Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

راستچىللىق ۋە ئامانەتدارلىق

This content is not yet available in your language.

ئىسلامدا راستچىللىق، سەمىمىيلىك ۋە ئامانەتدارلىق (سوئال 822 – 856)

بۆلۈم: “ئىسلامدا راستچىللىق، سەمىمىيلىك ۋە ئامانەتدارلىق (سوئال 822 – 856)”
822سوئال:راستچىللىق قانداق خۇلق؟#

جاۋاب: راستچىللق پەيغەمبەرلەرنىڭ، مۆمىنلەرنىڭ ۋە ياخشىلارنىڭ ئادىتى بولغاندەك، يالغانچىلىق مۇناپىقلارنىڭ ئادىتىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇناپىقلارنىڭ سۆپەتلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «مۇناپىقنىڭ ئالامىتى ئۆچتۇر: سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدۇ، ۋەدە قىلسا ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىدۇ، ئامانەت قويۇلسا 1 خىيانەت قىلىدۇ».

823سوئال:راستچىللىقنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى نېمە؟#

جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەر ماڭا ئالتە ئىشتا كاپالەت بېرىڭلار، مەن سىلەرگە جەننەتنى كاپالەت قىلىمەن: سۆزلىگەندە راست سۆزلەڭلار، ۋەدە قىلساڭلار ئۇنىڭغا ۋاپا قىلىڭلار، ئامانەت تۇتساڭلار ئۇنى ۋاقتىدا ئادا قىلىڭلار، ئەزايىڭلارنى زىنادىن ساقلاڭلار، كۆزۈڭلارنى ھارامدىن ساقلاڭلار، قولۇڭلارنى 2 يامان ئىشلاردىن ۋە ھارامدىن يىغىڭلار».

824سوئال:راست سۆز بىلەن يالغان سۆزنىڭ ئالامىتى نېمە؟#

جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «راستچىللىق خاتىرجەملىك، يالغانچىلىق «بىئاراملىقتۇر 3 ( دېگەن . چۆنكى ئىنسان راست سۆزلىگەندە خاتىرجەملىك ۋە بىر خىل راھەت ھېس قىلىدۇ، تەشۋىشلەنمەيدۇ ھەمدە راست سۆزلەشتە ھېچقانچە تەسلىك ياكى ئوڭايسىزلىق ھېس قىلمايدۇ، ئىككىلەنمەيدۇ، دۇدۇقلىمايدۇ. ئەمما ئىنسان يالغان سۆزلەشتە قىيىنچىلىق تارتىدۇ، ھەتتا بەزى شارائىتلاردا چېكىسىدىن تەر ئاقىدۇ، چىرايى تەبىئىي بولمايدۇ، سۆزلىرى ئانچە قاملاشمايدۇ، يالغانچىلىقى ئاشكارا بولۇپ قېلىشىدىن تەشۋىشلىنىدۇ. ھەرقانچە سۆزگە ئۇستا ۋە يالغاننى قاملاشتۇرۇشقا ماھىر كاززاپلارمۇ بەرىبىر بىلىنىپ قالىدۇ ۋە بىر كۆنى رەسۋا بولماي قالمايدۇ. يالغانچىنىڭ» قۇيرۇقى بىر تۇتام» دېگەن سۆزمۇ بىكارغا ئېيتىلمىغان بولسا كېرەك. يۇقىرىقى ھەدىس پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىلىك سۆزلىرىدىن بولۇپ، ھاياتلىق مۇساپىلىرى بۇ سۆزنىڭ ھەقلىقىنى ئىسپاتلاپ كەلمەكتە. چۆنكى بۇ سۆز مەيلى كۇففار، مەيلى مۇسۇلمان، ھەرقانداق ئادەمنىڭ نەزىرىدە ھەق سۆزدۇر.

825سوئال:يالغانچىلىقنىڭ خىيانەت تۆرى قايسى؟#

جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەڭ چوڭ خىيانەت سېنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى. (ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.) راستچىل 1 دەپ بىلىدىغان بىرىگە يالغان ئېيتىپ ئۇنى ئىشەندۈرىشىڭدۇر». سىزگە يۆرىكىدىن ئىشىنىدىغان، سىزنىڭ قانداقلا بىر سۆزىڭىزنىڭ راستلىقىدىن قىلچە شەكلەنمەيدىغان دوستىڭىزغا يالغان سۆزلىشىڭىز، ئۇنىڭ سىزگە بولغان چىن ئىشەنچىسىگە ۋە دوستلۇقىنىڭ ھېسابىغا قىلىنغان ئەڭ چوڭ خىيانەت !ئەمەسمۇ؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرى نېمىدېگەن توغرا - !ھە.

826سوئال:يالغانچىلىقنىڭ ئەڭ چوڭ خەتىرى قايسى؟#

جاۋاب: يالغانچىلىق ئادەمنى ئىماندىن چىقىرىدىغان يامان خۇلقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: «مۆمىن ئادەم قورقۇنچاق «بولامدۇ؟ دەپ سورالغىنىدا، ھەئە»«دەپ جاۋاب بەرگەن، يەنە»مۆمىن ئادەم بېخىل «بولامدۇ دەپ سورالغاندىمۇ، ھەئە»«دەپ جاۋاب بەرگەن. ئاندىن»مۆمىن ئادەم يالغانچى «بولامدۇ دەپ سورالغىنىدا 2، ياق» دەپ جاۋاب )بەرگەن (. چۆنكى بىراۋنىڭ قورقۇنچاقلىقىنىڭ ياكى بېخىللىقىنىڭ زىيىنى كۆپىنچە ئۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ. ئەمما بىراۋنىڭ يالغانچىلىقىنىڭ زىيىنى كۆپىنچە باشقىلارغا بولىدۇ. يالغانچىلىق ئىنسانلارنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بولغۇسىز زىيان - زەخمەتلەرگە ئۇچرىتىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ گۇناھىمۇ ئېغىر، جازاسى قاتتىق بولىدۇ. يالغانچىنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى مۆمىنلەردىن بولالمايدىغانلىقى يالغانچىلىقنىڭ گۇناھىنىڭ چوڭلىقىنى بىلىش ئۆچۆن يېتەرلىكتۇر.

827سوئال:ھەقىقىي راستچىللىق قايسى؟#

جاۋاب: ھىجرىيە ئۆچىنچى ئەسىرنىڭ ئۆلىمالىرىدىن جۇنەيد مۇنداق دېگەن ئىكەن: «ھەقىقىي راستچللىق يالغاندىن باشقا نەرسە سېنى قۇتۇلدۇرالمايدىغان شارائىتتا راست سۆزلىشىڭدۇر.«راستچىللىقنىڭ ئىنساننى ھەمىشە قۇتقۇزغۇچى ئىكەنلىكىدە شەك يوق.»راست سۆزلىگەن نىجات تاپىدۇ» دېگەن مەشھۇر سۆزمۇ شۇنىڭ ئۆچۆن ئېيتىلغان بولۇشى مۇمكىن. قۇتۇلۇش ئۆچۆن يالغان ئېيتىشتىن باشقا چارىسى قالمىغان ئادەمنىڭمۇ راست سۆزلىشى تەلەب قىلىنغان يەردە، ئاددى ئىشلار ئۆچۆن، ھەتتا يالغان ئېيتمىسىمۇ ھېچقانداق زىيان بولمايدىغان ئىشلار ئۆچۆن يالغان ئېيتىۋاتقانلارنى نېمە دېگىلى !بولسۇن؟

828سوئال:راستچىللىققا ئادەتلىنىشنىڭ يولى نېمە؟#

جاۋاب: شەكسىزكى، ئادەم ئۆزىدە راستچىللىقنى يېتىلدۈرۈشى ئۆچۆن ئالدى بىلەن ئاللاھ تائالاغا تەقۋالىق قىلىشى يەنى) ھەر ئىشتا ئاللاھنىڭ كۆرسەتكەنلىرى ئىچىدە ھەرىكەت قىلىشى ۋە ئاللاھنىڭ غەزىبىگە لايىق بولۇپ قېلىشتىن (قورقىشى، ئەبۇداۋۇد، ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى. (ئىمام مالىك رىۋايىتى.) ئاندىن راستچىل، تەقۋادار، ياخشى كىشىلەر بىلەن ئولتۇرۇپ قوپىشى لازىم. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «ئى !مۆمىنلەر ئاللاھقا تەقۋالىق قىلىڭلار ۋە راستچىللار بىلەن 1 بولۇڭلار» دېيش ئارقىلىق راستچىللىقنىڭ تەقۋالىق ئىكەنلىكى ۋە راستچىللار بىلەن بولۇشنىڭ تەقۋالىققا يېتىشنىڭ يولى ئىكەنلىكىنى ئوچۇقلىغان. راستچىللىقنىڭ تۆرلىرى.

