تۆلەم توغرىسىدا ئاللاھنىڭ كايىشى
تولۇن ئاي چىققان كۈن (رامىزاننىڭ ئون يەتتىسى) قۇرەيشلەر قايتىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ، روھى سۈنۈپ، يۈرەك - باغرى لەختە - لەختە قان بولۇپ، غەزەپ - نەپرىتى تولۇپ تاشقانىدى. ئۇلار رەسۇلۇللاھ بىلەن توقۇنۇش پەيدا قىلىپ شۇنداق جەڭگە كىردىكى. ئاسماننى چاڭ - توزان قاپلاپ كەتتى. توپا - چاڭ تارقىغاندىن كېيىن، بىرنەچچە ئون ئادىمىنىڭ ئۆلگەنلىكى، يەنە بىرنەچچە ئون ئادىمىنىڭ ئەسىرگە چۈشۈپ، قورال - ياراغ ۋە ئۇلاغلىرىنىڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغانلىقى بىلىندى. بۇ ئادەملەر ئاددىي پۇقرالاردىن بولغان يولسا كارى چاغلىق ئىدى، ئەپسۇسكى، بۇ ئادەملەر قۇرەيشنىڭ باشلىقلىرى ۋە كاتتىلىرى بولغاچقا، بۇ تالاپەت ئۇلار ئۈچۈن ناھايىتى زور مەغلۇبىيەت ۋە كۈلپەت ئىدى.
رەسۇلۇللاھغا كەلسەك، ئاللا ئۇنىڭغا ياردەم قىلغاچقا، ئۇنىڭ ھەممە ئىشى كۈتكىنىدەك بولدى. رەسۇلۇللاھ ساھابىلەرنى دۈشمەن ئۆلۈكلىرىنى گوداڭغا تاشلاپ كۆمۈشكە بۇيرۇدى ۋە جەڭدە غەنىيمەت ئېلىنغان نەرسىلەرنى ئادىللىق بىلەن تەقسىم قىلدى. ئەسىرلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ بۇ ھەقتە ئاللاھتىن ئېنىق بېشارەت بولمىدى. رەسۇلۇللاھ توغرا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، ساھابىلەردىن مەسلىھەت سورىدى. ئۇ غازات قاتارلىق چوڭ ئىشلاردا مۇشۇنداق قىلاتتى. چۈنكى، ساھابىلەر پاراسەتلىك، ئۆتكۈر پىكىرلىك، كۈچلۈك ئىرادىلىك كىشىلەر ئىدى. ئۇلاردىكى بۇ خىسلەتلەر رەسۇلۇللاھنىڭ جىمى مەخلۇق ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ھادىسىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا ياردىمى بولاتتى.
بۇ ئەسىرلەر توغرۇلۇق سىلەرنىڭ قانداق پىكرىڭلار
بار؟ — دەپ سورىدى رەسۇلۇللاھ ئۇلاردىن.
— ئى رەسۇلۇللاھ، ئالدىرىمىغىن، ئۇلارنى ھازىرچە تۇتۇپ تۇرايلى. بەلكى ئاللا ئۇلارغا كەڭچىلىك قىلار. سەن ئۇلاردىن ئېلىنغان تۆلەم بىلەن ئۆز كۈچ - قۇدرىتىڭنى ئاشۇرالايسەن. — دېدى ئەبۇبەكرى.
— ئى رەسۇلۇللاھ، ئۇلار سېنى ھەيدەپ چىقاردى، سېنى ئالدىدى. ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋېتەيلى، ئۇلار ئىمانىمىز كاتتىۋاشلار، ئاللا سېنى باي قىلغاي، ھەرگىز تۆلەمگە موھتاج قىلمىغاي. — دېدى ئۆمەر ئىبن خەتتاپ.
