ئەييۇب ئەلەيھىسسالام
ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرى ئىنسانلارنىڭ ئاللاھقا چوقۇنۇشى، بويسۇنۇشى ئۈستىدە سۆزلەشكەندە، بىر ئەلچى: — ھازىرقى دۇنيادا، بۇ جەھەتتە ئەيۇپ ئەلەيھىسسالامدىن
ياخشى كىشى يوق. ئۇ ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىسى. ئۇ ئاللاھنىڭ بەرگەن نازۇنچە تىلىرىگە شۇكۈر ئېيتقاچقا، ئاللا ئۇنىڭ ئۆمرىنى ئۈزۈن قىلدى. ئۇ پۇلى بولسا، تىلىگۈچىلەرگە ۋە بىچارىلەرگە ئۈلەشتۈرۈپ بەردى، پۈتۈن ئۆمرىدە ئاللاھقا ئىززەت - ئىكرام بىلدۈرۈپ، ئاللاھنىڭ ھىممەت - شەپقىتىگە رەھمەت ئېيتىپ كەلدى. ئۇنىڭ بۇنداق ئىخلاسمەنلىكى ئەيشى - ئىشرەت سۆزگۈچى بايلار ئۈچۈن بىر دەلىلدۈر. دېدى. باشقا ئەلچىلەرمۇ ئۇنىڭ پىكرىگە قوشۇلدى.
شەيتان ئەلەيھىلەند بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، بۇ دۇنيادا ئاللاھقا شۇنداق ئىززەت - ئىكرام قىلىدىغان ئادەمنىڭ بارلىقىدىن ناھايىتى خاپا بولدى. شەيتان ئەلەيھىلەند زېمىندا ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنى ئازدۇرۇپ ۋە قايمۇ قىتۇرۇپ، ئاللاھقا بەيئەت قىلغۇچىلارنىڭ ئېتىقادىغا بۇزغۇنچىلىق قىلاتتى. شۇڭا ئۇ ئەيۇپ ئەلەيھىسسالامنى ئازدۇرۇپ، ئۇنى ھىدايەتتىن چەتئىنتىشكە ئۇرۇندى. ئەيۇپ ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ شەپقەت - مەرھىمىتىگە چۈمۈلۈپ، ئۆز مال - مۈلكىنى بەخىرامان باشقۇراتتى. ئۇ باي بولغانلىقى بىلەن مەغرۇرلانمىدى ۋە ئېسەنگىرەپ كەتمىدى، يۈلىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن شەپقەتسىز ۋە قوپال بولۇپ كەتمىدى. ئۇ باشتىن - ئاياغ ئاللاھقا ئىخلاس بىلەن ئېتىقاد قىلدى. ئۇزۇق - نۇغانلىرىغا توغرا مۇئامىلە قىلدى، جاكارلىرىغا ئەمەلدارلۇق قىلدى، ئاچ قالغانلارغا ئاش - نان، يالىڭاچ قالغانلارغا
كىيىم - كېچەك بەردى. ئۇ ئەسىرلەرنى قويۇپ بەردى، موھتاجلارغا يېقىملىق مۇئامىلە قىلدى. زالىملارغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، نادانلار ئارىسىدا ئىلىم - ھېكمەتنى تارقاتتى.