829سوئال:نىيەتتىكى راستچىللىق قانداق بولىدۇ؟#

جاۋاب: نىيەتتىكى راستچىللىق – قىلماقچى بولغان ھەرقانداق بىر ئىشتا ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەشتۇر. ئىنسان ھەر ئىشتا ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەش ئارقىلىق ئادەتتىكى دۇنيالىق ئىشلىرىنىمۇ ئىبادەت قاتارىغا ئۆتكۆزەلەيدۇ ۋە ساۋابقا ئېرىشىدۇ، شۇنداقلا بۇ ياخشى نىيەتنىڭ بەرىكىتى بىلەن مەقسىتىگە يېتىدۇ. دېمەك، ياخشى نىيەت ئادەتنى ئىبادەتكە ئۆرۈيدىغان سېھىرلىك خىسلەتتۇر. «ياخشى ئۆگىنىش قىلىپ، ياخشى ئوقۇپ دىنىمغا، ۋەتىنىمگە، خەلقىمگە ۋە ئىنسانلارغا مەنپەئەتلىك ئادەم «بولىمەن دېگەن نىيەت بىلەن دەرس مۇزاكىرە قىلغان ئوقۇغۇچى، «باي بولۇپ ئائىلەمنىڭ ئېھتىياجىنى ھالالدىن «قامدايمەن، «خەير - ئىھسان ۋە سەدىقىلىرىم بىلەن ئاللاھنىڭ يوقسۇل بەندىلىرىنىڭ بېشىنى «سىلايمەن دېگەن نىيەت بىلەن ئىشلىگەن تىجارەتچى، ئىشىمنى» قېتىرقىنىپ راۋاجلىق قىلىش ئارقىلىق ھالالدىن تاپقانلىرىمنى ئائىلەمگە سەرپ قىلىمەن» دېگەن نىيەت بىلەن كەسپ قىلغان ھۆنەرۋەن، ۋەزىپەمنى» قېتىرقىنىپ، توغرا يوسۇندا ۋە ھەققانىي ئىشلەش ئارقىلىق ئالغان مائاشىم بىلەن ئۆزۈمنىڭ ھەم ئائىلەمنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامدايمەن» دېگەن نىيەت بىلەن ئىشلىگەن كادىر ياكى ئىشچى، تۇرمۇش» قۇرۇش ئارقىلىق ھارام ئىشلاردىن ساقلىنىمەن ۋە دىيانەتلىق بىر ئائىلە قۇرۇپ چىقىمەن» دېگەن نىيەت بىلەن ئۆيلەنگەن قىز - يىگىت ئەلۋەتتە ئاللاھ تائالانىڭ ساۋابىغا ئېرىشىدۇ.

830سوئال:سۆزدىكى راستچىللىق قانداق بولىدۇ؟#

جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەمىشە «ئى !ئاللاھ ماڭا راستچىل تىل ئاتا «قىلغىن 2 ( دەپ دۇئا قىلاتتى. بالىلىق دەۋرىدىن باشلاپ راستچىللىقى بىلەن تونۇلغان، ھەتتا كۇففارلارمۇ ئۇنىڭ راستچىللىقىنى تەستىقلىغان بىر پەيغەمبەر بۇ دۇئانى ئوقۇغان يەردە، بىز كېچە - كۆندۈز بۇ دۇئانى ئوقۇپ ئاللاھتىن بىزنى راستچىل بەندىلەردىن قىلىشىنى تىلەشكە قانچىلىك مۇھتاج بولىۋاتقانلىقىمىزنى !بىلەمسىز؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: راستچىل» تىجارەتچى قىيامەت كۆنىدە تەۋبە سۆرىسى -119 ئايەت. (ئىمام تىرمىزى ۋە ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.) پەيغەمبەرلەر 1، راستچىللار ۋە شېھىدلار بىلەن بىرگە بولىدۇ». بۇ ھەدىس ھۆنەرۋەن، ئىشچى - خىزمەتچى، دېھقان، چارۋىچى قاتارلىق رىزىق يولىدا يۆرگەن ھەرقانداق كىشىگە قارىتىلغان بولۇپ، راستچىللار قانداق ئىش بىلەن ياكى قانداق جايدا ئىشلىگەن بولمىسۇن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىشارەت بەرگەن راستچىل تىجارەتچىگە قوشۇلىدۇ. چۆنكى راستچىللىق ھەرقانداق جايدا، پۆتۆن ئىش - ھەرىكەت ۋە گەپ - سۆزلەردە تەلەب قىلىنىدۇ.

831سوئال:ئەمەلدىكى راستچىللىق قانداق بولىدۇ؟#

جاۋاب: ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: «مۆمىنلەرنىڭ ئىچىدە ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى 2 ئەمەلگە ئاشۇرغان نۇرغۇن كىشىلەر «بار . بۇ ئايەتنىڭ چۆشۆش سەۋەبى مۇنداق ئىدى: ساھابىلەردىن ئۇمەير ئىبنى ھەمام بەدر غازىتى بولغان كۆنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دەيدۇ: «يا !رەسۇلەللاھ ئەگەر مەن ئاشۇ دۈشمەنلەرگە قارشى جەڭ قىلىپ ئۆلۆپ كەتسەم، راستىنلا جەننەتكە «كىرىمەنمۇ؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغالله «ھەئە ، ئەلۋەتتە شۇنداق «بولىسەن دەپ جاۋاب بېرىپ، ساھابىلىرىگە: «تۇرۇڭلار كەڭلىكى ئاسمان ۋە زېمىنغا تەڭ كېلىدىغان جەننەتكە كىرىش ئۆچۆن جىھاد «قىلىڭلار دەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇمەير «پاھ ، «پاھ دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا قاراپ: ئەي» ئۇمەير ساڭا نېمە بولدى» دەپ سورايدۇ، ئۇمەير: ! يارەسۇلەللاھ» مەن راستىنلا جەننەت ئەھلى بولالامدىمەن؟» دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: سەن» زادى جەننەت ئەھلىدىنسەن» 3 ( دەيدۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئۇمەير مەن» بىلەن جەننەت ئوتتۇرىسىدا پەقەت مۇشۇ خورمىلا قالدى» دېگىنىچە قولىدىكى يەۋاتقان خورمىنى تاشلايدۇ ۋە ئۇرۇش مەيدانىغا كىرىپ كېتىدۇ، ئاخىرى شېھىدلىق شەربىتىنى ئىچىشكە نائىل بولىدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن يۇقىرىقى ئايەت چۆشىدۇ. بۇ ھەدىس ياخشى ئىشنى نىيەت قىلىش مەقسەتكە يېتىش ئۆچۆن يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ۋە ياخشى نىيەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۆچۆن ئەمەل قىلىش يەنى ئىشلەش شەرت ئىكەنلىكىنى ئوچۇقلىغان. ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئى» !ئاللاھ ماڭا مەدىنە شەھىرىدە شېھىدلىقنى نەسىب ئەتكىن» دەپ دۇئا قىلاتتى. ھالبۇكى مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرى ئىسلام شەھىرى بولغانلىقتىن، ئۇ شەھەردە جىھاد بولمايتتى. ئەمما ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغان بولۇپ، ھىجرىيىنىڭ 23 - يىلى زۇلھەججە ئېيىنىڭ 26 – كۆنى مىلادى) 644 يىلى 3 - (نويابىر ئەبۇ لۇئلۇئ ئىبنى ماجە، ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى. (ئەھزاب -23 سۆرىسى ئايەت.) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى. ) ( ئىسىملىك ئىرانلىق بىر مەجۇسىي تەرىپىدىن سۇيىقەست بىلەن شېھىد قىلىنغان.

832سوئال:راستچىللىقنىڭ مەرتىبىسى قانداق مەرتىبە؟#

جاۋاب: راستچىللىق مەرتىبىسى پەيغەمبەرلىك مەرتىبىسىدىن كېيىنلا كېلىدىغان ئەڭ شەرەپلىك مەرتىبىدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «كىملەركى ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇلار ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەن پەيغەمبەرلەر، راستچىللار، شېھىدلەر ۋە ياخشىلار بىلەن بىللە بولىدۇ، ئۇلار نېمىدېگەن 1 ياخشى ھەمراھلار» دەيدۇ. ئايەتتە ئاۋۋال پەيغەمبەرلەر، ئاندىن كېيىنلا راستچىللار بايان قىلىنغان. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، راستچىللىق پەيغەمبەرلىك بىلەن شېھىدلىق ئوتتۇرىسىدىكى مەرتىبىدۇر.

