ئاللاھنىڭ بەنى ئىسرائىلنى جازالىشى
بەنى ئىسرائىل زېمىنىدا كەيپ - ساپا بىر مەزگىل ئەۋج ئېلىپ كەتتى. ئۇلار غاپىللىق پاتقىقىغا چوڭقۇر يېتىپ بىر تىنىقتىلا قالدى. مۇشرىكلىق ھەممە ياققا تەڭ يامراپ جەمئىيەتكە بەكمۇ ئەنسىرلىك سالدى. كىشىلەرنىڭ قەلبىدە رەھىم - شەپىقلىقتىن دېرەك قالمىدى. ئۇلار پەيغەمبەرنىڭ ھەيۋىتىنىمۇ كۆزگە ئىلىمىدى. مۇشرىكلارنىڭ بەزى ئۆلىمالىرى ئاللاھنىڭ
سۆزلىرىنى ئىنكار قىلدى. ئۇنىڭ ئەلچىسىنى ئالدىدى، بېشارەتلىرىگە پىسەنت قىلمىدى. ئۇلار ھەقىقەتەن ئازاب - كۆلەتنىڭ دەردىنى تېتىپ بېقىشقا، ئاللاھنىڭ جازاسىغا ئۇچراشقا ھەقلىق بولۇپ قالغانىدى. لېكىن، ئۇلۇغ ئاللا ئەڭ ئادىلدۇر. ئۇ ئاشۇ مەلىئۇنلارغا ھىمايەت بولىنى كۆرسەتمەي ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرماي تۇرۇپ، ئۇلارنى جازالىمايدۇ.
ئارمىيا ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن بىرى بولۇپ، قەبىلىلەردىكى ھەرقايسى ئائىلىلەرنىڭ تايانچسى ئىدى. ئۇ ھەقىقەتنى تەشۋىق قىلىپ، ئاللا ئەمرىنى شەرھلەپ مۇنداق دەيتتى: — ئى بالىلىرىم، سىلەر ئۇزۇندىن بېرى چۈشكۈنلىشىپ كەتتىڭلار، ھازىر يۇقۇملۇق كېسەل ئەدەپ كەتتى. ئاللاھنىڭ ئاچچىقى كەلدى. سىلەر ئاللاھنىڭ تەلىمىنى بىر چەتكە قايرىپ قويدۇڭلار. سىلەر بۇنىڭغا ئىشەنمىدىڭلار. بىلىشىڭلار لازىمكى، جاھاننىڭ ھەممە يېرىدە ئاللاھنىڭ ئىتلىپاتى بار. بەزىسى ئاشكارا، بەزىسى يوشۇرۇن. ئۇ ئۆز ئىلكىدىكى زېمىندا سىلەرگە خاتىرجەملىك بەردى. سىلەرنى ماكانلاشتۇردى. ئۇ دۇنيادىمۇ سىلەرگە ياخشىلىق قىلىدۇ.
ئىلگىرى سىلەردە مۇشۇنداق ساۋاق بولۇپ ئۆتكەن. سەيناھەلب دېگەن باتۇر قەيسەر پادىشاھ بابىلدىن كېلىپ سىلەرگە زەربە بەرگەن ۋە سىلەرنى بوزەك ئەتكەن چاغدا، سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى ئوتلاقلىرىڭلارنى زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋېلىش ۋە زېمىنىڭلارغا ئىچكىرىلەپ كىرىش قىستىدە بولغانىدى. ئەگەر سىلەر ئۇنى ئۆز خاھىشىغا قويۇپ بەرگەن بولساڭلار، چوقۇم يوقالغان بولاتتىڭلار. ئاللا سىلەرگە رەھىم قىلدى. ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى شائىبە ئۇنىڭدىن سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا بالايىئاپەت كەلتۈرمەسلىكنى، بابىللىقلارنىڭ ھىيلە - مىكىرلىرىنى تارمار قىلىشنى تەلەپ قىلدى. شائىبەنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولدى،
ئۇ بابىل پادىشاھى بەنى ئىبرانىلغا نامايۇر قىلىپ مائون تەرجىمى بولسىلغان.
ئۇ بولۇپ ئىمىن خاتىبە ئىبى ئىبوس، پەيغەمبەرلىرىدىن بىرى.
دۇشمەنلەر شەرمەندىلەرچە قاچىتى. ئۇلارنىڭ لەشكەرلىرى گۇمران بولدى.
