ھىجرەت، مەدىنە دەۋرى ۋە دەسلەپكى غازاتلار
This content is not yet available in your language.
ھىجرەت، مەدىنە دەۋرى ۋە ئىسلام تارىخىدىكى دەسلەپكى غازاتلار (سوئال 1020 – 1060)
بۆلۈم: “ھىجرەت، مەدىنە دەۋرى ۋە ئىسلام تارىخىدىكى دەسلەپكى غازاتلار (سوئال 1020 – 1060)”جاۋاب: ھىجرەت – دىنىي مەقسەتلەر بىلەن كۆچۆش قىلىش دېگەنلىكتۇر. مۇسۇلمانلار مەككىلىك مۇشرىكلەرنىڭ ھەر تۆرلۆك بېسىملىرى سەۋەبلىك -622 يىلى ھەممە نەرسىسىنى مەككىدە تەرك ئېتىپ، ئاللاھ يولىدا مەدىنە شەھىرىگە تۇنجى ھىجرىتىنى باشلىۋەتكەن.
جاۋاب: مەككە مۇشرىكلىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۆرۈپ يوق قىلىش ئارقىلىق بۇ يېڭى دىنغا خاتىمە بېرىش ئۆچۆن پۆتۆن قەبىلە باشلىقلىرى بىرلىشىپ، ھەر بىر قەبىلىدىن بىردىن ئادەم چىقىرىشنى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھەر بىرى بىردىن نەيزە سانجىش بىلەن ئۇنىـ ئۆلتۆرۈشنى پىلانلايدۇ. لېكىن ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ پىلانىنى بىتچىت قىلىپ، پەيغەمبىرىنى دۈشمەنلىرىنىڭ سۆيىقەستىدىن ساقلاپ قالىدۇ.
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن -622 يىلى -13 ئاۋغۇست كۆنى مەككىدىن ئايرىلىپ، -622 يىلى -23 سىنتەبىر كۆنى ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى بىلەن ئىككىسى مەدىنە شەھىرىگە يېتىپ بارىدۇ. بۇ تارىخ كېيىنچە ئىسلام كالىندارىغا ئايلىنىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدىنىگە كەلگەن يىلى ھىجرىيىنىڭ -1 يىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
جاۋاب: مەككە شىمالىدىكى مەدىنىگە بارىدىغان يولنى مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ ئەلبەتتە قاماللايدىغانلىقىنى بىلگەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىنىڭ يەمەن تەرەپكە كېتىدىغان جەنۇب تەرىپىگە قاراپ يولغا چىقىپ، تەخمىنەن 10 كىلومېتىر يول يۆرگەندىن كېيىن «سەۋر تېغى» دىكى سەۋر غارىغا يوشۇرۇنىدۇ. ئىزلاپ كەلگەن مەككە كۆچلىرى ئۇلارنى تاپالماستىن قايتىپ كەتكەندىن كېيىن يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ مەدىنىگە سالامەت يېتىپ بارىدۇ.
جاۋاب: ھىجرەتنىڭ ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلار ئۆچۆن كەلتۆرگەن ئىجابىي نەتىجىلىرى ئىنتايىن زوردۇر. قىسقىسى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇسۇلمانلار مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ بارغاندىن كېيىن، ئىبادەتلىرىنى ئەركىن، ئازادە ئورۇنداش، ئىسلام دىنىنى كەڭ تارقىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى ۋە مەدىنىدە تۇنجى ئىسلام دۆلىتىنى تەسىس قىلدى.
جاۋاب: مەدىنىلىك مۇسۇلمانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھىجرەت قىلىپ كەلگەن مەككىلىك مۇسۇلمانلارنى ئەڭ ئالى ئېھتىرام بىلەن قارشى ئالغاندىن تاشقىرى، ھەر بىرى مەككىلىك مۇسۇلمانلاردىن بىرىنى «قېرىندىشىم» دەپ ئېلان قىلىپ، ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئۆي – جاي ۋە نەرسە كېرەكلىرىنى تەڭدىن بۆلۆشتى.
جاۋاب: مۇھاجىر – مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەن مۇسۇلمانلار، ئەنسار – مەدىنىلىك مۇسۇلمانلارنى كۆرسىتىدۇ.
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدىنىگە كەلگەندىن كېيىن تۇنجى قىلغان ئىشى مەسجىد سېلىش بولغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېنىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۆز قولى بىلەن سالغان بۇ مەسجىد «مەسجىدى نەبەۋىي – پەيغەمبەر مەسجىدى» دەپ ئاتالدى ۋە ئىككى ھەرەمنىڭ ئىككىنچىسى، مۇقەددەس ئۆچ چوڭ مەسجىدنىڭ 1 بىرى بولۇپ داۋام قىلىپ )كەلمەكتە (.
