ئائىلە، قوشنىدارلىق ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر
This content is not yet available in your language.
ئاتا-ئانا، سىلە-رەھىم، قوشنىدارلىق ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر (سوئال 1093 – 1140)
بۆلۈم: “ئاتا-ئانا، سىلە-رەھىم، قوشنىدارلىق ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر (سوئال 1093 – 1140)”جاۋاب: قوشنىلارغا قىلىدىغان مۇئامىلە ئۇلارغا توغرا ۋە راستچىل، سەمىمىي بولۇش، قولىدىن كەلگەن ياخشىلىقلارنى قىلىش، ئازار بەرمەسلىك، زىيانغا ئۇچراتماسلىق، ھەر ۋاقىت ياردىمىگە ئۆلگۆرۈش، قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم قىلىش، مۇسىبەتلىرىدە يالغۇز تاشلىۋەتمەسلىك، خوشاللىقلىرىنى بىرگە تەنتەنە قىلىش، باشقىلارغا ياخشى تەرىپىنى قىلىش، ئابرويىنى ۋە ئىززت – ھۆرمىتىنى قوغداش، يامانلىقلىرىنى كەچۆرۈش، ئازارلىرىغا سەۋر قىلىش، بالىلار ئوتتۇرىسىدا چىققان جېدەللەرنى توغرا ھەل قىلىپ، ئىناقلىقنى ساقلاش، گەپ توشۇغۇچىلار ۋە بۇزغۇنچىلارنىڭ سۆزلىرىنى ئېنىقلىماي تۇرۇپ، ئۇلارنى قارىلىماسلىق، ئۇلارغا قارشى ئۆچمەنلىك، كۆرەلمەسلىك، دۈشمەنلىك قاتارلىق ئىللەتلەرنى ساقلىماسلىق، قوشنىلارغا تۆھمەت قىلماسلىق، ھەر ئۇچراشقاندا قىزغىن سالام بىلەن قارشى ئېلىش قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: «جىبىرىئىل ماڭا قوشنىلارغا ياخشىلىق قىلىشىم توغرۇلۇق تولىمۇ كۆپ تەۋسىيە قىلىۋاتىدۇ. ھەتتا قوشنىلارنى 1 مىراسىمغىمۇ شېرىك قىلىپ قويامدىغاندۇ، دەپ گۇمان قىلىپ قالدىم» دېگەن.
جاۋاب: كادىرنىڭ بىرگە ئىشلەيدىغان خىزمەتداشىلىرى، دۇكانچىنىڭ دۇكان قوشنىلىرى، ئوقۇغۇچىنىڭ ساۋاقداشلىرى، دېھقاننىڭ يەر قوشنىلىرى، ھۆنەرۋەننىڭ سەبداشلىرى ئۇنىڭ ھەر كۆنى بىرگە بولىدىغان، خوشاللىق – دەرتلىك كۆنلىرىنى بىرگە ئۆتكۆزىدىغان، دەرھال ياردىمىگە ئۆلگۆرىدىغان ۋە ئۇنى يالغۇز قويماي دەرتلىرىگە دەرمان بولىدىغان كىشىلىرىدۇر. شۇڭا ئۇلار بىلەن ياخشى، ئىناق ۋە سەمىمىي ئۆتۆشكە ئەھمىيەت بېرىشى ناھايىتى زۆرۈردۇر. ئامەت كەلگەندە ئۇلارغا چوڭلۇق قىلماسلىقى، زىيان تارتقاندا ئۇلاردىن كۆرمەسلىكى، ئۇلارنى ھەمىشە ئوتلۇق سالام بىلەن قارشى ئېلىشى، ماددىي ۋە مەنىۋى ھەر جەھەتتىن بۇخارى رىۋايىتى. ) ( ئۇلارغا ياردەم قولىنى سونۇشى، ئۇلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماسلىقى، زىيانغا ئۇچراتماسلىقى، يامان كۆرمەسلىكى، ئۇلارغا كەلگەن ئامەتلەرگە كۆز قىزارتماسلىقى، ئارىدا چۆشىنىشمەسلىك يۆز بەرسە، يۆزمۇ – يۆز ئولتۇرۇپ چىرايلىق سۆزلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشى، ئاياللارنىڭ ۋە بالىلارنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ مۇناسىۋەتنى بۇزماسلىقى، چېقىمچىلار ۋە گەپ توشۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىرىنى ئېنىقلاپ كۆرمەي تۇرۇپ ئۇلاردىن ئاغرىنماسلىقى، ئاللاھ قوشقان بۇ ھەمراھلىقنى ئاخىرىغىچە ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە داۋاملاشتۇرۇش يولىدا قولىدىن كەلگەننى قىلىشى ۋە باشقىلار.
جاۋاب: بىراۋنىڭ دوستى ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن سىردىشى ۋە ئەڭ ئىشەنچ قىلىدىغان بىرسىدۇر. ئىنسانلار ئادەتتە ئائىلىسىدىن ياكى باشقىلاردىن رەنجىگەندە، بېشىغا كۆن چۆشكەندە دوستلىرىغا مۇراجىئەت قىلىپ، ئۇلاردىن تەسەللى ھاسىل قىلىشقا ۋە قىيىنچىلىقلىرى ئۆچۆن چىقىش يولى ئىزدەشكە تىرىشىدۇ. مۇندىن باشقا ھەقىقىي سەمىمىي دوست ئادەمنىڭ قايغۇلۇق ۋە خوشاللىق كۆنلىرىدە يېنىدا بولىدۇ، ئۇنىڭغا مەدەت بېرىدۇ ۋە ئۇنى قوغدايدۇ. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، دوستلارغا سەمىمىي ساداقەتلىك، توغرا ۋە راستچىل بولۇش كېرەك. ئۆزىنىڭ قەدىرلىنىشىنى خالىغان ئادەم دوستلىرىنى قەدىرلىشى لازىم. دوستلىرىغا ئالا كۆڭۆللۆك قىلىدىغان، مەنپەئەت يەتسە دوست، مەنپەئەت يەتمىگەندە رەقىبىغا ئايلىنىدىغان، دوستىنىڭ بېشىغا كۆن كەلگەندە ياكى ياردىمىگە مۇھتاج بولغىنىدا ئۇنىڭدىن قاچىدىغان ئادەم دوستلۇق نامىغا خىيانەت قىلىدىغان، مەنپەئەت دوستىدۇر. دوستلۇق تۆرلىرى.
جاۋاب: دۇنيادا مۇنداق ئۆچ خىل دوست بولىدۇ: بىرى، سەمىمىي ساداقەتلىك دوست، يەنە بىرى مەنپەئەت قوغلايدىغان دوست، ئۆچىنچىسى يامان دوستتۇر.
جاۋاب: سەمىمىي ساداقەتلىك دوست دوستلاشقان كىشىسىنى جېنىدىن بەك سۆيىدىغان، ئۇنىڭ مەنپەئەتىنى ئۆز مەنپەئەتى، ئۇنىڭ زىيان تارتىشىنى ئۆزىنىڭ زىيىنى دەپ تونۇيدىغان، ياخشى – يامان كۆنلەردە ئۇنى تەرك ئەتمەيدىغان، ئاق كۆڭۆل، راستچىل، ۋاپادار دوستتۇر. مۇنداق دوست جاننى پىدا قىلىشقىمۇ ئەرزىيدۇ. مۇنداق بىر مۇقەددەس دوستلۇققا خىيانەت قىلىش تولىمۇ رەزىللىكتۇر. بۇ ماۋزۇدا پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىنىڭ دوستلىقى ئەڭ ياخشى ئۆلگىدۇر. ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بالىلىق چېغىدىن بېرىكى قەددىناس دوستى بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تۇنجى ۋەھيى كېلىپ، ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەندە، ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى تۇنجى بولۇپ تەستىقلىغان ۋە قوللىغان بىرىنچى شەخس بولۇپ تارىخقا قەيت قىلىندى. ئۇ پۆتۆن مال – مۆلكىنى ۋە يۆز – ئابرويىنى قۇربان قىلغان ھالدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ھېمايە قىلغاننىڭ سىرتىدا، ئائىلىسىنى مەككىدە تەرك ئەتكەن ھالدا ئۇنىڭ بىلەن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشتىن ئىبارەت ئۆلۆم پۇراپ تۇرىدىغان خەتەرلىك سەپەرگە ئاتلاندى. مەدىنىگە بارغاندىن كېيىنمۇ، پۆتۆن قىيىنچىلىقلاردا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوڭ قانىتى بولۇپ ھەمىشە ئۇنىڭ يېنىدا بولدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ ئورۇنباسارى (خەلىپىسى) بولۇپ، ئۇنىڭ يولىغا ۋە ئىرادىسىگە بەجانىدىل ۋارىسلىق قىلىپ ئالەمدىن ئۆتتى. مانا بۇ، سەمىمىي ساداقەتلىك دوستلۇقنىڭ بىردىنبىر ئۆلگىسىدۇر.