833سوئال:قانداق قىلغاندا بالىلانى راستچىللىققا ئادەتلەندۈرگىلى بولىدۇ؟#

جاۋاب: بالىلارنىڭ راست سۆزلەيدىغان، يالغانچىلىقنى، ئادامچىلىقنى يامان كۆرىدىغان بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىـ ئانىلارغاـ-ئاتاـ باغلىق. ناۋادا بالىلار كىچىكىدىنلا راست سۆزلەشكە ئادەتلەندۈرۈلسە، ئۇلار چوڭ بولغاندىمۇ بۇ ئەخلاق ئۇلارنىڭ كۆندىلىك تۇرۇشلىرىدا-يۆرۈش ۋە جىمى ھەرىكەتلىرىدە، ئۇلارنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئانا-ئاتا ۋە مۇئەللىم بالىلارغا راست سۆزلەشتە ئۆلگە بولىشى، ئۇلارنىڭ ئالدىدا قەتئىي يالغان سۆزلىمەسلىكى، ھەتتا چاقچاق قىلىپ بولسىمۇ، بالىلارغا يالغان ئېيتماسلىقى زۆرۈردۇر. چۆنكى 10 ياشنىڭ ئاستىدىكى بالىلار كۆپىنچە راست بىلەن چاقچاقنىڭ پەرقىنى ئايرىپ كېتەلمەيدۇ. ئەمما ئۇلار سۆز-گەپ، ئىش ھەرىكەت– ۋە بارلىق ئىشلاردا ئانىسىنى-ئاتا ياكى مۇئەللىمىنى تەقلىد قىلىدۇ، ئۇلارنى دورايدۇ ۋە ئۇلاردىن ئۆگىنىدۇ. بىزنىڭ يېگانە ئۆلگىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بالىلارغا كىچىكىدىن ئىسلام ئەخلاقىنى، خۇسۇسەن ئىسلام ئەخلاقىنىڭ تاجىسى بولغان راستچىللىقنى يەرلەشتۆرۈشكە زور ئەھمىيەت بېرەتتى، بالىلارنى ۋە ئانىسىنى-ئاتا كۆزىتەتتى، خاتالىقلىرىغا شۇ ھامان تۆزىتىش بېرەتتى. كىچىكلەرگە يالغان ئېيتىش گۇناھ جەھەتتە چوڭلارغا يالغان ئېيتقانغا ئوخشاشتۇر، بەلكى خەتىرى چوڭراقتۇر. چۆنكى كىچىكلەرگە يالغان ئېيتقانلىق ئۇلارغا يالغانچىلىق بابىدا ئەمەلىي دەرس بەرگەنلىكتۇر. بۇنىڭدىنمۇ خەتەرلىك يالغان بارمۇ؟ ئاتا ئۆزى ئۆيدە بار تۇرۇپ، بالىسىغا : «مېنى سورىغانلارغا دادام ئۆيدە يوق دېيىشىنىڭ دېگىن» ئۆزى گۇناھ جەھەتتە ئەڭ چوڭ، خەتەر جەھەتتە ئەڭ خەتەرلىك يالغاندۇر. يەنە ئاتىنىڭ بالىسىغا بىر نەرسە ئېلىپ بېرىشكە ۋەدە قىلىپ، ئۇنىڭغا ۋاپا قىلماسلىقىمۇ ئەڭ خەتەرلىك يالغان بولغاننىڭ ئۆستىگە ئالدامچىلىقتۇر. مۇنداق ئاتىنىڭ بالىلىرى ئۇنىڭغا قانداق ئىشەنچ قىلسۇن؟ ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قانداق ئىشەنسۇن؟ ئۇنىڭ نەسىھەتلىرىنى قانداق قوبۇل قىلسۇن؟ بالىلارنى راستچىللىققا ئادەتلەندۈرۈشتە، ئۇلارغا ئەمەلىي ئۆلگە بولۇش، يالغانچىلىقنىڭ گۇناھى ۋە خەتىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش، راستچىللىق ھەققىدىكى قىسسىلەرنى كۆپلەپ سۆزلەپ بېرىش، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى-گەپ كۆزىتىپ تۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسىنى قوللىنىش كېرەك. مۇھىم بولغىنى بالىلارنى راستچىللىقنى سۆيىدىغان، راستچىل كىشىلەرنى ھۆرمەتلەيدىغان، يالغانچىلىقتىن نەپرەتلىنىدىغان، يالغانچىلارنى يامان كۆرىدىغان قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشتۇر. بۇنىڭدا غەلىبە قىلغان ئادەم ئۇلارنى باشقا گۆزەل ئەخلاقلارغا ئادەتلەندۈرۈشتىمۇ چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ.

834سوئال:ئامانەتنىڭ مەنىسى نېمە؟#

جاۋاب: ئامانەت ئىسلام دىنىدا ئەڭ ئاساسلىق ئەخلاقتىن سانىلىدۇ. ئامانەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ھەممە ياخشى بىلىدۇ، ئەمما بەزى كىشىلەر ئامانەت ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مەنىلەرنىڭ ھەممىسىنى تولۇق بىلمىگەنلىك ياكى ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكتىن، ئامانەتكە نىسبىي مۇئامىلە قىلىدۇ. مەسىلەن: بىراۋ «مەن ئامانەتكە ھەرگىز خىيانەت قىلمايمەن، ماڭا قويۇلغان ئامانەتنى ئىگىسىگە ۋاقتىدا «تاپشۇرىمەن دەيدۇ. بۇ ناھايىتى ياخشى. ئەمما بۇ ئامانەتنىڭ ھەممىسى ئەمەس، بەلكى ئامانەتنىڭ مۇئامىلە ئىشلىرىدىكى تۆرى بەس. ئامانەت سۆزى ئامانەت قويۇلغان پۇل - مال ۋە تاۋارغا ئوخشاش ماددىي نەرسىلەرنى ئىپادىلىگەندىن باشقا، مەنىۋى قىممەتلەرنى، شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان چوڭ مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَخُونُوا اللَّهَ وَالرَّسُولَ وَتَخُونُوا أَمَانَاتِكُمْ وَأَنتُمْ تَعْلَمُونَ﴾ يەنى ئى» !مۆمىنلەر ئاللاھقا، ـُسEالرَو پەيغەمبەرگە خىيانەت قىلماڭلار، سىلەرگە قويۇلغان ئامانەتلەرگە بىلىپ تۇرۇپ خىيانەت 1 قىلماڭلار» دەپ كۆرسەتكەن. ئامانەتنىڭ ئەكسى خىيانەتتۇر.

835سوئال:ئاللاھقا خىيانەت قىلىش دېگەننىڭ مەنىسى نېمە؟#

جاۋاب: ئاللاھقا خىيانەت قىلىش دېگەننىڭ مەنىسى – ئاللاھنىڭ ئەمرلىرىگە ئەگەشمەسلىك، بۇيرىغانلىرىنى ئادا قىلماسلىق ۋە توسقانلىرىنى تەرك ئەتمەسلىكتۇر. ئاللاھنىڭ ئەمرلىرى گەردىنىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئېغىر ئامانەتلەردۇر.

836سوئال:پەيغەمبەرگە خىيانەت قىلىش دېگەننىڭ مەنىسى نېمە؟#

جاۋاب: پەيغەمبەرگە خىيانەت قىلىش دېگەننىڭ مەنىسى ــ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆننەتلىرىنى ئۆگىنىپ، ئۇنىڭغا ئەگەشمەسلىك ۋە ئىجرا قىلماسلىقتۇر. چۆنكى پەيغەمبەرنىڭ سۆننىتىنى ياشىتىش ۋە ھايات قايناملىرىدا ئۇنى ئىجرا قىلىش ئۆزىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇممىتىدىن سانىغان ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆستىدە ئامانەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆننەتلىرى زامانىمىزغىچە مۇشۇ يول بىلەن يېتىپ كەلگەن.