جاۋاب: مەسجىدى نەبەۋىينىڭ ئىسلام تارىخىدىكى ئەھمىيىتى تۆۋەندىكىلەر: (1) مەسجىدى نەبەۋىي مۇسۇلمانلارنىڭ تۇنجى ئەركىن ئىبادەتگاھى ئىدى. (2) مەسجىدى نەبەۋىي ئىسلام دۆلىتىنىڭ قوماندانلىق مەركىزى ئىدى. (3) مەسجىدى نەبەۋىي پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قارارگاھى ئىدى. (4) مەسجىدى نەبەۋىي ئىلىم – ئىرپان تارقىتىش ئورنى ئىدى. (5) مەسجىدى نەبەۋىي ئىسلام دەۋىتىنىڭ مەركىزى ئىدى. (6) مەسجىدى نەبەۋىي ھەر قانداق بىر مەسىلىدە قارار چىقىرىش ئورگىنى ئىدى. (7) مەسجىدى نەبەۋىي نىكاھ ۋە باشقىمۇ دىنىي مۇراسىملارنى ئېلىپ بېرىش ئورنى ئىدى. (8) مەسجىدى نەبەۋىي مۇساپىرلارنىڭ، يوقسۇللارنىڭ پاناھگاھى ئىدى. (9) مەسجىدى نەبەۋىيدىكى «سۇففە» دېگەن جاي ئەينى ۋاقىتتا بىر ئىككى ھەرەمنىڭ بىرىنچىسى مەسجىدى ھەرەم، ئىككىنچىسى مەسجىدى نەبەۋى بولۇپ، (1) ئىسلامدىكى ئۆچ مۇقەددەس مەسجىدنىڭ بىرىنچىسى مەسجىد ھەرەم، ئىككىنچىسى مەسجىدى نەبەۋى، ئۆچىنچىسى پەلەستىندىكى مەسجىدى ئەقسادۇر. ئۇنىۋېرسىتېتقا ئوخشاش بىلىم تەھسىل قىلىش ئورنى ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھەدىسلەرنى رىۋايەت قىلغان ساھابىلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇ سۇففىدە ئولتۇرۇپ ئاڭلىغان ھەدىسلەرنى ۋە ئۆگەنگەن شەرىئەت ئەھكاملىرىنى يادلاش ۋە يېزىپ قالدۇرۇش يولى بىلەن ساقلاپ، كېيىنكىلەرگە ئۆز ئەينى يەتكۆزگەن.
جاۋاب: ئىسلام تارىخىدا تۇنجى ئەزاننى بىلال ئىبنى رەباھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەسجىدى نەبەۋىيىدە ئوقۇغان.
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇ جايدا تۇنجى ئىسلام دۆلىتى قۇرۇلۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىدە ياشايدىغان مۇسۇلمانلار، يەھۇدىيلار ۋە مۇشرىك ئەرەبلەر ئۆچۆن 52 ماددىلىق «مەدىنە «دەستۇرى ناملىق باياناتنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق مەدىنىدە ئىسلام دۆلىتى تەركىبىدىكى بارلىق گراجدانلارنىڭ، ئېتىقاد ئەركىنلىكى، ئۆزئارا ئىناقلىق ۋە چىقىشىش بىلەن ياشىشى، سىرتقى دۈشمەنلەردىن مەدىنە دۆلىتىنى بىرلىكتە مۇداپىئە قىلىش مەجبۇرىيىتى قاتارلىق پىرىنسىپلارنى بەلگىلىدى. بۇ ئەينى ۋاقىتتا كىشىلىك» ھوقۇق» باياننامىسىنى دۇنيا تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىپ، ئەمەلىي ھاياتقا تەتبىقلاش ئىدى.