جاۋاب: بېرىدۇ. ئۆمەر يەنە «: ئۇنىڭدىن سەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە سەپەر قىلىپ»باققانمۇ؟ دەپ سورايدۇ. گۇۋاھچى «: يەنە»ياق دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۆمەر يەنە «: ئۇنىڭدىن سەن ئۇنىڭ بىلەن پۇل مۇئامىلىسى قىلىپ»باققانمۇ؟ دەپ سورايدۇ. گۇۋاھچى «: يەنە»ياق دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا خەلىپە «: ئۆمەر !يوقال سەن ئۇنى»تونۇمايدىكەنسەن دەيدۇ ۋە ئۇنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىنى رەت قىلىدۇ. ئىمام شافىئىي بىراۋنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشىگە ۋە ئىبادەتلىرىنىڭ كۆپلىكىگە قاراپ باھا بېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق «بىراۋنىڭ : دېگەن سەجدىدە كۆز ياش تۆككىنىگە ئەمەس، بەلكى مۇئامىلە ئىشلىرىدىكى ئەھۋالىغا !قاراڭ»
جاۋاب: يامان دوست ئادەمنى يامان ئادەت، ناچار ئەخلاق ۋە تۆرلۆك رەزىل قىلمىشلارغا باشلاپ كىرىپ، ھەر خىل بالا - قازالارغا دۇچار قىلىدىغان ئادىمىي شەيتاندۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنىڭ نۇرغۇن ئايەتلىرىدە مۆمىنلەرنى ئادىمىي شەيتانلارنى دوست تۇتماسلىققا، ئۇلاردىن يىراق تۇرۇشقا چاقىرغاننىڭ سىرتىدا، قۇرئان كەرىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سۆرىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئايىتىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ۋە جىمى مۇسۇلمانلارنى ئادىمىي شەيتانلارنىڭ ھەر تۆرلۆك يامانلىقلىرىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەشكە بۇيرۇش بىلەن تاماملىغان. ئاللاھقا”﴿ سېغىنىپ، ئىنسانلاردىن بولغان يوشۇرۇن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنىڭ شەررىدىن پاناھ “تىلەيمەن 1 دېگىن﴾. ھەممىگە مەلۇمكى، زامانىمىزىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە، نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمان بالىلىرىنىڭ پاجىئەلەر بىلەن ئاياقلاشقان تۇيۇق يوللارغا كىرىپ كېتىشى، ئاتا – ئانىسىنى زار – زار يىغلىتىپ تۆرلۆك رەزىللىك يوللىرىدا نابۇت بولۇپ تۆگىشىپ كېتىشى، مۇسۇلمان ئائىلىسىدە چوڭ بولۇپ تۇرۇپ مۇسۇلمانچىلىقتىن، ئەدەپ ئەخلاقتىن ھېچقانداق نېسىۋىسى بولمىغان، رەڭلىك ئولتۇرۇشلار، ھارام قىلمىشلار ۋە ئادىمىيلىكتىن چىققان رەزىل ئىشلار بىلەن ئۆمرىنى ئۆتكۆزىۋاتقانلىقى قاتارلىق پاجىئەلەرگە بىر تەرەپتىن ئائىلە تەربىيىسىنىڭ بولمىغانلىقى سەۋەب بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن يامان دوستلار يەنى ئادىمىي شەيتانلار سەۋەب !بولماقتا شۇڭا ئائىلە تەربىيىسى ناچار، ئەخلاقى يامان، دىيانىتى سۇس كىشىلەر دوست بولۇشقا ھەرگىز ئەرزىمەيدۇ. مۇنداقلارغا ئالدى بىلەن مۇسۇلمانلىق بۇرچىمىزنىڭ تەقەززاسى بويىچە ھېكمەتلىك ئۇسۇلدا ۋەز نەسىھەت قىلىپ، ئۇلارنى ياخشى ئىشلارغا دەۋەت قىلىشىمىز لازىم. ئۇلار دەۋەتنى قوبۇل قىلىپ يامان ئادەتلىرىنى تاشلاپ ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغان، ئىسلام پەرزلىرىنى ئادا قىلىدىغان بولۇپ ئۆزگەرسە، ئۇلار بىلەن ئاللاھ ئۆچۆن دوست بولۇپ ياخشى ئىشلارغا داۋام قىلىش لازىم. چۆنكى بىرەر ئادەمنى ياخشى يولغا كىرگۆزۈشنىڭ ساۋابى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەبىرى «دۇنيا بىلەن ۋە ئۇنىڭدىكى ھەممە نەرسىدىن دۇر چوڭ.«يەنى بىراۋنىڭ ھىدايەت تېپىشىغا سەۋەب بولغانلىقنىڭ ساۋابى پۆتۆن دۇنيانىڭ بايلىقىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغاننىڭ ساۋابىدىنمۇ چوڭدۇر دېگەنلىكتۇر. ئەگەر دەۋەتنى قوبۇل قىلمىسا ياكى باش لىڭشىتىپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ بىلگىنىچە ئىش قىلىشقا داۋام قىلسا، مۇنداقلارنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ئۆمىت قالمىغان بولىدۇ. شۇڭا ئۇلار بىلەن دوست بولۇش ئەمەس، بەلكى ئۇلار بىلەن ئارىلاشماسلىق، مۇئامىلە قىلىشماسلىق، قۇدا – باجىلىق مۇناسىۋىتى قۇرماسلىق لازىم. شۇنداقلا بالىلارنىڭ ئائىلە تەربىيىسى ياخشى بولمىغان، ئەدەب – ئەخلاقتىن نېسىۋە ئالالمىغان بالىلارغا ئارىلىشىشىغا ۋە دوست بولىشىغا قەتئىي يول قويماسلىق لازىم. چۆنكى دىيانىتى ۋە ئەخلاقى بولمىغان ئادەملەردىن ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلىپ بولغۇسىز بالايى – ئاپەتلەرنى كۆتۆشكە بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ مەنىنى ئىنتايىن ئېسىل بىر تەبىر بىلەن ئىپادىلەپ مۇنداق دېگەن:»ياخشى دوست بىلەن يامان دوستنىڭ مىسالى ئىپار ساتقۇچى بىلەن كۆرەك باسقۇچىغا ئوخشايدۇ. ئىپار ساتقۇچىنىڭ يېنىغا بارسىڭىز ئۇ سىزگە ئىپار بېرىدۇ ياكى ئۇنىڭدىن سېتىۋالىسىز ياكى ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭدىن ئىپارنىڭ خۇشبۇيىنى پۇرايسىز. كۆرەك باسقۇچىنىڭ يېنىغا بارسىڭىز ئۇ كىيىمىڭىزنى كۆيدۈرۈپ 1 قويىدۇ ياكى ئۇنىڭدىن بەدبۇي سېسىق پۇراقنى پۇرايسىز». ئەجدادلىرىمىزمۇ قازاننىڭ«قېشىغا بارماڭ قاراسى يۇقار، ياماننىڭ قېشىغا بارماڭ بالاسى 2 )»(يۇقار) ( دېگەن ھېكمەتنى قالدۇرۇش ئارقىلىق ئەۋلادلىرىنى يامان ئادەملەر بىلەن دوست بولۇشنىڭ خەتەرلىرىدىن ئاگاھلاندۇرغان. ئىنسانلارغا مۇئامىلە قىلىش پىرىنسىپى.
جاۋاب: جەمئىيەتتىكى پۆتۆن كىشىلەرگە دۇرۇسلۇق، توغرىلىق ۋە ئادالەتنى ئاساس قىلغان ھالدا ئىسلامىي گۆزەل ئەخلاق بىلەن ئىللىق مۇئامىلە قىلىش كېرەك. چۆنكى جەمئىيەتنى تەشكىل قىلغۇچىلار ئىنسانلار بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ پاراۋانلىقى، خاتىرجەملىكى شۇ ئىنسانلارغا باغلىقتۇر. قىسقىسى، ئىنسانلار تۆزۈلسە جەمئىيەت ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى. ) ( ئۇيغۇر خەلق ماقال – تەمسىللىرىدىن. ) ( تۆزۈلىدۇ، ئىنسانلار بۇزۇلسا جەمئىيەتمۇ بۇزۇلىدۇ. بىر جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان ئىنسانلار بايدىن گادايغىچە، رەئىستىن پۇقراغىچە، زىيالىيدىن ساۋاتسىزغىچە، موللىدىن ئاۋامغىچە ھەممىسى ھۆرمەتتە، ھەق – ھوقۇقتا، ياخشى مۇئامىلە كۆرۈشكە ھەقلىق بولۇشتا ئوخشاش بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن كىم بولىشىدىن قەتئىينەزەر تەقۋا بولغىنى ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ئىنسانلىق ئېتىبارى بىلەن پۆتۆن ئىنسانلار باراۋەردۇر. بۇنىڭغا بىنائەن، جەمئىيەتتىكى پۆتۆن ئىنسانلارغا دۇرۇس، توغرا ۋە ئادالەتلىك مۇئامىلە قىلىش، رەھىم – شەپقەتلىك بولۇش لازىم. مۇسۇلمان ئادەم كىشىلەرگە ھەقسىزلىق قىلمايدۇ، ئۇلارنى ئالدىمايدۇ، يامان كۆرمەيدۇ، زىيانغا ئۇچراتمايدۇ. مەيلى ئېلىم - سېتىم مۇئامىلىسىدە بولسۇن، مەيلى باشقا ھەر قانداق بىر مۇئامىلىدە بولسۇن ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ئايرىمچىلىق قىلمايدۇ، ئادالەتسىزلىك قىلمايدۇ ۋە ھەر كىشىگە -كۆڭلى كۆكسىنى كەڭ تۇتىدۇ.
جاۋاب: مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئارا قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى ئادەتتىكى شەخسىي مۇناسىۋەتتىن ھالقىغان، تەقۋالىق، ئەخلاق – پەزىلەت، ئۆز ئارا ھەمكارلىق ۋە چېكىگە يەتكەن مېھرىبانلىقنى ئاساس قىلغان ئەڭ مۇستەھكەم بىر مۇناسىۋەت بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ يېمىرىلمەس بىر پۆتۆن گەۋدە ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىدۇ. قۇرئان 1 كەرىم بۇنى تەكىتلەپ: مۆمىنلەر﴿ ھەقىقەتەن قېرىداشلاردۇر﴾ دەپ ئېلان قىلغان. مۇسۇلمانلارغا ئەڭ ئىللىق، ئادالەتلىك ۋە كامالىي مېھرى – مۇھەببەت بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك. چۆنكى مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز ئارا قېرىنداشلىق رىشتىسى ئىنتايىن چوڭ ۋە مۇقەددەس بىر رىشتى بولۇپ، ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان ئادەم يەنە بىر مۇسۇلماننىڭ مەنپەئەتىنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە، ئۇنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى ئۆزىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغىنىغا ئوخشاش بىلىپ، ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ھەر نەرسىسىنىـ خۇددى ئۆزىنىـ ۋە ئۆزىنىڭ نەرسىلىرىنىـ قوغدىغاندەك قوغدىغاندىلا مۇسۇلمان قېرىنداشلىقنىڭ ھەققىنى ئادا قىلالايدۇ. بىر ھەدىستە: «مۆمىنلەر ئۆز ئارا دوستلۇقتا، مېھرىبانلىقتا ۋە ھېسداشلىقتا بىرەر ئورگىنى ئاغرىسا باشقا ئورگانلىرىمۇ ئىسمىداش 2 ۋە ئۇيقۇسىزلىق بىلەن بىئارام بولىدىغان بىر تەنگە «ئوخشاشتۇر دەپ كۆرسىتىلگەن. مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمانغا يامانلىق قىلىشى ئەمەلىيەتتە ئۆزىگە يامانلىق قىلغانلىقىدۇر. چۆنكى ئۇلار بىر گەۋدە. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە نەسىھەت ھۇجۇرات سۆرىسى -10 ئايەت. (بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.) قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىر» – بىرىڭلارغا كۆرەلمەسلىك قىلماڭلار، -بىر بىرىڭلارنى ئالدىماڭلار، -بىر بىرىڭلارنى يامان كۆرمەڭلار، -بىر بىرىڭلارغا دۈشمەن بولماڭلار، -بىر بىرىڭلارنىڭ سودىسىنى بۇزماڭلار. ئۆز ئارا قېرىنداشلاردىن بولۇپ ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرىدىن بولۇڭلار. مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشى، ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلمايدۇ، خورلىمايدۇ. تەقۋالىق قەلبتە، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنى خور كۆرگەن ئادەمدىنمۇ يامان ئادەم يوق. بىر مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلماننىڭ قېنىنى تۆكۆشى، پۇل – مېلىنى تارتىۋېلىشى ۋە نومۇسىنى تۆكۆشى قەتئىي 1 ھارامدۇر».
جاۋاب: مۇسۇلمانلار مۇسۇلمان ئەمەس كىشىلەرگىمۇ ياخشى، ئادالەتلىك ۋە توغرا مۇئامىلە قىلىشقا بۇيرۇلغان. ئۇلارنى چەتكە قېقىش ۋە خور كۆرۈشكە بولمايدۇ. بارلىق مۇئامىلە تۆرلىرىدە ئۇلارغا ئايرىمچىلىق قىلماستىن، ھەقسىزلىق قىلماستىن، توغرا ۋە ئادالەتلىك مۇئامىلە قىلىش، ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتلەردىن قولدىن كېلىشىچە ئۇلارغا ئىنسانىي ياردەم قىلىش لازىم. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: باشقا﴿ دىندىكىلەردىن سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، ئۇلارغا ئادىل بولۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسمايدۇ. شۆبھىسىزكى، ئاللاھ 2 ئادالەت بىلەن ئىش قىلغۇچىلارنى ياقتۇرىدۇ﴾. ئەمما مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىگە ياكى ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارنى، دىنىي سەۋەبتىن ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلغانلارنى ياقتۇرماسلىقى ۋە ئۇلار بىلەن دوستلۇق ئالاقىسى قۇرماسلىقى لازىم. بۇ پىرىنسىپنى ئاللاھ تائالا مۇنداق بايان قىلغان: ئاللاھ﴿ دىن ئۆچۆن سىلەر بىلەن ئۇرۇشقان، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارغان ۋە سىلەرنى ھەيدەپ چىقىرىشتا ياردەملەشكەنلەرنى دوست تۇتۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسىدۇ. كىمكى ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇلار زالىملاردۇر 3﴾. شۇنداقلا، ئىسلام دىنىنى ياكى ئىسلام پەيغەمبىرىنى ياكى قۇرئان كەرىمنى مەسخىرە قىلغۇچىلارغا مۇسۇلمانلارنىڭ قارشى تۇرۇشى ۋە ۋاقتىدا رەددىيە بېرىشى دىنىي مەسئۇلىيەتتۇر.
