تەركىبكە ئۆتۈش

خەتكۈشلەر (ساقلانغان بەتلەر)

ھازىرقى بەت:...

تېخى ھېچقانداق بەت خەتكۈشكە قوشۇلمىدى

تۆۋەندىكى كۇنۇپكىنى ياكى بەتلەردىكى خەتكۈش بەلگىسىنى چېكىپ بۇ يەرگە ساقلىۋالالايسىز.

تەڭشەكلەر

يېزىق
يورۇقلۇق ھالىتى
بەت ئۇسلۇبى
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى
ئەرەبچە خەت نۇسخىسى
خەت چوڭلۇقى

سۈلھىنىڭ بىكار قىلىنىشى

مۇسۇلمانلار مەدىنە شەھىرىگە تىنچ - ئامان قايتىپ كەلدى. ئۇلار مەككىگە قىلغان سەپىرىدە شەھەرگە كىرىپ بەيتۇللانى تاۋاپ قىلىش ۋە ئۆز يۇرتىنىڭ ھاۋاسىدىن نەپەس ئېلىشتىكى ئارزۇ - ئارمانلىرىغا يېتەلمىگەنلىكى ئۈستىدە پاراڭلاشقانلىرىدا، قەلبىدە ئاغرىنىش كەيپىياتى يەنە قوزغىلاتتى.

رەسۇلۇللاھ مۇسۇلمانلارغا ھامان ئۇلارنى باشلاپ مەككىگە كىرىپ بەيتۇللانى تاۋاپ قىلدۇرىدىغانلىقىغا كۆپ قېتىم ۋەدە قىلدى، ئۇلارمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزىنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى

بىلەتتى. چۈنكى، روسۇللا ئەزەلدىن ئۆز لەۋزىدە تۇراتتى، شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار بەيتۇللانى تاۋاپ قىلىش تەشنالىقى ۋە ئۆز يۇرتىنى سېغىنىش ئازابىدىن خاتىرجەم ئۇخلىيالمايتتى، گېلىدىن تاماق ئۆتمەيتتى، ئەينى ۋاقىتنى ئەسلەپ مۇنداق ئويلىشاتتى: «ئىلگىرى، مۇسۇلمانلار ناھايىتى ھەيۋەتلىك، ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى، ھېچكىم ئۇلارنى كەمسەتلەمەيتتى؛ مانا ھازىر ئۇلارنىڭ ھەيۋىسى سۇندى، ئانچىكى بىر كىچىك قەبىلىنىمۇ بويسۇندۇرۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، تېخى ئۇلارغا تەزىم قىلىپ، ھەدەپ يول قويىدىغان بولدى. ناۋادا قۇرەيش تەرەپتىكىلەردىن بىرەرى بۇتقا چوقۇنۇشتىن ۋاز كېچىپ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ مەدىنىگە قېچىپ كەلسە، ئۇ مەدىنىدە مۇسۇلمانلارنىڭ تېگىشلىك ھىمايىسىگە ۋە غەمخورلۇقىغا ئېرىشەلمەيدۇ، ئەكسىچە، مەككىگە قايتۇرۇلۇپ، كاپىرلارنىڭ ئازاب - ئوقۇبىتىگە تۇتۇپ بېرىلىدۇ؛ ناۋادا بىرەر كىشى ئىسلام دىنىغا ئاسىيلىق قىلىپ، كاپىرلارغا ئەل يولۇپ بارسا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمايدۇ، ئىلاج قىلالمايدۇ.»

ئەبۇ جەندەل توغرىسىدىكى ئىش ھازىرمۇ ئۇلارنىڭ ئېسىدە ئىدى. ئۇ پۇتىدىكى ئىشكەل بىلەن كىرىپ مۇسۇلمانلارنىڭ سېپىگە قېتىلىشنى، ئۇلارنىڭ ھىمايىسى ئاستىغا كىرىشنى تەلەپ قىلىپ يالقۇرغان بولسىمۇ، ھېچ كىشىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلمىدى، مۇسۇلمانلار بۇ ئىشتىن بەكمۇ قايغۇرۇشتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قېتىم مەككىگە قىلغان سەپەرنىڭ كۆڭۈلسىز بولغانلىقى ئۇلارنى تېخىمۇ مەيۈسلەندۈردى، كونا - يېڭى قايغۇ - ئەلەملەر تەڭ كەلدى. ئۇلار كۈن بويى خاپا، مەيۈس ھەم غەمكىن ئۆتەتتى.