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ بېرىپ تاكى ۋاپات بولغىنىغا قەدەر مەدىنە دەۋرىدە قولغا كەلتۆرۈلگەن ئىجابىي نەتىجىلەرنىڭ مۇھىملىرى قىسقىچە تۆۋەندىكىلەر: (1) مۇسۇلمانلار مەدىنىدە ئىسلام دىنىنىڭ بارلىق پىرىنسىپلىرىنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى. (2) ئىسلام دىنىنىڭ شەرىئەت ئەھكاملىرى ۋە ئەمەل ئىبادەتلەرنىڭ سىستېمىلىرى مەدىنە دەۋرىدە بارلىققا كەلدى. (3) ئىسلام دىنى مەدىنىدە پۆتۆنلەندى، قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل بولىشىمۇ مەدىنىدە تاماملاندى. (4) مۇسۇلمانلار ئۇلارنى يوق قىلماقچى بولغان كۆچلەر ئالدىدا ئۆزىنىڭ قۇدرىتىنى ئىسپاتلىدى ۋە ئىسلام دەۋىتىنىڭ يولىنى ئاچتى. (5) مۇسۇلمانلار تۇنجى قېتىم قۇۋۋەت-كۆچ ۋە ھەر تەرەپتىن ئۆستۆنلۆككە مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە ئېرىشكەن. (6) مەدىنە دەۋرىدە نۇرغۇنلىغان ئەرەب قەبىلىلىرى ئۆزلىكىدىن -توپ توپ بولۇپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان. شۇنىڭ بىلەن پۆتۆن ئەرەب يېرىم ئارىلى ئىسلام بايرىقى ئاستىدا بىرلەشكەن. (7) ئىسلامنىڭ مەدىنە دەۋرىدە، ئەتراپتىكى ئەرەب ئەمەس، مىللەتلەرگىمۇ ئىسلام دەۋىتى يېتىپ بارغان.
جاۋاب: ئىسلام دىنى ھەممىدىن بۇرۇن پۆتۆن ئىنسانلارنىڭ تىنچلىق ۋە ھۇزۇر ئىچىدە ياشىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. بۇ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا، بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى ئىشقا سالىدۇ. بۇ يولدا ئۇچرىغان توقۇنۇشلارنى ئەڭ ئاۋۋال تىنچلىق، سۆھبەت ياكى سۆلھى يولى بىلەن ھەل قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇندا قويىدۇ. بۇ چارىلەر كارغا كەلمىگەندە، ئۇرۇشنى ئەڭ ئاخىرقى چارە سۆپىتىدە تاللايدۇ. پەقەت تىنچلىق بىلەن خاتىرجەملىك تەھدىتكە ئۇچرىغاندا ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى ئاياق ئاستى قىلىنغاندا ياكى ئۇلار ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا ۋە ياكى مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر ئىسلام دەۋىتىنى ئىنسانلار ئارىسىدا قانات يايدۇرۇش ئىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش ئاچقان چاغدا مۇسۇلمانلار ئۇرۇش سەپەرۋەرلىكىگە ئۆتىدۇ. مۇنداق ئۇرۇش ئىسلام دىنىدا «جىھاد دەپ ئاتىلىدۇ. مەلۇمكى، جىھاد ئەڭ كاتتا ئىبادەتتىن سانىلىدۇ. مىلادىيە-628 يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇسۇلمانلار قوشۇنى شۇنچىلىك كۆچلۆك تۇرسىمۇ، قان تۆكۆلۆشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتى بىلەن «ھۇدەيبىيە شەرتنامىسى»دىكى ناھەق شەرتلەرنى قوبۇل قىلغانلىقى، كېيىن مەككىنى بىر ئادەمنىڭمۇ قېنىنى ئېقىتماستىن تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلغانلىقى، ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ پەلەستىندىكى بەيتۇلمەقدىس شەھىرىنى بېسىۋالغان ياۋروپالىق خرىستىئان ئاققۇنلىرىغا ئۇرۇش ئاچماستىن، ئىمبارگو قىلىش چارىسىنى تاللاش ئارقىلىق شەھەرنى تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلغانلىقى، كېيىنچە سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭمۇ بۇ شەھەرنى شۇ يول بىلەن قايتا ئازاد قىلغانلىقى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەزەلدىن ئۇرۇشخومار ئەمەسلىكىنى، ئىسلام دىنىنىڭ تىنچلىق بىلەن ئىش كۆرۈشنى ئۇرۇش قىلىشتىن ئەلۋەتتە ئەۋزەل كۆرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇرۇشلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى ئىسلام دىنىنى ۋە مۇسۇلمانلارنى يوق قىلماقچى بولغانلارغا قارشى مۇداپىئەلىنىش يۆنىلىشىدە ئىلىپ بېرىلغانلىقىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بارلىق ئۇرۇشلىرىنىڭ ھەممىسى مەدىنە شەھىرى ئەتراپىدا بولغانلىقىمۇ، ئىسلام دىنىنىڭ ئۆز تەۋەلىرىنىڭ باشقىلارنىڭ زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلىشىغاـ يول قويمايدىغانلىقىـ ۋە زۆرۈر كەلگەندە ئۆزلىرىنىـ قوغداش يۆزىسىدىنلا ئۇرۇشۇشنى قارار قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا.
