Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

يېمەك-ئىچمەك ۋە ھايۋانلاردىكى ھالال-ھارام

This content is not yet available in your language.

يېمەك-ئىچمەك، سۇيۇقلۇقلار ۋە ھايۋانلاردىكى ھالال-ھارام ئەھكاملىرى (سوئال 1348 – 1385)

بۆلۈم: “يېمەك-ئىچمەك، سۇيۇقلۇقلار ۋە ھايۋانلاردىكى ھالال-ھارام ئەھكاملىرى (سوئال 1348 – 1385)”
1348سوئال:ئۆي ھايۋانلىرىدىن قانداقلىرىنى يېيىشكە بولمايدۇ؟#

جاۋاب: ئۆي ھايۋانلىرىدىن ئېشەك، قېچىر، چوشقا، ئىت، مۈشۈك، چاشقان، كىرپە قاتارلىق ھايۋانلارنى، ھاشار ەتلە رنى يېيىش ھارامدۇر شۇنداقلا، كالا ۋە قويغا ئوخشاش گۆشى يېيىلىدىغان ھايۋانلاردىنمۇ ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ياكى ئاللاھتىن با شقىسىنىڭ نا مى تىلغا ئېلىنىپ بوغۇزلانغان ياكى بوغۇلۇپ ئۆلگەن ياكى باشقا ھايۋانلار ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن ياكى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ياكى ئېگىزدىن يېقىلىپ ئۆلگەن ياكى يىرتقۇچ ھايۋانلار يېرىپ يەپ قويغان ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېيىش ھارامدۇر.

(1) مائىدە سۈرىسى96 - ئايەت.
(2) بۇخارىي، مۇسلىم ۋە باشقىلار رىۋايىتى.
1349سوئال:ياۋايى ھايۋانلاردىن قانداقلىرىنى يېيىشكە بولىدۇ؟#

جاۋاب: ئورمانلىقلاردا ياشايدىغان ياۋايى ھايۋانلاردىن بۆكەن، زېبرا، تا تېكىسى ياۋا

(1) مائىدە سۈرىسى 96 - ئايەت

توشقان، كېيىك، زىراپە قاتارلىق يىرتقۇچ بولمىغان ھايۋانلارنى ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتاپ ۋە قېنىنى ئېقىتىپ ئۆلت ۈرۈش شەرتى بىلەن ئۇلارنىڭ گۆشىنى يېيىش ھالالدۇر.

(1) مائىدە سۈرىسى96 - ئايەت.
(2) بۇخارىي، مۇسلىم ۋە باشقىلار رىۋايىتى.
1350سوئال:ياۋايى ھايۋانلاردىن قانداقلىرىنى يېيىشكە بولمايدۇ؟#

جاۋاب: يارىتىلىشىدا يىرتقۇچلۇق ياكى يىرگىنىشلىك بولغان، پاكىز نەرسىلەرنى يەپ ئۆسمىگەن ياكى پاكىز نەرسىلەرنى يې يىش بىلەن بىرگە پاسكىنا نەرسىلەرنىمۇ يەيدىغان ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېيىش ھارامدۇر مەسىلەن: شىرياۋا چوشقا، بۆرە، پىل، مايمۇن ئېيىقيىلپىز، چىلبۆرە، قاتارلىقلارغا ئوخشاش مەرگەن چىشى بار يىرتقۇچ ھايۋانلار قۇشلاردىن يېيىش ھالال ۋە ھارام بولغانلىرى.

1351سوئال:قۇشلاردىن قانداقلىرىنى يېيىشكە بولىدۇ؟#

جاۋاب: قۇشلاردىن قۇشقاچ، قارا قۇشقاچ، كەكلىك، بۆدۈنە قاتارلىق يىرتىدىغان تىرناقلىرى بولمىغان قۇشلارنى ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتاپ ۋە قېنىنى ئېقىتىپ ئۆلتۈرۈ ش شەرتى بىلەن ئۇلارنىڭ گۆشىنى يېيىش ھالالدۇر.

1352سوئال:قۇشلاردىن قانداقلىرىنى يېيىشكە بولمايدۇ؟#

جاۋاب: قۇشلاردىن بۈركۈت، قۇرغۇي، ھۇۋقۇش، لاچىن، قارچىغا قاتارلىق يىرتىدىغان تىرناقلىرى بولغان يىرتقۇچ قۇشلارنىڭ گۆشىنى يېيىش ھارامدۇر شۇنىڭدەك، زەھەرل ىك يىلان، چايان، زەھەرلىك ئۆمۈچۈك قاتارلىقلارنى.

1353سوئال:دىنىمىزدا گۆشى يېيىلىدىغان ماللار نېمىگە ئاساسەن بەلگىلەنگەن؟#

جاۋاب: ئاللاھ تائالا ئىنساننى ئەڭ شەرەپلىك ۋە ھۆرمەتلىك قىلىپ ياراتقان مۇنداق بىر شەرەپلىك ۋە ھۆرمەتلىك ئىنساننىڭ يېمەك– ئىچمەكلىرىمۇ شەرەپلىك ۋە پاكىز بولىشى ك ېرەك بۇ سەۋەبتىن دىنىمىزغا ئاساسەنيارىتىلىشىدا يىرگىنىشلىكيىرتقۇچلۇق ۋە پاسكىن ىلىق بولغ ان ھايۋانلارنىڭ گۆشى ئىنسانلارغا لايىق ئەمەس شۇڭا دىنىمىز بۇنداق ھايۋانلارنىڭ گ ۆشىن ى ئىنسانلارغا لايىق كۆرمىگەنلىكتىن يېيىشنى ھارام.

1354سوئال:ئوۋ دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: ئوۋ— قۇرۇقلۇق ياكى دېڭىز ھايۋانلىرىنى قايسىبىر ئۇسۇل بىلەن تۇتۇۋېلىش دېگەنلىكتۇر.

1355سوئال:قانداق ۋاقىتتا ئوۋ ئوۋلاش چەكلىنىدۇ؟#

جاۋاب: ھەج ياكى ئۆمرىگە ئېھرام باغلىغان ۋاقىتتا ئېھرامدىن چىقىپ بولماي تۇرۇپ، قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرىنى ئوۋلاش چەكلىنىدۇ مۇندىن باشقا قايسىبىر ۋاقىتتا ئوۋ ئوۋ لاشقا بولىدۇ.

1356سوئال:ئوۋ ئوۋلاشنىڭ شەرتلىرى قايسىلار؟#

جاۋاب: : ئوۋ ئوۋلاشنىڭ شەرتلىرى تۆۋەندىكىلەر (1 ) ئوۋلىغۇچىنىڭ ئەقىل–، ھوشى جايىدا مۇسۇلمان ياكى ئەھلى كىتاب بولى شى بۇنىڭغا بىنائەن، بۇتپەرەستنىڭ، مۇشرىكنىڭ، مۇرتەدن ىڭ ۋە كوممۇنىستنىڭ ئوۋلىغان نەرسىسىنى يېيىش ھالال ئەمەس (2 ) ئوۋ ھايۋانلىرىنى قويۇپ بەرگەندە ياكى ئوق بىلەن ئاتقاندا، مەلۇم بىر ھاي ۋاننى ئوۋلاش نىيىتى بىلەن قويۇپ بېرىش ياكى ئېتىش بۇنىڭغا بىئانەن، ئوۋ ھايۋانلىرىنى ئوۋ ئوۋلاشنى مەقسەت قىلمىغان ھالدا قوي ۇپ بەرگەندە، ئوۋ ھايۋانلىرى ئوۋلاپ كەلگەن ھايۋاننى ياكى ئوۋ ئوۋلاش نىيىتى بولماستىن قارىسىغا ئوق چىقىرىش نەتىجىسىدە ئېت ىلىپ ئۆلگەن ھايۋاننى يېيىش ھالال ئەمەس (3 ) ئوق ئاتقاندا ياكى ئوۋلىغۇچى ھايۋاننى ئوۋغا قويۇۋەتكەندە، ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ «، بىسمىللا ئاللاھۇ ئەكبەر » دېيىش

(4) ئوۋلايدىغان سايمان-ئەگەر ئوۋ ھايۋانلىرى بولمىسا- تېرىنى تېشىپ ئۆتىدىغان تىغلىق نەرسە بولى شى ئەگەر ئوۋلاشتا ئىشلەتكەن سايمان تاياق ياكى تاشقا ئوخش ىغان نەرسىل ەردىن بولسا، ئۇنىڭ بىلەن ئوۋلىغان مالنىڭ گۆشىنى يېيىش ھالال ئەمەس، چۈ نكى ئۇ ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەن لىكت ۇر شۇنداقتىمۇ جېنى چىقىپ بولمىغان ھالدا بوغۇزلى ۋالغان بولسا، ئۇنىڭ گۆشىنى يېيىشكە بولىدۇ (5، ) ئوۋ ھايۋانلىرىنىڭ كۆندۈرۈلگەن ھايۋانلاردىن بولىشى بۇنىڭغا بىنائەن، كۆندۈرۈلمىگەن ئىت كۆندۈرۈلمىگە قارچۇغا قاتارلىقلارنىڭ ئوۋلىغان نەر سىلىرىنى يې يىش ھالال ئەمەس (6 ) ئوۋ ئوۋلاشتا كۆندۈرۈلگەن ئوۋچى ھايۋان بىلەن باشقا ھايۋاننىڭ ھەمكارلاشم ىغان بولىشى شەرت چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ئوۋنى قايسىسىنىڭ تۇتقانلىقىنى، ئاللاھنىڭ ئىسمى قايسىسىغا ئاتالغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بى: ر ھەدىستە« ئەگەر ئوۋچى ئىتىڭنىڭ يېنىدا باشقا بىر ئىتنى كۆرگىنىڭدە، ئوۋلانغان ھايۋان ئۆلگەن بولسا، ئۇنى يېمە چۈنكى سەن قايسىسىنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلمەيسەن»(1) دەپ كۆرسەتكەن (7 ) ئوۋچى ھايۋاننىڭ ئوۋلىغان نەرسىسىدىن يېمىگەن بولۇشى شەرت پەيغەمبەر ئەلەيھىس: سالام بىر ھەدىستە«ئوۋغا قويۇپ بېرىلگەن ئىت تۇتقان نەرسىسىدىن يېگەن بولسا، ئۇنى سەن يېمە چۈنكى ئۇ، ئۇنى ئۆزى ئۈچۈن تۇتقان بولىدۇ. ئەگەر ئۇ ئوۋلىغان نەرسىسىدىن يېمىگەن، بولسا ئۇنىڭ ئوۋلىغان نەرسىسى نى يېسەڭ بولىدۇ، چۈنكى ئۇنى ئىگىسى ئۈچۈن تۇتقان بولىدۇ»(2)، دەپ كۆرسەتكەن چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە﴿ ئوۋ ھايۋانلىرىنىڭ سىلەر ئۈچۈن ئوۋلىغان نەرسىلىرىدىن يەڭلار﴾(3) دېگەن

