كىشىلەرگە زىيانلىق مەسچىت (مەسجىدى زىرار)
تۈن قاراڭغۇسى بىلەن قاپلانغان مەدىنە شەھىرىدە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى. كىشىلەر ئاللىقاچان شېرىن ئۇيقۇغا چۈمگەن، لېكىن بىر ئۆيدە ئۆي ئىگىسى تېخىچە ئالدىراش ئىش بىلەن بەند، بىرقانچە ئادەم بېشىنى بىر يەرگە قىلىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۈستىدە غەيۋەت قىلىشماقتا ئىدى.
مۇئەتتەب ئىمىن قۇسەير:
— مەن ھەر قېتىم قۇبا مەسچىتى ئالدىدىن ئۆتكىنىمدە غەزەپ - نەپىرىنىمىنى باسالماي قالىمەن. ئاڭلىشىمچە، بۇ مەسچىتكە مۇھەممەد ئۇل باسقانىكەن. ھازىر بۇ مەسچىتكە بېرىپ ناماز ئوقۇيدىغانلار بارغانسېرى ئاۋۇپ كەتتى. مېنىڭ ئۇ مەسچىتىنى ھازىرلا بېرىپ چېقىۋەتكۈم كېلىدۇ، شۇنداق قىلسام ئاندىن غەزىپىم بېسىلاتتى. — دېدى.
سۈئەبە ئىمىن ھاتەب سۆز ئېلىپ مۇنداق دېدى:
— يالغۇز بىر مەسچىتنى چېقىپ تاشلاش بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولامدۇ؟ مېنىڭچە، بىزنى تازا ئەندىشىگە سېلىۋاتقىنى مۇھەممەد دەۋەت قىلىۋاتقان ئىسلام دىنى. بۇ دىن خۇددى ئۈزۈقتەك ھەممە يەردە ئۈنمەكتە، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار بارغانسېرى ئاۋۇماقتا. بىلالىنىڭ كانىيى يىرتىلغۇدەك ۋارقىراپ ئەزان ئېيتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىمىدىڭمۇ؟ كىشىلەر ئۇنىڭ ئېيتقان ئەزىنىنى ئاڭلىغان ھامان خۇددى سەلدەك مەسچىتكە قاراپ ئېقىپ، بىر يەرگە توپلىنىپ، مۇھەممەدنىڭ ۋەز - ھەدىسلىرىنى ئاڭلايدۇ. ئۈزۈنغا قالماي، نۈرغۈن ئادەم ئىسلام دىنى سۇخىلىسىلىرىدىن بولۇپ قالىدۇ. مۇھەممەد مانا مۇشۇنداق يول بىلەن كىشىلەرنى ئۆز ئەتراپىغا توپلاۋاتىدۇ. مەن كىشىلەرنىڭ
ئۇنىڭ ئەپسانىلىرىگە ئاشۇنداق ئىشىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ قانداقمۇ غەزەپلەنمەي تۇرالايمەن؟
ۋەدىئە ئىبن ئەمر ئورنىدىن تۇرۇپ دېدى:
— سەلەر دادام ئەمرنىڭ بىر راھىب ئىكەنلىكىنى بىلمىسەلەر، ئۇ مۇھەممەدنى ۋە ئۇنىڭ دەۋەت قىلغان دىنىنى ئەڭ ئۆچ كۆرىدۇ، مۇھەممەدنىڭ پائالىيەتلىرىدىنمۇ قاتتىق ئەنسىرەيدۇ. دادام يېقىندا ۋىزانتىيىدىكى يۇنانلىقلارنىڭ پادىشاھى ھىرەقلۇنىڭ قېشىغا كەتتى. بۇ پادىشاھ خرىستىئان دىنىنىڭ تەقۋا مۇخلىسى بولۇپ، مۇھەممەدنى بەكمۇ ئۆچ كۆرىدۇ. دادام ئۇنىڭغا مۇھەممەدنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ تۆشمۇتۇشتا غەلىبە قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئەھۋاللارنى بايان قىلىپتۇ ھەمدە پادىشاھتىن مۇھەممەدكە ئورتاق قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ياردەم سوراپتۇ. پادىشاھ بۇنىڭغا ماقۇل بوپتۇ. مەن دادامنىڭ خېتىنى ھېلىلا تاپشۇرۇۋالدىم. ئۇ خەتتە مەدىنىگە تېزلا قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ۋە بىزدىن ئۆزىگە يېقىندىن ماسلىشىشنى ئېيتىپتۇ. بىزنىڭ ئۇنىڭغا ماسلىشىپ قانداق ھەرىكەت قىلىشىمىزغا كەلسەك، بۇ ھەقتە مېنىڭ بىر پىلانىم بار، ئەگەر سەلەر بۇنىڭغا قىزىقىدىغان بولساڭلار، بۇنى سەلەرگە ئېيتىپ بېرەي.