جاۋاب: ئىسلام تارىخىدا چوڭ كۆلەملىك ۋە ھەل قىلغۇچ تۇنجى ئۇرۇش بەدىر ئۇرۇشى بولۇپ، مەككىلىك مۇسۇلمانلار مەككىدە ئائىلىلىرى، ئۆي – ماكانلىرى ۋە ھەر نەرسىسىنى تەرك ئېتىپ مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن، مەككىلىك مۇشرىكلەر ئۇلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى پۆتۆن نەرسىلىرىنى تالان – تاراج قىلىدۇ، ئۆيلىرىنى يىقىتىپ تاشلايدۇ، ئائىلە ئەزالىرىنى ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنى قىيىن – قىستاقلارغا ئالىدۇ. مەدىنىدىكى مۇسۇلمانلار مۇشرىكلەرنىڭ بۇ جىنايەتلىرىگە قارشى ئۇرۇش ئېچىشنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كۆپ قېتىم تەلەب قىلغان بولسىمۇ، ئاللاھنىڭ ئەمرى كەلمىگىچە ئۇلارغا ئۇرۇش قىلىش رۇخسىتى بېرىلمەيدۇ. بىر كۆنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قۇرئان كەرىمنىڭ زۇمەر سۆرىسىنىڭ: ھۇجۇم﴿ قىلىنغۇچىلارغا، زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقلىرى ئۆچۆن، قارشىلىق) (كۆرسىتىشكە رۇخسەت 1 قىلىندى، ئاللاھ ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە ئەلۋەتتە قادىر﴾ دېگەن ئايىتى چۆشۆشى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ مۇشرىكلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشىغا رۇخسەت بېرىلىدۇ. بۇ ئۇرۇش «بەدىر ئۇرۇشى» دەپ ئاتىلىدۇ.
جاۋاب: بەدىر ئۇرۇشى ھىجرىيىنىڭ -2 يىلى (م 624) رامىزان ئېيىنىڭ -17 كۆنى جۆمە سەھەر ۋاقتىدا مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىنىڭ غەربى جەنۇبىغا جايلاشقان بەدىر دېگەن جايدا بولغان. بەدىر ھازىر مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىگە قاراشلىق بىر ناھىيىدۇر.
جاۋاب: بەدىر ئۇرۇشىغا قېتىلغان مۇسۇلمان ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 314 كىشى بولۇپ، ئۇلاردىن ئاران ئىككى كىشى ئاتلىق، قالغانلىرى پىيادە ئىدى. ئەمما مەككىلىك مۇشرىك ئەسكەلەرنىڭ سانى 1300 كىشى بولۇپ، ئۇلاردىن ئاتلىقلارنىڭ سانى دىن 100 كۆپرەك ئىدى. بۇ ئۇرۇشتا مۇسۇلمانلاردىن 14 كىشى شېھىد بولغان. مۇشرىكلەردىن 70 كىشى ئۆلتۆرۈلگەن ۋە 70 ى ئەسىرگە ئېلىنغان. غەلىبە مۇسۇلمانلار تەرىپىگە بولغان.
جاۋاب: بەدىر ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋە مۇھىم غەلىبىسى مۇشرىكلەرنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ قۇدرەتلىك بىر كۆچ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى بولدى. ھەج سۆرىسى -39 ئايەت. ) (.
جاۋاب: مۇسۇلمانلار بەدىر ئۇرۇشىدا ئەسىرگە چۆشكەن مۇشرىك كۆچلىرىگە ئەڭ ئېسىل ئىنسانى مۇئامىلىدە بولدى. ئەسىرلەردىن ئوقۇش ۋە يېزىشنى بىلىدىغانلىرىنىڭ ھەر بىرىنى مۇسۇلمانلاردىن 10 بالىنىڭ ساۋادىنى چىقىرىپ قويۇشى بەدىلىگە قويۇپ بېرىش، ئوقۇش ۋە يېزىشنى بىلمەيدىغانلاردىن مەلۇم مىقداردا فىدىيە ماددىي) (تۆلەم ئېلىپ قويۇپ بېرىش سىياسىتىنى قوللاندى.
جاۋاب: ئۇھۇد ئۇرۇشى ھىجرىيىنىڭ -3 يىلى شەۋۋال ئېيىنىڭ كۆنى-7 مىلادىيە) -625 يىلى (مارت-23 مەدىنەمۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى ئۇھۇد تېغىدا بولغان. ئۇھۇد ئۇرۇشى مەككىلىك مۇشرىكلەرنىڭ بەدىر ئۇرۇشىدا يېڭىلگەنلىكىنىڭ ئۆچىنى ئېلىش ئۆچۆن مەدىنە شەھىرىگە بېسىپ كېلىشى سەۋەبلىك بولغان.