(8) قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرىنى ئوۋلىماقچى بولغان كىشىنىڭ ھەجگە ياكى ئۆمرىگە ئىھ رام باغلىغان كىشىلەردىن بولماسلىقى شەرت ئەمما سۇ ھايۋانلى رىنى تۇت ماقچى بولغان كى شى، ئىھرام ئىچىدە بولسىمۇ تۇتقان نەرسىسى ھالالدۇر

(9) ئوۋلانماقچى بولغان ھايۋاننىڭ گۆشى يېيىلىدىغان ھايۋانلاردىن بولىشى بۇنى ڭغا، بىنائەن ئېشەك ۋە ئۇنىڭغا ئوخشىغان گۆشى يېيىلمەيدىغان ھايۋانلارنى ئوۋلاش ھارا مدۇر (

  1. ئوۋلانغان ھاي ۋاننىڭ بىر اۋغا ئائىت بولماسلىقى، بەلكى ئىگىسىز بولىشى شەر ت بۇنىڭغا بىنائەن، بىراۋنىڭ ئىگى دارچىلىقى دىكى ھايۋانلىرىنى ئوۋلاش ھارامدۇر (

  2. ئوۋلانماقچى بولغان ھايۋاننىڭ ئادەتتە تۇتقىلى بول مايدىغان، ئۆيدە بېقىلمايدىغانياۋايى ھايۋانلاردىن بولىشى بۇنىڭغا بى نائەن، ئوۋلىمىسىمۇ تۇتقىلى بولىدىغان توخۇ، ئۆدەك كە ئوخشىغانلارنى ۋە باشقا ئۆي ھايۋانلىرىنى ئوۋلاش ھالال ئەمەس چۈنكى مۇنداقلارنى تۇتۇپ قائىدە بويىچە بۇغۇزلا پ يېيىش لازىم (

(1) بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى

(2) ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى، بۇخارىي بىلەن مۇسلىممۇ بۇ مەنىدە ھەدىس رىۋايەت قىلغان

(3) مائىدە سۈرىسى 4- ئايەت

(4) «مناھج الشريعة اإلسلامية» (ئىسلام شەرىئىتىنىڭ كۆرسەتمىلىرى)ناملىق ئەسەرنىڭ 1- توم 179 - ۋە 180 - بەتلىرىدىن ئېتىقاد مەسىلىلىرىد ىكى ھاراملار (چەكلەنگەن )ئىشلار ئاللاھ كەچۈرمەيدىغان ئەڭ چوڭ گۇناھ 2 ئاللاھقا شېرىك كەلتۈر گەنلىك دائىرىسىگە كىرىدىغان ئىشلار 3 ئىسلامنى ياكى قۇرئاننى ياكى پەيغەمبەرنى مەسخىرە قىلىشنىڭ گۇناھى 4 پالچىلارنىڭ ۋە رامچىلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىشنىڭ گۇناھى 5 شېرىك دائىرىسىگە كىرىدىغان تۇمارنىڭ بايانى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا ئېلىپ بارىدىغان ئىشلار.

(1) نىسا سۈرىسى116 ئايەت.
(2) لۇقمان سۈرىسى13 - ئايەت.
(4) «مناھج الشريعة اإلسلامية» (ئ ىسلام شەرىئىتىنىڭ كۆرسەتمىلىرى)ناملىق ئەسەرنىڭ1- توم179 - ۋە180 - بەتلىرىدىن.
1357سوئال:ئاللاھ كەچۈرمەيدىغان ئەڭ چوڭ گۇناھ قايسى؟#

جاۋاب: ئاللاھ كەچۈرمەيدىغان ئەڭ چوڭ گۇناھ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتۇر قۇرئان: كەرىمدە ئاللاھ مۇنداق دېگەن﴿ئاللاھ ئۆزىگە بىرەر نەرسىنىڭ شېرىك كەلتۈرۈلۈشىنى ھەرگىز مەغپىرەت قىلمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقىسىنى (ئاللاھ ئۆزى) خالىغان ئادەمگە مەغپىرەت قىلىدۇ كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن قاتتىق ئازغان بولىدۇ﴾(1) چۈنكى ئاللاھ تائالا يېگانە ئىلاھ، ھەممىنىڭ ياراتقۇچىسى، ھەممىنىڭ ئىگىسى، ھەممىنى باشقۇرغۇچى ۋە يالغۇز خوجايىنىدۇر ئاللاھ ھېچكىمگە، ھېچ نەرسىگە ئوخشىمايدۇ ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىمۇ ھېچكىمنىڭ سۈپىتىگە ئوخشىمايدۇ ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، قانداق ل بىر مەخلۇقاتنى ئاللاھقا ئوخ شىتىش ئەڭ چوڭ ھەقسىزلىقتۇر قۇرئان كەرىمدە: ﴿ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ھەقىقەتەن چوڭ ھەقسىزلىقتۇر﴾(2) دەپ ئېلان قىلىنغان مۇنداق بىر ھەقسىزلىق ئۈچۈن ئاللاھنىڭ غەزەپلەنمەسلىكى، نەپرەتلەنمەسلىكى ۋە بۇنداق ھەقسىزلىقنى قىلغان ئادەمنى جازالىماسلىقى مۇمكىن ئەمەس دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى ئۆزلىرىنىڭ پادىشاھلىق شەنىگە لايىق كەلمەيدىغان سۆز– چۆچەكلەرنى ۋە ئىش– ھەرىكەتلەرنى سادىر قى لغانلارنى ياقتۇرمىغان ۋە ئۇلاردىن ئەڭ ئېچىنىشلىق ئىنتىقام ئالغان يەردە، پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى، كاتتىلارنىڭ كاتتىسى بولغان ئاللاھ ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۆزىنىڭ ئۈستۈن شەنى، گە ئىلاھلىق ماقامىغا، ئۇلۇغلۇق مەرتىۋىسىگە لايىق كەلمەيدىغان بۇ چوڭ گۇناھنى كەچۈرمەسلىكتە ئەلۋەتتە ھەقلىقتۇرۇ.

(1) نىسا سۈرىسى116 ئايەت.
(2) لۇقمان سۈرىسى13 - ئايەت.
1358سوئال:ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش- ئاللاھ ياراتقان مەخلۇقاتلاردىن قايسىبىرىنى ئاللاھقا ياكى ئاللاھنىڭ خاس سۈپەتلىرىدىن بىر ەرس ىگە ئوخشىتىش دېگەنلىكتۇر ئۇ ئېتىقاد، ئەمەل ئىبادەتلەر ۋە دۇئالاردا ئاللاھقا باشقا بىرسىنى شېرىك قىلىپ قوشۇش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىغان، ئاللاھنى ئەڭ قاتتىق غەزەپلەندۈرىدىغان يامان ئىشتۇر.

(1) نىسا سۈرىسى116 ئايەت.
(2) لۇقمان سۈرىسى13 - ئايەت.
1359سوئال:شېرىك ئەمەللىرى قايسىلار؟#

جاۋاب: شېرىك ئەمەللىرى سادىر قىلغۇسىنى ئىماندىن چىقىرىدىغان ئىشلار ۋە ئىماندىن چىقارمىسىمۇ، سادىر قىلغۇچىسىنى گۇناھقا پاتۇرىدىغان ئىشلار دەپ ئىككىگە بۆلۈنىد ۇ ئالدىنقىسى چوڭ شېرىك، كېيىنكىسى كىچىك شېرىك دەپ ئاتىلىدۇ.