837سوئال:ئامانەتنىڭ يوقىلىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان خەتەرلەر قايسىلار؟#

جاۋاب: ئامانەتنىڭ يوقىلىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان خەتەرلەرنىڭ ئەڭ چوڭى ئىمانسىزلىقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا بىرەر بەندىسىنى ھالاق قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭدىن ھايانى سۇغۇرۇپ ئالىدۇ، ئۇنىڭدىن ھايا سۇغۇرۇپ ئېلىنغاندىن كېيىن، ئۇ ھەر كىمنىڭ نەپرىتىگە ۋە غەزىبىگە لايىق بىرى بولۇپ قالىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئامانەت يوقىلىدۇ، ئۇنىڭدىن ئامانەت يوقالغاندىن كېيىن، ئۇ ھەمىشە خىيانەت قىلىدىغان خائىنغا ئايلىنىپ قالىدۇ، ئۇ خائىنغا ئايلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن رەھىم - شەپقەت يوقىلىدۇ، ئۇنىڭدىن رەھىم - شەپقەت يوقالغاندىن كېيىن، ئۇ لەنەتكەردىگە ئايلىنىدۇ، ئۇ لەنەتكەردى بولغاندىن كېيىن، ئىمان ئۇنىڭدىن چىقىپ 1 «كېتىدۇ . بۇ ھەدىس ھازىرقى زامان كىشىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپماقتا. شەرم - ھايادىن نېسىۋىسى بولمىغانلاردىن خىيانەت، شەپقەتسىزلىك ۋە ئەڭ ئاخىرىدا ئىمانسىزلىق قاتارلىق بەخىتسىزلىكلەرنىڭ ھەممىسى سادىر بولماقتا. چۆنكى ئىنساندىكى شەرم - ھايا ئۇنىڭ كىيىمىگە ئوخشاش بولۇپ، ھاياسى يوقالغان ئادەم خۇددى يالىڭاچ قالغانغا ئوخشاش قىممەتلىك نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: ئامانەتنى» ساقلىيالمايدىغان ئادەمدە ئىمان بولمايدۇ» 2 ( دېگەن سۆزى بۇ ماۋزۇنى تېخىمۇ روشەن يورۇتۇپ بەرمەكتە.

838سوئال:ئامانەتلىك بولۇشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟#

جاۋاب: ئامانەتنى ئادا قىلىش ساۋابلىق ئىش بولۇپ، گۇناھلارنىڭ كەچۆرۈم قىلىنىشغا تۆرتكە بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەش ۋاخ ناماز، جۆمەدىن جۆمەگىچە بولغان ئارىلىق، ئامانەتنى ئادا قىلىش گۇناھلارنىڭ كەچۆرۈم قىلىنىشى 3 ئۆچۆن «كاپارەتتۇر . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەر» ماڭا ئالتە ئىشتا كاپالەت بېرىڭلار، مەن سىلەرگە جەننەتنى كاپالەت قىلىمەن: سۆزلىگەندە راست سۆزلەڭلار، ۋەدە قىلساڭلار ئۇنىڭغا ۋاپا قىلىڭلار، ئامانەت تۇتساڭلار ئۇنى ۋاقتىدا ئادا قىلىڭلار، ئەزايىڭلارنى زىنادىن ساقلاڭلار، كۆزۈڭلارنى ھارامدىن ساقلاڭلار، قولۇڭلارنى يامان 4 ئىشلاردىن ۋە ھارامدىن يىغىڭلار».

839سوئال:ئامانەت دېگەن بۆلۆنەمدۇ؟#

جاۋاب: ئامانەت ھەرگىز بۆلۆنمەيدۇ. ئامانەت ھەركىمگە ئوخشاش دەرىجىدە، بىرخىل ئىجرا قىلىنىدۇ. ئامانەتنى ئادا قىلىشتا، مۇسۇلمان ياكى كاپىر دەپ ئايرىلمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئامانەتنى ئىگىسىگە تاپشۇرغىن، ساڭا خىيانەت قىلغان كىشىگىمۇ 5 خىيانەت قىلما» دەپ تەلىم بەرگەن. بۇ ھەدىس ئامانەتنىڭ ئىبنى ماجە رىۋايىتى. (ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.) ئىبنى ماجە رىۋايىتى. (ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.) ئەبۇداۋۇد، تىرمىزى ۋە ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى. ) ( بۆلۆنمەيدىغانلىقىنى، بەزى كىشىلەرگە ۋاپا قىلىپ، بەزى كىشىلەرگە خىيانەت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇنىڭ ئۆچۆن بىراۋنىڭ ئۆزىگە خىيانەت قىلغان بىرسىگىمۇ خىيانەت قىلىشى توغرا ئەمەس. مەسىلەن: بىراۋدا سىزنىڭ 500 يۆەن نەق پۇل قەرزىڭىز بولۇپ، ئۇنى ئالالماي تۇرغان پەيتىڭىزدە، باشقا بىرى ھېلىقى قەرزدار كىشىگە يەتكۆزۈپ بېرىشىڭىزنى تاپىلاپ سىزگە مىڭ يۆەن نەق پۇلنى تاپشۇرغان بولسا، سىزنىڭ بۇ مىڭ يۆەندىن 500 يۆەن پۇلىڭىزنى ئېلىۋېلىشىڭىز خىيانەت ھېسابلىنىدۇ. چۆنكى سىز مۇنداق قىلىش ئارقىلىق سىزگە ئىشىنىپ ئامانەت قويغان كىشىنىڭ ئىشەنچىسىگە ۋە پۇلنىڭ ئىگىسىگە خىيانەت قىلغان بولىسىز. قەرزداردىن قەرزىڭىزنى ئېلىشنىڭ يوللۇق ئۇسۇلى ئامانەتنى ئىگىسىگە تاپشۇرۈپ بېرىپ، ئاندىن ئۇنىڭدىن قەرزىڭىزنى سوراشتۇر. ئامانەت ئەنە شۇنداق ئىنچىكە ۋە نازۇك نەرسە، شۇنىڭ ئۆچۆن ئامانەتنى ساقلىغانلار ۋە ۋاقتىدا تاپشۇرغانلار ساۋابقا ئېرىشىدۇ.

840سوئال:ئامانەتنىڭ تۆرلىرى قايسىلار؟#

جاۋاب: ئىنسانلار ئارىسىدا ئەڭ كۆپ تارقالغان مەشھۇر ئامانەت تۆرى پۇل - مال ئامانىتى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمان مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ تىلى ۋە قولى بىلەن زىيان يېتىشىدىن سالامەت بولالىغان كىشىدۇر، مۆمىن ئىنسانلار جېنىغا ۋە مال - مۆلكىگە ئۇنىڭدىن زەخمەت-زىيان يېتىشىدىن 1 ئامان بولالىغان كىشىدۇر» دەپ كۆرسەتكەن. بۇ ھەدىستىن مەلۇمكى، ھەقىقىي مۆمىن ئادەم كىشىلەر مال - مۆلكىنى ۋە ھەر قانداق قىممەتلىك نەرسىسىنى ئۇنىڭدا ئامانەت قويۇشقا خاتىرجەم بولالىغان كىشىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە مۆمىن كېچە ئوخلىماي ئىبادەت قىلىدىغان ياكى كۆپ زىكىر ئېيتىپ، كۆپ يىغلايدىغان كىشى دېگىنى يوق. تەبىئىيكى، كېچە ئوخلىماي ناماز ئوقۇش، كۆپ زىكىر ئېيتىش زامانىمىزدا نۇرغۇن كىشىلەر قىلالمايۋاتقان ئەڭ كاتتا ئىبادەتلەردۇر. ئەمما بۇ ئىبادەتلەر يەنىلا شۇ كىشىـ بىلەنلا چەكلىنىدۇ. ئامانەتكە ئىشەنچلىك بولۇشتىن ئىبارەت ئېسىل ئەخلاق بولسا، ھەم شۇ كىشىنىڭ ئۆزى ئۆچۆن ھەم ئومۇم خەلق ئۆچۆن مەنپەئەتلىك بولغان ئىبادەتتۇر. شۇڭا ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىنسانلارغا مەنپەئەتلىك بولۇشنى بەكرەك ياقتۇرىدۇ. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، پايدىسىـ ئۇنىـ ئورۇندىغان كىشىنىڭ ئۆزى بىلەنلا چەكلىنىدىغان ئىبادەتتىن، پايدىسى باشىقلارغا ئومۇم بولىدىغان ئىبادەت ئورۇنداش تەرەپتىن ئەھمىيەتلىك، ساۋاب جەھەتتىنمۇ چوڭدۇر. تىرمىزى، ئىبنى ماجە ۋە ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.