شائىمە نېمە ياخشىلىققا ئېرىشتى؟ ئۇنىڭ سىلەرنىڭ نەزەرىڭلاردىكى ئورنى قانداق بولدى؟ ئەگەر ئۇ باشقا جايلاردا بولغان بولسىمدى. كىشىلەر ئۇنىڭ قىلغان ساۋابلىق ئىشلىرىنى ئەسلىگەن. ئېغىزدىن چۈشۈرمەي تەرىپلىگەن ۋە ئۇنىڭ گەپ - سۆزىگە كىرگەن بولاتتى. سىلەرنىڭ قىلغىنىڭلار كىشىنى قانچىلىك ئېچىندۇرىدۇ - ھە! كىشىنى ھەقىقەتەن ئەپسۇسلاندۇرسىلەر. سىلەر ئۇنى ياراتمىدىڭلار. ئۇ نائۇمىد بولدى. كېيىن سىلەر ئۇنى ئۆلتۈردۈڭلار. سىلەر رەھىمدىل. شەپقەتلىك ۋە جىگەرلىك بىر ئادەمنى كەمسىتىڭلار. ئۇنىڭ پاك روھى جەننەتكە كىرىپ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى. ئۇنىڭ روھى ھېلىمۇ ئادالەتسىزلىك ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ. ئۆزىنىڭ ئاسىي ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلماقتا.
سىلەر شۇ چاغدىن تارتىپ گويا ئاللاھنىڭ تەلىمىنى ئاڭلىمىغاندەك ۋە ياكى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى چاقىرغانلارمۇ گويا ئۆزۈڭلار ئەمەستەك. يامانلىقنى داۋاملاشتۇرۇپ، بىر - بىرىڭلارنى چېقىپ كەلدىڭلار. سىلەر يەنىلا سەمىمىي گەپكە قۇلاق سېلىڭلار. بۇ جىددىي ئاگاھلاندۇرۇشنى قوبۇل قىلىڭلار. ئاللا سىلەرنى ھىدايەتكە قايتۇرۇپ كېلىش ھەققىدە يېشارەت بەردى. ئاللا ماڭا سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشقا بۇيرۇدى. ئىشنىڭ ئاقىۋىتىگە دىققەت قىلىڭلار. مۇبادا سىلەر غاپىللىقتىن ئويغانماي. ئاشۇ ئەخمىقانە نادانلىقنىڭ ئەدەپ كېتىۋېرىشىنى يەنە توسۇمايدىغان بولساڭلار. ئاللاھنىڭ تەلىمىدە كۆرسىتىلگەنلەرگە قايتىپ كەلمەي. ئاللاھنىڭ تەلىمىدە بەلگىلەنگەن ئەھكاملارغا بويسۇنۇپ ساۋابلىق قىلغۇچى قەبىلىلەردىن بولمايدىغان بولساڭلار. ئاللا سىلەرگە ئادىمى كۆپ، قورال - ياراغلىرى خىل. ئىرادىسى پولاتتەك قوشۇنلارنى ئەۋەتىدۇ. سىلەرگە ئىككىنچىلەپ رەھىم - شەپقەت قىلمايدۇ. بەلكى سىلەرگە زورلۇق ئىشلىتىدۇ ۋە زۇلۇم سالىدۇ. ئۆي -
جايلىرىڭلارنى قايتۇرۇۋالىدۇ. ئورداڭلارنى كۆمپەيكۈم قىلىۋېتىدۇ. قەلئە - تۇرالىرىڭلارنى ۋەيران قىلىدۇ. ھەشەمەتلىك چار بېغىڭلار يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ئىلكىدە قالىدۇ. ھوسۇل بېرىدىغان يەر - زېمىنىڭلار يولۋاس - يىلپىزلارنىڭ ماكانىغا ئايلىنىدۇ. ئاللا ياراتقان ئىبادەتخانىغا سىلەرنىڭ يۈرىكىڭلار قويۇلىدۇ. سىلەر يا ئەسىر بولۇپ كېتىسىلەر. يا ئۆلتۈرۈلۈپ تۈگەيسىلەر.
سەن سىلەرنى ئىمكانىيىتىمنىڭ بارىچە سەمىمىي ئاگاھلاندۇردۇم. ئەھۋالنى ئوچۇق كۆڭۈللۈك بىلەن چۈشەندۈردۈم. بۇنىڭدىن كېيىن قانداق يولدا مېڭىشقا ئۆزۈڭلار مەسئۇل بولۇشۇڭلار كېرەك.
