گۈرۈھلار (ئەھزاب / خەندەك جېڭى)
بەنى نەزىرنىڭ باشلىقى ھۈيەي ئىبن ئەختەب ئەسلىدە يەھۇدىيلارنىڭ باشلىقلىرىدىن بىرى بولسىمۇ، ئەمدىلىكتە ئۇ تاشلىنىپ، خەيبەر تەرەپتە مۇساپىر بولۇپ قالدى. ئۇ ئەتىگەندىن كەچكىچە غەمكىن، خاپا يۈرەتتى.
رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇنى ۋە ئۇنىڭ قوۋمىدىكىلەرنى مەدىنىدىن سۈرگۈن قىلغانلىقى ئۇنىڭ بىۋاپالىقىغا ۋە ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىغا بەرگەن جازا ئىدى. ھۈيەي ئىبن ئەختەب بۇ ھەقتە ئىچىدە ئۆچمەنلىك ساقلاپ، پۇرسەت تېپىپ ئىنتىقام ئېلىش كويىدا بولۇپ يۈرەتتى. ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مەدىنە شەھىرىدە ئۆلۈپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلاتتى، مۇسۇلمانلارغا بالا - قازا، غەيرىي دىندىكىلەرگە غەلىبە تىلەيتتى. مۇشۇنداق بولسا، ئۇ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ بېرىپ ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيتتى. ئەمما ئۇنىڭ تەلىمى ئوڭ كەلمىدى. ئۇ ھەمىشە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈزلۈكسىز غەلىبە قىلغانلىقى، غەيرىي دىندىكىلەرنىڭ ئارقىمۇئارقا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇردى. غەزەپ - نەپرەت ۋە ھەسەتخورلۇق ئۇنى ئازابلايتتى. قاتتىق پاراكەندە قىلاتتى.
ئىنتىقامچىلار ئىنتىقام ئېلىشنى ئۇنتۇمايدۇ؛ مۇساپىرلار ھامان ئۆز يۇرتىنى سېغىنىدۇ. ھۈيەي ئىبن ئەختەب قىساس ئېلىشقا بەل باغلىدى.
ئۇ قىساس ئېلىش ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ، ئەل - يۇرتتىن ئايرىلىپ يىراققا كەتكەن مۇساپىرلاردىن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەدنى ئېيتىش. تىرنىقىغىچە ئۆچ كۆرىدىغانلارنىڭ ھەنسۇسىنى يىغىپ تەشكىللەش كېرەك، دېگەن بىر سۈپىتىسىنىڭ بىلاتى
ئويلاپ تاپتى. ئۇ بۇنداق ئادەملەرنىڭ سانى چوقۇم ئاز ئەمەس. ئۇلار جەڭگە قاتناشسىلا، مۇھەممەدنىڭ قۇرغان دۆلىتى تىرىپىرەن بولىدۇ، مۇھەممەدنىڭ ئۆزىمۇ تۈگىشىدۇ، ئۇ چاغقا بارغاندا، مەن قەبىلە باشلىقلىق تەختىمدە يەنە ئولتۇرالايمەن، دەپ ئويلايتتى. ئۇ قىساس ئېلىش تەقدىرزاسى بىلەن دەرھال ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدى. ئارىدىن كۆپ ئۆتمەيلا، يەنى نەزىر قەبىلىسىدىن سەللام ئىبن ئەبۇ ھۇقەيق ۋە كەنات ئىبن رابىئە، ۋائىلە قەبىلىسىدىن ھۇنزەلى ئىبن قۇبەيس ۋە ئەبۇئەمارلار شۇنىڭدەك باشقا كىشىلەر ھۈيەي ئىبن ئەختەبىنىڭ ئەتراپىغا توپلاشتى. ئۇلار تېخىمۇ كۆپ ئادەم توپلاش ئۈچۈن ھەر قايسى قەبىلىلەرگە بېرىپ تەشۋىق قىلىشقا پۈتۈشتى.