جاۋاب: دۇنيادىكى پۆتۆن ئىنسانلار ئىنسانلىقتا ھۆرمەتتە باپباراۋەردۇر. چۆنكى ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەۋۋا ئانىدىن ئىبارەت بىر ئاتا ۋە بىر ئانىدىن كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تىل، رەڭ، ئىرق، دىن ۋە مەدەنىيەت پەرقلىرى ئۇلارنىڭ ئىنسانىي ھۆررمەتتە باراۋەرلىكىگە تەسىر يەتكۆزەلمەيدۇ. ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ھۆرمەتلىك قىلىپ يارىتىلغان ئۇلۇغ مەخلۇقاتتۇر. مۇسۇلمان ئادەم قانداقلا بىر كىشىگە مۇئامىلە قىلىشتا ئۇنىڭ ئىنسانلىقىنى ئاساسلىق ئورۇندا قويۇشى لازىم. ئىنسان قايسى مىللەتتىن ۋە قايسى دۆلەتتىن بولسۇن، رەڭگى – چىرايى قانداق شەكىلدە بولسۇن، بەرىبىر ئاللاھ ئەزىز ياراتقان !ئىنساندۇر بۇنداق بولغان ئىكەن، ئىنسانلار ئارىسىدىكى دىن، ئىرق، رەڭ ۋە تىل پەرقلىرى سەۋەبلىك ئۇلارغا باشقىچە قاراش، ئۇلارنى ئالداش، مۇئامىلىدە بىر – بىرىدىن پەرقلەندۈرۈش قەتئىي توغرا ئەمەس. گۆزەل ئەخلاقلىق مۇسۇلمان ئادەم پۆتۆن ئىنسانلارنى سۆيىدۇ، ئۇلارغا قەلبىنى ئاچىدۇ، ھەر ۋاقىت ئۇلارغا ئىللىق ۋە دۇرۇس مۇئامىلە قىلىدۇ.
جاۋاب: ئاللاھ تائالا ھايۋانلارنى ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۆچۆن يارىتىپ بەرگەن بولۇپ، ئىنسانلار ئاللاھ تائالانىڭ بۇ كاتتا نېمىتىگە شۆكۆر قىلغان ھالدا، ھايۋانلارغا رەھىمدىللىق ۋە رەھىم – شەپقەت بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلاردىن يوللۇق پايدىلىنىشقا بۇيرۇلغان. مۇسۇلمان ئادەم ھايۋاننى خورلىمايدۇ، ئۇرمايدۇ، ئاچ قويمايدۇ ۋە قىينىمايدۇ. ھايۋانلارغا مۇئامىلە قىلىش تۆۋەندىكىچە بولىدۇ: (1) ھايۋانلارغا ئۇلار كۆتىرەلمەيدىغان ئېغىر يۆكلەرنى ئارتماسلىق. (2) ھايۋانلارنى ئاچ ياكى سۇسىز قويماستىن ياخشى بېقىش. (3) ھايۋانلارغا كېسەل يەتسە ياكى بىرەر ئورگىنى سۇنسا ۋاقتىدا داۋالىتىش. (4) ھايۋانلارنى ئۇرۇپ قىيناشتىن يىراق تۇرۇش. چۆنكى ئاللاھ تائالا تىلى يوق ھايۋاننىڭ نالىسىنى ھەممىدىن بۇرۇن ئاڭلىغۇچىدۇر. (5) ھايۋانلارنى ئوت بىلەن ئازابلاشتىن، داغلاشتىن ساقلىنىش كېرەك. چۆنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايۋانلارنى ئوت بىلەن ئازابلىغۇچىلارغا ئاللاھنىڭ نامى بىلەن 1 لەنەت )ئېيتقان (. ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر “: ئەلەيھىسسالام ھاياۋاننى داغلىغان ئادەمگە ) ( ئاللاھ لەنەت “قىلىدۇ دەپ كۆرسەتكەن. (6) ھايۋانلارنى تىرىك تۇرغۇزۇپ ئورگانلىرىنى كەسمەسلىك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداقلارغا ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە پۆتۆن ئىنسانلارنىڭ لەنەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. (7) ھايۋانلارنى ئوق ئېتىش مەشقلىرىدە قارىغا ئالماسلىق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام 1 ھايۋانلارنى قارىغا ئېلىشتىن مەنئىي )قىلغان (. (8) ھايۋانلارنى بوغۇزلاشتىمۇ رەھىم – شەپقەتلىك بولۇش، پىچاقنى ئۇنىڭغا كۆرسەتمەسلىك ۋە قىينىماستىن جېنىنى چىقىرىش لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: «ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىگە رەھىم – شەپقەت قىلىشنى پۆتىۋەتكەن. مال بوغۇزلىغاندا ياخشى بوغۇزلاڭلار، پىچاقنى ئىتتىك قىلىڭلار ۋە مالنىڭ جېنىنى قىينىماستىن 2 «چىقىرىڭلار دەپ كۆرسەتكەن. (9) ھايۋانلارنى -بىر بىرى بىلەن سوقۇشتۇرماسلىق. مەسىلەن: ئىت تالاشتۇرۇش، خوراز چوقۇشتۇرۇش، قوچقار سوقۇشتۇرۇش قاتارلىق ئويۇنلار ھارامدۇر. ئۇنى قىلغۇچىلار ھايۋانلارغا زۇلۇم قىلغانلىقى ۋە ئۇلارنى قىينىغانلىقى سەۋەبلىك ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا قاتتىق گۇناھكار بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ گۇناھتىن تەۋبە قىلمىغانلارنى چوقۇم جازالايدۇ. ئۇچار قۇشلارغىمۇ ناھايىتى سىلىق ۋە رەھىم – شەپقەتلىك مۇئامىلە قىلىش تەلەب قىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: كىمكى» بىرەر قۇشقاچنى بوغۇزلاشتىمۇ رەھىم شەپقەتلىك مۇئامىلە قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا قىيامەت كۆنىدە ئۆزىنىڭ 3 رەھىم – شەپقىتىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن. ئىمام بۇخارى رىۋايىتى. (ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.) بۇخارى ۋە تەبەرانىي رىۋايىتى. ) ( ئېلىم – سېتىم مۇئامىلىلىرى.
جاۋاب: ئىنسانلارنىڭ تەن ساقلىقىغا ياكى ئەخلاقىغا زىيانلىق بولمىغان، ئىسلام دىنىدا چەكلەنمىگەن، گۇناھ – مەسىيەتلەرگە سەۋەب بولمايدىغان ھەر قانداق نەرسىنى ئېلىش ياكى سېتىشقا بولىدۇ. چۆنكى شەيئىلەر ئەسلىدە ھالال بولۇپ، ھارام قىلىنغانلىقىغا ئائىت دىنىي دەلىل كەلمىگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ھالالدۇر. بۇنىڭ ئۆچۆن ئۇلارنى ئىستېمال قىلىش، ئېلىپ – سېتىپ تىجارەت قىلىش مۇتلەق جائىزدۇر. پەقەت بۇلاردىن ئايەت ۋە ئىشەنچلىك ھەدىسلەر ئارقىلىق ھارام ئىكەنلىكى كەسكىنلەشكەنلىرىنى ئىستېمال قىلىش ۋە ئېلىپ – سېتىش ھارامدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ پىرىنسىپنى مۇنداق ئوچۇقلىغان: «ئاللاھ قۇرئاندا ھالال قىلغىنى ھالال، ھارام قىلغىنى ھارامدۇر. ھالال ياكى ھارام ئىكەنلىكىگە ھۆكۆم بېرىلمىگەن نەرسىلەر ئاللاھنىڭ كەچۆرىمىدۇر. ئاللاھنىڭ بۇ كەچۆرۈمىنى قوبۇل قىلىڭلار. ئاللاھ 1 ھېچ نەرسىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ».
جاۋاب: ئىنسانلارنىڭ تەن ساقلىقىغا زىيانلىق بولغان، ئىسلام دىنىدا ئىستېمال قىلىش ھارام قىلىنغان ياكى بىرەر گۇناھ ئىش ئۆچۆن قوللىنىلىدىغان ياكى گۇناھ ئىشلارغا سەۋەب بولىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىش ياكى سېتىش، ئۇنىڭ بىلەن تىجارەت قىلىش قەتئىي چەكلىنىدۇ. بۇ شەرىئەت ئىستېمالىدا ھارام دېيىلىدۇ. مەسىلەن: چوشقا، ئۆزى ئۆلگەن مال، مەست قىلغۇچى ئىچىملىكلەر ۋە چېكىملىكلەر، ئىستېمال قىلىش ھارام قىلىنغان يېمەك – ئىچمەكلەر، بۇت – ھەيكەل، كرېست بەلگىلىرى قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىش ياكى سېتىش ھارامدۇر. چۆنكى بۇنداق نەرسىلەرنى ئېلىپ - سېتىپ تىجارەت قىلىش ئەشۇ گۇناھ ئىشلارنى ۋە ھارام نەرسىلەرنى تەشۋىق قىلغانلىق ياكى ئۇلارنى كىشىلەرگە يېقىنلاشتۇرۇپ بەرگەنلىك بولۇپ گۇناھقا شېرىك بولغانلىقتۇر. ئەمما ئۇ نەرسىلەرنى ئېلىش ياكى سېتىشتىن چەكلىنىش بولسا ئۇ نەرسىلەرنىڭ نامىنى ئۆچۆرۈپ، كىشىلەرنى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرغانلىق بولىدۇ. يۇقىرىقى نەرسىلەرنى ئېلىپ – سېتىپ تىجارەت قىلىش گۇناھ، ئۇنىڭ پۇلى ھارامدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ قانداقلا بىر نەرسىنى 2 ھارام قىلغان بولسا، ئۇنىڭ پۇلىنىمۇ ھارام «قىلغان . ھاكىم رىۋايەت قىلغان ھەدىس سەھىھ». (ئىمام ئەھمەد ۋە ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى.) ئېلىم – سېتىم ئىشلىرىدىكى ئىسلام پىرىنسىپى ھەممىگە مەلۇمكى، سېتىق-سودا ئىنسانلارنىڭ كۆندىلىك ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمىدۇر. چۆنكى ئىنسانلار شەخسىي ۋە ئائىلە ئېھتىياجلىرىنى سېتىۋېلىشقا، كارخانىلار ۋە شىركەتلەر مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. شۇڭا مۇسۇلمان ئادەم ئىسلام دىنىنىڭ سېتىق-سودا پىرىنسىپلىرىنى ياخشى ئۆگىنىشكە ۋە ئۇنىڭغا كۆرە ئىش كۆرۈشكە زور ئېھتىياجلىقتۇر.
جاۋاب: ئېلىم – سېتىم ئىشلىرىدىكى ئىسلام پىرىنسىپى قىسقىچە تۆۋەندىكىچە: .1 ھارام نەرسىلەرنى ئالماسلىق ۋە ساتماسلىق. .2 گۇناھقا سەۋەب بولىدىغان نەرسىلەرنى ئالماسلىق ۋە ساتماسلىق .3 سودىدا راستچىل، سەمىمىي بولۇش، كىشىلەرنى ئالدىماسلىق. .4 مىقدارى ياكى سۆپىتى نامەلۇم نەرسىلەرنى ساتماسلىق. .5 جازانە ئۆسۆم)قىلماسلىق بىلەن مۇئامىلە (قىلماسلىق. .6 مونوپولىيىچىلىق قىلماسلىق. .7 تارازىدا ۋە ئۆلچەمدە كەم بەرمەسلىك. .8 ئوغرىلىغان ۋە بولانغان نەرسىلەرنى سېتىۋالماسلىق. .9 سودىدا ناتوغرا كېلىشىم ۋە ناتوغرا شەرتلەرنى قوللانماسلىق. .10 ئالغۇچى بىلەن ساتقۇچى سودا قىلىشقان ئورۇندىن ئايرىلغۇچىلىك سودىنى بۇزۇشقا ھوقۇقلۇق. .11 شېرىكلىشىپ تىجارەت قىلغاندا شېرىكلەرنىڭ ئۆزئارا سەمىمىي ۋە راستچىل بولىشى. .12 سودىدا ئادىل رىقابەتلىشىش. .13 ئۆزىدە يوق نەرسىنى ساتماسلىق. .14 ساتىدىغان مالغا ساختىلىق ئىشلەتمەسلىك. .15 ئىشچىنىڭ ۋە كىراكەشنىڭ ھەققىنى ۋاقتىدا بېرىش. .16 نېسى مۇئامىلە قىلىشقاندا، تاپشۇرىدىغان ۋاقتىنى ئېنىق قىلىپ ھۆججەتلىشىش.