(1) نىسا سۈرىسى116 ئايەت.
(2) لۇقمان سۈرىسى13 - ئايەت.
1360سوئال:چوڭ شېرىك ئەمەللىرى قايسىلار؟#

جاۋاب: چوڭ شېرىك ئەمەللىرى: تۆۋەندىكىلەردۇر (1 ) دۇنيانى ۋە دۇنيادىكى ئىشلارنى باشقۇرۇشتا ئاللاھتىن باشقىمۇ بەزى باشقۇرغۇچىلار بار، دەپ ئېتىقاد قىلىش مەسى لەن: ئاتالمىش ئەۋلىيالارنى، قۇتۇبلارنى

(1) نىسا سۈرىسى 116 ئايەت

(2) لۇقمان سۈرىسى 13 - ئايەت كائىناتنىڭ بەزى ئىشلىرىنى تەسەررۇپ قىلالايدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلغانغا ئوخشاش بۇ خىل شېرىك مەخلۇقاتنى ئاللاھ تائالانىڭ تەسەررۇپاتىغا شېرىك قىلىپ، قوشىۋالغانلىقتۇر (2 ) مەخلۇقاتنى ياكى ئۇلارنىڭ سۈپەتلىرىنى ئاللاھقا ۋە ئاللاھقا خاس سۈپەتلەرگە: ئوخشىتىش مەسىلەن ئاتالمىش ئەۋلىيالار، قۇتۇپلار، پالچىلار ۋە رامچىلار، سېھىر گەرلەر ئاللاھتىن باشقىلار بىلمەيدىغان ئىشلارنى (غەيىبنى) بىلىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلغانغا ئوخشاش بۇخىل شېرىك ئاللاھنىڭ كامالى سۈپەتلىرىگە باشقىلارنى شېرىك قىلىۋ الغانلىقتۇر چ ۈ نكى غەيبلەرنى بىلىش ئالاھقا خاس سۈپەت

(3) ئۆلۈكلەرنى (مەيلى ئۇلار پەيغەمبەر بولۇپ كەتسۇن، ) كىشىلەرگە پايدا زىيان يەتكۈزەلەيدۇ، ھاجەتلەرنى راۋا قىلالايدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىش: مەسىلەن مازاردىكى ئاتالمىش ئەۋلىيالار ھاجەتلەرنى راۋا قىلىدۇ، دە پ ئېتىقاد قىلغانغا ئوخشاش بۇ خىل شېرىك ئاللاھ تائالانىڭ ئىشىغا باشقىلارنى شېرىك قىلىۋالغانلىقتۇر (4، ) ئۆلۈكلەردىن دەل- دەرەخلەردىن ۋە مازارلاردىن مەدەت تىلەش ۋە ئۇلاردىن، كېسەررگە شىپالىق سوراش، پەرزەنت ۋە بەرىكەت تىلەش، شۇنداقلا مەيلى تىرىك بولسۇن مەي لى ئۆلۈك بولسۇن، ئاللاھتىن باشقا بىراۋنى تەبىئىي سەۋەبلەرنىڭ سىرتىدا كىشىلەرگە ياردەم قىلالايدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىش بۇ خىل شېرىك ئىبادەتتە مەخلۇقاتنى ئاللاھ تائالاغا شېرىك قىلىۋالغانلىقتۇر: چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە«دۇئا ئىبادەتتۇر»(1) دەپ كۆرسەتكەن (5 ) ئاللاھتىن باشقا بىرسىنى رازى قىلىش ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىش يەنى ئاتالمىش ئەۋلىيالارنىڭ، پىرلارنىڭ ۋە مازاردىكى ئاتالمىش ئۇلۇغلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىمىز، دېگەن ئېتىقاد بىلەن، ئۇلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىش، نەزىر چىرا ئۆتكۈزۈش، ھەتتا م ازارلارغا بېرىپ ئۇلارنىڭ قەبرىلىرىگە ئاتاپ مال كېسىش چۈنكى قۇربانلىق ئىبادەت بولغانلىق ئېتىبارى بىلەن، ئۇ پەقەت ئاللاھقىلا قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: ﴿پەرۋەدىگارىڭ ئۈچۈن «پەرۋەردىگارىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن ۋە قۇربانلىق قىلغىن»(2) (6 )ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ نامىنى ئاتاپ قەسەم قىلىش چۈنكى قەسەم ئەڭ ئۇلۇ ۋە ئۇنىڭ جازالىشىدىن قورقىلىدىغان بىر زاتنىڭ نامىنى ئاتاش ئارقىلىق، بىرەر ئىشنىڭ راست: ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش دېمەكتۇر. ئۇنىڭ مەنىسى« ئەگەر مەن يالغان ئىشقا قەسەم قىلغان بولس ام، نامى ئاتالغان بو زات مېنى ئۇرسۇن » دېگەنلىكتۇر شۈبھىسىزكى، ئۇلۇغلۇقنىڭ يېگانە ئىگىسى، قىلمىشلارغا يېتەرلىك جازا بەرگۈچى ۋە ئازابىدىن قورقۇلغۇچى زات ئاللاھتۇر ئاللاھتىن باشقىسنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغۇچى، ئاللاھقىلا خاس بولغان ئولۇغلۇق ۋە قىلمىشلارغا جازا بېرىشتەك ئالىي سۈپەتلەرگە باشقىلارنى شېرىك قىلىۋالغان بولىدۇ. شۇڭا: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام«، كىمكى، ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىدىكەن، ئۇ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ »دېگەن (3) ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ نامى بىلەن قىلىنغان قەسەم شېرىك ۋە كۇپرىنىڭ جۈملىسىدىن سانالسىمۇ، ئۇ قەسەم ھېسابلانمايدۇ چۈنكى قەسەم

(1) تىرمىزى رىۋايىتى

(2) كەۋسەر سۈرىسى 2 ئايەت

ئاللاھنىڭ مۇبارەك ئىسىملىرىنى تىلغا ئېلىش بىلەنلا قىلىنىدۇ (7 ) قۇرئان كەرىم مەخلۇقاتقا خۇددى ئاللاھقا ئەقىدە قىلغاندەك ئەقىدە قىلىشنى شېرىك ئەمەللىرىدىن ساناپ مۇنداق دېگەن: ﴿بەزى ئادەملەر ئاللاھتىن باشقىلا رنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالىدۇ ئۇلارنى مۆمىنلەرنىڭ ئاللاھنى دوست توتقىنىدەك دوست توتىدۇ (يەنى ئۇلۇغلايدۇ ۋە بويسۇنىدۇ) مۆمىنلەر ئاللاھنى ھەممىدىن بەك دوست توتىدۇ﴾(1) يۇقىرىقىلاردىن قايسىبىرىنى سادىر قىلغان ئادەمنىڭ بۇرۇن قىلغان پۈتۈن ئەمەل- ئىبادەتلىرى بىكار بولۇپ كېتىدۇ ۋە ئىماندىن چىقىدۇ قۇ: رئان كەرىمدە مۇنداق دېيىلگەن ﴿ ئەگەر سەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرسەڭ، سېنىڭ ئەمەلىڭ ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ﴾(2)

(1) نىسا سۈرىسى116 ئايەت.
(2) لۇقمان سۈرىسى13 - ئايەت.
(3) ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.
(4) ئىمام ئەھمەد رىۋايتى.
1361سوئال:كىچىك شېرىك ئەمەللىرى قايسىلار؟#

جاۋاب: كىچىك: شېرىك ئەمەللىرى تۆۋەندىكىلەر (1 ) ئۆلۈكلەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئاللاھقا يېقىنلىشىش مەقسىتىدە مازارلارنى زىيارەت قىلىش چۈنكى مازارلار پەقەت ئىبرەت ئېلىش ئۈچۈنلا زىيارەت قىلىنىدۇ

(2) رىيا يەنى ئەمەل ئىبادەتلەرنى خالىس ئاللاھ ئۈچۈن قىلماستىن، باش قىلارغا كۆرسىتىش نىيىتى بىلەن قىلىش چۈنكى بەندىلەرنىڭ ئەمەل ئىبادەتلىرىنى كۈزىتىش، ئۇلارغا ساۋاب بېرىش پەقەت ئاللاھقا خاستۇر ئەمەل ئىبادەتلەرنى باشقىلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن قىلىش بولسا، ئاللاھنىڭ ئەمەررگە ساۋاب بېرىش ۋە ئۇلارنى كۈزىتىش سۈپىتىگە باشقى لارنى: شېرىك قىلىپ قوشىۋالغانلىق بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ« مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن ئەڭ قورقىدىغىنىم، ئاللاھقا ئەڭ كىچىك ش ېرىكنىمۇ كەلتۈرۈپ قويۇشىڭلاردۇر ئۇ بولسىمۇ، رىيادۇر (»

  1. (3 )ئاللاھقا ئاسىيلىق بولىدىغان ئىشلاردا باشقىلارغا ب ويسۇنۇش چۈنكى، ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىپ، باشقىلارغا بويسۇنغۇچىلار ئۆزلىرى بويسۇنغان كىشىلىرىنى ئاللاھقا ئوخشاش، بەلكى ئالاھتىن يۇقىرى كۆرگەن بولىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام« ئاللاھقا ئاسىيلىق بولىدىغان ئىشتا بەندىگە بويسۇنۇشقا بولمايدۇ»(4) دېگەن يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ بىرەرسىنى سادىر قىلغان ئادەم گۇناھكار بولسىمۇ، ئىماندىن چىقمايدۇ، باشقا ئەمەللىرىمۇ بىكار بولۇپ كەتمەيدۇ.
(2) زۇمەر س ۈرىسى65 - ئايەت.
(3) ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.
(4) ئىمام ئەھمەد رىۋايتى.
1362سوئال:ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك بولىدىغان ئىشلارنى قىلغانلار قانداق قىلىشى كېرەك؟#

جاۋاب: ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك بولىدىغان ئىشلارنى قىلغان ئادەم ئۈچۈن ئۇنىڭدىن قەتئىي قول ئۈزۈپ، قايتا ئىمان ئېيتىش ۋە گۇناھلىرىغا ھەقىقىي رەۋىشتە تەۋبە قىلىشتىن باشقا يول يوق شۇنداق قىلغانلارنى ئاللاھ خالىسا كەچۈرىدۇ ۋە گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قى لىدۇ

(1) بەقەرە سۈرىسى 165 ئايەت

(2) زۇمەر س ۈرىسى 65 - ئايەت

پال سېلىش ۋە غەي بتىن سۆزلەش.

(1) نەمل سۈرىسى65 - ئايەت.
(2) زۇمەر س ۈرىسى65 - ئايەت.
(3) ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.
(4) ئىمام ئەھمەد رىۋايتى.
(66) - ئايەتلەر.
1363سوئال:پال سېلىش دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: پال سېلىش— كېلەچەكتە بولىدىغان ئىشلار ۋە يوقاپ كەتكەن نەرسىلەر ھەققىدە يالغاندىن خەۋەر بېرىش دېگەنلىكتۇر پال بىل ەن شۇغۇللانغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ غ ە يىبنى بىلىدىغانلىقلىرىنى دەۋا قىلىدىغان كاززاپلار بولۇپ، ئالىقانغا، چىنىگە ئوقۇش، كارت ئېچىش قاتارلىق تۈرلۈك ھىيلە– مىكىرلىرى بىلەن كىشىلەرنى ئىشەندۈرۈشكە تىرىشىدۇ ئۇلار پالچى، رەمچى ۋە داخان دېگەن تۈرلۈك ئاتالغۇلار بىلەن ئاتىلىدۇ.