قۇرەيشلەر ئۇلارنى كۆرۈپلا ئالدىغا كېلىپ مۇنداق دېدى: ئى يەھۇدىي قېرىنداشلار، دەل ۋاقتىدا كەلدىڭلار. بىز بىر مەسىلىسىنى كېڭىشىۋاتىمىز، ھەر كىشى ئۆز پىكرىدە تۈرۈۋېلىپ، بىر قارارغا كېلەلمىدۇق. سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا «تەۋرات» بار، سىلەر بىزگە بىر ھۆكۈم قىلىپ بېرىڭلارچۇ. ھازىر بىز مۇھەممەدنىڭ دىنىدىن گۇمانلىنىۋاتىمىز، ئۆز دىنىمىزدىنمۇ گۇمانلىنىۋاتىمىز. قېنى ئېيتىپ بېقىڭلار، بىزنىڭ دىنىمىز توغرىمۇ ياكى مۇھەممەدنىڭ دىنى توغرىمۇ؟ بىزنىڭ ئىلاھىمىز ھەقمۇ ياكى مۇھەممەدنىڭ ئىلاھى ھەقمۇ؟
— سىلەرنىڭ ئۆز دىنىڭلار ۋە ئېتىقادىڭلاردىن گۇمانلىنىدىغانلىقىڭلارنى ئويلىمايتىكەنمىز. سىلەرگە شۇنى ئوچۇق ئۇقتۇرۇپ قوبايلىكى، سىلەرنىڭ دىنىڭلار توغرا، مۇھەممەدنىڭ دىنى ئادەم ئالدايدىغان دىن: سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار ئاپەتنى ئامەتكە ئايلاندۇرالايدۇ، لېكىن مۇھەممەدنىڭ دىنى بولسا، كەلگەن
بالايماپەتنى ياندۇرالمايدۇ، بەخت - سائادەتمۇ ئېلىپ كېلەلمەيدۇ. سىلەر ھەرگىز ئالدىنىپ كەتمەڭلار. ئۆز دىنىڭلارغا تەقۋادارلىق بىلەن ئېتىقاد قىلىڭلار، مۇھەممەد بىلەن قىلچە ئىككىلەنمەي ئېلىشىڭلار. بىز سىلەرنىڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكىڭلار، بىز بارلىق ئەرەبلەرگە بىزنىڭ سېپىمىزگە قاتنىشىشقا مۇراجىئەت قىلىپلا قالماستىن، يەنە غەتەقان، بەنى قۇرەيزە ۋە بەنى ئەشجە قەبىلىلىرىنىمۇ بىز بىلەن بىللە تۇرۇشقا كۆندۈرىمىز. سىلەر بۇلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىكتە مۇھەممەدكە قارشى جەڭ قىلىشىڭلار كېرەك.
قۇرەيشلەرنى سۆز بىلەن قايىل قىلىش ئىشى ئورۇندالغاندىن كېيىن، ھۈيەي ئىبن ئەختەب قاتارلىقلار غەتەقان قەبىلىسىگە كېلىپ، ئۇلارنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قارشى تۇرۇشقا قوزغاپ، ئۇلارنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشتى. ئاندىن ئۇلار بەنى ئەشجە قەبىلىسىگە باردى، ئۇ يەردىمۇ ئوخشاشلا قىزغىن قوللاشقا ئېرىشتى. ئاخىردا ئۇلار ئۇدۇل بەنى قۇرەيزە قەبىلىسىگە كەتتى. بەنى قۇرەيزە قەبىلىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاملار بىلەن بىللە مەدىنە شەھىرىدە تۇراتتى. بەنى قۇرەيزە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىناق ئۆتۈش، ئۆزئارا ئۇرۇش قىلىشماسلىق ھەققىدە كېلىشىم ئىمزالىغانىدى. كېلىشىم ئىمزالانغاندىن كېيىن ئىككى تەرەپ كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىپ كەلدى. بەنى قۇرەيزە قەبىلىسىنىڭ باشلىقى كەئىب ئىبن ئەسەد ھۈيەي ئىبن ئەختەبنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قەبىلىسىدىكىلەرگە:
كەلگۈچىدە ياخشى نىيەت يوق. دەررۇ ئىشىكىڭلارنى تاقاڭلار، ئۇلار بىلەن كارىڭلار بولمىمۇن. ئۇلار سىلەرگە ھېچقانداق ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ، - - - دېدى. بۇنىڭ بىلەن، بەنى قۇرەيزە قەبىلىسىدىكىلەر دەرھال ئىشىكلىرىنى ناقىدى. ھۈيەي ئىبن ئەختەب كېلىپ ھەممە ئۆينىڭ ئىشىكلىرىنىڭ تاقاقلىق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، قەبىلە باشلىقى كەئىبنىڭ ئىشىك ئالدىغا كېلىپ توۋلىدى:
— بۇ نېمە قىلغىنىڭلار؟ ئىشىكىڭى ئاچ! مەن سىلەرنىڭ مەنپەئىتىلارنى دەپ كەلدىم.