841سوئال:كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە كىچىك سانالغان چوڭ ئامانەتلەر قايسىلار؟#

جاۋاب: ئادەتتە كىشىلەر پۇل مۇئامىلىلىرىدىكى ئامانەتنى ئادا قىلىشنى مۇھىم بىر مەجبۇرىيەت دەپ تونۇسىمۇ، كۆپ كىشىلەرنىڭ نەزەرلىرىدىن ساقىت بولۇپ كېلىۋاتقان ئامانەتلەرمۇ كۆپ. مەسىلەن: سىز بىرەر دوستىڭىزدىن بىرەر كىتاب ياكى بىرەر ئۆنئالغۇ ياكى سىن ئالغۇ لېنتىسىگە چاغلىق نەرسىنى ئارىيەت ئېلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ماددىي قىممىتىنى ئاددى سانىغانلىقتىن، ئۇنى ئىگىسىگە ۋاقتى قەرەلىدە ياپشۇرمىسىڭىز، ياكى قوشنىڭىزدىن بىرەر تال يىڭنىگە چاغلىق نەرسىنى ئۆتنە ئېلىپ، ئۇنى كىچىك سانىغانلىقتىن قوشنىڭىزغا قايتۇرمىسىڭىز، سىز ئامانەتكە خىيانەت قىلغان بولىسىز. بىراۋ سىزگە بىر ئامانەت سۆزنى تاپشۇرۇپ، بۇ سۆزنى پالانىغا يەتكۆزۈپ قويىشىڭىزنى سورىغان بولسا، بۇ سۆزنى شۇ كىشىگە يەتكۆزمىسىڭىز، ئامانەتكە خىيانەت قىلغان بولىسىز. بىراۋنىڭ ئۆي ئىچىگە رۇخسەتسىز قاراش ياكى دەرىزىسىدىن ياكى ئىشىكىنىڭ يوچۇقىدىن ماراش ياكى بىراۋ ئىشىكىنى ئاچقاندا، سىزنى كىرىڭ دېمىگىچە ئۆي ئىچىگە كۆز يۆگۆرتۆش چوڭ ئەدەبسىزلىك ۋە ئېغىر خىيانەتتۇر.

842سوئال:ئېلىم - سېتىم ئىشلىرىدىكى ئامانەت قايسى؟#

جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «راستچىل تىجارەتچى قىيامەت كۆنىدە پەيغەمبەرلەر 1، راستچىللار ۋە شېھىدلار بىلەن بىرگە بولىدۇ» دېگەن سۆزى ئېلىم - سېتىم ئىشلىرىنى بىجىرىشتىكى ئامانەتنى كۆرسىتىدۇ. چۆنكى راستچىللىق بار يەردە ئامانەتمۇ بولىدۇ. مالنىڭ ئەيىبىنى ئېنىق ئېيتىپ ساتقان ئادەم ئامانەتنى ئادا قىلغىنىدەك، مالنىڭ ئەيىبىنى يوشۇرۇپ، ئالغۇچىنىڭ كۆزىنى بوياپ، ياكى تاۋارغا ساختا ماركىلارنى چاپلاپ ساتقان ئادەم خېرىدارلارغا خىيانەت قىلغان بولىدۇ.

843سوئال:ئىشلىگەن ئىشتىكى ئامانەت قانداق بولىدۇ؟#

جاۋاب: بىر دوختۇرنىڭ يەنە باشقا بىر دوختۇرغا ياخشچاق بولۇش يۆزىسىدىن ئۇنىڭغا ھاجەت بولمىغان كېسەلنى بۇيرۇپ بېرىشى ياكى دوختۇرخانىغا كۆپ كىرىم كىرگۆزۈپ بېرىپ باشلىقلىرىغا ياخشىچاق بولۇش ئۆچۆن ئاددى بىر ئاغرىق بىلەن يېنىغا كەلگەن كېسەلنى ئادەتتە ھاجەت بولمايدىغان ئانالىزلارنى ئېلىشقا بۇيرىشى، رېمونتچىنىڭ ئابتوموبىلنىڭ ئازراق رېمونىتى ئۆچۆن ئابتوموبىل ئىگىسىنى ئالماشتۇرمىسىمۇ بولىدىغان زاپچاسلارنى ئېلىشقا بۇيرىشى، ئىشچىنىڭ ئۆزىگە تاپشۇرۇلغا ئىشنى قولىنىڭ ئۇچىدىلا قىلىپ قويۇپ ھەق ئېلىشى، كادىرنىڭ ئۆز مىسىرلىق ئالىم ۋە مەشھۇر ناتىق ئەمر «عقيدة خالىدنىڭ ناملىق المؤمن» ئەسىرىدىن قىسقارتىپ ∗ ئېلىندى. ئىبنى ماجە، ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى. ) ( ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماستىن سائەتكە قاراپ كۆن ئۆتكۆزۈشى، ئوقۇغۇچىنىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلىمەستىن كۆز بويىشى ياكى ئىمتىھاندا كۆچۆرىشى، ئاتىنىڭ بالىلىرىنى ئەدەپ - ئەخلاق، ئىمان - ئىنساپ ئىچىدە تەربىيىلەش ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلماسلىقى، مۇئەللىمنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىگە ئىلىم - مەرىپەت ئۇرۇقلىرىنى چېچىىشتىن ئىبارەت مۇقەددەس بۇرچىنى ئۇنتۇپ ئۇلارنىڭ ئۆمرىنى ۋە ۋاقتىنى زايا قىلىۋېتىشى قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئەڭ چوڭ خىيانەتچىلىكتۇر. بۇ ئىشلار كۆرۈنۆشتە بەكمۇ ئاددىدەك كۆرۈنگەن بىلەن گۇناھى بەك ئېغىردۇر. چۆنكى مۇنداقلار !خائىنلاردۇر.

844سوئال:سىر ساقلاشتىكى ئامانەت قانداق بولىدۇ؟#

جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىراۋ سۆز قىلىۋېتىپ ئەتراپقا قارىۋەتسە، بۇ سۆز 1 «ئامانەتتۇر دېگەن. بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى، ئىككى ئادەم سۆزلىشىۋېتىپ، بۇ سۆزنى ئاڭلاۋاتقان ئۆچىنچى بىر شەخس بار ياكى يوقلىقىدىن خاتىرجەم بولۇش ئۆچۆن ئۇلارنىڭ بىرى ئوڭ ۋە سولغا قارىۋەتسە، بۇ سۆز باشقىلار ئاڭلاپ قالسا بولمايدىغان سىر بولۇپ، ئامانەت سۆزگە ئايلىنىدۇ. ئۇنى ساقلاش ئاڭلىغۇچىنىڭ ئۆستىگە ئامانەت بولۇپ بەلگىلىنىدۇ. ئۇنى بۇ» سىر، بۇنى ھېچكىمگە دېمەڭ» دېيىش ھاجەتسىز.

845سوئال:ئەڭ چوڭ خىيانەت قايسى؟#

جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۆنى ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ئەڭ چوڭ خىيانەت ئۆزىنىڭ ئايالىنى سۆزگە سېلىپ، ئۇنىڭ سىرىنى 2 بىلىۋالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ سىرىنى سىرتقا يايغان ئەرنىڭ خىيانىتىدۇر» دەپ كۆرسەتكەن. دۇنيادا شۇنداق رەزىل ۋە پەس ئىنسانلار باركى، ئۇلار باشقىلارنىڭ ئاجىز نۇقتىسىنى تۇتۇۋېلىپ ھەمىشە پۇرسەتپەرەستلىك بىلەن جان باقىدۇ. مۇنداقلار ئۆچۆن كىشىلەرنىڭ ئىپپەت - نومۇسى ۋە يۆز - ئابرويىنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوق. مۇنداق ئىنسانلار ئىنسان تۆرىنىڭ ھايۋان دەرىجىسىدىكى رەزىللىرى بولۇپ، شەخسىي مەنپەئەت ئۆچۆن ھەر قانداق ئادەمنى سېتىۋېتىشتىن ئىككىلەنمەيدۇ. ھەتتا ئۆزىنىڭ ھايات شېرىكى ۋە قوينىدىكى ئايالىنىڭمۇ ئاجىز نۇقتىسىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭ بەزىبىر ئەيىبلىرىنى، خاتالىقلىرىنى خەلقى ئالەمگە يېيىپ، ئۆزىنى ۋە ئايالىنى رەسۋا قىلىشتىن قورقۇپ قالمايدۇ. مۇنداقلار قىيامەت كۆنى ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ پەسكەشلىكىدىن ئۇلارغا نەزەر سالماستىن ۋە گەپ - سۆز قىلماستىن دوزاخقا تاشلايدىغان نومۇسسىزلاردۇر. ئەبۇداۋۇد، تىرمىزى ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى. (ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.).