شەيتان ئەلەيھىلەن ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ، ئۇنى ناماز ئوقۇماي، ئەيش - ئىشرەت دۇنياسىنىڭ قىڭغىر يولىغا ماڭدۇرۇشقا ئۇرۇندى. لېكىن، ئەيۇپ ئەلەيھىسسالام بۇنداق پەسكەش سۆزلەرگە دىمىغىنى قېقىپ قويۇپ، يەنىلا بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئاللاھقا ساداقەتمەنلىك بىلەن ئېتىقاد قىلدى. ئۇ ئۆرپ - ئادەتنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكىدىن گويا بېشىغا بىر چوڭ بالا - قازا كەلگەندەك قايغۇراتتى. شەيتان ئەلەيھىلەن ئاللاھقا شۇنداق دېدى:
- ئەي ئىگەم، ساڭا ئىززەت - ئىكرام قىلغۇچى ۋە ھەمدۇسانا ئېيتقۇچى بەندەڭ ئەيۇپ مۇشۇ يەردە. ئۇ قەلبىدە سېنى ياد ئېتىش بىلەن، تىلىدا سېنى زىكىر قىلىش بىلەن كۈن ئۆتكۈزمەكتە. ئۇنىڭدا ئىبادەتتىن باشقا بەتدىچىلىك يوق. ئۇ ساڭا ئىززەت - ئىكرام قىلىۋىدى، سەن ئۇنىڭغا پۇل، مال ۋە پەرزەنت بەردىڭ. ئۇ سەندىن ئۆز بايلىقى ۋە بارلىق نەرسىلىرىنى ساقلاپ قېلىشىڭنى ئۈمىد قىلماقتا. ئۇنىڭ مىڭلىغان قوي ۋە تۆگىلىرى، يۈزلىگەن كالا ۋە ئېشەكلىرى، بىرقانچە فەدەن يەرلىرى ۋە نۇرغۇن قۇللىرى بار، نۇرغۇن ئوغۇل - قىزلىرى، كەڭ ئوتلاق ۋە مۇنبەت باغۋارانلىرى بار، سېنىڭ شۇنچىۋالا شەپقەت - مەرھەمەتلىرىڭ ئۇنىڭ ساڭا رەھمەت ئېيتىشىغا ئەرزىمەستى؟ ئۇ ھازىر بۇنچىۋالا بايلىقتىن ئايرىلىپ كېتەرمەنمىكىن دەپ ئەنسىرەۋاتىدۇ، سەن ئۇنىڭ دۇئا - تىلاۋەتلىرى ئىچىدە تەمە ۋە تەشۋىش بارلىقىنى ئاڭلىمىدىڭمۇ؟ ئۇنىڭ دۇئا - تىلاۋەتلىرىدە قورقۇش ۋە ئاچ كۆزلۈك بارلىقىنى بىلمىدىڭمۇ؟ سەن ئۇنىڭغا بولغان شەپقەتلىرىڭنى بىكار قىلىپ، ئۇنى بايلىقتىن مەھرۇم قىلغىن! قېنى سەن شۇنداق قىلىپ باق، ئۇ سېنىڭ نامىڭنى تىلغا ئالمايدۇ،
ئۇنىڭ قىلىپمۇ ماڭا ئىتائىت قىلمايدۇ. — ئەيۇپ سېنىڭ ساداقەتمەن، تەقۋادار بەندەم، — دېدى ئۇلۇغ ئاللا، — ئۇ ئۆز ۋاقتىدا ماڭا ناماز ئوقۇدى، ھەمدۇسانا ئېيىتتى. ئۇنىڭ ئۇنداق قىلىشىدا باشقا غەيرىي ھەۋەس يوق. بىراق، ئەيۇپنى تەۋرەنمەس ئېتىقادقا ئىگە قىلىپ، سەۋر قىلىش ۋە قەتئىي ئېتىقاد قىلىشنىڭ ئالىيجاناب ئۆلگىسىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، مەن سېنىڭ ئۇنىڭ پۇل - ماللىرىنى ئىگىلىشىڭىگە رۇخسەت قىلدىم، ئۇنىڭ بايلىقىنى سېنىڭ خالىغانچە بىر تەرەپ قىلىشىڭغا بولىدۇ. ئۇنىڭ نەتىجىسىنى كېيىن كۆرسىتىدۇ. شەيتان ئەلەيھىلەنە ئۆز قول ئاستىدىكىلىرىنى يىغىپ، ئۇلارغا: «ئاللا ماڭا ئەيۇپنىڭ پۇل - ماللىرىنى ئىگىلىشىڭىگە ئىجازەت بەردى، ئەمدى سىلەرنىڭ ھەربىرىڭلار بىر كىشىلىك نېسىۋەڭلەردىن بەھرىمەن بولالايسىلەر. ئەيۇپنى پۇل - ماللىرىدىن پۈتۈنلەي قۇرۇقداپ قويغاندىن كېيىن، ئېتىقادىدىنمۇ چېكىندۈرەلەيمىز،» دېدى. شەيتان ئەلەيھىلەنە ۋە قول ئاستىدىكىلىرى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئەيۇپ ئەلەيھىسسالامنى قوي، تۆگە، يەر - زېمىن، قۇل - چاكار ۋە مېۋە - چېۋە، دەل - دەرەخلەردىن، قىسقىسى، گەپ قىلالايدىغان ھەم گەپ قىلالمايدىغان بارلىق نەرسىلەردىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلدى. بۇ چاغدا، شەيتان ئەلەيھىلەنە سالاپەتلىك، بىلىم - ھېكمەتلىك، مول تەجرىبىلىك بىر بوۋاينىڭ تەقلىدىدە ئەيۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا: — بايلىقىڭنىڭ ئاساسىغا ئوت كېتىپ، زىرائەت، مال - ۋاران، پۇل - ماللىرىڭنى پۈتۈنلەي خاراب قىلدى، — دېدى. كىشىلەر بۇ ئېچىنىشلىق مەنزىرىنى كۆرۈپ، باشلىرىنى ساڭگىلاتقان پېتى تۈرۈپ قېلىشى. بىرەيلەن: «ئىلگىرى ئەيۇپ قارىغۇلارچە ئىجادەت قىلىپ خەير - ئېھسان ۋە ناماز بىلەنلا بولۇپ كەتكەندى» دېدى. يەنە بىرەيلەن: «ئەگەر ئاللا يامانلىققا تاقابىل
تۇرالايدىغان بولسا، ئەيۇپ مۇشۇنداق ئىلتىپاتقا سازاۋەر بولۇشقا ئەڭ مۇناسىپ ئىدى» دېدى. يەنە بەزىلەر: «ئاللا ئېمىشقا دوستىنى ئاغرىتىپ، دۇشمەننى كۈلدۈرىدىغان ئىشنى قىلغاندۇ» دېيىشتى. شەيتان ئەلەيھىلەنە كىشىنىڭ ئوغىسىنى قوزغايدىغان گەپ ۋە كىشىنى ئېچىندۇرىدىغان خەۋەرلەر ئارقىلىق ئەيۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېتىقادىنى تەۋرىتىپ، ئۇنىڭ قەلبىگە زىيان - زەخمەت يەتكۈزۈشكە ئۇرۇندى. كىم بىلسۇن، ئەيۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېتىقادى تېخىمۇ قەتئىيلىشىپ، ھەققەتكە بولغان مايىللىقى بارغانسېرى ئاشتى.
— ئاللا ماڭا ئارىيەت قىلغانلىرىنى قايتۇرۇۋالدى، قېشىمدا قويغان ئامانىتىنى ئېلىپ كەتتى. بىز بۇنىڭدىن ئۇزاق مەنپەئەتلەندۇق، مەن ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىمەن. ئۇنىڭ ئۆتكەندە بېرىپ، ھازىر ئېلىپ كەتكەنلىكىگە ھەمدۇسانا ئېيتىمەن. ئاللا مال - مۈلۈكلەرنىڭ ئىگىسىدۇر، ئۇ بۇ نەرسىلەرنى خالىسا بېرىدۇ، خالىسا ئالىدۇ؛ بەزىلەرنى ئەزىز قىلىدۇ، بەزىلەرنى خار قىلىدۇ، — دېدى. ئۇ سۆزلەپ بولۇپ ئاللاھقا سەجدە قىلدى، ئىزاغا قالغان شەيتان بىلەن كارى بولمىدى.
شەيتان ئەلەيھىلەنە ئاللاھنىڭ قېشىغا باردى ۋە ئۆزىنىڭ قىلغان گۇناھىنى پەردازلاش ئۈچۈن مۇنداق دېدى:
— ئى ئىگەم، ئەيۇپ ئىلگىرى سېنىڭ قىلغان شەپقەتلىرىگە ھەمدۇسانا ئوقۇغان، بەختسىزلىككە سەۋر - تاقەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ھازىر ئۆزىنىڭ ئاشۇ بالىلىرىغا تايىنىپ، قولىمدىن كەتكەن پۇل، ماللىرىنى يەنە قايتۇرۇۋالماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئەگەر مەن مېنىڭ ئۇنىڭ بالىلىرىغا ھىيلە - بىكىر ئىشلىتىشىگە ئىجازەت قىلىدىغان بولساڭ، كېسىپ ئېيتىمەنكى، ئەيۇپ ھىدايەتتىن يانغان بولاتتى. مېنىڭچە، ئۇ بەكمۇ نادان ۋە جاھىل. ئەگەر ئۇ بالىلىرىدىن ئايرىلىدىغان بولسا، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ئازاب بولىدۇ.
