Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

روزا ۋە رامىزان ئەھكاملىرى

This content is not yet available in your language.

روزىنىڭ پەرزلىكى ۋە بۇزىدىغان ئامىللار (سوئال 554 – 564)

بۆلۈم: “روزىنىڭ پەرزلىكى ۋە بۇزىدىغان ئامىللار (سوئال 554 – 564)”
554سوئال:روزا دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: روزا سۆزىنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى - ئۆزىنى بىر نەرسىدىن توسۇش دېگەنلىك بولۇپ، ئىسلام ئىستىلاھىدا تاڭ يورۇغاندىن باشلاپ قۇياش پاتقانغا قەدەر ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش نىيىتى بىلەن يېمەك-ئىچمەك ۋە جىنسىي ئالاقىدىن ئۆزىنى توسۇش دېگەنلىكتۇر.

555سوئال:روزا قانداق ئىبادەت؟#

جاۋاب: رامىزان ئېيىدا بىر ئاي روزا تۇتۇش ئىسلامدىكى 5 چوڭ ئاساسلىق پەرزدىن بىرى ۋە تەربىيە خاراكتېرلىك ئىبادەتتۇر.

556سوئال:رامىزان روزىسى قاچان پەرز بولغان؟#

جاۋاب: رامىزان روزىسى ھىجرىيىنىڭ 2-يىلى مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە پەرز قىلىنغان(1).

(1) ئىمام نەۋەۋىينىڭ «مەجمۇئە» ناملىق ئەسىرى، 6-توم 250-بەتتىن.
557سوئال:روزا كىملەرگە پەرز بولىدۇ؟#

جاۋاب: يىلدا بىر ئاي رامىزان روزىسىنى تۇتۇش ھەرقانداق مۇسۇلمان، ئاقىل، بالىغ ۋە روزا تۇتۇشقا تاقىتى يېتىدىغان كىشى ئۈچۈن پەرزدۇر.

558سوئال:روزىنى بۇزىدىغان ئامىللار قايسىلار؟#

جاۋاب: روزىنى بۇزىدىغان ئامىللار روزىنى بۇزۇش بىلەن بىرگە قازا ۋە كاپارەتنى لازىم قىلىدىغان ئامىللار، يەنە بىرى روزىنى بۇزۇش بىلەن بىرگە قازانىلا لازىم قىلىدىغان ئامىللار دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ.

559سوئال:روزىنى بۇزۇش بىلەن بىرگە قازا بىلەن كاپارەتنى لازىم قىلىدىغان ئامىللار قايسىلار؟#

جاۋاب: روزا تۇتقان كىشىنىڭ رامىزان كۈندۈزىدە قەستەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشى، يېيىشى، ئىچىشى ئۇنىڭ روزىسىنى بۇزىدۇ ۋە قازا بىلەن كاپارەتنى لازىم قىلىدۇ.

560سوئال:كاپارەت دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: كاپارەت - ماددىي جازا دېگەنلىكتۇر.

561سوئال:بۇزىۋەتكەن روزىنىڭ كاپارىتى قانداق ئادا قىلىنىدۇ؟#

جاۋاب: 1 كۈن قازا، 60 كۈن كاپارەت بولۇپ، ئارقا-ئارقىدىن 61 كۈن روزا تۇتۇش، ئۇنى قىلالمىسا يوقسۇللاردىن 60 كىشىگە بىر ۋاخ تاماق بېرىش ياكى 60 كىشىنىڭ ھەر بىرىگە رامىزاندىكى فىتىر سەدىقىسىنىڭ مىقدارىدا نەق پۇل بېرىش بىلەن ئادا تاپىدۇ.

562سوئال:قازا دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: قازا - ۋاقتىدا ئادا قىلالمىغان ئىبادەتلەرنى باشقا بىر ۋاقىتتا ئادا قىلىش دېمەكتۇر.