(1) نەمل سۈرىسى65 - ئايەت.
(2) تەۋبە سۈرىسى65 –.
(66) - ئايەتلەر.
1364سوئال:غ ەيب دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: غەيب— ھېسسىي ئورگانلار بىلەن بىلگىلى بولمايدىغان، مېتافىزىكا ئالىمىگە ئائىت ئىشلاردۇر غەيىبلەرنى ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ﴿ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم ئاسمان ۋە زېمىندىكى غ ە يىبنى بىلمەيدۇ﴾(1) ئىسلام دىنىنى مەسخىرە قىلى ش.

(1) نەمل سۈرىسى65 - ئايەت.
(2) تەۋبە سۈرىسى65 –.
(66) - ئايەتلەر.
1365سوئال:دىننى مەسخىرە قىلىش دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: دىننى مەسخىرە قىلىش— ئىسلام دىنىغا ۋە ئۇنىڭدىكى مۇقەددەسلەرگە تىل: ئۇزىتىش دېگەنلىك بولۇپ، ئۇنىڭ تۈرلىرى تۆۋەندىكىچە (1 ) ئىسلام دىنىنىڭ شەرىئەت قانۇنىنى ھازىرقى ئەسىر بىلەن ماسلىشالمايدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىش ياكى ئوچۇق سۆزلەش (2 ) قۇرئان كەرىمنى ئادەتتىكى كىتابلارغا ئوخشىتىش ياكى ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى كۆزگە ئىلماسلىق (3 ) كۇففارلارنىڭ تۆھمەتلىرىگە ئىشىنىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەيىبلەش ياكى ئۇنى ئادەتتىكى ئىنسان قاتارىدا كۆرۈش (4 ) ئىسلام جازا قانۇنىدىكى ئىبرەت قىلىش كۆزدە تۇتۇلغان بەزى جازالارنى ئەيىبلەش.

(1) نەمل سۈرىسى65 - ئايەت.
(2) تەۋبە سۈرىسى65 –.
(66) - ئايەتلەر.
1366سوئال:ئاللاھنىڭ دىنىنى مەسخىرە قىلغاننىڭ جازاسى نېمە؟#

جاۋاب: ئاللاھنىڭ دىنىنى مەسخىرە قىلغانلار شەكسىز كاپىر بولىدۇ، ئاخىرەتتە مەڭگۈلۈك: ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن﴿ ئى مۇھەممەدۇ ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ: (مەسخىرە قىلغانلىقىنى) سورىساڭ، ئۇلار‹ بىز (راستتىن ئەمەس)، پەقەت ئىچ پۇشۇقى قىلىپ ئوينىشىپ دەپ قويدۇق › )دەيدۇ (بۇ مۇناپىقلارغا‹سىلەر ئاللاھنىڭ دىنىنى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى مەسخىرە قىلدىڭلارمۇ” دېگىن سىلەر (يالغان قەسەم ئىچىپ) ئۆزرە ئېيتماڭلار، سىلەر ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن، (پەيغەمبەرنى مەسخىرە قىلىش بىلەن) كاپىر بولدۇڭلار، سىلەردىن بىر گۇرۇھنى (راست تەۋبە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) ئەپ ۇ قىلساق يەنە بىر گۇرۇھنى گۇناھكار بولغانلىقلىرى ئۈچۈن جازالايمىز﴾(2)

(1) نەمل سۈرىسى 65 - ئايەت

(2) تەۋبە سۈرىسى 65 – - ئايەتلەر كىرېش ەگىسىرىئاد ناغىديەمرىك رلاشىئ شېرىك دائىرىسىگە كىرىدىغان تۇمار تۈرى.

(1) نەمل سۈرىسى65 - ئايەت.
(2) تەۋبە سۈرىسى65 –.
(66) - ئايەتلەر.
1367سوئال:تۇمار ئېسىش شېرىككە كىرەمدۇ؟#

جاۋاب: تۇمار ئېسىشنىڭ شېرىك دائىرىسىگە كىرىدىغانلىرىمۇ ۋە كىرمەيدىغانلىر ىمۇ بار بۇنىڭغا بىنائەن، تۇمار ئېسىش ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى شېرىك دائىرىسىگە كىرى غ دى ان تۈرى يەنە بىرى، كىرمەيدىغ ان تۈرىدۇر.

(1) ئىمام ئەھمەد ۋە ھاكىم رىۋايەت قىلغان ھەدىس.
(2) تىرمىزى.
1368سوئال:شېرىك دائىرىسىگە كىرىدىغان تۇمار قايسى؟#

جاۋاب: پەرىشتىلەرنىڭ، ئەۋلىيالارنىڭ، پىرى لارنىڭ، جىنلارنىڭ ۋە باشقا ھەرقانداق مەخلۇقنىڭ (ئىنسان ياكى ھايۋاننىڭ) ئىسىملىرى ياكى مەنىسى چۈشىنىكسىز تىلسىملار يېزىلغان تۇمارلارنى ئېسىش ۋە يېزىشنىڭ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك بولىدىغانلىقىغا ئىسلام ئالىملىرى ھەممە بىردەك ئىتتىپاقتۇر پەيغەمبەر ئەلەيھى: سسالامنىڭ«، كىمكى تۇمار ئاسىدىكەن ئۇ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ»(1) دېگەن سۆزى مۇشۇ تۈردىكى تۇمارنى كۆرسىتىدۇ.

(1) ئىمام ئەھمەد ۋە ھاكىم رىۋايەت قىلغان ھەدىس.
(2) تىرمىزى.
1369سوئال:شېرىك دائىرىسىگە كىرمەيدىغانتۇمار قايسى؟#

جاۋاب: قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ۋە ئاللاھنىڭ ئىسىم سۈپەتلىرىدىن يېزىلغان تۇمارلارنى بالاغەتكە يەتمىگەن نارىسىدە بالىلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئېسىشقا بولىدۇ. ئەمما چوڭلارنىڭ تۇمار ئېسىشىنىڭ جائىز بولمايدىغانلىقىدا پۈتۈن ئىسلام ئۆلىمالىرى ئىتتى پاقتۇر چۈنكى چوڭلار ئايەتلەرنى تۇمار قىلىپ ئاسماستىن ئۆزلىرى ئوقۇشقا بۇيرۇلغان ئەمما نارىسىدە بالىلار ئايەت ۋە دۇئالارنى ئوقۇيالمىغانلىقى سەۋەبلىك ئۇنى يېزىپ بوينىغا ئېسىپ قويۇش جائىز سانالغان بۇ ھەقتە ساھابىلارنىڭ كاتتا ئالىملىرىدىن ئابدۇللا ئىبنى ئۆمە، ر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: «أَعُوذُ بِكَلِمَاتِ اللَّهِ التَّامَّاتِ مِنْ غَضَبِهِ وَعِقَابِهِ وَشَرِّ عِبَادِهِ، وَمِنْ هَمَزَاتِ الشَّيَاطِينِ وَأَنْ يَحْضُرُونِ»﴾ يەنى «، ئاللاھقا سىغىنپ، ئاللاھنىڭ غەزىبىدىن، ئۇنىڭ جازاسىدىن، مەخلۇقاتنىڭ شەررىدىن شەيتانلارنىڭ ماڭا يېقىنلىشىشىدىن ۋە ۋەسۋەسە قىلىشىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگەن دۇئانى بالاغەتكە يەتكەن بالىلىرىغا ئۆگىتىپ ئوقۇت ق انلىقى ۋە بالاغەتكە يەتمىگەنلىرى ئۈ چۈن ئۇنى قەغەزگە يېزىپ ئۇلارنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان(2).

(2) تۇمار ئېسىش تەرغىب قىلىنىدىغان بىر ئىش ئەمەس بۇ ماۋزۇ، دا تۇماردىن ياخشى چارىلەر بار بولۇپ ئۇلاردىن بىرى سەمىمىي قىلىنغان دۇئادۇر.

(1) ئىمام ئەھمەد ۋە ھاكىم رىۋايەت قىلغان ھەدىس.
(2) تىرمىزى.
1370سوئال:بالا قازالاردىن ساقلىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىلىرى قايسى؟#

جاۋاب: بالا قازالاردىن ۋە يامان كۆز يامان تىللارنىڭ، كۆرەلمەسلەرنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىشنىڭ دىنىمىزدا كۆرسىتىلگەن ياخشى چارىلىرى بار، ئاللاھ تائالانى كۆپ ياد ئېتىش ئۆزىنى پاكىز تۇتۇش، گۇناھ-مەسىيەتلەردىن يىراق تۇرۇش، ئىبادەتلەرگە ھېرىسمەن بولۇش، سەمىمىي دۇئا قاتارلىق ئىشلار بالا-قازادىن ساقلىنىشنىڭ چارىل ىرى بولالايدۇ ئەبۇ ھۇرەيرە

: رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى« پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بىر ئادەم: كېلىپ‹يارەسۇلەللاھۇ مېنى كېچە يىلان چېقىۋالدى ›: دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ‹ئەگەر سەن ئاخشام ياتىدىغان ۋاقتىڭدا ئاللاھقا سېغىنىپ مەخلۇق اتنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن › دەپ دۇئا قىلغان بولساڭ ئىدى، ساڭا ھېچقانداق زىيان زەخمەت يەتمىگەن بو لاتتى ›دېدى»(1): پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىسىدە، ساھابىلىرىگە تەلىم بېرىپ« سىلەر ئاخشاملىرى يېتىشتىن بۇرۇن‹ئاللاھنىڭ ئۇلۇ كەلىمىلىرىگە سېغىنىپ، ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن ئۇنىڭ جازاسىدىن ۋە مەخلۇقاتنىڭ شەررىدىن، شەيتانلارنىڭ ماڭا يېقىنلىشىشىدىن ۋە ۋەسۋەسە قىلىشىدىن پاناھ تىلەيمەن› دەڭلا، ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، بالا قازالاردىن ساقلىنىسىلەر»(2) دەپ كۆرسەتكەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ئائ: ىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن« پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر ئاخشىمى ياتاق جايىغا بارغىنىدا، ئىككى ئالىقىنىنى بىرلەشتۈرۈپ ئاچقىنىچە، ئىخلاس، فەلەق ۋە ناس سۈرىلىرىنى ئوقۇپ ئالىقانلىرىغا سۈفلەپ بەدىنىنىڭ قولى يەتكەن ھەممىلا يېرىنى ئىككى ئالىقىنى بىلەنسى لاپ چىقاتتى، سىلاشنى ئاۋۋال بېشى بىلەن يۈزىدىن باشلايتتى ۋە ھەر ئەزانى ئۈچ قېتىمدىن سىلايتتى»(3) دەم سېلىش.