846سوئال:ئايالنىڭ ئامانىتى دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئايالنى نىكاھلاپ ئالغاندىن كېيىن، ئايالنى خۇددى يانچۇقىدىكى پۇلدەك خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىدىغان ئۆز مۆلكى دەپ ھېسابلايدۇ. بۇ ئىنتايىن خاتا چۆشەنجە بولۇپ، ئايال ئەرنىڭ مۆلكى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئاللاھنىڭ !مۆلكىدۇر ئايالنى نىكاھلاپ ئېلىش بىلەن بۇ ئايال ئالغۇچى ئەرنىڭ گەردىنىدە ئامانەتكە ئايلىنىدۇ، قىيامەت كۆنى بۇ ئەر ئاللاھنىڭ ئالدىدا بۇ ئامانەتنىڭ جاۋابكارلىقىدىن سورىلىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدىكى: ﴿وَأَخَذْنَ مِنكُم مِّيثَاقًا غَلِيظًا﴾ يەنى 1 «ئاياللار سىلەردىن مۇستەھكەم ئەھدە ئالغان ..«تۇرسا دېگەن ئايەتتە بۇ ئامانەتنى «مۇستەھكەم ئەھدە» دەپ ئاتىغان. مەلۇمكى، ئايالنىڭ ئېرىدىن ئالغان مۇستەھكەم ئەھدىسى نىكاھلىنىش ئالدىدا، ئەرنىڭ ئۇنىڭغا ئۆمۆرلۆك شېرىك بولۇش ھەققىدىكى تەلىبىنى قوبۇل قىلغانلىقىدۇر. ئاللاھ تائالا نىكاھتىن باشقا ھېچقانداق ئەھدىنى مۇستەھكەم» ئەھدە» دەپ سۆپەتلىگەن ئەمەس. مانا بۇ، ئەر - ئاياللىق رىشتىسىنىڭ نەقەدەر مۇقەددەس ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۆچۆن يېتەرلىكتۇر. شۇنداق مۇقەددەس بىر رىشتىگە خىيانەت قىلىش ھەقىقەتەن ئەڭ چوڭ خىيانەت. ئۇنىڭ گۇناھىمۇ ئەلۋەتتە ئېغىردۇر.

847سوئال:بالىلارنىڭ ئاتا - ئانىسىغا مۇئامىلە قىلىشىدىكى ئامانەت قايسى؟#

جاۋاب: بالىلارنىڭ ئاتا - ئانىسىغا قىلىدىغان مۇئامىلىسىدىكى ئامانەت ئۇلارغا خىيانەت قىلماسلىقى، ئۇلارنىڭ رۇخسىتىسىز ئۆيدىن پۇل - مال ياكى ئاددى بىر نەرسىنىمۇ ئالماسلىقىدۇر. گەرچە ئالغان نەرسىسى تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق ئاز مىقداردىكى نەرسە بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ رۇخسىتىسىز ئېلىشى خىيانەت ھەمدە تەدرىجى ھالدا كۆپرەك ئېلىپ چوڭراق خىيانەت قىلىشنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر. قىزلارنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ رۇخسىتىسىز ھالدا، يىگىتلەر بىلەن پەش تارتىشىپ يۆرۈشى، مەخپى جايلاردا ئۇچرىشىشى ئاتا - ئانىسىغا ۋە ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە قارشى قىلىنغان ئەڭ چوڭ خىيانەتتۇر. قىز ئەگەر ئەخلاقىي جەھەتتىن بۇزۇلۇشقا تەرەققىي قىلىپ بارسا، خىيانەت دەرىجىسىمۇ ئاشىدۇ، ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسىنى خەلقى ئالەم ئالدىدا يەرگە قاراتقانلىق جىنايىتى ئايرىم بىر خىيانەتتۇر. شۇنداقلا يىگىتلەرنىڭمۇ قىزنىڭ ئاتا - ئانىسىدىن مەخپى ھالدا ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشى خىيانەت بولغاننىڭ سىرتىدا، كىشىلەرنىڭ ئىپپەت - نومۇسىغا ۋە يۆز - ئابرويىغا قارشى ئىشلەنگەن جىنايەتتۇر. قىيامەت كۆنى بۇنداق خىيانەتلەرنىڭ سورىقى ئەلۋەتتە بولىدۇ، جازاسى ئېغىر بولىدۇ.

848سوئال:ئامانەت يەنە نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟#

جاۋاب: ئاللاھ تائالا سىزگە ئاتا قىلغان نېمەتلەرنىڭ ھەممىسى سىزدە ئامانەت نىسا سۆرىسى -21 ئايەت. ) ( بولۇپ، ئۇلارنى ساناپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس. مەسىلەن: جان سىزدە ئامانەت ئۇنى ھالاك قىلىشقا سەۋەب بولىدىغان ئىشلارنى قىلسىڭىز بۇ ئامانەتكە خىيانەت قىلغان بولىسىز. تېنىڭىزنىڭ ساقلىقى سىزدە ئامانەت. ئۇنى ئاسراشقا ئەھمىيەت بەرمىسىڭىز ياكى ئۇنىڭغا زىيانلىق نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلسىڭىز، ئۇنىڭغا خىيانەت قىلغان بولىسىز. ئەقىل سىزدە ئامانەت. ئەقىلنى كەتكۆزىدىغان ئىچىملىكلەرنى ياكى زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى ئىستېمال قىلسىڭىز بۇ ئامانەتكە خىيانەت قىلغان بولىسىز. تىلىڭىز سىزدە ئامانەت. ئۇنى غەيۋەت - شىكايەتلەر ئۆچۆن قوللانسىڭىز، ئۇنىڭغا خىيانەت قىلغان بولىسىز. چۆنكى تىلنى ئاللاھ تائالا ياخشى سۆز قىلىش ئۆچۆن ياراتقان. بالىلىرىڭىز سىزدە ئەڭ چوڭ ئامانەت. ئۇلارنى ياخشى تەربىيىلىمەستىن ئۆز ھالىغا قويىۋەتسىڭىز بۇ ئامانەتكە خىيانەت قىلغان بولىسىز. بالىلارنى چىرايلىق كىيىندۈرۈپ، قورسىقىنى ياخشى تويغۇزۇپ، كۆيۆنۆپ باققىنىڭىز ھېساب ئەمەس. چۆنكى ئىت، مۆشۆكلەرمۇ بالىلىرىنى باقىدۇ ۋە ئۇلارغا كۆيۆنۆپ باغرىغا باسىدۇ. بىلىمىڭىز سىزدە ئامانەت. ئۆگەنگەن بىلىمىڭىزنى دىنغا، خەلققە ۋە ۋەتەنگە پايدىلىق ئىشلار ئۆچۆن قوللانمىسىڭىز، بۇ ئامانەتكە خىيانەت قىلغان بولىسىز. كەسپىڭىز ياكى خىزمىتىڭىز سىزدە ئامانەت. ئۇنى قېتىرقىنىپ قىلمىسىڭىز، كۆز بويامچىلىق قىلسىڭىز، ئامانەتكە خىيانەت قىلغان بولىسىز. مەنسىپىڭىز سىزدە ئامانەت. مەنسەپنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، شەخسىي مەنپەئەتىڭىز ئۆچۆن قوللانسىڭىز، ئامانەتكە خىيانەت قىلغان بولىسىز. پۇل - مېلىڭىز سىزدە ئامانەت. ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان پۇل - مالنى ھارام يوللارغا قوللانسىڭىز ياكى ئۇنىڭ زاكىتىنى بەرمىسىڭىز ئۇنىڭغا خىيانەت قىلغان بولىسىز. دېمەك، ئاللاھ تائالا سىزگە ئاتا قىلغانلارنىڭ ھەممىسى سىزدە ئامانەت. ئاللاھ تائالا بۇ نېمەتلەردىن چوقۇم سوراق - سوئال قىلىدۇ، قانداق ئىشلەتكەنلىكىتن ھېساب ئالىدۇ. قۇرئان كەرىمدىكى ﴿ثُمَّ لَتُسْأَلُنَّ يَوْمَئِذٍ عَنِ النَّعِيمِ﴾ يەنى «ئاندىن دۇنيادا سىلەرگە بېرىلگەن نېمەتلەردىن سوراق - سوئال «قىلىنىسىلەر 1 ( دېگەن ئايەت بۇ مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: قىيامەت» مەيدانىغا بەندىنىڭ قەدىمى قويۇلغان ھامان تۆت نەرسىدىن سورىلىدۇ: ئۆمرىنى نېمە بىلەن تۆگەتكەنلىكىدىن، ياشلىقىنى نېمە بىلەن ئۆتكۆزگەنلىكىدىن، پۇل - مالنى نەدىن تېپىپ، نەگە ئىشلەتكەنلىكىدىن 1، ئۆگەنگەن بىلىمى بىلەن قانداق ئىشلارنى قىلغانلىقىدىن».

