قوش مۇڭگۈزلۈك پادىشاھ (زۇلقەرنەين ئەلەيھىسسالام)
يىراق سەپەر يولىنى ئاچقان قوش مۇڭگۈزلۈك پادىشاھ مەغرىبكە يېتىپ باردى. يول ئۈستىدە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى گويا ئادەمزات يوق بەردە كېتىۋاتقاندەك توسالغۇسىز ئىلگىرىلىدى. ئۇ سەراتان تومۇز، قەھرىتان سوغۇقنى ۋە پاتقاق يوللارنى پىسەنت قىلماي يۈرۈش قىلاتتى. چۈنكى، ئۇنىڭغا ئاللا مەدەتكار ئىدى. ئاللا ئۇنىڭغا ئېھتىياجلىق ھەممە نەرسىنى يەتكۈزۈپ بەردى ۋە ئۇنى يېڭىلمەس، غالىب قىلدى.
ئۇ توختىماي ئىلگىرىلەپ، سۈيى دوغاپتەك لېيىپ كەتكەن بىر قۇدۇقنىڭ يېنىغا كېلىپ قالدى. ئۇ قۇدۇق ئىچىگە قاراپ، ئۇ يەردە بىر گۈرۈھ گۈمراھلارنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ قالدى. بۇ ئادەملەر زورلۇق - زومبۇلۇق، ئەسكىلىك قىلغان، كىشىلەرنىڭ چېنىغا زامىن بولغانلار ئىدى. ئۇلارنى كۆرۈپ قوش مۇڭگۈزلۈك پادىشاھنىڭ غەزىپى كەلدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ ئاللاھتىن ئۇلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا كۆرسەتمە سورىدى. ئاللا ئۇنىڭغا ئىككى چارىنى بېشارەت قىلىپ، قايسىسىنى تاللىۋېلىشنى ئۇنىڭ ئىختىيارىغا قويدى. بۇ چارىلەرنىڭ بىرى، ئۇلارنىڭ قىلغان جىنايىتىگە تېگىشلىك جازا بېرىش؛ يەنە بىرى، ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىش ئىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىچىدە يامانلىقتىن قول ئۈزۈپ، توغرا يولغا ماڭىدىغانلارنىڭ چىقىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن ئىدى. قوش مۇڭگۈزلۈك پادىشاھ ئىككىنچى چارىنى تاللاپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشكە ئالدىرىماي، يامانلىق قىلغانلارغا ياخشىلىق بىلەن مۇئامىلە قىلماقچى بولدى. ئۇ: «يامانلىق قىلغانلار جازاغا
تارتىلىدۇ. رەببىيەتكە دەرگاھىغا بارغاندا چوقۇم قاتتىق جازالىنىدۇ. يامانلىقتىن قول ئۈزۈپ ياخشىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلار ئۇنىڭ خاسىيەتىنى كۆرىدۇ. دېدى. ئۇ بىر مەزگىل ئۇلار بىلەن بىللە تۇرۇپ، ئاجىزلارغا يار بولدى. يامانلارنى توستى. ھەققانىيەتنى تەشۋىق قىلدى. ياخشىلىقنى تەشەببۇس قىلدى. كېيىن ئۇ شەرققە يۈرۈش قىلىش قارارىغا كېلىپ، يول بويى باتۇرانە جەڭ قىلىپ ماڭدى. ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي. ئۇ ئاجايىپ ئاۋات بىر يەرگە كېلىپ قالدى. بۇ يەرنى كۈن تۇرى قاتتىق قىزىتىپ تۇرسىمۇ، كىشىلەردە ئۆزىنى كۈن تۇرىدىن دالدىغا ئالغۇدەك ئۆي. سايىدىغۇدەك دەل - دەرەخلەر يوق ئىدى. بۇ بەلكىم ئۇلارنىڭ نادانلىقىدىن بولسا كېرەك. قوش مۇڭگۈزلۈك پادىشاھ ئۇلارغا نۇرغۇن بىلىملەرنى بەردى. ئاندىن ئۇ يەنە شىمالغا قاراپ داۋاملىق يۈرۈش قىلىپ. تاغ چىلغىسىغا جايلاشقان بىر دۆلەتكە يېتىپ كەلدى. بۇ يەردە ئۇنىڭ بىلىمگەنلىكتىن، ئۇلارنىڭ نېمىدەپ سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى بىلىمسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئەسكىلىكتە داڭق چىقارغان كارزاپ يەجۈج ۋە مەجۈجلەر بىلەن قوشنا ئىكەنلىكىنى بىلدى. بۇ دۆلەتلەردىكى خەلقلەر قوش مۇڭگۈزلۈك پادىشاھنىڭ كۈچلۈك ئەلچى ئىكەنلىكىنى، كاتتا ھوقۇق ۋە نۇرغۇن قوللىغۇچىلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ ئۇنىڭغا بەيئەت قىلدى ھەم دۈشمەننىڭ ناجاۋۇزىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بىر سېپىل سوقتى. چۈنكى، يەجۈج ۋە مەجۈجلەر ئەخلاقى بۇزۇق. ياخشى گەپنىمۇ، يامان گەپنىمۇ ئاڭلىمايدىغان. مەخسۇس پۇل - دۇنيانىلا تالان - تاراج قىلىدىغان بىر توپ ياۋۇزلار ئىدى. قوش-مۇڭگۈزلۈك پادىشاھ ئاللائانا قىلغان خەير - ئېھسان، ياخشىلىق ۋە خەزىنە بىلەن ئۇ يەردىكى خەلقنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولدى.
نەتىجىدە. كىشىلەر ئۇنىڭغا تۆمۈر، مىس، ئوتۇن ۋە كۆمۈرلەرنى ئەكېلىپ بەردى. ئاندىن ئۇ مىس، تۆمۈرلەرنى ئىككى خەلقنىڭ ئارىلىقىغا جەملەپ، ئەتراپىغا كۆمۈر بىلەن ياغاچ توپلاپ
ئوت ياقتى. مس. تۆمۈر ئېرىتمىسىدىن ئىككى تاغ ئارىلىقىدا مۇستەھكەم بىر تاغ ھاسىل بولدى. يەجۈج بىلەن مەجۈجلەر بۇ تامدىن ھالقىپ ئۆتەلمىدى ھەم ئۇنى تېشەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئاللا ئۇ يەردىكى خەلقنى چەتتىن كېلىدىغان تاجاۋۇزچىلارنىڭ ئازابىدىن ساقلاپ قالدى.
قوش مۇڭگۈزلۈك پادىشاھ بۇ يىمىرىلمەس ئۇزۇن دامبىنى كۆرگەندىن كېيىن چىن قەلبىدىن: «بۇ رەببىمنىڭ رەھىم – شەپقىتى. ئۇ خالىما، تام سېپىللارنىمۇ تۈزلىۋېتەلەيدۇ. ئاللاھنىڭ ۋەدىسى بەرھەق» دەپ خىتاب قىلدى.