— سېنىڭ بىزنى بۇ يەرگە يىغىپ كېلىشتىكى سەۋەبلىرىڭ شۇمىدى؟ — دېيىشتى. ئۇلارنىڭ ئاقساقاللىرى. — سەن تەپ تارتماستىن ئاللاھنىڭ ئالدىدا كاز ئاپلىق قىلدىڭ. ئەجەبا. بىزنى ياراتقان. بىزنى ئۆز تەلىمىنى قوبۇل قىلىشقا تاللىغان ئاللا پادىشاھلىقنى ئاتەشپەرەسلەرگە تاپشۇرۇپ بېرەرمۇ؟ ئۇلارنىڭ يولباشچىلىرى بۇتقىلا تىز پۈكۈپ. تەپەككۇر قىلىش ئورنىغا پالغا تايىنىپ. غايىلىق ئىچىدە تېڭىرقاپ يۈرمەكتە.
— تازىمۇ ئادەمكەنسىلەر. — دېدى ئارمىيا ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا. — ئاللا سىلەرنى جازالاشقا ئادەم ئەۋەتىدۇ. سىلەرگە تېخى ۋابا كېسىلى ۋە توپان بالاسىدەك ئاشۇنداق زور بالايىئاپەت كەلتۈرىدۇ. قېنى. ئېيتىپ بېقىڭلار. سىلەرگە زور بالايىئاپەت كەلتۈرۈش بىلەن سىلەرگە زۆلۈم قىلىدىغان ئىمانى يوق بىر مۇشرىكنى پادىشاھ قىلىپ ئەۋەتكەننىڭ نېمە پەرقى بار؟ ئاللا مېنى سىلەرنى ئالداش ئۈچۈن ئەمەس. بەلكى سەمىمىي ئاگاھلاندۇرۇشقا بۇيرۇدى. سىلەر يەنىلا ئوبدان ئويلىنىپ. كېيىنلىكىڭلارنىڭ غېمىنى قىلىڭلار.
— سېنىڭ بىز بىلەن قىلغان مۇنازىرەڭ يېتىپ ئاشتى. دېدى ئۇلار. — سەن خۇددى چۈش كۆرۈۋاتقاندەك. بۇ كەڭ
زېمىندا گەپدانلىقىڭ بىلەن يورغىلاپ يۈرسەن، ھەدېسىلا بىزنى ئەيىبلەيسەن، قارىغاندا، سېنى ئىككى قولۇڭنى باغلاپ، ئىككى پۈتۈڭنى كىشەنلەپ، چوڭقۇر زىندانغا تاشلىۋەتسەك يا بولمىسا يىراق جايغا پالىۋەتسەك بولغۇدەك.
ئەتىسى ئەتىگەندە، ئارمىيا ئەلەيھىسسالام زىندانغا تاشلاندى. بىر كۈنى ئەتىگەندە، بەنى ئىسرائىل شەرق تەرەپتىن ئاسمان - پەلەك چاڭ - توزان كۆتۈرۈلۈپ، كۈننى توسۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. چاڭ - توزان بارغانسېرى قويۇقلىشىپ، پۈتكۈل يەر - جاھان قاراڭغۇلاشتى. سەل ئۆتكەندىن كېيىن، چاڭ - توزان تارقىلىپ، يىراقتىن بىر پالۋان كۆرۈندى. ئۇ چاناپ - چېپىپ كەلمەكتە ئىدى. بەنى ئىسرائىللار ئالاقزادىلىك ئىچىدە جان تىكىپ قارشىلىق كۆرسىتىشكىلا مەجبۇر بولدى. بۇ پالۋان بايىلدىن كەلگەن بۇختەنەسىدە ئىدى. ئۇنىڭ مەقسىتى بەنى ئىسرائىلنى يوقىتىش ئىدى. ئۇلار ئاللاھنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ئاللا بۇختەنەسىدەنى ئىتتىقام ئېلىشقا ئەۋەتكەندى.
«ئۇنىڭغا نېمە بىلەن تاقابىل تۇرىمىز؟ ئۇنى كىم يېڭەلەيدۇ؟ - دېيىشتى ئۇلار بىر - بىرىگە، - ئارمىيا بىزگە ئاگاھلاندۇرغان جازا شۇمىدۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، بېشىمىزغا چوڭ بالا كەپتۇ!»
ئۇلار تاقابىل تۇرۇش چارىسىنى ئويلاپ بولغۇچە، بۇختەنەسىدە جەڭنى ئاياغلاشتۇردى. مانا ئەمدى ئۇلار قالايمىقان جۇپلۇگەنساڭ ئاقىۋىتىنى چۈشەندى. بۇختەنەسىدە شەھەرنى خاراب قىلدى. بارلىق ئۆي - ئىمارەتلەر ۋەيران بولدى. بارلىق ئوردا - سارايلار ئۆرۈلۈپ چۈشتى، يول ۋە باشقا ئەسلىھەلەر پۈتۈنلەي بۇزۇۋېتىلدى، شەھەرنىڭ ئەسلىي قىياپىتى پۈتۈنلەي يوقىلىپ تونۇغۇسىز بولۇپ كەتتى.