563سوئال:روزىنى بۇزۇپ قازاسىلا كېلىدىغان ئىشلار قايسىلار؟#

جاۋاب: روزىنى بۇزۇپ قازاسىلا كېلىدىغان ئىشلار تۆۋەندىكىلەر: (1) قۇم، تۇپراق ۋە كۆپ مىقداردىكى تۇزغا ئوخشاش ئادەتتە يېيىلمەيدىغان نەرسىلەرنىڭ گالدىن ئۆتۈپ كېتىشى. (2) قەستەن قۇسۇش (ئەمما ئىختىيارسىز ھالدا قۇسقان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ). (3) ئىپتارنىڭ ۋاقتى كەلگەنلىكىنى گۇمان قىلىپ ئېغىزىنى كۈن ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن ئېچىۋېتىش ياكى تاڭ يورۇمىدى دېگەن گۇمان بىلەن تاڭ يورۇپ بولغاندىن كېيىنمۇ يېيىشكە داۋام قىلىش. (4) ئۆزىدىن قەستەن ئىسپېرما چىقىرىش. (5) باشقا بىرىنىڭ زورلىشى بىلەن روزىسىنى بۇزۇش. (6) بۇرۇنغا ياكى قۇلاققا دورا تېمىتىش، تومۇرغا قۇۋۋەت ئۇكۇللىرىنى سالدۇرۇش (ئەمما داۋالىنىش مەقسىتى بىلەن بەدەننىڭ قايسىبىر يېرىگە سېلىنغان نورمال ئۇكۇللار روزىنى بۇزمايدۇ). (7) ئىختىيارسىز ھالدا گالدىن قار، يامغۇر ياكى سۇنىڭ ئۆتۈپ كېتىشى.

564سوئال:روزىدا ئېسىدە يوق بىر نەرسە يەپ-ئىچىپ قويسا روزا بۇزۇلامدۇ؟#

جاۋاب: روزا تۇتقان كىشى ئېسىدە يوق ھالدا بىرنەرسە يەپ سالسا ياكى ئىچىپ سالسا، ئېسىگە كەلگەن ھامان توختىتىۋالسا ئۇنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ. ئەمما «بەرىبىر بۇزۇلدىغۇ» دېگەن ئېتىقاد بىلەن يېيىشكە داۋام قىلسا بۇزۇلىدۇ.

روزىنىڭ تۈرلىرى ۋە رامىزان كۈنلىرىنىڭ پەزىلىتى (سوئال 565 – 575)

بۆلۈم: “روزىنىڭ تۈرلىرى ۋە رامىزان كۈنلىرىنىڭ پەزىلىتى (سوئال 565 – 575)”
565سوئال:دىنىمىزدا قانچە تۈرلۈك روزا بار؟#

جاۋاب: دىنىمىزدا 6 تۈرلۈك روزا بولۇپ، ئۇلار: پەرز، ۋاجىب، سۈننەت، مۇستەھەب، ھارام، مەكرۇھ ۋە نەپلە روزىلاردۇر.

566سوئال:پەرز روزىلار قايسىلار؟#

جاۋاب: پەرز روزىلار تۆۋەندىكىلەر: (1) رامىزان ئېيىنىڭ روزىسى. (2) كاپارەتنىڭ روزىسى. (3) رامىزاندا تۇتالمىغان روزىلارنىڭ قازاسى.

567سوئال:ۋاجىب روزىلار قايسىلار؟#

جاۋاب: ۋاجىب روزىلار تۆۋەندىكىلەر: (1) تۇتۇپ بۇزىۋەتكەن سۈننەت ياكى مۇستەھەب روزىلارنىڭ قازاسى. (2) تۇتىمەن دەپ ئاتىۋاتقانلىق سەۋەبى بىلەن ئۈستىگە يۈكلەنگەن روزا (نەزىر روزا).