جاۋاب: ھاراملىقى سەۋەبلىك ئېلىش ياكى سېتىپ تىجارەت قىلىش چەكلەنگەن نەرسىلەر تۆۋەندىكىلەر: (1) چوشقا، ئۇنىڭ گۆشى، تېرىسى، گۆشى يېيىلمەيدىغان ھايۋانلارنىڭ گۆشى، ئۆزى ئۆلۆپ قالغان مالنىڭ گۆشى، زەھەرلەنگەن ياكى يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولغان مالنىڭ گۆشى، (2) ھاراقتىن باشلاپ پىۋىغىچە مەست قىلىش خاراكتېرىدىكى ئىچىملىكلەرنىڭ ۋە نەرسىلەرنىڭ پۆتۆن تۆرلىرى، (3) ئاق چېكىملىك، ئەپيۇن، نەشە، تاماكا ۋە باشقا زەھەرلىك چېكىملىك تۆرلىرىنىڭ ھەممىسى، (4) ھەيكەل، كرېست ۋە ھەر قانداق بىر باتىل دىننىڭ دىنىي بەلگىلىرىنىڭ ھەممە تۆرى -ئېلىپ سېتىش چەكلەنگەن نەرسىلەردۇر.
جاۋاب: ئۆزى ھالال بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن ھارام ياكى گۇناھقا سەۋەب بولىدىغان نەرسىلەرنى ئىشلەپچىقارغىلى بولىدىغان شەيئىلەرنى ئۇنىڭدىن ھارامغا ياكى ئىنسانلارنى گۇناھلارغا ئېلىپ بارىدىغان نەرسىلەرنى ياسايدىغان ئورۇنلارغا بىلىپ تۇرۇپ سېتىش گۇناھتا ئۇلار بىلەن شېرىك بولغانلىقتۇر. مەسىلەن: ئۆزۈم ئۆزى ھالال مېۋە بولسىمۇ، ئۇنى ھاراق ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتقا بىلىپ تۇرۇپ سېتىش ھارامدۇر. چۆنكى بۇ گۇناھ ئىشقا ھەمكارلاشقانلىقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئۆزۈمنى ھاراق ياسايدىغانلارغا سېتىش ئۆچۆن مول ھوسۇل 1 ۋاقتىدا ساقلاپ ياتىدىكەن، ئۆزىنى ئاخىرەتنىڭ ئوتىغا تۇتقان بولىدۇ».
جاۋاب: جازانە پارسچە سۆز بولۇپ، ئەرەبچىسى «رىبا» (يەنى ئارتۇق، زىيادە) دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمما ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئىستىلاھىدا باشقىلارنىڭ ھەققىنى بەدەلسىز ئېلىۋېلىش دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. چۆنكى ئاللاھ تائالا ئالغۇچى بىلەن ساتقۇچى ھەر ئىككى تەرەپ مەنپەئەت كۆرىدىغان سودا يولى بىلەن پۇل تېپىشقا يول قويغان بولسىمۇ، كىشىلەردىن بەدەلسىز پايدا كۆرۈشنى قەتئىي ھارام قىلغان. قۇرئان كەرىم بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ئى﴿ !مۆمىنلەر بىر - بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار، ئىككى تەرەپ رازى بولۇشۇپ قىلىشقان سودا – سېتىق ئارقىلىق 1 ئېرىشىلگەن نەرسىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا﴾. جازانە يەنى) (ئۆسۆم بىلەن مۇئامىلە قىلىشنىڭ گۇناھى شۇنچىلىك ئېغىر بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۆسۆم بىلەن مۇئامىلە قىلغۇچىلارغا لەنەت قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى مۇنداق بايان قىلغان: «ئاللاھ تائالا ئۆسۆم يېگۆچىگە، يېگۆزگۆچىگە 2، ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولغۇچىغا ۋە ئۇنى يازغۇچىغا لەنەت قىلدى». جازانە خۇددى ئوتقا ئوخشاش ئەتراپقا تۇتىشىدىغان شۇنداق خەتەرلىك بىر گۇناھ بولۇپ، جازانىنىڭ گۇناھى ئۆسۆم يېگۆچى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى ئۆسۆمنى بەرگۆچىمۇ ئوخشاشلا گۇناھكار بولغاننىڭ سىرتىدا، جازانە مۇئامىلىسىگە ئارىلاشقان ۋە ياردەملەشكەنلەرنىڭ ھەممىسى بۇ گۇناھقا شېرىك بولىدۇ.
جاۋاب: ئىسلام دىنى جازانە مۇئامىلىسىنى قاتتىق چەكلەشتە پەقەت ئىنسانىيەتنىڭ ئەخلاقىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىنى كۆزلىگەن. ئىسلام ئۆلىمالىرى جازانە مۇئامىلىسىنىڭ ھارام قىلىنىشىنىڭ بىر قانچە سەۋەبلىرىنى بايان قىلغان بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە: (1) جازانە باشقىلارنىڭ مېلىنى بەدەلسىز ئېلىۋېلىشنى تەقەززا قىلىدۇ. (2) جازانىغا تايىنىش كىشىلەرنى ھەرخىل ھۆنەر – كەسىپلەر بىلەن تىرىكچىلىك قىلىشتىن توسۇپ، ئىشلىمەستىن ئۆندۈرۈپ يېيىشنى ياقتۇرىدىغان تەييارتاپلاردىن قىلىپ قويىدۇ. (3) جازانە كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا قەرز بېرىشىش ئارقىلىق بىر – بىرىگە خالىسانە ياردەم قىلىش روھىنىڭ يوقىلىشىنى كەلتۆرۈپ چىقىرىپ، كىشىلەرنىڭ مەنپەئەت كۆرمىسە ياردەم قىلمايدىغان مەنپەئەتپەرەسلەردىن بولۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. (4) كۆپىنچە ھاللاردا قەرز بەرگۆچى باي، قەرز ئالغۇچى كەمبەغەل بولىدۇ. جازانە مۇئامىلىسىگە يول قويۇش جەمئىيەتتىكى رەھىمسىز بايلارنىڭ نامراتلارنى ئېزىشى ئۆچۆن پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىك بولىدۇ. سودا سېتىق– ئىشلىرىدا ئىسلام پىرىنسىپى.
جاۋاب: سودىدا راستچىل بولۇش دېگەن ئېلىم – سېتىم ئىشلىرىدا ساختىپەزلىك، ئالدامچىلىق ۋە يالغانچىلىقتىن يىراق بولۇپ، سەمىمىي بولۇش دېگەنلىكتۇر. سودىدا نىسا سۆرىسى 29 - ئايەت. (ئىمام ئەھمەد، تىرمىزى، ئەبۇداۋۇد ۋە نەسائىيلار رىۋايەت قىلغان.) يالغان سۆزلەش قاتتىق گۇناھ بولۇپ، يالغان بىلەن تاپقان پۇل شەكسىز ھارامدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەڭ پاك كەسىپ شۇنداق سودىگەرلەرنىڭ كەسپىدۇركى، ئۇلار سۆزدە يالغان ئېيتمايدۇ، ئامانەتكە خىيانەت قىلمايدۇ، ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ، نەرسە سېتىۋالغاندا ئۇنى كەمسىتمەيدۇ، نەرسە ساتقاندا ئۇنى كۆپتۆرۈپ داڭلىمايدۇ، ئۆز ئۆستىدىكى قەرزنى ئادا قىلىشتا كېچىكتۆرمەيدۇ ۋە قولى قىسقا 1 ئادەمدە ئېلىشى بولسا، ئۇنى قىستىمايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.
جاۋاب: سېتىلغان تاۋار مىقدارىنىڭ ياكى سۆپىتىنىڭ نامەلۇم بولۇشى ئالغۇچى ۋە ساتقۇچى ھەر ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا جېدەلگە ياكى بىر تەرەپنىڭ يەنە بىر تەرەپنى ئالداپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقى ئۆچۆن ئىسلام دىنى نامەلۇم تاۋارنى سېتىشنى 2 ).چەكلىۋەتكەن ( مەسىلەن: توڭ مېۋىنى ساتقاندا، دەرھال ئۇنىڭ مېۋىسىنى ئۆزۈۋېلىشنى شەرت قىلىپ ساتقاندىلا دۇرۇس بولىدۇ. شۇنىڭدەك ئېتىزدىكى بۇغداينى سېتىش ئۇنىڭ باشىقى ئاقىرىپ، ئاپەت مەزگىلىدىن ئۆتۆپ كەتكەن بولۇش شەرتى بىلەنلا دۇرۇس بولىدۇ. ئەمما مېۋىنى پىشقاندا ئۆزۈۋېلىش، بۇغداينى باشىقى ئاقىرىپ بولغىچە سېتىش چەكلىنىدۇ. چۆنكى مۇنداق قىلىش كۆپ ھاللاردا، ئالغۇچى بىلەن ساتقۇچى ئوتتۇرىسىدا جېدەلگە سەۋەب بولىدۇ. ناۋادا ھوسۇل چىقمىسا، ئالغۇچى «مەن ھوسۇل ئالالمىدىم، پۇلۇمنى»قايتۇرغىن دېسە، «ساتقۇچى مەن سېتىپ بولغان، سودا پۆتۆپ بولغان، زىيان ئۆزۈڭگە «ھېساب دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرىدا جىدەل چىقىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تېخى پىشمىغان مېۋىنى ساتماقچى بولغان بىر ئادەمگە: «ناۋادا ھوسۇل بەرمەي قالسا، نېمىگە ئاساسەن ئۇنىڭ پۇلىنى ئالىسەن؟»3 ( دەپ كايىغان. شۇ سەۋەبتىن، ھايۋاننىڭ قورسىقىدىكى بالىسىنى، ئاسماندىكى قۇشنى، سۇدىكى بېلىقنى، پىشمىغان مېۋىنى پىشقاندا تاپشۇرۇۋېلىش شەرتى بىلەن سېتىش ۋە ھەر قانداق 4 نامەلۇم ياكى تېخى ئىلكىگە كىرمىگەن نەرسىنى سېتىش )چەكلەنگەن (.
جاۋاب: ئىسلام دىنى سودا – سېتىقتا شەخسلەرنىڭ ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلغان بولسىمۇ، ھەر قانداق بىر جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىمام بەيھەقىي رىۋايىتى. («سەھىھۇلمۇسلىم»غا قاراڭ).) ئىمام بۇخارىي ۋە باشقىلار رىۋايىتى. (ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.) شەخسىيەتچىلىكى، تەمەخورلۇقى ۋە پۇرسەتپەرەسلىكى تۆپەيلى خەلقنىڭ ئاشلىق، كۆكتات، مېۋە قاتارلىق ئوزۇق – تۆلۆكىنى ۋە كۆندىلىك ئېھتىياجلىق نەرسىلىرىنى مونوپولىي قىلىۋېلىش خاھىشىغا يول قويمىغان ۋە مونوپولىچىلارنىڭ باشقىلارنىڭ ھېسابىغا ئۆزلىرىنى بېيىتىشقا ئۇرۇنۇشىنى قاتتىق چەكلەپ، ئۇلارنى قاتتىق تەلەپپۇزدا ئەيىبلىگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مونوپولىچىلىقنى قاتتىق چەكلەپ مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئوزۇق – تۆلۆكنى قىرىق كۆن مونوپول قىلىۋالىدىكەن، ئۇ ئاللاھتىن 1 ئادا – جۇدا بولۇپ كېتىدۇ، ئاللاھمۇ ئۇنىڭدىن ئادا-جۇدا بولىدۇ»(1). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مونوپولىيىچىنىڭ پسىخىكىسى ۋە خۇنۆك شەخسىيەتچىلىكىنى سۆكۆپ مۇنداق دېگەن: «مونوپولىيىچى نېمىدېگەن ئوسال ئادەم – ھە، ئۇ باھا چۆشكەنلىكىنى ئاڭلىسا قايغۇرىدۇ، قىممەتچىلىك خەۋىرىنى ئاڭلىسا خوش بولىدۇ» (2).