(1) ئىمام ئەھمەد ۋە ھاكىم رىۋايەت قىلغان ھەدىس.
(2) تىرمىزى.
(3) بۇخارىي رىۋايىتى.
1371سوئال:دەم سېلىش دۇرۇسمۇ؟#

جاۋاب: كېسەررگە، ھەتتا ساق كىشىلەرگىمۇ قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ياكى ئاللاھنىڭ ئىسى م سۈپەتلىرىنى ئوقۇش بىلەن دەم سېلىشقا بولىدۇ ئىسلام ئالىملىرى مۇنۇ ئۈچ شەرت: بىلەن دەم سېلىشنى جائىز (دۇرۇس) دەپ قارايدۇ

(1) دەم سېلىشتا پەقەت قۇرئ ان ئايەتلىرى ۋە ئاللاھنىڭ ئىسىم، سۈپەتلىرىلا ئوقۇلۇشى

(2) سېلىنغان دەمنىڭ ئەرەب تىلىدا بولۇپ، مەنىسى چۈ، شىنىشلىك بولۇشى (3 ) دەم ئۆزلۈكىدىن تەسىر قىلماستىن، بەلكى ئاللاھنىڭ ئىزنى ۋە ئىرادىسى بىلەنلا تەسىر، قىلىدۇ، شىپالىق پەقەت ئاللاھ تائالادىن كېلىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىشتىن ئىبارەت

(2) ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى

ئائىلە ھاياتىدا چەكلەنگەن ئىشلار 1 قىز ئوغۇللارنى ئۇلار خالىمىغان بىرسى بىلەن ئۆيلىنىشكە زورلاش 2 مۇسۇلمان ئەرنىڭ مۇسۇلمان ئەمەس ئايالغا ئۆيلىنىشى 3 مۇسۇلمان قىزلارنى مۇسۇلمان ئەمەسلەرگە ياتلىق قىلىش شەرئىي ئۆزرىسى بولماستىن ھامىلە بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش 5 قورساقتىكى بالىنى چۈشۈرۈۋېتىش 6 ئايلىق ئادىتى مەزگىلىدىكى ئايال بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىش 7 ئاياللارنىڭ ئارقا تەرىپىگە كېلىش ئەر– خوتۇنلۇقنىڭ سىرلىرىنى يېيىش 9 ئايلىق ئادىتى مەزگىلىدىكى (ھەيزدار) ئايالنى تالاق قىلىش بالىنىڭ ئاتىسىغا تېنىشى 11 سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش 12 بالىلارنىڭ ئۆز ئاتىسىنى تاشلا پ باشقىسىغا مەنسۇپ بولۇۋېلىشى بالىلارنى خورلاش ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئايرىمىچىلىق قىلىش 14 ئۇرۇق-تۇغقانلارنى تاشلىۋېتىش ئاتا– ئانىنى قاقشىتىش قىَ ئوغۇللارنى ڭ ئۆزلىرىگە لايىق تاللاشتىكى ئەركىنلىكى.

(1) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
(2) ئەبۇداۋۇ د رىۋايىتى.
(3) بۇخارىي رىۋايىتى.
1372سوئال:لهلقىز ئوغۇللارنى ئۆزلىرى خالىمىغان بىرسى بىلەن ئۆيلىنىشكە زورلاشقابولامدۇ؟#

جاۋاب: ئىسلام دىنى قىز- ئوغۇللارنى ئۇلارنىڭ رازىلىقى بولمىغان بىرسى بىلەن ئۆيلىنىشكە زورلاشنى قەتئىي رەت قىلىدۇ بەلكى ئۇلارنىڭ رايىنى ۋە ئىختىيارىنى نىكاھنىڭ ئاۋۋالقى شەرتلى: رىدىن قىلىپ بېكىتتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ «چوكاننى ئۇنىڭ ئىختىيارىسىز، قىزنى ئۇنىڭ رايىسىز ياتلىق قىلماڭلار » ساھابىلەر يا رەسۇلەللاھۇ قىزلار ئۇياتچان كېلىدۇ، ئۇلار ئۆز رايىنى سۆزلىيەلمىسە قانداق قىلىمىز دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئ: ەلەيھىسسالام« قارشىلىق بىلدۈرمەستىن سۈكۈت قىلىپ تورۇشى ئۇلارنىڭ ئىختىيار قىلىپ رازى بولغانلىقىدۇر »دەيدۇ (1) ئەمما قىز بولسۇن ياكى چوكان بولسۇن دىيانەتسىز، ئەخلاقسىز بىرىگە ياتلىق بولىمەن دەپ تۇرۇۋالسا، شۇنىڭدەك ئوغۇلمۇ ئەخلاقسىز، دىيانەتسىز بىرىنى ئالىم ەن دەپ تۇرۇۋالسا بۇ ۋاقىتتا ئاتا ئانىسى ئۇنىڭغا قارشى چىقسا ۋە بۇ ئىشنى رەت قىلسا بولىدۇ ئە گەر قىز كىچىك بولۇپ، ئۆزىنىڭ كېلەچىكىنى ياخشى تاللىيالمايدىغان ياشتا بولسا، ئاتا ئانىسىنىڭ ياكى تۇغقانلىرىنىڭ ئۇنى ياتلىق بولۇشقا ئالدىرىتىشى ياكى ئۆزى خالى غ مى ان بىرىگە ياتلى ق بولۇشقا زورلىشى توغرا ئەمەس.

(1) بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
(2) بەقەرە سۈرىسى221 ئايەت.
1373سوئال:مۇسۇلمان ئەرنىڭ مۇسۇلمان ئەمەس ئايالغا ئۆيلىنىشى دۇرۇسمۇ؟#

جاۋاب: مۇسۇلمان ئەرلەرنىڭ دىنغا ئىشەنمەيدىغان كوم مۇنىست ياكى بۇددىست ياكى بىرەر ساماۋى )(ئەسلى ئاللاھتىن كەلگەن دىنغا مەنسۇپ بولمىغان ئاياللار بىلەن ئۆيلىنىشى: دۇرۇس ئەمەس ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ﴿ (ئى مۇسۇلمانلار) مۇشرىك ئاياللار ئىمان ئېيتمىغۇچە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار (ھۆر) مۇشرىك ئايال (ھۆسن جامالى ۋە مېلى بىلەن) سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ، مۆمىن دېدەك ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر ﴾(2 )، بۇ ئايەت ئاتېئىزمچىلارغا، ئوخشاش ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغان بۇددىستلارغا ئوخشاش باتىل دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاياللارغا ئۆيلىنىشنىڭ قەتئىي ھارا ملىقىنى ئىپاد ىلەيدۇ ئەمما خرىستىئان ياكى يەھۇدىي دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاياللارغا ئۆيلىنىشكە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇسۇلمان ئەرلەرنىڭ ئەھلى كىتابتىن بولغان ئاياللار بىلەن ئۆيلىنىشىنىڭ جائىزلىقى: توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ﴿مۆمىنلەردىن بولغان ئىپپەتلىك ئاي اللارنىڭ، سىلەردىن ئىلگىرى (2) بەقەرە سۈرىسى 221 ئايەت كىتاب بېرىلگەن (يەھۇدىيلار ۋە خرىستىئانلار) دىن بولغان ئىپپەتلىك ئاياللارنىڭ مەھرىنى بەرسەڭلار ئىپپەتلىك بولغىنىڭلار ۋە ئاشكارا يوشۇرۇن پاھىشىنى كۆزلىمىگىنىڭلار ھالدا (ئۇلارنى) ئالساڭلار ئۇلار سىلەرگە ھالالدۇر﴾(1) بۇ رۇخسەت قى، لىنغان ئىش بولسىمۇ تەرغىب قىلىنمايدۇ چۈنكى مۇسۇلمان ئايال يەھۇدىي ۋە خرىستىئان ئاياللاردىن ئەلۋەتتە ئەۋزەلدۇر، خرىستىئان ياكى يەھۇدىي دىنىدىكى ئاياللار بىلەن ئۆيلىنىشنىڭ شەرتى ئۇ لارنىڭ ئاللاھقا ھەقىقىي ئىشىنىدىغان ئاياللاردىن بولۇشىدۇر.