568سوئال:سۈننەت بولغان روزىلار قايسىلار؟#

جاۋاب: سۈننەت بولغان روزىلار ئۈچ بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىلەر: (1) قەمەرىيە ئايلىرىدىن مۇھەررەم (1-ئاي)نىڭ 9- ۋە 10-كۈنلىرى ياكى 10- ۋە 11-كۈنلىرى روزا تۇتۇش. (2) ھەج پائالىيىتىدە بولمىغانلارنىڭ ئەرەفات كۈنىدە بىر كۈن روزا تۇتۇشى. (3) شەۋۋال ئېيىدىن 6 كۈن روزا تۇتۇش.

569سوئال:مۇستەھەب روزىلار قايسىلار؟#

جاۋاب: مۇستەھەب روزىلار تۆۋەندىكىلەر: (1) دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرىدە. (2) قەمەرىيە ئايلىرىدىن ھەر ئاينىڭ 13-، 14-، 15-كۈنلىرىدە. (3) شەئبان ئېيىدا خالىغانچە روزا تۇتۇش مۇستەھەبتۇر.

570سوئال:قايسى كۈنلەردە روزا تۇتۇش ھارام بولىدۇ؟#

جاۋاب: تۆۋەندىكى كۈنلەردە روزا تۇتۇش ھارام بولىدۇ: (1) روزا ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى. (2) قۇربان ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن 4-كۈنىگىچە بولغان ھېيت كۈنلىرىدە روزا تۇتۇش ھارامدۇر. چۈنكى مۇسۇلمانلار بۇ بايرام كۈنلىرىدە روزا تۇتماستىن، ئاغزىنى ئوچۇق قويۇپ ھېيت قىلىشقا بۇيرۇلغان.

571سوئال:قايسى كۈنلەردە روزا تۇتۇش مەكرۇھ بولىدۇ؟#

جاۋاب: تۆۋەندىكى كۈنلەردە روزا تۇتۇش مەكرۇھ بولىدۇ: (1) نەپلە روزا تۇتماقچى بولغان كىشىنىڭ جۈمە كۈنىنىلا ئايرىپ بۇ كۈندە روزا تۇتۇشى مەكرۇھتۇر. جۈمە كۈنىدە روزا تۇتماقچى بولغان كىشى ئۇنىڭغا پەيشەنبىنى ياكى شەنبىنى قوشۇپ تۇتۇشى لازىم. (2) ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتماقچى بولغان كىشىنىڭ ئاشۇرا كۈنىنى يالغۇز تۇتۇشى مەكرۇھتۇر. سۈننەت ئۇنىڭ ئالدىدىن ياكى كەينىدىن بىر كۈننى قوشۇپ تۇتۇشتۇر.

572سوئال:ئاشۇرا كۈنى دېگەن قايسى كۈن؟#

جاۋاب: ئاشۇرا كۈنى قەمەرىيە ئايلىرىدىن مۇھەررەم (1-ئاي)نىڭ 10-كۈنىدۇر.

573سوئال:نەپلە روزىلار قايسى ۋاقىتلاردا تۇتۇلىدۇ؟#

جاۋاب: نەپلە (ئىختىيارىي) روزىلارنى تۇتۇشنىڭ بەلگىلىك ۋاقىتلىرى يوق. روزا تۇتۇش ھارام ۋە مەكرۇھ بولغان كۈنلەرنىڭ سىرتىدا، يىلنىڭ قايسى بىر كۈنلىرىدە نەپلە روزىلارنى تۇتۇشقا بولىدۇ.