849سوئال:دىننى يەتكۆزۈشتىكى ئامانەت قايسى؟#

جاۋاب: ئاللاھ تائالانىڭ دىنىنى ئىنسانلار ئارىسىدا تەشۋىق قىلىش، ئۇنىڭغا چاقىرىش ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان ئۆچۆن پەرزدۇر. خۇسۇسەن ئۆلىمالار ئۆچۆن ئۇنىڭدىن باش تارتىپ ئالالمايدىغان مۇھىم مەجبۇرىيەتتۇر. ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان ئىسلام دىنىدىن مەسئۇلدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەندىن بىر ئايەت بولسىمۇ كىشىلەرگە 2 «يەتكۆزۈڭلار دەپ بۇيرىغان. كىشىلەرنى ياخشى ئىشلارغا چاقىرىپ، يامان ئىشلاردىن توسۇش ئىلگىرىكى ئاللاھتىن)ساماۋىي (كەلگەن دىنلارنىڭ ھېچقايسىسىدا تولۇق مەنىدە ئىپادىسىنى تاپالمىغان، پەقەت ئىسلام ئۇممىتىدە تولىقى بىلەن ئىپادىلىنىپ كەلمەكتە. شۇڭا كىشىلەرنى ياخشى ئىشلارغا چاقىرىپ، يامان ئىشلاردىن توسۇش ئىسلام ئۇممىتىنىڭ بىردىنبىر خىسلىتىدۇر. ئاللاھ تائالا ئىسلام ئۇممىتىنىڭ خىسلىتىنى ماختاپ مۇنداق دېگەن: ﴿كُنتُمْ خَيْرَ أُمَّةٍ أُخْرِجَتْ لِلنَّاسِ تَأْمُرُونَ بِالْمَعْرُوفِ وَتَنْهَوْنَ عَنِ الْمُنكَرِ وَتُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ﴾ يەنى ئى» مۇھەممەد !ئۇممىتى سىلەر ئىنسانلارنىڭ مەنپەئىتى ئۆچۆن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغان 3 ئەڭ ياخشى ئۇممەتسىلەر». كىشىلەرنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىش، ئۇنىڭغا يېتەكلەش، ئۇنىڭ گۆزەللىكلىرىنى ۋە ئەۋزەللىكلىرىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ھەر بىر مۇسۇلمان ئۆچۆن چوڭ ئامانەتتۇر.

850سوئال:مۇسۇلمانلار بۇ دىنىي ئامانەتنى قانداق ئادا قىلىدۇ؟#

جاۋاب: مۇسۇلمانلار كىشىلەرنىـ سۆزى ۋە ئەمەلىيىتىـ بىلەن يېتەكلەش ئارقىلىقلا بۇ ئامانەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ. كىشىلەرنىـ دىنغا دەۋەت قىلىش ئېغىز بىلەنلا بولىدۇ، دېگۆچىلەر !خاتالاشقانلاردۇر پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى دىنغا چاقىرىشتا نۇتۇق سۆزلەش، تەبلىغ قىلىش ۋە نەسىھەت قىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالغان ئەمەس، بەلكى ئۇ ئۆزى دەۋەت قىلىۋاتقان دىننى ئەمەلىي ھاياتىدا تولىقى بىلەن ياشاتقان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىك قىلغان 23 يىللىق شانلىق ھاياتى بۇنىڭغا گۇۋاھتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى قانداقلا بىر ئىشقا بۇيرىسا، ئاۋۋال ئۇنى ئۆزى قىلىپ كۆرسىتەتتى، ئۇلارنى قانداقلا بىر ئىشتىن توسسا، ئاۋۋال ئۆزى ئۇنىڭدىن قول يىغاتتى. چۆنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ: ئى﴿ !مۇھەممەد ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى. ) ( ئىمام تىرمىزى ۋە ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى. ) ( ئال ئىمران سۆرىسى -110 ئايەت. ) ( ئائىلەڭدىكىلەرنى ۋە) جىمى (ئۇممىتىڭنى نامازغا بۇيرىغىن، ئۆزەڭمۇ ئۇنى ئادا قىلىشتا 1 چىداملىق بولغىن﴾ دەپ بۇيرىغان ئۇلۇغۋار پىرىنسىپى بويىچە ئىش كۆرەتتى. ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى باشقىلارغا نامازدا باشلامچى بولۇشقا بۇيرۇشى ئۇنىڭ پۆتۆن ئىشلاردا شۇنداق باشلامچى بولۇشىنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇ ئايەت يەنە، پەيغەمبەرنىڭ ئۇممىتى بولغان پۆتۆن مۇسۇلمانلارنىڭ، خۇسۇسەن پەيغەمبەرنىڭ ۋارىسلىرى بولغان ئۆلىمالارنىڭ ياخشى ئىشلارنى قىلىشتا، يامان ئىشلاردىن قول ئۆزۈشتە كىشىلەرگە باشلامچى بولۇشى لازىملىقىنى تەقەززا قىلىدۇ. ئىسلام دىنى بۇ ئۇسۇل بىلەن تارقالغان. ئىسلام دىنىنىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن ھالقىپ، ھەرخىل مىللەتلەر ۋە دۆلەتلەرگىچە بېرىپ تارقىلىشى ۋە ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ قەلبىدە مۇستەھكەم ئورۇن ئېلىشىغا تۆرتكە بولغان ئامىللارنىڭ ئەڭ چوڭى ئىسلام دەۋەتچىلىرىنىڭ گۆزەل ئەخلاقى، ئەمەلىيەتچانلىقى، سۆزى بىلەن ھەرىكىتىنىڭ بىردەك بولغانلىقى ئىدى. ئىسلام دىنىنىڭ ئاسىيا قىتئەسىدە كەڭ ئورۇن ئېلىشىنىڭ سەۋەبىمۇ ئىسلام دىنىنى تارقاتقان سودا كارۋانلىرىنىڭ ھەققانىيلىقى ۋە ئېسىل پەزىلەتلىرى بىلەن كىشىلەرنى قايىل قىلغانلىقى ئىدى. ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يىلتىز تارتىشىمۇ شۇنداق بولغان. سۇتۇق بۇغرا خاننىڭ مۇسۇلمان بولغانلىق قىسسىسى بۇنىڭ جانلىق مىسالى. تاھا سۆرىسى -132 ئايەت.

851سوئال:ۋاپادارلىق دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: نۇرغۇن كىشىلەر «ۋاپادارلىق» دېگەن سۆزنى ۋەدىسىدە تۇرۇش، ياخشىلىق قىلغان كىشىگە شۇ ياخشىلىقىنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىش دېگەن ئاددى مەنىسىدىلا چۆشىنىدۇ. ئەمما ۋاپادارلىقنىڭ مەنىسى بۇنىڭدىن چوڭ، دائىرىسى كەڭ، ئەلۋەتتە.

852سوئال:ۋاپادارلىق تەلەپ قىلىدىغان ئىشلار قايسىلار؟#

جاۋاب: تۆۋەندىكى 6 ئىشتا ۋاپادارلىق جىددىي ھالدا تەلەب قىلىنىدۇ: (1) ئاللاھ تائالاغا ۋاپادار بولۇش. (2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋاپادار بولۇش. (3) ئىنسانلارغا مۇئامىلە ئىشلىرىدا ۋاپادار بولۇش. (4) سىزگە ياخشىلىق قىلغان كىشىلەرگە ۋاپادار بولۇش. (5) ھايات مۇساپىسىدە سىز تونۇغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە ۋاپادار بولۇش. (6) ۋەدىگە ۋاپادار بولۇش.