جاۋاب: ئۇھۇد ئۇرۇشىغا مۇسۇلمان ئەسكەرلىرىدىن 700 كىشى، مۇشرىك كۆچلىرىدىن كىشى 3000 قاتناشقان ئىدى. ئۇھۇد ئۇرۇشى ئىككى يۆنىلىش بىلەن بولغان بولۇپ، بىرىنچى يۆنىلىشتە مۇسۇلمانلار غەلىبە قىلغان، ئىككىنچى يۆنىلىشتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاغقا ئورۇنلاشتۇرۇپ مۇداپىئەنى قەتئىي بوشاتماسلىقىنى بۇيرىغان ئىسلام قوشۇنلىرىنىڭ بۇيرۇقنى ئىجرا قىلمىغانلىقى سەۋەبلىك مۇسۇلمانلار ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئاخىرىدا مۇشرىكلەرنى چېكىندۈرگەن. بۇ ئۇرۇشتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى ھەزرىتى ھەمزە بىلەن بىرلىكتە 70 مۇسۇلمان ئەسكىرى شېھىد بولغان، مۇشرىكلەردىن 22 كىشى ئۆلتۆرۈلگەن.
جاۋاب: خەندەك ئۇرۇشى يىلى-5 ھىجرىيىنىڭ شەۋۋال ئايدا (م 627) مەدىنىگە يېقىن بىر جايدىكى سەل تېغىنىڭ ئېتەكلىرىدە بولغان.
جاۋاب: مەككە ۋە ھىجاز رايونىدىكى بارچە مۇشرىك كۆچلىرى مەدىنىدىكى يەھۇدىيلار بىلەن ئاستىرىتتىن تىل بىرىكتۆرۈپ، 10،000 كىشىلىك قوشۇن بىلەن مۇسۇلمانلارنى پۆتۆنلەي يوق قىلىپ ئىسلام دىنىغا خاتىمە بېرىش ئۆچۆن مەدىنىگە قاراپ يولغا چىققانلىقى سەۋەبلىك بولغان. بۇ ئۇرۇش بىرلەشكەن زور كۆچلەرنىڭ ئەسكەر تارتىپ كەلگەن ھۇجۇمى بولغانلىقى ئېتىبارى بىلەن تارىخىي «غەزۋەتۇل مەنبەلەردە ئەھزاب – بىرلەشمە كۆچلەرنىڭ ھۇجۇمى» دەپ ئاتىلىدۇ.
جاۋاب: بۇ ئۇرۇشتا ئىرانلىق سەلمان فارسىي ئىسىملىك بىر ساھابە مەدىنىگە بېسىپ كەلمەكچى بولغان دۈشمەن كۆچلىرىنىڭ ئالدىنى توسۇش ئۆچۆن مەدىنە شەھىرىنىڭ ئەتراپىغا خەندەك كولاش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. سەلماننىڭ بۇ پىكرى قوبۇل قىلىنىپ مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن مەدىنە شەھىرىنىڭ ئەتراپىغا چوڭقۇر بىر خەندەك قېزىلغان. خەندەكنىڭ بىرلەشكەن دۈشمەن كۆچلىرىنىڭ مەدىنە شەھىرىگە كىرىشىنى توساپ قالغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلارنى يوق قىلىش پىلانىنىڭ بىتچىت بولىشىغا سەۋەب بولغانلىقى تۆپەيلى بۇ ئۇرۇش «خەندەك ئۇرۇشى» دەپ ئاتالغان.
جاۋاب: خەندەك ئۇرۇشى 27 كۆن داۋام قىلغان. ئاخىرىدا ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمى بىلەن چىققان چوڭ بىر بوران دۈشمەن تەرەپنىڭ مەنىۋىيىتىنى چۆشۆرىۋەتكەن بولۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا بىرلەشمە كۆچ چېكىنگەن ۋە مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىدىن ئامان قالغان.
جاۋاب: ھۇدەيبىيە كېلىشىمى ھىجرىيىنىڭ -6 يىلى -11 ئايدا (م 628) بولغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە مۇسۇلمانلار ئانا يۇرتى بولغان مەككىگە بېرىپ كەبىنى زىيارەت قىلىش ئۆچۆن يولغا چىقىپ، مەككىگە يېقىن «ھۇدەيبىيە» دېگەن جايغا كەلگەندە، مەككىلىك مۇشرىكلەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسقانلىقى سەۋەبلىك ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا بولغان كېلىشىمدۇر.