574سوئال:رامىزان ئېيى نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئۇلۇغ ئاي؟#

جاۋاب: رامىزان ئېيى نۇرغۇنلىغان پەزىلەتلىرى ۋە ئارتۇقچىلىقلىرى سەۋەبلىك پۈتۈن ئايلاردىن ئۇلۇغ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئاينىڭ ئۇلۇغلىقى مۇنۇ سەۋەبلەردىن: (1) رامىزان ئېيى قۇرئان كەرىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈشكە باشلىغان ئايدۇر. (2) رامىزان ئېيى قەدىر كېچىسى بىلەن شەرەپلەنگەن ئايدۇر. (3) رامىزان ئېيى ئىبادەتكە بېرىلىش ئېيىدۇر. (4) رامىزان ئۆزىنى سەۋرچانلىققا چېنىقتۇرۇش ئېيىدۇر. (5) رامىزان ئېيى دۇئالار ئىجابەت بولىدىغان ئايدۇر. (6) رامىزان ئېيىدا قىلىنغان ئۆمرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە قىلىنغان ھەجگە تەڭدۇر.

575سوئال:رامىزاندىكى ئەڭ پەزىلەتلىك كۈنلەر قايسىلار؟#

جاۋاب: رامىزاندىكى ئەڭ پەزىلەتلىك كۈنلەر رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنى بولۇپ، مىڭ ئايدىن ئۇلۇغ ۋە شەرەپلىك بولغان قەدىر كېچىسى بۇ كۈنلەردە تېپىلىدۇ.

روزا تۇتماسلىققا رۇخسەتلەر، پىديە ۋە پىتىر سەدىقىسى (سوئال 576 – 586)

بۆلۈم: “روزا تۇتماسلىققا رۇخسەتلەر، پىديە ۋە پىتىر سەدىقىسى (سوئال 576 – 586)”
576سوئال:رامىزان روزىسى كىملەردىن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؟#

جاۋاب: رامىزاندا روزا تۇتماسلىققا رۇخسەت قىلىنغانلار تۆۋەندىكى شەخسلەر: (1) ئېغىر ئاياق ياكى بالا ئېمىتىدىغان ئاياللار ئەگەر روزا تۇتسا ئۆزىگە ياكى بۆۋىكىگە زىيان يېتىدىغان بولسا; (2) روزىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان ئېغىر كېسەللەر; (3) ياشىنىپ قالغانلىقتىن روزا تۇتالمايدىغان كىشىلەر; (4) مۇساپىرلار; (5) ئۇرۇش مەيدانىدىكى ئەسكەرلەر; (6) باشقىسى تەرەپتىن ئەگەر روزا تۇتسا جېنىغا دەخلى-تەرۇز يېتىدىغان شەكىلدە تەھدىدكە ئۇچرىغانلار.

577سوئال:رامىزاندا روزا تۇتمىغانلار قانداق قىلىدۇ؟#

جاۋاب: ئېغىر ئاياق ياكى بالا ئېمىتكەنلىك ياكى كېسەللىك ياكى مۇساپىرلىق ياكى ئۇرۇش مەيدانىدا بولغانلىق ياكى تەھدىدكە ئۇچرىغانلىق سەۋەبلىك رامىزاندا روزا تۇتالمىغانلار باشقا ۋاقىتلاردا بىر كۈنگە بىر كۈندىن قازاسىنى تۇتىدۇ. ئەمما ياشىنىپ قالغانلىقتىن ياكى كېسەللىكتىن زادى روزا تۇتالمايدىغانلار تۇتالمىغان روزىلىرى ئۈچۈن فىدىيە بېرىدۇ.

578سوئال:فىدىيە دېگەن نېمە ۋە مىقدارى قانچىلىك؟#

جاۋاب: فىدىيە – قىلالمىغان ئىبادەت بەدىلىگە پېقىرلارغا بېرىلىدىغان سەدىقە. ياشىنىپ قالغانلىق ياكى كېسەللىك تۈپەيلى رامىزان روزىسىنى تۇتالمىغانلار تۇتالمىغان روزىنىڭ ھەر بىر كۈنى ئۈچۈن بىر پېقىر تويغۇدەك تاماق بېرىدۇ.