— بولىدۇ، — دېدى ئاللا، — مەن ساڭا ئۇنىڭ ئوغۇللىرى
ئارقىلىق ئۇنى سىناپ كۆرۈش ھوقۇقىنى تاپتۇردۇم. بىراق، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئېتىقادىنى ئازراقمۇ كېيىنىش مۇمكىن ئەمەس، ئۇنىڭ سەۋر - تاقىتى ۋە ئىرادىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇشمۇ تەس.
شەيتان ئەلەيھىلەنە قول ئاستىدىكىلىرىنى يىغىپ، ئەيۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ بالىلىرى تۇرۇشلۇق قەسىرىگە باردى - دە، كۈچىنىڭ بارىچە بۇ قەسىرنى تەۋرىتىپ يىقىتىۋەتتى، قەسىر ئىچىدىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى تام ئاستىدا قالدى.
شەيتان ئەلەيھىلەنە مەقسىتىگە يېتىپ، ئەيۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئۇ قايغۇرغان قىياپەتتە ئەيۇپ ئەلەيھىسسالامغا:
— ئەگەر سەن بالا - چاقىلىرىڭنىڭ ئۆلۈپ تۈگىگەنلىكىنى بىلگىنىشكە، قىلغان ئىبادەتلىرىڭنى ئاللاھنىڭ مەقبۇل كۆرمىگەنلىكىنى، سېنىڭ مەنپەئىتىڭگىمۇ كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكىنى بىلگەن بولاتتىڭ، دېدى.
ئاللا ئۆزى بەردى، ئۆزى ئالدى، مەيلى ئۇ ماڭا بەرسۇن ياكى مەندىن ئالسۇن، غەزەپلەنسۇن ياكى رازى بولسۇن ۋە ياكى ماڭا زىيان سالسۇن، ياكى پايدا يەتكۈزسۇن، مەن ئاللاھقا مەڭگۈ ھەمدۇسانا ئوقۇيمەن، — دېدى. ئەيۇپ ئەلەيھىسسالام سۆزلەپ بولۇپلا يەردە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ئاللاھقا ئىبادەت قىلدى ۋە شەيتان بىلەن كارى بولمىدى.
شەيتان ئەلەيھىلەنە ئاللاھنىڭ قېشىغا بېرىپ دېدى:
— ئى ئىگەم، ئەيۇپ پۇل، مېلىدىن ئايرىلدى، بالا - چاقىلىرىمۇ ئۆلدى، بىراق ئۇ يەنىلا بۇرۇنقىدەك ساغلام تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇ ساڭا بولغان ئېتىقادىنى سۇسلاشتۇرماي، پۇل، بېلىدىنىڭ قولغا كېلىشىنى، ئوغۇللىرىنىڭ تىرىلىشىنى ئۆمىد قىلىۋاتىدۇ. لېكىن مەن سەندىن ئۇنى يەنە بىر سىناپ كۆرۈشۈمگە
ئىجازەت يېرىشىڭنى سورايمەن. مەن ئۇنى سالامەتلىكىدىن مەھرۇم قىلىمەن. ئۇنىڭغا ئازغىنا دورا ئارىلاشتۇرۇپ بەرسەملا، ئۇنىڭ بەدىنىگە كېسەل يېپىشىدۇ. ئۇ كېسەل بولۇپ يىقىلىسىلا، تائەت - ئىبادەتنىمۇ تاشلايدۇ، بۇ چاغدا مەن ئۇنىڭ ساڭا ئىتائەتمەنلىك قىلىش نىقابىنى يىرتىپ تاشلايمەن، نەتىجىدە ئۇ كېسەل بىلەن بولۇپ، ھەمدۇسانا ئېيتىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالىدۇ. ئاللا ئەيۇپ ئەلەيھىسسالامدىن ساداقەتمەن بەندە بولۇپ قېلىشىنى، شەپقەت - ئىلتىپاتقا شۇكۈر ئېيتىپ، سەۋر قىلغۇچى بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلدى، ئۇنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئازاب - كۈلپەت چەككەنلەر ئۈچۈن تەسەللى بولۇپ قېلىشىنى كۈتتى، ئۇنى دۇنيادا جاپا - مۇشەققەت چېكىشنىڭ تۇنجى ئۈلگىسى، تەۋرەنمەس ئېتىقادنىڭ ئالىيجاناب نەمۇنىسى قىلدى ھەمدە ئۇنى كىشىلەرنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىگە سازاۋەر مەرتىۋىگە ئېرىشتۈردى، قىيامەتتىمۇ ئۇنى غايەت زور شان - شەرەپتىن بەھرىمەن قىلىدىغان بولدى، ئاللا شەيتانغا مۇنداق دېدى:
— مەن ساڭا ئۇنى يەنە بىر قېتىم سىناپ كۆرۈشكە ئىجازەت بەردىم. بىراق سەن ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىغا، تىلىغا، يۈرىكىگە ۋە ئىرادىسىگە دىققەت قىل، ئېتىقادنىڭ سىرى ئەنە شۇلاردا، دىنىي بىلىملەرمۇ ئەنە شۇ يەردە ئىپادىلىنىدۇ.
