ئەخلاقنىڭ تۈرلىرى ۋە شەخسىي-ئىجتىمائىي تەرەپلىرى
This content is not yet available in your language.
ئەخلاقنىڭ مۇناسىۋىتى ئېتىبارى بىلەن تۈرلىنىشى (سوئال 674 – 717)
بۆلۈم: “ئەخلاقنىڭ مۇناسىۋىتى ئېتىبارى بىلەن تۈرلىنىشى (سوئال 674 – 717)”جاۋاب: نەپس سۆزى قۇرئان كەرىمدە ئىنساننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى شەيئىلەر ئۆچۆن قوللىنىلغان بولۇپ، ئۇ تەسىرى ئىنساننىڭ تۇرۇشلىرىدا-يۆرۈش كۆرۈنۆپ تۇرىدىغان كۆپلىگەن ئىنسانىي سۆپەتلەر ۋە خۇسۇسىيەتلەرگە ئېگىدۇر. نەپسنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ئىنسانلارغا ئېنىق مەلۇم بولمىسىمۇ، ئەمما نەپسنىڭ كۆپلىگەن سۆپەتلىرى ۋە خۇسۇسىيەتلىرى ئىنساننىڭ تۇرۇشلىرىدا-يۆرۈش ئۆزىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.
جاۋاب: ئۆزىنى راھەتلەندۈرىدىغان ۋە ئىستەكلىرىگە قاندۇرىدىغان نەرسىلەرگە ھەۋەس قىلىش، قىزىقىش، تەلەب قىلىش، راھەت ۋە جاپانى ھېس قىلىش، شادلىنىش ۋە غەمكىن بولۇش، سۆيۆش ۋە نەپرەتلىنىش، ياقتۇرۇش ۋە يامان كۆرۈش، تەسىرلىك سۆزلەردىن ھېسسىياتقا كېلىش قاتارلىق ۋىجدانىي سۆپەتلەرنىڭ ھەممىسى نەپسنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىدىن سانىلىدۇ. شۇنىڭدەك، توغرا يولغا ھىدايەت تېپىش ياكى ئېزىش، ئۆزىنى پاكلاش ياكى بۇلغاش خۇسۇسىيەتلىرىمۇ نەپستە بولۇپ، ياخشىلىق ۋە يامانلىق مەنبەلىرى، ياخشى بىلەن ياماننى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى ۋە ياخشىلىق – يامانلىقتىن خالىغانلىرىنى قىلىش قابىلىيىتى نەپستە باردۇر. نەپس ياخشىلىق ياكى يامانلىق ئىشلەشكە قادىر بولۇپ، قىلغانلىرىنى بىلىپ قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئېگىدۇر. شۇڭا نەپسنىڭ ئىرادىسىنىڭ سىرتىدا بولغان ئىشلار ئۇنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ياكى سۆپەتلىرىدىن سانالمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن نەپس قىلغانلىرىدىن ئۆزى مەسئۇل بولۇپ، ياخشى قىلغانلىرىنىڭ مۇكاپاتىنى، يامان قىلغانلىرىنىڭ جازاسىنى ئېلىشقا ھەقلىق بولغان.
جاۋاب: مۇكاپات بىلەن جازا مەسئۇلىيەتنىڭ مېۋىسى بولۇپ، مەسئۇلىيەت بولمىغان ئىشتا مۇكاپات ياكى جازا دېگەنلەر بولمايدۇ. شۇڭا نەپس يامان قىلغان ئىشلىرى ئۆچۆن مالامەتكە، ياخشى قىلغان ئىشلىرى ئۆچۆن مەدھىيىگە لايىق بولىدۇ. نەپس قىلغان بارلىق ئىشلىرىدىن مەسئۇل بولغان ئىكەن، ئۇنىڭ يامان-ياخشى بارلىق ئىشلىرى خاتىرلىنىپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇ قىيامەت كۆنىدە بۇدۇنيادا قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى خاتىرلىنىپ يېزىلغان ھالەتتە كۆرىدۇ. ئادالەتنىڭ پىرىنسىپلىرىدىن بىرى جازالاشتىن ئاۋۋال ھېساب ئېلىش بولغىنىدەك، ھېساب ئېلىشنىڭ قائىدىلىرىدىن بىرى ھېساب بەرگۆچىگە ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ھەققىنى بېرىشتۇر. شۇڭا قىيامەت كۆنىدىكى ھېساب مەيدانىدا، ھەر بىر نەپس ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ئۆچۆن تىرىشىدۇ. قۇرئان كەرىمدىكى: ھەر﴿ ئادەم ئۆزى بىلەن بولۇپ كېتىدىغان، ھەر ئادەم قىلغان ئەمەلىنىڭ مۇكاپاتى تولۇق بېرىلىدىغان، ئۇلارغا 1 زۇلۇم قىلىنمايدىغان كۆننى ئەسلىگىن﴾ دېگەن ئايەت بۇنى ئىپادىلەيدۇ. ھەر نەپس ئۆزىنىڭ ياخشىلىق ۋە يامانلىقتىن ئىشلىگەنلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىشلىگەنلىكى ئۆچۆن ئۇ ئۆزىدىن ھېساب ئېلىشنىمۇ بىلىدۇ. شۇڭا قىيامەت كۆنىدە: ئۇنىڭغالله نامە﴿ ـ ئەمالىڭنى !ئوقۇغىن بۆگۆن ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ گۇۋاھ بولۇشۇڭ يېتەرلىك 2﴾ دېيىلىدۇ. نەپستە ياخشىلىق ۋە يامانلىق مەنبەلىرى، ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى ئىدراك قىلىش قابىلىيىتى ۋە بۇلارنىڭ قايسىسىنى قىلىشقا يېتەرلىك تۆرتكە بولغان ئىكەن، ئۇ ياخشى قىلغان ئىشلىرىدىن خاتىرجەملىك ھېس قىلىش، يامان قىلغان ئىشلىرى ئۆچۆن بىئارام بولۇپ، ئۆزىگە مالامەت قىلىش خۇسۇسىيىتى باردۇر. چۆنكى نەپس قانداقلا بىر يامانلىقنى ئىشلەشكە يۆزلەنگىنىدە، ئۆزىنىڭ ئىستەكلىرىنى، ھەۋەسلىرىنى ۋە شەھۋەتلىرىنى تىزرەك قاندۇرۇش ۋە بۇ لەززەتلەر بىلەن ۋاقىتلىق ھۇزۇرلىنىش تۆرتكىسى بىلەن ھەرىكەتكە ئۆتكەن بولىدۇ. نەپس قانداقلا بىر ياخشىلىقنى قىلىشقا يۆزلەنگىنىدە، ئۆزىدىكى ئىجابىي -تۆرتكىلەر ۋىجدانىنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق بېرىش، ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئارقىلىق جەننەتنى قازىنىش قىزغىنلىقى بىلەن ھەرىكەتكە ئۆتكەن بولىدۇ. ۋىجدان نەپسنى ھەمىشە ياخشىلىققا چاقىرىپ تۇرىدۇ. ئەمما نەپس ئۇنىڭغا قۇلاق بېرىش ياكى ئۇنى رەت قىلىش ئىشىدا ئىختىيار ئېگىسىدۇر. بۇ سەۋەبتىن نەپس ئۆز قىلمىشلىرىدىن جاۋابكار بولىدۇ.
جاۋاب: قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىگە ئاساسلانغان چۆشەنچىلەرنى تەھلىل قىلغاندا، ھەر قانداق بىر نەپستە ئۆچ خىل تۆرتكە بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەر بىرى نەپسنى ئۆز تەرىپىگە تارتىشقا تىرىشىدۇ. ئەمما نەپس بۇ ئۆچىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تاللاش ئىختىيارىغا ئېگىدۇر. بۇ ئۆچ خىل تۆرتكىنىڭ بىرى، ئالىي ھىممەت تۆرتكىسى، ئىككىنچىسى تۆۋەنلىك تۆرتكىسى، ئۆچىنچىسى ئوتتۇرھاللىق تۆرتكىسىدۇر.
جاۋاب: نەپسنىڭ ئالىي ھىممەت تۆرتكىسى – ئۇنى ياخشىلىققا چاقىرىپ نەھل -111 سۆرىسى ئايەت. ) ( ئىسرا -14 سۆرىسى ئايەت. ) ( تۇرىدىغان، پەزىلەتلەرنى ھېس قىلىدىغان، يامان قىلغان ئىشلىرى ئۆچۆن ئۆزىگە مالامەت قىلىدىغان، ياخشى قىلغان ئىشلىرى سەۋەبلىك سۆيىنىدىغان رەببانىي تەرەپنىڭ تۆرتكىسىدۇر.
جاۋاب: نەپسنىڭ تۆۋەن ھىممەت تۆرتكىسى – ئۇنى يامان ئىشلارغا چاقىرىپ تۇرىدىغان، مەسىيەتلەرنى-گۇناھ چىرايلىق قىلىپ كۆرسىتىدىغان ئۆزىنى قايىل قىلىدىغان، ھەقىقەتتىن شەكلىنىش، توغرا يولدىن ئادىشىش قاتارلىق ئازغۇنلۇقلارغا تەشەببۇس قىلىدىغان شەيتانىي تەرەپنىڭ تۆرتكىسىدۇر.