رەسۇلۇللاھ ساھابىلىرىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ بولۇپ ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەي ئۆز ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى. مۇسۇلمانلار يەنىلا غۇلغۇلا قىلىشتى. بەزىلەر، رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى قويۇپ بېرىدۇ، ئۇ پەقەت ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنىلا ئۇقۇپ باقماقچى، دېيىشتى. بەزىلەر، ئاللا كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ يۈرىكىنى تاشتىنمۇ قاتتىق قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى يۈمشىتىدۇ. ئى ئەبۇبەكرى، سەن دىلى يۈمشاقلىقتا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئوخشىشسەن، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام، ماڭا ئاسىيلىق قىلغانلار ماڭا مەنسۇپ، سېنى ئۇرغانلار كەڭ قورساقتۇر. دېگەندى. ئى ئەبۇبەكرى، سەن ئىسا ئەلەيھىسسالامغىمۇ ئوخشىشسەن. ئىسا ئەلەيھىسسالام: سەن ئۇلارنى جازالىماڭ. ئۇلار سېنىڭ قۇلۇڭ بولىدۇ. سەن ئۇلارغا كەڭچىلىك قىلماڭ. بۇ سېنىڭ دانالىقىڭ ۋە ئالىيجانابلىقىڭنى بىلدۈرىدۇ. دېگەندى. ئى ئۆمەر، سەن خۇددى نۇھ ئەلەيھىسسالامغا ئوخشىشسەن. نۇھ ئەلەيھىسسالام كاپىرلارغا بەد دۇئا قىلىپ، ئى رەببىم، يەر يۈزىدە كاپىرلارنىڭ بىرىنىمۇ تىرىك قويمىغىن. دېگەن. سەن يەنە مۇسا ئەلەيھىسسالامغىمۇ ئوخشىشسەن. ئۇ: ئى رەببىم، ئۇلارنىڭ پۇل - دۇنيالىرىنى مۇسادىرە قىلغىن! ئۇلارنىڭ قەلبىنى بويسۇندۇرغىن! ئۇلارنى ئىمان كەلتۈرسىگەنلىكى تۈپەيلى، ئازاب - كۈلپەتتىن خالىي قىلغايسەن. دېگەندى. شۇڭا سىلەر، تۆلەم تۆلىمىگۈچە بىرىنىمۇ
تىرىك قويماي ئۆلتۈرىمىز، دەپ قارار قىلىنغلار، دېيىشتى. مەككە شەھىرىدە ۋە قۇرەيشلەرنىڭ پائالىيەت سورۇنلىرىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەسىرلەرنى ئۆلتۈرمەستىن تۆلەم ئېلىپ قويۇپ يېرىش توغرىسىدىكى جاكارى ئېلان قىلىندى. نەتىجىدە، كىشىلەر تېزدىن مەدىنىگە كېلىپ، تۆلەم تاپشۇرۇپ، ئەسىرلەرنىڭ پۇتلىرىدىكى كىشەنلەرنى بوشاتتى.
روسۇلمانلا ئەسىر مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ تۇرۇشىغا، ئاللاھتىن ۋەھىي كەلدى. ئاللا ئۇلارنىڭ تۆلەم ئالىمىز دەپ ئەسىرلەرنى ئۆلتۈرمىگەنلىكىگە كايىدى. چۈنكى، مۇسۇلمانلار ھاكىمىيەت ئورناتقان دەسلەپكى چاغدىلا، ئۆزىنىڭ ئابرۇيى ۋە نوپۇزىنى تىكلىشى، دۈشمەننىڭ خورىكىنى چۈشۈرۈشى، ئۇلاردا ۋەھىيە تۇغدۇرۇش ئۈچۈن دۈشمەننى ئۆلۈم چاراسى ئارقىلىق يېيىشى كېرەك ئىدى. پۇل كۆرۈنۈشتىكى ھەم ۋاقىتلىق مەنپەئەت بولۇپ، ئىككىنچى ئورۇندا تۇراتتى. ئاللا رەھىم - شەپقىتى ۋە ئەقىل - پاراسىتى بىلەن روسۇلمانلادىن خاتالىق ئۆتكۈزگەن غازاتچىلارنى ئەيىبلىمەسلىكنى تەلەپ قىلدى. غەلىبىدىن ئېسىنگىرەپ قالغان كىشىلەرگىمۇ چۈشەندۈرۈشنىڭ ھاجەتسىز ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلدى. ئاللا مۇنۇ ئايەتنى نازىل قىلدى: «يەيغەمبەرنىڭ زېمىنىدا دۈشمەننى قىرماي ئەسىر ئېلىشى پەيغەمبەرگە دۇرۇس ئەمەس. سىلەر دۇنيا مېلىنى كۆزلەيسىلەر، ئاللا سىلەرگە ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى كۆزلەيدۇ. ئاللا غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. ئاللاھنىڭ ئىلگىرى چىقارغان ھۆكمى بولمىسا ئىدى. تۆلەم ئالغانلىقىغالار ئۈچۈن زور ئازابقا دۇچار بولاتتىڭلار.»