شەيتان ئەلەيھىلەن ئەيۇپ ئەلەيھىسسالامنى ھەر ئامال قىلىپ كېسەلگە گىرىپتار قىلدى. لېكىن، ئەيۇپ ئەلەيھىسسالام يەنىلا ئاللاھقا ئېتىقاد قىلدى، تېخىمۇ جاسارەتكە تولۇپ، كېسىلى ئېغىرلاشقانسېرى ئاللاھقا شۇنچە تائەت - ئىبادەت قىلدى، ئىرادىسى تېخىمۇ چىڭىدى.
كۈنلەر ۋە يىللار بىر - بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتمەكتە، ئەيۇپ ئەلەيھىسسالام كېسەل ئازابىغا بەرداشلىق بەرمەكتە ئىدى، ياداپ، بەدىنىدە گۆش قالمىدى، يۈزى كىچىكلەپ، چىرايى سولدى، ئاغرىق ئازابى ئۇنىڭغا خاتىرجەم ئۇيقۇ بەرمىدى، دوستلىرىمۇ،
ئاغىنىلىرىمۇ ئۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتتى، يەنە بەزى كىشىلەر ئۇنىڭدىن بىزار بولدى. ئۇنىڭ يېنىدا پەقەت مېھرىبان، شەپقەتلىك خوتۇنلا قېلىپ، ئۇ ئۇنى پۈتۈن كۈچى ۋە پۈتۈن زېھنى بىلەن كۈتتى. بۇ ئايالنىڭ كۆڭۈل - كۆكسى كەڭ ئىدى. ئەيۈپ ئەلەيھىسسالام كېسەل ئازابىنى تارتقاندا، ئۇمۇ تەڭ ئازابلاندى. ئەيۈپ ئەلەيھىسسالام تەكىبە تۇتۇپ يېتىپ قالغان كۈنلەردىمۇ ئۇ ئاللاھقا بولغان ئېتىقادىدىن تەۋرەنمىدى.
شەيتان ئەيۈپ ئەلەيھىسسالامنى ئېتىقادىدىن ياندۇرالماي بەكمۇ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى، لېكىن ئۇ يەنىلا تەن بەرمەي، قول ئاستىدىكىلىرىنى يەنە بىر قېتىم بىر يەرگە بىغىپ، يېڭىلمەس ئەيۈپ ئەلەيھىسسالامدىن ۋە ئۇنىڭ چىدامچانلىقى ھەم قەتئىي ئېتىقادىدىن ئاغرىندى. ئەيۈپ ئەلەيھىسسالام پۇل - مال ۋە ئوغۇللىرىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئاللاھقا ھەسسىلەپ ئېتىقاد قىلاتتى؛ كېسەل ئازابىنى تارتقاندىمۇ، تىلى ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىشتىن توختىمىدى، ئاللاھقا قەتئىي ئىشەنچ باغلىغان يۈرىكى زادى توختاپ قالمىدى.
جىن - ئالۋاستىلار شەيتانغا مۇنداق دېيىشتى:
— سېنىڭ تەدبىر - پىلانلىرىڭ نەگە كەتتى؟ سەن بەك رەھىملىك يول تۇتتۇڭ، شۇڭا ھىيلەڭ ئەيۈپقا تەسىر كۆرستەلمىدى.
— سەن ئىلگىرى ئىنسانلارنىڭ ئاتىسى ئادەم ئەلەيھىسسالامنى جەننەتتىن قانداق ئازدۇرۇپ چىقارغانتىڭ؟ — دېدى يەنە بىر شاياتۇن.