579سوئال:تۇتالمىغان روزىسى قالغان ھالدا ئۆلگەن كىشى ئۈچۈن فىدىيە بەرسە بولامدۇ؟#

جاۋاب: مۇنداق كىشىنىڭ تۇتالمىغان ھەر بىر كۈنلۈك روزىسى ئۈچۈن بىر پېقىر تويغۇدەك مىقداردا سەدىقە بەرسە بولىدۇ.

580سوئال:كېسەللىك ياكى سەپەردە بولغانلىق سەۋەبتىن روزا تۇتالماستىن ئۆلگەن كىشى ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك؟#

جاۋاب: كېسەللىك ياكى سەپەردە بولغانلىق سەۋەبتىن تۇتالمىغان روزىسىنىڭ قازاسىنى تۇتۇپ بولغىچىلىك ئۆلۈپ كەتكەن كىشى ئۈچۈن روزا تۇتۇش ياكى فىديە بېرىشمۇ لازىم كەلمەيدۇ. ئەگەر باشقا سەۋەبلەر بىلەن رامىزاننىڭ بەزى كۈنلىرىدە روزا تۇتمىغان بولۇپ، ئۇنىڭ قازاسىنى تۇتۇپ بولغىچىلىك ئۆلۈپ كەتكەن ۋە ۋارىسلىرىغا فىدىيە بېرىشنى ۋەسىيەت قىلغان بولسا، ئۇنىڭ ۋارىسلىرى ئۇنىڭ قالدۇرغان مىراسىدىن ئۈچتىن بىرىدىن كۆپ بولماسلىق شەرتى بىلەن، ئۇنىڭ تۇتالمىغان ھەر بىر كۈنى ئۈچۈن بىر پېقىر تويغۇدەك مىقداردا فىدىيە بېرىدۇ.

581سوئال:فىتىر سەدىقىسى دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: فىتىر سەدىقىسى (ياكى سەدىقايى فىترى) رامىزان روزىسى ۋە ھېيت خوشاللىقى سەۋەبى بىلەن پېقىرلارغا بېرىش بەلگىلەنگەن سەدىقە بولۇپ، خۇددى نامازنىڭ نۇقسانلىرىنى سەجدە سەھۋى تولۇقلىغاندەك، فىتىر سەدىقىسىمۇ رامىزان روزىسىنى تۇتۇش جەريانىدىكى نۇقسانلارنى تولۇقلايدۇ.

582سوئال:فىتىر سەدىقىسىنى كىملەر بېرىدۇ؟#

جاۋاب: فىتىر سەدىقىسىنى بېرىش مەيلى چوڭ بولسۇن، مەيلى ئەمدىلا تۇغۇلغان بۆۋاق بولسۇن، مەيلى باي بولسۇن، مەيلى كەمبەغەل بولسۇن، ھەر قانداق مۇسۇلماننىڭ ئۈستىگە ۋاجىبتۇر. مۇسۇلمان ئادەم بۇ سەدىقىنى ئۆزى ۋە ئۆزىنىڭ كاپالىتىدىكى ئائىلە ئەزالىرى، ئاتا-ئانىسى قاتارلىق ھەر بىر كىشى ئۈچۈن بېرىدۇ.

583سوئال:فىتىر سەدىقىسى قاچان بېرىلىدۇ؟#

جاۋاب: فىتىر سەدىقىسى روزا ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى ئەتىگىنى تاڭ ئېتىشى بىلەن ۋاجىب بولىدۇ. ئۇنى ھېيت نامىزىغا بېرىشتىن بۇرۇن بېرىش ئەۋزەل. ھېيت كۈنلىرى ئىچىدە بەرسىمۇ ياكى رامىزان ئىچىدە بېرىۋەتسىمۇ بولىدۇ.

