Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈش

This content is not yet available in your language.

ئىماننىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرى (سوئال 21 – 24)

بۆلۈم: “ئىماننىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرى (سوئال 21 – 24)”
21سوئال:ئىماننىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى نېمە؟#

جاۋاب: ئىماننىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى تۆۋەندىكى 6 ھەقىقەتكە چىن ئىشىنىپ ئېتىقاد قىلىشتىن ئىبارەت: (1) ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ۋە بىرلىكىگە چىن ئىشىنىپ ئېتىقاد قىلىش. (2) ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە چىن ئىشىنىپ ئېتىقاد قىلىش. (3) ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا چىن ئىشىنىپ ئېتىقاد قىلىش. (4) ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە چىن ئىشىنىپ ئېتىقاد قىلىش. (5) قىيامەت كۈنىنىڭ بولىدىغانلىقىغا چىن ئىشىنىپ ئېتىقاد قىلىش. (6) ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىغا چىن ئىشىنىپ ئېتىقاد قىلىش.

22سوئال:قانداق كىشى ھەقىقىي مۈمىن ۋە مۇسۇلمان بولالايدۇ؟#

جاۋاب: ئىماننىڭ يۇقىرىقى 6 پىرىنسىپىغا، ئۇنىڭدىن باشقا قۇرئان كەرىم ۋە سەھىھ ھەدىسلەر ئارقىلىق ئىمان كەلتۈرۈشكە بۇيرۇلغان پۈتۈن مەسىلىلەرگە چىن ئىشىنىپ ئىمان كەلتۈرگەن، ئىسلام شەرىئىتىدە بۇيرۇلغان جىمى ئەھكاملارنى قوبۇل قىلىپ ئەمەل قىلغان كىشى ھەقىقىي مۈمىن ۋە مۇسۇلمان بولالايدۇ.

23سوئال:ئىبادەت دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: ئاللاھ تائالا بۇيرىغان بەندىچىلىك ۋەزىپىمىزنى ئورۇنداش ۋە ئۇنىڭ تەلەپ قىلغىنى بويىچە ياشاشتۇر.

24سوئال:ئىبادەت نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟#

جاۋاب: ئىبادەت — ئاللاھ تائالا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ياقتۇرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ھەرقانداق ئىش-ھەرىكەت، گەپ-سۆز ۋە توغرا نىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: مەسىلەن، ھەر ئىشتا ئەدەپ-ئەخلاقلىق بولۇش، ئوقۇپ بىلىم ئېلىش، ناماز ئوقۇش، قۇرئان ئوقۇش، روزا تۇتۇش، زاكات بېرىش، ھەج-ئۆمرە قىلىش، ئاتا-ئانىنى قەدرىلەپ خىزمىتىنى قىلىش، تۇغقانلارنى يوقلاپ تۇرۇش، كەمبەغەللەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، راست سۆزلەش، ۋەدىگە ۋاپادار بولۇش، قوشنىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش، يېتىملەرنىڭ بېشىنى سىلاش، پۈتۈن ئىشلاردا ئادالەتلىك بولۇش قاتارلىقلار.

ئەخلاق ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى (سوئال 25 – 27)

بۆلۈم: “ئەخلاق ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى (سوئال 25 – 27)”
25سوئال:ئەخلاق دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: ئەخلاق — ئىنساننىڭ روھىدا يەرلىشىپ، ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان قىلىقلاردۇر.

26سوئال:ئەخلاق قانچە تۈرلۈك بولىدۇ؟#

جاۋاب: ئەخلاق «گۈزەل ئەخلاق» ۋە «ناچار ئەخلاق» دەپ 2 تۈرلۈك بولىدۇ.

27سوئال:گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟#

جاۋاب: گۈزەل ئەخلاق ئىنساننى ھەم ئاللاھنىڭ، ھەم كىشىلەرنىڭ ئالدىدا سۆيۈملۈك قىلىدۇ. جەمئىيەتتە تىنچلىق، مۇھەببەت ۋە ئىناقلىق ئورنىتىدۇ. پەيغەمبىرىمىز: «مەن پەقەت گۈزەل ئەخلاقنى تاماملاش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم» دېگەن.

كەلىمە تەييىبە ۋە شاھادەت كەلىمىسى (سوئال 28 – 32)

بۆلۈم: “كەلىمە تەييىبە ۋە شاھادەت كەلىمىسى (سوئال 28 – 32)”
28سوئال:كىشىلەر ئىسلام دىنىغا قانداق كىرىدۇ؟#

جاۋاب: كىشىلەر «كەلىمە تەييىبە» ياكى «كەلىمە شاھادەت»نى مەنىسىگە چىن قەلبىدىن ئىشىنىپ تىلى بىلەن ئېيتىش ئارقىلىق ئىسلام دىنىغا كىرىدۇ.

29سوئال:كەلىمە تەييىبە دېگەن قايسى سۆز؟#

جاۋاب: «لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇر رەسۇلۇللاھ» دېگەن سۆزدۇر.