جاۋاب: ئىسلام دىنى ئەڭ سەسكىنىدىغان ئالدامچىلىق تۆرلىرىنىڭ بىرى تارازىدا – ئۆلچەمدە كەم بېرىشتۇر. قۇرئان كەرىمنىڭ نۇرغۇنلىغان ئايەتلىرىدە، تارازا ۋە ئۆلچەمدە كەم بەرمەسلىك، ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئىش كۆرۈش، كىشىلەرنى ئالدىماسلىق ھەققىدىكى كەسكىن ئەمرلەر بايان قىلىنغان. ئۆلچەمنى﴿ ۋە تارازىنى .توغرىلاڭلار 3﴾، سىلەر﴿ باشقىلارغا ئۆلچەپ بەرگەندە، تولۇق ئۆلچەڭلار ۋە توغرا 4 تارازىدا تارتىپ بېرىڭلار﴾. ئۆلچەم ۋە تارازىدا كەم بەرگۆچىلەرنى تەھدىت قىلىپ قۇرئان كەرىم مۇنداق دېگەن: ئۆلچەمدە﴿ ۋە تارازىدا كەم بەرگۆچىلەرگە !ۋاي ئۇلار كىشىلەردىن ئۆلچەپ ئالغاندا تولۇق ئالىدۇ، كىشىلەرگە ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرگەندە كەم بېرىدۇ، ئۇلار بۆيۆك بىر كۆندە تىرىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەمدۇ؟ ئۇ كۆندە ئىنسانلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ 5 ھۇزۇرىدا تىك .تۇرىدۇ﴾ بۇ ئايەتلەردە، تارازا ۋە ئۆلچەمدە كەم بەرگۆچىلەر ئاخىرەت كۆنىگە ئىشەنمەيدىغانلار قاتارىدىن سانالغان. تەبىئىيكى، ئاخىرەتكە ئىشەنمىگە ئادەم مۇسۇلمان ئەمەس.
جاۋاب: قانداقلا بىر نەرسىنى ئۇنىڭ ئوغرىلانغان ياكى بۇلانغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ سېتىۋېلىش بۇلاڭچىلارنىڭ ياكى ئوغرىلارنىڭ بۇ جىنايى قىلمىشلىرىغا ياردەم بەرگەنلىك ۋە ئۇلارنى شۇنداق قىلىشقا تەشەببۇس قىلغانلىق بولىدۇ. ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان ئادەمنىڭ جىنايەتكە قارشى تۇرۇش، ئۇنى پاش قىلىش، ئوغرىلانغان مالنى ئىگىسىگە ياكى ھۆكۆمەت ساقچىخانىسىغا مەلۇم قىلىش بۇرچى بار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەردىن بىرىڭلار بىر يامان ئىشنى كۆرسە، ئۇنى قولى بىلەن مەنئى قىلسۇن، ئۇنىڭغا كۆچى يەتمىسە تىلى بىلەن مەنئى قىلسۇن، ئۇنىڭغىمۇ كۆچى يەتمىسە 1 قەلبى بىلەن نارازىلىق بىلدۈرسۇن. بۇ ئىماننىڭ ئەڭ «ئاجىزلىقىدۇر دەپ كۆرسەتكەن. مۇسۇلمان ئادەم ئوغرىنى پاش قىلالمىغان تەقدىردىمۇ، ھەقسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئوغرىلىققا نارازىلىق بىلدۈرۈش يۆزىسىدىن بولسىمۇ، ئوغرىلانغان ياكى بولانغان نەرسىلەرنى نەرقىنىڭ ئەرزانلىقىغا ئالدىنىپ سېتىۋالماسلىقى لازىم. چۆنكى ئىگىسى رازى بولمىغان نەرسە ئۇنى ئالغۇچىغا راۋاج قىلمايدۇ ھەمدە سېتىۋالغۇچىسىنى گۇناھقا شېرىك قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: كىمكى» ئوغرىلانغان نەرسىنى، ئۇنىڭ ئوغرىلانغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ سېتىۋالىدىكەن 2، ئۇنىڭ گۇناھىغا ۋە ئار – نومۇسىغا شېرىك بولغان بولىدۇ». ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى ئوغرىلانغان ياكى بولانغان نەرسىنىڭ ھاراملىق سۆپىتىنى ھالاللىققا ئۆزگەرتەلمەيدۇ. شۇنداقلا كونىراش بىلەنمۇ ئەسلى ئىگىسىنىڭ ھەققىنى چۆشۆرۈۋېتەلمەيدۇ. تېپىۋېلىنغان نەرسىلەرنى سېتىۋالماستىن، ئۇنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا ياردەم قىلىش لازىم. بۇ ئىنسانلىقنىڭ، مۇھىمى مۇسۇلمانلىقنىڭ ئەڭ ئاددى تەلەبلىرىدىن بىرىدۇر.
جاۋاب: ئېلىم – سېتىمدىكى بۇزۇق ياكى ناتوغرا شەرتلەر ھەرخىل بولۇپ، مۇنداق بۇزۇق شەرتلەر ۋە بۇزۇق كېلىشىملەر سودىنىڭ دۇرۇس بولۇشىغا توسقۇن بولىدۇ. بۇ شەرتلەر ساتقۇچىنىڭ ئالغۇچىغا «ساڭا بۇنى ساتسام سەن ماڭا مۇنداق نەرسىنى سېتىپ بېرىسەن ياكى قەرز بېرىپ «تۇرىسەن دېگەنگە ياكى «بۇنى پالانى رازى بولسا ساتىمەن» دېگەنگە ئوخشاش شەرت قوشقىنىغا ياكى سودىنى كېلەچەكتە ئەمەلگە ئېشىش ياكى ئاشماسلىقى ئېنىق بولمىغان بىرەر شەرتكە باغلىغىنىغا ئوخشاش. بۇنداق سودا دۇرۇس ئەمەس. چۆنكى بۇنداق شەرتلەرنى قوشقان ساتقۇچى ئۆزىنىڭ سودىدىن يېنىۋېلىشى ئۆچۆن شەرت – شارائىت ھازىرلاپ قويغان ئىمام مۇسلىم، ئىمام تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى. (ئىمام بەيھەقىي رىۋايىتى.) بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللاھنىڭ» كىتابىدا بولمىغان ھەر قانداق 1 -شەرت مەيلى يۆز شەرت بولۇپ -كەتسۇن بەرىبىر باتىلدۇر».
جاۋاب: ساتىدىغان مالغا ساختىلىق ئىشلىتىش دېگەن مالنىڭ ئەيبىنى يوشۇرۇپ، ناچار مالنى ياخشى كۆرسىتىپ سېتىش ئارقىلىق خېرىدارلارنى زىيانغا ئۇچرىتىشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەيبى بار نەرسىنىڭ ئەيبىنى تولۇق دېمەي ساتقان كىشى ھەمىشە ئاللاھنىڭ غەزىبىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ ھەم ئۇنىڭغا پەرىشتىلەرمۇ 2 لەنەت «ياغدۇرىدۇ دەپ كۆرسەتكەن. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر» ئەلەيھىسسالام بىر تاغار ئاشلىقنىڭ يېنىدىن ئۆتۆپ كېتىۋېتىپ، ئاشلىقنىڭ ئارىسىغا قولىنى تىقىپ بېقىۋىدى، بارماقلىرى ھۆلگە تەگدى، ئاندىن ئاشلىق ساتقۇچىغا ھەي”: قاراپ ئاشلىق !ئىگىسى ماۋۇ “نېمە؟ دەپ سورىۋىدى، ئاشلىق ئۇ”: ئىگىسى ئاشلىق يامغۇردا دەپ“قالغانتى جاۋاب بەردى. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام “: ئۇنىڭغا ئۇ يامغۇردا قالغان ئاشلىقنى كىشىلەر كۆرگىدەك تۆپىگە چىقىرىپ قويساڭ بولماسمىدى؟ كىمكى 3 باشقىلارنى ئالدايدىكەن، ئۇ مېنىڭ ئۇممىتىمدىن “ئەمەس دېدى».
جاۋاب: ئالغۇچى بىلەن ساتقۇچى سودا قىلىشقان ئورۇندىن ئايرىلىپ كەتمىگۆچە، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى سودىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ھوقۇقلۇقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە بىزگە تەلىمات بېرىپ مۇنداق دېگەن: «ئالغۇچى بىلەن ساتقۇچى سودىلاشقان ئورۇندىن ئايرىلىپ كەتمىگۆچە، ھەر ئىككىيلەننىڭ يېنىۋېلىش ئىختىيارى بار، ناۋادا ئۇلار راستچىل بولۇپ مالدا ئەيىب بولسا، بۇ ئەيىبتىن خەۋەردار قىلسا، ئۇلارنىڭ سودىسىغا بەرىكەت بېرىلىدۇ. ناۋادا يالغان ئېيتىپ مالنىڭ ئەيىبىنى 4 يوشۇرسا، سودىسىنىڭ بەرىكىتى يوق «قىلىنىدۇ . شۇنداقلا، ساتقۇچى مالنىڭ ئەيبىنى يوشۇرۇپ ساتقان بولسا، ئالغۇچى سودىلاشقان ئورۇندىن ئايرىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئالغۇچى ئۇنى ئىشلەتمىگەن بولۇش شەرتى بىلەن سودىنى بۇزۇپ، مالنى ساتقۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن پۇلىنى قايتۇرۇپ ئېلىشقا ھوقۇقلۇقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمكى» بازارغا) ئەكىلىشتىن بۇرۇن قوزىسىنى ئەمگىلى (قويماي يېلىنى بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى. (ئىبنى ماجە رىۋايىتى.) ئىمام بۇخارىي رىۋايىتى. (ئىمام بۇخارىي رىۋايىتى.) ئېسىلدۈرۈلگەن قوينى سېتىۋالغان بولسا، ئۇنى ئەكىلىپ سېغىپ باقسۇن، ئەگەر ئۇنىڭ سۆتىگە رازى بولسا قولىدا ساقلاپ قالسۇن، ئەگەر رازى بولمىسا، ئۇ قوينى بىر 1 سا كىلو 3) 250 (گرام خورما بىلەن ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەرسۇن». بۇ ھەدىستىن مالغا ساختىلىق ئىشلىتىپ سېتىشنىڭ ھاراملىقى، ساختىلىق ئىشلىتىلگەن مالنى سېتىۋالغان كىشىنىڭ سودىلاشقان ئورۇندىن ئايرىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇنى ساتقۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىش ھوقۇقى بارلىقى ئىپادىلىنىدۇ.
جاۋاب: شېرىكلىشىپ تىجارەت قىلغاندا شېرىكلەرنىڭ -بىر بىرىگە سەمىمىي ۋە راستچىل بولىشى بۇ خىل تىجارەتنىڭ جېنى ھېسابلىنىدۇ. راستچىل، سەمىمىيەتلىك شېرىكلەرنىڭ مەدەتكارى ئاللاھتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس قۇدسىيدا ئاللاھ تائالانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: «ئىككى شېرىك بىرىگە-بىر خىيانەت قىلمىسىلا مەن ئۇلارنىڭ ئۆچىنچىسى بولىمەن ئۇلارنى) زىيان – زەخمەت ۋە خەتەرلەردىن ھېمايە (قىلىمەن، بىرى يەنە بىرىگە خىيانەت قىلغان ھامان مەن ئۇلارنىڭ 2 ئارىسىدىن چىقىپ «كېتىمەن شېرىك تىجارەت قىلىۋاتقانلار ۋە باشقىلارنىڭ پاي قاتقان دەسمايىسى بىلەن تىجارەت قىلىۋاتقانلارنىڭ يالغان چىقىم كۆرسىتىش، سېتىۋالغان ماللارنىڭ سوممىسىنى ئاشۇرۇپ ھېساب كۆرسىتىش، ساتقان ماللارنىڭ پۇلىنى تۆۋەن مەلۇم قىلىپ كەم ئۆتكۆزۈش قاتارلىق يوللار بىلەن خىيانەت قىلىشى بەرىكەتنى ۋە پايدىنى يوق قىلغاندىن تاشقىرى قەتئىي ھارامدۇر. مۇنداق تاپقان پۇلمۇ ھارامدۇر. چۆنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاللاھ» قانداقلا بىر نەرسىنى ھارام قىلغان بولسا، ئۇنىڭ پۇلىنىمۇ 3 ھارام قىلغان» دەپ كۆرسەتكەن.