584سوئال:فىتىر سەدىقىسىنىڭ مىقدارى قانچىلىك؟#

جاۋاب: فىتىر سەدىقىسىنىڭ مىقدارى يېرىم سا (1 كىلوگرام 625 گرام) بۇغداينىڭ ئۆزى ياكى خەلق پۇلىدىكى قىممىتىدۇر.(1)

(1) سا – قەدىمقى ئۆلچەكلەردىن بولۇپ، ھەنەفىي مەزھىبىگە كۆرە، بىر سا 3 كىلو 250 گرامغا تەڭ.
585سوئال:فىتىر سەدىقىسى كىملەرگە بېرىلىدۇ؟#

جاۋاب: فىتىر سەدىقىسى زاكات ئېلىشى دۇرۇس بولغان كىشىلەرگە بېرىلىدۇ.

586سوئال:فىتىر سەدىقىسىنى بەرمىگەن كىشىنىڭ روزىسى قانداق بولىدۇ؟#

جاۋاب: فىتىر سەدىقىسى روزىدىن ئايرىم بىر ئىبادەت بولۇپ، فىتىر سەدىقىسى بەرمىگەن كىشىنىڭ تۇتقان روزىسى دۇرۇس، بىراق فىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلمىغىچە بۇ سەدىقە ئۇ كىشىنىڭ ئۈستىدە قەرز بولۇپ قالىدۇ. تۇتقان روزىسىغا دەخلى يەتمەيدۇ.

ئېتىكاپ ۋە روزىغا ئالاقىدار كۈندىلىك سوئاللار (سوئال 587 – 607)

بۆلۈم: “ئېتىكاپ ۋە روزىغا ئالاقىدار كۈندىلىك سوئاللار (سوئال 587 – 607)”
587سوئال:ئېتىكاپ دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: ئېتىكاپ - ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش نىيىتى بىلەن روزا تۇتقان ھالەتتە مەسچىتتە ئولتۇرۇش دېمەكتۇر.

588سوئال:ئېتىكاپ قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟#

جاۋاب: ئېتىكاپ ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى سۈننەت، يەنە بىرى ۋاجىب بولغان ئېتىكاپتۇر: (1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىزىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش مەقسىتى بىلەن قىلىنىدىغان ئېتىكاپ سۈننەت بولغان ئېتىكاپتۇر. (2) ئېتىكاپ قىلىشنى نىيەت قىلىپ ئاتىۋەتكەن سەۋەبتىن ۋاجىب بولىدىغان ئېتىكاپتۇر.

589سوئال:ئېتىكاپ قاچان قىلىنىدۇ؟#

جاۋاب: قايسىبىر ۋاقىتتا ئېتىكاپ قىلىش سۈننەتتۇر. رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپ قىلىش تەكىتلىك سۈننەت بولۇپ، ئۇنىڭ ساۋابى ناھايىتى كۆپتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ھېچ تەرك ئەتمىگەن.

590سوئال:ئېتىكاپنىڭ شەرتلىرى قايسىلار؟#

جاۋاب: ئېتىكاپنىڭ شەرتلىرى تۆۋەندىكىچە: (1) ئېتىكاپنى نىيەت قىلىش. (2) ئەرلەرنىڭ مەسچىتتە ئولتۇرۇشى، ئاياللارنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇشى. (3) ئاياللارنىڭ ھەيز ۋە نەپاسلاردىن پاك بولۇشى. (4) ئۈزۈرسىز مەسجىدتىن چىقماسلىق.

591سوئال:رامىزان روزىسىنىڭ ۋە باشقىمۇ ئىبادەتلەرنىڭ نىيىتىنى ئېغىز بىلەن ئېيتىش شەرتمۇ؟#

جاۋاب: قانداقلا بىر ئىبادەت ئۈچۈن نىيەتنى ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلەش شەرت ئەمەس، بەلكى كۆڭۈلدە نىيەت قىلىش يېتەرلىكتۇر.