جاۋاب: نەپسنىڭ ئوتتۇرھاللىق تۆرتكىسى - ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرىنى-ئىش بەلگىلەيدىغان، ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ كۆچلۆك تۆرتكىلىرى ئوتتۇرىسىدا قالغان ئوتتۇرھاللىق تۆرتكىسىدۇر. ئىنسان نەپسى رەببانىي تەرىپىنىڭ چاقىرىقىغا قۇلاق بېرىپ، يۇقىرى تەرەپكە ئۆرلىگىنىدە، ئۇ «ئارام تاپقۇچى «نەپس قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، ئاللاھ تائالانىڭ كەرەمى-پەزلى بىلەن ئۆزىمۇ مەمنۇن بولغان ۋە ئاللاھ تائالانىمۇ رازى قىلغان نەپسكە ئايلىنىدۇ. قۇرئان كەرىمدىكى: ئى﴿ ئارام تاپقۇچى !نەپس سەن پەرۋەردىگارىڭدىن مەمنۇن، پەرۋەردىگارىڭ سەندىن رازى بولغان ھالدا، ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتقىن. سەن مېنىڭ ياخشى) (بەندىلىرىم قاتارىغا قوشۇلغىن. مېنىڭ جەننىتىمگە 1 كىرگىن﴾ دېگەن ئايەت بۇ مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەگەر ئۇ شەيتانىي تەرەپنىڭ ۋەسۋەسىلىرىگە، قىزىقتۇرۇشلىرىغا ۋە تەشەببۇسلىرىغا ئەگىشىدىغا ن بولسا، بۇ ۋاقىتتا ئۇ بىئارام» نەپس» قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئادالىتىنىڭ تەقەززاسى بويىچە نادامەت چەككۆچى ۋە ئۆزىگە مالامەت قىلغۇچى نەپس بولۇپ دە-قالىدۇ، قىيامەت﴿ كۆنى ھەر بىر نەپسنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرى، يامان ئىشلىرى ئۆزىنىڭ ئالدىدا ئايان بولىدۇ، ئۇلار) يامان ئىشلىرىنى (كۆرمەسلىكنى، ئۆزى بىلەن يامان ئىشلىرىنىڭ ئارىسىدا مەشرىق) بىلەن مەغرىبنىڭ 2 (ئارىسىدەك ئۇزۇن مۇساپە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ﴾.
جاۋاب: نەپسنىڭ تەلەبلىرىنىڭ ھەممىسى سۆكۆلىدىغان دەرىجىدە ئەمەس. چۆنكى نەپسنىڭ يوللۇق تەلەبلىرى ۋە يولسىز تەلەپلىرى بار. نەپسنىڭ يوللۇق -تەلەبلىرى فەجر سۆرىسى -30-27 ئايەتلەر. ) ( ئال ئىمران سۆرىسى -30 ئايەت. ) ( ئۆزىنى ياكى باشقىلارنى زەخمەتكە-زىيان ئۇچراتمىغان ئاساستا، يوسۇن-قائىدە بويىچە، ئۆزىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر. نەپسنىڭ يولسىز -تەلەبلىرى ئۆزىنى ياكى باشقىلارنى زەخمەتلەرگە-زىيان ئۇچرىتىش بەدىلىگە ئۆزىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ھەۋەسلىرىنى يوسۇنغا-قائىدە يات بىر شەكىلدە قاندۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.
جاۋاب: روھنىڭ ماھىيىتىنىـ ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق ئۇلار﴿: دېگەن سەندىن روھنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە سورىشىدۇ. «روھنىڭ ماھىيىتىنى بىلىش پەرۋەردىگارىمغا خاستۇر» ﴾دېگىن ) (.
جاۋاب: روھنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىرى ۋۇجۇدنى ھەرىكەتلەندۈرۈش بولۇپ، ھۇجەيرىلەردىن تەركىپ تاپقان بو ماددىي ۋۇجۇدتا روھنىڭ بولىشى ھۇجەيرىلەرنى ھەرىكەتچان، ئۆسىدىغان ۋە ياشايدىغان قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. چۆنكى روھ ئاللاھ تائالا يەر يۆزىدىكى جانلىقلارغا تارقىتىۋەتكەن ئېنېرگىيە بولۇپ، ھۇجەيرىلەرنىڭ ھەرىكەتلىنىش، كۆپىيىش ۋە بۆلۆنۆش قاتارلىق پائالىيەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ھۇجەيرە ئۆلگەن ھامان ئۇنىڭدىكى روھمۇ تۆگىشىدۇ. روھنىڭ ماھىيىتىنى بىلمىسەكمۇ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى بىلگىلى بولىدۇ. روھنى ئۆزىنى كۆرگىلى ياكى قىياس قىلغىلى بولمايدىغان، پەقەت نەتىجىسىنىلا كۆرگىلى بولىدىغان ھاۋا دولقۇنلىرىغا ياكى ئېلېكتىر ئېنىرگىيىسىگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ. چۆنكى ۋۇجۇدتىكى ھۇجەيرلەرنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان نەرسە روھتۇر. بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىزدىمۇ بىراۋنىڭ بىردىنلا پائالىيەتچان بولۇپ كەتكەنلىكىنى «روھلىنىپ «كەتتى دەيمىز. نەسىھەت-ۋەز ياكى تەسىرلىك شېئىر ياكى سۆزنى ئاڭلاپ ياكى كىتاب ئوقۇپ تەسىرلەنگەن روھىي» كىشىنى ئوزۇق ئالدى» دەيمىز. بۇ ئىپادىلەرنىڭ ھەممىسى روھنىڭ قوزغاتقۇچ كۆچ ئىكەنلىكىنى چۆشەندۈرىدۇ. قىسقىسى، روھ ئىنسان ۋۇجۇدىدا موتورغا ئوخشىسا، نەپس رولغا ئوخشايدۇ. نەپس ۋۇجۇدنى ئۇنىڭدىكى روھ بىلەن بىرگە يا ئامانلىققا ياكى ھالاكەتكە باشلاپ مېڭىش رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا قۇرئان كەرىمدە نەپسنى يامانلىققا باشلىغۇچى دەپ سۆپەتلىگەن. نەپس﴿ دېگەن نەرسە ھەقىقەتەن يامان ئىشلارغا كۆپ بۇيرۇيدۇ، ئىسرا -85 سۆرىسى ئايەت. ) ( پەرۋەردىگارىم 1 رەھمەت قىلىپ (ساقلىغان) ئادەم بۇنىڭدىن مۇستەسنا﴾. يۇسۇف -53 سۆرىسى ئايەت.
جاۋاب: نەپسنى پاكلاش دېگەن نەپس ئىشتىھا قىلىدىغان ۋە ھەۋەس قىلىدىغان بارچە مەسىيەتلەر-گۇناھ، ھارام ۋە يامان قىلىقلاردىن ئۇنى يىراق تۇتۇش، شەيتاننىڭ تۆرلۆك نەيرەڭلىرى بىلەن ئۇنى بۇلغىۋېتىشىدىن ساقلاپ، ئۇنى ئۆز كونترولىدا تۇتۇش دېگەنلىكتۇر. ئىنسان نەپسى پاكلانغاندا، ئۇنىڭ پۆتۆن ئەمەللىرى ۋە -يۆرۈش تۇرۇشلىرى توغرىلىق، ھەققانىيلىققا قاراپ يول ئالغان بولىدۇ. قاچانىكى، ئىنسان نەپسىدە بۇ پاكلىنىش ئەمەلگە ئاشىدىكەن، ئۇنىڭدا گۆزەل ئەخلاق ۋە پەزىلەتلەر بىخ ئۇرغان دە-بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسى ياخشىلىقلارنىڭ قاينىمىغا ئايلىنىدۇ. ئىنساننىڭ نەپسى پاكلانغان، تەبىئىتى تۆزەلگەن ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى ئەھۋالىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشىدا شەك يوق. ئىچى گۆزەل بولمىغانلارنىڭ تاشقى گۆزەللىكى پايدىسىز.
جاۋاب: ئەخلاقنى ئىسلاھ قىلىشنى نەپسنى پاكلاشتىن باشلاش كېرەك. چۆنكى ئىسلاھنى ئىنساننىڭ تاشقى كۆرۈنۆشىگىلا زاھىرى) (تەرىپىگىلا قاراتقاندا بۇ مەقسەت ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ئۇ ۋاقىتتا، «تېشى پارلاق، ئىچى نەرسە بىكار» بولۇپ قالغان بولىدۇ. چۆنكى مۇنداق قىلىش تۆۋرۈكسىز ئۆي سالغانغا ئوخشايدۇ. ئاساسى مەھكەم بولمىغان ھەر قانداق بىنا يېقىلىشقا مەھكۇمدۇر. ئۇنىڭ ئۆستىگە ئىنساننىڭ تاشقى كۆرۈنىشى كۆپ ھاللاردا ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. بەزى كىشىلەر ئىچكى دۇنياسى خاراب بولسىمۇ، تاشقى كۆرۈنىشىنى پەدەزلەپ خۇددى پەزىلەتلىك-ئېسىل كىشىلەردەك قىلىپ كۆرسىتەلەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئىسلام دىنى كىشىلەرنىڭ تاشقى كۆرۈنىشىدىن كۆرە، ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئىسلاھ قىلىشقا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بەرگەن. چۆنكى ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسى تۆزەلگەندىلا تاشقى تەرىپى تۆزىلىدۇ. شۇڭا ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسى خاراب تۇرۇپ، ياسالمىلىق بىلەن تاشقى كۆرۈنىشىنى ناھايىتى ياخشى ۋە چىرايلىق كۆرسىتىشكە ئورۇنغانلار مۇناپىقلار دەپ ئاتىلىدۇ. مۇنداقلارنىڭ ئەخلاقىي كۆرۈنىشى تەبىئىي بولمىغان بىر خىل ياسالمىلىقتىن ئىبارەت بىر نەرسىدۇر.
جاۋاب: ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرى ئالدى بىلەن قەلبكە چۆشىدۇ. چۆنكى ئاللاھ تائالانىڭ ئەمەللەرنى كۆزىتىشى ئىنساننىڭ نىيىتى ۋە ئىچكى دۇنياسىدىن ئىچكى) (ئەمەللىرىدىن باشلايدۇ. ئادەتتە تاشقى ئەمەللەر ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىنى تولۇق كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ. بەزى كىشىلەر كۆڭلىدىن بولمىسىمۇ ياسالمىلىق بىلەن ئۆزىنى دۇرۇس كۆرسىتىپ كىشىلەرنى قايىل قىلالايدۇ. ئەمما ئاللاھ تائالانى ھەرگىز قايىل قىلالمايدۇ ۋە ئالدىيالمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقىقەتنى «ئاللاھ : جاكارلاپ سىلەرنىڭ -تەققى تۇرۇقىڭلارغا ۋە شەكلىڭلەرگە قارىمايدۇ، بەلكى سىلەرنىڭ قەلبىڭلارغا 1 «قارايدۇ دېگەن. ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ئەمەللەرنىڭ ساۋاب تەرەپتىن بولىدىغان قىممىتى بۇ ئەمەللەرنى قىلغۇچىلارنىڭ نىيەتلىرىنىڭ قىممىتىگە قاراپ بەلگىلىنىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئەمەللەرنىڭ» قوبۇل بولىشى نىيەتلەرگە باغلىقتۇر 2. ھەركىم ئۆزى نىيەت قىلغان نەرسىسىگە ئېرىشىدۇ». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەقۋالىقنىڭ ئورنى قەلب ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ: تەقۋالىق”«مانا بۇ “يەردە دېگەن سۆزنى ئۆچ قېتىم تەكرارلاپ ئۆزىنىڭ يۆرىكىگە ئىشارەت 3 قىلغان».