شۇ مەيداندا تۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدىن بۇ پىلاننى تېزرەك ئېيتىپ يېقىشنى تەلەپ قىلدى.
— سەلەرگە مەلۇم، — دېدى ۋەدىئە سۆزىنى باشلاپ، — مۇھەممەد بىز تاقابىل تۇرالمايدىغان كۈچكە ئىگە. ئەگەر بىز ئۇنىڭ بىلەن زورمۇزور ئېلىشىدىغان بولساق، ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ تەڭ كېلەلمەيمىز. يەنە كېلىپ ھازىر ئۇ بىزدىن گۇمانلىنىپ قالدى، بىزنى پايلاپلا يۈرىدۇ. شۇڭا بىز ئۆزىمىزنى نىقابلاپ، ئۇنىڭغا خۇشامەت قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ياخشى كۆرۈشى ۋە ئىشەنچسىگە ئېرىشىشىمىز، ئاندىن ئىشنى باشقىچە توغرىلىشىمىز لازىم. مېنىڭ پىلانىمچە، بىر پارچە كەڭرەك يەر تېپىپ، ئۇ يەرگە چىرايلىق بىر مەسچىت سالايلى، ئارىمىزدىن بىرەيلەننى مەسچىتكە ئىمام
قىلايلى، ئاندىن بىزمۇ ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ يالغاندىن ناماز ئوقۇيلى. مۇھەممەدنىمۇ مەسچىتىمىزگە كېلىپ ناماز ئوقۇشقا تەكلىپ قىلايلى، شۇنداق قىلساق، ئۇ بىزنى ياخشى كۆرىدۇ، بىزگە ئىشىنىدۇ. ئاندىن بىز ئۇلارنىڭ جامائىتىنى ئاستا - ئاستا پارچىلاپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتتىپاقىنى بۇزىمىز، بەلكى ئۇ مەسچىتىنى دادامنىڭ مۇھەممەدكە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىشتىكى بىر مەخپىي ئورۇنغا ئايلاندۇرىمىز. ھازىر مەن مۇجمەك ئىسىملىك بىر كىشىنى كۆرسىتىمەن. ئۇ «قۇرئان»نى ئوقۇغان، ئىسلام دىنىنىڭ قائىدە - يوسۇنلىرىنى بىلىدۇ، ئۇنى ئىمام قىلساق دەيمەن، قېنى، سىلەرچە قانداق؟
سورۇندىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ پىلانىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى ۋە دەرھال پۇلۇنۇپ ھەرىكەتكە كىرىشتى. مەسچىت سالىدىغان جاينىمۇ تاللاشتى، ماتېرىيال تەييارلاپ، ئۇل باستى. ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي، چىرايلىق ياسىداق بىر مەسچىت پۇتۇپ چىقتى.