بىر كۈنى، ئەبۇبەسىر پۈتۈن ئەزايى زەخىملەنگەن ھالدا مەككىدىن مەدىنىگە قېچىپ كەلدى. مۇسۇلمانلار ئۇنى كۆرۈپلا: ئەي ئەبۇبەسىر، نېمە بۇنچە زەخىملىنىپ كەتساڭ؟ چاپسان

ئېيتقىنا، نېمە ئىش بولدى؟ دەپ سوراشتى. ئەبۇبەسىر يىغلاپ تۇرۇپ دادلىدى:

— ئەي مۇسۇلمان قېرىنداشلار، مەن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلىقىم ئۈچۈن، ئۇلار مېنى مۇشۇنداق ئازابلىدى. مۇھەممەد مەككىدىن ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن، ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي بىر كۈنى ئاخشىمى بىر كىشى مۇھەممەد تارقاتقان «قۇرئان»نىڭ بەزى ئايەتلىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇدى، مەن ئۇنى ئاڭلاپ مەپتۇن بولدۇم ۋە «قۇرئان»دا دېيىلگەنلىرىنىڭ دىلىمغا ياققانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا باشلىدىم ۋە مۇھەممەدكە ئەل بولۇش قارارىغا كەلدىم. لېكىن، مەن ئۆز ئېتىقادىمنى جاكارلىغاندا، قۇرەيشلەر مېنى قامىدى، پۈتۈمغا ئىشكەل، قولۇمغا كويزا سالدى، شۇنىڭدىن كېيىن، مەن ھايۋاندىن بەتتەر خورلاندىم، دەھشەتلىك ئازاب - ئوقۇپەتكە قالدىم. ئەمما مەن ئاخىر ئۇلارنىڭ بىخەستەلىكىدىن پايدىلىنىپ قېچىپ چىقتىم، ھازىر مەن مۇھەممەدكە ئەل بولىمەن، سىلەر بىلەن بىللە جەڭ قىلىمەن. ئەبۇبەسىر سۆزىنى تۈگىتىپ، سەل دەردى چىققاندەك بولدى، يۈزىدە كۈلكە ئالامىتى جىلۋىلەندى. ئۇ، ئەمدى كۈلپەتلىك كۈنلەر كەلمەسكە كەتتى، دەپ ئويلايتتى، لېكىن ئۆز ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا كېلىشىمنىڭ توسقۇنلۇق قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. ئۇ تولۇپ تاشقان خۇشاللىقى بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىردى. بۇ يەردە قۇرەيشنىڭ ئىككى ئادىمى رەسۇلۇللاھ بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتاتتى، ئەبۇبەسىر زەن قويۇپ تىڭتاپ، مۇنۇ گەپلەرنى ئاڭلىدى: «ئى مۇھەممەد، ئەبۇبەسىر بىزگە ئاسىيلىق قىلىپ، سېنىڭ قېشىڭغا قېچىپ كەلدى، بىز ئىككى تەرەپ ھاسىل قىلغان كېلىشىمگە ئاساسەن، سەن ئۇنى بىزگە تاپشۇرۇپ بېرىشىڭ لازىم. قۇرەيش قەبىلىسى بىزنى سەن بىلەن سۆزلىشىشكە ئەۋەتتى. كېلىشىمنى ئىجرا قىلىش سەمىمىيىتىڭنىڭ قانداقلىقىنى كۆرۈپ باقماقچىمىز.»

دەل شۇ چاغدا خىزمەتچىلەر ئەبۇبەسىرنىڭ رەسۇلۇللاھ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. رەسۇلۇللاھ ئەبۇبەسىرنى دەررۇ چاقىرتتى، ئاندىن ئىككى ئەلچىگە:

— ئەبۇبەسىر مانا تۇرۇپتۇ، سەلەر ئۇنى ئېلىپ كېتىڭلار! — دېدى.