جاۋاب: ھۇدەيبىيە كېلىشىمىنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى: (1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇسۇلمانلار مەدىنىگە قايتىپ كېتىپ، كېلىدىغان يىلى قورالسىز ھالدا، مەككىگە كىرىشى ۋە ئۆچ كۆن مۇددەت ئىچىدە زىيارىتىنى تۆگىتىپ قايتىپ كېتىشى. (2) مۇسۇلمانلار بىلەن مۇشرىكلەر ئوتتۇرىسىدا 10 يىل مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىلىشى. (3) ئەرەب قەبىلىلىرىدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام باشچىلىقىدىكى مۇسۇلمانلار بىلەن ئىتتىپاقداش بولۇشنى خالىغانلانىڭ مۇسۇلمانلار تەرەپكە، قۇرەيشلەر باشچىلىقىدىكى مۇشرىكلەر بىلەن ئىتتىپاقداش بولۇشنى خالىغانلارنىڭ مۇشرىكلەر تەرەپكە قوشۇلۇش ئەركىنلىكى بولىشى. بۇ ئىككى پىرقىنىڭ قايسىبىرى بىلەن ئىتتىپاقداش بولغان قانداقلا بىر قەبىلىنىڭ شۇ پىرقىدىن سانىلىشى ۋە ئۇ قەبىلىگە قارىتىلغان قانداقلا بىر دۈشمەنلىك ياكى زىيانكەشلىكنىڭ ئۇ قەبىلە ئىتتىپاقداش بولغان پىرقىغا قارىتىلغان دۈشمەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقى. (4) مەككىلىكلەردىن مەدىنىگە قېچىپ بارغانلارنى مۇسۇلمانلارنىڭ مەككىلىكلەرگە قايتۇرۇپ بېرىشى، مەدىنىدىن مەككىگە قېچىپ كەلگەنلەرنى مۇسۇلمانلارغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىك.
جاۋاب: مۇسۇلمانلار ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىختىيارىي ھالدا بويسۇندۇرۇپ بولغان ۋە پەۋقۇلئاددە قۇدرەت تاپقان ۋە مەككىلىكلەرنى يېڭىشىدا ھېچقانداق شەك قالمىغان تۇرۇپ، بۇ كېلىشىم شەرتلىرىنىڭ مۇسۇلمانلار ئۆچۆن شۇنچىلىك ناھەق ۋە ئادالەتسىز بولغىنىغا قارىماي پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قان تۆكۆلۆشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۆچۆن مەككىلىكلەرنىڭ بۇ ھەقسىز شەرتلىرىنى قوبۇل قىلغان ۋە نۆۋەتتىكى سەپىرىدە مەككىگە كىرەلمەستىن مەدىنىگە قايتىپ كەتكەن.
جاۋاب: ھۇدەيبىيە كېلىشىمى مەككىلىك مۇشرىكلەر تەرىپىدىن بۇزۇلغان. قۇرەيشلەرنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان بەكىر قەبىلىسىنىڭ ئادەملىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان خۇزائە قەبىلىسىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئادەملىرىنى ئۆلتۆرۈپ تاشلىغانلىقى سەۋەبلىك مۇسۇلمانلار بىلەن قۇرەيشلەر ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق كېلىشىمى مۇشرىكلەر تەرىپىدىن بۇزۇلغان.
جاۋاب: خەيبەر ئۇرۇشى ھىجرىيىنىڭ -7 يىلى (م 628) بولغان. ئۇرۇشنىڭ سەۋەبى شۇكى، خەيبەر رايونى يەھۇدىيلارنىڭ ئەڭ كۆچلۆك قەلئەسى بولۇپ، يەھۇدىيلار مەككىلىك مۇشرىكلەر بىلەن ئاستىرىتتىن بىرلىشىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇسۇلمانلارنى يوق قىلىشنى پىلانلىغانلىق سەۋەبتىن، مۇسۇلمانلار ئۇلارنى ئۇجۇقتۇرۇش قارارىنى ئېلىپ خەيبەر ئۇرۇشىنى باشلىغان. غەلىبە مۇسۇلمانلارنىڭ پايدىسىغا بولۇپ خەيبەر رايونى يەھۇدىيلارنىڭ قولىدىن ئازات قىلىنغان.
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇسۇلمانلار ھىجرەت سەۋەبى بىلەن مەككىدىن ئۇزاق بىر ئايرىلىشتىن كېيىن، ھىجرىيىنىڭ يىلى-8 (م 630) تۇنجى قېتىم كەبىنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.