جاۋاب: سودىدا ئادىل رىقابەتلىشىش دېگەن باشقىلارنىڭ سودىسىغا پۇتلىكاشاڭ بولماسلىق، ئۇلارنىڭ سودىسىنى بۇزماسلىق دېگەنلىكتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ھېچكىم«بىراۋنىڭ سودىسىنى بۇزۇپ سودا قىلمىسۇن، شەھەرلىك يېزىلىقنىڭ مېلىنى مەن سېتىپ بېرىمەن دەپ ئارىلىشىۋېلىپ باشقىلار) بىلەن ئەركىن سودا (قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلمىسۇن، ئالغۇڭلار) يوق نەرسىگە قىممەت باھا (قويۇپ باشقىلارنى قىممەت سېتىۋېلىشقا قىزىقتۇرىدىغان ئىشلارنى قىلماڭلار. بىراۋ سودىدا قويۇلغان باھادىن ئاشۇرۇپ باھا قويمىسۇن يەنى) سېتىۋالماقچى بولغان ئادەم ئېلىشتىن ۋاز ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى. (ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى.) كېچىشتىن 1 بۇرۇن ئۇنىڭدىن ئارتۇقراق تەلەب قويىدىغان ئىشنى )»(قىلمىسۇن ( دەپ كۆرسەتكەن. بىرسىدىن مال سېتىۋالماقچى بولىۋاتقان كىشىنى «: شەرەتلەپ مەن ئۇنىڭدىن ئەرزان»بېرىمەن ياكى «مېنىڭ مېلىم ئۇنىڭكىدىن»ياخشى دەپ تارتىپ كېتىدىغان ياكى ساتماقچى بولغان كىشىنىڭ پۇتىغا دەسسەپ قويۇپ، باشقىلارنىڭ سودىسىنى بۇزۇپ ئۆزى ئالىدىغان، بازار باھاسىنى بىلمەيدىغان كىشىلەرگە باھانى ئۆرلىتىپ ساتىدىغان، يېزىدىن كىرگەن ئاق كۆڭۆل دېھقانلارنىڭ ماللىرىنى سېتىپ بېرىمەن دېگەن باھانە بىلەن ئېلىۋېلىپ، بازار تۆگىگەندە ئۆزى شۇ كۆنلۆك باھادىن ئەرزان باھادا ئېلىۋالىدىغان قىلىقلار مۇسۇلمان ئادەمگە ياراشمايدىغان، ئۇچىغا چىققان رەزىللىك ۋە ھارامخورلۇقتۇر.
جاۋاب: ئۆزىدە يوق ياكى تېخى ئىلكىگە كىرمىگەن نەرسىنى مەندە بار دەپ يالغان سۆزلەپ سودىدا كېلىشكەندىن كېيىن، باشقىلاردىن ئەكىلىپ بېرىدىغان ئىشلار ئالدامچىلىقنىڭ بىر تۆرى بولۇپ، كۆپ ھاللاردا خېرىدارنى زىيانغا ئۇچرىتىش ياكى ئۇنى مالدىن مەھرۇم قىلىشقا سەۋەب بولىدۇ. چۆنكى ئىلكىدە يوق نەرسىنى مەندە بار دەپ يالغان ئېيتىپ سودىلىشىشتىن قورقمىغان ئادەم باشقىلاردىن ئېلىپ كەلگەن مالنى خېرىدارغا بازار باھاسىدىن ئاشۇرۇپ سېتىشتىنمۇ قورقمايدۇ. مۇبادا مالنى تاپالمىسا، خېرىدارنى باشقىلار بىلەن قىلىشىدىغان تەييار سودىدىن مەھرۇم قىلغان بولىدۇ. شۇڭا مۇنداق سودا ئىسلام شەرىئىتىدە چەكلەنگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ئادەمنى شۇنداق 2 قىلىشتىن توسۇپ: «ئۆزۈڭدە يوق نەرسىنى ساتما» دېگەن.
جاۋاب: سودا ئەگەر بولماي قالسا، ئالدىن بېرىلگەن پۇل ساتقۇچىغا قالىدىغان زاكالەت سودىسى ھارام قىلىنغان سودىدۇر. چۆنكى بۇ باشقىلارنىڭ مېلىنى بەدەلسىز يەۋېلىش بولۇپ، ئىسلام دىنىدا باشقىلارنىڭ ھەققىنى بەدەلسىز يەۋېلىشنى تەقەززا قىلىدىغان بارلىق مۇئامىلىلەر قەتئىي ھارامدۇر. ئابدۇللا ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سودا) بۇزۇلۇپ كەتسە ئالدىن 3 بېرىلگەن پۇل ساتقۇچىغا (قالىدىغان زاكالەت سودىسىدىن توسقان» ئادەم ياللاپ ئىشلىتىشنىڭ شەرتى.
جاۋاب: ئادەم ياللاپ ئىشلىتىشنىڭ شەرتى ئۇنىڭ ئىش ھەققىنى كېچىكتۆرمەستىن دەل ۋاقتىدا تولۇق بېرىشتۇر. ئىشچى، كىراكەش، مال سېتىپ بەرگۆچى قاتارلىقلارنىڭ ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا بېرىشنىڭ زۆرۈرلىكى ھەققىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ياللاپ ئىشلەتكەن ئادىمىڭلارنىڭ ئىش ھەققىنى ئۇنىڭ تەرى 1 قۇرۇپ كېتىشتىن بۇرۇن بېرىپ بولۇڭلار». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: ئاللاھ«تائالا ئېيتتىكى “ ئۆچ خىل ئادەم قىيامەت كۆنى مېنىڭ دۈشمىنىم ھېسابلىنىدۇ: ئۇلارنىڭ بىرى، مېنىڭ نامىمنى ئاتاپ قەسەم قىلىپ ۋەدە بېرىپ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمىغان ئادەم، ئىككىنچىسى، ھۆر ئادەمنى سېتىپ پۇلىنى يېگەن ئادەم، ئۆچىنچىسى بىر ئادەمنى ئىشلىتىپ، ئۇنىڭ ئىش ھەققىنى بەرمىگەن “ئادەم 2» نېسى مۇئامىلىدە ئىسلام پىرىنسىپى.
جاۋاب: نېسى مۇئامىلە قىلىشقاندا، تاپشۇرىدىغان ۋاقتىنى يىل)، ئاي، كۆن تارىخىنى (يېزىپ ئېنىق قىلىپ ھۆججەتلىشىش زۆرۈر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ئى﴿ !مۆمىنلەر مۇددەت بەلگىلەپ ئۆزئارا قەرز بېرىشسەڭلار ئۇنى ھۇججەت) (قىلىپ يېزىپ قويۇڭلار. ئاراڭلاردىكى خەت بىلىدىغان كىشى ئۇنى كەم) – زىيادە (قىلماستىن ئادىللىق بىلەن يازسۇن﴾. ئىبنى ماجە رىۋايىتى. ) ( ئىمام بۇخارىي رىۋايىتى. ) ( بەقەرە سۆرىسى -282 ئايەت.
جاۋاب: مۇزارەبەت - پۇل ئىگىسى بىلەن كۆچ ئىگىسىنىڭ چىققان پايدىنى ئۆزئارا مەلۇم پىرسەنت بويىچە ئۆلىشىش مەقسىتىدە پۇل ئىگىسى چىقارغان پۇلنى كۆچ 1 ئىگىسى چىقارغان كۆچ بىلەن ئايلاندۇرۇشقا كېلىشىشىدىن )ئىبارەت (.
جاۋاب: ئاللاھ تائالا بەندىلەرنى ھەر خىل ئىقتىداردا ياراتقان، ئۇلارنىڭ بەزىسى ئەقىللىق ۋە تەدبىرلىك بولسا بەزىسى دۆت ۋە تەدبىرسىز، بەزىسى كۆچلۆك بولسا بەزىسى ئاجىز، بەزىسى باي بولسا بەزىسى نامرات، بەزىسى تىجارەت قىلالايدىغان بولسا بەزىسى قىلالمايدىغان، بەزىسىدە پۇل بولغىنى بىلەن ئۇنى قانداق ئاۋۇتۇشنى بىلمەيدۇ، يەنە بەزىلەر پۇل بولسا ئاۋۇتۇشنى بىلگىنى بىلەن ئۇلاردا پۇل بولمايدۇ، بىز ئادەتتە كۆندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بۇنى كۆپ ئۇچرىتىپ تۇرىمىز، بەزى كىشىلەردە پۇل بولسىمۇ كۆچ يوق، ياكى ۋاقىت يوق، ياكى ئەقىل يوق، ياكى تەن سالامەتلىك يوق، ياكى تەجرىبە يوق بولغانلىقتىن قولىدىكى پۇلنى پايدىلىق بىر تىجارەتتە ئايلاندۇرالماي قالىدۇ، يەنە بىر قىسىم كىشىلەردە كۆچ بار، ۋاقىتمۇ بار، ئەقىلمۇ بار، تەن سالامەتلىكمۇ بار، تەجرىبىمۇ بار، بازار ئەھۋالى ۋە تىجارەتتىن خەۋىرىمۇ بار، تىجارەت قىلسا پايدا ئېلىشقا كۆزى يېتىدىغان بولىدۇ، بىراق بۇلاردا يېتەرلىك پۇل، سەرمايە يوق. ئىسلام شەرىئىتى جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، زىيانلىق ئىشلارنى قىلىشىنى چەكلەيدۇ، مۇزارەبەت شىركىتى ئارقىلىق پۇلنى ئايلاندۇرۇش جەمئىيەتتە ئىشسىزلىقنى ئازايتىدۇ، مۇھتاج كىشىگە سەرمايە تەييارلاپ ئۇنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ، پۇلنى يوقىتىۋەتمەي ئاۋۇتىدۇ، ئىقتىساد ھەرىكىتىنى جانلاندۇرىدۇ. پۇلنى بېسىپ يېتىپ ئىشقا سېلىپ ئاۋۇتمىغان تەقدىردە بۇ پۇل زاكات بېرىش ئارقىلىق قوراپ كېتىدۇ، پۇلنى ئىشقا سالماي بېسىپ ياتىدىغانلار پۇلنىڭ بۇنداق قوراپ كېتىشىگە چىداپ دە-تۇرالمايدۇ زاكات بېرىشتىن باش تارتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋالغا قالىدۇ، چۆنكى بۇلار پۇلنى بېسىپ يېتىۋېلىش ئارقىلىق چوڭ ئىككى جىنايەت سادىر قىلغان بولىدۇ، بىرىنچىسى پۇلنىڭ زاكىتىنى بەرمىگەنلىك، ئىككىنچىسى پۇلنى ئىشقا سالماي رولىنى جارى قىلدۇرمىغانلىق. دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللانىڭ «مۇزارەبەت» ناملىق ماقالىسىدىن. ) ( بىر تەرەپتىن پۇل زاكات بېرىش ئارقىلىق قوراپ تۆگەپ كەتمەسلىكى ئۆچۆن ئىسلام دىنىمىز پۇلنى ئاۋۇتۇپ تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىم يېسىرنىڭ-يىتىم مۆلكىدىن-مال خەۋەر ئالىدىغان بولسا، ئۇنىڭدا تىجارەت قىلسۇن، زاكات ئۇنى قورىتىۋەتمەسلىكى ئۆچۆن تاشلاپ قويمىسۇن»(1).