— گېپىڭ نېمىدېگەن چىرايلىق! — دېدى ئۆي ئىچىدىكى كەئىب جاۋاب يېرىپ، — سېنىڭ تىلى ھەسەل، دىلى زەھەر ساختىپەز ئىكەنلىكىڭى كىم بىلمەيدۇ. ساڭا دەپ قويايكى، مەن مۇھەممەد بىلەن ئىتتىپاق تۇزدۇم، مەن ئۇنى ۋەدىسىدە تۇرىدىغان ئادەم دەپ قارايمەن. بىز ھازىر ئۆچمەنلىك، ئۇرۇش ۋە سۈپىقەستىن خالىي مۇھىتتا ياشاۋاتىمىز، سىلەرنىڭ تىنچ، خاتىرجەم تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىڭلارغا ھەرگىز يول قويمايمىز.
— مۇھەممەد سىلەر بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغان بولسىمۇ، — دېدى ھۈيەي ئىبن ئەختاب، — لېكىن، كېلىشىم بىر ۋاراق قۇرۇق قەغەز. مۇھەممەد ئۇنى ھەرقاچان يىرتىپ تاشلىۋېتەلەيدۇ، ئۇ سېنىڭ قوشنا بولۇپ تۇرۇشۇڭغا ئىچ - ئىچىدىن ئەپرەتلىنىپ، دائىم سېنى ھەيدىۋېتىش كويىدا يۈرىدۇ. مەن مۇھەممەدنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتەك مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئۈستۈمگە ئېلىپ سېنى ئىزدەپ كەلدىم. مەن قۇرەيشلەرنى مۇھەممەد بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا قوزغاپ بولدۇم. ھازىر ئۇلار داغدۇغا بىلەن مەدىنىگە قاراپ ئاتلاندى. غەتەقان بىلەن بەنى ئەشجە قەبىلىلىرىمۇ مەدىنىگە قاراپ ماڭدى.
— ئاغزىڭى ئۇپراتما، — دېدى كەئىب، مەن ۋەدەمگە ۋە كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىپ مۇھەممەدكە ھۇجۇم قىلمايمەن. لېكىن، ھۈيەي ئىبن ئەختاب ھە دېگەندىلا بولدى قىلمىدى. ئۇ كەئىبكە يۇمشاق ۋە قاتتىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ تاكى كەئىب تىز پۈكۈپ، ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىشقا مەجبۇر بولغانغا قەدەر ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئادەملىرىنى باشلاپ بېرىشقا تەييارلانغانغا قەدەر خىلمۇخىل جىنايى ئالدامچىلىق ۋە پوپوزا قىلىش چارىسىنى ئىشقا سالدى. رەسۇلۇللاھ قۇرەيش قەبىلىسى، غەتەقان قەبىلىسى ۋە بەنى
ئەشچە قەبىلىسى لەشكەرلىرىنىڭ مەدىنىگە ھۇجۇم قىلماقچى بولغانلىقىدىن تېز خەۋەر تاپتى. لېكىن تەمكىن، بىمالال تۈرىۋەردى. ئۇ بېسىپ كەلگۈچىلەرگە زەربە بېرىش ئۈچۈن، مۇسۇلمانلارنى مەدىنە شەھىرى ئەتراپىدا خەندەك كولاشقا بۇيرۇدى. مۇسۇلمانلار تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتقان چاغدا، بىر كىشى: بەنى قۇرەيزە قەبىلىسىمۇ كېلىشىمنى يىرتىپ تاشلاپ، ئادەملىرىنى قوزغاپ، مەدىنە شەھىرىدىكى مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلىش سېپىگە قاتناشتى. دېگەن ئەنسىز خەۋەرنى ئېلىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ بۇ خائىنلىقى مۇسۇلمانلارغا كەينىدىن ئۇرۇلغان بىر پىچاق بولدى.
مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ مۇھاسىرە ئىچىدە قالغانلىقىنى، دۈشمەنلەرنىڭ قىستاپ كەلگەنلىكىنى ئېنىق بىلدى. ئەنسىزلىك، ۋەھىمە ئۇلارنىڭ يۈرىكىنى ئازابلايتتى. ئاللاھنىڭ بۇ تەقۋادار مۇمىنلىرى بۇنى ئاللاھنىڭ بىزنى سىنىغانلىقى، دەپ بىلەتتى. ئۇلار ئۆز ئىرادىسىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشى ياكى ئۆزلىرىنىڭ بىخەستەلىك قىلىشى تۈپەيلىدىن، بۇ قاتتىق سىناقتىن ئۆتەلمەي قېلىشىدىنمۇ ئەنسىرەيتتى. ۋەھالەنكى، مۇناپىقلار ئاغزىغا كەلگەننى جۇيلۇپ: «مۇھەممەد بىزگە يېرىپ كىسرا بىلەن قەيدىرنىڭ مال - دۇنياسىنى ئېلىشقا ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە قۇرۇق قول كېلىۋاتىمىز. قارىغاندا، بۇ خۇدانىڭ ئەلچىسىنىڭ بىزگە قىلغان ۋەدىسى بىزنى ئالداشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەن» دېيىشتى. بۇ مۇناپىقلار تۈرلۈك پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قېچىپ، مۇسۇلمانلار قوشۇنىنىڭ كۈچىنى تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇردى.
رەسۇلۇللاھ تاشقى دۈشمەنگە زەربە بېرىش بىلەن بىللە يەنە ئىچكى قىسىمدىكى دۈشمەنگىمۇ تاقابىل تۇرۇشى كېرەك ئىدى. مېنى پەرىشان قىلىدىغان ئىش بىرلا بولسا ئىدى، مەن ئۇنى ھەرگىز كۆڭلۈمگە ئالمىغان بولاتتىم، لېكىن ھازىر كۆڭۈلسىز ئىشلار كەينى كەينىدىن كەلگىلى تۇردى، قانداق قىلىشىم كېرەك؟» دەپ ئويلىدى رەسۇلۇللاھ.
قاپقاراڭغۇ بىر كېچىسى، ئاللا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن نۇئەيىم ئىبىن مەسئۇدنى ئەۋەتتى. نۇئەيىم غەتەقان قەبىلىسىدىن ئىدى. ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كۆرگەندىن كېيىن:
— ئى رەسۇلۇللاھ، مەن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلدىم. لېكىن قوۋمىدىكىلەر بۇنىڭدىن بىخەۋەر، مېنىڭ قىلىشىغا تېگىشىك قانداق ئىش بولسا دەۋەرگىن، مەن ئاللا ئۈچۈن بارلىقىمنى تەقدىم قىلىشقا تەييار، دېدى.
— مېنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىم ساڭا پۈتۈنلەي ئايان، كۆپ گەپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. سەن بىزنىڭ سېپىمىزنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ قالغانىكەنسەن، بىزنى قورشىۋالغان دۈشمەنلەرنى بىر ئامال قىلىپ ئازدۇرۇپ كەتكۈزۈۋېتىشىڭنى تەلەپ قىلىمەن. ئېسىڭدە بولسۇنكى، بۇ ئىشنى پەم - پاراسەتكە تايانغاندىلا قىلغىلى بولسىدۇ، دېدى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام.
نۇئەيىم قورال - ياراغلىرىنى قويۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن خوشلىشىپ يولغا چىقتى. ئۇ يالغۇز بولسىمۇ، لېكىن ئاللا ئۈنىڭغا ئاتا قىلغان پىداكارلىق ئۇنىڭ ئىرادىسىنى قىلىپچىنىمۇ ئىتتىك، تاغدىنمۇ كۈچلۈك قىلىۋەتتى. ئۇ قىلىچ، ئوقيا ئالمىدى. ئۇ قىلىچ - ئوقيا بىلەن مەغلۇپ قىلغىلى بولمايدىغان دۈشمەننى ئاللا ئاتا قىلغان پەم - پاراسەت ۋە ئەقىل - ئىدراك بىلەن يەڭمەكچى ئىدى.
نۇئەيىم بەنى قۇرەيزە قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ دوستى ئىدى. ئۇ بەنى قۇرەيزە قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ ئارىسىغا كېلىپ:
— ئى بەنى قۇرەيزە قەبىلىسىدىكى قېرىنداشلار، مېنىڭ دوستلۇقۇمنى بىلىمىلەر، قەلبىم سىلەرگە تەلپۈنىدۇ، مەن ئاراڭلاردىكى ھەربىر كىشىنى سۆيىمەن، دېدى.
— توغرا ئېيتىشىڭ، بىز ياخشى نىيىتىڭدىن قىلىچ گۇمانلانمايمىز. دېيىشتى بەنى قۇرەيزە قەبىلىسىدىكىلەر.
— قۇرەيزە ۋە غەتەقان قەبىلىلىرىنىڭ ئەھۋالى سىلەرنىڭكى
ئوخشاشمايدۇ، — دېدى نۇئەيم سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، — سىلەر مۇھەممەد بىلەن مەدىنىدە بىللە ياشايسىلەر، بۇ يەرمۇ سىلەرنىڭ دۆلىتىڭلار. ئائىلە تاۋابىئاتىڭلار، بالىۋاقىڭلار، مال - مۈلكۈڭلار مۇشۇ يەردە، ئۆزۈڭلارنىڭ دۆلىتىڭلارنى، مال - مۈلكۈڭلارنى باشقىلارغا ئىككى قوللاپ بېرىۋېتىشكە بولمايدۇ. ھازىر قۇرەيشلەر ۋە غەتەقان قەبىلىسىدىكىلەر مۇھەممەد بىلەن ئۇرۇش قىلىش قارارىغا كەلدى، ئاڭلىشىمچە، سىلەرمۇ ئۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىڭلارنى بىلدۈرۈپسىلەر، لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، ئۇلار يىراقتىن كەلگەن. ئۇلارنىڭ مال - مۈلكى ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئۆز قەبىلىسىدە قالغان، ئۇلار ھامان كېتىدۇ، ئۇلار ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىپ قالسىغۇ ياخشى بولغىنى، تاۋادا مەغلۇپ بولۇپ چېكىنىپ، سىلەرنى مۇھەممەد بىلەن ئېلىشىشقا تاشلاپ كەتسە، ئۇ چاغدا سىلەر بەكمۇ خەتەرلىك ۋە يېتىم ئەھۋالغا چۈشۈپ قالمىسىلەر. — ئەمىد قانداق قىلىمىز؟ — دەپ سوراشتى بەنى قۇرەيزە خەلقى تەشۋىشلەنگەن ھالدا، — بىز مۇھەممەدنىڭ قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن تۇرساق.