30سوئال:بۇ كەلىمە تەييىبەنىڭ مەنىسى نېمە؟#

جاۋاب: «ئاللاھتىن باشقا ھەق مەبۇد يوقتۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدۇر» دېگەن مەنىدە.

31سوئال:«لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ» دېگەن شاھادەت سۆزى نېمىنى تەقەززا قىلىدۇ؟#

جاۋاب: ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق نەرسىگە ئىلاھ دەپ چوقۇنماسلىقنى، بارلىق ئىبادەتلەرنى يالغۇز ئاللاھقىلا قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ.

32سوئال:«مۇھەممەدۇر رەسۇلۇللاھ» دېگەن شاھادەت سۆزى نېمىنى تەقەززا قىلىدۇ؟#

جاۋاب: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېلىپ كەلگەن بارلىق خەۋەرلىرىنى راست دەپ بىلىشنى، بۇيرۇقلىرىغا ئىتائەت قىلىشنى، چەكلىگەن ئىشلىرىدىن يىراق تۇرۇشنى تەقەززا قىلىدۇ.

ئىنساننىڭ يارىتىلىش مەقسىتى ۋە ۋەزىپىسى (سوئال 33 – 34)

بۆلۈم: “ئىنساننىڭ يارىتىلىش مەقسىتى ۋە ۋەزىپىسى (سوئال 33 – 34)”
33سوئال:ئىنساننىڭ ئەڭ بۈيۈك ۋەزىپىسى نېمە؟#

جاۋاب: ئۆزىنى ياراتقان ئاللاھنى تونۇش، ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرۈش ۋە پەقەت ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىشتۇر.

34سوئال:ئادەمنى ئىماندىن چىقىرىپ كاپىر قىلىدىغان ئامىللار قايسىلار؟#

جاۋاب: ئاللاھنى، پەيغەمبەرنى، قۇرئاننى ياكى ئىسلام دىنىنىڭ ئېنىق بەلگىلەنگەن ئەھكاملىرىدىن بىرەر ھۆكۈمنى مەسخىرە قىلىش، ئىنكار قىلىش، ھالالنى ھارام ياكى ھارامنى ھالال دەپ ئېتىقاد قىلىش، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش قاتارلىقلار.

ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈش ھەقىقەتلىرى (سوئال 35 – 37)

بۆلۈم: “ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈش ھەقىقەتلىرى (سوئال 35 – 37)”
35سوئال:ئاللاھقا قانداق ئىمان كەلتۈرۈش كېرەك؟#

جاۋاب: ئاللاھنىڭ بارلىقىغا، بىرلىكىگە، ئۇنىڭ ھەممە كائىناتنى ياراتقۇچىسى ۋە ئىگىسى ئىكەنلىكىگە، تەڭداشسىز كۈچ-قۇدرەت ۋە كامالەت سۈپەتلىرىگە ئىگە ئىكەنلىكىگە شەك-شۈبھىسىز چىن قەلبىدىن ئىشىنىش كېرەك.

36سوئال:ئاللاھ تائالاغا ئىمان كەلتۈرۈش نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟#

جاۋاب: ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىش، رۇبۇبىيىتىگە (ياراتقۇچى ۋە پەرۋىشكارلىقىغا) ئىشىنىش، ئۇلۇھىيىتىگە (يالغۇز ئىبادەتكە لايىق ئىلاھلىقىغا) ئىشىنىش ۋە گۈزەل ئىسىم-سۈپەتلىرىگە ئىشىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

37سوئال:ئاللاھنىڭ بارلىقىنىڭ دەلىللىرى قايسىلار؟#

جاۋاب: ئىنساننىڭ ئۆز يارىتىلىشى، تەبىئەت ۋە كائىناتتىكى مۆجىزىۋى نىزام-تەرتىپلەر، ئەقىلنىڭ تەقەززاسى ۋە پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن ساماۋىي كىتابلاردۇر.

ئاللاھ تائالانى تونۇشنىڭ ۋاسىتىلىرى (سوئال 38 – 40)

بۆلۈم: “ئاللاھ تائالانى تونۇشنىڭ ۋاسىتىلىرى (سوئال 38 – 40)”
38سوئال:ئاللاھ تائالانى قانداق تونۇغىلى بولىدۇ؟#

جاۋاب: ئاللاھ تائالانى كائىناتتىكى دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆزىتىش، ئەقىلنى ئىشقا سېلىش ۋە قۇرئان ھەم سەھىھ ھەدىسلەردە كەلگەن گۈزەل ئىسىم-سۈپەتلىرى ئارقىلىق تونۇغىلى بولىدۇ.

39سوئال:ئاللاھ تائالانى ئەقىل ۋە ئىلىم ئارقىلىق قانداق تونۇغىلى بولىدۇ؟#

جاۋاب: ئاسمانلار، يۇلتۇزلار، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشى، يەر يۈزىدىكى تاغلار، دەريالار ۋە ھاياتلىق نىزامى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ چەكسىز ئىلىم ۋە قۇدرىتىنى تونۇغىلى بولىدۇ.