جاۋاب: بۇ سۆز بەزى كىشىلەرنىڭ ئىسلام دىنىدا بۇيرۇلغان ئەمەل ـ ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇرۇش مەقسىتى بىلەن ئېيتىپ كەلگەن بىمەنە سۆزىدۇر. مەلۇمكى، دىن ـ ئەقىدە، ئىبادەت، ئەخلاق ۋە مۇئامىلە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەقىدە مەسىلىلىرى قەلبتە بولسىمۇ، ئەمەل ـ ئىبادەتلەر، مۇئامىلاتلار ۋە باشقا ئەمەللەر قەلب بىلەن بەدەننىڭ بىردەك ئىشتىراك قىلىشى بىلەن بولىدۇ. بۇنىڭدىن ئېنىقكى، دىن ـ ئەقىدە بىلەنلا ئادا تاپمايدۇ. بەلكى دىن ھاياتنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «دىن «قەلبىمىزدە دېگۆچىلەرنىڭ بۇ دەۋاسى راست بولىدىغان بولسا، قەلبتىكى دىننىڭ ئالامەتلىرى ئۇلارنىڭ تاشقى پائالىيەتلىرىدە كۆرۈلگەن ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئەكس ئەتكەن بولاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: بىلىڭلاركى» ، تەندە بىر پارچە گۆش بولۇپ، ئۇ، تۆزۈلسە تەن پۆتۆنلەي تۆزۈلىدۇ، ئەگەر ئۇ، بۇزۇلىدىكەن، تەننىڭ ھەممىسى بۇزۇلىدۇ، بىلىڭلاركى، ئۇ بولسىمۇ، قەلبتۇر» 4 (. بۇھەدىسنىڭ مەنىسىگە كۆرە، قەلبى تۆزۈك بولغان كىشىنىڭ ئىش ـ ھەرىكەتلىرىمۇ تۆزۈك، قەلبى بۇزۇق كىشىنىڭ ئىشلىرىمۇ بۇزۇق بولىدۇ. ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى. (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى. ) ( ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
جاۋاب: شۆبھىسىزكى، گۆزەل ئەخلاقنىڭ پايدىسى ۋە ئاخىرەتتىكى-دۇنيا مېۋىلىرى كۆپلىگەن ئىبادەتلەرنىڭ ساۋابىدىن ۋە پايدىسىدىن چوڭدۇر. چۆنكى ئىبادەتلەرنى سالاھىيەتلىك قىلىدىغان نەرسە !ئەخلاق ناچار ئەخلاقلاردىن ساقلىنىش كۆپلىگەن ئاشكارا مەسىيەتلەردىن-گۇناھ ساقلىنىشتىن مۇھىمدۇر. چۆنكى كۆپىنچە مەسىيەتلەرنىڭ-گۇناھ زىيىنى كۆپ ھاللاردا بۇ گۇناھلارنى ئىشلىگۆچىلەرگىلا بولىدۇ. ئەمما ناچار ئەخلاقنىڭ زىيىنى شۇ شەخسنىڭ 1 ئۆزىگە، ئائىلىسىگە ۋە ئومۇم خەلققە قەدەر يېتىپ )بارىدۇ (. گۆزەل ئەخلاقنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدىكى قىممىتى زىكىر، ئىستىغفار ۋە نۇرغۇنلىغان زاھىرى ئىبادەتلەرنىڭ قىممىتىدىن ئەلۋەتتە يۇقىرىدۇر. شۇ سەۋەبتىن ئىسلام دىنى گۆزەل ئەخلاققا ئالاھىدە زور قىممەت ۋە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. شۇڭا ئىسلام مەنبەلىرىدە گۆزەل ئەخلاققا كۆچلۆك تەشەببۇس قىلغان ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ ئىنتايىن كۆپلىكىنى كۆرىمىز. پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام گۆزەل ئەخلاقتا پۆتۆن ئىنسانىيەتكە ئۆلگە ئىدى. ئۇنىڭ گۆزەل ئەخلاقنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە ئېيتقانلىرى ۋە ئۇنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ ئۆگەتكەنلىرى ناھايىتى كۆپ.
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قانداق ئىمان ئەڭ ئەۋزەل ئىمان بولىدۇ؟ دەپ سورالغىنىدا 2: «گۆزەل !«ئەخلاق دەپ جاۋاب بەرگەن. يەنە ئۇ: «ئىمانى ئەڭ كامىل 3 مۆمىن ئەڭ ئەخلاقلىق «بولغىنىدۇر دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۇقىرىقى ھەدىسلەردە، ئىماندا كامالەت دەرىجىلىرىگە يۆكسىلىشنى گۆزەل ئەخلاق دەرىجىلىرىدىكى يۆكسىلىشكە باغلىغان. چۆنكى ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىدىن چىققان ھەقىقىي گۆزەل ئەخلاق بىلەن ئۇنىڭ چىن قەلبىدىن چىققان ھەقىقىي ئىماننىڭ تۆرتكىلىرى بىردۇر. چۆنكى، ئەخلاقى ئەڭ ياخشى بولغان ئادەم ئىمانىدا ئەڭ سادىق، نىيىتىدە ئەڭ خالىس، ئاللاھ تائالاغا ۋە ئىنسانلارغا قارىتىلغان مۇئامىلىسىدە ئەڭ توغرا ۋە ئەڭ مۇكەممەل بولىدۇ. ئىبادەتنى ئاللاھ تائالا ئۆچۆن سەمىمى قىلىش گۆزەل ئەخلاقنىڭ نەتىجىسىدۇر. چۆنكى ئاللاھ تائالاغا سەمىمىي ئىبادەت قىلىپ، ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش گۆزەل ئابدۇراھمان ھەبەننەكە الأخلاق» مەيدانىينىنىڭ ناملىق الإسلامية» ئەسىرىدىن ئېلىندى. (1) ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى. (ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى.) ئەخلاقتۇر. چۆنكى بەندىلەر تەرىپىدىن ئىبادەت قىلىنىش ئاللاھ تائالانىڭ يالغۇز ھەققىدۇر. كىشىلەرگە توغرا ۋە ياخشى مۇئامىلە قىلىش گۆزەل ئەخلاقنىڭ نەتىجىسىدۇر. چۆنكى باشقىلارنىڭ ماددىي ۋە ئەدەبىي ھوقۇقلىرىغا-ھەق رىئايە قىلىش گۆزەل يۇقىرىقىلاردىن چۆشەنگىنىمىزدىن ئىمانى» ، كېيىن ئەڭ كامىل مۆمىن ئەڭ ئەخلاقلىق كىشى» ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۆرىمىز.
جاۋاب: بىراۋنىڭ ئەخلاقىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى ئۆلچەيدىغان تارازىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئائىلە ھاياتىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئائىلىسىدىكىلىرىگە ئەڭ ياخشى بولغانلاردۇر» دېگەن سۆزى ئىنسان ئەخلاقىنىڭ ھەقىقىتىنى ئۆلچەيدىغان ۋە ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغان ئەڭ توغرا مىزاندۇر. چۆنكى، بەزى ئىنسانلار باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ناھايىتى ئەخلاقلىق قىلىپ كۆرسىتەلەيدۇ. بولۇپمۇ يېڭىدىن تونۇشقان كىشىلىرىگە مەلۇم ۋاقىتقىچىلىك ئۆزىنى ئەخلاقلىق ۋە ياخشى قىلىپ كۆرسىتەلەيدۇ. ئەمما ھەمىشە شۇنداق قىلالىشى، ھەتتا ئۆمۆر بويى شۇنداق ياسالما ئەخلاق بىلەن ئىش كۆرىشى ناتايىن. ئىنساننىڭ ئىچكى يۆزىنى ھەقىقىي رەۋىشتە ئېنىق ۋە روشەن كۆرىۋېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى ئائىلە ھاياتىدۇ. ئائىلىدە نورمالدا ئەر كۆچلۆك، ئايال ئاجىز بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۆستىگە بەزىدە ئايالدىن ئەرنى سەۋرچانلىقتىن چىقىرىدىغان، كەڭ قورساقلىقتىن يىراق قىلىۋېتىدىغان، راستچىللىق پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشتىن توسۇپ قويىدىغان بەزى قىلىقلار ۋە ھەرىكەتلەر سادىر بولۇپ تۇرىدۇ. چۆنكى تۇرمۇشتا كىشىلەر ھەر كۆنى بىر خىل ئۆتمەيدۇ. مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئۆزىنىڭ ئېسىل پەزىلىتى ۋە گۆزەل ئەخلاقىنى بىر خىل ساقلاپ قالالىغان ئەر راستىنلا ئەڭ ئەخلاقلىق ئەردۇر!
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قىيامەت كۆنى مۆمىن كىشىنىڭ مىزانىدا گۆزەل 2 ئەخلاقتىن سالماقراق كېلىدىغان ھېچ نەرسە يوق» دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە قىيامەت كۆنى مۆمىن ئادەمنىڭ ئەمەللىرى ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى. (ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى.) تارتىلىدىغان ئادالەت تارازىسىدا، ئەڭ سالماق كېلىدىغان، ئەڭ پەزىلەتلىك ئەمەل گۆزەل ئەخلاق ئىكەنلىكىنى كەسكىن ئېلان قىلىدۇ. بەزى كىشىلەر بۇ ھەدىسنى چۆشىنىشتە قىيىنچىلىققا ئۇچرىشى مۇمكىن. ئۇلار: ئەڭ ئەۋزەل ئەمەل ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكىگە چىن ئىشىنىپ، -ئەمەل ئىبادەتلەرنى تولۇق ئورۇنداش تۇرسا، قانداقمۇ قىيامەت كۆنى مۆمىن ئادەمنىڭ مىزانىدا ئەڭ سالماق كېلىدىغان ئەمەل ئىمان بولماي، ئەخلاق بولسۇن؟ دەپ ھەيران قېلىشى مۇمكىن. لېكىن ئىمان بىلەن ئىبادەتنىڭ ئىسلامىي گۆزەل ئەخلاق پىرىنسىپلىرى بەلگىلىگەن زۆرۈرىيەتلەر قاتارىدىن ئىكەنلىكىنى، ئىسلامىي گۆزەل ئەخلاق يېتىلمەستىن، ئىمان بىلەن ئىبادەت رولىنى جارىي قىلدۇرالمايدىغانلىقىنى بىلگەن ھامان بۇ ھەيرانلىق ئۆزلىكىدىن يوقىلىپ كېتىدۇ.