جاۋاب: مۇئتە ئۇرۇشى ھىجرىيىنىڭ -8 يىلى (م 629) ئاۋغۇست ئېيىدا، بىزىنتىيە ئىمپېراتورلىقىغا قارام بۇرسا ئەمەلدارىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ئۆچۆن ئەۋەتكەن ئەلچىنى ئۆلتۆرۈپ تاشلىغانلىقى سەۋەبلىك بولغان ئۇرۇشتۇر. چۆنكى ئەلچىلەرنى ئۆلتۆرۈش ئەڭ ئېغىر جىنايەت بولۇپ، ئۇ ئەلچى مەنسۇپ بولغان تەرەپكە ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىقلىقنىڭ بىر ئىشارىتى ئىدى.
جاۋاب: مۇئتە ئۇرۇشىغا قاتناشقان مۇسۇلمان ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 3000، دۈشمەن ئەسكەرلىرىنىڭ سانى رىملىقلاردىن 100 مىڭ، خرىستىئان ئەرەبلەردىن 100 مىڭ، جەمى 200 مىڭ كىشىلىك مۇنتىزىم قوشۇن ئىدى. مۇسۇلمانلار ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆزىدىن 66 ھەسسە كۆپ بولغان دۈشمەن ئەسكىرىنىڭ ئارىسىغا ئېتىلىپ كىرىپ، ئۇلارغا تاقابىل تۇرالىغان ۋە تاكتىكىلىق ھالدا چېكىنىپ سالامەت قايتقان.
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇسۇلمانلار مەككىنى ھىجرىيىنىڭ -8 يىلى رامىزان ئېيىنىڭ كۆنى-20 (م 630) ئازات قىلىپ، مەدىنىدىكى ئىسلام دۆلىتىنىڭ تەۋەلىكىگە ئۆتكۆزگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىگە ئەسكەر تارتىپ كېلىشىنىڭ سەۋەبى مەككىلىك مۇشرىكلەرنىڭ ھۇدەيبىيە كېلىشىمىنى بۇزغانلىقى ئىدى.
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككە ئازات بولغان كۆنى تۇنجى قىلغان ئىشى كەبىنىڭ ئىچىدىكى بۇتلارنى چېقىپ تاشلاپ، كەبىنى پاكىزلاش بولدى. كەبىگە مەككىدىكى ھەر قەبىلە ئۆزلىرى چوقۇنىدىغان بۇتلىرىنى تىزىۋالغان بولۇپ، جەمى 360 بۇت بار ئىدى.
جاۋاب: مەككە ئازات بولغان كۆنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككىنچى قىلغان ئىشى خۇتبە ئوقۇش ۋە مەككىلىك ئۇرۇشچى كۆچلەرنى كەچۆرۈش بولغان ئىدى. قۇرەيش قەبىلىسى باشچىلىقىدىكى مەككىلىك ئەرەبلەر مەككە ئازات بولغان كۆنى بىر تەرەپتىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارنى قانداق ئېغىر جازالارغا تارتىدىغانلىقى ۋە ئىلگىرى ئۇنىڭغا قىلغان ۋەھشىيىلىكلىرىنىڭ ئىنتىقامىنى قانداق ئېچىنىشلىق ئالىدىغانلىقىنى كۆتۆپ، بىر تەرەپتىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ئىبارەت مېھرى – شەپقىتى، كۆڭلىنىڭ يۇمشاقلىقى، كەچۆرۈمچانلىقى قاتارلىق ئەڭ ئالىي خىسلىتى ۋە گۆزەل ئەخلاقى بىلەن ھەممىگە بىردەك تونۇلغان ئۇلۇغ بىر ئادەمزاتنىڭ شەپقىتىگە تەلمۆرۈپ، قاتتىق قورقۇنچنىڭ يېنىدا ئۆمىدلىرىنى ئۆزمىگەن ھالدا تۇرۇشاتتى. شۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا خىتاب قىلىپ: «ئى قۇرەش !جامائەسى مېنى سىلەرنى قانداق قىلىدۇ دەپ «ئويلايسلەر؟ دەيدۇ. ئۇلار ھەممىسى بىر ئېغىزدىن چىققاندەكلا «ياخشىلىقنى كۆتىمىز. قېرىندىشىمىز ۋە قېرىندىشىمىزنىڭ ئوغلى بولغان زات كەرەملىكتۇر» دېيىشىدۇ. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: مەنمۇ» خۇددى يۆسۆپ ئەلەيھىسسالامنىڭ قېرىنداشلىرىغا ئېيتقان بۆگۆن﴿ سىلەر ئەيىبلەشكە ئۇچرىمايسىلەر، ئاللاھ سىلەرنى ﴾كەچۆرسۇن 1 دېگەن سۆزىنى ئېيتىمەن. تارقىلىڭلار، !ئازاتسىلەر» دەيدۇ.