ئەبۇبەسىر قۇرەيش كىشىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلىۋاتقاندا، مۇسۇلمانلار مۆلدۈرلەپ قاراپ قېلىشتى، كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش ئاقتى، يۈرىكى پىچاقتا تېلىنغاندەك ئازايلاندى. لېكىن، ئارىدىن ئانچە ئۆتمەي، ئەبۇبەسىر يەنە قېچىپ كەلدى. كىشىلەر ئەجەبلەنگەن ھالدا ئۇنىڭدىن:

رەسۇلۇللاھ ئەبۇبەسىرنىڭ قىلمىشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئەپسۇسلانغان ھالدا مۇنداق دېدى:

— جىنايەت ئۆتكۈزۈپتۇ. ئەگەر بىرنەچچە كىشى بىللە ماڭغان بولسا، بۇ ۋەقە يۈز بەرمىگەن بولاتتى. قانداقلا بولسۇن، ئۇنى مەدىنىدە قالدۇرۇشقا بولمايدۇ، نەگە بارسا بولمىۋېرىدۇ. ھەممە يەردە ئاللا بار. ئوخشاشلا رەببىمنىڭ مەرھەمىتىگە ئېرىشتۈرىدۇ. ئەبۇبەسىر خۇددى بىرىنچى قېتىم ئېلىپ مېڭىلغاندىكىدەك، يەنە غەمكىن ھالدا يۈرۈپ كەتتى. ئۇنىڭ كېتىشى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆڭۈل قايغۇسى ۋە دىلخەستىلىكىنى تېخىمۇ كۆپەيتىۋەتتى.

ھەش - پەش دېگۈچە يەنە بىرقانچە ئاي ئۆتۈپ كەتتى، لېكىن مۇسۇلمانلارنىڭ كەيپىياتىدا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئازراقمۇ ياخشىلىنىش بولمىدى. رەسۇلۇللاھ بىلەن قۇرەيشلەر ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان تەڭسىز كېلىشىم ئېغىزغا ئېلىنسىلا، مۇسۇلمانلار خاپا بولاتتى ۋە ئاغرىناتتى. ئۇلار بۇ دىلخەستىلىكتىن قۇتۇلالماي تۇرغاندا، قۇرەيش تەرەپتىن يەنە بىر ئادەمنىڭ مەدىنىگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلاشتى.

— نۇجوقۇم مەككىدىن قېچىپ چىقىپ بىزنىڭ ھىمايىمىزگە كىرىشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن يەنە بىر مۇسۇلمان بولسا

كېرەك. — دېدى بىر مۇسۇلمان. — لېكىن بىز ئۇنى قايتۇرۇۋېتىپ ئازابقىلا تۇتۇپ بېرىمىز. ئۇنىڭ كېلىشى بىزگە يېڭىدىن كۆڭۈلسىزلىك ۋە پەرىشانلىقلار ئېلىپ كېلىدۇ، خالاس. دەرۋەقە، ئانچە ئۆتمەي، بۇ ئادەم ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كەلدى،

مۇسۇلمانلاردىن بىرى ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ مۇنداق دېدى:

— سەن بۇ يەرگە نېمىشقا كەلدىڭ؟ مەدىنە سېنىڭ ئۆيۈڭ ئەمەس، پاناھلىنىدىغان ۋە قوغدىلىدىغان يېرىڭمۇ ئەمەس. سەن قۇرەيشلەرنىڭ رەسۇلۇللاھ بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغانلىقىنى بىلمەمتىڭ؟ كېلىشىمدە قۇرەيش تەرەپتىن بۇ يەرگە قېچىپ كەلگەن مۇسۇلمانلارنى يوشۇرۇپ قېلىشىمىزغا ۋە قوغدىشىمىزغا بولمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. بىلىشىڭ كېرەككى. رەسۇلۇللاھ قەتئىي تۈردە كېلىشىمنىڭ ماددىلىرى بويىچە ئىش قىلىدۇ. مېنىڭچە، سەن بۇ يەردىن دەرھال كەتكىن! سەن بۇ يەردە ئۇزۇنراق تۇرۇپ قېلىپ، قۇرەيشلەر ئارقاڭدىن ئىزدەپ كېلىپ قالىدىغان بولسا، ئۇ چاغدا ساڭا ئىككى قولۇڭنى باغلاققا تۇتۇپ بېرىشتىن باشقا چارە يوق. ئەڭ ياخشى مەدىنىدىن باشقا يەردىن جېنىڭنى سىغدۇرغۇدەك جاي ئىزدىگىن، بىز ئاللاھتىن ساڭا ئاسايىشلىق بېرىشنى تىلەيمىز.

