بەنى نەزىر قەبىلىسى غازىتى
— ئەمر، قەيەردىن كەلدىڭ؟ خۇدۇكسىنىپ قاپسەنغۇ، بۇ نېمە ئىش؟ مېنىڭچە، سەن ئادەتتىن تاشقىرى بىرەر چوڭ ئىش قىلغاندەك تۈرسەن، كۆڭلۈڭگە بىرەر سىر يوشۇرۇنغاندەك قىلىدۇ!
— شۇنداق، — دېدى ئەمر ئىبن ئۇمەييە، — پەرىزىڭ توغرا. مەن مەدىنىگە كېتىۋېتىپ، بەنى ئامىرنىڭ ئىككى ئادىمىگە يولۇقۇپ قالدىم ۋە ئۇلارنى ئۆلتۈردۇم. بۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدىكى ئۆچمەنلىك ۋە غەزەپ - نەپرەت تۈگىشى مۇمكىن. چۈنكى، بەنى ئامىر بىئرى مەئۇنە① دە بىزنى زىيانغا ئۇچراتقانىدى.
ئەمرنىڭ سۆھبەتدىشى مۇنداق دېدى:
— سېنىڭ قىلمىشىڭ يامان بوپتۇ، ھەي ئەخمەق! مەن ئەزەلدىن سەندەك ئەخمەقنى كۆرگەن ئەمەس. سەن ياخشى ئىش قىلىمەن دەپسەنۇ، ئەمەلىيەتتە يامان ئىش قىلىپ قويۇپسەن. سەن ئىنتىقام ئالىمەن دەپسەنۇ، لېكىن جىنايەتنى يۈكلىۋاپسەن. سېنىڭ بۇ قىلمىشىڭ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىسىز، سەن بەنى ئامىرنىڭ ئادەملىرىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆزۈڭچە ئىنتىقام ئالدىم دەپ ئويلاپسەن. ئەمەلىيەتتە ئۆلگۈچىلەر بىلەن رەسۇلۇللاھ ئوتتۇرىسىدا ئەھدە بار، ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئىدى. سەن رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا بارغاندىن كېيىن بۇنى بىلىپ قالىمەن.
ئەمر تەتۈر ئىش قىلىپ، زور خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدى. ئۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ يامان بولىدىغانلىقىدىن ئەنسىرەپ
- سئرى مەئۇنە - مەككە بىلەن مەدىنە ئارىلىقىدىكى بىر جاي.
دەككە - دۈككە ئىچىدە رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا ئەھۋال ئۇقۇشقا كەلدى. ئۇ رەسۇلۇللاھنى كۆرۈپ:
ئى رەسۇلۇللاھ، مەن مەدىنىگە بارىدىغان يولدا بەنى ئامىرنىڭ ئىككى ئادىمىنى ئۆلتۈردۈم، مېنىڭ بۇنداق قىلىشىم ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن ئىدى، — دېدى - دە، سۆزىنى تۈگىتىپلا ئۆڭۈپ كەتتى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن غەمكىنلىك ۋە ئوڭايسىزلىنىش ئالامىتى چىقىپ تۇراتتى.
— ئادەمنى سەن ئۆلتۈرسەڭ، قەرزنى مەن تۆلەيدىغان بولدۇم - دە، — دېدى رەسۇلۇللاھ.
رەسۇلۇللاھنىڭ قولىدا ئۈنچە كۆپ پۇل يوق ئىدى. ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ ئادەم ئۆلتۈرگەنلەرگە قويۇلىدىغان جەرىمانىنى چوقۇم تاپشۇرۇش كېرەك ئىدى، ئۇنى نېسى قالدۇرۇشقا ھەرگىز بولمايتتى. قايناپ تۇرغان ھېسسىياتنى ئىشنى كەينىگە سۆرەش بىلەن پەسەيتكىلى بولمايتتى. شۇڭا بۇ ھەقتە يەنىلا بەنى نەزىر قەبىلىسىگە بېرىش كېرەك ئىدى. ئۇلار بەنى ئامىرنىڭ ئەۋلادلىرى، ئۇلار بىلەن رەسۇلۇللاھ ئوتتۇرىسىدا بىر - بىرى بىلەن ئۇرۇشماسلىق، بىر - بىرىگە زىيان يەتكۈزمەسلىك ھەققىدە تۈزۈلگەن ئەھدىنامە بار ئىدى. شۇڭا ئۇلارغا تايانغاندىلا، جەرىمانىنى كۆتۈرۈۋەتكىلى بولاتتى.