— مەن سىلەرگە بىر ئەقىل كۆرسىتەي، — دېدى نۇئەيم، — قۇرەيش، غەتەقان قەبىلىلىرى ئۆزلىرىنىڭ نوپۇزلۇق كىشىلىرىنى سىلەرگە گۆرۈگە قويۇپ، سىلەرنى تاشلىۋەتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلغاندا، ئاندىن مۇھەممەدكە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن بىللە بېرىشقا قوشۇلۇڭلار. — بۇ پىكرىڭ تازا جايىدا بولدى، — دېيىشتى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرى.
نۇئەيم قۇرەيزە قەبىلىسىدىن چىقىپ، ئۇچقاندەك مېڭىپ قۇرەيش قەبىلىسىگە كەلدى. ئۇ قۇرەيش باشلىقلىرىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى:
سىلەرگە مەلۇم، مەن سىلەرنى ياخشى كۆرسەتتى، مۇھەممەدنى ئۆچ كۆرسەتتى. ھازىر سىلەرگە دېيىشكە تېگىشلىك بىر
ئىش بار: قۇرەيزەلەر سەلەر بىلەن بىللە مۇھەممەدكە ھۇجۇم قىلىشقا قوشۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار پۇشايمان قىلىپتۇ. ئۇلار مۇھەممەدكە ئادەم ئەۋەتىپ: «بىز كېلىشىمنى يىرتىۋېتىپ ۋەدىمىزگە ۋاپاسىزلىق قىلغانلىقىمىزغا قاتتىق پۇشايمان قىلدۇق. سەمىمىيىتىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن قۇرەيش ۋە غەتەفان قەبىلىلىرىنىڭ نوپۇزلۇق كىشىلىرىنى تۇتۇپ كېلىپ، ئۇلارنى سېنىڭ جازالىشىڭغا تاپشۇرماقچىمىز، ئاندىن سەن بىلەن بىللە بېرىپ، ئۇلارنىڭ قالغان ئادەملىرىنى يوقاتماقچىمىز. سېنىڭچە قانداق؟» دېگەن گەپلەرنى قىلدى. مۇھەممەد بۇنىڭغا خۇشال ھالدا ماقۇل بولدى. شۇڭا مەن سەلەرگە شۇنى تەۋسىيە قىلايكى، مۇبادا قۇرەيزەلەر كېلىپ سەلەردىن گۆرۈگە ئادەم تەلەپ قىلسا، ھەرگىز ماقۇل بولماڭلار.
نۇئەيىم گېپىنى تۈگىتىپ، دەرھال يولغا چىقىپ ئېتىنى قامچىلىغان پېتى غەتەفان قەبىلىسىگە كەلدى ۋە بۇ قەبىلىنىڭ باشلىقلىرىغا يۇقىرىقىغا ئوخشاش گەپلەرنى قىلدى. غەتەفان قەبىلىسىدىكىلەر قۇرەيشلەرگە ئوخشاش ئۇنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ نۇئەيىمنىڭ پىكرى بويىچە ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. نۇئەيىم گويا ئېغىر يۈكتىن خالاس بولغاندەك بولدى - دە، ئىشنىڭ نەتىجىسىنى كۈتتى.
شەۋۋال ئېيىنىڭ مەلۇم بىر شەنبە ئاخشىمى قۇرەيش، غەتەفان قەبىلىلىرى ئىكرەمە ئەبۇ جەھىل باشچىلىقىدا بىر توپ ئادەمنى قۇرەيزە قەبىلىسىگە ئەۋەتىپ، ئۇلارنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھۇجۇم قىلىشقا قوزغىدى.