592سوئال:ئىنتايىن ئاز مىقداردا بىرنەرسە يېيىش بىلەنمۇ روزا بۇزۇلامدۇ؟#

جاۋاب: ئاز مىقداردا بىرنەرسە يېيىش بىلەنمۇ، ھەتتا بىرەر دانە نۇقۇت ياكى بىرتامچە يامغۇرنىڭ گالدىن ئۆتۈپ كېتىشى بىلەنمۇ روزا بۇزۇلىدۇ.

593سوئال:روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئاغزىغا چىۋىن ياكى چاڭ-توزان كىرىپ كەتسە روزىسى بۇزۇلامدۇ؟#

جاۋاب: روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئاغزىغا چىۋىن ياكى چاڭ-توزان كىرىپ كېتىپ، ھەتتا گېلىدىن ئۆتۈپ كەتسىمۇ ئۇنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ. ئەمما ئۇششاق تاش ياكى كىچىك چالما چاغلىق نەرسىلەرنى يۇتۇپ سالغان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا بىر كۈنلۈك قازا لازىم كېلىدۇ.

594سوئال:روزا تۇتۇۋاتقان كۈنلەردە ئۆزىگە ئەتىر چېچىش ياكى گۈللەرنى پۇراش بىلەن روزا بۇزۇلامدۇ؟#

جاۋاب: روزا تۇتۇۋاتقان كۈنلەردە ئۆزىگە ئەتىر چېچىش ياكى گۈللەرنى پۇراش بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ.

595سوئال:رامىزان كۈندۈزىدە ئېھتىلام بولۇپ قالغان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلامدۇ؟#

جاۋاب: رامىزان كۈندۈزدە ئىختىيارسىز ھالدا ئېھتىلام بولۇپ قالغان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ. ئۇنىڭغا غۇسلى قىلىش پەرز بولىدۇ. ئىپتاردىن بۇرۇن غۇسلى قىلسىمۇ روزىسى بۇزۇلمايدۇ.

596سوئال:رامىزان روزىسىنى تۇتۇش كۈنىنىڭ دۆلەت تەرەپتىن بەلگىلىنىشى شەرتمۇ؟#

جاۋاب: روزا تۇتۇش كۈنىنىڭ دۆلەت تەرەپتىن بەلگىلىنىشى شەرت ئەمەس، بەلكى ئاينى كۆرگەن كىشىنىڭ روزا تۇتۇشى پەرزدۇر.

597سوئال:رامىزان كۈندۈزدە قان ئالدۇرغان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلامدۇ؟#

جاۋاب: رامىزان كۈندۈزدە قايسىبىر سەۋەب بىلەن قان ئالدۇرغان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ.

598سوئال:ئايلىق ئادىتى ئىچىدىكى ياكى تۇغۇتلۇق ئاياللار روزا تۇتسا بولامدۇ؟#

جاۋاب: ئايلىق ئادىتى ئىچىدىكى ياكى تۇغۇتلۇقنىڭ قېنىدىن تېخى پاكلىنىپ بولالمىغان ئاياللارنىڭ روزا تۇتۇشى جائىز ئەمەس. تۇتقان تەقدىردىمۇ ھېسابلانمايدۇ.

599سوئال:رامىزان كۈندۈزىدە ھەيز كۆرگەن ياكى تۇغقان ئايالنىڭ روزىسى بۇزۇلامدۇ؟#

جاۋاب: رامىزان كۈندۈزىدە ھەيز كۆرگەن ياكى تۇغقان ئاياللارنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ. ئۇلار كېيىن قازاسىنى تۇتىدۇ.

600سوئال:سۇھۇرلۇق يەۋاتقان ۋاقىتتا بامداتقا ئەزان ئوقۇلسا نېمە قىلىش كېرەك؟#

جاۋاب: سۇھۇرلۇق يەۋاتقان ۋاقىتتا بامداتقا ئەزان ئوقۇلغان بولسا ھامان يېيىشنى توختىتىش كېرەك، بىراق تۇتقان روزا دۇرۇس بولىدۇ.