رەسۇلۇللاھ ساھابىلەرنى باشلاپ مەدىنە شەھىرى يېنىدىكى بەنى نەزىر قەبىلىسى تۈرۈشلۈق يەرگە كەلدى.
بەنى نەزىر قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ھۈيەي ئىبن ئىبنى ئەختەب: — مۇھەممەدنىڭ ساھابىلەرنى ئېلىپ بۇ يەرگە كېلىشىدە چوقۇم بىر گەپ بار. بىز ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ، نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ باقايلى، — دېدى.
بەنى نەزىرلەر خۇشال ھالدا چىقىپ رەسۇلۇللاھغا ئېھتىرام بىلدۈرۈشتى. لېكىن غەربىي يامان ئىدى، ئۇلارنىڭ قەلبى نارازىلىق ۋە ئۆچمەنلىك بىلەن تولغانىدى.
— ئى مۇھەممەد، سېنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىڭدە چوقۇم
خاسىيەتلىك بىر ئىش بولسا كېرەك. سېنى قارشى ئالىمىز. — دېدى ھۈيەي ئىبىن ئەختەب.
بىر مۇسۇلمان بەنى ئامىرنىڭ ئىككى ئادىمىنى ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ. — دېدى روسۇلللا. — ئۇ بۇنى ئۆزىچە ئىنتىقام ئالغانلىق دەپ ئويلاپ. ئۇلارنى دۈشمەن ئورنىدا كۆرۈپتۇ. ئەمەلىيەتتە ئارىمىزدىكى ئەھدىنامە بويىچە ئۇلار بىزنىڭ ھىمايىمىزدە بولۇشقا تېگىشلىك ئىدى. مەن بۇ يەرگە سەندىن ياردەم تەلەپ قىلىپ كەلدىم.
— ئى مۇھەممەد. ئىشىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولىدۇ. بۇ يەردە دەم ئېلىپ بىرئاز كۈتۈپ تۇرغىن. بىز پۇلنىڭ غېمىنى قىلىپ ئاندىن ساڭا ئەكېلىپ بېرەيلى. — دېدى ھۈيەي ئىبىن ئەختەب. روسۇلللا تامغا يۆلىنىپ ئولتۇردى. ساھابىلەر بىر چەتتە قاراپ تۇرۇشتى. لېكىن. بەنى نەزىرلەر بولسا ئۆيىدە سۈيىقەست پىلانلىدى. ئۇلار بىر - بىرىگە: مۇھەممەدنى نېمە ئۈچۈن ئۆلتۈرمەيمىز؟ ھازىر بۇنى پۈتۈنلەي قىلالايمىز. دېيىشتى. ئۇلار روسۇلللانى ئۆلتۈرمەكچى بولدى. ئۇلار روسۇلللانى يالغۇز. يار - يۆلەكسىز. ناھايىتى كەلسە ئازغىنە ساھابىلىرىلا بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ قوللىرىدا تۆمۈرنىڭ سۈنۈقىمۇ يوق. دەپ ئويلاشتى. ئۇلار يەنە:
— ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتسەك. تازا كۆڭۈلدىكىدەك ئىش بولىدۇ. ئەرەبلەرنىڭ يۈرىكىدىكى دەردمۇ تۈگەيدۇ: ئۇنى قويۇۋەتسەك. ئۇ ئىككىنچىلەپ ئالدىمىزغا كەلمەيدۇ… قېنى. كىم ئۇنى ئۆلتۈرۈپ ئىبرەت قىلىشنى قۇۋۋەتلەيدۇ؟ — دېيىشتى.
— مەن باشلامچى بولۇپ ئۇنى ئۆلتۈرۈپ. دەردىڭلارنى چىقىرىپ بېرەي. — دېدى ئەمر ئىبىن جەھىش. ئۇ سۆزىنى تۈگىتىپلا. ئۆگىزىدىن روسۇلللانىڭ ئۈستىگە تاش تاشلاپ ئۈچۈقتۈرۈۋېتىشكە تەييارلاندى. ئۇ ئۆگىزىگە چىققاندا. بىردىنلا روسۇلللانىڭ كېتىپ قالغانلىقىنى سەزدى. ئاللا سۈيىقەست. ھىيلە - مىكىرنى تارمار قىلدى.