شەيتان ئەلەيھىلەنە ئەيۈپنىڭ ئايالىنى ئىزدىدى. بۇ ئايال ئۆز
ئىشى بىلەن ۋە ئەيۈپ ئەلەيھىسسالامدىن خەۋەر ئېلىش بىلەن بەند ئىدى. شەيتان بىر ئەر كىشى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ: — ئېرىڭ قەيەردە؟ — دەپ سورىدى ئايالدىن.
— مۇشۇ يەردە، — دەپ جاۋاب بەردى ئايال، — ئۆكېسەل ئازابىدا ئۆلەيلا دەپ قالدى، ھازىر قىزىتما ئازابىدا ياتىدۇ. كېسىلى ساقىياي دېمەيدۇ، ئۆلۈپ كەتسە، ھازا تۈتىمەن، ھايات قالسا، ئۈمىد كۈتىمەن.
شەيتان ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئازدۇرۇش نىيىتىدە ئۇنىڭغا ئەر - ئايال ئىككىيلەنسىڭ ياش ۋاقتىدىكى ئامراقلىقىنى، ساغلام، كۈچلۈك ۋاقتىدىكى لەززەتنى ئەسلەتتى ھەم ھازىرقى ئېچىنىشلىق ئەھۋاللار ئۈستىدە سۆزلىدى، بۇنىڭ بىلەن ئايالنىڭ قايغۇسى ۋە تەشۋىشىنى قوزغاپ، ئۇنى نائۇمىدلىكتە ۋە مەيۈسلۈكتە قالدۇردى.
ئايال شەيتاننىڭ قۇترىتىشىغا ئۇچراپ، ئېرىنىڭ قېشىغا باردى - دە؟ ئۇنىڭغا:
— ئىگەڭ سېنى قاچانغىچە قىيناركىنىڭ؟ پۇللىرىڭ نەگە كەتتى؟ بالىلىرىڭچۇ؟ دوست - يارەنلىرىڭچۇ؟ سېنىڭ ئالتۇندەك ياشلىقىڭ قېنى؟ ئىلگىرىكى شان - شۆھرىتىڭچۇ؟ — دېدى.
— سېنى شەيتان ئەلەيھىلەنە ئازدۇرۇپتۇ، قارا سېنى، سەن ئىلگىرىكى شان - شۆھرەت ۋە ئۆلۈپ كەتكەن ئوغۇللىرىڭ ئۈچۈن يىغلاۋاتامسەن؟ — دېدى ئەيۈپ ئەلەيھىسسالام.
— سەن نېمىشقا ئاللاھتىن غەم - قايغۇ ۋە ئازاب - كۈلپەتتىن قۇتۇلدۇرۇشنى تەلەپ قىلمايمەن؟ — دېدى ئايالى.
— سەككىز يىل، — دېدى ئايالى. — سېنىڭ ئازاب تارتقىنىڭغا قانچىلىك ۋاقىت بولدى؟ — دەپ سورىدى ئەيۈپ ئەلەيھىسسالام. — يەتتە يىل بولدى، — دەپ جاۋاب بەردى ئايالى.
ئەيۇپ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:
— ھازىر ئاللاھتىن مېنى ئازاب - كۈلپەتتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئەلەپ قىلىشقا تىلىم بارمايدۇ، چۈنكى مېنىڭ كۈلپەت چەككەن ۋاقتىم راھەت - پاراغەت كۆرگەن ۋاقتىمدىن قىسقا! ئىشىنىمەنكى، سېنىڭ ئېتىقادىڭ ئاجىزلاپ قالدى، ئاللاھنىڭ ھۆكىمىگە تاقەت قىلالمىدىڭ. ئەگەر مەن ساقىيىپ، ماغدۇرۇمغا كەلسەم، سېنى چوقۇم يۈز قامچا ئۈرىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن، مەن ھەرگىز سېنىڭ قولۇڭدىن تائام يېمەيمەن، سۇ ئىچمەيمەن، سېنى قايتا ئۆز ئىشىمغىمۇ سالمايمەن. سەن كەتكىن، ئاللاھنىڭ ھۆكىمىنى كۈتكىن!