(1) بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
(2) بەقەرە سۈرىسى221 ئايەت.
(3) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
1374سوئال:مۇسۇلمان قىزلارنى مۇسۇلمان ئەمەسلەرگە ياتلىق قىلىشقا بولامدۇ؟#

جاۋاب: مۇسۇلمان قىزلارنىڭ ۋە ئاياللارنىڭ مۇسۇلمان ئەمەس ئەرلەرگە ياتلىق بولۇشى قەتئىي جائىز ئەمەس، مەيلى ئۇلارنىڭ ياتلىق بولماقچى بولغان كىشىلىرى خرىستىئان بولسۇن، مەيلى يەھۇدىي بولسۇن، مەيلى ئاتېئىست بولسۇن، مەيلى بۇددىست ياكى مۇشرىك بولسۇن بۇلارنىڭ ھېچبىرى مۇسۇلمان ئاياللارغا ئۆيلىنىشكە لايىق ئەمەس ئاللاھ تائالا مۇسۇلمان: ئاياللار توغرۇلۇق﴿ئۇلار كا پىرلارغا ھالال ئەمەس كاپىرلارمۇ ئۇلارغا ھالال ئەمەس﴾(2) دېگەن، ئۆز مىللەتتىن بولسىمۇ ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغان ۋە ئاتېئى زم ئەقىدىسىگە ئىشىنىدىغان لىقىنى ئوچۇق-ئاشكارا جاكارلاپ يۈرگەن بىرىگە مۇسۇلمان قىزىنى ياتلىق قىلىشقا بولمايدۇ مۇنداق قىلغۇچىلار ئاللاھنى ڭ يۇقىرىقى ئايەتتىكى ھۆكۈمىگە قارشى چىققان بولۇپ، جازاسىنى ئېغىر تارتىدۇ ھامىلە بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسىلىسى.

(1) مائىدە سۈرىسى5 ئايەت.
(2) مۇمتەھىنە سۈرىسى10 ئايەت.
(3) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
1375سوئال:ھامىلە بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولامدۇ؟#

جاۋاب: تۇغۇش تۇغماسلىق مەسىلىسى ئەر ئايال ئىككىسىنى ڭ قارارىغا باغلىق ئىشتۇر ئائىلىدىكى مەلۇم سەۋەبلەر ياكى زۆرۈرىيەتلەر تۈپەيلى ئەر– ئايال ئىككىسى كېلىش ىپ تۇغۇشنى ۋاقىتلىق كېچىكتۈرۈش نىيىتى بىلەن ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دو را، ئوكۇل ۋە باشقا ھەر قانداق بىر چارىنى قوللىنىشى دۇرۇستۇر بۇ دېگەنلىرى مىزنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى كۈچلەندۈرىدىغان ھەدىسلەر كۆپ: جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن«بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىمۇ ئەزلە قىلاتتۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى بىلگەن، ئەمما ئۇنىڭدىن توسمىغان ئىدى»(3)

(1) مائىدە سۈرىسى 5 ئايەت

(2) مۇمتەھىنە سۈرىسى 10 ئايەت

ئەزلە قىلىش— جىنسىي مۇناسىۋەت، ئۆتكۈزگەندە، بالا بولۇپ قالمىسۇن دەپ سپېرمىنى سىرتقا تۆكۈۋېتىش دېگەنلىكتۇر سەئۇدى ئەربىستانى « پەتىۋا كومىتېتى»تەرىپىدىن 1974 -يىلى 13 - ئاپرىل (ھىجرىيە 1394 يىلى 4 ئاينىڭ 13 كۈنى) چىق ىرىل غان 42 نومۇرلۇق پەتىۋا: دا مۇنداق كەلگەن «پېقىرلىقتىن قورقۇپ ھامىل دارلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دورا ئوكۇل ۋە باشقىمۇ چارىلەرنى قوللىنىش جائىز ئەمەس چۈنكى ئاللاھ تائالا ھەرقانداق جانلىقنى ئۆز رىز قى بىلەن يارىتىدۇ ئەمما ئائىلىۋىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، مەسىلەن: ئانىنىڭ نورمال تۇغۇتتا تۇغالماستىن، بالىنى ھەرقېتىمدا ئوپىر اتىسىيە قىلىش ئارقىلىق ئېلىشقا مەجبۇر بول ۇپ قالغا نلىقى ياكى ئەر ئايال ئىككىسى تۇغۇشنى بىر زامان كېچىكتۈرۈشتە ئۆزلىرى ئۈچۈن ياخشىراق بولىدىغانلىقىنى مەسلىھەتلەشكەنلىكى قاتارلىق ھاللاردا ئۇلارنىڭ ھامىلدارلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دورا، ئوكۇل ۋە باشقىمۇ چار ىلەرنى قوللىنىشى جائىزدۇر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەزلە ھەققىدىكى ھەدىسلىرى ۋە ئىسلام فىقھىشۇناس ئالىملىرىنىڭ تۆرەلگىنىگە قىرىق كۈن بولمىغان نۇتفە (ئابىمەنى) نى دورا ياكى ئوكۇللار ئارقىلىق زۆرۈرىيەت يۈزىسىدىن چۈشۈرىۋېتىشنىڭ جائىزلىقى ھەققىدىكى پەتىۋالى رى بىزنىڭ بۇ قارارىمىزنى كۈچلەندۇرىدۇ » قورساقتىكى بالىنى چۈشۈرۈۋېتىش جىنايىتى.

(1) مائىدە سۈرىسى5 ئايەت.
(2) مۇمتەھىنە سۈرىسى10 ئايەت.
(3) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
1376سوئال:قورساقتىكى بالىنى چۈشۈرۈۋېتىشكە بولامدۇ؟#

جاۋاب: قورساقتىكى بالىغا زىيان يەتكۈزۈش ئەڭ ئېغىر قاتىللىق جىنايىتىدىن سان ىلىدۇ ئاخىرەتتى كى جازاسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىكى ئىش بولۇپ، ئاللاھ ئۇنىڭ جىنايەت ئىشلىگ ەن ۋاقىتتىكى نىيىتىگە قاراپ ئۇنىڭ جازاسىنى بەلگىلەيدۇ، شۇ ئېنىقكى ئانىنىڭ قورسى، قىدا بولۇپ بۇ دۇنياغا كۆز ئاچمىغان بولسىمۇ بىر بوۋاقنى قەستەن ئۆلتۈرگ ەن ئادەم قاتىل ھېسا بلىنىدۇ قاتىلنىڭ ج ازاسى قۇرئان كەرىمدە ناھايىتى ئېنىقتۇر ئۇ بولسىمۇ، دوزاختۇرۇ.

(1) كۇۋېيت دۆلىتىنىڭ«پەتىۋا ئىشلار كومىتېتى» نىڭ1984 -يىلى9 - ئاينىڭ29 - كۈنى چىقارغان پەتىۋاسىدىن (.
(2) ) ،كۇۋېيت ئىسلامىي ئىشلار ھەيئىتىنىڭ نەشرى«پەتىۋا ئىشلار كۆمىتېتى»نىڭ پەتىۋاسى.
1377سوئال:قانداق شارائىتتا بالىنى ئېلىۋەتسە بولىدۇ؟#

جاۋاب: تۆرەلمىنى ئۇنىڭ تۆرەلگىنىگە 40 كۈن توشماستىن، ئاتا- ئانىسىنىڭ ئىستىكى ۋە رازىلىقى بىلەن ئېلىۋېتىشقا بولىدۇ (1) تۆرەلمىنى ئېلىۋەتمىگەندە، ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ھاياتى خەتەرگە ئۇچرايدىغانلىقى ئىشەنچلىك دوختۇر تەرىپىدىن كەسكىن ئېنىقلانغاندا، پەقەت ئانىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش يۈزىسىدىن تۆرەلمىگە 120 كۈن توشمىغان بولسا، ئۇنى ئېلىۋەتسە بولىدۇ«(2) بۇ ھالەتتە شەرى: ئەتنىڭ»«ئىككى زىياننىڭ يېنىكرەكىنى تارتىش كېرەك» دەيدىغان پىرىنسىپ ىغا ئاساسەن، ئانىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بالىسىنى ئېلىۋېتىش جائىز بولۇپلا قالماستىن، بەلكى زۆرۈردۇر ئەمما تۆرەلگىنىگە 120 كۈن تولۇپ ئېشىپ كەتكەن تۆرەلمىنى قايسىبىر سەۋەب بىلەن چۈشۈر ىۋېتىشقا قەتئىي بولمايدۇ. چۈنكى مۇنداق قىلىش بىر جاننى قەستەن ئۆلتۈرگەنلىك

(1) كۇۋېيت دۆلىتىنىڭ«پەتىۋا ئىشلار «كومىتېتى نىڭ 1984 -يىلى 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چىقارغان پەتىۋاسىدىن ( )، كۇۋېيت ئىسلامىي ئىشلار ھەيئىتىنىڭ نەشرى پەتىۋا» ئىشلار كۆمىتېتى»نىڭ پەتىۋاسى يىسنىج ەتتەۋىسانۇم نەگنەلكەچ رلاشىئ ھېسابلىنىدۇ ھازىرقى زامان مەشھۇر ئۆلىمالىرىدىن مۇتلەق كۆپ سانلىقى شۇنداق قارايدۇ.