جاۋاب: گۆزەل ئەخلاقنىڭ ساۋابى نەپلى ئىبادەتلەردىن، ھەتتا بەزى ئۇلۇغ ئىبادەتلەردىنمۇ چوڭ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مۆمىن ئادەم ئۆزىنىڭ گۆزەل ئەخلاقى سايىسىدا كېچىسى ناماز ئوقۇپ، كۆندۈزى روزا تۇتقاننىڭ ساۋابىنى «تاپىدۇ 1 ( دېگەن. بۇنىڭدىكى سەۋەب، ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى ئىزدىگەن ھالدا، گۆزەل ئەخلاق دائىرىسىدە ئىش كۆرىدىغان كىشىلەر ئىجتىمائىي ھاياتىدىكى كۆپىنچە ۋاقىتلاردا گۆزەل ئەخلاقنى تەقەززا قىلىدىغان ئىشلارغا ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ شۇ ۋاقىتلاردىكى ھالىتى ئۇلارنى داۋام قىلىۋاتقان ئىبادەتلەر ساھەسىگە ئېلىپ كىرىدۇ. چۆنكى شۇ لەھزىلەردە ئاچچىقىنى يىغىپ، سەۋىرچانلىقنى ئاشۇرۇپ، نەپسىي ھەۋىسىنى يېڭىپ، ئىنتىقام ئېلىش پەيلىدىن يېنىپ، ئۆزىنىڭ گۆزەل ئەخلاقىنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئىش كۆرۈش جەريانىدا تارتقان جاپالىرى ھەقىقەتەن كېچىسى ئۇخلىماي ناماز ئوقۇپ، كۆندۈزى روزا تۇتقان ئابىدنىڭ ئىبادىتىگە تەڭلىشىدۇ، گاھىدا ئېشىپ چۆشىدۇ. يەنە كېلىپ، بىراۋنىڭ كېچە ئۇخلىماي ناماز ئوقۇپ، كۆندۈزى روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئىبادەتكە مەھكەم بولغانلىقى كاتتا ساۋابلىق ئەمەل بولسىمۇ، يەنىلا ئۇنىڭ پايدىسى شۇ كىشىنىڭ ئۆزى بىلەنلا چەكلىنىدۇ. يەنى ئۇنىڭ ئىبادىتىدىن باشقىلارغا پايدا يەتمەيدۇ. ئەمما بىراۋنىڭ گۆزەل ئەخلاقى ئومۇم خەلققە مەنپەئەتلىك بولۇپ، ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئۇ كىشىنىڭ گۆزەل ئەخلاقىنىڭ پايدىسىنى كۆرىدۇ، ئۇنىڭ ياخشىلىقىدىن ھەممە بىردەك بەھرىمەن بولىدۇ. نەتىجىدە، بۇ ئادەمنىڭ ئەخلاقىي ئەمەللىرى ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە كاتتا ئىبادەتلەردىن سانىلىپ، ئۇ ئادەم ساۋابتىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى. ) ( مانا بۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆمىن» ئادەم ئۆزىنىڭ گۆزەل ئەخلاقى سايىسىدا كېچىسى ناماز ئوقۇپ، كۆندۈزى روزا تۇتقاننىڭ ساۋابىنى تاپىدۇ» دېگەنلىكىنىڭ مەنىسىدۇر.
جاۋاب: پەيغەمبەر «ياخشىلىق : ئەلەيھىسسالام – گۆزەل ئەخلاقتۇر، گۇناھ – سېنى 1 بىئارام قىلغان ۋە باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشى ياقتۇرۇلمىغان ئىشتۇر«دېگەن. ھەدىستىكى»«ياخشىلىق پۆتۆن ياخشىلىق تۆرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئىخچام سۆز بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى گۆزەل» ئەخلاق» دەپ تەرىپلىگەن. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، گۆزەل ئەخلاق بارلىق ياخشىلىق تۆرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بىر ئىسىمدۇر. ئەمما گۇناھنىڭ كۆڭۆلنى بىئارام قىلىدىغان ۋە باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشى ياقتۇرۇلمايدىغان بولىشى ئاللاھ تائالا ئىنسانغا ئاتا قىلغان ۋىجداننىڭ سەۋەبىدىن بولۇپ، ئىنساندىكى بۇزۇلمىغان ۋىجدان پەزىلەتلەرنى ھېس قىلغاندەك، گۇناھلارنىمۇ ھېس قىلىدۇ، پەزىلەتلىك ياخشى ئىشلارنى قىلغىنىدا راھەتلىنىدۇ، يامان ئىش قىلغىنىدا ئوڭايسىزلىنىدۇ. ئىنسان -گۇناھ مەسىيەت ئىشلىگىنىدە ئۆزىدە بىئاراملىق ھېس قىلغان چېغىدا، ئەگەر بۇ ئىشنى باشقىلار كۆرۈپ قالغىنىدا، ئۇلارنىڭمۇ شۇنداق ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ساپ تەبىئىتىگە زىت كېلىدىغان بۇ يامان ئىشنى قىلغانلىقى سەۋەبلىك باشقىلارنىڭ ئۇنى ئەيىبكە بۇيرىشىدىن قورقىدۇ. شۇڭا قىلغان يامان ئىشىنى باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىنى ياقتۇرمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆزلىگەن بۇ ئۆلچەم تەبىئىتى ساپ، ۋىجدانى ئويغاق كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئىنتاتىن توغرا ۋە بەكمۇ نازۇك ئۆلچەمدۇر.
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «نەدىلا بولمىغىن ئاللاھقا تەقۋالىق قىلغىن، يامانلىقتىن كېيىن ياخشىلىق قىلغىنكى ئۇنى ئۆچۆرسۇن، ئىنسانلارنى ياراتقان زات گۆزەل 2 «ئەخلاقلىقتۇر دېگەن. بۇ ھەدىس ئەمەل قىلغان كىشىنى ئىنسانىي كامالەتلەرگە يۆكسەلتىدىغان ئەڭ چوڭ ئەخلاقىي پىرىنسىپلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئىنساننىڭ ئۆزى بىلەن ياراتقۇچىسى ۋە ئۇنىڭ ئىنسانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە تەلىمات بېرىدۇ. ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالا بىلەن بولىدىغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئەڭ بېشى ئۇنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن، كېچە، كۆندۈز، نەدىلا بولمىسۇن تەقۋادارلىق ئىچىدە بولىشىدۇر. ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى. (ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى.) چۆنكى ئاللاھ تائالا بەندىنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن بارلىق ئىشلىرىنى، ھەتتا كۆڭلىگە كەلتۆرگەنلىرىنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ. ئادەم نەدىلا بولمىسۇن ۋە قانداقلا بىر ئىشنى قىلمىسۇن تەقۋالىقنى كۆز ئالدىدىن ئايرىماسلىقى كېرەك. ئەكسىچە، مەسجىدتە تەقۋادار، سېتىم-ئېلىم ئىشلىرىدا ئالدامچى، ئۆيدە دىن بىلەن كارى يوق يۆرىدىغانلار ساختىپەزلەر بولۇپ، ئاللاھ تائالا مۇنداقلارنى ياقتۇرمايدۇ. بۇ بىرىنچى قائىدە. ئىككىنچى قائىدە، پەيغەمبەر «يامانلىقتىن ئەلەيھىسسالامنىڭ كېيىن ياخشىلىق قىلغىنكى ئۇنى ئۆچۆرسۇن» دېگەن سۆزى بولۇپ، بۇنىڭدا ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش، توغرا يولغا قايتىش ۋە مەسىيەت-گۇناھ ئىشلەش بىلەن نەپسىنى بۇلغىغاندىن كېيىن ئۇنى پاكلاش ئۆچۆن زۆرۈر بولغان ئىلاھىي كۆرسەتمە بار. ئىنسان ئۆزىنىڭ ئىنسانىي ئاجىزلىقى ۋە ئىرادىسىنىڭ مۇستەھكەم ئەمەسلىكى سەۋەبلىك -گۇناھ مەسىيەتلەرگە چۆشۆپ قالغاندىن كېيىن، بۇزۇلمىغان ۋىجدانىنىڭ ئاۋازىغا قولاق بېرىپ، ياخشى ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق بۇرۇنقى خاتالىقلىرىنى، يامانلىقلىرىنى يوققا چىقىرالايدۇ. بۇ قائىدە ئاللاھ تائالانىڭ شۆبھىسىزكى﴿، ياخشى ئىشلار ئارقىلىق يامان ئىشلار يۇيۇلىدۇ 1. بۇ چۆشەنگۆچىلەر ئۆچۆن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر﴾ دېگەن سۆزىدىن ئېلىنغان. ئۆچىنچى قائىدە، يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: ئىنسانلارنى» ياراتقان زات گۆزەل ئەخلاقلىقتۇر» دېگەن سۆزى بولۇپ، بۇ ئىنساننىڭ باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىكى ئەخلاق پىرىنسىپىنى بەلگىلىگەن چوڭ قائىدە. ئىنسانلارنىڭ ياراتقۇچىسى ئەڭ گۆزەل ئەخلاقلىق بولغانلىقى ئىنسانلارنىڭمۇ بىرىگە-بىر ئاللاھ تائالا سىزىپ بەرگەن گۆزەل ئەخلاق دائىرىسى ئىچىدە مۇئامىلە قىلىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. ھۇد -114 سۆرىسى ئايەت.