كەلگەن كىشى بۇ گەپنى ئاڭلاپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى ۋە: — سىلەر پۈتۈنلەي خاتا مۆلچەرلىدىڭلار. سەن مۇسۇلمان ئەمەس، سەن ئۆز قەبىلەمگە ئاسىيلىق قىلمىدىم ھەم سىلەردىن پاناھ تەلەپ قىلىپمۇ كەلمىدىم. سەن مۇھەممەد بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدىم. ئۇنىڭ بىلەن مەسلىھەتلىشىدىغان مۇھىم ئىشىم بار ئىدى. — دېدى - دە، سۆزىنى تۈگىتىپلا ئالمان - تالمان رەسۇلۇللاھنى ئىزدەپ كەتتى.

ئۇنىڭ رەسۇلۇللاھنى ئىزدەيدىغان قانداق مۇھىم ئىشى باركىنا؟ يۈرۈڭلار، ئۇنىڭ رەسۇلۇللاھغا نېمە دەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باقايلى، دېيىشتى مۇسۇلمانلار.

ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ قورۇسىغا كەلگەندە، ھېلىقى قۇرەيش

ئادىمىنىڭ روسۇللا بىلەن خاتىرجەم سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى كۆردى ۋە مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدى:

— مەن ئەبۇبەسىرنىڭ ئىشى توغرۇلۇق كەلدىم. ئۇ قەبىلىمىزگە ئاۋارىچىلىك ۋە كۆلەم كەلتۈردى. ئۇ بىزنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر باتۇرىمىزنى ۋەھشىيلىك بىلەن ئۆلتۈرگەندىن كېيىن دېڭىز بويىغا قېچىپ بېرىپ بىزگە قارشى ئادەم توپلىدى. شۇنىڭدىن تارتىپ قوۋمىمىزدىن قېچىپ چىققانلىكى ئادەملەر ئۇنىڭ ئەتراپىغا توپلاندى. بۇنىڭدىن باشقا، مەككىدىكى بەزى مۇسۇلمانلارمۇ شۇ يەرگە قېچىپ بېرىۋالدى. دەسلەپتە بىز ئۇلارنى سەل چاغلاپتۇق. لېكىن ئۇلار بىزگە ھەدەپ ھۇجۇم قىلىۋەردى. ھازىر ئۇلار كارۋانلىرىمىزنىڭ شامغا ماڭغانلىقى ياكى مەككىدىن قايتقانلىقىدىن خەۋەر تاپسىلا. يولغا بۆكتۈرمە ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئادەم ۋە مال - مۇلكىمىزنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتماقتا. ھەتتا كارۋانلىرىمىزنى شامغا بارالمايدىغان قىلىۋەتتى. بۇ ئەھۋالنى ئوڭشاپ، ئۇلارنىڭ داۋاملىق يامانلىق قىلىشىدىن ساقلىنىشنىڭ بىرلا چارىسى بار، ئۇ بولسىمۇ ئىككى تەرەپ تۈزگەن كېلىشىمدىكى ئالاقىدار ماددىلارنى بىكار قىلىش. ئىلگىرى ئۇنى بىز ئۆزىمىزگە پايدىلىنىش دەپ قاراپ، بىزگە كۆلەم كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئىۋىلىماپتىكەنمىز. بۈگۈندىن ئېتىبارەن، بىزنىڭ قەبىلىدىكى مۇسۇلمانلار سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا قېچىپ كەلسە ياكى قۇرەيش قەبىلىسىدىكىلەر سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا قېچىپ كەلسە، ئۇلارنى قايتۇرۇپ بەرمەي، ئۆز سېپىڭلەرگە قاتناشتۇرۇڭلار!

بۇ گەپنى ئاڭلىغان مۇسۇلمانلارنىڭ كۆڭلىدىكى غەم - قايغۇ خېلىلا كۆتۈرۈلۈپ كەتتى، روسۇللانىڭ نېمە ئۈچۈن كېلىشىمنى بۇنچە قەتئىي ئىجرا قىلغانلىقىنى چۈشىنىشكە باشلىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۇلار روسۇللادىن ئاغرىنمايدىغان، بەلكى ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئىشىنىدىغان بولدى.