روسۇللا ئۆز ھەمراھلىرى قېشىغا قايتىپ كېلىپ: بەنى نەزىرلەر ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، مېنى ئۇچۇقتۇرماقچى بولدى، ئەگەر ئاللا بۇنى ماڭا يېشارەت قىلمىغان بولسا، ئۇلارنىڭ سۈيىقەستى ئەمەلگە ئېشىپ قالغان بولاتتى، — دېدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقدىشىدىن ئايرىلدى، ئىككى قاناتتىكى بىخەتەرلىكتىن كاپالەتسىز قالدى. روسۇللا مۇھەممەد ئىبن مەسلەمەنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا يۈرتتىن چىقىپ كېتىشنى، بولمىسا، ئۇرۇش ئاپتىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
مۇھەممەد ئىبن مەسلەمە ئۇنلۇك ئاۋازدا مۇنداق دېدى: — ھوي بەنى نەزىرلەر، بىز سىلەرنىڭ سۈيىقەستى، ھىيلە - مىكرىڭلارنى بىلىۋالدۇق، ئاللا بۇنى ئۆز ئەلچىسىگە ئۇقتۇردى. بىز ئەمدى سىلەرگە ئىشەنمەيمىز. بۇنىڭدىن كېيىن ئائىلەڭلەردە تۇرۇشقا بولمايدۇ، ئەرلەرنىڭ ھاياتىمۇ كاپالەتلەندۈرۈلمەيدۇ. يۈرتتىن چىقىشنىڭ ئۆزى نىجاتلىق يول. سىلەر قەينۇقا قەبىلىسىگە بېرىپ تەۋەلىك تەلەپ قىلىڭلار! بەنى نەزىرلەر قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى، بۇ يېشىكەللىكنى ئۆزلىرى تاپقانلىقىنى چوڭقۇر چۈشەندى. ئەگەر مەدىنە شەھىرىدىكى مۇناپىقلارنىڭ باشلىقى ئابدۇللا ئىبن ئۈبەي مەدەت بەرمىگەن بولسا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مەدىنىدىن چىقىپ كەتمەكچى بولغاندى. ئابدۇللا ئىبن ئۈبەي:
يۈرتۈڭلاردىن چىقىپ كەتمەڭلار، بىز سىلەرگە يار - يۈلەكتە بولمىمىز. سىلەر ھەيدەلسەڭلار، بىزمۇ سىلەر بىلەن چىقىپ كېتىمىز، نائىلاجلىقتىن ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قالساڭلار، بىز سىلەرگە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مەدەت بېرىمىز، ئىلاھ ئۇلارنىڭ ئىمانىمىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ، — دېدى.
روسۇللا ئۇلارنىڭ ئىشەنمىگەنلىكى ۋە جاھىللىق قىلغانلىقىنى ئۇقۇپ، ئۇلارنى جازالىماقچى بولدى. روسۇللانىڭ قوشۇنى ئۇلارنى بىرنەچچە كېچە - كۈندۈز مۇھاسىرىگە ئالدى،
المسلمان المسلمين www.al-muslim.com
سنت حالق ناسرتانی
لېكىن ئۇلاردىن ھېچكىممۇ ئىشىك ئاچمىدى، تەسلىممۇ بولمىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ خورما دەرەخلىرىنى كېسىۋەتمەي، ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، بەنى نەزىرلەرنىڭ جاسارىتى ۋە كۈچ - قۇۋۋىتىنى يوقىتىشقا ھازىرلىنىۋاتقانلىقىنى بەنى نەزىرلەر سەزدى. ئۇلار روسۇللىلادىن قانلىق ۋەقە تۇغدۇرماسلىقىنى، تۆگىلىرىدىن باشقا پۇل - مېلىنى ئېلىپ سۈرگۈن بولۇپ چىقىپ كېتىشكە ئىجازەت بېرىشنى ئۆتۈندى.
روسۇللىلا ئۇلارنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولدى. ئۇلار ۋەدىگە ۋاپا قىلماسلىقتەك ئار - نومۇسنى بېشىغا ئېلىپ، يۇرتىنى تاشلاپ چىقىپ كەتتى. «كىمكى ۋەدىسىدە تۇرمايدىكەن، ئۇ زىيان تارتىدۇ.» «ئۇلارنىڭ سۈرگۈن بولۇشىنى ئاللا ئىرادە قىلمىغان بولسا، ئۇلار بۇ ئالەمدە ئازاب - كۈلپەت چېكەتتى، ئۇ ئالەمدە دوزاخقا كىرەتتى. ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىگە خائىنلىق قىلدى، ئاللاھنىڭ جازاسى قاتتىقتۇر.»