جاۋاب: گۆزەل ئەخلاق بىلەن ناچار ئەخلاقنى ئۆلچەيدىغان ئومۇمىي پىرىنسىپلار تۆۋەندىكىدەك ئۆچتۇر: بىرىنچى پىرىنسىپ ئىنساننى باشقىلاردىكى قابىلىيەت-بىلىم، پەزىلەت-ئەخلاق، بايلىق، تەلەي قاتارلىق قانداقلا بىر ئارتۇقچىلىقنى گەرچە- ئۆزىنىڭ زىيىنىغا بولغان -تەقدىردىمۇ ئېتىراپ قىلىشقا ئۆزلىكىدىن ئىتتىرگەن تۇغما ياكى ئۆگىنىپ يېتىلدۈرگەن ھەرقانداق بىر تۆرتكە گۆزەل ئەخلاق پىرىنسىپلىرىدىن بىر پىرىنسىپتۇر. بۇ پىرىنسىپنىڭ ئەكسى رەزىل ئەخلاق تۆرلىرىدىن سانىلىدۇ. ئىنساننى باشقىلاردىكىـ قابىلىيەت-بىلىم، پەزىلەت-ئەخلاق، تەقۋالىق، تەلەي قاتارلىق قانداقلا بىر ئارتۇقچىلىقنى شەخسىيەتچىلىك، كۆرەلمەسلىك، كۆڭلى تارلىقتىن ئىبارەت نەپسىي خاھىش سەۋەبلىك ئېتىراپ قىلماسلىققا ئىتتىرگەن ھەرقانداق بىر تۆرتكە ناچار ئەخلاق تۆرتكىلىرىدىن بىر تۆرتكىدۇر. ئىككىنچى پىرىنسىپ ئىنساننى ئۆستىدىكى -ھەق ھوقۇقلارنى تولۇق ئادا قىلىشقا ياكى ئۆزىنىڭ بىلىمى، كۆچى، مېلى-پۇل، جەمئىيەتتىكى ئورنى بىلەن باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۆزۈشكە ئۆزلىكىدىن ئىتتىرگەن تۇغما ياكى ئۆگىنىپ يېتىلدۈرگەن ھەرقانداق بىر تۆرتكە گۆزەل ئەخلاق پىرىنسىپلىرىدىن بىر پىرىنسىپتۇر. بۇ پىرىنسىپنىڭ ئەكسى رەزىل ئەخلاق تۆرتكىلىرىدىن سانىلىدۇ. ئىنساننى باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا-ھەق تاجاۋۇز قىلىشقا ياكى ئۆزىدىن ھېچقاندا بىر چىقىم ياكى كۆچ تەلەب قىلمايدىغان ئىشلاردىمۇ باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۆزۈشتىن ياكى ئىختىيارىي ۋە بىرەر مەنپەئەت كۆزلىمىگەن ھالدا، بىراۋنى زىياندىن قۇتۇلدۇرۇپ قويۇشتىن ۋازكېچىشكە ئىتتىرگەن تۇغما ياكى ئۆگىنىپ يېتىلدۈرگەن ھەرقانداق بىر تۆرتكە ناچار ئەخلاق تۆرتكىلىرىدىن بىر تۆرتكىدۇر. ئۆچىنچى پىرىنسىپ ئىنساننى باشقىلارنىڭ قوللىرىدىكىسىگە كۆز قىزارتماستىن، ئاللاھ تائالانىڭ تەقسىماتىغا قارشى چىقماستىن، ئۆزىگە بېرىلگەنلەرگە قانائەتلىنىپ، ئۇنىڭغا رازىلىق بىلدۈرۈشكە ئۆزلىكىدىن ئىتتىرگەن تۇغما ياكى ئۆگىنىپ يېتىلدۈرگەن ھەرقانداق بىر تۆرتكە گۆزەل ئەخلاق پىرىنسىپلىرىدىن بىر پىرىنسىپتۇر. بۇ پىرىنسىپنىڭ ئەكسى رەزىل ئەخلاق تۆرتكىلىرىدىن سانىلىدۇ. ئىنساننى باشقىلارنىڭ ئىگە بولغانلىرىغا كۆز قىزارتىش، كۆرەلمەسلىك قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ تەقسىماتىغا قارشى چىقىشقا ئىتتىرگەن تۇغما ياكى ئۆگىنىپ يېتىلدۈرگەن ھەرقانداق 1 بىر تۆرتكە ناچار ئەخلاق تۆرتكىلىرىدىن بىر )تۆرتكىدۇر (. ئابدۇراھمان «الأخلاق ھەبەننەكەنىڭ ناملىق الإسلامية» ئەسىرىدىن.
جاۋاب: مىسىرلىق ئالىم ۋە مەشھۇر ناتىق ئەمر خالىد خۇلق بىلەن ئەدەبنىڭ پەرقىنى مۇنداق شەرھلىگەن: -«خۇلق ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىدا مۇستەھكەم ئورۇن ئالغان ئىچكى تۆزۈلمە بولۇپ، ئۇنىڭدىن سادىر بولىدىغان ئىشلار ھېچقانداق تەكەللۇپ ياكى تەييارلىق تەلەب قىلماستىن، ھەتتا ئويلاشقىمۇ ھاجەت بولماستىن تەبىئىي ھالدا چىقىدۇ. ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىدىن سادىر بولغان ئىشلاردىن ئەقىل ۋە دىننىڭ تەلىبىگە ئۇيغۇن بولۇپ ياخشى ۋە چىرايلىق سانالغانلىرى گۆزەل خۇلق ياكى) (ئەخلاق، ئەكسىچە بولغىنى يامان خۇلق دەپ «ئاتىلىدۇ . ئەمما -ئەدەب ئىنساننى ئېسىل خىسلەتلەر ۋە ياخشى ئەمەللەر بىلەن بېزەپ، ئۇنى گۆزەللەشتۆرىدىغان نەرسە بولۇپ، ئىنساننىڭ ھەرىكىتىنى-ئىش تىزگىنلەش ئارقىلىق، ئۇنى تۆرلۆك خاتالىقلارغا ۋە يامانلىقلارغا چۆشۆپ قېلىشتىن قوغداش رولىغا ئىگە. خەلقىمىزمۇ جامائەتنىڭ-ئەل نەزىرىدە ئەيىبلىنىشىگە سەۋەب بولىدىغان ناشايان ئىشلارنى قىلىشتىن ئۆزىنى ساقلىغان كىشىنى «ئەدەبلىك ئادەم» دېگەندەك، جامائەتنىڭ نەپرىتىنى قوزغاپ قويىدىغان ئىشلارنى قىلغان ئەدەبسىز» كىشىنى ئادەم» دەيدۇ. خۇلق بىلەن ئەدەبنىڭ پەرقىنى تۆۋەندىكىدەك شەرھلەش مۇمكىن: (1) ئەدەب ئاساسەن تەلىم – تەربىيە ۋە نەپسنى ياخشى ئىشلارغا چېنىقتۇرۇش بىلەن ھاسىل بولىدىغان نەرسە. ئەمما خۇلق كۆپىنچە ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىدىن كېلىدىغان، تەربىيە بىلەن ئۆزگىرىدىغان نەرسە. (2) تەلىم تەربىيەنىڭ– ئەدەبنى يېتىلدۈرۈشتىكى تەسىرى خۇلقنى يېتىلدۈرۈشكە نىسبەتەن كۆچلۆك بولىدۇ. (3) ئەدەب قارىتىلغان تەرەپلىرى ئېتىبارى بىلەن ھەر خىل شەكىلدە ئەمەلگە ئاشىدۇ، ئەمما ئېسىل خۇلق ھەممىلا جايدا ۋە ھەر قانداق كىشىگە بىر خىل بولۇشنى تەقەززا قىلىدۇ. مەسىلەن: ئانىغا-ئاتا مۇئامىلە قىلىشتىكى ئەدەب، بالىلارغا مۇئامىلە قىلىشتىكى ئەدەبكە ئوخشىمىغاندەك، ئۇستازلارغا مۇئامىلە قىلىشتىكى ئەدەب ساۋاقداشلارغا مۇئامىلە قىلىشتىكى ئەدەبكە ئوخشىمايدۇ. چۆنكى ھەممىسىنىڭ ئايرىم ئورنى بار. ئەمما گۆزەل خۇلق ھەممە كىشىگە ۋە ھەممىلا جايدا بىر خىل بولىشى تەلەب قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئىشنى قېتىرقىنىپ قىلىش، كەمتەر، راستچىل، ۋاپادار ، -مېھرى شەپقەتلىك، مەرد-سېخىي بولۇش قاتارلىق ئىشلار مەيلى ئانىغا-ئاتا بولسۇن، مەيلى بالىلارغا بولسۇن، مەيلى ئۇستازلارغا بولسۇن، مەيلى ساۋاقداشلارغا بولسۇن، مەيلى باشقا ھەر قانداقلا بىر ئىنسانغا بولسۇن، ھەمىشە بىر خىل بولىشى تەلەب ئەمر خالىدنىڭ بۇ ماۋزۇدىكى ماقالىسىدىن. ) ( قىلىنىدۇ. (4) ئەدەب كۆپ ھاللاردا ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئېچىپ بېرەلمەيدۇ. چۆنكى قانداقلا بىر جەمئىيەتتە ياشىغان ئادەم شۇ جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ قېلىشتىن قورققانلىقتىن بولسىمۇ، شۇ جەمئىيەت خەلقىنىڭ ئەدەب ۋە -قائىدە يوسۇنلىرىدىن چەتنەپ كېتىشنى دە-خالىمايدۇ، چىن كۆڭلىدىن بولمىسىمۇ ئەدەبلىك بولىدۇ. ئەمما خۇلق ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى مۇستەھكەم تۆزۈلمە بولغانلىقتىن، ئۇنىڭدىن سادىر بولىدىغان ئىشلار كۆپىنچە ئىختىيارسىز سادىر بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق شۇ كىشىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئېچىپ بېرىدۇ.