جاۋاب: مۇزارەبەت كېلىشىمىگە قەدەم قويغاندا ئىشەنچلىك، مۇئامىلىسى دۇرۇس، راستچىل، ئاللاھتىن قورقىدىغان ھەقىقىي مۇسۇلمان كىشىلەرنى تاللاش ئىتايىن زۆرۈر، چۆنكى مۇزارەبەت كېلىشىمى پۆتۆنلەي ئامانەت ئۆستىگە قۇرۇلغان بىر شېرىكچىلىك. خىيانەت قىلمايدىغان، يالغان ئېيتمايدىغان ھەقىقىي مۇسۇلمان ئادەمگىلا ئىشىنىپ پۇلنى تۇتقۇزغىلى بولىدۇ. چۆنكى، كۆچ ئىگىسى ئەگەر ياخشى تاللانماستىن، پۇل ئاللاھتىن قورقمايدىغان بىرىنىڭ قولىغا چۆشۆپ قالغاندا، ئۇ «پايدا «چىقمىدى ياكى زىيان» چىقتى» دېگەنگە ئوخشاش باھانىلىرى بىلەن پۇل ئىگىسىنى ئالداپ كېتەلەيدۇ. شۇڭا ئىشەنچسىز ياكى راستچىللىقىدا شەك بار كىشىلەرگە پۇل تۇتقۇزماسلىق لازىم. ئادەملەرنىڭ ئامانەتكە ئىشەنچلىك ياكى ئەمەسلىكى ئۇلارنىڭ تەقۋا سۆرىتىدە كۆرۈنىشىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلار بىلەن ئىقتىسادىي مۇئامىلە قىلىپ كۆرۈش بىلەن بىلىنىدۇ.
جاۋاب: مۇزارەبەت كېلىشىمىدە ھەر ئىككىلا تەرەپ پايدىغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىدۇ، پايدا چىقسا ئىككى تەرەپ پۆتۆشكەن بويىچە مەلۇم ئۆلۆش ياكى پىرسەنت بويىچە تەقسىم قىلىپ ئالىدۇ، ئەگەر دەسمايىدىن زىيان چىقسا چىققان زىيان بۇرۇن تاپقان پايدىدىن چىقىرىلىدۇ. ناۋادا تارتقان زىيان چىققان پايدىنى يەپ كېتىپ پايدىدىن ئېشىپ چۆشسە ياكى تېخى ھېچ پايدا ئالمىغان بولسا، ئېشىپ چۆشكەن زىيان دەسمايىگە بولىدۇ، يەنى پۇل ئىگىسىگە بولىدۇ. بۇنىڭدا پۇل ئىگىسى پۇلىدىن بىر قىسمىنى، كۆچ ئىگىسى بولغان شېرىكمۇ ئاقتۇرغان تەرىنى ۋە سەرپ قىلغان ۋاقتىنى زىيان 1 تارتقان )بولىدۇ (.
جاۋاب: كۆچ ئىگىسى پەۋقۇلئاددە بىپەرۋالىق قىلىپ زىيان چىقىشقا سەۋەبچى بولغاندا، ياكى مالنى ئوبدان ساقلىمىغانلىق سەۋەبتىن ئوغرىغا ئالدۇرۇپ قويغان ياكى پۇل ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماستىن باشقا بىرىگە ئايلاندۇرۇش ئۆچۆن بەرگەنلىكى يۆزىسىدىن دەسمايىدىن زىيان چىققان تەقدىردە، چىققان زىياننى پەقەت كۆچ ئىگىسى ئۆزىلا 2 تارتىدۇ، بۇنىڭدا پۆتۆنلەي ئامانەت (راستچىللىق) ھۆكۆمى ئىجرا )قىلىنىدۇ (.
جاۋاب: پۇل ئىگىسى بىلەن كۆچ ئىگىسىدىن ئىبارەت ئىككى شېرىكنىڭ قايسىبىرىگە، پايدا مىقدارى قانچىلىك بولىشىدىن قتئىينەزەر مۇئەييەن مىقداردا پۇل ئېلىش بەلگىلەنسە مەسىلەن: پۇل ئىگىسى مىڭ يۆەن ئالىدۇ، كۆچ ئىگىسى بەش يۆز يۆەن ئالىدۇ دەپ كېلىشىم تۆزۈشسە، بۇنداق مۇزارەبەت كېلىشىمى توغرا بولمايدۇ. چۆنكى بۇ نامەلۇم پايدا ئۆستىدىكى ئىتتىپاقتۇر. ناۋادا پايدا چىقمىسا ياكى پايدا مىڭ يۆۋەندىن ئاز چىقسا، يا كۆچ ئىگىسى يېنىدىن، ياكى پۇل ئىگىسى دەسمىدىن تۆلەپ بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ ئادالەتسىزلىكتۇر. شۇنداقلا پۇل ئىگىسى پايدا چىقسۇن ياكى چىقمىسۇن كۆچ ئىگىسىدىن مەلۇم مىقداردا پۇل ئېلىشنى مەسىلەن): مىڭ يۆەن (ئېلىشنى شەرت قىلىپ، پۇلنى ئۇنىڭغا تۇتقۇزسا، بۇ مۇئامىلە ھالاللىق دائىرىسىدىن چىقىپ كېتىدۇ. چۆنكى ناۋادا پايدا چىقمىسا ياكى چىققان پايدا مىڭ يۆۋەنگە يەتمىسە، كېلىشىم بويىچە كۆچ ئىگىسى ئۆز يېنىدىن مىڭ يۆەننى تۆلەپ بېرىشكە مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ. بۇ توغرا ئەمەس.
جاۋاب: مۇزارەبەت كېلىشىمىدە ئىككى تەرەپ ئالىدىغان پايدا نىسبىتى قارىسىغا بەلگىلەنمەيدۇ، بەلكى كۆچ چىقارغۇچىنىڭ بازاردا ئىشلەپ ئالالايدىغان مۇقىم ئىش ھەققىگە باراۋەر كېلىدىغان مىقدارغا يېقىن ھالدا مۆلچەر قىلىنپ بەلگىلىنىدۇ، بۇنىڭغا مەلۇم مىقداردا تەۋەككۇلچىلىك قىلىش بەدىلى قېتىلىدۇ، چۆنكى ئۇنىڭ ئالىدىغان پايدىسى خەتەرگە تەۋەككۇلچىلىك قىلىدىغان ئېھتىماللىق پايدا، ئۇنىڭ مۇزارەبەت كېلىشىمىدىن زىيان تارتىشى ياكى پەقەت پايدا ئالالماسلىق ئېھتىمالىمۇ باردۇر، دېمەك دوكتور يۆسۆپ ئەل قەرداۋىينىڭ «ئىسلامدا ھالال ۋە «ھارام ناملىق ئەسىرى -351 بەت. ئىسلام ) ( فىقھىشۇناس ئالىملىرىدىن ئىبنى رۇشد، ئىبنى قۇدامە، ئىبنى ئابىدىن، ئىبنى ھەزم قاتارلىقلار مۇزارەبەتتە چىققان زىياننى پەقەت پۇل ئىگىسى تارتىدىغانلىقىنى ئېيتقان، ھەمدە زىياننىڭ بىر قىسمىنى كۆچ ئىگىسى تارتىدۇ، دەپ شەرت قىلىپ كېلىشىم تۆزگەن مۇزارەبەت شېرىكچىلىكى بارلىق ئىسلام ئۇممىتىنىڭ ئىجمائىغا بىرلىككە) كەلگەن كۆز (قارىشىغا زىت بولغانلىقى ئۆچۆن توغرا بولمايدىغانلىقىنىمۇ جاكارلىغان. islamweb.org پەتىۋا» بانكىسى». ) ( ئۇنىڭ ئىش ھەققى مۇقىم بەلگىلەنگەن كاپالەتلىك ئىش ھەققى ئەمەس، تۆزۈلگەن مۇزارەبەت كېلىشىمىمۇ ئادەتتە ھەم نەزىرىيە ھەم ئەمەلىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا كۆچ ئىگىسى ئۆزى قوبۇل قىلىدىغان مەلۇم دەرىجىدە ئېھتىماللىقى بولغان مۇۋاپىق پايدىنى كۆزلىگەندىلا ئاندىن پۆتىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ پايدا ئۇنىڭ بازاردا ئالىدىغان مۇقىم ئىش ھەققىدىن خەتەرگە تەۋەككۇل قىلغانغا لايىق دەرىجىدە ئارتۇق بولىشى كېرەك. بولمىسا ئۇ ئەلۋەتتە بازاردا ئىشلەپ خەتىرى يوق مۇقىم پايدىنى ئېلىشنى تاللىغان بولاتتى.
جاۋاب: مۇزارەبەت شېرىكچىلىكىنىڭ توغرا بولىشىنىڭ شەرتلىرى تۆۋەندىكىلەر: (1) تىجارەت قىلىشقا تاپشۇرىلىدىغان پۇل نەق ۋە تەييار پۇل بولىشى كېرەك. نەق پۇل بولماي مال ياكى باشقا تاۋاردەك نەرسىلەر بولسا ياكى قەرز بولسا توغرا بولمايدۇ. مەسىلەن: بۇ” مىڭ مېتىر رەختنى سىزگە مۇزارەبەت تىجارىتىگە بېرەي، بۇنىڭدا تىجارەت قىلىڭ پايدىسىنى تەڭ “ئۆلىشەيلى دېسە مۇزارەبەت توغرا بولمايدۇ. (2) مۇزارەبەت شېرىكچىلىكى ئۆچۆن بەرگەن پۇل مىقدارى ئېنىق مەلۇم بولىشى شەرت. (3) پايدا پۇل ئىگىسى بىلەن كۆچ ئىگىسى ئوتتۇرىسىدا پىرسەنت ياكى ئۆلۆشۆش بويىچە تەقسىم قىلىنىشى شەرت. مەسىلەن: پۇل ئىگىسى چىققان نى 40%پايدىدىن، كۆچ نى 60%ئىگىسى ياكى پۇل ئىگىسى نى 75%، كۆچ نى 25%ئىگىسى ياكى پۇل ئىگىسى تۆتتىن بىر قىسمىنى، كۆچ ئىگىسى تۆتتىن ئۆچ قىسمىنى ئالىدۇ دېگەنگە ئوخشاش. (4) پۇل ئىگىسى مۇزارەبەت شېرىكچىلىكىدىكى تىجارەت قىلىدىغان پۇلنى كۆچ چىقىرىدىغان كىشىگە تاپشۇرىشى كېرەك. چۆنكى تاپشۇرمىغان تەقدىردە ئۇنىڭدا تىجارەت قىلالماي قالىدۇ. يەنە پۇل ئىگىسى كۆچ ئىگىسى قىلىدىغان تىجارەتكە تەڭ ئارىلىشىشنى شەرت قىلغان بولسىمۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزىرىدە مۇزارەبەت كېلىشىمى توغرا بولمايدۇ، چۆنكى بۇ، پۇلنى تولۇق تاپشۇرماسلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا كۆچ ئىگىسى تولۇق ئەركىنلىكى بىلەن ھەرىكەت قىلالماي قالىدۇ. (5) كېيىنچە جېدەلگە سەۋەب بولماسلىقى ئۆچۆن ھەر ئىككى تەرەپ ئالىدىغان پايدا مىقدارىنى ئېنىق بەلگىلىىشى كېرەك. ئۆلىشىدىغان پايدا مىقدارىنى ئېنىق بەلگىلىمەيلالله پايدىسىغا” ئىككەيلەن “شېرىكمىز دەپ پۆتۆشكەن بولسىمۇ ، بۇ مۇزارەبەت كېلىشىمى توغرا بولاۋېرىدۇ، ئىككى تەرەپ پايدىنى تەڭدىن ئۆلىشىدۇ، چۆنكى شېرىكچىلىك باراۋەرلىكنى تەقەززا قىلىدۇ.