853سوئال:ئاللاھ تائالاغا ۋاپادار بولۇش دېگەن قانداق بولىدۇ؟#

جاۋاب: مەن ئاللاھ تائالاغا بىرەر ئىشتا ۋەدە قىلمىغان تۇرسام، نېمىگە ۋاپادارلىق قىلىمەن؟ دەپ ھەيران قېلىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما ئاللاھ تائالانىڭ سىزگە ئاتا قىلغان سانسىز نېمەتلىرىنى ئېسىڭىزگە ئالغىنىڭىزدا، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالاغا مىننەتدار ئىكەنلىكىڭىزنى ۋە ئۇنىڭغا ۋاپادار بولۇشنىڭ تەبىئىي بۇرچ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز. قۇرئان كەرىمدە: ﴿وَمَا بِكُم مِّن نِّعْمَةٍ فَمِنَ اللَّهِ﴾ يەنى «سىلەردىكى قانداقلا بىر نېمەت بولمىسۇن، ئۇ چوقۇم «ئاللاھتىندۇر دەيدۇ. قېنى ئويلاپ ..بېقىڭ. يۆرىكىمنىڭ” پارىسى، جېنىم “بالام دەپ باغرىغا باسقان، بىر ئۆمۆر ياخشىلىق قىلغان، بارلىق ئېھتىياجلىرىنى تەل قىلىپ ھازىرلاپ بەرگەن، ھەممىنى ئۇنىڭغا بەدەلسىز بەرگەن ئاتا - ئانىسىغا تۇزكورلۇق قىلىپ، ئۇلاردىن يۆز ئۆرۈگەن ياكى ئۇلارنى تۆۋەن كۆرگەن بىر ئىنسانغا قانداق باھا بېرىسىز؟ خەلقى ئالەم ئۇنى نېمە دەيدۇ؟ ئەلۋەتتە، ئۇنداق بىرىنى ئىنسان دېيىشكە ئاغزىڭىز بارمايدۇ، !شۇنداقمۇ؟ ئاللاھ تائالانىڭ سىزگە ئاتا قىلغان ياخشىلىقلىرى، ئىنئاملىرى ۋە بەرگەن نېمەتلىرى ئاتا - ئانىڭىزنىڭ قىلغانلىرىدىن كۆپ ئەمەسمۇ؟ سىزنى چىرايلىق شەكىلدە ھۆرمەتلىك ئىنسان قىلىپ ياراتتى، پۇت، قولىڭىزنى ساق قىلدى، تۆرلۆك نازۇنېمەتلەر بىلەن سىزنى ئوزۇقلاندۇردى ئەمەسمۇ؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: سىلەر» ئۆزۈڭلاردىن يۇقىرى كىشىلەرگە ئەمەس، سىلەردىن تۆۋەنلەرگە قاراڭلار. نەھل -53 سۆرىسى ئايەت. ) ( بۇ 1 ئاللاھ تائالانىڭ نېمەتلىرىنى تونۇشۇڭلار ئۆچۆن ياخشىدۇر» دېگەن. ئاللاھ تائالانىڭ سىزگە ئاتا قىلغان سانسىز نېمەتلىرىنى تونۇشىڭىز ئۆچۆن بۇ ھەدىس ئەڭ ياخشى ئۆلچەم بولالايدۇ. سىزدىن تۆۋەن ئادەملەرنىڭ ھالىغا قارىغىنىڭىزدا، ئاللاھنىڭ سىزنى ئۇلاردىن قانداق ئارتۇق قىلغانلىقىنى، قانداق ھۆرمەتلىك قىلغانلىقىنى، لەززەتلىك رىزىقلار بىلەن سىزنى قانداق ئوزۇقلاندۇرغانلىقىنى ۋە سىزگە ئۇلارغا بەرمىگەنلەرنى بەرگەنلىكىنى كۆرىسىز. ئاللاھ تائالا بىزنىڭ مىننەتدارلىق بىلدۈرىشىمىزگە موھتاجمۇ؟ ئاللاھ تائالا بىزگە موھتاج ئەمەس، شۇنداقلا بىزنىڭ شۆكرىمىزگە، مىننەتدالىقىمىزغا ۋە ھېچ نەرسىمىزگە موھتاج ئەمەس. شۆكۆر قىلغۇچىلارنىڭ شۆكرىسى بىلەن ئاللاھ تائالاغا پايدا بولۇپ كەتمەيدۇ، تۇزكورلۇق قىلغۇچىلارنىڭ تۇزكورلىقى بىلەن ئۇنىڭغا زىيان يەتمەيدۇ. پايدا - زىيان پەقەت ئۆزىمىز ئۆچۆندۇر. ئەمما ئاللاھ تائالا شۆكۆر قىلغۇچىلارغا تېخىمۇ كۆپ بېرىدۇ، تۇزكورلۇق قىلغۇچىلارنى جازالايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ نېمىتىگە شۆكۆر قىلساڭلار، (ئۇنى) تېخىمۇ زىيادە قىلىمەن. ئەگەر تۇزكورلۇق قىلساڭلار، مېنىڭ ئازابىم، ئەلۋەتتە، بەكمۇ قاتتىق بولىدۇ 2﴾.

854سوئال:ئۇنداقتا ئاللاھ تائالاغا قانداق ۋاپادارلىق قىلىش كېرەك؟#

جاۋاب: ئاللاھ تائالاغا بولغان ۋاپادارلىق مۇنۇ ئۆچ ئىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ: (1) ئاللاھ تائالاغا چىن ئىشىنىش. (2) ئەمەل - ئىبادەتلەرنى پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ئۆچۆنلا قىلىش. (3) بۇيرىغانلىرىنى ئورۇنداش، توسقانلىرىدىن يېنىش. بۇ ئۆچ ئىشنى تولۇق ئادا قىلسىڭىز سىز ئاللاھقا ۋاپادار بەندە بولغان بولىسىز. ئاللاھ تائالا ئىسرائىل ئەۋلادىغا مۇنداق دېگەن: ئەي﴿ ئسرائىل !ئەۋلادى مېنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى ياد ئېتىڭلار، ماڭا بەرگەن ئىمان) ئېيتىش، تائەت ـ ئىبادەت قىلىش، بۇيرىغانلىرىمنى ئورۇنداپ، توسقانلىرىمدىن يېنىش بىلەن ماڭا بويسۇنۇش (ھەققىدىكى ۋەدەڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار، مەنمۇ سىلەرگە قىلغان ساۋاب) بېرىش 3 (ھەققىدىكى ۋەدەمگە ۋاپا قىلىمەن، مەندىنلا قورقۇڭلار﴾.

855سوئال:دۇنيادا ۋاپادارلىق ئۆلگىسى كىم؟#

جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى بارلىق كەمچىلىكلىرى ئىبنى ماجە رىۋايىتى. (ئىباراھىم -7 سۆرىسى ئايەت.) كەچۆرۈم قىلىنغان، ھەر قانداق بىر گۇناھتىن پاك بىر زات تۇرۇپ، كېچىلىرى ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىپ نامازدا ئۇزۇن تۇرغانلىقتىن پۇتلىرى ئىششىپ كېتەتتى. ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭغالله «يا !رەسۇلەللاھ سىزنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى بارلىق گۇناھىڭىز ئەپۇ قىلىنغان تۇرسا، نېمانچە ئۆزىڭىزنى قىينايسىز؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاللاھ» تائالانىڭ «شۈكۈر قىلغۇچى بەندىسى بولمامدىمەن؟»(1) دەپ جاۋاپ بېرەتتى. سىز دۇنيادا سىزگە ياخشىلىق قىلغان بىرىنىڭ شۇ ياخشىلىقىنى قايتۇرۇش ئۆچۆن تىرىشقان يەردە، سىزگە سان - ساناقسىز نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان شەپقەتلىك رەببىڭىزنىڭ شۇ ياخشىلىقلىرىغا ۋاپا قىلىش ئۆچۆن تىرىشمامسىز؟ ھەمدە، سىزنىڭ رەببىڭىز سىزنىڭ بۇ ۋاپادارلىقىڭىزنى مۇكاپاتسىز قويمايدۇ !ئەمەسمۇ؟

856سوئال:ھازىرقى مۇسۇلمانلار ۋاپادارلىقتا ئۆلگە بولالامدۇ؟#

جاۋاب: ھازىرقى مۇسۇلمانلار مەيلى ۋاپادارلىق جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى راستچىللىق جەھەتتە بولسۇن، مەيلى باشقا ئەخلاقلاردا بولسۇن، ھەقىقىي مۇسۇلمانلىققا ئۆلگە بولالمايدۇ. چۆنكى ئۇلار ئەخلاق ئۆلگىسى بولغان ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدىن بەكمۇ يىراقلىشىپ قالغان. شۇڭا بىزنىڭ ئىباتلىرىمىز رىياكارلىقتىن، ئەخلاقىمىز ياسالمىلىقتىن قۇتۇلالمىغان. شۇ سەۋەبتىن بىز مۇسۇلمانلار خارلىقنى ئىززەت بەدىلىگە، نىفاقنى ئىمان بەدىلىگە، شەخسىيەتچىلىكنى پىداكارلىق بەدىلىگە، ئىناقسىزلىقنى بىرلىك بەدىلىگە، رىياكارلىقنى ئىخلاس بەدىلىگە، ھورۇنلۇقنى تىرىشچانلىق بەدىلىگە سېتىۋالغان ۋە قولىمىزدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى باشقىلارغا تارتقۇزۇپ قويۇپ، باشقىلارنىڭ قولىدىكىسىگە چۆمچىيىپ قالغان بىچارىلەرمىز.

Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.