جاۋاب: ئادەمدىكى بەزى ئەخلاقىي كۆرۈنۆشلەر كۆپ ھاللاردا، ئۇنىڭ ئىچ دۇنياسىدىكى سابىت خۇلقنى ئىپادىلىمەيدۇ. چۆنكى ئىنسان قايسىبىر غەرەز بىلەن بەزى ئەخلاقىي قىلىقلارنىـ خۇددى شۇنداق قىلىش ئۇنىڭ تەبىئىي ئەخلاقىدەكلا ئوخشىتىپ قىلالايدۇ. بۇ گاھىدا رىيا (كۆرسەتمىچىلىك)، گاھىدا (مۇناپىقلىق)نىفاق تۆرىگە كىرىدۇ. ياكى مۇنداق قىلىقنى بەزى كىشىلەر نەپسىنى ياخشى ئەخلاقلارغا كۆندۈرۈش نىيىتى بىلەن قىلىشىمۇ مۇمكىن. مەسىلەن: ئىنتايىن بېخىل بىر ئىنسان بىرەر غەرىزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۆچۆن ئۆزىنى ناھايىتى سېخىي قىلىپ كۆرسىتەلەيدۇ. دۇنياسىنى-مال ئايىماي تۆكەلەيدۇ. ئەمما ئۇ ئىنساننىڭ تەبىئىي خۇلقى يەنىلا شۇ بېخىللىقى بىلەن داۋام قىلىۋېرىدۇ. چۆنكى ئۇنىڭ ئەسلى خۇلقى بېخىللىق !ئەمەسمۇ؟ مۇنداق ئادەم سېخىيلىقنى ئۆگىنىپ، ئۇنىڭغا نەپسىنى بويسۇندۇرۇپ، سېخىيلىققا ئادەتلەنمىگىچە ئۇنىڭ خۇلقىدىكى بېخىللىق شۇ بويىچە قېلىۋېرىدۇ. مەسىلەن: بىر يىگىت بىر قىزنى كەلتۆرۈش ئۆچۆن ئۆزىنىڭ ئىچكى يۆزىنى يوشۇرۇپ، ئۆزىنى ھەر جەھەتتە ياخشى كۆرسىتىشى مۇمكىن. قىزلارمۇ شۇنداق. ئەمما قىزنى رەسمىي ئۆزىگە قارىتىپ بولغاندىن ياكى تويدىن كېيىن، ئۇنىڭ ساختىلىقى بىرلەپ-بىر ئېچىلىشقا باشلايدۇ.
جاۋاب: -ھېكمەت تۇرۇشنى-يۆرۈش ساغلام ئەقىل ۋە توغرا دىننىڭ تەقەززاسىغا قارىتىپ توغرىلاش، باشقۇرۇش ۋە يېتەكلەش دېگەنلىكتۇر. ھېكمەت مۇنداق ئىككى ۋەزىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) توغرىلىقتىن چەتنەپ كېتىشتىن توسۇش (2) توغرىلىققا يېتەكلەش ۋە ئۇنىڭغا ئىتتىرىش. توسۇش ۋە يېتەكلەشنىڭ مەنبىئى ساغلام ئەقىل بىلەن توغرا دىندۇر. بۇ ئىككى مەنبەنىڭ ئۆز ۋەزىپىسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى ئۆچۆن ئەقىلنىڭ نەپسىي ھەۋەسلەرنىڭ تەسىرى ئاستىدا قېلىشتىن ياكى ھەرقانداق بىر نۇقساندىن ساغلام بولىشى، ئالغان دىنىي تەلىماتنىڭ، دىنىي چۆشەنچىنىڭ ساغلام ھەم توغرا بولىشى شەرتتۇر. ئەقىل بىلەن دىن بۇ شەرتكە توشقان ۋاقىتتا ھېكمەتنىڭ مەنبىئى بولالايدۇ. ھېكمەت ئىنساننىڭ -يۆرۈش تۇرۇشىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدە تەلەب قىلىنىدۇ. مەيلى ئەخلاقىي تەرەپتىن بولسۇن، مەيلى يوسۇن-قائىدە تەرەپتىن بولسۇن، مەيلى ئىبادەت تەرەپتىن بولسۇن، مەيلى ئادەت-ئۆرپ تەرەپتىن بولسۇن، مەيلى نەپسنىڭ تەبىئىي تەلەبلىرىنى ئورۇنداش تەرەپتىن بولسۇن ھەممىسىدە ھېكمەتلىك ئىش كۆرۈش تەلەب قىلىنىدۇ. شۇڭا پەزىلەتلەرگە-ئەخلاق رىئايە قىلىش، رەزىل ئەخلاق ۋە يامان قىلىقلاردىن يىراق بولۇش ھېكمەتلىك ئىش قىلغانلىقتۇر. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، ھېكمەت ھەممىگە شامىل چوڭ بىر ماۋزۇ بولۇپ، ئىنساننىڭ تۇرۇشىدىكى-يۆرۈش ئورۇنلۇق، توغرا ئىشلار ھېكمەتنىڭ بىر پارچىسىدۇر.
جاۋاب: ئەقىلنى بەزىلەر «مۇھىت ۋە ھادىسىلەر بىلەن ئەڭ مۇناسىپ رەۋىشتە «ماسلىشىشتۇر دەپ چۆشەندۈرىدۇ. ئادەتتە ھېكمەت بىر نەرسىنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىش ئۆچۆن ساغلام ئەقىلغا ھاجەت بولىدۇ. ئەمما كۆپىنچە ھاللاردا ئەقىل تېپىلغان يەردە ھېكمەت تېپىلمايدۇ. شۇڭا مۇھىت ۋە ھادىسىلەر بىلەن ئەڭ مۇناسىپ رەۋىشتە ماسلىشىش ئەقىل ۋە ھېكمەت بىلەن بولغىنىدەك، بەزى ھاللاردا ھېكمەت بولماستىن ئەقىل بىلەنلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. مەسىلەن: ئاللاھنىڭ دىنىغا ئىشەنمەيدىغان مۇناپىقلارمۇ مۇسۇلمانلار ياشايدىغان مۇھىت ۋە ھادىسىلەر بىلەن، شۇنداقلا مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى بىلەن ئەڭ مۇناسىپ رەۋىشتە ماسلىشىپ كېتەلەيدۇ. لېكىن بۇنداق بىر مۇناپىقلىق ئەقىلنىڭ كۆچى بىلەن ئەمەلگە ئاشقان بولسىمۇ، ھېكمەتتىن مەھرۇمدۇر. يۇقىرىقىلاردىن مەلۇم بولدىكى، ئەقىل باشقا نەرسە، ھېكمەت باشقا نەرسە. لېكىن ئەقىل بەزىدە ھېكمەتنىڭ يوللىرىنى تونۇشنىڭ ۋاسىتىسى ياكى ماددىسى بولالايدۇ. شۇڭا قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردە ھېكمەت ناھايىتى زور ماختالغان. قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالانىڭ «ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچى» ھېكمەت» ۋە ئىگىسى» ئىكەنلىكى ھەققىدە دىن 90 كۆپرەك ئايەت كەلگەن. يەنە ھېكمەت ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارغا تەلىم بېرىشتىكى رەببانىيلىقىنىڭ ئۇنۋانى سۆپىتىدە بايان قىلىنغان. ئىسا﴿ روشەن مۆجىزىلەر بىلەن كېلىپ ئېيتتى: ﴿… سىلەرگە مەن ھېكمەت ئېلىپ كەلدىم﴾(1). ئاللاھ﴿ ئۇممىلەرگە يەنى) يېزىشنى ۋە ئوقۇشنى ئۇقمايدىغان (ئەرەبلەرگە ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۇلارغا قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇپ بېرىدىغان، ئۇلارنى (گۇناھلاردىن) پاك قىلىدىغان، ئۇلارغا كىتاب نى (قۇرئان) ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىدىغان بىر 2 پەيغەمبەرنى ئەۋەتتى﴾. زۇخرۇف -63 سۆرىسى ئايەت. (جۇمۇئە سۆرىسى -2 ئايەت.) ئەخلاقنىڭ پۆتۆن ھايات ساھەلىرىگە ئومۇمىيلىقى ئەخلاق ئىنسان ھاياتىنىڭ پۆتۆن ساھەلىرىدە ۋە ئىنساننىڭ ئىچكى ۋە تاشقى دۇنياسىدا ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن: تەپەككۇر ئەخلاقى، ئېتىقاد ئەخلاقى، قەلب ئەخلاقى، نەپس ئەخلاقى ۋە تۇرۇش-يۆرۈش ئەخلاقى قاتارلىقلاغا ئوخشاش.
جاۋاب: تەپەككۇرنى-پىكىر ئۆزىگە ۋە ئىنسانىيەتكە مەنپەئەتلىك بولغان -ئىلىم مەرىپەت، -پەن مەدەنىيەت، ساۋاق-تەجرىبە، كېلەچەك ئۆمىدى ۋە ھەرقانداق ئىجابىي ماۋزۇلارغا بېغىشلاپ، ئۆچمەنلىك، ئاداۋەت، دۈشمەنلىك، -ھەسرەت نادامەت، پىغان-قايغۇ، غەزەب، ئاچچىق قاتارلىقلارنىڭ ئوتلىرىنى ياندۇرىدىغان، ھارام ئىشلارغا ئادەمنىڭ شەھۋانىي ھەۋىسىنى قوزغايدىغان ھەر قانداق تەپەككۇر ۋە خىياللاردىن يىراق بولۇش تەپەككۇر ئەخلاقىدىن سانىلىدۇ. بۇنىڭ ئەكسى -پىكىر.
جاۋاب: سەپسەتىلەرگە، ئىلىم يولى بىلەن ئىسپاتلانمىغان گۇمانلارغا، ھاۋايى – ھەۋەسلەرگە، ئىسلام ئېتىقادىغا يات ئېقىملارغا، تەقلىدچىلىككە قەلبتىن ئورۇن بەرمەستىن، قەلبنى مۇستەھكەم ئېتىقاد بىلەن تولدۇرۇش ئېتىقاد ئەخلاقىدىن سانىلىدۇ. بۇنىڭ ئەكسى ئېتىقادتىكى ئەخلاقسىزلىقتۇر.
جاۋاب: ھەقىقەتنى ۋە ياخشىلىقنى سۆيۆش، باتىلنى ۋە بارچە يامانلىقلارنى يامان كۆرۈش، ئۆچمەنلىك، دۈشمەنلىك ۋە كۆرەلمەسلىك قاتارلىق ناچار تۇيغۇلارنى ساقلىماسلىق قاتارلىقلار قەلبنىڭ ئەخلاقىدىن سانىلىدۇ. بۇنىڭ ئەكسى قەلبتىكى.
جاۋاب: ئىپپەت، سەۋرچانلىق، ھىممەت، ئالىي تىلەك، سېخىيلىق، كەڭ قورساقلىق، ئەپۇچانلىق ۋە باشقىلار نەپسنىڭ ئەخلاقىدىن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئەكسى نەپستىكى رەزىللىكتۇر.
جاۋاب: ھەر ۋاقىت ۋە ھەر قانداق جايدىكى -يۆرۈش تۇرۇشلاردا، -ئىش ھەرىكەتلەردە، سۆزدە-گەپ ۋە بارلىق ئىشلاردا ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى راستچىللىق ۋە دادىللىق بىلەن ئىپادىلەش تۇرۇشتىكى-يۆرۈش گۆزەل ئەخلاقتىن سانىلىدۇ. ئەمما باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى يوشۇرۇپ، ياسالمىلىق قىلىش تۇرۇشتىكى-يۆرۈش رەزىل ئەخلاقتۇر. ئەخلاقنىڭ شەخسىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەپلىرى.