40سوئال:ئىنساننىڭ ئۆز يارىتىلىشى ئاللاھنىڭ بارلىقىغا قانداق دەلىل بولىدۇ؟#

جاۋاب: ئىنساننىڭ ئەڭ دەسلەپكى بىر تامچە سۇدىن مۇكەممەل تەن، ئەقىل، كۆز، قۇلاق، يۈرەك ۋە تۇيغۇلار بىلەن ئاپىرىدە بولۇشى ھېكمەتلىك ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىنىڭ روشەن ئىسپاتىدۇر.

ئەقىلنىڭ ۋەزىپىسى ۋە ئىسلامدىكى ئورنى (سوئال 41)

بۆلۈم: “ئەقىلنىڭ ۋەزىپىسى ۋە ئىسلامدىكى ئورنى (سوئال 41)”
41سوئال:ئەقىلنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى نېمە؟#

جاۋاب: ئەقىل — ئىنساننى ھايۋانلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ئەڭ ئۇلۇغ نېمەت بولۇپ، دىنىي تەكلىپ ۋە جاۋابكارلىقنىڭ شەرتىدۇر. ئەقىلسىز كىشى دىنىي ھۆكۈملەرگە مۇكەللەف بولمايدۇ.

ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى ئارقىلىق تونۇش (سوئال 42 – 45)

بۆلۈم: “ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى ئارقىلىق تونۇش (سوئال 42 – 45)”
42سوئال:ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى قانداق سۈپەتلەردۇر؟#

جاۋاب: ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى ئەڭ مۇكەممەل ۋە تەڭداشسىز سۈپەتلەر بولۇپ، ھېچقانداق مەخلۇقنىڭ سۈپەتلىرىگە ئوخشىمايدۇ. ئاللاھقا پۈتۈن نوقسانلاردىن خالىي بولغان كەم-كۈتسىز سۈپەتلەر خاستۇر.

43سوئال:ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى مەخلۇقاتلارنىڭ سۈپەتلىرىگە ئوخشامدۇ؟#

جاۋاب: ياق، پەقەتلا ئوخشىمايدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئاندا: «ئۇنىڭغا ئوخشاش ھېچ نەرسە يوقتۇر، ئۇ ھەممىنى ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر» (شۇرا: 11) دەپ جاكارلىغان.

44سوئال:ئاللاھنىڭ زاتىي سۈپەتلىرى قايسىلار؟#

جاۋاب: ۋۇجۇد (مەۋجۇتلۇق)، قىدەم (ئەزەلىيلىك)، باقا (ئەبەدىيلىك)، مۇخالەفەتۇن لىلھەۋادىس (مەخلۇقاتلارغا ئوخشىماسلىق)، قىيامۇھۇ بىنەفسىھى (ئۆز زاتى بىلەن مەۋجۇت بولۇش) ۋە ۋەھدانىيەت (بىرلىك).

45سوئال:ئاللاھنىڭ سۇبۇتىي سۈپەتلىرى قايسىلار؟#

جاۋاب: ھايات (مەڭگۈ تىرىك بولۇش)، ئىلىم (ھەممىنى بىلىش)، قۇدرەت (ھەممىگە كۈچى يېتىش)، ئىرادە (خالىغىنىنى قىلىش)، سەمئى (ئاڭلاش)، بەسەر (كۆرۈش)، كالام (سۆزلەش) ۋە تەكىۋىن (يارىتىش).

ئاللاھنى قۇرئان ۋە ھەدىستىكى سۈپەتلىرىدىن تونۇش (سوئال 46 – 48)

بۆلۈم: “ئاللاھنى قۇرئان ۋە ھەدىستىكى سۈپەتلىرىدىن تونۇش (سوئال 46 – 48)”
46سوئال:ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى بىلەن سۈپەتلىرى ئوتتۇرىسىدا قانداق پەرق بار؟#

جاۋاب: ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى ئۇنىڭ ئۇلۇغ زاتىغا ۋە مەلۇم مۇكەممەل سۈپىتىگە بىرلا ۋاقىتتا دالالەت قىلىدۇ. سۈپەت بولسا شۇ زاتتىكى مەنىۋى كامالىيەتنى ئىپادىلەيدۇ.

47سوئال:«ئەسمائۇل ھۇسنا» دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان ۋە سەھىھ ھەدىسلەردە زىكىر قىلىنغان ئەڭ گۈزەل، ئەڭ ئۇلۇغ ئىسىملىرى دېگەنلىكتۇر.

48سوئال:ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل ئىسىم-سۈپەتلىرى قايسىلار؟#

جاۋاب: ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان ۋە ھەدىستە بايان قىلىنغان 99 گۈزەل ئىسمى بار بولۇپ، كىمكى ئۇلارنى ساناپ، مەنىسىنى چۈشىنىپ ۋە ھاياتىدا ئەمەل قىلسا جەننەتكە كىرىدۇ.

Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.