Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

ئاياللارغا خاس ئەھكاملار

This content is not yet available in your language.

ھەيز ۋە نىپاس ئەھكاملىرى (سوئال 249 – 255)

بۆلۈم: “ھەيز ۋە نىپاس ئەھكاملىرى (سوئال 249 – 255)”
249سوئال:ئاياللارغا خاس قانچە ھالەت بار؟#

جاۋاب: ئۈچ خىل ھالەت بار: (1) ئايلىق ھالىتى (ھەيز). (2) تۇغۇتلۇق ھالىتى (نىفاس). (3) ئۈزۈرلۈك ھالىتى (مۇستەھازە).

250سوئال:ئاياللارنىڭ ئايلىق ھالىتى دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: ئادەت كۆرۈش يېشىدىكى ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىدىن نورمال كېلىدىغان قېنىدۇر.

251سوئال:ئاياللارنىڭ ئايلىق ئادىتىنىڭ مۇددىتى قانچىلىك؟#

جاۋاب: ئەڭ ئاز بولغاندا ئۈچ كۈن، ئەڭ كۆپ بولغاندا ئون كۈن بولىدۇ، نورمالدا بەش كۈندىن يەتتە كۈنگىچەدۇر.

252سوئال:ئاياللارنىڭ تۇغۇتلۇق ھالىتى دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: تۇغۇتتىن كېيىن تۇغۇت قېنىدىن پاكلانغىچە بولغان مەزگىلدۇر (نىفاس).

253سوئال:ئاياللارنىڭ تۇغۇتلۇق ھالىتىنىڭ مۇددىتى قانچىلىك؟#

جاۋاب: ئەڭ كۆپ بولغاندا 40 كۈندۇر. قىرىق كۈندىن ئېشىپ كەتكىنى ئۈزۈر ھېسابلىنىدۇ.

254سوئال:ئاياللار ئادەت كۆرگەن ياكى تۇغۇتتىن كېيىنكى قېنىدىن پاكلىنىپ بولمىغان ۋاقىتلىرىدا قانداق ئىشلارنى قىلمايدۇ؟#

جاۋاب: (1) ناماز ئوقۇش. (2) روزا تۇتۇش. (3) قۇرئان تۇتۇش ۋە ئوقۇش. (4) مەسجىدكە كىرىش. (5) تىلاۋەت سەجدىسى. (6) ئېتىكاپ. (7) كەبىنى تاۋاپ قىلىش. (8) جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش.

255سوئال:ئاياللار يۇقىرىقى ھالەتلىرىدە قىلالمىغان ئىبادەتلىرىنى قانداق قىلىدۇ؟#

جاۋاب: نامازنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ، چۈنكى ناماز ساقىت بولىدۇ. روزىنىڭ قازاسىنى كېيىن تۇتۇپ بېرىدۇ.

ئىستىھازە ۋە تاھارەتسىز چەكلەنگەن ئىشلار (سوئال 256 – 259)

بۆلۈم: “ئىستىھازە ۋە تاھارەتسىز چەكلەنگەن ئىشلار (سوئال 256 – 259)”
256سوئال:ئاياللارنىڭ ئۈزۈرلۈك ھالىتى دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: ئادەت كۈنلىرىدىن ئارتۇق (10 كۈندىن ئاشقان ياكى 3 كۈنگە يەتمىگەن)، تۇغۇتتا 40 كۈندىن ئاشقان قان ئۈزۈرلۈك ھالەت (مۇستەھازە) ھېسابلىنىدۇ.

257سوئال:ئۈزۈرلۈك ھالىتىدىكى ئاياللار ئىبادەتلەرنى قىلالامدۇ؟#

جاۋاب: ئىبادەتلەرنى تولۇق قىلىدۇ، ھەر ۋاخ ئۈچۈن ئايرىم تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇيدۇ ۋە روزا تۇتىدۇ.

258سوئال:تاھارەتسىز كىشىلەر ئۈچۈن مەنئى قىلىنغان ئىشلار قايسىلار؟#

جاۋاب: (1) ناماز ئوقۇش. (2) قۇرئان تۇتۇش. (3) كەبىنى تاۋاپ قىلىش.

259سوئال:جۇنۇپ كىشى ئۈچۈن مەنئى قىلىنغان ئىشلار قايسىلار؟#

جاۋاب: تاھارەتسىزگە مەنئى قىلىنغان ئىشلاردىن سىرت، قۇرئاننى يادقا بولسىمۇ ئوقۇش، مەسجىدكە كىرىش ۋە ئۇنىڭدا ئولتۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ.

Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.