جاۋاب: دىن ھاياتلىقنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندەك، ئەخلاقمۇ ئىنساننىڭ شەخسىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۆنكى ھەقىقىي دىيانەت بولغان يەردە چوقۇم ئەخلاقمۇ بولىدۇ. ئەخلاق بىلەن دىن بىرىدىن-بىر قەتئىي ئايرىلالمايدۇ.
جاۋاب: ئىنساننىڭ شەخسىي ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئەخلاقلار - پايدىسى ياكى زىيىنى شۇ شەخسنىڭ ئۆزىگىلا بولىدىغان ئەخلاقىي تەرەپلىرى بولۇپ، ئۇلار: قانائەت، رازىمەنلىك، ئىنتىزامچانلىق، ھەر ئىشتا قېتىرقىنىش، چىن ئىرادە، ئۆمىدۋارلىق، تىرىشچانلىق، راستچىللىق ۋە باشقىلاردۇر.
جاۋاب: ئىنساننىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك -ئەخلاقلار پايدىسى ياكى زىيىنى ئومۇمغا بولىدىغان ئەخلاقىي تەرەپلىرى بولۇپ، ئۇلار: راستچىللىق، ئىشەنچلىك بولۇش، ۋاپادارلىق، كەمتەرلىك، باشقىلاردىن كەلگەن ئەزىيەتلەر ئالدىدا سەۋرچان بولۇش، نومۇسلۇق-ئىپپەت بولۇش، كەڭ قورساقلىق، ئەپۇچانلىق، سېخىيلىق، شۇجائەت ۋە باشقىلاردۇر.
جاۋاب: ئىجتىمائىي ئەخلاق پىرىنسىپىنىڭ ئۆلچىمىنى بىر جۆملە سۆز بىلەن چۆشەندۈرگەندە، ئىنساننىڭ باشقىلار تەرىپىدىن قانداق مۇئامىلە كۆرۈشنى كۆتسە ۋە ئارزۇ قىلسا، باشقىلارغىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلىشى دېگەنلىكتۇر. ئۆزى يامانلىق قىلىپ قويغان ياكى بىلمەي-بىلىپ رەنجىتىپ قويغان بىرىدىن ئۆزىنى ئەپۇ قىلىۋېتىشىنى كۆتكەن ئادەم باشقىلارنىمۇ ئەپۇ !قىلسۇن باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قارىتا ئىشەنچلىك بولىشىنى كۆتكەن ئادەمنىڭ باشقىلارغىمۇ ئىشەنچلىك بولىشى !شەرت باشقىلارنىڭ راست سۆزلىشىنى ياقتۇرغان ئادەم ئۆزى راستچىل بولسۇن، باشقىلارغا ھېچ يالغان !سۆزلىمىسۇن باشقىلارنىڭ ئىپپەتلىك بولىشىنى ياقتۇرغان ئادەم ئۆزىمۇ باشقىلارغا قارىتا ئىپپەتلىك بولىشى لازىم. قىزلىرىنىڭ-خوتۇن، سىڭىللىرىنىڭ-ئاچا نومۇسىنى-ئار مۇقەددەس بىلگەن ئادەم باشقىلارنىڭمۇ قىزلىرىنىڭ-خوتۇن، سىڭىللىرىنىڭ-ئاچا نومۇسىنى-ئار مۇقەددەس بىلىشى، ئۇلارنىڭ نومۇسىنى ئاستى-ئاياق قىلىشتىن، ئىپپىتىگە داغ تەككۆزۈشتىن ھەزەر قىلىشى لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دوزاختىن يىراق قىلىنىپ، جەننەتكە كىرگۆزۈلۆشنى خالىغان ئادەم ئىمان بىلەن ئۆلسۇن، بىراۋ باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا قانداق 1 مۇئامىلە قىلىشىنى ياقتۇرسا، ئۇلارغىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلسۇن». ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
جاۋاب: ئەخلاق قارىتىلغان تەرەپلىرى ئېتىبارى بىلەن تۆۋەندىكىدەك 4 تۆرگە بۆلۆنىدۇ: (1) ئىنسان بىلەن ئاللاھ تائالا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە قارىتىلغان ئەخلاق. (2) ئىنساننىڭ باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە قارىتىلغان ئەخلاق. (3) ئىنساننىڭ ئۆزىگە قارىتىلغان ئەخلاق. (4) ئىنساننىڭ باشقا جانلىقلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە قارىتىلغان ئەخلاق.
جاۋاب: ئىنسان بىلەن ئاللاھ تائالا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە قارىتىلغان گۆزەل ئەخلاق ئىنسانغا كۆپلىگەن ئەخلاقىي مەجبۇرىيەتلەرنى يۆكلەيدىغان ئەڭ شەرەپلىك ۋە تولىمۇ زۆرۈر بولغان ئەخلاقتۇر. مەسىلەن: ئاللاھ تائالاغا بولغان ئىماندا راستچىل بولۇش، ئۇنىڭ ئىلاھلىقىدا، جىمى سۆپەتلىرىدە، بارلىق ئىشلىرىدا ئەڭ مۇكەممەل ئىكەنلىكىنى كۆڭۆلدىن ئېتىراپ قىلىش، ئۇنىڭ نېمەتلىرىگە شۆكۆر قىلىش، بۇيرىغانلىرىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئورۇنداش، توسقانلىرىدىن قەتئىي يېنىش، ئۇنىڭغا بارچە ئىخلاس ۋە مۇھەببەتنى بېغىشلاش، ئازابىدىن قورقۇپ، رەھمىتىنى ئۆمىد قىلىش، ئۇنى ھەمىشە ياد ئېتىش ۋە باشقىلار.
جاۋاب: بۇ تۆرگە مۇناسىۋەتلىك يامان ئەخلاقلار: ئاللاھ تائالانى ئىنكار قىلىش، ئۇنىڭ نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىش، بۇيرىغانلىرىنى قىلماسلىق، توسقانلىرىدىن يانماسلىق، ئازابىدىن قورقماسلىق، رەھمىتىدىن ئۆمىدسىزلىنىش، ئۇنى ياد ئەتمەسلىك قاتارلىق كۇپرىلىق ۋە مەسىيەتلەردۇر-گۇناھ.
جاۋاب: ئىنساننىڭ باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە قارىتىلغان گۆزەل ئەخلاق ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردە تەلەب قىلىنغان ئەخلاقلار بولۇپ، ئۇلار: راستچىل، ئىشەنچلىك، ئىپپەتلىك، ئادالەتلىك، كەچۆرۈمچان، مەرد، سېخىي، ھەققانىي بولۇش، مۇئامىلىدە دۇرۇس بولۇش، ۋەزىپىنى قېتىرقىنىپ ئورۇنداش، ھەق ئىگىسىنىڭ ھەققىنى، پەزىلەت ئىگىسىنىڭ پەزىلىتىنى ئېتىراپ قىلىش قاتارلىق مەنپەئىتىدىن باشقىلار بەھرىمەن بولىدىغان گۆزەل ئەخلاق تۆرلىرىنىڭ ھەممىسىدۇر.
جاۋاب: بۇ تۆرگە مۇناسىۋەتلىك يامان ئەخلاقلار: يالغان سۆز، خىيانەت، چېقىمچىلىق، ھەقسىزلىق، دۈشمەنلىك، ئۆچمەنلىك، كۆرەلمەسلىك، بېخىللىق، يامان مۇئامىلە، ۋەزىپىنى ئادا قىلماسلىق، ياخشىلىق بەدىلىگە تۇزكورلۇق قىلىش، ھەق ئىگىسىنىڭ ھەققىنى، پەزىلەت ئىگىسىنىڭ پەزىلىتىنى ئىنكار قىلىش قاتارلىق زىيىنى باشقىلارغا يېتىپ بارىدىغان بارلىق يامان قىلىقلاردۇر.
جاۋاب: ئىنساننىڭ ئۆزىگە قارىتىلغان ئەخلاقى ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۆچۆن ھەر ۋاقىت رىئايە قىلىشى تەلەب قىلىنغان ئەخلاقلار بولۇپ، مۇسىبەتكە، قازاغا-بالا ۋە قايتۇرغىلى بولمايدىغان ھەر قانداق قولدىن بېرىشلەرگە سەۋر قىلىش، -تەرتىپ ئىنتىزاملىق بولۇش، دۇنيالىق ۋە ئاخىرەتلىك ھەر قانداق بىر ئىشنى قېتىرقىنىپ ئىخلاس بىلەن قىلىش، ئەدەبىي جاسارەتلىك بولۇش، تىرىشچانلىق، ئاچچىقنىڭ كەينىگە كىرمەسلىك ۋە ئىنسان ئۆزىنى-ئۆز ياخشى ئىدارە قىلىشتا كېرەكلىك بولغان ھەر قانداق چارىلەر بۇ تۆردىكى ئەخلاقنىڭ قاتارىغا كىرىدۇ.
جاۋاب: بۇ تۆرگە مۇناسىۋەتلىك يامان ئەخلاقلار: قايتۇرغىلى بولمايدىغان زەخمەتلەر-زىيان ئۆچۆن ۋايسىاپ ئۆزىنى بىھۇدە بىئارام قىلىش، ھورۇنلۇق، كەلمەس-كەلسە ئاچچىقلىنىش، ئىنتىزامسىزلىق، ئۆمىدسىزلىك، قورقۇنچاقلىق ۋە ئۆزىگە زىيانلىق بولغان ھەر قانداق ئىشلاردۇر.