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككە ئازات بولغان كۆنى ئۆچىنچى قىلغان ئىشى كەبىنىڭ ئاچقۇچىنى ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىش بولغان ئىدى. كەبىنىڭ ئاچقۇچى ئوسمان ئىبنى تەلھە دېگەن كىشىنىڭ ئائىلىسىنىڭ قولىدا بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككە ئازات بولغان كۆنى كەبىنىڭ ئىچىگە كىرىش ئۆچۆن ئاچقۇچنى ئۇنىڭدىن سوراپ ئېلىپ، كەبىنى بۇتلاردىن تازىلاپ بولغاندىن كېيىن، ئاچقۇچنى يەنە ئۇسمان ئىبنى تەلھەنىڭ قولىغا توتقۇزغان ۋە «بۇ ئاچقۇچنى مەڭگۆلۆك ئالغىنكى، سېنىڭدىن بۇنى ھېچكىم تارتىپ ئالمايدۇ، سەندىن تارتىپ ئالماقچى بولغان ئادەم زالىمدۇر» دېگەن. كەبىنىڭ ئاچقۇچى شۇ 14 ئەسىرلىك ئۇزۇن تارىختىن بىرى ھازىرمۇ ئوسمان ئىبنى تەلھە جەمەتىنىڭ قولىدا بولۇپ كەلمەكتە. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھۆكۆمەت خادىملىرى كەبىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىشقا توغرا كەلگەندە، ئاچقۇچنى شۇلاردىن سوراپ ئالىدۇ ۋە يەنە شۇلارغا قايتۇرۇپ بېرىدۇ.
جاۋاب: تەبۇك ئۇرۇشى ھىجرىيىنىڭ يىلى-9 رەجەب ئېيىدا (م 631) بىزىنتىيە ئىمپېراتورلىقى مەدىنە ئىسلام دۆلىتىگە ھۇجۇم قىلىپ ئىسلام دىنىنى يوق قىلىشقا ئىبنى ناملىق«سىرە»ھىشامنىڭ ئەسىرىدىن. ) ( ئۇرۇنىشى سەۋەبلىك ئۇلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشتۇر. تەبۇك ئۇرۇشىغا 30 مىڭ ئىسلام ئەسكىرى ئىشتىراك قىلغان بولسىمۇ، بىزىنتىيە قوشۇنلىرى ئۇرۇش مەيدانىغا كەلمىگەنلىك سەۋەبلىك غەلىبە مۇسۇلمانلارنىڭ بولغان ۋە تەبۇك رايونى مۇسۇلمانلارنىڭ باشقۇرۇشىغا تىنچلىق بىلەن ئۆتكەن.
جاۋاب: ھۇنەين ئۇرۇشى ھىجرىيىنىڭ يىلى-8 شەۋۋال ئېيىدا (م 630) بولغان. بۇ ۋاقىت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىگە كىرگىنىگە دەل 19 كۆن بولغان ۋاقىت ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ باشچىلىقىدا مۇسۇلمانلار مەككىنى تىنچلىق بىلەن ئازات قىلغان بولسىمۇ، تېخى مۇسۇلمان بولمىغان بەزى ئەرەب قەبىلىلىرى ئىسلام دىنىنى يوق قىلىشتىن ئىبارەت خام خىيالىدىن ۋاز كەچمىگەن ئىدى. شۇ ئەسنادا ئەرەبلەرنىڭ ھەۋازىن قەبىلىسىنىڭ سەقىف، جۇشەم، سەئىد ئىبنى بەكرى ئايماقلىرى كۆپ ساندا ئەسكەر توپلاپ مۇسۇلمانلارغا قارشى رەسمىي تۆردە ئۇرۇش ئېلان قىلغان ئىدى. شۇ سەۋەبلىك ھۇنەين ئۇرۇشى يۆز بەرگەن.
جاۋاب: ھۇنەين ئۇرۇشىغا قاتناشقان مۇسۇلمان ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 12 مىڭ كىشى بولۇپ، بۇلاردىن 10 مىڭى مەككىنى ئازات قىلىش ئۆچۆن مەدىنىدىن كەلگەن ئىسلام قۆشۇنى، 2 مىڭى مەككىدە يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغانلاردىن ئىدى.