مۇسۇلمانلار ئۆز تەقدىرى توغرىسىدىكى غەم - قايغۇدىن خالاس بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى چوڭ ئىش بەيتۇللاغا

تەلپۈنۈش ئىدى. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلاردىكى بۇ تەشنالىق ۋە سېغىنىش مۇسلىشىپ كەتمەيلا قالماستىن، بەلكى تېخىمۇ كۈچەيدى. دەرۋەقە، قۇرەيشلەر ئۆز لەۋزىدە تۇردى. ئىككىنچى يىلى ھەج مەۋسۈمىدا ئۇلار مەككىدىن چىقىپ كېتىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ مەككىدە بەيتۇللانى تاۋاپ قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشىگە يول قويدى. لېكىن بۇ ھەر ھالدا قىسقىغىنا تۇرۇش ۋە زىيارەت قىلىش ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ كۆڭلى دەككە - دۈككە ئىدى. تاۋاپ قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ۋاقتىدا، يوشۇرۇن زىيانكەشلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا، يوشۇرۇنغان قۇرەيشلەرنىڭ ئارقا تەرەپتىن كېلىپ ئۆشتۈمتۈت ھۇجۇم قىلىشىدىن ئېھتىيات قىلىشقا توغرا كېلەتتى. كېلىشىمگە ئاساسەن، مۇسۇلمانلارنىڭ مەككىگە كىرگەندە، قورال - ياراغ ئېلىپ كىرىشىگە بولمايتتى. بۇنداق ئەھۋالدا، ناۋادا كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بېرىپ قالسا، ئۆزىنى تۇتۇپ بېرىشتىن باشقا ئامال يوق ئىدى. شۇڭا، مۇسۇلمانلار بۇ ئەھۋالدىن قايغۇراتتى ۋە بىئارام بولاتتى.

بىر كۈنى ئاخشىمى بىرقانچە مۇسۇلمان خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتى، پاراڭ ئاخىرى خۇزائە ۋە بەنى بەكرى قەبىلىلىرىنىڭ بىر - بىرىنى دۈشمەن كۆرگەنلىكى، شۇنىڭدەك ئۇلاردا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى ئۈستىدە توختىدى. بىر مۇسۇلمان سۆز ئېلىپ مۇنداق دېدى: — مەن قەدىمكى پادىشاھلار توغرىسىدا بەزى ھېكايىلەرنى ئاڭلىغان، بۇ ھېكايىلەرنى ئېيتىپ بېرىدىغان بولسام، چوقۇم قىزىقىسىلەر، بىراق شۇ تاپتا ھەممىڭلار ھېرىپ مۇگەدپ قاپسىلەر، بولدى، بۈگۈن ئاخشام بۇ ھېكايىنى ئېيتمايلا قوياي. — ھېچقايسىمىز ئۇخلىمىدۇق، ئېيتىۋەر! — دېيىشتى ئۇلار.

بۇ ھېكايىلەرنى دادام ئېيتىپ بەرگەن. دادامنىڭ ئېيتىشچە، خۇزائە ۋە بەنى بەكرى قەبىلىلىرى قەدىمكى زاماندا

ناھايىتى يېقىن ئۆتكەنكەن. ئۇلار دوستانە باردى - كەلدى قىلىشىپ، توپلىشىپ، سودا قىلىشىپ كەلگەنكەن. ئۇلار يەنە كۆپ قېتىم بىرلىشىپ، چەتتىن كەلگەن تاجاۋۇزچىلارنى چېكىندۈرگەنكەن، ئەمما بىر قېتىم بەنى بەكرى قەبىلىسى باشلىقىنىڭ ئوغلى مالىك ئىبن ئىباد ھەلق خۇزائە قەبىلىسىگە سودا قىلغىلى بارغاندا، ئۇ يەردىكى ئادەملەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپتۇ. شۇ ۋەجىدىن، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا تۈگىمەس ئۆچمەنلىك پەيدا بولۇپ، ئاداۋەت بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىپ، ئىلگىرىكى غەددى - غۇبارسىز يېقىن مۇناسىۋەت بۇزۇلۇپتۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دۈشمەنلىكنى تۈگىتىش، جېدەل - ماجىرانى مۇرەسسە قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ كونا دوستلۇقىنى يېڭىۋاشتىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ كۆرگەن بولسىمۇ، لېكىن بارلىق تىرىشچانلىقلار مەغلۇپ بولۇپتۇ. ئۇلار جىددىي ھالەتتە تۇرىۋېرىپتۇ، كېيىن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىدە پەيدا بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ دىققەت - نەزەرىنى ئۆزىگە قارىتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆچمەنلىكنى ۋاقىتىنچە ئۇنتۇپتۇ. لېكىن، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي خۇزائە قەبىلىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قوۋمىغا، بەنى بەكرى قەبىلىسى قۇرەيش قوۋمىغا قاتنىشىپتۇ - دە، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا يەنە توقۇنۇش باشلىنىپتۇ. مۇشۇنداق كېتىۋەرسە ئايىغىدا نېمە بولىدىغانلىقىنى كىم بىلسۇن؟