(1) كۇۋېيت دۆلىتىنىڭ«پەتىۋا ئىشلار كومىتېتى» نىڭ1984 -يىلى9 - ئاينىڭ29 - كۈنى چىقارغان پەتىۋاسىدىن (.
(2) ) ،كۇۋېيت ئىسلامىي ئىشلار ھەيئىتىنىڭ نەشرى«پەتىۋا ئىشلار كۆمىتېتى»نىڭ پەتىۋاسى.
(4) ئىنفىتار سۈرىسى7 - ئايەت.
(5) دوكتور ئابدۇلجەۋۋاد ساۋىي، مەككە مۇكەررەمەدىكى « قۇرئان ۋە سۈننەت مۆجىزىلىرىنى تەتقىق قىلىش خەلقئارالىق كۆتىتېتى» نىڭ تور بېتىدىن.
1378سوئال:تۆرەلمىگە قاچان جان كىرىدۇ؟#

جاۋاب: پەيغەمبە ئەلەيھىسس: الام مۇنداق دېگەن « سىلەر ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدا پەيدا، بولۇپ 40 كۈن ئىچىدە لەختە قانغا، ئاندىن گۆش پارچىسىغا ئايلىنىسىلەر، ئاندىن مەخسۇس، پەرىشتە ئەۋەتىلىپ، سىلەرگە جاننى پۈلەيدۇ ۋە سىلەرنىڭ رىزقىڭلارنى، ئەجىلىڭلارنى بەختلىك ياكى بەختسىزلىكىڭلارنى يېزىشقا بۇيرىلىدۇ»(1): يەنە بىر ھەدىستە « تۆرەلمىگە 42 كۈن بولغاندىن كېيىن، ئاللاھ بىر پەرىشتىنى ئۇنىڭغا ئەۋەتىپ، ئۇنى ئىنسان شەكىلگە كىرگۈزىدۇ، ئۇنىڭ قولىقىنى، كۆزىنى، تېرىسىنى، گۆشىنى ۋە: سۆڭەكلىرىنى يارىتىدۇ ئاندىن پەرىشتە” ئى رەببىمۇ بۇ تۆرەلمە ئەركەك بولامدۇ ياكى قىزمۇ” دەيدۇ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئاللاھ ئۆز خاھىشى بىلەن ئەمر قىلىدۇ، پەرىشتە شۇ بويىچە يازىدۇ»(2)، ئىسلام ئۆلىمالىرى بۇ ئىككى ھەدىسنىڭ روھىغا ئاساسەن«ت ۆرەلمە ئانىسىنىڭ قورسىقىغا ئۈنۈپ 40 ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا جان كىرىدۇ بىراق مەزكۇر 40 كۈن ئۆتۈپ قانچە كۈندىن كېيىن جان كىرىدىغانلىقىنىى ھېچكىم ئېنىق كېسىپ ئېيتالمايدۇ شۇنداقتىمۇ قۇرئان: كەرىمدىكى﴿ ئاندىن ئۇنى راۋۇرۇس يارىتىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىگە مەنسۇپ روھنى كىرگۈزدى﴾(3) دېگەن ئايەتتتىن، تۆرەلمە ئىنسان شەكلىگە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنلا ئۇنىڭغا جان كىرگۈزىلىدۇ، دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ يەنە ئىنفىتار سۈرىسىدىكى ﴿، ئۇ سېنى ياراتتى (ئەزالىرىڭنى) بېجىرىم، قامىتىڭنى تۈز قىلدى﴾(4) دېگەن ئايەتكە ئاساسلانغاندا، تۆرەلمىگە 8 ھەپتە بولغاندىن كېيىن جان كىرىپ بولىدۇ، دەپ چۈشىنىسكە بولىدۇ كۆپلىگەن مۇپەسسىرلەر بۇ قاراشنى كۈچلەندۈرگەن (5 ) جىنسىي مۇناسىۋەتتە چەكلەنگەن ئىشلار.

(4) ئىنفىتار سۈرىسى7 - ئايەت.
(5) دوكتور ئابدۇلجەۋۋاد ساۋىي، مەككە مۇكەررەمەدىكى « قۇرئان ۋە سۈننەت مۆجىزىلىرىنى تەتقىق قىلىش خەلقئارالىق كۆتىتېتى» نىڭ تور بېتىدىن.
1379سوئال:ھەيزدارئايال بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىشنىڭ قانداق زىيىنى بار؟#

جاۋاب: ئايلىق ئادەت كۆرىۋاتقا ( ن ھەيزدار) ۋە تۇغۇتلۇق، ئاياللارنىڭ قېنى توختاپ تولۇق پاكلانمى غۇچىلىك، ئۇلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش قەتئىي ھارامدۇر بۇ: ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ﴿ ئى (مۇھەممەد) ئۇلار سەندىن ئادەت كۆرگەن ئايال (بىلەن، جىنسىي ئالاقە قىلىشنىڭ دۇرۇسلۇقى ياكى دۇرۇس ئەمەسلىكى) توغرۇلۇق سورايدۇ ئېيتقىنكى، ئۇ (ئەر خوتۇن ھ ەر ئىككىسىگە) زىيانلىقتۇر، ئادەت مەزگىلىدە ئايالىڭلاردىن نېرى تۇرۇڭلار (ئادەتتىن) پاك بولغۇچە ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار پاك بولغاندىن )) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى (2) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى )) سەجدە سۈرىسى 9 - ئايەت (4) ئىنفىتار سۈرىسى 7 - ئايەت كېيىن ئۇلارغا ئاللاھ بۇيرۇغان جايدىن يېقىنلىشىڭلار﴾(1) بۇ ئايەت تۇغ ۇتلۇق ئايالنىڭ مەسىلىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئا لىدۇ چۈنكى تۇغۇتلۇق ئايال قېنىدىن پۈتۈنلەي پاكلىنىپ بولمىغىچە، ئۇنىڭ بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ھا رامدۇر ئايال ئادەت كۆرگەن كۈنلىرىدە، ئۇنىڭ بالا ياتقۇسى پۈتۈنلەي ئېچىلىش نەتىجىسىدە، ئۇنىڭ ئايلىق قېنى ئېقىپ تۇرىدۇ تېببىي تەرەپتىن مەلۇمكى، قان مىكر وبلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ ئەڭ مۇناسىپ مۇھى تىدۇر ئايال ساق ۋاقتىدا ئۇنىڭ جىنسىي ئورگىنىدىن مىكروبلارنى ئۆلت ۈرىدىغان بىر خىل سۇ ماددىسى چىقىپ تۇرغانلىقتىن، ئۆزى ۋە ئۇنىڭغا يېقىنلاشقان كىشى مىكرو بنىڭ، زىيىنىدىن ساقلىنىپ قالالايدۇ ھالبۇكى ئايال ئادەت كۆرگەن ۋاقت ىدا، ئۇنىڭ مىكر وبلىنىشتىن مۇداپىئەلىنىش ج ى ھازلىرى ئىشلىمەي قالىدۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە بالا ياتقۇدىن كەلگەنت وختاۋسىز قان مىكروبلارنىڭ تېز كۆپىيىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ قان كېلىۋاتقان ۋاقىتتا مىكروبلىنىشقا قارشى جىنسىي ئورگاندىن كېلىدىغان سۇمۇ قان دولقۇنى ئى چىدە ئۆز ۋەزىپىسىنى ئۆتىيەلمەي قالىدۇ مەلۇمكى، ئەرنىڭ جىنسىي ئورگىنىدا كۆپلىگەن مىكروبلار بولىدۇ. ئۇ ئايالى ساق ۋاقىتتا ئۇنىڭغا يېقىنلاشقىنىدا، ئايالىنىڭ جىنسىي ئورگىنىدىن كېلىدىغان مىكروبقا قارشى سۇيۇق ماددا ئەر تەرەپتىن كىرگەن مىكروبلارنى ھامان ئۆلتۈر ۈپ تۇرىدۇ. ئەمما ئايال ئادەت كۆرگەن، ۋاقىتتا، ئۇنىڭ مىكروبلاردىن مۇداپىئەلىنىش جاھازلىرى پۈتۈنلەي ئىشتىن توختىغاچقا ئەركىشىنىڭ جىنسىي ئورگىنى پەقەت مىكروبلار بىلەن قاپلانغان قان دېڭىزىغا شۇڭغۇغان بولىدۇ. نەتىجىدە، مىكروبلىنىش ئەر- ئايال ھەر ئىككىسىگە بولىدۇ. بۇنىڭ زىيانلىرىنى بىلەم سىز بۇنىڭ زىيىنى ئايالنىڭ ماتكىسى بىلەن بالا ياتقۇسىدا مىكروبلارنىڭ يېتىشكەنلىكى سەۋەبتىن ئۇنىڭ بۇ ئىككى ئورگىنىدا داۋالاش قىيىن بولغان، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاغرىقنى، پەيدا قىلغان ئەرنىڭ جىنسىي ئورگىنىدا مىكروبلارنىڭ ئورۇن تۇتۇشى بىلەن ئۇنىڭ سۈيدۈك يوللىرىدا ئوزونغا سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاغرىقنى پەيدا قىلغاننىڭ سىرتىدا، ئەر بىلەن ئايال ئۈچۈن كۆپلىگەن خەتەرلىك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ (2) قۇرئان كەرىمنىڭ مۇنداق قىلىشنى«زىيانلىق »د ەپ تەبىرلىشىنىڭ سىرلىرىدىن بىرى بۇ ئىدى.

(2) سەئۇدى ئەرەبىستانىلىق مەشھۇر ئىچكى كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى دوكتور مۇھەممەد ئەلى بارنىڭ« ئىنساننىڭ يارىتىلىشى ھەققىدە قۇرائان كەرىم ھەقىقەتلىرى » ناملىق ئەسىرى دىن.
(3) ،ئىمام ئەھمەد نەسائىي رىۋايىتى.
(4) ئىنفىتار سۈرىسى7 - ئايەت.
(5) دوكتور ئابدۇلجەۋۋاد ساۋىي، مەككە مۇكەررەمەدىكى « قۇرئان ۋە سۈننەت مۆجىزىلىرىنى تەتقىق قىلىش خەلقئارالىق كۆتىتېتى» نىڭ تور بېتىدىن.
1380سوئال:ئاياللارنىڭ ئارقا تەرىپىگە كېلىش دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: ئاياللارنىڭ مەيلى ئالدى تەرىپىدىن، مەيلى كەينى تەرىپىدىن، مەيلى قايسىبىر تەرىپىدىن بولسۇن، ئۇلارنىڭ جىنسىي ئورگىنىغا كېلىش مۇتلەق دۇرۇستۇر ئەمما ھارام بولغىنى ئايا للارنىڭ ئارقىسىغا كېلىشتۇر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ يامان قىلىقنى قاتتىق: ئەيىبلەپ«ئۇ كىچىك بەچچىۋازلىقتۇر»(3) دەپ سۆككەن

(1) بەقەرە سۈرىسى 222 - ئايەت

(2) سەئۇدى ئەرەبىستانىلىق مەشھۇر ئىچكى كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى دوكتور مۇھەممەد ئەلى بارنىڭ« ئىنساننىڭ يارىتىلىشى ھەققىدە قۇرائان كەرىم ھەقىقەتلىرى » ناملىق ئەسىرىدىن

(3)، ئىمام ئەھمەد نەسائىي رىۋايىتى يىسنىج ەتتەۋىسانۇم نەگنەلكەچ رلاشىئ ئەر- خوتۇن چىلى ق سىرلىرىنى ساقلاشنىڭ زۆرۈرلىكى.