ئىكرەمە قۇرەيزە قەبىلىسىنىڭ باشلىقلىرىغا:
— مۇھەممەد بىزنى خانىۋەيران قىلىۋەتتى، سەلەر دەررۇ بىز بىلەن بىللە مۇھەممەدكە قارشى جەڭ قىلىشقا ئاتلىنىڭلار! ئۇنىڭدىن ئومۇمىي ھېساب ئالىدىغان ۋاقىت كەلدى، — دېدى. — يۈكتۈن شەنبە، — دېيىشتى قۇرەيزە قەبىلىسىنىڭ باشلىقلىرى، — بىز شەنبە كۈندە ھېچقانداق ئىش قىلمايمىز، ئىش
قىلىق. بىز ئۈچۈن ئومۇس. ناۋادا سىلەر بىزنى مۇھەممەدكە قارشى ئۇرۇشقا چىقسۇن دېسەڭلار. مۇنداق بىر شەرتكە ماقۇل بولۇڭلار: سىلەرنىڭ نوپۇزلۇق كىشىلىرىڭلارنى بىزگە گۆرۈگە قويۇڭلار. چۈنكى ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن سىلەرنىڭ ئۇشتۇمتۇت چېكىنىپ. بىزنى مۇھەممەد بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا يالغۇز تاشلاپ قويۇشۇڭلاردىن ئەنسىرەيمىز. ئۇنداق بولغاندا. بىز پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولمىمىز - دە، ئاقمۇ تىمىمىزنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز.
ئىكرەمە قاتارلىقلار قۇرەيش. غەتقان قەبىلىلىرىگە قايتىپ بېرىپ. قۇرەيزەلەرنىڭ تەلىپىنى يەتكۈزدى. قەبىلە باشلىقلىرى بۇنى ئاڭلاپ. نۇئەيمىنىڭ يەتكۈزگەن خەۋىرىنىڭ توغرىلىقىنى ھېس قىلىشتى. ئۇلار مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن. قۇرەيزە قەبىلىسىگە ئەلچى ئەۋەتىپ. قەبىلە باشلىقلىرىغا:
— بىز سىلەرگە بىر ئادىمىمىزنىمۇ گۆرۈگە بېرەلمەيمىز، ئۇرۇشامسىلەر ياكى ئۇرۇشمامسىلەر. ئىختىيار ئۆزۈڭلاردا! دېدى.
قۇرەيشلەرنىڭ تىككەن چېدىر - بارگاھلىرى. ئورتاتقان قازان ۋە باشقا لاقا - لۇقىلىرىنى ئاللا چىقارغان قاتتىق بوران ئۇچۇرۇپ كەتتى. بۇ ھال ئۇلارنى تېخىمۇ ۋەھىمىگە سالدى. ئۇلار بۇنى شۇملۇقنىڭ ئالامىتى دەپ بىلىشتى. مانا ئەمدى ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى جازالاشتىن يالتىيىپ. چېدىر - بارگاھلىرىنى يىغىشتۇرۇپ. ئالاقزادە ھالدا مەككىگە قاراپ تىكمۇەتتى.
قۇرەيش قەبىلىسىنىڭ قوشۇنلىرى قاچقاندىن كېيىن، غەتقان قەبىلىسىدىكىلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئالدىراپ - تېنەپ قايتىشتى. ئاللا مۇشرىكلارنى ئەنە شۇنداق جازالىدى. ئۇلارنى ھېچقانداق ياخشىلىققا ئېرىشتۈرمىدى. ئاللا ساھابىلەرنى قەبىھ ئۇرۇشتىن خالاس قىلدى. ئاللا ئۇلۇغ. ھەممىنى بىلگۈچى ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
روسۇللا قۇرەيزە قەبىلىسىگە كېلىپ، ئۇلارنىڭمۇ قورقۇنچ ئىچىدە تۈرۈۋاتقانلىقىنى سەزدى. ئۇ قۇرەيش ۋە غەتەفان قەبىلىلىرىگە مەدەت بەرگەنلەرنى جازالىماقچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئەرلىرى ئۆلتۈرۈلدى، ئاياللىرى ئەسىر ئېلىندى. ئۇلارنىڭ يەر - زېمىن، ئۆي - ئىمارەتلىرى ساھابىلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىلدى. ئاللا ھەممىگە قادىردۇر.