ئۇنىڭ ھېكايىسى تۈگە - تۈگىمەيلا، ئىتلارنىڭ ھاۋشىغىنى ئاڭلاندى. ئۇلار ئەجەبلىنىپ، بۇ كېچىدە بۇ يەرگە كىممۇ كېلەر؟ بەلكىم يولدىن ئېزىپ قالغان ياكى قونالغۇ ئىزدەپ كەلگەن يولۇچى بولسا كېرەك، دەپ ئويلاشتى ۋە قاراپ بېقىشقا بىرەيلەننى چىقاردى.

بىردەمدىن كېيىن، چىققان ھېلىقى ئادەم بىر كىشىنى باشلاپ كىردى. كۆپچىلىك بۇ كىشىنى كۆرۈپلا ئۇنىڭ خۇزائە قەبىلىسىدىن ئەمىر ئىبن سالىم ئىكەنلىكىنى بىلدى. ئەمىر ئىبن سالىم ئۇلاردىن

مەسچىتكە كېلىشتى. ئۇلار مەسچىتتە رەسۇلۇللاھنىڭ راۋۇرۇس ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى. ئەمىر رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىدا ئەلەملىك ھەم تىترەك ئاۋاز بىلەن مۇنۇ شېئىرنى ئۈنلۈك ئوقۇۋاتاتتى:

ئىلتىجا قىلدىم مۇھەممەد بىزگە سەن بول باشپاناھ. سەن بىلەن بىزنىڭ پەدەر بولغانىدى چىن ئاشىنا. بىز قىلىپ ئىسلامغا بەيئەت ئۆزئارا ئۆتتۇق ئىناق. تىلىكىم نۇسرەت قازانغىن ئەلنى ئەيلەپ ئىتتىپاق. تەڭرىگە بولساقمۇ سادىق. بەندىلەرگە ھەم ئادىل. قىلدى قەست مۇشرىكۇ كۇققار بولمايىن ساڭا قايىل. بىزگە چاڭ سېلىپ قۇرەيشلەر بىر يولى كۆتۈردى مۇشت. قىلدى خائىنلىق سۈلھىگە كۇدا دا قوزغاپ ئۇرۇش. بىزنى چاغلاپ يار - يۆلەكسىز ئاشتى چەندان ھەددىدىن. ئاھ بۇزۇلدى نامىزىمىز بىرەھىملەر زەربىدىن. قىرىلىپ كەتكەچكە كۆپلەر، ئوت - پىراقتا ئۆرتىلىپ، يول سوراپ كەلدۇق شۇدەم شەپقىتىڭگە يۆلىنىپ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن: — ئى ئەمىر، بىئارام بولما! ئاللا سىلەرگە زەپەر - نۇسرەت ئاتا قىلىدۇ، — دېدى.

ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ: «ئى رەببىم، خەۋەرلىرىمىزنى قۇرەيشلەردىن قامال قىلغايىدىن، ئۇلارنىڭ كۆزىنى كۆرمەس، قۇلىقىنى ئاڭلىماس قىلغايىدىن، بىز شۇ چاغدىلا ئۇلارغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلالايمىز ۋە ئۇلارنى تەمتىرىتىپ قويالايمىز» دەپ دۇئا قىلدى.

يۇقىرىغا قايتىش

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاش ئۇسۇلى

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاڭ
1
Safari دىكى ھەمبەھىرلەش تۈگۈچىسىنى (Share) بېسىڭ.
2
«باش ئېكرانغا قوشۇش» (Add to Home Screen) نى تاللاڭ.
3
ئوڭ ئۈستىدىكى «قوشۇش» (Add) نى بېسىڭ.