(1) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
(2) سەئۇدى ئەرەبىستانىلىق مەشھۇر ئىچكى كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى دوكتور مۇھەممەد ئەلى بارنىڭ« ئىنساننىڭ يارىتىلىشى ھەققىدە قۇرائان كەرىم ھەقىقەتلىرى » ناملىق ئەسىرى دىن.
(3) ،ئىمام ئەھمەد نەسائىي رىۋايىتى.
1381سوئال:ئەر- خوتۇنچىلى قنىڭ سىرلىرىنى يېيىشنىڭ قانداق زىيىنى بار؟#

جاۋاب: ئەر- خوتۇنچىلىقنىڭ سىرلىرىنى سىرتقا تارقىتىش تولىمۇ يامان ئەخلاقسىزلىق ۋە ئەدەپسىزلىك بولۇپ، ئەر- ئاياللىقنىڭ مۇقەددەس رىشتىسىگە قىل ىنغان ئەڭ ئېغىر جىنايەتتۇر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالا: م مۇنداقلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ« قىيامەت كۈنىدە ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ يامان ئادەم ئەر- خوتۇنچىلىقنىڭ سىرلىرىنى سىرتقا يايغان كىشىدۇر»(1) دېگەن: چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە، ئەر بىلەن ئايالنى كىيىمگە ئوخشىتىپ﴿ ئۇلار سىلەر ئۈچۈن كىيىمدۇر، سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن كىيىمسىلەر﴾(2) دېگەن، بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى شۇكى كىيىممۇ ئىنساننىڭ تېنىنى سوغۇقتىن ۋە ئىسسىقتىن مۇداپىئە قىلىپ، ئۇياتلىق جايلىرىنى ئېچىلىپ قېلىشتىن يۆگەپ ساقلىغاندەك، سىلەرمۇ بىر بىرىڭلارنىڭ سىرلىرىنى، ئېيىپلىرىنى ۋە ئىككىڭلار ئارىسىدىكى ئەر-خوتۇنچ ىلىقنىڭ سىرلىرىنى كىشىلەرنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن يوشۇرۇپ ساقلىشىڭلار كېرەك دېگەنلىكتۇر.

(1) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
(2) بەقەرە سۈرىسى178 - ئايەت.
(3) تالاق سۈرىسى1 - ئايەت.
1382سوئال:ئايلىق ئادىتى مەزگىلىدىكى (ھەيزدار) ئايالنى تالاق قىلىشقا بولامدۇ؟#

جاۋاب: ئايلىق ( ئادىتى مەزگىلىدىكى ئايالنى تالاق قىلىشقا بولمايدۇ تالاق يەنى ئاجرىشىش ) ئاللاھقا ئەڭ ياقمايدىغان ئىشلارنىڭ بىرىدۇر ئىنسانلارنىڭ ئېھتىياجى سەۋەبلىك زۆرۈر تېپىلغاندا تالاققا رۇخسەت قىلىنغان بولسىمۇ، ھەر قانداق ۋاقىتتا تالاق قىلىش چەكلەنگەن ئاللاھقا ئىمانى بار مۇسۇلمان ئادەم ئايالىنى تالاق قىلماقچى بولسا، ئۇنى ئادەت كۆرگەن مەزگىلىدە ئەمەس، بەلكى ئادەتنىڭ قېنىدىن پاك ۋە ساق ۋاقتىدا، ئۇنىڭغا جىنسىي تەرەپتىن يېقىنلاشماستىن تالاق: قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەپ بۇيرۇغان﴿ ئى پەيغەمبەرۇ ئېيتقىنكى، سىلەر ئاياللى، رىڭلارنى تالاق قىلماقچى بولساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتىگە (ئۇدۇللاپ پاك ھالىتىدە) تالاق قىلىڭلار﴾(3)

(2) بەقەرە سۈرىسى 178 - ئايەت

(3) تالاق سۈرىسى 1 - ئايەت بالىلار ئارىسىدا ئادالەتلىك بولۇشنىڭ زۆرۈرلىكى.

(1) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
(2) بەقەرە سۈرىسى178 - ئايەت.
(3) تالاق سۈرىسى1 - ئايەت.
1383سوئال:بالىلار ئارىسىدا ئايرىمىچىلىق قىلىشقا بولامدۇ؟#

جاۋاب: بالىلار ئوتتۇرىسىدا ئايرىمىچىلىق قىلىپ بىرىنى يەنە بىرىدىن ئۈستۈن كۆرۈش ياكى ئۇلارنىڭ بىرىگە ئايرىم مۇئامىلە قىلىش ياكى كۆپرەك بىر نەرسە بېرىش ھەقسىزل ىق بولۇپ، ئاللاھ تائالا ھەقسىزلىق قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ بالىلار ئارىسىدا ئاي رىمىچىلىق قىلىشنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرە تلىك زىيانلىرى كۆپتۇر دۇنيادا بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىناقلىققا تەسىر يېتىدۇ، ئارىسىدا بىر- بىرىنى كۆرەلمەسلىك، دۈشمەنلىك ئۇرۇقلىرىنى چاچىدۇ مۇنداق ھەقسىزلىقنى سادىر قىلغان كىشى ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ.

(1) نىسا سۈرىسى11 - ئايەت.
1384سوئال:مىراستا بالىلار ئارىسىدا ئايرىمىچىلىق قىلىش توغرىمۇ؟#

جاۋاب: ، مىراس مەسىلىسىنى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئۆزى بىۋاسىتە بەلگىلەپ كىمنىڭ قانچىلىك ئالىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئادالەتسىزلىك قىلىپ، ئۆزى ياقتۇرىدىغان بالىلىرىغا مىراستىن كۆپرەك بېرىشى ياكى ئۆزى ياقتۇرمايدىغان بالىلىرىنى مىراستىن مەھرۇم قىلىشى ياكى شۇنداق قىلىشقا ۋەسىيەت قىلىپ قالدۇرۇشى ئاللاھ توسقان ھارام ئىشنى قىلغانلىق بولۇپلا قالماستىن، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىگە قارشى چىقىپ ئۆز بېشى مچىلىق قىلغانلىقتۇر شۇڭا مۇنداق ھەقسىزلىقنىڭ گۇناھى ئېغىر، جازاسى قاتتىق بولىدۇ ئىسلام قانۇنىدا، ئۆلگۈچىن ىڭ ۋارىسلىرىنىڭ ئالىدىغان مىراس مىقدارى ھەققىدە قالدۇرغان ۋەسىيىتى بىكاردۇر ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىنمايدۇ ئەمما ۋارىس لىرىغا زىيان يەتكۈزمەسلىك شەرتى بىل ەن باشقىلار ھەققىدە قىلغان ۋەسىيەتلىرى بولسا، ئۇ: يۈرگۈزۈلىدۇ شۇڭا مىراس قانۇنى ھەققىدە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن ﴿ ئاتا- ئاناڭلار ۋە بالىلىرىڭلاردىن قايسىسىنىڭ مەنپەئەت جەھەتتىن ئۆزۈڭلارغا ئەڭ يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىلەر، بۇلار ئاللاھت ەرىپىدىن بېكىتىلگەن بەلگىلىمىدۇر ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر﴾(1 )

(1) نىسا سۈرىسى 11 - ئايەت نەسەبنى قوغداشنىڭ زۆرۈرلۈكى.

(1) نىسا سۈرىسى11 - ئايەت.
1385سوئال:نەسەبنى قانداق ساقلاش كېرەك؟#

جاۋاب: بىر ئادەمنىڭ نەسەبى ئۇنىڭ كىملىكىدۇر شۇ ڭا ئىسلام دىنى كىشىلەرنىڭ نەسەبىنى قوغداشقا زور ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن باشقا بىرىنىڭ بالىسىنى ئۇنىڭ نەسەبىنى ئۆزگەرتىپ، نامىنى ئۆزىگە قارىتىپ بېقىۋېلىشنى مەنئى قىلغان ئەمما بىراۋ بىر بالىنى بېقىۋالماقچى بولسا، ئۇنى ئۆز ئاتىسىنىڭ نامى ۋە نەسەبى بىلەن ئاتىشى شەرت قىلىنىدۇ شۇنىڭدەكيېتىم بالىلارنى ياكى يولغا تاشلىۋېتىلگەن ئىگىسى يوق بالىلارنى ياكى يېتىمخانىلاردىكى ئىگىسىز بالىلارنى بېقىۋېلىپ، تە ربىيىلەپ، ئوقۇتۇپ قاتارغا قوش قان ئادەمنىڭ مۇكاپاتىنى ئاللاھ تائالا ئەلۋەتتە تولۇق بېرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىس: سالامنىڭ« مەن يېتىمنى باققان كىشى بىلەن جەننەتتە مۇشۇنداق ىز م»(1) دەپ كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنى جۈپلەپ كۆرسەتكەنلىكىمۇ ئەنە ئاشۇ مۇكاپاتنىڭ بېشارىتىدۇر ئاتىنىڭ بالىسىغا تېنىشى دۇرۇس ئەمەس.

(1) ئىمام بۇخارىي رىۋايەت قىلغان ھەدىس.
Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.