جاۋاب: ئەلۋەتتە بار. مەسىلەن: پۇل ئىگىسى پۇلنى مەلۇم بىر تىجارەتتە ياكى مەلۇم بىرەر شەھەر ياكى بىرەر دۆلەتتە ئىشلىتىشنى شەرت قىلسا، پۇلنى ئىشلەتكۆچى شېرىكنىڭ بۇ شەرتنى قوبۇل قىلىش ياكى رەت قىلىش ئىختىيارى بار. ئەگە قوبۇل قىلغان بولسا بۇ شەرتلەرگە ئەمەل قىلىشى شەرت. بۇ شەرتكە ئەمەل قىلمىغان شارائىتتا، ئەگەر زىيان چىقسا، زىياننى كۆچ ئىگىسى تۆلەيدۇ. ئەگەر پۇلنىڭ ئىگىسى پۇلنى قانداق تىجارەتتە ياكى قايسى جايدا ئىشلىتىشنى شەرت قىلماستىن ئىشلەتكۆچىگە مۇتلەق تەسەررۇپ ئەركىنلىكىنى بەرگەن بولسا، ئىشلەتكۆچى پۇلنى خالىغان ئىشقا ۋە خالىغان جايدا ئىشلىتىشتە ھۆردۇر.
جاۋاب: پۇل ئىگىسى تۆۋەندىكى ئىككى شەرتنى قويالمايدۇ: (1) پۇل ئىگىسىنىڭ مۇزارەبەتتە زىيان چىقسا ئۇنىڭغا ئۆزى ئىگە بولماسلىقىنى شەرت قىلسا كېلىشىم بۇزۇلىدۇ. چۆنكى بۇنداق شەرت قويۇلغان مۇزارەبەت توغرا بولمايدۇ. (2) پۇل ئىگىسى كۆچ ئىگىسى بولغان شېرىك بىلەن ئۆزىنىڭمۇ بىرگە ئىشلىشىنى شەرت قىلىشى قوبۇل قىلىنمايدۇ. چۆنكى ئۇنداق قىلغاندا مۇزارەبەت ئۆز مەنىسىدىن چىقىپ كەتكەن بولىدۇ.
جاۋاب: پۇلنىڭ ئىگىسى قوشۇلماستىن ئىشلەتكۆچى پۇلنى باشقا بىر ئىشلەتكۆچىگە بېرەلمەيدۇ. ئەگەر پۇلنىڭ ئىگىسى بولغان شېرىك ئۇنى ئىشلەتكۆچى شېرىككە “ پۇلنى قانداق تەسەررۇپ قىلىش سېنىڭ ئىلكىڭدە “بولىدۇ دېگەن بولسا، بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ رۇخسىتىنى ئالماستىن باشقا بىرىگە بېرەلەيدۇ.
جاۋاب: مۇزارەبەت كېلىشىمى ئىككى شېرىكتىن قايسىبىرىنىڭ شېرىكلىكنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىبىنى قويۇشى ياكى ئىككىسىدىن بىرىنىڭ ئۆلۆمى بىلەن بۇزۇلىدۇ. پۇل ئىگىسى بولغان شېرىك ئۆلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ۋارىسلىرى شېرىكلىكنى 1 داۋاملاشتۇرۇشنى خالىسا يەنە داۋام )قىلىدۇ (. islamweb.org ۋە islamawazi.net تور بېكىتى «پەتىۋا بانكىسى» دىن.
جاۋاب: مۇددەتكە بۆلۆپ -سېتىش بىر نەرسىنى سېتىپ ئۇنىڭ پۇلىنى مەلۇم مۇددەتكە بۆلۆپ ئېلىش شەرتى بىلەن سېتىش دېگەنلىك بولۇپ، (تەقسىت)«تقسيط ئەرەبچىدە دەپ ئاتىلىدۇ. مۇنداق سېتىش پۇلىنى مۇقىم توختىتىپ سېتىش شەرتى بىلەن ساتقۇچى ۋە ئالغۇچىغا مۇتلەق ھالال بولۇپ، پۇلى مۇددەتكە بۆلۆپ ئازدىن-ئاز تاپشۇرىلىدىغان مۇنداق سودىدا ساتقۇچىنىڭ مال باھاسىنى نەق سېتىش باھاسىدىن ئۆستۆرۈپ، «بۇ مالنىڭ نەق سېتىش باھاسى مۇنچىلىك، ئەمما پۇلىنى بۆلۆپ تۆلەش باھاسى «مۇنچىلىك دەپ سېتىشىمۇ دۇرۇس ۋە ھالالدۇر. «خەلقئارا ئىسلام غا «قۇرۇلتىيى تەۋە ئىسلام» فىقھى نىڭ ئاكادېمىيىسى» قارارىدا مۇنداق دەپ قەيت قىلىنغان: پۇلى» مۇددەتكە بۆلۆپ تاپشۇرىلىدىغان سودىدا مال باھاسىنى نەق سېتىش باھاسىدىن ئۆستۆرۈپ سېتىش جائىزدۇر. شۇنىڭدەك، سېتىلىدىغان نەرسىنىڭ نەق سېتىش باھاسى بىلەن مۇددەتكە بۆلۆپ سېتىش باھاسىنى ئېنىق ئېيتىپ سېتىشمۇ جائىزدۇر. بۇ تۆۋەندىكى شەرتلەر بىلەنلا جائىزدۇر: (1) ئالغۇچىنىڭ نەق پۇلغا سېتىۋېلىش ياكى پۇلىنى بۆلۆپ بېرىشتىن ئىبارەت ئىككى ئىختىيارنىڭ بىرىنى تاللاپ، ساتقۇچى بىلەن ئىتتىپاققا كېلىشى ۋە بۆلۆپ تۆلەيدىغان پۇلنى پىرسەنتكە باغلىماستىن، مىقدارىنى مۇئەييەن قىلىپ توختىتىش شەرتتۇر. ئەگەر سېتىلغان نەرسە نەق بىلەن بۆلۆپ تۆلەش ئوتتۇرىسىدا قېپقالغان بولسا ياكى ئىككى تەرەپنىڭ بىرەرسى رازى بولماستىن سودا پۆتكەن بولسا، مۇنداق سودا جائىز ئەمەس. (2) پۇلىنى مۇددەتكە بۆلۆپ تۆلەشكە ئىتتىپاقلاشقان سودا پۆتكەندىن كېيىن، تاۋارنىڭ ئالغۇچىنىڭ قولىغا ئۆتۆشى شەرتتۇر. ئەگەر مۇنداق بولمىغاندا، ساتقۇچى قولىدا يوق نەرسىنى ساتقان بولىدۇ، بۇ جائىز ئەمەس. چۆنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام 2: قولۇڭدا» يوق نەرسىنى «يېنىڭدا بولمىغان نەرسىنى ساتما» دەپ ئۇنىڭدىن مەنئى قىلغان. مۇنداق سودىدا ساتقۇچىنىڭ بۆلۆپ ئالىدىغان پۇلىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۆچۆن ئالغۇچىدىن بىرەر نەرسىنى گۆرەگە ئېلىپ تۇرۇشى جائىزدۇر. (3) ئالغۇچى مۇددەتكە بۆلۆپ تۆلەيدىغان پۇلنى ۋاقتى قەرەلىدە تۆلەشتىن كېچىكتۆرۈپ قويغان شارائىتتا، ئۇنىڭ ئارتۇق پۇل تۆلىشىنى شەرت قىلماسلىقى شەرتتۇر. ئەگەر ئالغۇچى قەرزنى كېچىكتۆرۈپ قويغانلىقى بەدىلىگە ئايرىم پۇل ئەبۇداۋۇد، نەسائى، تىرمىزى رىۋايىتى. (مجمع الفقه مي;سـRا في دورته السابعة بجدة من ذو 12-7 القعدة هـ 1412) وافق 3 ا مايو 14-9 م 1992 قرار رقم 65/2/7 بشأن البيع بالتقسيط. تۆلىشى ياكى پىرسەنت قوشۇلىشى شەرت قىلىنسا، مۇنداق سودا جازانە سودىسى بولۇپ قالىدۇ. جازانىنىڭ ھاراملىقى ئېنىق.
جاۋاب: ئەگەر بانكا ساتقۇچىغا سېتىلغان نەرسىنىڭ پۇلىنى بېرىۋېتىپ، ئۇنى ئالغۇچىدىن مۇددەتكە بۆلۆپ ئاشۇرماستىن بەرگەن پۇلىنىڭ ئوزىنىلا ئالسا، بۇ سودا جائىزدۇر. ئەگەر بانكا پىرسەنتى بىلەن قوشۇپ ئالماقچى بولسا، مۇنداق سودا جازانىنىڭ ئۆزىدۇر. چۆنكى بۇ ۋاقىتتا بانكا ئۆسۆمگە قەرز بېرىپ تۇرغان )بولىدۇ 1 (. مانةBا العامة لهيئة كبار العلماء ، فتوى رقم 21286 وتاريخ هـ 18/1/14121 ) ( س;مRا سؤال وجواب.
جاۋاب: قۇرئان كەرىم چۆشكەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ياشىغان زامانلاردا، ساھابىلارنىڭ دەۋرىدە، ھەتتا مەشھۇر مەزھەب پېشىۋالىرى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى تۆرلەلەرگە ئايرىپ، مەسىلىلەرنىڭ ھۆكۆملىرىنى چۆشەندۈرگەن دەۋرلەردە، سۇغۇرتا دەيدىغان مۇئامىلە ئوتتۇرىغا چىقمىغان ئىدى. شۇڭا قەدىمقى ئىسلامىي كىتابلاردا ھازىرقى زاماندا ئوتتۇرىغا چىققان سۇغۇرتىغا ئائىت ھۆكۆملەرنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. ھازىر دۇنيادا ھايات سۇغۇرتىسى، ھادىسە – ئاپەتلەر سۇغۇرتىسى، سالامەتلىك سۇغۇرتىسى، ماشىنا سۇغۇرتىسى، دېگەنگە ئوخشاش كۆپلىگەن سۇغۇرتىلار مەۋجۇد. ئىسلام ئۆلىمالىرى بۇ يېڭى مەسىلىگە جاۋاب بېرىش ۋە ھالال ياكى ھاراملىق ھۆكۆمىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۆچۆن جىددىي ئىزدىنىشكە باشلىدى. ئۇلار سۇغۇرتىنى «تىجارىي «سۇغۇرتا ۋە «ئىسلامىي ھەمكارلىق «سۇغۇرتىسى دەپ ئىككىگە ئايرىدى. پايدىنى كۆزلىمەستىن پەقەت ئىجتىمائىي ھەمكارلىقنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان سۇغۇرتىلارنى ئىسلامىي» ھەمكارلىق سۇغۇرتىسى،» پۇل تېپىش ئۆچۆن قۇرۇلغان ھەر قانداق سۇغۇرتىنى تىجارىي» سۇغۇرتا» دەپ ئاتىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پۆتۆن سۇغۇرتا تۆرلىرىنىڭ ئىچىدىن پۇل تېپىشنى ئەمەس، بەلكى ئىجتىمائىي ھەمكارلىقنى مەقسەت قىلغان ھەمكارلىق سۇغۇرتىسىدىن باشقىسىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ خىلدىكى سۇغۇرتىلارغا قاتنىشىشنىڭمۇ ھارام ئىكەنلىكىنى قۇرئان كەرىم ۋە سەھىھ ئەڭ) (ئىشەنچلىك ھەدىسلەرنىڭ روھىغا ئاساسلانغان ھالدا، كەسكىن ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ خۇددى قۇرئان كەرىم بىلەن ھەدىسلەردە ئوچۇق ھۆكۆمى بولمىغان تاماكا بىلەن ئاق زەھەرنى پالاكىتى ۋە زىيىنى سەۋەبلىك ھارام دەپ بېكىتكەنگە ئوخشاش ئىجتىھادىي ھۆكۆمدۇر.