ئەيۇپ ئەلەيھىسسالام ئەمدى تەنھا بولۇپ قېلىپ تېخىمۇ ئازابلاندى، كېسىلىمۇ ئېغىرلاشتى. ئۇ ئاللاھتىن مەدەن تىلىدى، ئۇ غەزەپلەنمىدى، پەرىشان بولمىدى، پەقەت ئىبادەتلا قىلدى. ئۇ: — ئى رەببىم، مەن قاتتىق يارىلاندىم، سەن ئەڭ رەھىملىك، ئەڭ شەپقەتلىك، — دېدى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئېتىقادى يۇقىرى پەللىگە يەتكەنىدى. ئۇ شەيتان ئەلەيھىلەننىڭ ئازدۇرۇشىغا تاقابىل تۇرۇپ، ئاجايىپ سەۋر - تاقەتنى دۇبۇلغا - ساۋۇت قىلىپ، تاغدەك ئېغىر كۈلپەتنى كۆتۈرۈپ، ئاخىر ئاللاھنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىدى: ئۇ سەۋر - تاقەتنىڭ ئالىي ئۈلگىسى، ئېتىقادقا ساداقەتمەن ئەلچى بولدى. ئاللا ئۇنىڭ دەرد - ھالىغا يېتىپ، ئۇنىڭغا:
— ئى ئەيۇپ، سەن ئالدىڭغا قاراپ ماڭ، ئۇ يەردە ساڭا بىر بۇلاق ئۇچرايدۇ، سەن ئاشۇ بۇلاقنىڭ سۈيىنى ئىچىدەك ۋە بۇلاق سۈيىدە پۈيۈننىڭ، شىپالىق تاپسەن، بۇرۇنقىدەكلا ماغدۇرۇڭغا كېلىسەن، — دەپ بېشارەت قىلدى. ئەيۇپ ئەلەيھىسسالام بۇلاق سۈيىنى ئىچتى، بەدىنىنى يۈدى - دە، يارىسى شىپالىق تېپىپ پۈتۈنلەي ساقىيىپ كەتتى. ئۇ بۇرۇنقىدەكلا ساغلام ھالغا كەلدى. ئەسلىدە ئۇنىڭ خوتۇنى ئۇنىڭغا ئىنتايىن كۆيۈنەتتى، ئوبدان قارايتتى، ئۇنى تاشلىۋېتىش ئۇنىڭ شەپقەتلىك قەلبىگە كىرىپمۇ
باقمىغانىدى. ئەيۈپ ئەلەيھىسسالام كېسەل بولۇپ تەكىبە تۇتۇپ ياتقاندا، بۇ ئايال ئۇنىڭ كارىۋىنى قېشىدىن ئېرى كەتمىگەنىدى. بۇ ئايال ئېرىنىڭ خۇددى مۆجىزىگە ئېرىشكەندەك شىپالىق تاپقانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، يەنە قايتىپ كېلىپ ئېرىدىن خەۋەر ئالدى. ئايالنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇرغىنى شۇ بولدىكى، ئۇ كېلىشكەن بىر يىگىتىنى كۆردى، ئۇنىڭ چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇراتتى. مۇسكۇللىرى توشقان، كۈچ - قۇۋۋەتكە تولغانىدى. ئايال بۇ كىشىنىڭ ئۆز ئېرى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەي قالدى. لېكىن، تونۇغاندىن كېيىن، ئۇنى قۇچاقلاپ كەتتى. ئۇنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتتى. ئۇنىڭ ئىخلاسمەن مۇمىن ئىكەنلىكىگە قايىل بولدى.
ئاللا ئەيۈپ ئەلەيھىسسالامغا يەنە:
- سەن قولۇڭغا پاخال ئېلىپ خوتۇنۇڭنى يەڭگىل ئۇرغىن. بۇ سېنىڭ ساداقەتمەن ئايالىڭغا قىلغان مېھرىبانلىقىڭ بولىدۇ. ئۇ سەن كېسەل بولغان چېغىڭدىكى بارلىق ئېغىرچىلىقىڭنى ئۈستىگە ئالدى. سېنىڭ ئازابىڭغا شېرىك بولدى. - دەپ بېشارەت بەردى. ئەيۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ سەۋر - تاقەتچانلىقىنى مۇكاپاتلاپ، پۇل - دۇنيالىرىنى يەنە ئۇنىڭغا بەردى. ئۇنىڭغا يەنە بىر بالىمۇ ئاتا قىلدى.