«بۇختەنەسىدە ئېرۇسالىمنى خاراب قىلىپ، بۇ مۇقەددەس جايغا زىيان يەتكۈزدى. بۇ مۇقەددەس جاينى تاۋاپ قىلىشنى
ئەمەلدىن قالدۇردى. كىشىلەر ئۆلتۈرۈلدى ياكى باشقا جايلارغا سۈرگۈن قىلىندى. بۇ يەردە پەقەت ئۆي - ئىمارەتلەرنىڭ خارابىسىلا قالدى، ھەممە ياق چۆلدەرەپ تۇراتتى.
بىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يېڭى ئەۋلادلار ئۆسۈپ يېتىلدى. بۇختىنەسەر قېرىپ ئۆلدى. بېشىدىن كۆپ ئىش ئۆتىگەن، يىلتىزى بوش بىر پادىشاھ بابىلنىڭ تەختىگە چىقتى. ئۇ بەنى ئىسرائىلنىڭ قول - پۇتلىرىغا زەنجىر - كىشەن سېلىنغان ھالدا پەسەندىلەرچە يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ:
بۇ نېمە ئىش؟ بۇلار نېمە ئۈچۈن بۇنچە خورلىنىدۇ؟ -
دەپ سورىدى. كىمدۇر بىرى مۇنداق جاۋاب بەردى: - بۇلار يەتتۈرۈشنىڭ ئەۋلادلىرى، داۋۇدنىڭ نەۋرىلىرى، ئۇلار
بۇرۇن سۇرىيىدە تۇراتتى، ئۇ يەرنىڭ مەھسۇلاتى قول، سۆيى تاتلىق ئىدى. سېنىڭ بوۋاڭ ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ يۇرتىغا ھۆكۈمران بولدى. ئۇلارنى تەرەپ - تەرەپكە مەجبۇرىي تارقىتىۋېتىپ، مۇشۇنداق خورلۇققا قويدى.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ پادىشاھنىڭ ئۇلارغا ئىچى ئاغرىپ: ئائىلەڭلەرگە قايتىپ، ئىلگىرىكىدەك ئىبادەت بىلەن
مەشغۇل بولۇڭلار! - دەپ خىتاب قىلدى. بەنى ئىسرائىل ئىلگىرىكى يۇرت - ماكانلىرىغا قايتتى. ئاللا ئۇلارغا يەنە شەپقەت قىلدى. پۇل - مال بەردى. يەر - زېمىنلىرىدا زىرائەت ئۈندى، چارۋا - ماللىرى ئاۋۇدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەنە بەختلىك ۋە ئازادە تۇرمۇشقا ئىگە بولدى.
ئۇلار بۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىپ ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىشى كېرەك ئىدى. لېكىن، يامانلىق قىلىش يېشانىسىگە پۈتۈلۈپ كەتكەن كىشىلەر قاچان ساۋابلىق قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان؟ بۇسۇڧ ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالامغا بىرلىشىپ زىيانكەشلىك قىلغان ئادەملەر قاچان تاجاۋۇزچىلىق قىلماي. سىڭگەن نېنىنى يەپ يۈرگەن؟ بەنى ئىسرائىل ياخشى كۈنگە ئېرىشىپلا. يەنە يامانلىق قىلىشقا باشلىدى. ئۇلار باشقىلارغا ئۈزاققىچە
شەپقەتسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلدى. كېيىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئىككى ئەلچى - مېھىر - شەپقەتلىك پەيغەمبەر زىكرىيا ئەلەيھىسسالام بىلەن يەھيا ئەلەيھىسسالام مەيدانغا كەلدى. بەنى ئىسرائىل ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلدى. بۇ جىنايەت يەنە ئاللاھنىڭ ئىنتىقام ئېلىشىغا سەۋەب بولدى. ئاللا ئىلگىرى بۇختەنەسىدىنى ئەۋەتكەندەك، بۇ قېتىم زۇدەرىزىنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنى تارتىۋالدى، ئىجادەتخانىلىرىنى ۋەيران قىلىپ، ئۇلارنى تەرەپ - تەرەپكە پالاپ، مەڭگۈ خورلۇقتا قالدۇردى. ئۇلار شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھنىڭ جازاسىغا ئۇچرىدىكى، ئۇلار ئىمان كەلتۈرمەي، پەيغەمبەرگە زىيانكەشلىك قىلغانىدى.