جاۋاب: ئىنساننىڭ باشقا جانلىقلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە قارىتىلغان ئەخلاقى ھايۋانلارغا ۋە باشقا جانلىقلارغا قارىتىلغان ئەخلاقى بولۇپ، ئۇلار: ھايۋانلارغا شەپقەتلىك-رەھىم بولۇش، ھەققىنى تولۇق ئادا قىلىش، ياخشى مۇئامىلە قىلىش، قىينىماسلىق، ئاچ قويماسلىق ۋە ئۇلارنىڭ جېنىمۇ خۇددى ئىنسانلارنىڭكىگە ئوخشاش تاتلىق جان ئىكەنلىكىنى ئەستىن چىقارمىغان ھالدا مۇئامىلە قىلىش قاتارلىقلاردۇر. ئەكسىچە، ھايۋانلارنى قىيناش، ئاچ قويۇش، بىرى-بىر بىلەن سوقۇشتۇرۇش، ئوق ئېتىش مەشقلىرىدە ئۇلارنى قارىغا ئېلىش، بىھۇدە ئۆلتۆرۈش قاتارلىقلار يامان ئەخلاق نەمۇنىلىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: «بىر ئايال بىر مۆشۆكنى نان ياكى سۇ بەرمەستىن ياكى يەردىن بىر نەرسە تېپىپ يېيىشى ئۆچۆن قويۇپ بەرمەستىن، سولاپ قويۇپ ئۇنىڭ ئۆلۆمىگە سەۋەب بولغانلىقى 1 تۆپەيلى دوزىخى بولۇپ كەتتى» دېيىش ئارقىلىق ھايۋانلارغا شەپقەتسىزلىك قىلىشنىڭ گۇناھىنىڭ ئېغىرلىقىنى بايان قىلغان. ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
جاۋاب: دۇنيادا مەخلۇقاتلارغا نىسبەتەن چەكسىز ھۆررىيەت دەيدىغان نەرسە مەۋجۇد ئەمەس. مۇنداق بىر ھۆررىيەت بار دەپ گۇمان قىلغانلار راستىنلا ئەخمەقلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ گۇمانلىرى رېئاللىققا تامامەن زىت كېلىدۇ. چۆنكى بىراۋدا چەكسىز ھۆررىيەت بولۇشى ئۆچۆن ئۇنىڭ نېمىنى خالىسا ھېچقانداق بىر چەكلىمىسىز، توسالغۇسىز، خالىغان ۋاقىتتا ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان مۇتلەق قۇدرەتكە ئېگە بولۇشى شەرت. ھالبۇكى، ئىنسان مەيلى چوڭ مەنسەپ تۇتۇپ پادىشاھ بولۇپ كەتسۇن، مەيلى بايلىقتا مىليونېر بولۇپ كەتسۇن، ئۆزى خالىغان ئىشلاردىن نۇرغۇنلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ، چەكلىمىلەرگە ۋە توسالغۇلارغا ئۇچرايدۇ. چۆنكى نېمە قىلىشنى خالىسا شۇنى توسالغۇسىز ۋە چەكلىمىسىز ھالدا، خالىغان ۋاقىتتا ئەمەلگە ئاشۇرۇش پەقەت بىرلا ياراتقۇچىنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش. ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، چەكسىز ھۆررىيەت ۋە مۇتلەق ئىختىيار پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ قولىدا. چۆنكى ئاللاھ تائالا ياراتقۇچى ۋە يوق قىلغۇچى، ھايات بەرگۆچى ۋە ئۆلتۆرگۆچىدۇر. شۇڭا ئۇ خالىغىنىنى قىلالايدۇ. چۆنكى كائىنات، ئۇنىڭدىكى بارلىق سەۋەبلەر ۋە مۇتلەق قۇدرەت-كۆچ ئۇنىڭ قولىدا. ئىنسان ئۆچۆن بۇ قۇدرەت نەدە بولسۇن؟ ئىنساننىڭ خالىغانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىشى ئۇنىڭ ئاجىزلىقى ۋە مەلۇم چەكلىمە ئىچىدە ئىكەنلىكى سەۋەبلىك كۆپ ھاللاردا ئەمەلگە ئاشماي قالىدۇ. مەسىلەن: بىراۋ ئۆزىنىڭ ھۆر ئىرادىسى بىلەن مۇسابىقىلەردە بىرىنچى بولۇپ چىقىشنى خالايدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغىنىدا ئۆزىنىڭ مۇتلەق ھۆررىيەتكە ئىگە ئەمەسلىكىنى چۆشىنىدۇ. ئېگىز جايدىن يېقىلىپ چۆشۆپ كېتىۋاتقان ئادەم شۇ لەھزىلەردە ئۆزىدە خۇددى قۇشلاردەك ئۇچۇش قۇدرىتى بولۇپ، قانىتى بولسا ئۆلۆمدىن ساق قېلىشنى شۇنچە ئارزۇ قىلىدۇ، لېكىن ئۇنىڭدا نەدە بولسۇن بۇنداق قۇدرەت؟ نۇرغۇن كىشىلەر چوڭ بايلاردىن بولۇشنى ئارمان قىلىدۇ. لېكىن ھەممىسى شۇنداق بولالامدۇ؟ بىزدە قۇشلاردەك ئۇچۇش، لەھەڭدەك سۇ ئۆزۈش ۋە پەرىشتىلەردەك ئاسمانغا ئۆرلەش ھۆررىيىتى بارمۇ؟ بىزگە كەلگەن ئۆلۆمنى توسۇپ قالىدىغان ھۆررىيەت بىزدە بارمۇ؟ ئەگەر ئىنساندا مۇتلەق ھۆررىيەت بولىدىغان بولسا، نېمە ئۆچۆن ئارمان قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئىگە بولالمايدۇ؟ نېمە ئۆچۆن مەغلۇب بولىدۇ؟ چىشىدىن تىرنىقىغىچە ئەڭ قىرغۇچى ۋە ئەڭ زامانىۋى قۇراللار بىلەن قۇراللانغان ئىسرائىلىيە جوھوتلىرى پۆتۆن كۆچىنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ، پەلەستىندىكى نوپۇس سانى ئاز، يەر مەيدانى كىچىك، خەلقى نامرات، دۈشمەنگە ئاتىدىغان تاشتىن باشقا قۇرالى بولمىغان كىچىككىنە غەززە شەھىرىنى نېمە ئۆچۆن بويسۇندۇرالمىدى؟ ئۇنىڭ ئۆستىگە 5 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بېرى غەززە شەھىرىگە قويولغان ئىمبارگو غەززە خەلقىنى تېخىمۇ نامراتلاشتۇرىۋەتكەن. غەززە ئاھالىسى يېگىلى يوق، ئىچكىلى يوق، كىيگىلى يوق، داۋالىنىش ئۆچۆن يا دورا يوق يا پۇل يوق، دۈشمەندىن مۇداپىئەلىنىش ئۆچۆن قۇرال تېخىمۇ يوق، شۇنداق پۆتۆنلەي يوقلۇق ئىچىدە، ئىنتايىن ئېچىنىشلىق بىر ۋەزىيەتتە ئوتتۇرا ئەسىرلەرنىڭ نامراتلىقىدا ھايات كەچۆرمەكتە. ئىسرائىلىيە بولسا، پۇقرالىرىغىچە قۇراللانغان، ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە باشچىلىقىدىكى دۆلەتلەر، پەلستىنگە قوشنا بولغان دۆلەتلەر رەسمىي ياكى غەيرىي رەسمىي ھالدا ئىسرائىلىيىنى قوللىغان، ھەتتا پەلەستىن مىللىي ھاكىمىيتى بىلەن كۆپلىگە پەلەستىن تەشكىلاتلىرىمۇ غەززىدىكى ھاماس ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇررۇپ، ئىسرائىلىيىگە يانداشقان، غەززىگە قوشنا دۆلەتلەر غەززە ئاھالىسىغا ياردەم قولىنى سوزۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، يىراق دۆلەتلەردىن كەلگەن دەرمەك-دورا، ئىچمەك-يېمەك قاتارلىق ئىنسانىي ياردەملەرنىمۇ غەززىگە كىرىشتىن توسىۋاتقان. بۆگۆنكى كۆندە، بۇ ۋەزىيەتتە ئىسرائىلىيە ئۆچۆن ھاياتىدا تېپىلمايدىغان شۇنداق چوڭ بىر پۇرسەت بار تۇرۇپ، نېمە ئۆچۆن غەززىنى بويسۇندۇرالمىدى؟ -ئارقىمۇ ئارقا ئىنسانىيەت قېلىپىدىن چىققان ئەڭ ۋەھشىي ھۇجۇملىرىنى كۆندۈز-كېچە داۋام قىلدۇرۇپ تۇرۇپمۇ نېمە ئۆچۆن كىچىك بىر پارتىزان شەكلىدىكى ھاماس تەشكىلاتىنى يوق قىلالمىدى؟ نېمە ئۆچۆن ئىسرائىلىيە ئەڭ زامانىۋى قۇراللىرى بىلەن تۇرۇپ ھاماسنىڭ قولدا ياسالغان ئاددى قۇراللىرى ئالدىدا يېڭىلدى؟ ئامېرىكا دۇنيادا شۇنچىلىك قۇدرەتلىك بىر دۆلەت بولغاننىڭ ئۆستىگە، باشقا دۆلەتلەردىن قوشۇلغان ئىتتىپاقداش كۆچلەر بىلەن بىرلىكتە تۇرۇپ نېمە ئۆچۆن يىلدىن 10 بىرى قۇدرەت-كۆچ ۋە زامانىۋى ئەسلىھەلەردە ئۆزلىرىدىن نەچچە يۆز ھەسسە ئاجىز ئەلقائىدە ۋە تالىبان مېلىتانلىرىنى تەلتۆكۆس يوق قىلالمىدى؟ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۆچنىڭ مەقسىتى ئافغانىستاننى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تىنجىتىش ئەمەسمىدى؟ 10 يىلدىن بىرى دۇنيانىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك كۆچلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھۆر ئىرادىسىنى نېمە ئۆچۆن ئەمەلگە ئاشۇرالمايۋاتىدۇ؟ ۋە ئاخىرىدا ئۇلار بىلەن سۆلھى ئۆستىلىگە ئولتۇرىدۇ؟ چۆنكى، چەكسىز ھۆررىيەت ۋە مۇتلەق ئىختىيار ئېگىسىـ بولغان ئاللاھ تائالا !خالىمىدى ئاللاھ تائالا خالىمىغان ئىكەن، ئىنسانلارنىڭ خاھىشى ئەمەلگە ئاشمىدى. ئالەملەرنىڭ﴿ رەببى ئاللاھ خالىمىغىچە سىلەر خالىيالمايسىلەر﴾ يەنى سىلەر كۆزلىگەن مەقسىتىڭلارنى ئاللاھ تائالا يول قويمىغىچە ئەمەلگە ئاشۇرالمايسىلەر. تەكۋىر -19 سۆرىسى ئايەت. ) ( ھازىرقى ئىراق ۋەزىيىتىمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. ئىنساننىڭ قۇدرىتى چەكلىك.