مەسچىت پۈتكەندىن كېيىن، ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كەلدى. بۇ چاغدا، رەسۇلۇللاھ قوشۇنلارنى ۋىزانتىيىدىكى يۇنانلىقلارنى يەنە بىر قېتىم جازالاشقا ئېلىپ بارماقچى بولۇۋاتاتتى. كەلگەنلەر رەسۇلۇللاھغا:
— ئى رەسۇلۇللاھ، بىز يېڭىدىن بىر مەسچىت سالدۇق، ھازىر بىز سېنى شۇ يەرگە بېرىپ ناماز ئوقۇشقا تەكلىپ قىلىمىز. بىز يەنە مۇجمەكنى مەسچىتنىڭ ئىماملىقىغا تەكلىپ قىلدۇق، ئۇنىڭ «قۇرئان»نى قىرائەت قىلالايدىغانلىقى، ئىسلام دىنىنىڭ قائىدە - يوسۇنلىرىنى پىششىق بىلىدىغانلىقى ساڭا مەلۇم. ئەگەر سەن بىزنىڭ تەكلىپىمىزنى قوبۇل قىلساڭ، ئۇ چاغدا، ئۆزىمىزنى چەكسىز بەختلىك ھېس قىلغان بولاتتۇق، دېيىشتى.
— مەن ھازىر چەڭگە ئاتلاندىم، شۇڭا ئۇ يەرگە بارالمايمەن، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن چوقۇم باراي، — دېدى رەسۇلۇللاھ. رەسۇلۇللاھ جەڭنى تۈگىتىپ، مەدىنىگە قايتىپ كېلىۋاتقىنىدا،
ئاللا ئۇنىڭغا مۇتۇ ۋەھىيىشى چۈشۈردى:
«يەنە بەزىلەر مەسچىت سالدى، ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئىناقلىققا توسقۇنلۇق قىلىش، ئىشەنچسىزلىكنى كۆچەيتىش، مۇسۇلمانلارنىڭ جامائىتىنى پارچىلاشتىن ئىبارەت. ئۇلار بۇ مەسچىتنى ئىلگىرى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىگە قارشى تۇرغان كىشىلەر ئۈچۈن پاناھلىنىش ماكانى قىلدى، ئۇلار ئاللانى تىلغا ئېلىپ قەسەم بېرىپ: بىزنىڭ مەقسىتىمىز ياخشىلىق قىلىش، دېيىشى مۇمكىن. ئاللا گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، ئۇلار چوقۇم يالغانچىلاردۇر. سەن ھەرگىز ئۇ مەسچىتكە بېرىپ ناماز ئوقۇما. بىرىنچى كۈندىن باشلاپ ئاللاھقا تەقۋادار بولۇشنى ئاساس قىلغان مەسچىت — ھەقىقەتەن سەن ناماز ئوقۇشقا تېخىمۇ ئەرزىيدىغان مەسچىتتۇر. بۇ يەردە نۇرغۇن پاك مۇمىنلەر بار. ئاللا ئۇلارنى ياخشى كۆرىدۇ. ئاللاھقا تەقۋادار بولغان ۋە ئاللا ياقتۇرغان مۇمىنلەرگە دۇئا قىلغان ياخشىمۇ ياكى خەتەرلىك يارنىڭ لېۋىگە كېلىپ قالغان ۋە دوزاخقا چۈشۈپ كەتكەن ياخشىمۇ؟ ئاللا دىيانەتسىز كىشىلەرنى ھىدايەت قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ يۈرىكى لەختە - لەختە بولمىغۇچە، ئۇلار سالغان مەسچىت مەڭگۈ ئۇلارنىڭ تۇراقسىزلىقىنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالمىدۇ، ئاللا ھەممىسىنى بىلگۈچى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.»
روسۇلىملا ئاللاھنىڭ بېشارىتىدىن بۇ ئادەملەرنىڭ سۈيىقەست، ھىيلى - مىكرىنى بىلمۇالدى، ئۇلارنىڭ تاتلىق - شېرىن سۆزلىرىنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان خەتەرلىك غەرەزنى كۆرۈۋالدى. ئۇ مەدىنىگە قايتىپ كېلىپلا، دەرھال ئادەم ئەۋەتىپ بۇ مەسچىتنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى.
مۇئەتتەب ئىبن قۇسەير ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى مەسچىتنىڭ كۆيدۈرۈپ تاشلانغانلىقىنى كۆرۈپ، سۈيىقەستنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى بىلدى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سىرىنى ئاللاھنىڭ ئېچىپ تاشلىغانلىقىنى بىلگىنىدە، ئىنتايىن غەم - قايغۇ ۋە پەرشانلىق ئىچىدە قالدى.