601سوئال:جىنابەت بىلەن روزا تۇتۇش دۇرۇسمۇ؟#

جاۋاب: جىنابەت (يەنى غۇسلىنى كېرەك قىلىدىغان ھالەت)تىن پاك بولۇش ناماز ئوقۇش ئۈچۈن شەرت، ئەمما روزا تۇتۇش ئۈچۈن شەرت ئەمەس. شۇڭا جىنابەت بىلەن روزا تۇتۇش دۇرۇستۇر.

602سوئال:روزا تۇتماسلىققا رۇخسەت قىلىنغان كېسەل قانداق كېسەل؟#

جاۋاب: روزا تۇتماسلىققا رۇخسەت قىلىنغان كېسەلنىڭ ئادەتتىكى باش ئاغرىقى، چىش ئاغرىقى ۋە كۆز ئاغرىقىغا ئوخشىغان يېنىك كېسەللەردىن بولماستىن، بەلكى روزا تۇتسا تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىش ئېھتىمالى كۈچلۈك بولغان ئېغىر كېسەللەردىن بولۇشى شەرتتۇر.

603سوئال:كاپارەت قايسى تۈردىكى روزىنى بۇزغانغا كېلىدۇ؟#

جاۋاب: كاپارەت پەقەت رامىزاننىڭ روزىسىنى قەستەن بۇزغانلىق ئۈچۈنلا لازىم كېلىدۇ. ئەمما كاپارەت روزىسىنى، قازا ۋە نەپلى روزىلارنى بۇزغانغا كاپارەت لازىم كەلمەيدۇ.

604سوئال:نەپلى ئۈچۈن روزا تۇتۇپ ئۇنى بۇزغان كىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ قازاسىنى تۇتۇش كېرەكمۇ؟#

جاۋاب: سۈننەت ياكى نەپلى روزىلارنى تۇتۇپ قايسىبىر سەۋەب بىلەن بۇزىۋەتكەن كىشى ئۈچۈن ھەنەفىي مەزھىبىگە كۆرە قازا لازىم كېلىدۇ. ئەمما شافىئىي، مالىكىي ۋە ھەنبەلىي قاتارلىق ئۈچ مەزھەبكە كۆرە، بۇ روزىلار ئىختىيارى روزىلار بولغانلىقتىن، بۇزىۋەتكەنگە قازا لازىم كەلمەيدۇ. ھازىرقى زامان ئۆلىمالىرى بۇ مەسىلىدە بۇ ئۈچ مەزھەبنىڭ رەئيىنى كۈچلۈك سانايدۇ.

605سوئال:ئۆزىنىڭ تۈكۈرۈكىنى يۇتۇش بىلەن روزا بۇزۇلامدۇ؟#

جاۋاب: روزا تۇتقان كىشىنىڭ كۈندۈزدە ئۆز تۈكۈرۈكىنى يۇتۇشى بىلەن روزىسى بۇزۇلمايدۇ.

606سوئال:روزا تۇتقان كىشىنىڭ كۈندۈزدە كۆزىگە سۈرمە تارتىشى ۋە دورا تېمىتىشى بىلەن روزىسى بۇزۇلامدۇ؟#

جاۋاب: روزا تۇتقان كىشىنىڭ كۈندۈزدە كۆزىگە سۈرمە تارتىشى ۋە دورا تېمىتىشى بىلەن روزىسى بۇزۇلمايدۇ.

607سوئال:قايسى ئورگانغا دورا قويۇش بىلەن روزا بۇزۇلىدۇ؟#

جاۋاب: روزا تۇتقان كىشىنىڭ كۈندۈزدە ئاغزىغا ياكى بۇرنىغا ياكى قۇلىقىغا دورا تېمىتىشى بىلەن ئۇنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ. شۇنىڭدەك ئىككى ئەۋرەت ئەزاسىغا دورا قويۇشى بىلەنمۇ روزىسى بۇزۇلىدۇ.

Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.