڭا، مەن ئۇنىڭ ئانا - ئانىسىنىڭ ئېتىقادىنى ئاسراش ئۈچۈن، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتىم ۋە ئاللاھتىن ئۇلارغا تېخىمۇ چىرايلىق ۋە رەھىملىك پەرزەنت بېرىشنى تىلىدىم.
ھېلىقى تامغا كەلسەم، مەن ئاللاھنىڭ ھۈزۈرىدىن بۇ تامنىڭ ئاستىدا ئىككى يېتىم ئوغۇلغا تەئەللۇق پۇل - دۇنيا بارلىقىنى بىلدىم. ئۇلار مېھرىبان، شەپقەتلىك ئائىلىدىن كېلىپ چىققانلار ئىدى. مەن ئۇلار چوڭ بولۇپ، مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرگۈدەك ھالغا يەتكەندە ئاشۇ نام ئاستىدىكى پۇل - دۇنيانى ئېچىپ ئالارمىكىن دەپ، ئۇ تامنى ئۇلداپ قويدۇم.
بۇ ساۋابلىق ئىشلارنى كۆزۈمگە ئەمەس، بەلكى پۈتۈنلەي ئەقىل - پاراسىتىمگە تايىنىپ قىلدىم. ئەقىل - پاراسىتىم ئاللاھنىڭ بېشارىتى ۋە يېتەكچىلىكىدىن كەلدى. سەن ئۇقالىمىغان ئاشۇ ئىشلار توغرۇلۇق مېنىڭ دەيدىغىنىم مۇشۇ.
